غەرىپكە ساياھەتنىڭ شىنجاڭ نۇسخىسى-ۋەھشى قىزىق
تاڭسىڭ ۋە شاگىرتلىرى توققۇز يەردە توققۇز 81 خىل مۈشكۈلاتنى تاماملاپ ئاران تەستە تاتھاگاتا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىگە ھەقىقىي نومنى بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ…شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان قىزىقارلىق ئىشلار باشلىنىپتۇ…
تاتھاگاتا: بارماق دېسكا(优盘)ئالغاچ كەلدىڭلارمۇ؟ تاڭسىڭ ۋە شاگىرتلىرى: ……… تاتھاگاتا يەنە سوراپتۇ: ئۇنداقتا كۆچمە دېسكىچۇ(移动硬盘)؟ تاتھاگاتا: iPadبولسىمۇ بولىداۋا؟!… تاتھاگاتا ئۇھسىنغان ھالدا: ئۇنداقتا سىلەر ئەسلى كەلگەن يولۇڭلار بىلەن قايتىڭلار، مەن سىلەرگە QQدا يوللاپ بېرەي. تاڭسىڭ: ما ئىشنى… بالدۇرراق دېگەن بولساڭ سېنىڭ QQ رىڭنى قوشۇۋالساملا تۈگەيدىغان ئىشكەنتۇققۇ بۇ؟ ئادەمنى بىر ئۇزۇن يول ماڭدۇرۇپ، تازىمۇ بىر… تۆتەيلەن قايتاي دەپ تۇرىشىغا تاتھاگاتا يەنە سوراپتۇ: سىلەردە MP3 بارمۇ؟ تۆتەيلەن تەڭلا: ياق…دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. تاتھاگاتا ئەجەپلەنگەن ھالدا: ئۇنداقتا شۇنچە ئۇزۇن يولدا زېرىكمەي قانداق كەلدىڭلار؟ تۆتەيلەن بىر-بىرىگە قارىشىۋېتىپ: يول بويى جىن-ئالۋاستىلارنى ئۇرۇپ دەرىجە ئۆرلەپ(升级) كەلدۇققۇ؟! N خىل مۈشكۈلاتلاردىن كېيىن…
تاڭسىڭ قايتقاندىن كېيىن تاتھاگاتانىڭ QQسىنى قوشۇپ ھۆججەت قوبۇللاشنى باشلاپتۇ، بىر ئازدىن كېيىن تاتھاگاتادىن تېلېفون كەپتۇ. تاتھاگاتا: ۋەي، تاڭسىڭجانما؟ سىلەنىڭ تور تۆمۈر يولنىڭ 56K لىقىما؟ تاڭسىڭ: شۇنداق، ئۆتكەن يىلى تارتقان تورنى… تاتھاگاتا: سۈرئەت بەكلا ئاستا، بولدى، سىلەر يەنە بىر كېلىڭلا، بۇدا بارماق دېسكا ئەكىلىشنى ئۇنتۇماڭلا ماقما؟ شۇنىڭ بىلەن تاڭسىڭ تۆت شاگىرتىنى باشلاپ، توققۇز يەردە توققۇز 81 بىر خىل مۈشكۈلاتنى تاماملاپ يەنە بىر قېتىم تاتھاگاتا بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. تاتھاگاتا: بارماق دېسكا ئەكەلدىڭلىما؟ تاتھاگاتا: سىغىمى قانچىلىك؟ تاتھاگاتا: نوم بەك چوڭ، بارماق دېسكا كىچىك كەپ قالغۇدەك، بېرىپ 4G لىقتىن بىرنى ئەكىلىڭلا… شۇنىڭ بىلەن تاڭسىڭ تۆت شاگىرتىنى ئېلىپ قايتقاندىن كېيىن 红旗路 غا بىرىپ 1000Gلىق كۆچمە دېسكىدىن بىرنى ئېلىپ مېڭىپتۇ، خىيالىدا: ئاناڭنى، بۇدا قانچىلىك چوڭ نوم بولسىمۇ زادى ئەكىتىمىز!!! دەپ ئويلاپتۇ ۋە يەنە توققۇز يەردە توققۇز 81 خىل مۈشكۈلاتنى تاماملاپ تاتھاگاتانىڭ ھوزۇرىغا كەپتۇ.
تاتھاگاتا: سىلەر يەنە كەپسىلەرغۇ؟ تاڭسىڭ: ئۆزەڭ چوڭراق بارماق دېسكىدىن بىرنى ئېلىپ كەل دېمىدىڭمۇ؟ بىز 1000G لىق كۆچمە دېسكىدىن بىرنى ئەكەلدۇق. تاتھاگاتا: سىلەر قايتىپ بېرىپ QQنى ئېچىپ باقمىدىڭلاما؟ تاڭسىڭ: بىز قايتىپ بېرىپ ئۇدۇللا كومپيۇتېر بازىرىدىن كۆچمە دېسكا سېتىۋېلىپ يېنىپ كەلدۇققۇ؟ تاتھاگاتا ئۇلۇغ تىنىۋېتىپ: ھەممىڭ كالۋا نېمىلەكەنسەنغۇ؟ مەن QQ دا سىلەرگە سۆز قالدۇرۇپ قويغان، نومنى ئاللىبۇرۇن بىزنىڭ مۇلازىمېتىرغا چىقىرىپ قويدۇم، خالىغان ۋاقىتتا چۈشۈرىۋالساڭلار بولىۋېرەتتى… تاڭسىڭ تۆت شاگىرتىنى ئېلىپ قايتقاندىن كېيىن، تاتھاگاتانىڭ مۇلازىمېتىرىنى ئېچىپ چۈشۈرۈشكە باشلاپتۇ، چۈشۈرۈپ يېرىمىغا كەلگەندە ۋىروسخور ترويا(木马) باركەن دەپ چۈشۈرۈشكە يول قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تۆتەيلەن يەنە ھېلىقى 1000Gلىق دېسكىنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ ھەمدە كۆڭلىدە: ئاناڭنى، بۇرۇنلا بىلگەن بولساق كۆچۈرۈپلا كېلەركەنمىز، بۇدا زادى نېمىلا بولسۇن كۆچۈرۈپ كەلمىسەك ھېساب ئەمەس دەپ ئويلاپتۇ. توققۇز يەردە توققۇز 81 بىر خىل مۈشكۈلاتتىن كېيىن ئۇلار يەنە يۈزكۆرۈشۈپتۇ. تاتھاگاتا: سىلەر قەغەز ئەكەلدىڭلارمۇ؟ تاتھاگاتا يەنە: ھەي…بۇدا مۇلازىمېتىرغا ۋىرۇس يۇقۇپ توك يولى تاختىسى(主板) پۈتۈنلەي كۆيۈپ نوملارمۇ يوق بوپتۇ، شۇڭا سىلەريەنىلا بىر نۇسخا كۆچۈرىۋېلىپ كەتسەڭلا بولغۇدەك. تاڭسىڭ ۋە تۆت شاگىرتى بۇدا ئالدىنقى قېتىملىق تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ قەغەز ۋە بارماق دېسكىلارنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ، ھەمدە يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا QQ دا تاتھاگاتادىن ئوبدان سورىۋېلىپ مېڭىپتۇ. توققۇزيەردە توققۇز 81 بىر خىل مۈشكۈلاتتىن كېيىن ئۇلار يەنە تاتھاگاتا بىلەن كۆرۈشۈپتۇ.ھەر ئېھتىمالغا قارشى تاڭسىڭ ئاۋال گەپ باشلاپتۇ. تاڭسىڭ: ياغاچ ئاتنى تازىلاپ بولدۇڭلارمۇ؟ تاتھاگاتا: ياق، توردىن چۈشۈرگەن 360 تازا ياخشى چىقماي قالدى… تاڭسىڭ: ئۇنداقتا بىز كۆچۈرۈشنى باشلىساق بولىدىكەندە؟ تاڭسىڭ ۋە تۆت شاگىرتى 10 يىلغا يىقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ نومنى ئاخىرى كۆچۈرۈپ بوپتۇ ھەمدە تاتھاگاتا بىلەن خوشلاشقىلى بېرىپتۇ. تاڭسىڭ: بىز 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ نومنى تولۇق كۆچۈرۈپ بولدۇق، ئەمدى ئۇلۇغ تاڭ ئېلىگە قايتماقچى بولۇپ تۇرىۋاتىمىز. تاتھاگاتا: ……………….ھەقاسىڭنىڭ كاللىسى ئىشلەمدۇ يا؟ ياندىكى ئىشخانىدا دايىنجى، فۇيىنجى ھەممىسى تۇرسا ئىشلەتمەي نېمىش قىلىشتىڭ؟؟!!! |