تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 5153|ئىنكاس: 3

ئىستاكاننى قويۇپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

39

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
31
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 23:04:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قېتىملىق تۇرمۇش سەنئىتى لېكسىيىسىدە پروفېسسور لىق سۇ قاچىلانغان ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ ئولتۇرغانلاردىن سوراپتۇ :
_ بۇئىستاكاننىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىكتۇ ؟!
_ 50 گىرام ، 100 گىرام …. ، – دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ كۆپچىلىك .
_ ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن ، لېكىن ئادەم ئۇنى كۆتۈرسە ھەرگىزمۇ ھارمايدىغىنىنى بىلىمەن، – دەپتۇ پروفېسسور .
_ يەنە بىر سۇئالىم: ئەگەر مەن بۇ ئىستاكاننى بىر نەچچە مىنۇت كۆتۈرسەم قانداق بولار ؟
_ ھېچنېمە بولمايدۇ – دەپتۇ كۆپچىلىك .
_ ياخشى ، ئەگەر بىر سائەت كۆتۈرسەمچۇ ؟!
_ بىلىكىڭىز تېلىپ ئاغرىيدۇ .
_ توغرا ، ئەگەر بىر كۈن شۇنداق كۆتۈرۈپ تۇرسامچۇ ؟!
_ ئۇنداقتا بىلىكىڭىز سېزىمىنى يوقىتىدۇ .
_ ياخشى ، مەن ئىستاكاننى كۆتۈرگەندە ئىستاكاننىڭ ئېغىرلىقى ئۆزگەردىمۇ ؟
_ ياق !
_ ئۇنداقتا بىلىكىم نېمىشقا ئاغرىيدۇ ، بىلىكىمنىڭ ئاغرىشىنى خالىمايمەن ، قانداق قىلىشىم كېرەك ؟
_ بۇ بەك ئاددىيغۇ ، ئىستاكاننى قويۇپ قويۇڭ !
_ شۇنداق ، – دەپتۇ پروفېسسور تەستىقلاپ ، – ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەر خۇددى قولۇمدىكى ئىستاكانغا ئوخشايدۇ ، بىرەر مەسىلىنى بىر نەچچە مىنۇت ئويلىساق ھېچقىسى يوق ، لېكىن داۋاملىق شۇ ئىشنى ئويلاۋەرسەك يۈرىكىمىز ئاجىزلىشىپ كېتىشى ، ھەتتا بارغانسېرى روھىي جەھەتتىن بىراقلا  تۈگىشىپ كېتىشىمىز مۇمكىن . شۇ ۋاقىتتا بىز ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايمىز . تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش ، بىپەرۋالىق قىلماسلىق كېرەك ، لېكىن ھەمىشە شۇ مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ ، شۇ ئىشلار ئۈچۈن غەم يېيىشنىڭ ھاجىتى يوق . مۇۋاپىق پەيتتە شۇ مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىپ ئۆزىمىزنى يېنىكلىتەيلى ، بولمىسا ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا غەملەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالىمىز .
دوستۇم ، ئىستاكاننى قولىڭىزغا ئالغاندا ئۇنى قويۇپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ !

[url=http://turmux.net/forum.php?mod=viewthread&tid=243][color=blue]
[size=5]«

11

تېما

0

دوست

437

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد
تۆھپە
65
مۇنبەر پۇلى
339
ئىشەنىچ
65
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 21:36:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ماۋۇ تىما مۇشۇ مۇنبەردە 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلىنغان «بىر ئىستاكان قەھۋە» ناملىق ئەسەر شۇغۇ؟يەنە نېمە دەپ باشقىلارنىڭ تەييارلىشىدا ئەسلى ھالىتىدىن قىسقارتىلىپ ئېلان قىلىنىدۇ؟بۇ ئىش توغرۇلۇق قېنى باشقۇرغۇچىلار،مۇشۇ ئەسەرنى قايتا ئىشلەپ يوللۇغۇچىلار نېمە دەيدىكىن؟بىر ئىستاكان قەھۋە

خويت.فېننىل(ئەنگىلىيە)


مامۇتجان نۇرمۇھەممەد ئاققاش تەرجىمىسى  

    بىر پروفېسسور دەرس ئۆتكىلى سىنىپقا كىرگەندە ئوقۇغۇچىلار بەكلا ھەيران قاپتۇ،چۈنكى ئۇ سىنىپقا بىر ئىستاكان قەھۋە كۆتۈرۈپ كىرگەن ئىكەن .
    ئۇ ئىستاكاننى ئېگىز كۆتىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:ــ ساۋاقداشلار سىلەرنىڭچە قولۇمدىكى بۇ ئىستاكاننىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىك كىلەر؟
    ــ 50گىرام،100گىرام،125گىرام!ــ ساۋاقداشلار قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ كىتىشىپتۇ.
    پروفېسسور كۈلۈپتۇ،ــ راستىنى دېسەم مەنمۇ بۇ قەھۋەنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ باقمىدىم.
    ئارقىدىنلا پروفېسسۇر ئاۋازىنى يۇقىرى قىلىپ يەنە مۇنداق دەپتۇ:ــ ناۋادا مەن بۇ بىر ئىستاكان قەھۋەنى مۇشۇنداق ھالەتتە بىر نەچچە مىنۇت ئېگىز كۆتىرىپ تۇرسام ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ؟
ــ ھېچقانداق بىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقمايدۇ،ــ ئارىدىن بىر ساۋاقداش شۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
ــ توغرا،ھېچقانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقمايدۇ،ناۋادا مەن مۇشۇنداق ھالەتتە بىر سائەت كۆتىرىپ تۇرسامچۇ؟
ــ ئۇ ھالدا بىلكىڭىز تېلىپ ئاغرىيدۇ،ــ دەپتۇ يەنە بىر ئوقۇغۇچى.
ــ توغرا ئېيتتىڭ،ناۋادا مەن بۇ ئىستاكاننى مۇشۇنداق ھالەتتە بىر كۈن كۈتۈرۈپ تۇرسام قانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ؟
ــ ئۇنداقتا بىلىكىڭىز ئۇيۇشۇپ تاياقتەك قېتىپ قالىدۇ،موسكوللىرىڭىز تارتىشىپ ھېچنىمىنى سەزمەيدۇ،ئاخىردا سىز بۇ بىلىكىڭىزنى دوختۇرخانىدا داۋالاتمىسىڭىز بولمايدۇ،ــ دەپتۇ بىر ساۋاقداش غۇدراپ.ئۇنىڭ گېپى بىلەن تەڭلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشۈپ كىتىپتۇ.
ــ ئىنتايىن توغرا ئېيتتىڭ،ئېيتىڭلارچۇ،مەن بۇ ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ تۇرغان مەزگىلدە ئىستاكاندا بىرەر ئۆزگىرىش يۈز بېرەمدۇ؟ــ يەنە سوراپتۇ پروفېسسور.
ــ ياق،ــ دەپتۇ  ساۋاقداشلار.
ــ ئۇنداقتا زادى قانداق بىر نەرسە قولنى تالدۇرۇپ ئاغرىتىدۇ،موسكۇللارنى جىددىيلەشتۈرىدۇ؟ــ پروفېسسور ئوقۇغۇچىلاردىن يەنە سوراپتۇ.بۇچاغدا ئوقۇغۇچىلار پروفېسسورنىڭ بۇ سۇئالغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي گاڭگىرىشىپتۇ.
ئارقىدىن پروفېسسور يەنە مۇنداق دەپتۇ:ــ قانداق قىلسام بىلىكىم سىرقىراپ ئاغرىمايدۇ؟
ــ ئىستاكاننى قويۇپ قويسىڭىز،ــ ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى تەڭلا شۇنداق دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
ــ دەرھەقىقەت شۇنداق!ــ دەپتۇ  پروفېسسۇر،ــ بىز رېئال تۇرمۇشتا دائىم دېگۈدەك تۈرلۈك مەسىلىگە دۈچكىلىمىز،ناۋادا بىز ئازغىنا ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە كاللا قاتۇرساق، ،ئۇنىڭدا بىرەر چوڭ چاتاقچىلىقمۇ يوق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز،ناۋادا بىز كۆپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە كاللا قاتۇرساق،بۇ مەسىلە كۆڭلىمىزنى پاراكەندە قىلىپ، بېشىمىزنى ئاغرىتىدۇ.ناۋادا سىز كۈنبويى ئۇ مەسىلىنى كاللىڭىزغا كىرگۈزىۋالسىڭىز،بۇ مەسىلە سىزنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ،رۇھى،جىسمانى جەھەتتىن سىزنى ھالسىرىتىۋىتىدۇ.شۇڭا بىز رېئال تۇرمۇشتا مەيلى قانداقلىكى بىر مەسىلىگە ياكى قانداقلىكى بىر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچىرمايلى،بىز بۇ مەسىللەر ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ھەرگىزمۇ كاللىمىزغا كىرگۈزىۋالماسلىقىمىز ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.ئەلۋەتتە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى تېپىش بەكلا مۇھىم،ئەمما مۇنداق مەسىللەرنى تاشلىۋىتىشنى بىلىشمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم. پروفېسسورنىڭ بۇ گېپىگە سىنىپتىكى بارىلىق ئوقۇغۇچىلار قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپتۇ.
مەنبە:«جۇڭگو قىيما گېزىتى»(中国剪报)نىڭ  2013-يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانى

11

تېما

0

دوست

437

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد
تۆھپە
65
مۇنبەر پۇلى
339
ئىشەنىچ
65
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 16:07:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تىمىغا ھېچقانداق ئىنكاس چۈشمەپتىغۇ؟بۇ تىمنى تۇرمۇش مۇنبىرىگە چىچەك ئىسىملىك بىر توردىشىمىز يوللىغانكەن.تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بۇ ئىشقا ئېنىق جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن.تۇرمۇش مۇنبىرىگىمۇ كىرىپ چىچەك ئىسىملىك تورداشتىن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن.يېقىنقى يىللاردىن بىرى تاراتقۇلاردا مۇشۇنىڭىغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ ئىجادى ۋە تەرجىمە ئەمگىكىكىنى يۈزىنى قىزارتماي ئوغۇرلاپ ئېلان قىلىدىغانلار ئاۋۇپ قالدى،بۇنىڭغا دىققەت قىلمىساق ئاقىۋىتىنى ۋە زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.دوستلارنىڭ سەمىگە مۇشۇنداق ئىشلار قامچىلانغان تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 6-سانىدىكى  بۇۋاقى ئەپەندىنىڭ بىزدە كۆچۈمىكەشلىك قاچان تۈگەيدۇ نامىلىق ئوبزۇرىنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 22:34, Processed in 0.127470 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش