تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 6724|ئىنكاس: 27

[نىيازى] مېنىڭ دادام بىر دۆلەت رەھبىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

ئەگەشكۈچى

179

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
25
مۇنبەر پۇلى
155
ئىشەنىچ
25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 23:43:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملەر بەيدۇ تورىدىن ئېلىندى.
گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى

دادام ئۇ بىر شوپۇر، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئۆزى ۋە ئۆزگىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ھوشيارلىق بىلەن رولنى چىڭ تۇتقان، ئۇزۇن مەزگىل ئولتۇرغانلىقتىن بەللىرى ئۇيۇغان چىدامچان شوپۇر.


دادام ئۇ بىر دېھقان، باش ئەتىيازدىن كەچ كۈزگىچە ئېتىزدىن كېلەلمەيدىغان، سۇ كېلىپ قالسا، كېچىلەپ سۇ كېچىپ، ئېتىز قىرىدا نان غاجايدىغان جاپاكەش دېھقان. دادام ئۇ بىر ناۋاي، تومۇز ئىسسىقتىمۇ، ئوت لاۋۇلداپ تۇرغان تونۇرغا باش تىقىپ، قاش-كىرپىكلىرى قۇيقىلانغان مېھنەتكەش ناۋاي.
دادام ئۇ بىر مالچى، ھەر كۈن ھەر تۈن تىلسىز ھايۋاناتلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، تىزىغىچە پوق-سۈيدۈككە كېچىپ، قىغ تازىلاپ، ھالال ياشايدىغان مالچى.

دادام ئۇ بىر ئوقۇتقۇچى، ئۆز پەرزەنتلىرىگە مېھرىنى تولۇق بېرىپ بولالماي، ئۆزگىلەرنىڭ بالىلىرىغا پۈتۈن مېھرىنى ئاتىغان، نەچچە ئون يىل بورا توزانىدا ياشىغان، ھاياتلىق يولىنىڭ مەشئىلى، مىننەتسىز تەر تۆككۈچى ئۇستاز.

دادام ئۇ بىر تۆمۈرچى، كۈچلۈك بىلەكلىرى بىلەن ئېغىر بازغاننى كۆتۈرۈپ، لىمنى سوقۇپ يىڭنە قىلالايدىغان، كۈچتۈڭگۈر تۆمۈرچى.


دادام ئۇ بىر تىجارەتچى، مەيلى ئۇششاق مەيلى چوڭ، سودا بولسىلا پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن، ھالال تىجارەت قىلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىۋاتقان سودىگەر.

دادام ئۇ بىر تىككۈچى، بىر پارچە رەختنى شۇ ئەپچىل جۈپ قوللىرى بىلەن كېسىپ- تىكىپ، بەدەنگە بەدەن چۈشۈرۈپ، يارىشىملىق لىباسلارنى تىكىپ چىققان قولى گۈل تىككۈچى.


دادام ئۇ بىر ياللانما ئىشچى، كىمنىڭ ئۆيىدە قىلغۇدەك ئىش باركىن دەپ، شۇ كوچا دوقمۇشىدا ئىش كۈتۈپ، پۇزۇر كىيىنگەن كىشىلەرگە قاراپ ھەۋەس بىلەن ئولتۇرۇپ كەتكەن، بايلار ئۆيىنىڭ ئەۋرەز يوللىرىنى تازىلاپ، بىر پىيالە سوغۇق سۇمۇ ئىچەلمەي قالغان ئىشچى.

دادام ئۇ بىر تازىلىق ئىشچىسى، كوچىلاردا تاشلانغان قەغەز پارچىسىدىن تارتىپ، مەستلەرنىڭ چوڭ-كىچىك تەرەتلىرىگىچە، كۈزدىكى غازاڭدىن، مەدەنىيەتسىز كىشىلەرنىڭ تۈكۈرۈكلىرىگىچە تازىلايدىغان، قەھرىتان قىشلاردا سوغۇققا ۋە بىخەتەرلىكىگە قىلچە ئېتىبار بەرمەستىن، يولدىكى رېشاتكىلارنى يۇيىۋاتقان، يازدىكى تومۇز ئىسسىقلاردا، ئاپتاپتىن پاناھلىنىپ، دەرەخ سايىسىدا ئولتۇرۇپلا مۈگدەپ قېلىۋاتقان، قاق سەھەر تۈگۈل يېرىم كېچىدىلا چىقىپ، كوچىلارنى سۈپۈرۈپ تازىلاۋاتقان ئەزىز مېھنەتكەش تازىلىقچى.

دادام ئۇ بىر ئامانلىق قوغدىغۇچى، بىر پۈتۈن ئىدارە ياكى چوڭ سودا ساراينىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدىغان، باشقىلارنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقى ۋە ياكى ھاقارەتلىك تىل تەگكۈزۈشلىرى بىلەن پەرۋاسىز ھالدا، ئۆز خىزمىتىنى سۆيۈپ قىلىۋاتقان ئامانلىق قوغدىغۇچى.

دادام ئۇ بىر باققال، بىر يىل ئەجىر قىلىپ، ئۆستۈرگەن مېۋىلىرىنى سېۋەتلەپ، ياكى قۇربى يەتسە ھارۋا ئىتتىرىپ، يېزا شەھەر بازارلىرىدا قېچىپ يۈرۈپ، ئون كويغا ئۈچ كىلو دەپ توۋلاپ سېتىۋاتقان باققال. شۇ مېۋىلىرىنى سېتىپ، ئالىي مەكتەپكە ماڭماقچى بولغان پەرزەنتىگە ئاتاپ پۇل يىغماقچى ۋە ياكى كېسەلچان ئايالىنى دوختۇرغا كۆرسەتمەكچى.
مېنىڭ دادام بىر قاسساپ، ھەر كۈنى قوي كالىلارنى سويۇپ تۇرغاچقا، كىيىملىرىدە قان ئۇيۇپ قالغان، يېنىدىن ئۆتكەن ئادەم قوللىرى بىلەن بۇرۇنلىرىنى ئېتىشقان، پۇراپ قالاي دېگەن گۆشلەرنى تاشلىۋېتىشكە قىيماي، ئۆزى يېگەن قاسساپ.


مېنىڭ دادام بىر ئاشپەز، ئاشخانىمۇ ئاشخانا، رېستۇرانمۇ رېستۇران شۇ مېھمانلارنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ھاجىتىدىن چىقىش ئۈچۈن، ماي ۋە بۇستا تۇرۇپ، ئېسىل نازۇ نېمەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن قولى تەملىك ئاشپەز.

مېنىڭ دادام بىر رېمونتچى، مەيلى توك مەيلى سۇ، ۋە ياكى مەن ماشىنا-ئېلىكتىر سايمانلىرى بولسۇن، شۇ ئەپچىل قولىدا ماڭمىغاننى ماڭدۇرۇپ، سايرىمىغاننى سايرىتىپ، يانمىغاننى ياندۇرغان توكچى، سۇچى رېمونتچى.

مېنىڭ دادام بىر ھۆكۈمەت كادىرى، ھەركىم دەيدۇ، ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ كۈنى ياخشى دەپ. ئەمما ھەركىم ئۆز دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ، جىسمانىي ئەمگەكتىنمۇ ئەقلى ئەمگەك كىشىنى بەكرەك چارچىتىدۇ. ئاي بېشىنى ئاي ئاخىرىغا ئۇلاشتۇرالماي، كېچىلەپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقان جاپاكەش ھۆكۈمەت خادىمى.

مېنىڭ دادام بىر ساقچى، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ، ئۆز جېنىنى ئالقىنىغىمۇ ئالالماي، قانچىلىك ياشايدىغانلىقىغىمۇ كاپالەت بېرەلمەيدىغان، ئائىلىسىگە ئايلاپ قايتالمايدىغان، شۇنچە جاپا تارتسىمۇ پۇقرالار تەرىپىدىن ئىت دەپ ھاقارەت قىلىنغان ئەڭ سۆيۈملۈك ساقچى.

مېنىڭ دادام بىر دوختۇر، بىمارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەممىدىن ئەۋزەل بىلىپ، ئۆز تېنى ۋە ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلەلمىگەن، ئوپراتسىيە دېسە، كۈن بويى تاماقسىز قالغان، مەسئۇلىيەتچان دوختۇر.

دادىڭىزنىڭ ئۇخلايدىغان جايىنى كۆرۈپ بېقىڭ، بىرەر كېچە يېتىپ بېقىڭ، بەدەنلىرىڭىزگە شۇ قاتتىق پەنلەر پاتامدىكىن؟
دادىڭىزنىڭ يېگەن نانلىرىنى يەپ بېقىڭ، شۇنچە مەزمۇت چىشلىرىڭىز شۇ نانلارنى سۇندۇرالامدىكىن؟
دادىڭىز كىيگەن شۇ كىيىملەرنى كىيىپ، سوغۇقتا بەش مىنۇت تۇرۇپ بېقىڭ، سوغۇقلارنى ئۆتكۈزەلمەمدىكىن؟

بازارغا بىللە چىقسا، چارچىسىلا ئۇدۇل كەلگەن يەردە ئولتۇرىۋالسا نومۇس قىلىۋاتامسىز؟
ئون مىنۇتتا بىر ھاجەتخانا ئىزدەپ يۈرسە نومۇس قىلىۋاتامسىز؟
ئەجىبا دادىڭىزنى ۋاقتى قەرەلىدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ باقتىڭىزمۇ؟
دادام ئۇ دۆلەت رەھبىرىدەك ئالدىراش، دۆلەت رەھبىرىدەك جاپاكەش، شۇڭا مەن دادامنى بىزنىڭ ئائىلىنىڭ رەھبىرى دەپ سانايمەن.
دادىڭىز نېمىلا كەسپنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلماڭ. ئۆزىڭىزدىن نومۇس قىلىڭ، شۇنچە ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ، كەسپىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ، دادىڭىزنى باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلالمىغىنىڭىزدىن نومۇس قىلىڭ!


بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

25

تېما

28

ئەگەشكۈچى

6618

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2336
مۇنبەر پۇلى
3687
ئىشەنىچ
2336
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 12:21:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلارغا نىسبەتەن چوڭقۇر تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە ياخشى تىما ئىكەن، بىراق،
بەزىلىرىدە سۈرەت بىلەن يېزىق ماسلاشماي قالغاندەك تۇرىدۇ.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

302

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
78
مۇنبەر پۇلى
224
ئىشەنىچ
78
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 15:43:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم سۈرەتلەرنى ئالمىغاندا ناھايىتى ياخشى كىرىشتۈرۈلگەن ئەسەر بوپتۇ. مۇبارەك بولسۇن

4

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1832

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
258
مۇنبەر پۇلى
1568
ئىشەنىچ
258
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 11:37:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى، رەھمەت سىزگە ، دادىلىرىمىز ھەقىقىتەن دولەت رەھبىرى بۇلۇپلا قالماي ، جاھاننىڭ مەزمۇت تۈۋرۈكلىرىدۇر !

5

تېما

1

ئەگەشكۈچى

2018

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
897
مۇنبەر پۇلى
1106
ئىشەنىچ
897
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 18:44:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن

12

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1334

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
532
مۇنبەر پۇلى
798
ئىشەنىچ
532
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 12:35:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ دادام  بىر شوپۇر ،
ھۇشيارلىق بىلەن رول تۇتقان .
مېنىڭ دادام بىر دېھقان ،
ھەممىگە كۈيۈپ پىشقان ،
ئەجىر، مېھنىتى بىلەن ،
يېزا-بازارنى باققان .


مېنىڭ دادام......................

54

تېما

16

ئەگەشكۈچى

4375

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1500
مۇنبەر پۇلى
2497
ئىشەنىچ
1500
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 19:13:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ

1

تېما

3

ئەگەشكۈچى

987

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
262
مۇنبەر پۇلى
625
ئىشەنىچ
262
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 12:34:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەربىيىۋى ئەمىيىتى بار تېما يوللاپسىز بىرمۇ بىر ئوقۇپ چىقتىم  رەھمەت سىزگە

255

تېما

8

ئەگەشكۈچى

5069

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئەلى 2012
تۆھپە
1563
مۇنبەر پۇلى
2749
ئىشەنىچ
1563
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 13:52:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

47

تېما

20

ئەگەشكۈچى

3175

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1274
مۇنبەر پۇلى
1717
ئىشەنىچ
1274
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 20:45:25يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ دادام بىر دېھقان
كېچە كۈندۈز جاپاكەش.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:31, Processed in 0.116847 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش