دەھشەت يۇمۇر-ئەمما يۇرتۋازلىق ئەمەس ھە!
بىر كۈنى غۇلجىلىق، قەشقەرلىق، ئاقسۇلۇق ئۈچ ئادەم پاراخوتقا چىقىپ دېڭىزغا سەپەر قىلىپتۇ، قاتتىق دېڭىز بورىنى چىقىپ، پاراخوت پاچاقلىنىپ كېتىپتۇ، بۇ ئۈچى ئۈچ تال شالغا چىقىۋېلىپ لەيلەپ يۈرۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن بىر ئارالغا چىقىپ قاپتۇ، ئارالغا چىقىپ قارىسا نۇرغۇن بۆرە تۇرغۇدەك، ئۇ بۆرىنىڭ كەينىدە تەختتە بىر پادىشاھ ئولتۇرغۇدەك، بۇ ئۈچ ئادەم پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ: «بىزگە ھاياتلىق يولى بەرسىڭىز» دەپ ئۆتۈنۈپتۇ، پادىشاھ: «مېنىڭ كەينىمدىكى قۇيۇق ئورمانلىقتا ھەر خىل ھەر تۈرلۈك مېۋىلەر بار، ھەر بىرىڭلار ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان مېۋىدىن 10 تالدىن ئەپ چىقىڭلار» دەپتۇ، بىر دەمدىن كېيىن ھېلىقى غۇلجىلىق پىشقان 10 تال ئالما ئېلىپ چىقىپتۇ، پادىشاھ ئۇنىڭغا: «ئۇ 10 تال ئالمىنى ئاۋاز چىقارماي يەيسەن ، ئاندىن سېنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىمەن» دەپتۇ، غۇلجىلىق ئادەم ئالمىدىن 9 نى يەپ بولۇپ 10 - سىنى يەپ بولالماي ئىنجىقلاپتىكەن، پادىشاھ بۇ ئامىرىكىلىقنى شۇ زامان بۆرىگە تالىتىۋېتىپتۇ، قەشقەرلىق بولسا 10 تال بۆلجۈرگەن تېرىپ چىقىپتۇ، قەشقەرلىق ئادەم بۆلجۈرگەننىڭ 9 - چىسىنى يەۋەتقاندا «ھى» دەپ كۈلۈپ ساپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ قەشقەرلىقنىمۇ بۆرىگە تالىتىۋېپتۇ. ئۇ دۇنيادا بۇ ئىككىسى ئۇچرىشىپ قاپتۇ،غۇلجىلىق ئادەم قەشقەرلىقتىن سوراپتىغۇ: «مەنغۇ 10ئالمىنى يەپ ئۆلدۈم، سەن 10 تال بۆلجۈرگەننىمۇ يەپ بولالمىدىڭما» دەپتۇ، قەشقەرلىق ئادەم: «مەن شۇنداق 9 - تال بۆلجۈرگەننى يەۋېتىپ قارىسام ھېلىقى ئاقسۇلۇق 10 تال كاۋىنى بىر ھارۋىغا بېسىپ كېلىۋىتىپتىكەن، شۇڭا كۈلۈپ سالدىم» دېگۈدەك... مەنبە:توغرق تورى |