تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 89|ئىنكاس: 2

قاسىم سىدىق: مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3856

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1079
مۇنبەر پۇلى
2640
ئىشەنىچ
1079
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 12:22:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-16 16:58  

ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!


قاسىم سىدىق


(مەرھۇم روزى سايىت ئېزىدىن)


بىرسى ساق كىرىدۇ،بەزىلىرى مەس،
مۇنبەردە ھەممە بار، ساپا ئىگىز -پەس.
مورىنىڭ دەردىنى غەيرىسى بىلمەس،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!.


بەزىلەر قەستەنگە بۇزىدۇ ئىشنى ،
ئاغرىقنى قالدۇرۇپ،تارتىپ ساق چىشنى.
كەسىپ قىپ تاللىغان نېزا تېرىشنى،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس.


بەزىلەر ئويلايدۇ:"ئاتالسام باتۇر"،
شۇ مەقسەت تۆپەيلى چاغلىماي ئاتۇر.
بو ئوقنىڭ دەردىنى شۇ باشلىق تارتور،
(چاي ئىچور،مۇما يەر،ھەپسىدە ياتۇر)
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!


بىر“باتور” دەستىدىن مۇنبەر تاقالغان،
بىر ئىلىم سەيناسى-سەھنە يوقالغان.
دەرىت كەلسە بۇ “باتۇر”-تەلۋە يوقالغان،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!


بەزىلەر ئورۇنسىز غەلۋە قىلىدۇ،
پايتىمىسىنى سەللە قىلىدۇ،
يازمىسى ئىنساننى رەللە قىلىدۇ،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!


بەزىلەر ئىچىشقان تۆھمەت بازىرى،
بەزىلەرنايناقلاپ شەھۋەت بازىرى.
تارايغان ئىززەت ھەم ھۆرمەت بازىرى،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!.


ئەمگەككە سەھنە تار ،پىتنىلەرگە كەڭ،
دەلىلسىز سۈيىقەسىت،“قەتلى”لەرگە كەڭ،
نە ئۈچۈن بۇ جاھان رەزگىلەرگە كەڭ؟!،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!.


شاكالنى شاللىغىن جەۋھەر قالسۇن ساق،
ھەممىنى رەت قىلساڭ ،بولماس يۇزۆڭ ئاق،
بولمىغىن ھەسەتخۇر،قۇسۇرچى،قىلتاق،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!.


بەزىلەر بىر يەرگە داتلاپ بارىدۇ،
بىر بولسا ئون قىلىپ قاتلاپ بارىدۇ،
شەيتاننى مىنىپ يا ئاتلاپ بارىدۇ،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!.


ئەل ئۈچۈن ئىش قىلاي،بېرەي دەپ بەدەل-
مەن مۇنبەر ئاچقانغا تويغان بىر مەھەل،
نە ئۈچۆن بىزدە كۇپ ،نېزا ۋە جىدەل؟.
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!


2015.1.16

ھەسرەتخانەمدە يېزىلدى.


33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3856

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1079
مۇنبەر پۇلى
2640
ئىشەنىچ
1079
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 14:54:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماۋۇ موھىم تېما ئىدى.ئەجەپ تەستىقلەنمەيدىغۇ؟:

ھەركەت ئەگرىلىكى ۋە تەدبىقلىنىش دائىرىسى
/forum.php?mod=viewthread&tid=21144

31

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1094

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
531
مۇنبەر پۇلى
472
ئىشەنىچ
531
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 16:00:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا توغرا گەپ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 01:45, Processed in 0.100147 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش