تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2095|ئىنكاس: 14

‹يىپەك يولى ساداسى› دىن ‹كىتاب يىلى ساداسى› غىچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

1

ئەگەشكۈچى

266

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
41
مۇنبەر پۇلى
226
ئىشەنىچ
41
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 22:05:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹يىپەك يولى ساداسى› دىن ‹كىتاب يىلى ساداسى› غىچە
  يېقىنقى ۋاقىتلىرىمىزنى ئەسلەپ،نەزەر سېلىپ باقىدىغان بولساق ھەر خىل شەكىلدىكى سەنىئەت تۈسىنى ئالغان پىروگىرامما ۋە مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىلۋاتىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئەسلىدىنلا سەنئەت پىروگىراممىلىرى كۆپ بۇ جەمىئيىتىمىز تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ ، تېخىمۇ جانلىنىپ بارماقتا !
      شۇنىڭغا ماسلىشىپ دىيارىمىز شىنجاڭدىمۇ ‹يىپەك يولى ساداسى›دىن ئىبارەت بىر سەھنە بارلىققا كىلىپ،كەڭ سەنئەت سۆيەر خەلقىمىزنىڭ ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ،ئۆز سەنىئەت قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىشىغا ئىنتايىن ياخشى شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەردى. خەلىقىمىز ئارىسىدىكى كۆمۈلۈپ قالغان گۆھەرگە تىگۈشكۈسىز شەخىسلىرىمىز بىر-بىرلەپ بايقالماقتا !
     مەن بىر ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئاددى كاللام ئارقىلىق شۇلارنى ئويلاپ قالدىم :
      بىز بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ناخشا توۋلاپ،ئۇسۇل ئويناپلا ئۆتەمدۇق؟! بىز ئىزدىنىشكە،تىرىشىشقا تىگىشلىك كۆپ قىسىم ھەتتا پۈتۈن زىھنىمىز ۋە ۋاقتىمىزنى ناخشا-ئۇسۇل سەھنىسىگە تۆكۈۋەرسەك بۇ سەھنىمىزنىڭ ئېغىرلىقى ئارتىپ،تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتمەسمۇ ؟!ئىلىم-پەن ساھەلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق سەھنىلەرگە مۇھتاج ئىدىغۇ ؟! ئەجىبا بىز ئىلىم-پەن ساھەيىمىزنى مۇشۇنداق يالغۇز،ئىگە-چاقىسىز تاشلاپ قويساق ئۇ مۇڭسىراپ،چۆلدەرەپ،قاغجىراپ قالماسمۇ؟!......
     ئېسىل سەنئەتلىرىمىزنى كۈچەپ كولاپ چىقاردۇق،چىقىرىپ بولدۇق.دۇنياغا ئاشۇ سەنىئەتلىرىمىز،پەقەت ئاشۇ سەنىئەتلىرىمىز بىلەنلا تۇنۇلدۇق خالاس. شۇنداقتىمۇ يەنە شۇ سەنىئەتلىرىمىزنى كولاۋاتىمىز،بىزەۋاتىمىز،يەنە قىلساق يەنە شۇ ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى بىز!  ئەجىبا ئاشۇ گۆھەردەك كىتابلىرىمىزنى توپا بېسىپ تۇرسا ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمامدۇ ؟! ئەمدى بولسىمۇ ئازىراق ۋاقتىمىزنى سەرىپ قىلىپ ئاشۇ تۇتىيا كىتابلىرىمىزنى كولاپ باقساق بولماسمۇ ؟! ھېچ بولمىسا كىتابخانىلىرىمىزدا ئاللىقاچان توپا باسقان ھەم توپا بېسىشقا قەدەم ئالغان ، ئۆيلىرىمىزدە بىر بۇلۇڭغا تاشلىنىپ، كونىراپ كۆزىمىزگە سەت كۆرىنىۋاتقان ئاشۇ ئەزىز كىتابلارنىڭ توپىسىنى سۈرتۈپ باقساق مېنىڭچە مۇۋاپىق بولمايدىغان يېرى يوققۇ ؟!.....
    تەڭپۇڭلۇق نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بىر جەمىئىيەتتە چوقۇم ھەر ساھەدىكى كىشلەر سانىنىڭ نىسپى بۇلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر . ئۇنداق بولمىغاندا تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، بۇ جەمىئيەتنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالىشى قېيىن. ئەسلىدىنلا سانىمىز ئاز بولغان بىزلەرنىڭ ھەممىمىز  ناخشىچى،ئۇسۇلچى بۇلۇپ كەتسەك، بىزلەردىن ئالىم ، دوكتۇر.....لارنىڭ چىقىشىغا سانىمىز يىتىشەرمۇ ؟؟؟... مۇشۇنداق بۇلىۋەرسە بىزنىڭ ئىلىم-پەن چىرىغىمىز ئۆچۈپ، ياق.! ئىلىم-پەن چىرىغىمىزلا ئەمەس، ھەممە، ھەممە چىرىغىمىز ئۆچۈپ جەمىئيىتىمىزنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتمەسمۇ ؟؟؟...
    مېنىڭ بۇ يەردە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىشىم ھەرگىزمۇ سەنىئەتكە قارشى تۇرغىنىم ئەمەس. ئۆزۈممۇ سەنىئەتكە ھېرىسمەن مەستانە بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن سەنىئەتنى قوللايمەن ئەلۋەتتە . مىنىڭ قارىشىم ھەر ئىككىلىسىنى قوللاش كېرەك . سەنىئەت ،ئىلىم-پەن......قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى قوللاش ، ماس قەدەمدە گۈللەندۈرۈش كېرەك . بىرسىگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىپ، بىرسىگە سىنچى كۆزىمىز بىلەن قاراپ قويساق بۇ دەل بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنىڭ روشەن دەلىلى ئەلۋەتتە .
   يېقىندا ‹2015-يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىش › چاقىرىقى ئېلان قىلىندى . شۇڭا مەن ‹يىپەك يولى ساداسى› سەھنىسىگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىپ ‹كىتاب يىلى ساداسى› دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئويلاپ چىقتىم .
     يىپەك يولىدىكى بۇ ساد پەقەت سەنىئەتنىڭلا ساداسى بۇلۇپ قالسا بۇ سادا جاراڭسىز سادا بۇلۇپ بۇلۇپ قالامدۇ قانداق ؟؟ ئۇنىڭدا يەنە ئىلىم-پەن،مەدەنىيەت.....لىرىمىزنىڭ ئاۋازلىرى قۇشۇلسا بۇ سادا ئاندىن ھەقىقى سادا بۇلۇپ ياڭرىيالايدۇ دىسەم ئىشىنىسىزغۇ دەيمەن !؟....
    ئەگەر ‹يىپەك يولى ساداسى› سەنىئەت سەھنىسىگە ئوخشاش ‹كىتاب يىلى ساداسى›دەيدىغان بىر سەھنە بارلىققا كەلسە،  بۇ سەھنىگىمۇ دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىلىم-پەن ئۈچۈن قەلبى ئاتەش بۇلۇپ يېنىۋاتقان ماھىرلار كىلىپ قاتناشسا ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى داڭلىق ئەربابلرىمىزنى باھالىغۇچى قىلىپ تەكلىپ قىلساق، ماھىرلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان ساۋات،يەكۈنلىرى،كىتابتىن ئېرىشكەن بىلىملىرىنى......ئىشقىلىپ پەن-مەدەنىيەتكە ماس كىلدىغان بىلىملەرنى سۆزلىسە ، بىزنىڭ باھالىغۇچى ئۇستازلىرىمىز ئۇلارغا تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ، توغىرا يولغا باشلاپ، ئۆزىگە شاگىرىت قىلۋالسا ، قىسقىسى بىزنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ئورۇندۇق ئايلاندۇرۇپ مايىللىقىنى بىلدۈرسە، بىزنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى كىشلىرىمىزمۇ سەنىئەت ساھەسىدىكى ئەربابلىرىمىزدەك سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ كۆپەيسە ، پۈتۈن دۇنيا بىزنىڭ سەنىئىتمىزگىلا ئەمەس، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت.....قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلرمىزگە مايىل ھەم قايىل بۇلۇپ تەڭ ئورۇندۇق ئايلاندۇرسا ......نىمدىگەن ياخشى-ھە!؟؟ دەپ ئويلاپ بۇ يازمىنى يېزىپ چىقتىم.
    بۇ ئەلۋەتتە مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم ، مېنىڭ ئويلايدىغىنىم بىر جەمىئيەتتە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەر ئورتاق تەرەققىي قىلىپ كۆپەيسە جەمىئيەتنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىمۇ تېز ھەم ئۈنۈملۈك بولىدۇ دەپ قارايمەن........  

23

تېما

38

ئەگەشكۈچى

7528

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
سەرۋى
تۆھپە
3680
مۇنبەر پۇلى
3296
ئىشەنىچ
3680
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 11:55:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ ، ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇيلى ، دوسلار

25

تېما

4

ئەگەشكۈچى

864

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
421
مۇنبەر پۇلى
384
ئىشەنىچ
421
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 12:56:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب-قەلپ سىردىشى،ئازاپلىق كۆڭۈللەرنىڭ دىلكىشى،ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ قەلب سىردىشى...!

14

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1475

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخەت ئابدۇرىھىم
تۆھپە
750
مۇنبەر پۇلى
697
ئىشەنىچ
750
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 16:56:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ يېڭىلىقنى ياراتقۇچى،جەمىيەتكە تارقاتقۇچى،مۇكەممەل ساقلىغۇچى ئەڭگۈشتەردۇر.

5

تېما

1

ئەگەشكۈچى

2018

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
897
مۇنبەر پۇلى
1106
ئىشەنىچ
897
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 23:08:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسساۋۇرىڭىزغا ئاپىرىن     

55

تېما

4

ئەگەشكۈچى

2813

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
864
مۇنبەر پۇلى
1655
ئىشەنىچ
864
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 23:33:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمىنە مۇساجان ياسىن يىل بېىشىدا قولۇمغا ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ‹‹ باھاردىر نامە ›› روماننى ئالدىم ھەر كۈنى 3 سائەت ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب كۆرىۋاتىمەن.دوسىتلار كىتاب ئوقۇيلى .

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

50

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
7
مۇنبەر پۇلى
38
ئىشەنىچ
7
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 23:54:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ مىنىڭچىمۇ كىتاب كۈرۈشىمىز يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 17:33:35
dulang يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 23:54
شۇ مىنىڭچىمۇ كىتاب كۈرۈشىمىز يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ

بەك ياخشى تەۋسىيە بوپتۇ.بولسا ‹‹تەلەي يۇلتۇزى ›› پىروگىراممىسىغا ئوخشاش ئادەمنىڭ ،بولۇپمۇ باللارنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىنى ،جەمىيەت يىڭىلقلىرىنى ،دۇنيادا يىڭىدىن ئىجات بولغان پەن -تىخنىكا يىڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار قىلىدىغان پىروگىراممىلارنى يولغا قويۇپ ،شۇ ئارقىلىق بالىلارنى كوپلەپ كىتاپ كۆرگەندىلا ،ئاندىن نەزەر دائىرسىنىڭ كىڭىيدىغانلىقىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش كىرەك.

11

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1004

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
446
مۇنبەر پۇلى
528
ئىشەنىچ
446
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 18:19:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QQ_FE80BF يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 17:33
بەك ياخشى تەۋسىيە بوپتۇ.بولسا ‹‹تەلەي يۇلتۇزى ›› پىرو ...

ياخشى  تېما يوللاپسىز . ئازىراق ياندىشىپ  قوياي .
                     كىتاب  يۈكسىلىشنىڭ   چاقى   بايلىق      ئىلاھى ،
                     كىتابقا ئىشتىياق باغلساڭ ئۈمىدىڭ چىچەك ئاچىدۇ.
                     كىتاب  ئەقىل -  پاراسەت  بۇلۇغىنىڭ    ئاچقۇچى ،
                      كىتاب   ئوقۇساڭ   ھۆرۇنلۇق   بەدەر   قاچىدۇ .   
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 22:34:54
ھەقىقى ياخشى گەپ   بىزنىڭ تارىخىمىز بولسا شانلىق تارىخ    بىز  ئاشۇنداق شانلىق تارىخىمىزنى ئا شۇ  توپا باسقان كىتاپلاردىن ئوقىمىساق شانلىق تارىخىمىزنى قانداق بىلىمىز   ،  ئاشۇ  توپا باسقان كىتاپلارنى قەدىرلەپ كىيىنكىلەرگە يەتكۇزۇش بىزنىڭ  مەسئۇلىيىتىمىز .   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:28, Processed in 0.116495 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش