مەن ۋە كەشپىيات
(ئىزدىنىش ۋەتەتقىقات)
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
باغلىغاچ مەن ئۆسمۈرلەرگە ئىشتىياق،
ئەجرىم بىلەن ياراتتىم بەش كەشپىيات.
مەن ئاپتونۇم رايۇملۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ كومىتىتى بىرلىكتە 2003-يىلى 8-ئايدا تەشكىللىگەن جەنۇبىي شىنجاڭ نامرات رايۇنلار مائارىپىغا ياردەم بېرىش چاقىرىقىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ2005-يىلى7-ئايغىچە 2يىللىق مۇددەت بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ چەت نامرات ناھىيەسى بولغان نىيە ناھىيەسىگە ياردەمگە بارغان ئىدىم،نىيە ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىندىم.بۇ مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ناھىيە رەھبەرلىرى،مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى،شۇنداقلا مەكتەپ مەسئۇللىرى شۇ يەرنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا تۇرمۇشۇمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ،خاتىرجەم خىزمەت ئىشلەش شارائىتى يارىتىپ بەردى.مەن بۇ مەكتەپكە ياردەمگە بارغان ئىككى يىلدىن بۇيان مەكتەپ رەھبەرلىكى تاپشۇرغان ھەر تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بىجانىدىل ئورۇنلاپ،شۇ يەردىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەرگە،كەڭ مائارىپچىلارغا ئۈلگە بولغاندىن سىرت،ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ كومىتىتى ئۈچۈنمۇ زور شان-شەرەپ ئېلىپ قايتىپ كەلدىم. نىيە ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ رەھبەرلىكى ماڭا ئىككىنچى دەرسخانا-كۇرژىك،پەن-تېخنىكا ئىجادىيەت پائالىيتىنى قىلىپلاشتۇرۇپ بىرىشىمنى ، ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىنى نىيە ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى كۇرژىك يېتەكچىلىرىگە كېڭەيتىپ بىرىشىمنى ئىلتىماس قىلدى. مەن بۇ خىزمەتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ،جاپالىق ئىزدىنىش،كۈزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈم كۆڭلۈمگە پۈككەن «نامرات رايۇنلار مائارىپىغا بىر ياخشى ئۆلگە تىكلەپ، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى يۇقۇرى بولغان تۈرلەرنى سوغا قىلىمەن.»دېگەن ئارزۇيۇمنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،نىيە ناھىيىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيتىنىڭ قوللىشى بىلەن تۆت تۈرلۈك كەشپىياتنى تاماملاپ،مەكتەپ ۋە نىيە ناھىيىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ،مەكتەپ،ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى،ناھىيىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيتى ھەمدە خوتەن ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيتى ۋە ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسى مەسئۇللىرىنىڭ قوللىشىغا،مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشتىم.مەن يېتەكچىلىك قىلىپ كەشپ قىلغان تۆت تۈرلۈك كەشپىيات تۆۋەندىكىچە: بىرىنجى كەشپىيات
«كۆپ ئىقتىدارلىق ھەرىكەتچان قاتلىما پارتا-ئورۇندۇق» بۇ خىل پارتا-ئورۇندۇق 3.5-5كلوگىرام ئېغىرلىقتا بولۇپ،پارتا يۈزى ئۇزۇنلۇقى 90سانتېمىتىر، كەڭلىكى 60 سانتېمىتىر بولۇپ،پارتا يۈزى 30سانتېمىتىردىن 3قاتلىنىدۇ.پارتا قاتلانغاندا كىچىك چامادانچىلىك چوڭلۇقتا بولىدۇ.پارتىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى يۈزى ئۈستىدە كونۇپكا ئارقىلىق ئېچىپ -يېپىلىدىغان رەسىم،ھۆسنىخەت تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ئورۇندۇقى بولسا ئادەمنىڭ قولىغا ئوخشاش ئىككى قاتلىنىپ پارتا ئاستىنقى ئوتتۇرا يۈزىگە چاپلىنىدۇ.ئىشلەپ چىققاندىن كىيىنكى تەننەرقى 50-45يۇئەنگىچە بولىدۇ؛ئىشلىتىلىدىغان ماتىريال باھاسى ئەرزان،چىدامچانلىقى يۇقۇرى ھەم يەڭگىل بولغان ماتىرياللار ئىشلىتىلىدۇ. دۆلەت تەرىپىدىن پاتىنت ھوقۇقىغا ئىرىشكەن. ئۇنىڭ رولى:كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەپلىك،خالىغان جايدا خىزمەت،ئۆگىنىش قىلىشقا قولايلىق ئېلىپ كىلىدۇ.بۇ خىل «پارتا-ئورۇندۇق»تىن باشلانغۇچ مەكتەپ،ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى؛ھەر ساھەدە ئىشلەۋاتقان دۆلەت خىزمەتچىلىرى،يازغۇچى-شائىرلار،تەتقىقاتچىلار، رەسساملار،خەتتاتلار،مۇخبىرلار،ساياھەتچىلەر،ئائىلە ئەزالىرى قاتارلىقلار بىمالال پايدىنىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ،جەمئىيەتكە زور ئىقتىسادى ئۈنۈم ئىلىپ كىلىدۇ.
ئىككىنجى كەشپىيات «كۆپ ئىقتىدارلىق ماتىماتىكا ئوقۇتۇش سايمىنى.» بۇ كەشپىيات ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپ؛ ئۇ تىك تۆتبۇلۇڭ، كۋادرات،تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭ،تەڭ يانلىق ئۈچ بۇلۇڭ،پاراللىلپىپىد قاتارلىق 5 خىل ماتېماتىكىلىق كۆرسەتمە سايمىنىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ بىرلەشتۈرۈلۈپ،ھەركەتچان،قاتلىما شەكىللىك قىلىپ ئىجاد قىلىنغان.قىممىتى 15يۇئەندىن ئىشىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ رولى:ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار،تەتقىقاتچىلار،سىتاتىستىكاخادىملىرى، قۇرۇلۇش لاھىيەلىگۈچىلەر،بىزەكچىلەر،ئويمىچىلار ۋە نەققاشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.ئۇنىڭ جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقۇرى، پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ قالغۇسى.
ئۈچىنچى كەشپىيات «ئالدىن سىگنال بېرىش قۇرۇلمىسى» بۇ خىل ئەسۋاپ: دەۋر بولگۈچ قىممەتكە ئىگە بولۇپ،ھاياتى-بىخەتەرلىكى،مال-مۈلكى، ماشىنىلاشقان كارخانىلار،باسما زاۋۇتلىرى،ئۇچۇر-تور پونكىتلىرى،قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىدۇ. بۇنىڭدا: موتۇسىكىلىت،چوڭ-كىچىك ماشىنا،ئومۇمەن،ماتۇرلۇق قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ توك يوللىرىدىن كاشىلا پەيدا بولۇش،توك بىسىمى ئارتىپ كىتىش ئارقىلىق ئوت كىتىشتىن ئالدىن سىگنال بېرىپ ئەسكەرتسە تېلىۋىزور،توڭلاتقۇ،كىرئالغۇ،VCD,CD,DVD,MDWقاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭمۇ توك كۈچلۈك بولۇپ ،خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال سىگنال بېرىپ ئومۇمەن،دۆلەت،جەمئىيەت،ئاھالىلار ھەمدە شەخسلەرنىڭ بېخەتەرلىكىگە،ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى قىممەتلىك مەھسۇلات بولۇپ،قىممىتى 30يۇئەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۇ تۈرمۇ دۆلەت پاتىنت ئىدارىسى تەرىپىدىن پاتىنت ھوقۇقىغا ئىرىشكەن. يۇقۇرقى ئۈچ تۈرلۈك كەشپىيات-ئەۋرىشكە مودىلى، خەرىتىسى بىلەن بىرگە نىيە ناھىيىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتۈپ.خوتەن ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيتىگە يوللانغان ئىدى.نەتىجىدە،نىيە ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2004-يىللىق ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا تەتقىقات خىزمىتى ۋىلايەت دەرىجىلىك«ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا خىزمىتىدىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە مەكتەپ»دېگەن شەرەپكە نائىل بولدى. «ئالدىن سىگنال بېرىش قۇرۇلمىسى»ناملىق كەشپىياتمۇ ئاپتونۇم رايۇنلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيتى ئۇيۇشتۇرغان 20-قېتىملىق «ياش-ئۆسمۈرلەر كەشپىيات ئەسەرلىرى»نى باھالاش مۇسابىقىسىدە «ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك 3-دەرىجىلىك كەشپىيات مۇكاپاتى»غا ئىرىشتى. مەنمۇ «مۇنەۋۋەر يىتەكچى ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبى بولدۇم.ھەمدە ئەجرىمگە لايىق مەكتەپكە بۇنداق چوڭ شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ بىرەلىگەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.
تۆتىنجى كەشپىيات «تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ئىس-تۈتەكنى سۈمۈرگۈچى-غاڭزا»
بۇ تۈر:-ئاكتىپلانغان كۆمۈردىن پايدىلىنىپ كەشىپ قىلىنغان بولۇپ،بۇ ئارقىلىق«تاماكا چەككۈچىلەر»نىڭ سالامەتلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى،مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى،تاماكا چەكمەيدىغانلار(ئەر-ئايال،ياشانغانلار ۋە بالىلار)نىڭ تاماكا تەركىبىدىكى زەھەر-نىكوتىن ماددىسى بىلەن زەھەرلىنىپ،ھاياتىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە ئۇچراپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.ھەمدە ئىنسانىيەتكە بەخت ئاتا قىلغىلىمۇ بولىدۇ. ئالاھىدىلىكى ۋە رولى:بۇ خىل «غاڭزا»-تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك نىكوتىن ماددىسىنى سۈمۈرىۋېلىپ،تاماكا پۇرىقى ئارقىلىق خۇمارنى پەسەيتىدۇ؛تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى،ئۆپكە ۋە كاياي راكى كېسىلى بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىنى ۋە مۇھىتنى قوغداپ،ئىنسانىيەتنى ساپ بولغان پايدىلىق مۇھىت بىلەن تەمىن ئىتىشتە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.ئىشلەنگەندىن كېيىنكى باھاسى 10يۇئەندىن ئاشمايدۇ. بۇ يەردىكى ئاكتىپلانغان كۆمۈر-مۇھىتتىكى،ئائىلىلەردىكى ۋە تاماكا تەركىبىدىكى تۈرلۈك زەھەرلىك مىكروپلارنى،پۇراقلارنى ئاكتىپلىق بىلەن سۈمۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.مۇشۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ بۇ تۈر كەشىپ قىلىندى.ئەگەر يۇقارقى تۈرلەر ئىشلىنىپ بازارغا يۈزلەندۈرۈلسە ئىشىنىمەنكى،بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ،زور ئىختىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغۇسى...
بەشىنجى كەشپىيات «سۇ تىجەيدىغان پول سۈرتكۈچ»
بۇ خىل «پول سۈرتكۈچ»-سۇ ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ،تىجەشلىك بىلەن سۇ ئىشلىتىشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ كەشىپ قىلىنغان.«پول سۈرتكۈچ»نىڭ دەستە قىسمىغا500گرامدىن 1000گرامغىچە سۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ،ئاستى قىسمىغاپۈركۈمە سۇ قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان،دەستە قىسمى بىلەن ئاستى قىسمى تۇتاشقان ئورۇنغا سۇنى ئاچقىلى ھەم ئەتكىلى بولىدىغان باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى مۇقىمداشتۇرۇلغان،بۇنىڭ بىلەن 30-40كۋادىراتلىق ئورۇننى بىمالال سۈرتۈپ تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەسلىدىكى «پول سۈرتكۈچ» نى يۇيۇش ئۈچۈن كىتىدىغان 2-3چىلەك سۇنى تىجەپ،سۇنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولىشىدەك ئەۋزەللىكىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ.بۇ «پول سۈرتكۈچ»ئىشلەپ چېقىرىلسا، تەننەرقى 10-15يۇئەندىن ئىشىپ كەتمەيدۇ. بۇ كەشپىياتمۇ ئۈرۈمچى شەھرى يېڭى شەھەر رايۇنلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك «ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كەشپىيات ئەسەرلىرى»نى باھالاش مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىلىك كەشپىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن،مەنمۇ «مۇنەۋۋەر يىتەكچى ئوقۇتقۇچى»مۇكاپاتىدىن بەھىرلەندىم...! دىمەك،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىدا پەقەت ۋە پەقەت ئوقۇتقۇچىلا بولۇپ قالماستىن،ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بالىلارغا ئۈلگە كۆرسىتەلەيدىغان ئىقتىدارنىمۇ تولۇق ھازىرلىشى كېرەك...!
|