ئۇنتۇلغان ھاسا شەھىرى
پىچان ناھىيە دالانكارىز يېزىسىنىڭ بەشتام كەنتىدىن غەربىي جەنوپقا تەخمىنەن 10كىلومىتىر يۈرگەندە چۆللۈكتە چۇخچىيىپ تۇرغان بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ خارابىسى بار.مانا بۇ خارابە ھاسا شەھىرىدۇر.ھاسا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا يانتاق، قىمىش قاتارلىق ئۈسۈملۈكلەر قۇيۇق ئۈسكەن بۇلۇپ يەر تۈزۈلۈشى ئۇزۇن يىللىق شامال بوراننىڭ ئۇپرىتىشى بىلەن ئۇڭغۇل دۇڭغۇل بۇلۇپ كەتكەن.تۇپراق تەركىبى شور ئارلاش قۇمساڭغۇ.شەھەر خارابىسىنىڭ شىمال تەرەپ يۈنىلىشىدە تەخمىنەن بىر كىلومىتىر ئارلىقتا ئىككى قۇم دۆۋىسى بوراندا تەبئىي شەكىللىنىپ قالغان. ئۇتتۇردا قۇرۇپ كەتكەن كەڭ يايسىمان كەلكۈن ئېقىنى بار. غەرىب تەرەپ تەخمىنەن 2كىلومىتىر ئارلىقتا بىر ئۆزلىكىدىن ئېقىپ تۇرىدىن بىلەك توملۇقىدىكى بۇلاق بار، بۇلاق سۈيى قىش ياز چىقىپ 200مىتىر يەرگىچە ئېىقىپ يەرگە سىڭىپ يۇقاپ كىتىدۇ، ئەتراپىنى قۇيۇق قۇمۇشلۇق قاپلىغان، بۇلاق سۈيى تاتلىق بۇلۇپ، ئىچىشكە بۇلىدۇ، كىيىك، تۇشقان، تۈرلۈك ئۇچار جانۋارلار مۇشۇ بۇلاقتىن سۇ ئىچىدۇ. ھاسا قەدىمىي شەھىرى چوڭ ھاسا، كىچىك ھاسا دەپ ئىككى بۈلەكتىن تەركىپ تاپقان. پۈتۈنلەي تۇپا كىسەك قۇرۇلمىلىق، چوڭ ھاسانىڭ نۈۋەتتە 58 مىتىر كەڭلىك، 95 مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېغىر دىرىجىدە بۇزۇلغان سېپىل تېمىلا قالغان.تارىخى ئىزنا قالغان كۈلەم تەخمىنەن 5400كۇۋادىرات مىتىر. كىچىك ھاسانىڭ ئورنى بولسا چوڭ ھاسانىڭ شەرىق تەرىپى تەخمىنەن 1كىلومىتر ئورۇنغا جايلاقان بۇلۇپ، بۇ خارابىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، پەقەت بىر بۇددا مۇنارىنىڭ ئىزناسىلا قالغان. ھاسا قەدىمىي شەھىرىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىغا كەلسەك تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تۇغرا كىلىدۇ، مىلادىيە 840-1286- يىللىرى ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە ياسالغان. 1999-يىلى ھاسا قەدىمىي شەھىرى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بىكىتىلگەن، 2013-يىلى گوۋۇيۇەن 7-تۈركۈمدە مەملىكەت بۇيىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بىكىتكەن. يەرلىك پىشقەدەملەرنىڭ بايانىچە ئەينى دەۋىردە ئىدىقۇت خانى ھازىرقى تۇرپان قاراغۇجا يېزىسىدىكى يالقۇنتاغ باغىرىدا كىسەك قۇيدۇرۇپ، شۇ يەردىن ھاسا شەھىرىگە قەدەمدەبىر ئادەمنى قاتار تۇرغۇزۇپ، كىسەكنى قولدىن قولغا ئۈتكۈزۈپ يۈتكەپ سالغان شەھەر دىگەن رىۋايەت بار. |