- تىزىملاتقان
- 2012-11-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 1250
- نادىر
- 0
- يازما
- 262
 
- 真实姓名
- نۇرئېلى ھېدايەت
- تۆھپە
- 445
- مۇنبەر پۇلى
- 716
- ئىشەنىچ
- 445
| ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! ھارمىغايسىلەر... ئۇزۇندىن بۇيان سەل ئالدىراش بوپ قالدىم، شۇڭا پەقەت تورداشلار مۇنازىرىسىدىن بەھر ئېلىپلا كەلدىم، تورداشلارغا بىرەر مۇنازىرە تېمىسى ئوتتۇرىغا قويماپتىمەن. بىز ئادەتتە يانفۇننى كۆپ ئىشلىتىمىز. لىكىن ھەممىمىزنىڭ دىققىتىگە پەقەت سۆزلىشىش ھەققىلا كېلىپ، ئىشلىتىۋاتقان يانفۇننىڭ بىر كۈنلىكىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قانچىلىكتىن ئىشلىتىۋاتقىنىمىزغا دىققەت قىلمايمىز. ئەمدى دىققەت قىلىپ باقايلى! 1) مەن 2013- يىلى 3- ئايدا 930 يۈەنگە بىردانە لىيەنشىياڭ تېلفۇن سېتىۋالدىم، ئەگەر بۇ تىلفۇننى ھەركۈنلىكى بىر يۈەندىن ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلەتكەن بولساممۇ بۇ پۇلغا ئاز كەم ئۈچ يىل پەقەت بولمىغاندىمۇ ئىككى يىل 8 ئاي ئىشلىتىشىم كېرەك ئىدى. لىكىن مەن بۇ تېلفۇننى ئاران- ئاران ئىككى يىل ئىشلەتتىم، دېمەك تېلفۇننىڭ ھەر كۈنلىكى 1.30 يۈەن بوپتۇ. ئەگەر بىر دوستىمىز 4800 يۈەنگە بىردانە ئايفۇن سېتىۋالدى دېسەك ئۇنداقتا بۇ تېلفۇننىڭ كۈنلىكى 2 يۈەندىن توغرا كەلسە چوقۇم 2400 كۈن يېتىشى كېرەك. بۇنى ئاي ھېسابلىساق 80 ئاي، يىل ھېسابلىساق 7 يىل 8ئاي بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ تېلفۇننى ھەر ئايلىقى 60 يۈەندىن ئىشلەتكەن بولىدىكەنمىز. ئەگەر ھەر كۈنلىكى 3 يۈەندىن ئىشلەتسەك 1600 كۈنى يېتىشى كېرەك. بۇنى ئاي ھېسابلىساق 53 ئاي بولىدىكەن، يىل ھېسابلىساق 4 يىل بەش ئاي بولدى دېگەن گەپ، لېكىن بۇ تېلفۇننى ھەرقانچە ئاياپ ئىشلەتسەك، رىمونتقا پەقەت پۇل خەجلىمىسەك، باتارىيسىنىمۇ ئالماشتۇرمىساق ئايلىقى 90 يۈەندىن توغرا كەلدى. لىكىن بىر ئايلىق تېلفۇن ھەققى قانچىلىك بولىدىغاندۇ؟ ئەمدى قولىڭىزدىكى ئېسىل تېلفۇننى كۈنلىكى قانچە يۈەندىن ئىشلەتكىنىڭىزنى ھەم قانچە پۇلدىن سۆزلىشىش ھەققى ئىشلىتىۋاتقىنىڭىزنى ھېسابلاپ كۆرەمسىز.... |
|