مېھرى-مۇھەببەت مىڭلىغان قەلىبلەرنى ئىللىتتى باتۇر تۇرسۇن ھۆكۈمران دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر. 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ‹‹مېھرى-مۇھەببەت ئاشار تاغ-داۋان، ساخاۋەت دىللارنى ئىللىتار ھامان›› تېمىسىدا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ‹‹شىنجاڭ 10يۈئەن مېھرىبانلىق فوندى›› ئاقسۇ شۆبىسىنىڭ ئەزالىرى، قىشنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇقىغا قارىماي، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ناھىيە(شەھەر)، يېزا-قىشلاقلاردىكى 16مەكتەپكە بېرىپ 1000قۇردىن ئارتۇق قىشلىق كىيىم-كېچەكلەرنى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ، ئۆز قۇلى بىلەن تارقىتىپ، سەبىيلەرنىڭ قەلبىگە ئىللىقلىق تاراتتى. بۇ يىل 12-ئايدا چىڭخەي يېڭىلىق يارىتىش گوروھى شىركىتى قاتارلىق 8كارخانا ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق كىيىنىش مەسىلىسىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئەتراپىدىكى ساخاۋەتچى كىشىلەرنى ھەركەتلەندۈرۈپ ئىئانە توپلاپ 110مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 1000يۈرۈش قىشلىق كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىپ، 8مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق توشۇش ھەققىنىمۇ ئۆزلىرى تۆلەپ، تېز سۈرئەتتە ئاقسۇغا يەتكۈزۈپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشتىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈۋېلىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىرەيلەن قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممە كىشى ياردەم بېرىدىغانلىقتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى، مىللەت ئىتتىپاقلىغىنىڭ دەۋرىمىزدىكى نامايەندىسىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ بەردى. بۇ قېتىمقى ساخاۋەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە ۋىلايەت ۋە شەھەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىرى ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، فوندىنىڭ ھەرقايسى مەكتەپلەر بىلەن بولغان ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشىغا ئاكتىپ كۈچ چىقاردى. بىز ‹‹شىنجاڭ 10يۈەن مېھرىبانلىق فوندى›› ئاقسۇ شۆبىسىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە ياردەمگە ئېرىشكەن بارلىق ئوقۇغۇچىلار، مىللەت ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى بىر ئۈلگە تىكلىگەن چىڭخەي يېڭىلىق يارىتىش گوروھىغا ۋە ياردەم بەرگەن قېرىنداش شىركەتلەرگە سەمىمىي رەخمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. شۇنداقلا جەمىيىتىمىزدىكى كەڭ ساخاۋەتچى كىشىلىرىمىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە يېقىندىن يار-يۆلەكتە بولۇپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىمىز ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىرى ساخاۋەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە.
‹‹شىنجاڭ 10يۈەن مېھرىبانلىق فوندى›› ئاقسۇ شۆبىسىدىكىلەر كۇچار ناھىيەسىدە.
ئاۋات ناھىيەسىدىكى پائالىيەتتىن بىر كۆرۈنۈش.
ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقيار يېزىسىدىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش.
|