تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1505|ئىنكاس: 5

مەخەت ئابدۇرېھىم:تۈلكىنىڭ تەتۈر تەخسىماتى(سۆز ئويونى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

4

ئەگەشكۈچى

2075

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخەت ئابدۇرىھىم
تۆھپە
871
مۇنبەر پۇلى
1139
ئىشەنىچ
871
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 00:28:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                              تۈلكىنىڭ تەتۈر تەخسىماتى
                                                             (سۆز ئوينى)

                                                            مەخەت ئابدۇرېھىم
      
    تەبىئەتكە تەئەللۇق تەبىئى تۇپراقتىن تۈگۈمەس تەڭگە-تىللا توپلاپ،تۆمۆر توڭلاتقۇدا توڭلۇتۇپ تۇغۇلمىغان تۇققانلىرىغا توننا-توننىلاپ تارقىتىدىغان تاپاۋەت تەشكىلاتىنىڭ تاماخور،تەتۈر تاناسىپلىق تەخسىماتچىسى تەدان تۈلكە،تەبىئەتنىڭ تىلسىمات تەرەققىيات تەركىبىنى تەكشۈرۈشكە تەجىرىبىلىك تەتقىقاتچىلاردىن تۆتنى تاللاپ،تاپاۋەت تەشكىلاتىغا تىزىملىتىپ،تەتقىقاتچىلار تەكشۈرىدىغان تىمىلارنى تۈنۈگۈن تۇراقلاشتۇرۇپ تەتقىقاتچىلارغا تەخسىملىگەن.
        تۈلكىنىڭ تەستىق تامغىسىدىكى تەكشۈرۈشكە تەيىنلەنگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ تەرجىمھالىنى،تەتقىقاتچىلار تەكشۈرىدىغان تىمىلارنىڭ تەپسىلاتىنى،تەكشۈرۈش تەرتىۋىنىڭ تەلەپلىرىنى تەلەپچان تورداشلارغا تۆۋەندىكى تەرتىپ تاختىسىدا تونۇشتۇرىمەن.
         تۇپراقنى تەكشۈرۈپ تەجىرىبە توپلاشقا تەيىنلەنگەن تۆت تەتقىقاتچىنىڭ تەرجىھالى؛
          تاختاي تاپانلىق تۆگە؛-تۆگە تىزلىرىنى توپىغا تەككۈزۈپ تىك توختايدىغان،تۇمشۇقىدىن تاياقنىڭ توملىقىدا تۆشۈك تىشىپ،تومراق تانىدا تۇققانلىرىغا تەتۈر تۇتاشتۇرۇپ،توغاينىڭ تىرىسىدە توقام توقوپ،توقامنىڭ تۆپىسگە تاغار-تاغارلارنى تېڭېپ تەرتىپلىك توشۇشقا تەشكىللىسە تەمتىرەپ تۇرماي، توختاپ تۇرۋالماي تاغدىن تاققا تەرتىپلىك توشۇيالايدىغان تالانتلىق ترانسېپورت تەتقىقاتچىسى.
        تۆگىگە تەخسىملەنگەن تىما؛تەتقىقاتچىلار توپلىغان تەپسىلاتلارنى تاپاۋەت تەشكىلاتىدىكى تۈلكىنىڭ تۆمۆر توڭلاتقۇسىغا تاپىنىنى تۇپراققا تەككۈزمەي توشۇش.تەلەپ؛تىرەك توغراقلارنى توغرىماي،تاش-توقماق،توپا-تۇمانلارنى تاسقىماي،توخۇ-توشقانلارنى توڭدۇتماي،تۇخۇم تاۋۇزلارنى تېرىقتەك توغراپ تەرەكتۇرنىڭ توچىيگە تۆپە-تۆپىلەپ توپلاپ تەۋرەتمەي توشۇش.
         تەرىسا تىمساق؛-تىمساق، توپىسىز تەكشىلىكتە تەتۈر تىنىپ تۇرالايدىغان،تۇمشىقى تەڭلىدەك،تىلى تاسمىدەك،تىرىسى تۆمۈر تاغاقتەك،تاپىنىنى تۇپراققا تەككۈزمەي تەڭلىدەك تاسقىلىپ تۇرالايدىغان تارىخى تەتقىقاتچى.
        تىمساققا تەخسىملەنگەن تىما؛تاغلارنىڭ تۆپىدە تۇرۇپ تاغلاردىن تەبىئەتكە تارقىلىۋاتقان تۈتەك-تۇمانلارنى تىلىدا توساپ تاغنىڭ تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەپ تۇراقلاشتۇرۇش.تەلەپ؛تاغنىڭ تىمپىراتۇرسىنى تەتۈر تىنىپ تەڭشەپ تۇرۇش.
       تۆمۈر تۇمشۇق توك توخۇسى؛-توك توخۇسى توكنىڭ تەسىرىدە تېرىقتەك تۇخۇمنى تەستە تۇغۇپ،تاغنى تۇققاندەك تامنىڭ تۆپىسىدە تۇرىۋىلىپ توختىماي تاققا-تۇققا توۋلاپ،تولغاق تۇتماي تۇيۇقسىزلا تۇققانلىقىنى تىلۋۇزۇر-تىلف
ۇنلارغا تايانماي تارقىتالايدىغان،تاۋۇش تەرەققىياتىنىڭ تەتقىقاتچىسى.
       توك توخۇسىغا تەخسىملەنگەن تىما؛توك توخۇسى تۇخۇمنى توغراپ تاتلىق تاماق تەييارلاپ تەتقىقاتچىلارنى تەمىللەش.تەلەپ؛تۇققان تۇخۇملىرىنى توڭلاتقۇنىڭ تۆۋەن تىمپىراتۇرلۇق تونۇرىدا تاۋلاپ، تەمىنى تاڭسىق تەڭشەپ،تەتقىقاتچىلارنى تولوقتويۇندۇرۇش.تۇخۇمنىڭ تىلىپىنىمۇ تاشلىۋەتمەي تاغنىڭ تۆپىسگە توپلاش.
      تىلى تاتلىق تۇمۇچۇق؛-تۇمۇچۇق،تەقى-تۇرىقى تويغا تەييارلانغان توغاينىڭ تۇمشىقىدەك،تىرناقتا توختاتسا تىك توختايدىغان، تاتلىق تاۋۇشلارنى تارقىتىپ تەبىئەتنى تەسرلەندۈرەلەيدىغان تۇز تەملىك تېتىتقۇ تەتقىقاتچىسى.
      تۇمچۇققا تەخسىملەنگەن تىما؛-تەتقىقات تىمىللىرىنى تەتقىقاتچىلارغا تەپسىلى تونۇشتۇرۇش،تەلەپ،تىلىنى تىم تۇتۇش،تىلفۇن-تىلۋۇزۇرغا تايانماسلىق،تەتقىقاتنىڭ تەپسىلاتلىرىنى تەمبۇرنىڭ تارىسىدەك تۈزلەپ،تېرىقنى تاغدەك،توشقاننى توپاقتەك،تۈگمىنى
تۆگىدەك،تۇماقنى توغراقتەك تونۇشتۇرۇپ تاماششىبىنلارنى،تورداشلارنى تەسىرلەندۈرۈش.
    تارىختىكى تەتقىقاتتا تەجىرىبىللىرى تەڭداشسىز تۆت تەتقىقاتچى،تۈلكىنىڭ تەخسىملىگەن تىم
ىللىرىنى تاپشۇرۋىلىپ،تىمىلارنى تەكشۈرۈشتىكى تونۇشىنى تۇراقلاشتۇرالمىدى،تىمىلارنى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەپەككۇرى تونۇماي تۇرۇۋالدى،تەتقىقات تمپىراتۇرسى تۇراقسىزلىشىپ،تۇرۇپلا توڭۇپ تىتىرگەندەك،تۇرۇپلا تونۇردا تۇرغاندەك تۇمانلىق تەپەككۇرنى تۇغدۇردى.
     تەتقىقاتچىلار تۈلكىنىڭ تەخسىمات تارازىسىنى تەكشۈرۈپ،تۈلكىنىڭ تارىختىكى تەخسىماتىمۇ،تۈنۈگۈنكى تەخسىماتىمۇ   تۈلكىنىڭ  تەتۈر تاناسىپلىق تەتۈر تەخسىماتلىقنى تونوپ، تەخسىمات تارازىسىدا تەستىقلاپ تۇراقلاشتۇردى.
     تورداشلار،تەدان تۈلكىنىڭ تۇپراقنى تەكشۈرۈشكە تەيىنلىگەن تەتقىاتچىلارنىڭ تەرجىمھالىنى،تەكشۈرۈلىدىغان تىمىلارنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ،تەرتىپلىك تەھرىلەپ توردىن تورغا تارقىتىشىڭلارغا تولىمۇ تەشنالىق تەبەسسۇمىدا تۇرماقتىمەن.

                                           مەخەت ئابدۇرېھىم.

2

تېما

1

ئەگەشكۈچى

224

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
40
مۇنبەر پۇلى
180
ئىشەنىچ
40
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 19:39:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس تىل ئۇستىسىكەنسىز مەخەتكا تېخىىمۇ تىرىشىڭ

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

179

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

真实姓名
سەردار
تۆھپە
53
مۇنبەر پۇلى
127
ئىشەنىچ
53
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 00:40:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈلكىنىڭ تەتۈر تەخسىماتى ...قىزىقارلىق سۆز ئويۇنىكەن ......تەشەككۈر .

146

تېما

41

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3907
مۇنبەر پۇلى
5248
ئىشەنىچ
3907
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 13:34:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى تېمىكەن.

12

تېما

6

ئەگەشكۈچى

2500

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1159
مۇنبەر پۇلى
1330
ئىشەنىچ
1159
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 14:55:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلكىنىڭ تىرىسىدە تۇماق تەلپەكنى ،
تىكىشكە تەمشەلدى تۇماقچى توختى .
تاۋارلار تاللىنىپ تىزىلدى توپقا ،
تاللاشقا تۇماقنى توردى تۇرۋالدى .

49

تېما

21

ئەگەشكۈچى

3463

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1410
مۇنبەر پۇلى
1867
ئىشەنىچ
1410
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 14:14:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەۋرانى يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 14:55
تۇلكىنىڭ تىرىسىدە تۇماق تەلپەكنى ،
تىكىشكە تەمشەلدى ت ...

تاللاشقا تۇماقنى توردى تۇرۋالدى .....

باشقا مىسرالىرى كەلگەن بولسىمۇ، ماۋۇ مىسراسى پەقەتلا كەلمەپتۇ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver | يانفون نۇسخىسى | تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-8-12 03:04 , Processed in 0.121069 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.