- تىزىملاتقان
- 2015-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-4
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 75
- نادىر
- 0
- يازما
- 1

- تۆھپە
- 1
- مۇنبەر پۇلى
- 71
- ئىشەنىچ
- 1
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەقشىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-12 18:06
پەرىدە ساقچىنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن، پەقەت كۆزۈمگە كەسكىن ۋە مېھرىبان بىر سىمالا كۆرۈنىدۇ. مېنىڭ ساقچىلارغا ئۆچلىگىمدىن ئۇلارنى كۆرسەم ھەر قىسما ئويلاردا بولۇپ قالاتتىم ، لېكىن بۇ ساقچى خانىم مېنىڭ ھەرقىسما خىيالىرىمنى ئۆزگەرتتى. ئۇ مېنى ئادىمىلىككە، ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۈندەيدىغان ، توختىماي مېنىڭ غېمىمنى قىلدىغان مېھرىبان ئاپامغا ئوخشايدۇ. ماڭا ساقچىلار ئىچىدە ئەڭ مۇلايىم، مەسئوليەتچان، كۈيۈنۈش بىلەن مۇئامىلە قىلغان ساقچىمۇ دەل مۇشۇ پەرىدە ساقچى. مەن ئۇزۇن يىل نوقتىلىق كىشلەر قاتارىدا نازارەت قىلىندىم ، لېكىن ماڭا كىمنىڭ مەسئۇللىقىنى ، كىمنى ئىزدىشىم كېرەكلىگىنى بىلمەيتتىم، جەمئىيەتنى جىددىچىلىك قاپلىغاندا، تەغدىرىمدىن دەككە-دۈكىگە چۈشۈپ ، كىمنى ئىزدەپ، كىمگە دەردىمنى ئېيتىشنى بىلمەي يۈرۈيتۈم، بەزىدە ئۆزەم چاقىرىتمىسىمۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارسىگە بېرىپ ،ھىچنىمىدىن -ھىچنىمە يوق ئۆزەمنى مەلۇم قىلىدىغان ساقچىلارنى ئىزدەپ كېتەتتىم...ئەلۋەتتە بۇ روھى ھالىتىمنى ماڭا ئوخشاش ئۈچ بالىنىڭ ئاتىسى بولغان كىشىلا چۈشۈنىدۇ..مەن ئۇ ساقچىلاردىن سۈر -ھەيۋىدىن باشقا ھىچنىمىگە ئېرىشەلمەيتتىم..ھەر قىسما خىياللار بىلەن قانچە -كۈنلەرنى دەككە-دۈكىدە ئۆتكۈزەتتىم، ھاياتىمدىن، دۇنيادىن توياتتىم..دە ئەسەبى خىياللار كاللامدا قۇترايتتى. .ھەممىدىن ۋاز كەچمەكچى، ھاياتىمنى ئاجايىپ ئىشلار بىلەن ئاجايىپ زىلزىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچى بولاتتىم..چۈنكى مېنى ھىچكىم چۈشەنمەيتتى، ماڭا ھېچ بىركىشى ئىشەنمەيتتى. بۇ ئۈمۈتسىزلىك ۋە ئىشەنمەسلىكلەر مېنى چوڭقۇر بىر ھاڭغا ئىتتىرەتتى. ھىچبىر ئىشىمدىن نەتىجە كۈتمەيتىم..كەسىپ ،تىرىكچىلىككىمۇ قىزىقمايتىم چۈنكى كاللامدا ھامانەم ماڭا چىقىش يولى يوققۇ دەپ قارايتىم. يېشىم 35 لەرگە كەلدى.ئۆيۈم يوق،تۈزۈك كەسپى قىزغىنلىقىم يوق.پەقەت كۈنلا ئۆتكۈزۈش بار .ئاھ قايناق ھايات ،ئاھ ئارزۇلار،ئاھ ئۈمۈت سەن نەدە؟ قايسىدۇر بىر يىلى تۇرمۇشۇمدا پەرىدە ساقچى پەيدا بولدى، ئۇ دەسلەپتە جىددى كېيىن مۇلايىم ھالەتتە ئۆزىنىڭ ماڭا مەسئول ساقچى ئىكەنلىگىنى ئېيتتى.شۇندىن باشلاپ بىزنى كۆرۈشۈمىز ،پىكىرلىشىشمىز باشلاندى. ئۇ ھەر قېتىم ماڭا ناھايىتى يېڭىملىق تەللەپپۇزدا ئىشخانىسىغا كېلىپ سۆھبەتلىشىپ كېتىشىگە تەكلىپ قىلاتتى.ئىللىق چىراي،ئىسسىق چاي،ئازادە ئىشخانا. يېقىملىق سۆھبەت دىلىرىمنى ئېرىتىشكە باشلىدى..بىرە ساقچىنى كۆرسەم ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۇچىدىغان مېنىڭدەك بىر ئاددەم ئاستا-ئاستا پەرىدە ساقچى بىلەن كۆرشكىم،مۇڭداشقىم كېلىدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى مەنمۇ بىر ئىنسانغۇ -ھە! مەنمۇ بىر ئىشىنىشكە،ئىللىق مۇئامىلىگە ئېرىششىم كېرەككۇ؟ مەن بۇنىڭغا ئېرىشتىم ماڭا پەرىدە ساقچى بەردى. ئۇ تىلېفۇن قىلغان ۋاقىتلاردا ئالدىراش بولۇپ قالسام، ئۇكام ئالدىراش بولۇپ قالسىڭىز ئىشلىرىڭىزنى تۈگۈتۈپ بولۇپ كېلىڭ..ھىچقىسى يوق دەيتتى، بۇ سەمىمىيەت،بۇ ئىشىنىش مېنى ئالەمچە خوشال قىلاتتى ..ئۇ داۋاملىق مېنى ماختاپ سىز بەك ئاڭلىق..مۇلايىم،ئەدەپلىك..بىز ئىككىمىز تىرىشىپ بىرلىكتە سىزنىڭ تارىخىڭىزنى تازلايلى..سىزمۇ ئەركىن -ئازادە يۈرۈڭ ئۇكام دەيتتى ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئۆپكەم ئۆرلۈپ يىغلىغىم كېلىپ كېتەتتى. ئۇ ئارلاشقانسېرى مېھرىبان،كۈيۈمچان، گۈزەل كۆرۈنۈپ كېتىپ باراتتى ...سىز تولۇمۇ گۈزەل پەرىدە ساقچى!!! 2012-يىلىغۇ دەيمەن ئۇ بىركۈنى ماڭا ئىنتايىن خوشال ھالدا..(ئەتىمالىم ئۇ مېنىڭدىنمۇ ئۆتە خوشال بولغان ئوخشايدۇ)مېنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ،نوقتىلىق نازارەت قىلدىغان كىشلەر قاتارىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىمدىن ئۇقتۇردى..مەن خوشاللىقىمدىن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم..ئاھ 10 يىل دەككە -دۈكىدە ئۆتكەن ھاياتىم! ئاھ ئەركىن ھاياتىم! شۇندىن باشلاپ ھاياتىم ئۆزگەردىن ..دۇنيا ماڭا تۇلىمۇ سۈيۈملۈك تۇيۇلىدىغان، ئۇزۇن ياشىغىم كېلىدىغان بولۇپ قالدىم..ھەم كىشلەرنىڭمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىنى ،بەخىتلىك بولىشىنى تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم..بۇ تىلەشنى ماڭا ئانا ساقچى پەرىدە خانىم ئۈگەتكەن ئىدى.. شۇندىن كېيىن مەن تىرىشىپ ئىشلىدىم ،ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئالدىم..ھاياتىم قاينام تاشقىنلىقا تولدى..ھەر بىر ئىشلار تولۇمۇ مەنىلىك بىلىنىشكە باشلىدى..ھاياتىمغا بۇ مەنانى مېنىڭ يېتەكچىم ،تەربىيىچىم پەرىدە ساقچى بەرگەن ئىدى.سىز ھەققى بىر ئانا پەرىدە ساقچى!!! ئويلاپ باقسام مەن پەرىدە ساقچىنى بىرە ۋاق تاماققىمۇ تەكلىپ قىلىپ باقماپتىمەن،بىرەر سوۋغىمۇ بېرىپ باقماپتىمەن،ئۇنداق قىلىشنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن..ئاھ بۇ خىيالارنى قىلىشقا پاكلىق ئۈلگىسى بولغا پەرىدە ساقچى پۇرسەتمۇ بەرمەپتۇ، تەمامۇ قىلماپتۇ.سىزگە ئالى ئېھتىرام پاكلىق ئۈلگۈسى پەرىدە ساقچى!!! پەرىدە ساقچى سىزنىڭ يېشىڭىز چوڭىيىپ قالدى، سىز پىنسىيەگە چىقىش ئالدىدا تۇرۋاتسىز..بىز ئەسلى سىزنىڭ تېخىمۇ ياش تۇرۇپ،تېخىمۇ ئۇزۇن ئىشلەپ....بىزگە ئوخشاش دىلى سۇنۇق،يول تاپالمايۋاتقانلارغا يول كۆرسىتىشىڭىزگە،ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىگە ئەمىنلىك ئاتا قىلىشىغا مۆھتاج ئىدۇق ئەمەسمۇ؟بىزنى ئويلىسىڭىز پەرىدە ساقچى مەڭگۈ پىنسىيەگە چىقماڭ..سىز ھەقىقەتەن خەلق ساقچىسى!!! بۇگۈن سەھەر ماڭا پەرىدە ساقچى تولىمۇ ھاياجانلىق تىلفۇن قىپتۇ..ئۇ ئۆزىنىڭ 2014-يىللىق ئەڭ گۈزەل ساقچى تاللاش مۇسابىقىسىغا قاتنىشش شەرپىگە تاللانغانلىقىنى ئېيتتى. پەرىدە ساقچى سىز مېنىڭ قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل ساقچىسىز، ئاللىقاچان سىز ئۇچراشقان ئاشۇ كىشلەر ،سىزنى بىلدىغان ئاشۇ كىشلەر ۋە مېنىڭ قەلبىمدە گۈزەللىك مۇنارىنى تىكلەپ بولغان!!!!
帕力丹。力提甫 http://topic.ts.cn/201412/zmjc/node_134546.htm يازغۇچى :تۇرپان شەھەر پىيازچىلار مەھەلىسىدىن ئابدۇللا تۇرسۇن(ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى ئۈرۈمچى پار-پور زاۋۇتى قوروسىدا) 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى يېزىلدى |
|