تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 3722|ئىنكاس: 23

ئېرىگە سادىق ئايال-ئامىنەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

114

تېما

39

ئەگەشكۈچى

9919

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3637
مۇنبەر پۇلى
4711
ئىشەنىچ
3637
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 12:44:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېجىڭ ناھىيە،خېجىڭ بازىرى « جى شاڭ » ئولتۇراق رايۇنىدا ئولتۇرۇشلۇق ئامىنەم مۇسانىڭ توي قىلغىنىغان ئون يىلدىن ئاشقان بىرمۇ بالا يۈزى كۆرمىگەن ئەھۋالدا 3 يىلدىن بۇيان مېڭىسىگە قان چۈشۈش سەۋەبى بىلەن يېرىم پارالىچ بولۇپ ھەركەت قىلىش ئىقتىدارىدىن قالغان يولدىشى46 ياشلىق ئەيساجان ئابدۇراخماننى خۇددى ئېزىز مېماننى كۈتكەندەك كۈتۈپ، ھاياتنىڭ لەززىتىنى، دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى ئەمىلىيىتى ئارقىلىق ھېس قىلدۇرۇپ، ھالىدىن ئىزچىل ياخشى خەۋەر ئېلىۋاتقانلىققا دائىر ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاپ نۇيابىرنىڭ باشلىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە باردىم. چۇش ۋاقتى بولغاچقا ئامىنەم ئەيساجانغا تاماق يىگۈزۈپ بولۇپ يۈز-كۆزلىرىنى سۈرتىۋاتقان ئىكەن.
ئامىنەم كېلىش مەقسىدىمنى بىلىپ، بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۇزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئامىنەم بىلەن ئەيساجان  ياش ۋاقتىدا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۇشۇپ مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى كۈچەيسە كۈچىيىپتىكى ھەرگىزمۇ سۇسلىشىپ قالماپتۇ.  
مەن بۇنى ئۇلارنىڭ بىر –بىرىگە  خۇش-تەبەسسۇم بىلەن قاراشلىرى، ئىللىق مۇئامىلىسىدىن چۇڭقۇر ھېس قىلدىم. ئەيساجان گەرچە گەپ قىلالمىسىمۇ قۇلىقى ئاڭلايدىكەن. ئۇ كۇلۇپلا تۇرىدىغان، خۇش-تەبەسسۇم، ئوچۇق-يۇرۇق  كىشى بۇلۇپ، سورىغان سۇئالىمغا جاۋاپ بېرەلمىسىمۇ، ئەمما قول ئىشارىتى بىلەن دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. 50 كۋادىرات مېتىر چوڭلۇقتىكى بىنا ئۆي ناھايىتى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ، كىشىگە ئازادە، ئىللىق تۇيغۇ بېرەتتى. ئەيساجان گىلەم سېلىنغان قوش كىشلىك كارۋات ئۇستىدە كۇلۇمسىرەپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭ  پالەچلىكىگە  ئادەمنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمەيتتى. بۇيىل 46 ياشقا كىرگەن ئەيساجان ئامىنەم بىلەن توي  قىلىپ، ھاياتنىڭ لەززىتىنى تىتىۋاتقان، كۆڭۇللۇك تۇرمۇش كۆچۇرۇۋاتقان كۇنلەرنىڭ بېرى، ئىش قىلىۋىتىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۇشكەن بانا بىلەن مېڭىسىگە قان چۈشۈپ يېتىپ قاپتۇ. ئامىنەم ئەيساجاننىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن پۇل غەملەپ، خېجىڭ، كورلا، ئۈرۈمچىدىكى  دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ جۇڭگو تېبابىتى، غەرب تېبابىتى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە  داۋالىتىپتۇ. ئەمما خەجلىگەن پۇلغا، قىلغان ئەقىدە-ئەجرىگە  يارىشا ئۇنۇمى بولماپتۇ. ئاخىرى ئامىنەم تەقدىرگە تەن بېرىپ ئەيساجاننى ئوبدان كۇتۇش نىيىتىگە كەپتۇ. ئامىنەم ئەيساجان پالەج بولۇپ يېتىپ قالغان 3 يىلدىن بۇيان ئەيساجاننى قۇۋۋەتلىك تاماق بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپتۇ. كىيىم -كىچەكلىرىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ دەزماللاپ، ياقىسىنى كىر قىلماي ياخشى قاراپتۇ. ئامىنەم ياز كۇنلىرى ئەيساجاننى مېيىپلار ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ بازار ئايلاندۇرۇپتۇ. 3 يىلدىن بۇيان  ئامىنەمنىڭ بىرەر قېتىممۇ قاپىغى تۇرۇلۇپ قالماي، خۇش چىراي بىلەن، كۇلۇمسىرەپ قىلىغان  ئىللىق مۇئامىلىسىدىن سۇيۇنۇپ رۇھى كەيپىياتى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ كىتىپتۇ. ئۇنىڭ كەيپىياتىدىن قارىغاندا ئاغرىق كىشىگە ئوخشىمايدىكەن.
ئامىنەم مېنىڭ، « توي قىلغان 10 يىلدىن بۇيان ئەر-ئايال ئىككىڭلار بەخىتلىك تۇرمۇش كۆچۇرۇپسىلەر، بۇلۇپمۇ ئەيساجان مېيىپ بۇلۇپ يېتىپ قالغان 3 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئاپسىز، ئوتتۇرىدا بالىڭىزمۇ يوقكەن. ئەيساجان بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپ، باشقا ئەرگە تېگىش خىيالىدىمۇ بولدىڭىزمۇ؟» دىگەن سۇئالىمغا قارىتا مۇنداق جاۋاپ بەردى.«توۋا دەڭە، بىز ياش ۋاقتىمىزدا مۇھەببەتلىشىپ، بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۇشۇپ توي قىلغان.مەن ئەيساجاننى ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەكلا ياخشى كۆرىمەن.مەن 10 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتقان بولساممۇ ئەيساجاندىن مېھرىمنى ئۈزگىنىم يوق. مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم كۇچايسا كۇچايدىكى سۇسلىشىپ قالغىنى يوق. مەن ئۇنداق باشقا كۇن كەلگەندە يۇز ئۆرۇيدىغان، ۋىجدانسىز ئاياللاردىن ئەمەس» دەپ جاۋاپ بەردى.
مەن ئامىنەمنىڭ بۇ يۇرەك سۆزلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەندىم. تەشكىل ئامىنەمنىڭ ۋاپادارلىقىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۇل بۆلۇپ « جىشاڭ » ئولتۇراق رايۇندىن 50 كۇادىرات مېتىر كۆلەمدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىپتۇ.  ئامىنەم يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان تەشكىلدىن بېرىدىغان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا قاراپ تۇرماي ناھىيە بازىرىدا 70كۇادىرات مېتىر كۆلەمدىكى بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئاپتوموبىل، گىلەم يۇيۇش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ئەيساجاننى داۋالىتىپتۇ ۋە تۇرمۇشىدىن ئوبدان خەۋەر ئىلىۋىتىپتۇ.
1-سۇرەتتە: ئامىنەم ئېرىدىن خەۋەر ئالماقتا.

2-سۇرەتتە:ئامىنەم ئاپتوموبىل يۇماقتا.


بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

12

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1783

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
893
مۇنبەر پۇلى
873
ئىشەنىچ
893
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 15:45:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاپادارلىقنىڭ ئەجرىنى ھامىنى بىركۇنى كورىدۇ . ئۇلارغا بەخىت يار بولسۇن .

25

تېما

4

ئەگەشكۈچى

864

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
421
مۇنبەر پۇلى
384
ئىشەنىچ
421
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 17:05:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىشۋارىمىزغا ئەڭ ئالىي ئىھتىرام....!يوللىغان بۇ خەۋەرلىرى كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدىكەن....
ئىرىگە بولغان ۋاپادارلىق-كەلگۈسى بەخت-سائادەتنىڭ بىشارىتىدۇر....ئاپىرىن...!

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

243

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
26
مۇنبەر پۇلى
213
ئىشەنىچ
26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 18:01:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەيساجان بۇرۇندىن خۇشخۇي كىشى ئىدى ، ئۇزۇن بولغان كۆرمىگىلى ، يىقىندا يولدا ئۇچرىتىپ بېرىپ كۈرۈشتۈم . گەپ-سۆزلىرىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدىكەن ، كۆڭلۈممۇ بىرخىل بۇلۇپ قالدى .

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

715

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
41
مۇنبەر پۇلى
665
ئىشەنىچ
41
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 19:23:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق  ئاياللارغا ، مىھرى  مۇھاببەتلىك   ئائلىگە رەھمەتلەر ياغسۇن ، ئاللاھىم ئەجرنى ھىساپسىز  قىلسۇن .   بۇخىل تۇرمۇشنى بۇخىل ئەھۋالنى مەنمۇ بەكلا چۇشىنىمەن......مۇشۇنداق  ئاياللار ياشىسۇن ياشنىسۇن

18

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1430

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
311
مۇنبەر پۇلى
856
ئىشەنىچ
311
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 21:14:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئۇچۇركەن

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

460

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
164
مۇنبەر پۇلى
288
ئىشەنىچ
164
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 21:55:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل  ئايالكەن.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 23:24:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاپادار كەن

25

تېما

28

ئەگەشكۈچى

6618

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2336
مۇنبەر پۇلى
3687
ئىشەنىچ
2336
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 23:55:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ۋاپادار، كۈيۈمچان، غەيرەتلىك ئايال ئىكەن، ئۇلارغا سالامەتلىك ۋە بەخت يار بولسۇن.

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1244

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىر مۇئەللىم
تۆھپە
479
مۇنبەر پۇلى
768
ئىشەنىچ
479
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 10:23:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئاياللار پۈتۈن جەمىيەتنىڭ پەخرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:14, Processed in 0.117674 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش