ئازغان چېچىكى
(پوۋېست)
تۇرادىن ئابدۇرېھىم تاجىدار
1
قۇمغا تۇخۇم قويسا پىشقىدەك تومۇز ئايلىرىنىڭ چىڭقى چۈش ۋاقتى. چۆرىسىى ئادەم چۆكۈرگۈدەك ئېگىز قومۇشلۇقنىڭ ئوتتۇرسىدىكى خاماندا يالغۇز ئولتۇرۇپ زېرىككەن ئاسىيگۈل، قولىدىكى ژورنالنى سايىۋەن قىلىپ،مەھەللە يولىغا قارىغىنىچە قومۇشلۇقتىن چىقىپ،ئېتىز يولىغا كەلدى.ئىسسىق شۇنچىلىك يامان ئىدىكى،گويا ئادەم پارنىكنىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك دېمى سىقىلىپ،تىنغىلى بولمايتتى.شۇ تاپتا مەھەللە تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىرەر ئادەمنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.ئۇنىڭ قورسىقى كوكىراۋاتقىلى نەۋاخ.ئەتىگەن خاماننىڭ يېنىدىكى كېۋەزلىكتىن ئۈزگەن توڭ سويما بىلەن يېرىم ناننى يىگەنچە.مانا كۈن چۈش بولدى.ئانىسىنىڭ ئېشىدىن خەۋەرمۇ يوق."تاماق ئەتمەي نىمىش قىلدىكى بۇ ئانام." ئاسىيگۈل خۇددى قىزىل گۈلنىڭ بەرگىنى چاپلاپ قويغاندەك كۆرۈنىدىغان ئاغزىنى ئوماققىنە پۈرۈشتۈرۈپ، تەردىن ھۆل بولۇپ بەدىنىگە چاپلىشىپ كەتكەن قىزىل گىرىپ كۆينىگىنىڭ ئېتىكى بىلەن ئۆزىنى يەلپۈگەچ،نېرىراقتىكى دوڭغاق جىگدىنىڭ سايىسىغا كەلدى. "ھەممىنى قىلغان مۇشۇ دادام"دەيتتى ئۇ،ئۆز-ئۆزىگە رەنجىپ."ھەممە ئادەم خاماننى پۇل بىلەنلا ماشىنىدا ئالسا،< مەن شامالدا سورۇيمەن،بىزنىڭ مۇشۇ بەش مو بۇغداي يېرىمىزدىن باشقا يېرىمىز بولمىسا.نىمىش قىلىمىز خامان سورۇماي،> دەپ تەتۈرلۈك قىلىپ،مانا، ئىككى قېتىم يامغۇردا قالدى.شامال دېگەندىنغۇ ئەسەرمۇ يوق.باشقىلار يېڭى بۇغداينىڭ لەڭمىنىنى يەپ كېكىرىپ بولغىلىمۇ ئىككى ھەپتە بولغاندۇ.بىز تېخىچە خامان بېقىپ يۈرىمىز." ئاسىيگۈل بىر دەم بولسىمۇ قورسىقىنىڭ ئاچلىقىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن قولىدىكى ژورنالنى ۋاراقلاشقا باشلىدى.چۈنكى ئۇ كىتاپنى كۆرسە ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ قالاتتى. ※※※※※ خامان كېيىن قالسىمىغۇ مەيلىتى،بۇلتۇر تۈگمەنگە ئۆتكۈزۈپ قويغان بۇغداي تېخى تۈگىمىگەندىكىن.ھەممىدىن يامىنى، بۇيىل تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئائىلىسىگە قايتقىلى ئەمدىلا ئىككى ھەپتە بولغان ئاسىيگۈلگە خامان بېقىش بەك ئېغىر كەلدى.دادىسى كەچتە شامدىن يېنىپ كېلىدۇ.كېچىچە يېتىپلا ئەتىگىنى بامدات بىلەن تەڭ يەنە ماڭىدۇ. دادىسى ماڭىدىغان ۋاقىتقىچە ئاسىيگۈل چوقۇم خامانغا بېرىپ بولۇشى كېرەك.ئانىسى ئۇكىلىرىغا بىردىن ناننى تۇتقۇزۇپ قويۇپلا،ئېغىلدىكى بارى يوق ئالتە قوي،بىر ئېشەككە ئوت ئېلىش ئۈچۈن ئېتىزلىققا ماڭىدۇ. ئۇلارنىڭ يېرى جىق بولمىغاندىكىن،ئوت ئالمىقىمۇ تەس.بۇ دېھقان خەخ دېگەنمۇ قىززىق.زىرائەتلىرىنى ئوت بېسىپ كەتسە مەيلىكى،باشقىلار ئوتلىرىنى يۇلۇپ پاكىزلەپ قويسا:بىزنىڭ ئۆيدىمۇ ئوت يەيدىغان ئۇلاق بارتى،ئوتنى ئۆزىمىز ئالىمىز،دەپ ئالغىلى قويمايدۇ.شۇڭا ئۇلار مەھەللە بويىچە بىرلا ئائىلىنىڭ،يەنى مەھەللىنىڭ بېيى ھېساپلانغان نامان ياغچىنىڭ ئېتىزىدىنلا ئوت ئالالايتتى.چۈنكى ئايۇپ كاساڭ بىلەن سەيلىخاننىڭ بەش مو ئوزۇقلۇق يېرىدىن باشقا يېرى بولمىغاچقا،ئۇلار بۇ يەرگە بۇغداي تېرىۋېتىپلا،ياز بويى نامان ياغچىنىڭ ئېتىز ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ. سەيلىخاننىڭ مەھەللىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش يېرى ئاز ياكى يېرى يوق قىز- ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىسى بار.دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش ۋاقتىدا شۇلارنى باشلاپ چىقىپ نەچچە كۈندىلا ئىش دېگەننىڭ جېنىنى چىقىرۋېتىدۇ.ئارسال ۋاقىتلاردا ئۆزى يالغۇز چىقىدۇ.نامان ياغچىمۇ پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي بېرىدۇ.شۇڭا باشقىلار بۇ ئائىلىنىڭ ئېتىزلىقىغا ئىشقا چىقىشقا ئامراق.يەرنى ئاغدۇرغاندىن باشلاپ،تاكى 100 مو يەرنىڭ كېۋىزىنى تېرىپ بىكار بولغىچە قانداق ۋاقىتتا چاقىرسا دەرھال چىقىدۇ.كېۋەزنىڭ ئىشى تۈگىسە قوغۇن- تاۋۇز،سەي- كۆكتاتنىڭ ئىشى چىقىدۇ. ئىشقىلىپ ئايۇپ كاساڭ بىلەن سەيلىخان ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق كىرىمى مۇشۇ نامان ياغچىنىڭ ئېتىزىدا ئىشلىگەن ھەققىدىن كېلىدۇ.نامان ياغچىنىڭ ئايالى جەننەتخان كېسەلچان بولۇپ،باشقا بالىلىرى ناھىيىدە ۋە باشقا يېزىدا خىزمەتتە بولۇپ،بۇ ئائىلىدە نامان ياغچىدىن باشقا ئىش قىلىدىغان ئادەم يوق.پەقەت بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن كىچىك ئوغلى ئوسمانجانلا ئائىلىسىگە قايتقاندىن بېرى،دادىسىنىڭ قولىغا قول،پۇتىغا پۇت بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.باشقا بالىلىرىنىڭ ئېتىز بىلەن خوشى يوقلىقىغا ئوسمانجان يەرگە شۇنچىلىك ئامراق.تەڭتۈشلىرى ئويۇن-تاماشا بىلەن زېرىكىشلىرىنى تۈگەتسە، غوزىلىرىنى كۆتىرەلمەي ساڭگىلاپ كەتكەن كېۋەزلىك،قىرقىپ قويغاندەك تەكشى باش تارتىپ ئۆسۈۋاتقان بۇغدايلىق،قاپقارا ئىستەك قويۇق قوناقلىقلار ئوسمانجاننىڭ ئەڭ ياخشى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى. ئوسمانجان زېرىكىپ كەتسىلا موتسىكلىتنى مىنىپ ئېتىزلىققا بارىدۇ.ئۇنىڭ موتسىكلىتىنىڭ كەينىدە بىر كەتمەن داۋاملىق تېڭىقلىق تۇرىدۇ.بۇزۇلۇپ كەتكەن قىرلارنى ياساش،تىنىپ كەتكەن ئېرىقلارنى چېپىش،يىقىلىپ چۈشكەن قوناقلارنى يۆلەش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ،راسا بىر تەرلىسە،ئۇنىڭ ئىچ پۇشۇقى چىقىدۇ.باشقا ئاغىنىلىرى دىسكوخانىدا ئەسەبىيلەرچە سەكرەپ تەرلىسە،ئۇ ئېتىزلىقتا كەتمەن چېپىپ تەرلەيدۇ. ئوسمانجاننىڭ مۇشۇ مىجەزىنى نامان ياغچى بەك ياقتۇراتتى.<بالىلىرىمنىڭ خۇۋەينىسى مۇشۇ>،دەپ داڭلايتتى مەھەللىدىكىلەرگە.ئەسلى ئوسمانجاننى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىنلا چىقىرۋالماقچى بولۇشقان.ناھىيىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان چوڭ قىزى:بالىنىڭ كىچىكى تۇرسا،نىمىشقا ئوقۇتمايمىز،ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتىمىز دەپ تۇرۋېلىپ،ناھىيىگە كىرىپ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇدى.ئۇنىڭدىن باشقا بەش بالىنىڭ ھەممىسى خىزمەت قىلىدۇ. ئۆزىنىڭمىغۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغۇسى بار.خىزمەت قىلمىسىمۇ ئوقۇۋالسا مەيلىتى. لېكىن ئوسمانجاننىڭ خىيالى باشقىچە ئىدى: <باشقا ئاكا-ئاچىلىرىمنىڭ ئېتىز ئىشلىرى بىلەن كارى يوق.دادامنى يەر تېرىشتىن توسۇش ھەرگىز مۈمكىن ئەمەس.شۇنداق ئىكەن بەش يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ كەتسەم،دادام قانداق قىلىدۇ.نەچچە يىلنىڭياقىغۇ تەتىل، ،ھېيت-بايرام،شەنبە-يەكشەنبىلەردە كېلىپ،بەزىدە رۇخسەت سوراپ دېگىدەك ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈپ ماڭدىم.ئەمدى بولسىمۇ دادامنىڭ قولىدىن كەتمەننى ئېلىپ ئۇنىڭ يۈكىنى بىرئاز بولسىمۇ يەڭگىللەتمىسەم بولمايدۇ.دادام مۇشۇ جاپالارنى مېنى دەپ تارتىۋاتسا،بىلىمنى كىتاپ ئوقۇپمۇ ئالغىلى بولىدۇ.> ئوسمانجان بۇ خىيالىنى دادىسى بىلەن ئانىسىدىن باشقا ھېچكىمگە دېمەي يوشۇرۇپ كەلدى.ئۇلارمۇ كەنجى ئوغلىنىڭ بۇ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى ئوسمانجان سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئۇزاق مۇڭداشتى.ياش مۇئەللىممۇ ئاخىرى بۇ ئامراق ئوقۇغۇچىسىنىڭ تاللىشىغا قوشۇلدى.قانداق ئىشى بولسا ئۆزىنى ئىزدىشىنى،ئۈگىنىشنى توختىتىپ قويماسلىقنى،كىتاپ-ماتىريال بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشتى. نەچچە ھەپتىلەردىن كېيىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى چىققاندىلا ھەممىسى ئوسمانجاننىڭ ئىمتىھانغا قاتناشمىغانلىقىنى بىلىپ قاتتىق خاپا بولدى.ھېچقاچان ئاكا-ئاچىلىرىغا قاپاق كۆتۈرۈپ قارىمايدىغان بۇ مۇلايىم بالىنىڭ بۈگۈنكى ئەلپازىدىن ھەممىسى ھەيران قالدى.<ھەممە ئادەم كادىر بولۇۋالسا،يەرنى كىم تېرىيدۇ؟ سىلەر گەپنى يوغان قىلغىنىڭلار بىلەن،دادامغا ياردەملىشىشكە ۋاقتىڭلار چىقامدۇ؟.سىلەر دادامنى يەر تېرىما،دىيىشنىلا بىلىسىلەر. نىمىشقا دادامنىڭ كۆڭلى خالىغان ئىشىنى قىلغىلى قويمايسىلەر؟ سىلەرنى خىزمىتىڭنى تاشلاپ ئېتىزدا ئىشلە،دېسە ئۇنىمىغاندەك، دادمنىمۇ يەردىن ئايرىۋەتسەك ئۇنىمايدۇ.مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىساممۇ،ئېتىزدا ئىش قىلغاچ كىتاپ كۆرۈپ بىلىمىمنى تولۇقلىيالايمەن.مەندىن ئارتۇقچە غەم قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ> بۇ گەپنى ئاڭلىغان باشقىلار،تۇغۇلغاندىن تارتىپلا پەقەت يىغلىمايدىغان رايىش، گويا چوڭ ئادەمنى كىچىك قىلىپ قويغاندەكلا ئەدەپلىك چوڭ بولغان بۇ ئامراق ئىنىسىنىڭ گېپىگە قايىل بولۇپ، ھەممىسى ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىشقا قوشۇلدى. ※※※※※ __ئاچا، ئاش يەۋال. ژورنالدىكى ھېكايە ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن ئاسىيگۈل، يېنىدىلا چىققان ئاۋازدىن چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈردى. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان كىچىك ئىنىسى قولىدا كونا باش ياغلىققا چىگىلگەن كورىنى تۇتۇپ تۇراتتى. __نىمە تاماق ئەكەلدىڭ ئۇكام؟ تاماق كورىسىنى كۆرۈپ كۆزلىرى پارقىراپ كەتكەن ئاسىيگۈل ئىسسىقتىن قىزىرىپ،تەر كىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ تۇرغان يوغان كۆز ،چىلگە باش ئىنىسىنىڭ قولىدىن كورىنى ئېلىپ يەشكەچ سورىدى. __شوخلا چۆپ. __ۋاھ،ئەجەپ ياخشى.ئانام مېنىڭ ئامراق تامىقىمنى تېپىپ ئېتىپتۇ.ئۇكام، راست، سۇ ئالغاچ كەلمەپسەنغۇ؟ ئەتىگەنكى سۇ تۈگىگەن. __ئانام ماڭا ئاشنى ئەپ بېرىپ،ئۆزى نامانكاملارنىڭكىگە چىقىپ كەتتى. __بۈگۈن ئىش يوق دەۋاتمامتى؟ __باشقا ئىش يوقكەن، مېھمانلىرىغا قارىشىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ. ئاسىيگۈل كورىنى جىگدىنىڭ تۈۋىدىكى كونا پالاسنىڭ ئۈستىگە قويغاچ ، ئىنىسىنىڭ خورجۇندەك ساڭگىلاپ كەتكەن يانچۇقىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى. __ۋاي ئۇكام ، نىمە ئۇ يانچۇقۇڭدىكى؟ __ھە راست ئاچا، مەن ساڭا ئۈرۈك ئالغاچ كەلدىم. ئىنىسى شۇنداق دېگەچ ئاكىسىدىن قالغان كونا پادىچىلار شىمىنىڭ تومپىيىپ تۇرغان يانچۇقىدىن ساپ – سېرىق ئۈرۈكلەرنى ئېلىپ ئاچىسىغا تەڭلىدى. ئاسىيگۈل ئېتىكىنى ئېچىپ ئۈرۈكلەرنى ئالغاچ: ۋاي ئوماق ئۇكام، رەھمەت ساڭا دەپ ئۇكىسىنىڭ ئېڭىكىدىن ئەركىلىتىپ قويدى. يانچۇقلىرى بىكار بولغان بالا سەكرەپ – تاقلىغىنىچە مەھەللە تەرەپكە قاراپ چېپىپ كەتتى. دېھقانلار <مارجان شوخلا> دەپ ئاتايدىغان ئۇششاق يەرلىك شوخلا بىلەن توڭ سويمىدا قورۇلۇپ، چۆپىنى نېپىز يېيىپ ئەتكەن شوخلا چۆپكە ئاسىيگۈل قەۋەتلا ئامراق ئىدى.ئۆزىمۇ بۇ تاماقنى بەك ئوخشىتاتتى. تاماقنى يەپ بولۇپ قاچىسىنى ئېرىقتىكى لاي سۇغا چىلاپلا يۇيۇپ،خاماندىكى دادىسى ياساپ بەرگەن سايىۋەننىڭ تېگىدە ئولتۇرۇپ ئۈرۈك يەۋاتقان ئاسىيگۈل تۇيۇقسىز يىراقتىن گۈركىرەپ كېلىۋاتقان موتسىكلىتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى.ئاڭلىدىيۇ يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ سېلىشقا باشلىدى.موتسىكلىتنىڭ يېقىمسىز ئاۋازىدىنلا كىم ئىكەنلىگىنى بىلگەن ئاسىيگۈل ئورنىدىن تۇرۇپ يولغا چىققىچىلا قاپقارا چاچلىرى كەينىگە قايرىلغان،چىرايلىق كانىۋاي كۆينىگى شامالدا كۆپۈپ كەتكەن ئوسمانجان بوراندەك ئۇچۇپ ئاسىيگۈلنىڭ پۇتىنىڭ يېنىدىلا توختىدى. __ ھە قېرى موماي، يەنە خامان باققىلى تۇردۇقمۇ؟ ئوسمانجان داۋاملىق ئاسىيگۈلنى قېرى موماي،دەپ چاقچاق قىلاتتى.چۈنكى ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگىنىگە قارىماي، ئۆي تۇتۇش،تاماق ئېتىش، كىر- قات يۇيۇش، ھەتتا ئېتىز ئىشلىرىغىچە خۇددى قېرى ئاياللاردەك ئىدىتلىق ۋە پاكىز ئاسىيگۈلگە بۇ مەھەللىدە سۆزلىمەيدىغان ئادەم يوق.شۇڭا ئوسمانجانمۇ ئۇنى كۆسىلا شۇنداق دەپ تېرىكتۈرەتتى. __ھە بوۋاق بالا،بىزنىڭ ئۆيدە ئەڭ قېرىسى مەن تۇرسام،مەن باقمىسام كىم باقىدۇ خاماننى؟ ئىككىسى كۈلۈشكىنىچە يول ياقىسىدىكى قېرى سۆگەتنىڭ سايىسىغا كەلدى. __نەگە ماڭدىڭىز بۇ ئىسسىقتا دىۋىدەك ئۇچۇپ؟ ئاسىيگۈل موتسىكلىتتىنمۇ چۈشمەي ئۆزىگە قادىلىپ قاراپ تۇرغان ئوسمانجاندىن سورىدى. __ئاخشام ئۈزۈپ پىلەككە يۆگەپ قويغان قوغۇنلارنى ئەكىلەي دەپ قوغۇنلۇققا ماڭدىم. موتسىكلىتنى ئەتىگەن ئايۇپكام يېزىغا ئەكەتكەنچە ئەمدى كەلدى. __ دادام نىمىشقا باردى يېزىغا ؟ __تىراكتۇرغا سايمان ئەكەلگىلى بارغان. قانداق دەيسىز؟ __يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىغا ئاپىرىپ بېرىدىغان كىتاپ بارتى، دادمنىڭ يېزىغا بارغىنىنى بىلگەن بولسام ئالغاچ كېتىڭ دەيدىكەنمەن. __يەنە ئىككى كۈن توختاڭ، سەيشەنبە كۈنى بازارغا بارغاچ ئالغاچ كېتەي. __بازار كۈنى بېرىشنى مەنمۇ تازا بىلەتتىم، ئادەم تاپقىلى بولمايدىكەن شۇ غوجام . __ئەمىسە ئەتە مەن بىللە ئاپىراي. __سىزنىڭ موتسىكلىتىڭىزغا مىنسەم مېنى بازارغا ئەمەس، مازارغا ئاپىراسىز، مىنمەيمەن. __ئەمدى ئاستا مىنىمەن. __ياق، ياق، ئىشەنمەيمەن، ئۆتكەندە ئانامغا دورا ئەكەلگىلى بارغان چاغدىلا: ئىككىنچى ئوسمانجاننىڭ كەينىگە مىنمەيمەن، دەپ ئۆز-ئۆزەمگە ۋەدە قىلغانمەن. نىمانچىلا تېز مىنىش ئۇ؟ ئون كىلومېتىر يولنى ئۈچ مىنۇتتا ماڭغىلى تۇرسىڭىز، ئەتە-ئۆگۈن ئايرۇپىلان ھەيدىگىلى تاللاپ ئەكەتمىسۇن سىزنى.موتسىكىلىتقا ئولتۇرغىنىمنى بىلىمەن، غاقىراپ بىر ئۇچۇپتىڭىز، كۆزۈمنىمۇ ئاچالمىدىم. ئەمدى تېخى باغېرىققا كەلدۇقمىكىن دەپ كۆۈمنى ئاچسام، شىپاخانىغا كىرىپ بوپسىز. ئوسمانجان ئاسىيگۈلنىڭ گەپلىرىدىن كۈلۈپ،تېلىقىپ كەتتى __ۋاي ئۇ چاغدا سەيلىخاچامدىن ئەنسىرەپ شۇڭا ئىتتىك ماڭغان.ئەمدى ئاستا ماڭىمەن. __ئەمىسە ھازىرچۇ؟ مېھمانلار قوغۇن يىمىسە ئۆلۈپ قالامدىكەن؟ __ھازىر سىزنى كۆرۈشكە ئالدىراپ شۇ. __تولا قالايمىقان گەپ قىلماڭا،سىزگە باھانە دېگەن تېپىلىپلا تۇرىدۇ دېسە. __ھە ماقۇل.ئەمىسە موتسىكلىتقا مىنمىسىڭىز ئىككىمىز ئېشەك ھارۋىسىنى قوشۇپ بارايلى. __ۋاي سىزنى بىلمەيمەنمۇ مەن؟ يېزىغا بارغۇچە ئېشەك دېگەننىمۇ ئېشەك بولغىنىغا تويغۇزۇپ ھەيدەيسىز سىز. ئەڭ ياخشىسى دادام بىلەن بارىمەن مەن. __ھە بوپتۇ.سىز قېرى خوتۇنغا گەپ تېپىپ بەرگىلى بولمايدۇ زادى.مەن قوغۇنلۇققا بېرىپ كېلەي.سىزگىمۇ ئالغاچ كېلەيمۇ؟ __پىچاق بولمىسا قانداق يەيمەن قوغۇننى؟ بولدى، تاماق يەپ بولدۇم. __يېرىپ يىمەمسىز؟ __يېرىپ يەيدىغانغا مەن يا بىر كىچىك بالا بولمىسام. __ھە راست، سىز دېگەن قېرى خوتۇن تۇرسىڭىز ھا..ھا..ھا! ئوسمانجان قاقاقلاپ كۈلگەچ موتسىكلىتنى قوزغىدى. __ھە شۇ، مەن دېگەن قېرى خوتۇن، سىز دېگەن كىچىك بالا بولغاندىكىن يوقىلىڭا تېز! ئاسىيگۈل شۇنداق دېگىنىچە سۆگەتنىڭ ساڭگىلاپ تۇرغان شېخىدىن بىرنى سۇندۇرۇپ ئوسمانجاننىڭ دۈمبىسىگە ئۇردى. ئوسمانجان توپا توزۇتقىنىچە كۆزدىن غايىپ بولدى. ئوسمانجان ئاسىيگۈلدىن 3 ياش چوڭ بولسىمۇ نىمە ئۈچۈنكى ئاسىيگۈلنىڭ پەقەت ئاكا دىگۈسى كەلمەيتتى. ئۆتكەن يىلى يازدا ئىككى ئائىلىدىكىلەر قوغۇنلۇقنىڭ تۈۋىگە كۆمىدىغانغا بۇيا يۇلىۋېتىپ سەيلىخان ئاسىيگۈلگە: قىزىم، ئۆزىدىن چوڭ ئادەمنى ئاكا دىيىشنى بىلمەمسىز؟ نىمىشقا ئوسمانجاننى ئاكا دىمەيسىز؟ دەپ سورىۋىدى، ئاسىيگۈل: نىمىشقا مېنى قېرى خوتۇن دەپ زاڭلىق قىلىدىكەن؟ مەن قېرى بولغاندىكىن مېنى ئاچا دىسۇن، دەپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرۋەتكەن ئىدى. ئوسمانجان باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تاكى تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ئاسىيگۈلنى ۋېلىسپىتىگە مىندۈرۈپ ئاپىرىپ ئەكىلەتتى. بۇ ئىككىسى بىر قارىسا ئامراقتەك، بىر قارىسا ئۇرۇشۇپ يۈرگەن. بۇ يىل ئومىدا ئوسمانجان ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى، ئاسىيگۈل يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈردى. ئەسلى ئاسىيگۈل تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇماقچى ئىدى. لېكىن ئوسمانجاننىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشمىغىنىنى بىلىپ گېپىدىن بىراقلا يېنىۋالدى. ئوسمانجانغۇ دادىسىغا ياردەملىشىمەن دەپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىدى. بىراق شۇنچە ياخشى ئوقۇغان ئاسىيگۈلگە سىنىپ مۇدىرى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرى قىلچە كار قىلمىدى. ھەممىسىگە: "ئوقۇغۇم يوق" دەپلا گەپنى تۈگەتتى. ئوسمانجانمۇ ئوقۇش توغىرىلىق ئاسىيگۈلگە ئارتۇق بىر نىمە دىمىدى. 15 كۈننىڭ ئالىدىدا ئوسمانجان مەكتەپتىن بىكار بولۇپ ئۆيگە قايتقان ئاخشىمى نامان ياغچىنىڭ ئۆيىدە بىر مەسلىھەت بولۇپ ئۆتتى. __دادىسى، دېگەنئىدى جەننەتخان ھويلىدا تېلىۋىزور كۆرگەچ، ئېڭىز ئورنىغا تېرىيدىغان ئۇرۇقلۇق قوناقنى داستىكى سۇغا چىلاپ ئولتۇرغان نامان ياغچىغا._ئوسمانجان بىلەن ئاسىيگۈل ئىككىلىسى مەكتەپتىن بىكار بولدى.سىلىچە بۇ ئىككىسىنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويساق باللا نىمە دە؟ __كەچ بولغاندا ئالجىپ قاممىغانسە خوتۇن؟ تېخى تۈنۈگۈن مەكتەپتىن ئاجرىغان بالاڭغا بۈگۈن خوتۇن ئەپ بەرگۈڭ كېلىۋاتامدا؟ __مېنىڭچىمىغۇ ئالدىرىمايراق ئەپ بەرگۈم باتى، بىراق شۇ مۇشۇ ئاسىيگۈل بەك ئېسىل چوڭ بولغان،ئايۇپ كاساڭنى ئالدىراپ ئەرگە بېرىۋىتەمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم. __ئۇنداقمۇ قىلماس، ئاسىيگۈل تېخى كىچىك تۇرسا. سەيلىخاندىن بىرە گەپ-سۆز ئاڭلىدىڭمۇ يا؟ __ياق، گەپقۇ ئاڭلىمىدىم، ئۆزەمچە شۇنداق قىلداق قانداق بولار دىگۈم كەپ قالدى. __بۇ ئويلىغىنىڭمىغۇ بەك ياخشى بوپتۇ. لېكىن ھازىرچە ئوسمانجانمۇ ئۇنىمايدۇ ھەم ئىككىلىسىنىڭ يېشىمۇ توشمايدۇ. كېلەر يىلى ئوسمانجانمۇ يىگىرمىگە كىرىدۇ. ئاسىيگۈلنىڭ يېشى بىر ياش كەملەيدىكەن شۇ. ئۇنى ۋاقتى كەلگەندە بىر ئىش قىلاتۇق. ھە راست، دىققەت قىلدىڭمۇ، بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتى قانداقراق؟ __بالىلاردا چاتاق يوقتەك دادىسى، ئاسىيگۈلمۇ شۇنداق ياخشى ئوقۇغان تۇرۇپ، تۇيۇقسىزلا ناھىيىگە كىرىپ ئوقۇشقا ئۇنىماپتۇ. بۇنىڭدا چوقۇم بىر گەپ بار. __ مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگۈچە ئوسمانجان توي قىلىپ كەتمىسۇن دىگەندۇ تايىنلىق. __شۇ، شۇ، دادىسى.ئەمىسە مەن سەيلىخانغا ئازراق پۇرىتىپ قويسام بولامۇ؟ __ياق، ئالدىرىماي تۇر. ئاۋال پۇرسەت چىقىرىپ ئوسمانجاننىڭ ئاغزىدىن گەپ ئاڭلاپ ئاندىن پۇراتساڭمۇ كېچىكمەيسەن تېخى. __خۇدايىم شۇ ياۋاش بالامنىڭ بەختىنى بەرگەي. بۈگۈن شۇ مەسلىھەتكە ساق 15 كۈن بولدى. نامان ياغچىنىڭ بۇغدايلىرى ئورۇلۇپ، خامانلىرى ئېلىنىپ، سامانلىرىنىمۇ توشۇپ بولدى. ھەتتا ئېڭىز ئورنىغا تېرىغان قوناقلىرىمۇ ئۈنۈپ بولدى. بىراق ئايۇپ كاساڭ تېخىچە خاماندا. "ئەتىگەنلىككە ئازراقلا سەلكىن چىقسا بىر سائەت سورۇسام تۈگەيدۇ خۇدايىم بۇيرۇسا." شۇلارنى خىيال قىلىپ ياتقان ئايۇپ كاساڭنىڭ يادىغا بىردىنلا نەچچە كۈن ئاۋال ئايىم تەتەينىڭ ھويلىسىدا تۈزگەن سورۇن كەلدى. خىيالىدا سورۇننىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ياتقان ئايۇپ كاساڭ قول چىرىقىنىڭ كۈچلۈك نۇرىدىن چۆچۈپ ئورنىدىن تۇردى. ئوسمانجان بېشىدا كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى. __بىر دەمدە ئۇخلاپ بولغانمىتىڭ ئايۇپكا؟ يۈرە بىزنىڭ ئۆيدە تاماق ئەمدى پىشقان، دادام سېنى تاماق يەۋالسۇن دەيدۇ. __مەنمۇ ھازىر كەلگەنتىم تېخى ئۆيدىن. قېتىق بىلەن نان يەپ كەلدىم. بولدى سەن كېتىۋەرگىن، دېدى. __بۈگۈن ناھىيىدىكى قۇدىمىزنى مېھمانغا چاقىرغانتۇق ئەمەسمۇ. ئۇلارنى ھازىر ئۇزاتتۇق. سەيلىخاچام تاماققا توختىماي چىقىپ كەتتى. دادام: ئايۇپكاڭنى بولسىمۇ قىچقىرىپ كىرگىن دەپ مېنى ئەۋەتتى. يۈرە دادام خاپا بوپ قالمىسۇن. قېتىق بىلەن نان ھېساپ بولماي تۇرغاندا بۇ گەپ بەك خوشياقتى. ئىككىيلەن ئۆيگە كىرگەندە جەننەتخان گۈللۈك يوغان چىنە تەخسىدىكى چۆپنىڭ ئۈستىگە نارىن سېلىۋاتاتتى. __كېلىڭلا ئايۇۋاخۇن. ئەتىگەن بىر چىقىپ كەتكەنچە قاراڭلىنىمۇ كۆسەتمىدىڭلا بۈگۈن. سەيلىخانمۇ تاماققا توختىمايلا چىقىپ كەتتى. ھەقىچان ئايۇۋاخۇن خاماندا نان غاجاپ ياتقاندۇ. چاقىرىپ كىر بالام، دەپ ئوسمانجاننى چىقارتقانتىم. __رەھمەت نامانكا. مەنمۇ ھازىر قېتىق بىلەن نان يەپ كەلگەنتىم تېخى. __قېتىق دېگەن قېتىق، قېنى تاماققا بېقىڭلا، سوۋۇپ قالمىسۇن. ئايۇپ كاساڭ ھەش-پەش دىگۈچە يوغان بىر تەخسە نارىننى سوقۇۋەتتى. ئۇنىڭغا "كاساڭ" دېگەن لەقەم بىكار قويۇلمىغان. ئىنقىلاپ يىللىرىدا ئەمدىلا 10 نەچچە ياشقا كىرگەن ئايۇپنىڭ قورسىقى پەقەت تويمايتتى. ئانىسى ئەترەتتىن بەرگەن نورمىلىق سېرىق قوناقنىڭ ئۇنىدا ئۇماچ چالسا كىچىككىنە ئايۇپقا ئادەتتىكى كاساڭدىن سەل كىچىكرەك بىر كاساڭغا ئۇسۇپ بەرسە،ھېچنىمىگە قارىماي ئىچىپ تۈگىتەتتى. بارى-يوقى بىرلا بالا بولغاچقا ئاتا-ئانىسى ئۆزى تويمىسىمۇ ئايۇپنىڭ قورسىقىنى تويغۇزمىغىچە تاماق يىمەيتتى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ كەنتتىكىلەر ئۇنىڭغا "ئايۇپ كاساڭ" دېگەن لەقەمنى قويۇۋالغان ئىدى.كىچىك چېغىدىلا قويۇلغان بۇ لەقەم ئۇنىڭغا خۇددى قۇمغا سىڭگەن سۇدەك سىڭىپ ھازىر "ئايۇپ ھاپىز" دېگەن ئىسمىنى خەخلەر ئۇنتۇپ كېتىشكەن. چوڭ-كىچىك ھەممىسى "كاساڭ" نى قوشۇپ ئاتايدۇ. ئايۇپ كاساڭمۇ بۇنداق ئاتاشقا كۆنۈك. تاماققا دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن نامان ياغچى ئېغىز ئاچتى: __ئايۇۋاخۇن، ئەتىگەنلىككە ئوسمانجان ئىككىمىز چىقىپ خامىنىڭلارنى سورۇشۇپ تۈگىتەيلى. ئەتە كەچكىچە بۇغداينى ئۆيگە ئەكىرۋېلىڭلا. ئۆگۈنلۈككە تاۋۇزلۇققا ئىشقا چىقىمىز. سۇ كەپ قاپتۇ. تاۋۇزنى ۋاقتىدا ئوغۇتلىۋىتەيلى. ماقۇلمۇ؟ __ماقۇل، بولسا شۇنداق قىلايلى. __بۇرۇنلا مۇشۇنداق ماقۇل دېگەن بولساڭلا، ئاللىبۇرۇن قوناقلىرىڭلا ئۈنۈپمۇ بولاتتى.ئەمدى كۈندۈزى تاۋۇزلۇقتا ئىشلىسەڭلا ئاخشىمى ئېڭىز ئورنىغا سۇ تۇتىسىلە. ئۆزەڭلىگە جاپا شۇ. يەنە بىر گەپ، تاۋۇزنى ئوغۇتلاپ بولغىچە ئايىم تەتەينىڭ داچىسىغا بارماي تۇرۇڭلا جۇمۇ. بىر ئادەم بولمىسا نۇرغۇن ئىش كەينىگە كېتىدۇ. __ماقۇل، ماقۇل. __سىلىنىڭ ماقۇل، دېگەن گېپىڭلاردىن قورقمىسا بولمايدۇ. ئۆتكەندە ئومىدا ھەممەيلەن ئالدىراشلىقتا ئۆلۈكنىڭ قولىنى ئۆتنە ئالغۇدەك بولىۋاتساق، سىلە داچىدىن كەلمىدىڭلا ئەمەسمۇ. __ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن. ئۇ چاغدا سەيلىخان بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ شۇنداق بولغان ئىش ئۇ. __گېپىڭلا راست ھە؟ __راست. __ئەمىسە ئەتىگەنلىككە خامەندا كۆرۈشەيلى. زاپاس ئارا بارمۇ خاماندا ياكى بىز ئېلىپ چىقامدۇق؟ __يوق، بىرسىلا بارتى. سىلە ئېلىپ چىقسىلا. __ماقۇل ئەمىسە، ئەتىگەنلىككە كۆرۈشەيلى. ئايۇپ كاساڭ خوشلىشىپ چىقىپلا خامانغا ئەمەس، ئۇدۇل ئايىم تەتەينىڭ داچىسى تەرەپكە ماڭدى. 2 يېزىغا بارىدىغان چوڭ يول بىلەن كەنتكە قايرىلىدىغان يولنىڭ كېسىشكەن جايىغا قاملاشتۇرۇپ سېلىنغان بىر يۈرۈش چىرايلىق ئۆيلەرنى بۇ ئەتراپتىكى كىشىلەر"ئايىم تەتەينىڭ داچىسى" دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بۇ داچىنىڭ مۇشۇ ناھىيە تەۋەسىدىلا ئەمەس، باشقا ناھىيەلەرنىڭ مۇشۇ يۇرتلارغا خوشنا يېزىلىرىدىمۇ نامى بار ئىدى. تاملىرى تۈرمىنىڭ تېمىدەك ئېگىز، ئاجايىپ چىرايلىق ياسالغان يېشىل سىرلىق تۆمۈر دەرۋازىسى دائىم يېپىقلىقلا تۇرىدىغان بۇ قورۇدا ئايىمخان ئىسىملىك ئايال پات-پات ئالمىشىپ تۇرىدىغان مۇلازىمەتچى قىزلىرى بىلەن تۇرىدۇ. بۇ قورۇ ئىككىگە ئايرىلغان بولۇپ، چوڭ دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىردىن كىچىك ئۆي سېلىنغان بولۇپ،بۇ ئۆيلەردە خۇددى موزايدەك كېلىدىغان ئىككى بۆرە ئىت تۇرىدۇ.تاشقىرىقى ھويلىدا ئاددىيلا قىلىپ سېلىنغان كىچىك- كىچىك بىر ئېغىزلىق ئۆيلەر بىلەن، بىر تەرەپتە ئاشخانا،بۇلۇڭدىكى ھاجەتخانىلا بار. بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا سۇلياۋ ئۈستەل-ئورۇندۇقلار قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنىمە يوق.بۇ ئۆيلەرنى يەرلىكلەر"پۇقرالار سارىيى"دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى بۇ ئۆيلەردە كۈتۈلىدىغان مېھمانلار ئاساسەن پۇلى ئاز مېھمانلار. بىر بوتۇلكىسى 30 يۈەنلىكتىن 100 يۈەنلىككىچە ھاراقلار سېتىلىدۇ. شۇنىڭغا يارىشا كۈتكۈچىسىمۇ گويا پۈۋلەپ قويغان شاردەك سېمىزلىكىدىن دومىلاپ دېگۈدەك ماڭىدىغان، مۈشۈكنىڭ قۇيرۇغىدەك كۆتمەك چاچلىرىنى قىپ-قىزىل بويىۋالغان، ئات يۈز ،ياپما قاپاق ،چىرايى خۇددى ئەر كىشىلەردەك ، تەلەپپۇزى بۇ يۇرتتىكىلەرگە ئەسلا ئوخشىمايدىغان بىر ئايال. ئەسلى ئىسمىنىڭ نىمىلىكىنى ھېچكىم بىلمىسىمۇ ھەممىسى ئۇنى ئايپاشا دەپ چاقىرىدۇ.چوڭ دەرۋازىنىڭ ئۇدۇلىدا ئىچكىرىكى قورۇغا كىرىدىغان يەنە بىر ياغاچ دەرۋازا بار. ھەر خىل گۈللۈك نەقىشلەر ئويۇلۇپ ياسالغان بۇ دەرۋازا شۇنچىلىك ھىم ئىدىكى، بىرەر تال قىلمۇ پاتمىغۇدەك شورا قالدۇرماي پۇختا ياسالغان. بۇ دەرۋازىنىڭ ئىچىمۇ تاشقىرىقى ھويلىنىڭ ئەكسىچە باشقا بىر دۇنيا ئىدى. بۇ ھويلىنىڭ تېمى تاشقىرىقى ھويلىنىڭ تېمىدىنمۇ ئېگىز بولۇپ، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئۈزۈم باراڭنىڭ ئاستىدىكى ئوتقاشتەك گىلەم بىلەن تەتىللا كۆرپىلەر سېلىنغان كارۋاتلاردا ۋە بىر-بىرىگە قارىتىپ سېلىنغان خانىشلارنىڭ ھوجرىسىدەك ئېسىل ياسالغان ئايرىمخانىلاردا پەقەت پۇلنى ئايىماي خەجلەيدىغان دولقۇن سوجاڭ ۋە ئەخەت لوبەنگە ئوخشاش پۇلدارلار،ئوسمان باندىتقا ئوخشاش داڭدار قىمارۋازلار ئولتۇرالايدۇ. بىزنىڭ ئايۇپ كاساڭدەك نامراتلار بولسا پۇقرالار سارىيىغا ئاران كىرەلەيدۇ. تېخى شۇ يەردىمۇ ئاۋال پۇل تۆلىسە ئاندىن بىر بوتۇلكا ئەرزان ھاراققا قوشۇپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن شېخىل تاشتەك قاتتىق دادۇر بىلەن نەملىشىپ قالغان سېسىق گازىرغا ئېرىشىدۇ. بولمىسا ئاچچىقى يامان ئايپاشا پۇلى يوق كىرگەنلەرنى ياقىسىدىن سۆرىگەن پېتى تالاغا پىرقىرىتىپ تاشلىۋېتىدۇ. بۇ يەردىكى ماللارنىڭ باھاسى شۇنچىلىك قىممەت بولۇشىغا قارىماي خېرىدارلىرىمۇ شۇنچىلىك كۆپ.سىرتتىكى دۇكانلاردا 3 يۇەنگە بېرىدىغان شىنجاڭ پىۋىسى بۇ يەردە 8 يۈئەن، 5 يۈەنگە بېرىدىغان بىر قاپ تاماكا 10 يۈئەن. باشقا دۇكانلاردا 5 موچەنگە ئالمايدىغان بىر تەخسە سېسىق گازىر 5 يۈئەن. بىر تال شوخلا بىلان بىر تال كۆك مۇچنى بىر تال تۇخۇم بىلەن چالا- پۇچۇقلا قورۇغان قورۇمىسى 20 يۈئەن. ئايپاشامۇ گويا ماشىنا ئادەمدەك پۇلنى جىق-جىق خەجلىگەنلەرگە مەيلى ئۇ قېرى بولسۇن، ياش بولسۇن ئەركىلەپ قىلمىغان قىلىقى قالمايدۇ. ئارىلىقتا بوش ئۆيلەرگە كىرىپ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ چىقىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ. لېكىن بىر تەخسە قورۇمىمۇ بۇيرۇتماي قۇرۇق ھاراق بىلەن گازىر چېقىپلا ئولتۇرغانلارغا قاراشقا چولىسىمۇ يوق. لېكىن ئىچكىركى ھويلىنىڭ مۇلازىمىتى تاشقىرقى ھويلىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. كۈتكۈچى قىزلىرى ئالاھىدە تاللانغان بولۇپ خۇددى ھازىرلا سەھنىگە چىقىدىغان ئۇسۇلچى قىزلاردەك چىرايلىق ياسانغان. ئۈزۈم باراڭنىڭ ئاستىدىكى كۈتكۈچىلەر بىلەن ئايرىمخانىنىڭ كۈتكۈچىلىرى ئوخشىمايدۇ. ھويلىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان ئالاھىدە ئايرىمخانىنىڭ مۇلازىمىتى تېخىمۇ ياخشى. گويا بەشيۇلتۇزلۇق ياتاقلاردەك ئېسىل بېزەلگەن بۇ ئۆيلەرنىڭ بۇلۇڭىدا ھېچكىم بىلمەيدىغان مەخپى ئىشىكلىرى بار بولۇپ، پەردىنىڭ كەينىدىكى كونۇپكىسىنى باسسا ئىچكىرىدىكى ھاجەتخانا ۋە مۇنچىنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ. بۇ ئۆيلەردە مەخسۇس ئۇۋىلىغۇچى خېنىملار "تولۇق" مۇلازىمەت قىلىدۇ. يەنە بەزى ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە ماجاڭ ئۈستىلى، قارت، ھوشۇق ۋە شىشىخاللار قويۇلغان. ئىشقىلىپ بۇ ئالاھىدە ئايرىمخانىغا كىرگەنلەر كۆڭلى نىمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ چىقالايدۇ. بۇ ئۆيلەرگە مۇشۇ خىل مۇلازىمەتتىكى قىزلار بىلەن ئايىم تەتەيدىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ. ئايىم تەتەي دېگەن بۇ ئايالنىڭ تېگى نەلىك ئىكەنلىگى نامەلۇم. مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان لاۋگاۋ دەيدىغان بىر قېرى خەنزۇنىڭ كەينىگە كىرىپ كەلگىلى 30 يىلدىن ئاشقاندۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ئايىمخان بولغان بىلەن ئېرى خەنزۇ بولغاچقا مەھەللىدىكىلەر "ئايىم تەتەي" دەپ ئاتايدۇ. ئايىمخان شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدىكى، سۇ ئىچسە گېلىدىن كۆرۈنىدىغان گۈزەللەردىن ئىدى. ئايىمخان مۇشۇ يۇرتقا كېلىپ بىر كۈن ئېتىزغا چىققىنىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا ھازىر 50 ياشقا بېرىپ قالغان بۇ خوتۇننى بىلمىگەنلەر 30 ياشقا ئەمدى كىرگەن چوكانمىكىن دەپ قالىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ قانداق بولۇپ ئەر-خوتۇن بوپ قالغىنى مەھەللىدىكىلەرگە بىر سىر. ئايىمخان مەھەللىدىكى توي-تۆكۈن،ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىغىمۇ دەسسىمەيدىغان بولغاچقا مەھەللىدە ھېچكىم بىلەن ئالاقە قىلمايتتى. ئۆزىمۇ 30 يىلغىچە تۇغمىغان ئىدى.لاۋگاۋ بىر ئۆمۈر يەر تېرىپ يىغقان-تۈگكىنىنى ئايىمخانغا قالدۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن يىلى يازدا ئايىمخان مۇشۇ داچىنى سالدۇرۇپ تىجارەتنى باشلىغان. بۇرۇتلىرى قۇلىقىغىچە يۆگىلىدىغان دىۋىدەك ئۇستىخانلىق بىر ئەرنى باشلاپ كېلىپ توي خېتى ئېلىپلا ئەر-خوتۇن بولۇشقاندىن كېيىن كونا تىجارىتىگە "قىمار" دىن ئىبارەت يېڭى تۈر قوشۇلۇپ ئۇنىڭ داچىسى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتى. ناھىيىدىكى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرى تۆۋەنگە تەكشۈرۈشكە چىقىدىغان بولۇپ قالسا ھەممىسى مۇشۇ يېزىنى تالىشىدۇ. بۇ داچىدا شۇنچىۋالا ئىشلار بولۇپ كەتسىمۇ سىرتقا قەتئى ئاشكارا بولمايدۇ. سەۋەبى ھېلىقى بۇرۇتلۇقنىڭ پەيلى بەك يامان. بۇ داچىغا كېلىدىغانلار ئادەتتىكى پۇقرالاردىن باشقا ساقچىخانىنىڭ باشلىقى، پۇلدار تىجارەتچىلەر ۋە ناھىيىدىكى ئىدارىلەرنىڭ چوڭ-كىچىك باشلىقلىرى بولغاچقا، ھېچكىممۇ بۇ قارا ئۇۋىنى مەلۇم قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. مەلۇم قىلىدىغانلارمۇ چىقتى. يەنە شۇ ئۇلارنىڭ دائىملىق مېھمانلىرى كېلىپ تەكشۈرۈپ كەتكەن بولدى. بۈگۈنمۇ كونا خېرىدارلىرىنى كۈتىۋاتقان ئايىمخان مۇلازىم قىزنىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ قۇيىۋاتقان ھارىقىنى قويۇپ سىرتقا چىقتى. ئۈزۈم باراڭنىڭ ئاستىدا يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى دولقۇن سوجاڭ، شەخسى پاختا زاۋۇتى بار ئەخەت لوبەن ۋە داڭلىق قىمارۋاز ئوسمان باندىتلار تۇراتتى. ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ بولغىچە ئارقىدىكى ماشىنا توختىتىدىغان چوڭ زالنىڭ ۋە مېھمانلارنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى كۆتۈرۈپ ئايىم تەتەينىڭ ئېرى كىرىپ كەلدى.دولقۇن سوجاڭ بىلەن ئەخەت لوبەننى ئايىمخان بىر ئۆيگە، ئوسمان باندىتنى ئېرى باشقا بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپ كەتتى. ※※※※※※※ ئايۇپ كاساڭ تىمىسقىلاپ كېلىپ داچىنىڭ دەرۋازاسىدىكى قوڭغۇراقنى باستى. ئىچكىرىدىن بۆرە ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بىردەمدىن كېيىن ئايپاشانىڭ يېقىمسىز چىرايى كۆرۈندى ۋە ھايال ئۆتمەيلا دەرۋازا يېپىلدى. ئايۇپ كاساڭ كىرگەندە مەھەللىدىكى زابويلاردىن مەخسۇت مەلەڭ، ۋاھىت تۆت سەر، ۋە ئىمىن ۋەيرانى قاتارلىق بىرنەچچىسى ئاللىبۇرۇن سورۇن تۈزۈپ بولغان بولۇپ، بۈگۈن سورۇن خېلى مول ئىدى. سەۋزىدە قىلىنغان سوغۇق سەي،قورۇلغان خاسىڭ مېغىزى، ۋە تۇخۇم بىلەن كۈدىدە قورۇلغان قورۇمىغا قاراپ ئايۇپ كاساڭنىڭ كىچىك تىللىرى لىپىلداپ كەتتى. __كېلە كاساڭ، كېلە، سېنىىڭ گېپىڭنى قىلىشىپ ئولتۇرغان ھازىر. __نەگە كېلىدۇ نەگە؟ ئاۋال رەسمىيەتنى بېجىرۋېتىپ ئاندىن كەلسىلە غوجام. دېدى ئايپاشا چىرايىنى سەت پۈرۈشتۈرۈپ. مەينەتلىكىدىن ئەسلى رەڭگىنىمۇ پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان سۇلياۋ ئورۇندۇققا ئەمدىلا ئولتۇرۇشقا تەمشەلگەن ئايۇپ كاساڭ كەينىگە يېنىپ يانچۇقىغا قولىنى ئۇزارتتى. __ھە، ماقۇل، ماقۇل. ئەمىسە سەيلەر تولۇقكەن. مەن ھەممىڭلارغا بىر بوتۇلكىدىن قىزىل چاي ۋە بىردىن تۇخۇم بۇيرۇتاي. __ھۇيت غوجام، خانئاچىلىرىنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتتى. قىزىل چاي ئىچمەيدا. خوڭنىيۇ ئىچىدىكەن دەپ قويسىلا جۇمۇ. __ۋاي ئىچسىلە پاشاخان ئىچسىلە، مانا پۇل. ئايۇپ كاساڭ شۇنداق دېگىنىچە يانچۇقىدىن 100 كويلۇق قىزىل پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ تەڭلىدى. ئايپاشا پۇلنى ئېلىپلا نايناقلىغىنىچە ئاشخانىغا ماڭدى ۋە سورۇندىكىلەرگە قاراپ: __مەن چىققىچە ھاراقنى قۇيماي تۇرۇشالا جۇمۇ، دېدى. سۇلياۋ سېۋەتكە قاچىلاپ چىققان قىزىل چاي ۋە تۇخۇملارنى ئۈستەلگە قويۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئاشقان پۇلنى قايتۇرمىغان ئايپاشاغا قاراپ ئايۇپ كاساڭنىڭ ئاچچىغى كەلدى. __پاشا خېنىم، خوڭنىيۇغۇ ئىچمەپلا ئاينا، ئاشقان پۇلنى بولسىمۇ قايتۇرماملا؟ __ئۇنداق چۈپەي بولما ھەي كاساڭ، ھېلى ئىككى رۇمكا ئىچسەڭ سەتلىشىپ ئۇ يەر- بۇ يەرلىرىمنى سىيلىغىلى تۇراسەن ھەقىچان. بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ قارا. ماۋۇ پاشاخان ئاچاڭ ياخشى ياخشى يىسە، ئىچسە ئاندىن سەندەك قوتازلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ ئۇختۇڭما؟ تولا ئاچچىقىمنى كەلتۈرمەي ما ھاراق قۇيۇپ بەرگىنىمگە خوش بولۇپ ئولتۇرە. __ۋەيت، ۋەيت بولدىمۇ كاساڭ؟ ئايپاشادىن پۇل تالاشساڭ ئاشۇنداق گەپ ئاڭلايسەن تازا. مەخەت مەلەڭنىڭ بۇ گېپىدىن سورۇندىكىلەر قىيقاس چىقىرىپ كۈلۈشۈپ كەتتى. __ ۋاي بولدى خېنىم قۇيۇڭا شۇ زەم-زېمىڭىزنى. ئايۇپ كاساڭ ئاچچىقىدا ئايپاشا تەڭلىگەن گىرۋىكى پۇچۇق رومكىدىكى ھاراقنى بىر كۆتۈرۈشتىلا ئىچىۋەتتى ۋە چىرايىنى پۈرلەشتۈرۈپ زەھەردەك ئاچچىق بولۇپ كەتكەن ئاغزىغا يېنىدىكى ۋاھىت تۆت سەرنىڭ سويۇۋاتقان تۇخۇمىنى كاپپىدە تارتىپ ئېلىپ كەپلىدى. 3 سەھەردە چىققان سەلكىندە خاماننى سورۇپ بولۇپ ئايۇپ كاساڭنى ساقلاۋاتقان نامان ياغچى بىلەن ئوسمانجان خاماننى ئاسىيگۈلگە تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆيگە تاماققا ماڭدى. ئوسمانجاننىڭ گېپىدىن دادىسىنىڭ كېچىدىن يەنە ئايىم تەتەينىڭ داچىسىغا كەتكىنىنى بىلگەن ئاسىيگۈل شۇنچىلىك خورلۇق ھېس قىلدىكى، گەرچە ئوسمانجان ئۇنىڭ ئۆز ئاكىسىدەك بولسىمۇ بەك نومۇس قىلدى. شۇڭا يەرگە قاراپ ئولتۇرغىنىچە بىر ئېغىز گەپمۇ قىلمىدى. چۈشكە يېقىن ئىمىن ۋەيرانىنىڭ ساتمىسىدىن باشلىرى چىڭقىلىپ ئاغرىپ قوپقان ئايۇپ كاساڭ ئالدىراپ خامانغا كەلگەندە سەيلىخان بىلەن ئاسىيگۈل خاماننىڭ تېگىنى يىغىۋاتاتتى. __بۇغدايلارنى توشۇپ بولدۇڭلارمۇ؟ سورىدى ئۇ ئۆزىگە ھومىيىپ قاراپ تۇرغان سەيلىخاندىن. __بالىلىرى يوغان بولۇپ قالغاندا نومۇسمۇ قىلمايدىكەنلا، نامانكام بىلەن ئوسمانجان سەھەردە چىقىپ خاماننى سورۇپ، بۇغداينى چەشلەپ بولۇپ ئاندىن ئاسىيگۈلنى مېنى چاقىرغىلى كىرگۈزۈپتىكەن. ھازىر تېخى بۇغدايلارنى تۈگمەنگە توشۇپ بولۇپ توپاننى يىغىۋاتاتتۇق. سىلە ئەمدى ئۇخلاپ كەپلا. __ۋاي شۇ ئاخشام ئىمىن ۋەيرانىنىڭ ساتمىسىغا بارغان. بەك ھېرىپ كېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن شۇ. __قورساقلىرى يېرىلىپ كەتكۈدەك تاماقنى يەپ چىقىپمۇ يەنە نىمىشقا بارغان ئۇ ۋەيرانىنىڭ ساتمىسىغا؟ ئايىم تەتەينىڭ يۇندىسىنى يالىغىلى بارغانلا تايىنلىق. نومۇس قىلماي دەۋاتقان گېپىنى. __نېمە ۋالاقلايسە؟ بۇغداينى يالغۇز مەنلا يەمتىم؟ سەنلەرمۇ قىلساڭ بولاۋېرىدۇ. ئايۇپ كاساڭ شۇنداق دەپ چالۋاقىغىنىچە خاماننىڭ يېنىدىكى دوڭغاق جىگدىنىڭ سايىسىغا بېرىپ قىرغا بېشىنى قويۇپ يانپاشلىغىنىچە خورەك تارتىشقا باشلىدى. ئاسىيگۈل يىغلىغىنىچە يامانلاپ ئۆيگە ماڭدى. كەچلىك تاماق پىشاي دېگەندە سەيلىخان سۈپۈرگە، تاغار، گۈرجەكلەرنى كۆتۈرۈپ كىردى. __تۈگىدىمۇ ئانا؟ __تۈگىدى بالام، ھازىر تېخى ئوسمانجان بىلەن خاماننىڭ تېگىدىن چىققان بۇغداينى ئەيسا ناۋاينىڭ ناۋايخانىسىغا ئۆتكۈزىۋېتىپ كەلدۇق. سىزمۇ خامان بېقىشتىن قۇتۇلدىڭىز بالام. __دادامچۇ ئانا؟ چۈشتە شۇنچە ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن دادىسىنى سورىغان قىزىغا سەيلىخاننىڭ مەسلىكى كەلدى. __يەنە دادىڭىزغا چىدىمايسىز ھە قىزىم، ناۋايخانىدىن كەلسەم يوق تۇراتتى. ھازىر كېلىۋاتسام ئېتىزلىققا سۇ ئاچقان ئوخشايدۇ. سۇ ياقىلاپ يۈرۈيدۇ. __تاماقنى ئاپىرىپ بېرەمدۇق يا كېلەمۇ؟ __كېلەلمەسمىكى قىزىم، مەن ئاپىرىپ بېرىپ كېلەمەن. ※※※※※※※※※ نامان ياغچىنىڭ تاۋۇزلىقىدا ئىشلەۋاتقىلى بۈگۈن ساق بىر ھەپتە بولدى. بىر ئادەم تاۋۇز مايسىسىنىڭ تۈۋىگە ياغاچ قوزۇقتا ئورەك ئېچىپ ماڭسا، كەينىدىن بىر ئادەم يەرلىك ئوغۇت ۋە كۈنجۈرە ئارىلاشتۇرۇلغان يوغان داستىن بىر چىنە ئوغۇت ئېلىپ ئورەككە قۇيۇپ ماڭىدىغان بولغاچقا ئادەم كۆپ بولمىسا ئىش تۈگىمەيتتى. ئايۇپ كاساڭ ئۆزى يالغۇز ئېڭىز ئورنىنى ئاغدۇرۇپ، تۈزلەپ تېرىغىدەك قىلدى. ئەتە سەيلىخان بىلەن ئاسىيگۈل قوناق تېرىغىلى چىقىدۇ. لېكىن بۇ ئىش تېخى تۈگىمىدى. قانداق قىلىىش كېرەك. تاۋۇزلۇقنىڭ ئىشىنى كەينىگە سۆرىسە بۇرۇن ئوغۇت بېرىپ بولغان تاۋۇز مايسىلىرىنىڭ يىلتىزى قىزىپ قۇرۇپ كېتىدۇ. قوناق تېرىشنى كەينىگە سۆرىسە ئوسىسى ياخشى ۋاقتىدا تېرىمىسا يەر قۇرۇپ كەتسە قوناق ئۈنمەيدۇ. ئاخىرى نامان ياغچى ئوسمانجان بىلەن ئاسىيگۈلنى قوناق تېرىشقا، قالغانلارنى تاۋۇز ئوغۇتلاشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئەتراپتا باشقىلارنىڭ قوناقلىرى ئۈنۈپ بولغان بولغاچقا، قوناقنى ماشىنىدا تېرىش مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا ئوسمانجان كەتمەندە چاناپ ماڭىدۇ، ئاسىيگۈل كەينىدىن ئۇرۇق سېلىپ ماڭىدۇ. دېھقانلار بۇنداق ئۇسۇلدا قوناق تېرىشنى "كوم سالدى" قىلىپ تېرىش دەپ ئاتايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېتىزغا قوناق تېرىۋاتقان ئوسمانجان باشتا غىڭشىپ ئېيتقان ناخشىسىنى بىراقلا ئۈنلۈك ئېيتتى:
كوم سالدى قىپ تېرىدۇق، ئېڭىز ئورنى قوناقنى. قاچانلىققا كۆرەمەن ئاسىيگۈل، كۆڭلۈمدىكى ئوماقنى. __نىمىلەرنى ئېيتىۋاتىسىز ئوسمانجان؟ ئاسىيگۈل ئۆزىنى ناخشىغا قوشۇپ ئېيتقىنىغا خوشال بولغان بولسىمۇ، ئاخىردىكى ئىككى مىسرا قوشاقتىن رەسمىي تېرىككەن ئىدى. __ناخشىغۇ شۇ؟ "ئاسىيگۈل" دېگەن قەشقەر خەلق ناخشىسىغۇ. سىز ئاڭلاپ باقمىغانما؟ __ئاڭلىغان، لېكىن رادىيودا سىزدەك تېتىقسىز قوشاق بىلەن ئېيتمايدۇ ئۇنى. ئاسىيگۈل دومسايغىنىچە ئۇرۇق سالماي تۇرۋالدى. ئوسمانجان دىققەت قىلماي ئۇرۇق سالمىغان ئورەكنىمۇ كۆمۈپ ماڭدى. __ھە ، شۇنىڭغا خاپا بولدىڭىزما؟ __ياق، خاپا بولمىدىم. تۇيۇقسىز ئوسمانجاننىڭ بىكار ئورەكنىمۇ كۆمۈۋاتقىنىنى كۆرگەن ئاسىيگۈل ۋاقىرىدى. __ھۇي ساراڭ ئاشىق، ئۇرۇق سالمىغان يەرنى كۆمسىڭىز نىمە ئۈنىدۇ ئۇ يەردىن؟ توختاپ تۇرۇڭ، ئۇرۇق سېلىۋالاي. __مېنىڭ ناخشام ئۈنمەمدۇ؟ __ۋاي تولا گەپ قىلماي قونىقىڭىزنى تېرىڭا. ئەتە-ئۆگۈن بۇ يەردىكى قوناقلار:"قاچانلىققا كۆرەمەن، كۆڭلۈمدىكى ئوماقنى" دەپ ناخشا ئېيتىپ كەتسە ھە. ئىككىسى شۇنداق چاقچاقلار بىلەن ئېتىزنى يېرىم قىلغاندا كۈن پېشىن بولغان ئىدى. __ئەمدى تاماق يەۋېلىپ ئىشلەمدۇق؟ ئاسىيگۈل ئېتىزلىقنىڭ ئايىغىدىكى ئۆستەڭنىڭ بويىدا باراخسان ئۆسكەن ئازغاننىڭ سايىسىغا كېتىۋېتىپ سورىدى. __ئەلۋەتتە شۇنداق قىلامىز موما. ئوسمانجاننىڭ جاۋابىدىن كۈلۈپ كەتكەن ئاسىيگۈل يەردىن بىر تال تاشنى ئېلىپ ئاتاي دىيىشىگە ئوسمانجان بىر يۈگرەپلا قاچتى. ئىككىسى كۈلكە- چاقچاق بىلەن ئولتۇرۇپ قېتىققا نان چىلاپ يىيىشتى. ئازغاننىڭ تۈۋىدىكى قويۇق ئوت-چۆپنىڭ ئارىسىغا يۆگەپ قويغان قوغۇننى تىلىپ بولغىچە ئاسىيگۈل باش ئۈستىدە ساڭگىلاپ تۇرغان قىپ- قىزىل ئازغان مونچاقلىرىدىن بىر سىقىم ئۈزدى ۋە ئوسمانجانغا تەڭلىدى. __سىزگە بىر دەستە گۈل تۇتاي، چارچاپ كەتتىڭىز. __بۇ مونچاقكەن خېنىم، ئازغاننىڭ گۈلىنى تۇتسىڭىز پۇرايمەن، دېدى. __ئەمدى ئازغان كېلەر يىلى چېچەكلەيدۇ غوجام. __كېلەر يىلىغىچە بىر يەرگە كەتمەيدىغانسىز؟ __نەگە كېتەتتىم مەن؟ تولا ئادەمنى تېرىكتۈرمەڭا. __ياق، ئەمدى دەيمىنا. __بەك قېلىنكەنسىز ئوسمانجان. __مەن نېپىز بولغاچ ساقال-بۇرۇت تېرەمنى تېشىپ چىقتى، سىزنىڭ ساقال-بۇرۇتىڭىز بارمۇ؟ __ۋاييەي، ساقال دېگەنچۇ ئا چوڭ ئانامنىڭ ئۆچكىسىدىمۇ بار. __مېنىڭ ئەمدى چىقىۋاتقان يۇمران ساقىلىمنى چوڭ ئانىڭىزنىڭ قېرىپ كەتكەن جاغال ئۆچكىسىنىڭ كۆرۈمسىز ساقىلىغا ئوخشىتىۋاتامسىز؟ خەپ سىزنى، خەپ. ئوسمانجان ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆستەڭدىن سۇ ئېلىپ ئاسىيگۈلگە چاچاي دىگۈچە ئاسىيگۈل ئۇنى كەينىدىن ئىتتىرۋېتىپلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاچتى. ئوسمانجان سۇدىن چىقىپ ئۇنى قوغلاي دىگۈچە ئاسىيگۈل قېچىپ قوناقلىققا بېرىپ بولدى. ※※※※※※※※※※※ تاۋۇزلۇقنىڭ ئىشىمۇ تۈگەپ، ئوسمانجانلار تېرىغان قوناقلارمۇ ئۈنۈپ بىر غېرىچ بولدى. سەيلىخان نەچچە كۈندىن بۇيان گۇرۇپپىسىدىكى قىز ئاياللارنى باشلاپ نامان ياغچىنىڭ كېۋەزلىرىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن ئۇچىنى ئۈزىۋاتىدۇ. نامان ياغچىلار كېۋەزگە ئوغۇتنى بەك سالغاچقىمىكىن كېۋەزلىرى بەك يوغىنايدۇ ھەم بەك ئۆسىدۇ. كۈندە ئۈزۈلگەن كېۋەزنىڭ ئۇچى تۆت- بەش تاغار كەلگەچكە ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىپ قوي-كالىلارغا بېرىدۇ. بۈگۈن ئاخىرقى كۈنى بولغاچقا ئىشىنى تۈگەتكەن ئاياللار پۇلىنى ئېلىپلا ئۆيلىرىگە مېڭىشتى. ئوسمانجاننىڭ قول تىراكتۇر ئېلىپ كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرغان سەيلىخان ناماز شامغىچە ساقلىسىمۇ ئوسمانجاندىن خەۋەر بولمىدى. قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغاچقا قورققىسى كەلگەن سەيلىخان ئۆيگە ماڭاي دىيىشىگە تىراكتۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئوسمانجان كەلدى. __يالغۇز كەپسىزغۇ ئوسمانجان؟ ئايۇپ ئاكىڭىز بولمىسا بۇ يوغان تاغارلارنى ئىككىمىز قانداق باسىمىز تىراكتۇرغا؟ __بىز بۇيرۇتقان ئوغۇت كەپتىكەن،ئايۇپكام دادام بىلەن ئوغۇت چۈشۈرۋاتىدۇ. ئامال قىلىپ باسامىز ئەمدى. ئوسمانجان شۇنداق دېگەچ تىراكتۇردىن ئارغامچىنى ئېلىپ تاغارنىڭ تېگىدىن ئۆتكۈزۈپ باغلاشقا باشلىدى. سەيلىخان ياردەملەشتى. ئۈزۈلگەن كېۋەز ئۇچىنى بەك چىڭ تىقىۋەتكەنمۇ، باغلاپ بولغان تاغارنى ئىككىسى تىراكتۇرغا بېسىش تۈگۈل ئاران ئۆرە قىلالىدى. تاغار بىلەن ھەپىلىشىش جەريانىدا بىرنەچچە قېتىم ئوسمانجاننىڭ قولى سەيلىخاننىڭ يازلىق نېپىز كوپتىغا پاتماي قالغان بولۇق كۆكسىگە تېگىپ كېتىپ بەدەنلىرى جۇغۇلداپ كەتتى. يىگىرمە ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان ئوتتەك بىر يىگىت ئۈچۈن بۇ ئىش باشقىچە تۇيۇلدى. ئاخىرى ئايۇپ كاساڭنى چاقىرىپ كېلىپ ئۈچىسى بىللە تىراكتۇرغا بېسىپ ماڭدى. 4 سەيلىخان ئوسمانجان بىلەن ئاسىيگۈلنىڭ ئامراقلىغىدىن سۆيۈنۈپ كۆڭلىگە نۇرغۇن ئارزۇلارنى پۈكەتتىيۇ ئارقىدىنلا يەنە ئىنكار قىلاتتى. "مەن نەدىكى خىيالنى قىپ كەتتىم. نامان ياغچى دېگەن كىم، يۇرتتا ئاتىقى چىققان باي، ھەممە بالىلىرى كادىر .ئايۇپ كاساڭ كىم؟ ئارا كۈندە ئالتە قېتىم ئايىم تەتەينىڭ يۇندىسىنى يالىمىسا تۇرالمايدىغان ھاراقكەش، نامان ياغچىنىڭ ئىشلەمچىسى. ئاسىيگۈلگىمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق يەردىن خېرىدار چىقىپ قالار، مەن نەدىكى ئاقماس خىياللارنى قىلىپ يۈرمەي. ئايۇپ كاساڭ نەلەرگىدۇر يوقالغان ، ھويلىدىكى قاپاق بارىڭىنىڭ ئاستىدىكى كارۋاتتا يېتىپ ئۇيقۇسى قاچقان سەيلىخان ئاينىڭ غۇۋا يورۇقىدا ئاقىرىپ كۆرۈنگەن باراڭدىن ساڭگىلاپ تۇرغان قاپاق-نوگايلارغا قارىغىنىچە خىيال سۈرۈپ ياتاتتى. "ھەي ئادەمنىڭ ئەسكىسى كاساڭ، قوناقلىرىڭ تېخى ئۇسساپ قاغجىراپ كەتتى، ئۇنىڭ بىلەن تېخى كارىڭ يوق، نامانكام بەرگەن پۇلنى ئۇدۇللۇق ئەچىقىپ ئاشۇ مەينەتخانىغا بۇزۇشنى بىلىسەن، قىزىڭ بويىغا يېتىپ قالغاندىمۇ ئۆزەڭنى بىلمىسەڭ، يا مەن ساڭا ماس كەلمىگۈدەك قېرى ، سەت بولمىسام، ئۈچ بالام بولغان بىلەن ئەمدى تېخى 35 ياشقا كىرگەن نەۋ جۇۋانمەن. مۇشۇنداق ياش خوتۇنىنى تاشلاپ شۇ تەتەينىڭ داچىسىدا نىمە باردۇ ساڭا، ھاراققىمۇ بىر كۈن تويىسەنغۇ زادى". دەل مۇشۇ كېچىدە نامان ياغچى جەننەتخان بىلەن سەيلىخاننىڭ خىيالىنىڭ ئەكسىچە ئوسمانجان بىلەن ئاسىيگۈلنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويۇش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىشىۋاتاتتى. __ئەتە سەن سەيلىخاندىن گەپ ئېلىپ باق، بىز بۇنداق ئويلىغان بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسى نىمە دەيدۇ؟ __ماقۇل، مەن ئەتە گەپ كوچىلاپ باقاي، ئاسىيگۈل كۈندىن-كۈنگە رەڭ تۈزەپ چىرايلىق بوپ كېتىۋاتىدۇ، بىزنى باي بولغاندىكىن ئوغلىغا لايىق كۆرمەيدۇ دەپ ئويلاپ، باشقىلارغا ماقۇل جاۋاپ بېرىۋەتمىسۇن يەنە. __لېكىن شۇ ئايۇپ كاساڭنىڭ ھاراق ئىچىدىغان ئىشىنىزە.... __تويلاشقاندىن كېيىن نومۇس قىلا دادىسى، كۆڭلىگە ئىنساپ بېرەر. ※※※※※※※※※※ ئۇخلىيالماي ئۇياق- بۇياققا ئۆرۈلۈپ ياتقان سەيلىخان دەرۋازىنىڭ تۇيۇقسىز ئۇرۇلىشىدىن چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. __كىم؟ __مەن، سەيلىخاچا، ئايۇپكام بارمۇ؟ __يوق، ئوسمانجان نىمە ئىش بولدى؟ __باشقا ئىش يوق ئاچا، ھازىر توختى مىراپ كىرىپتىكەن بىزنىڭ ئۆيگە، سۇ نۆۋىتىڭلار كەلگەنتى دەپ. دادام :"بىزنىڭ قوناقلار تېخى بەك ئۇسسىمىدى، ئايۇپكاڭنىڭ قوناقلىرى بەك قۇرۇپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ، بەش مولا قوناق بولغاندىكىن بىر كېچىدە تۈگەيدۇ، سەن چىقىپ ئايۇپكاڭنى ئويغات، كېچىچە قوناقلىرىنى سۇغىرىۋالسۇن" ، دېگەن. بىر ئادەم سۇ ياقىلاپ بەرمىسە بولمايدۇ دەڭا، شۇڭا چىققانتىم. __ئاپلا، بەك بەلەن بوپتىكەن ئۇكام، بۇ نىجىس، بېشىمغا تۆرەلگەن ئاپەت بۈگۈن 3 كۈن بولدى، كۈندە ئاخشىمى ئۆيگە كىرمەيدۇ قاراڭ. سەيلىخان شۇنداق دېگەچ يۈگرەپ بېرىپ دەرۋازىنى ئاچتى. دەرۋازا تۈۋىدە ئاسما مايكا بىلەن كالتا كۇسار كىيگەن ئوسمانجان كەتمەن تۇتۇپ تۇراتتى. __ئۇكام، ئۇنداق بولسا سۇ تۇتقىلى مەن چىقاي، سۇ ياقىلاپ بەرگىلى بولسىمۇ يارايمەن، بۈگۈن ئۆتۈپ كەتسە قوناقلىرىم نابۇت بولۇپ كېتىدۇ ئۇكام. __مەيلى ئەمىسە، كەتمەن ئېلىپ چىقامسىز ئەمىسە؟ __ماقۇل، ھازىر چىقاي. سەيلىخان كارۋاتنىڭ ئايىغىدا ساڭگىلاپ تۇرغان يوپكىسىنى تارتىپ كىيگەچ بايا ئوسمانجاننىڭ ئالدىغا كۇسار بىلەن چىققانلىقىنى بىلدى. "ۋاي ئانام، نىمە سەتچىلىك بۇ، ئوسمانجان نىمىمۇ دەپ قالغاندۇ ھە" ئېغىلنىڭ يېنىدىكى ئامۇتقا ئىلىپ قويغان كەتمەننى ئېلىپ تالاغا چىققاندا ئوسمانجان نېرىراقتا ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى. ئىككىسى ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ يېرىگە سۇ چىقىدىغان ئېرىقنىڭ بېشىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن ئوسمانجان يۈگۈرۈپ قوناقلىققا كەتتى، سەيلىخان سۇ ياقىلاپ ئالدىرىماي ماڭدى. قىرى بۇزۇلغان يەرنىڭ قىرىنى ئېتىپ، پەس قىرنى ئېگىزلىتىپ، ئېرىقتىكى شاخ-شۇمبا، ئوت-چۆپ دېگەندەك توسالغۇلارنى ئېلىپ دېگەندەك ئىشلار بىلەن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى ئېنىق ئەمەس، بىر چاغدا قارىسا ئېرىقتا سۇ ئازلاپ يوقنىڭ ئورنىدا ئېقىۋېتىپتۇ. بۇ نىمە ئىشتۇ ئەمدى، قايسى يۈزى قېلىن ئېچىۋالغاندۇ تەييار سۇنى، دەپ كەتمىنىنى كۆتۈرۈپ ئالدىراپ ئۆستەڭ بويىغا كەلگەن سەيلىخان كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى. بايا ئاچقان بىر ئېرىق سۇ ئۆستەڭ قېشىنى ئېگىزلىتىش ئۈچۈن توپا ئالغان چوڭقۇر يەرگە شارقىراپ ئېقىۋاتاتتى. نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان سەيلىخان ئوسمانجاننىڭ قېشىغا يۈگۈردى. ئىككىسى بىر ھازا ھەپىلىشىپمۇ سۇنى بويسۇندۇرالمىدى. ئاخىرى ئوسمانجان سۇغا كىرىپ ئېچىقنىڭ ئاغزىدا توغرىسىغا ياتتى. سەيلىخان ياندىكى قۇم توپىنى ئوسمانجاننىڭ ئالدىغا تاشلاشقا باشلىدى. ئالاھەزەل بىر سائەتلەردىن كېيىن سۇ ئۆز يولىنى تاپتى. بۇ چاغدا ئوسمانجان لاغىلداپ تىترەپ سۇدىن چىقتى. گەرچە ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرى بولسىمۇ مۇزدەك سۇدا بىر سائەت تۇرۇش ئاسانمۇ؟ __بەك توڭلاپ كەتتىڭىز ھە ئۇكام. __ياقەي، ھېچقىسى يوق. __خەپ مۇناپىق كاساڭ، ئەتە ئۆيگىمۇ بىر كېلەسەن قېنى. قىردا تۇرۇپ تىترەۋاتقان ئوسمانجانغا سەيلىخاننىڭ ئىچى ئاغرىدى. __ئۆيدىن چاپان ئەچىقىپ بېرەيمۇ ئۇكام؟ __بولدى، بولدى، ياز ۋاقتى تۇرسا بۇ، بىردەمدە ئىسسىپ قالىمەن. ئىككىسى شۇ پاراڭلار بىلەن يانمۇ-يان تۇرۇپ ئېرىقنىڭ قېشىغا دەسسەشكە باشلىدى. تۇيۇقسىز سەيلىخاننىڭ يالاڭئاياق پۇتىنىڭ دۈمبىسىدە مۇزدەك سوغۇق بىر نەرسە مىدىرلىدى. قورقۇپ كەتكەن سەيلىخان: "ۋاي ئانام" دەپ چىقىرغىنىچە يېنىدا تۇرغان ئوسمانجانغا ئېسىلدى. تۇيۇقسىز تۇرغان ئوسمانجان سەيلىخان بىلەن تەڭلا ئۆستەڭنىڭ توپا ئالمىغان تەرىپىدىكى قۇمساڭغۇ توپىغا يىقىلدى. سەيلىخان ئاستىدا، ئوسمانجان ئۈستىدە بولغاچقا توڭلاپ ئاران تۇرغان ئوسمانجانغا سەيلىخاننىڭ يۇمشاق ۋە ئىسسىق كۆكسى گويا زىمىستان قىشتا قىزارغان مەشنىڭ ئالدىغا كەلگەندەك ھوزۇر بېغىشلىدى. سەيلىخاننىڭ ئۈستىدە ياتقان شۇ دەقىقىلەردە قىران يىگىتنىڭ يىگىتلىك تۇيغۇلىرى غىدىقلىنىپ، ئاجايىپ بىر تەسۋىرلىگۈسىز راھەت ھېس قىلدى. سەيلىخانمۇ ئۆزىگە چاپلىشىپ تۇرغان يىگىتنىڭ يالىڭاچ دىگۈدەك بەدەنلىرىدىن ئۆزى ھېس قىلمىغىلى نەچچە زامان بولغان بىر ھوزۇرنى سەزدى. ئوسمانجان بەدىنىنىڭ قەيىرىدۇ بىر يەرلىرىنىڭ قاتتىق يېقىمسىزلىنىۋاتقانلىغىنى سېزىپ،بېسىپ بولغۇسىز بىر خىل تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئاستىدا يۇمشاق كۆكسىنى چاپلاپ جىممىدە ياتقان سەيلىخاننىڭ بوينىدىن قۇچاقلىشىغا، سەيلىخانمۇ گويا مۇشۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئوسمانجاننىڭ بېلىدىن چىرماق سالدى. كۆكتە غۇۋا يورۇپ تۇرغان ئاي گويا بۇ ئىشلارنى كۆرگۈسى يوقتەك بۇلۇت كەينىگە يوشۇرۇندى. ※※※※※※※※※※※ ئۆستەڭ سۈيىگە چىلىنىپ يۇيۇنىۋاتقان سەيلىخان ئەمدى ئۆزىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىۋاتاتتى. "مەن نىمە قىلىپ قويدۇم؟ بويىغا يەتكەن قىزىم تۇرسا ماڭا نىمە قىلىق بۇ؟ ھەي شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەننىڭ كاساپىتى." سۈيى تولغان ئېتىزنىڭ ئېچىقلىرىنى ئېتىپ ئۆستەڭنىڭ ئاياق تەرىپىدە يۇيۇنۇپ ئۆيىگە ماڭغان ئوسمانجانمۇ كۆزىگە ئاسىيگۈل كۆرۈنگەندەك بولدى."سىز مۇشۇنداق ئادەممىتىڭىز؟" دەيتتى ئاسىيگۈل ئۇنى ئەيىپلەپ،"مېنىڭ ئانام سىزنىڭمۇ ئانىڭىز ئەمەسمۇ؟ نۇرغۇن تۇز-تائامىنى يىگەن ئادەمگە مۇشۇنداق تۇزكورلۇق قىلامسىز؟ دادامنى ئويلىمىدىڭىزمۇ؟ مېنى ئويلىمىدىڭىزمۇ؟ تۈفى! سىزدەك ئىپلاس ئادەمگە ئەمدى قارايدىغان كۆزۈممۇ يوق!" ئوسمانجاننىڭ يۈزىگە راستىنلا ئاسىيگۈلنىڭ تۈكرۈكىدەك ھۆل بىر نەرسە چاپلاشتى. ئىتتىك يۈزىنى سىيلىغان ئوسمانجان باش ئۈستىدىنلا پالاقشىپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئاللىقانداق بىر قۇشنى ئىلغا قىلالىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە قاپاقلىرى ئىششىپ، كۆزلىرى قىزىرىپ چىققان سەيلىخاننى كۆرۈپ جەننەتخان ئاخشام سۇ تۇتقانلىقتىن دەپ ئويلىدى بولغاي، كۈندىكىدىنمۇ قىزغىن كۆرۈشۈپ كەتتى. __ۋاي سەيلىخېنىم، ئاخشام بەك جاپا تارتىپلا ھە، ئايۇپجاننى ئوينىغىلى قويۇپ بەرمەي چىڭ تۇتسىلىرى مۇشۇ جاپامۇ يوق سىلىگە. بۇنداق چاقچاقلارغا جىم تۇرماي جاۋۇلدايدىغان سەيلىخاندىن سادا چىقمىغاندىن كېيىن جەننەتخان ھېرىپ قالغان ئوخشايدۇ، بولدى قىلاي، دەپ ئويلاپ، ئاخشامقى مەسلىھەت بويىچە ئۇنى ئىچكىرى ئۆيگە سۆرەپ كىردى. __سەيلىخان، سىلىدىن بىر گەپنى سوراي، ئاسىيگۈلگە بىرەر يەردىن ئەلچى كەلمىگەندۇ؟ ھاڭۋېقىپ قالغان سەيلىخان دەماللىققا بىر نىمە دىيەلمەي قالدى ۋە: __ياق، قانداق دەيلا جەننەتخاچا؟ __دەيمىنا ئەمدى، ئاسىيگۈل بەك ئېسىل چوڭ بولدى قارىسىلا، قىزلىق ئۆي دېگەن خان كۆۋرۈكى دەپتىكەن. ئۆزلىرىمۇ بىلىلا ، بىزنىڭ ئوسمانجانمۇ شۇنداق ئوبدان، يېقىشلىق چوڭ بولدى. ھازىرلا ئىككىسىنى قوشۇپ قويايلى دېسەك ئىككىلىسىنىڭ يېشى توشمايدىكەن. كېلەر يىلى ئوسمانجان يىگىرمىگە، ئاسىيگۈل ئونيەتتىگە كىرىدىكەن، يېزىدىكى توختىخان كاتىپقا ئازراق بىر ئىش قىلساق ئامالىنى قىلغىلى بولار، شۇڭا ئۇنىڭغىچە بىرەرسى كەپ قالسا قىزىمنىڭ بېشى باغلاقلىق، دېگەچ تۇرالا جۇمۇ. __بۇ ئىشقا بالىلار نىمە دەيدىكىن؟ __بالىلاردىن ئەنسىرمىسىلە، ئۆتكەندە سىلىنىڭ قوناقنى ئىككىسى تېرىمىدىمۇ، شۇ چاغدا تاۋۇزلۇققا قېتىق ئېلىپ ماڭغاچ ئىككىسىنىڭ ئاشىق-مەشۇقلاردەك قوغلىشىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مېنىڭچە بالىلار ئاللىقاچان پۈتۈشۈپ بولدى. سەيلىخاننىڭ بېشى پىررىدە قايدى. __بىز دېگەن بىر ئادەتتىكى دېھقان تۇرساق جەننەتخاچا، سىلەر دېگەن بىزدەكتىن نەچچىنى ئىشلىتىدىغان خوجايىن تۇرساڭلار، سىلىنىڭ لايىقلىرىدا ئەمەسبىز. __نىمە دەيدىغانلا سەيلىخان، نېمە گەپ ئۇ، باي-كەمبەغەل دېگەن. خۇدانىڭ ئالدىدا ھەممىمىز ئوخشاش بەندە. ئۇنداق دىمىسىلە. __بولىدۇ، مەن ئاۋال دادىسىغا بىر مەسلىھەت سېلىپ باقاي جۇمۇ. __ئەگەر بۇ دېگىنىمنى ھېساپ ئەمەس دېسىلە، ئەتىلا رەسمىي داستىخان تاشلاپ قويساقمۇ مەيلى. __ياق، ياق، بۇنداق دېگەنلىك ئەمەس، مەن ئاۋال دادىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ جاۋابىنى بېرەي. __ماقۇل، جېنىم قۇدام، ماقۇل. جەننەتخاننىڭ قىلغان شۇنچە چاقچاقلىرىغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاپ قايتۇرالماي گاڭگىراپ قالغان سەيلىخان مىجەزى يوقلىغىنى باھانە قىلىپ ئۆيىگە ماڭدى. ھەي، جەننەتخاچا، مۇشۇ گەپلىرىنى تۈنۈگۈن دېگەن بولسىلا مەن قانچىلىك خوشال بولار ئىدىم ھە؟ بىراق ...... ئوسمانجانمۇ شۇ ئاخشامدىن باشلاپ قاتتىق زۇكامداپ يېتىپ قالدى.تاماق يىگۈسى كەلمەيتتى. تۇرۇپلا ئاسىيگۈلنى سېغىناتتى يۇ، ئاسىيگۈلنى كۆرگەن ھامان كۆزىنى يۇمۇپ يېتىۋالاتتى. كۆزىنى يۇمسىلا ھېلىقى ئاخشامقى خىيالىدىكى ئاسىيگۈل پەيدا بولۇپ، تېنى شۈركۈنەتتى. سەيلىخان بۇ گەپنى ئايۇپ كاساڭدىن يوشۇرۇپ بىرەر ئاينى ئۆتكۈزدى، ئاخىرى جەننەتخاننىڭ سۈيلەۋېرىشى بىلەن بىر ئاخشىمى يەنە سىرتقا ماڭغان ئېرىنى توختىتىپ ھەممە گەپنى دېدى. __تازا ياخشى گەپكەنغۇ ئانىسى، نىمىشقا ئوچۇق جاۋاپ بەرمىدىڭ؟ __سىلىگە مەسلىھەت سالاي دەپچۇ. __مېنىڭ تازا كۆڭلۈمدىكىدەك ئىش بوپتۇ. سەن ئەتىلا ماقۇل جاۋابىنى بېرىۋەت. __سىلە ئۇنداق دېگەن بىلەن، بىز ئۇلارنىڭ ئىشلەمچىسى تۇرساق، بۇرۇن بىلىنمىگەن بىلەن قۇدا بولغاندىن كېيىن بەزى گەپ-سۆزلەر بولۇنۇپ قالسا، بىز ماۋۇ مەھەللىدىن يۈتسەك بولىدۇ دادىسى. شۇڭا ئويلىنىپراق جاۋاپ بېرەيلىمىكىن. __ۋاي، ۋۇي، نامانكام، جەننەتخاچامدەك ياخشى قۇدىنى، ئوسمانجاندەك ئېسىل كۈيئوغۇلنى كۈندۈزى چىراق يېقىپمۇ تاپالمايسەن جۇمۇ، تولا ئۇششاق گەپ قىلماي مەن دېگەندەك قىل ماڭ. مەن ماڭدىم ئەمىسە. سەيلىخان ھېچبولمىسا ئايۇپ كاساڭ قوشۇلمىسا شۇنى باھانە قىلىپمۇ بولسا كەينىگە تارتىپ تۇرۇپ، ئاسىيگۈلنى باشقا يەرگە بېرىۋېتىشنى خىيال قىلغان ئىدى. ئەمدى بۇ خىيالىمۇ يوق بولدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاسىيگۈل بولسا ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز. ئانىسىنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى بولسا دادىسىنىڭ كۈن ئارىلاپ ئۆيگە كەلمىگىنىدىن دەپ بىلەتتى. لېكىن ئوسمانجانغا نىمە بولغاندۇ؟ زۇكامداپ قالغانغىمۇ شۇنچە ئۇزۇن ياتامدۇ؟ بۇرۇن ئۇنداق ئەمەستىغۇ؟ ئۆتكەندە ئېيتقان ناخشىسىدەك بىرسىنى سېغىنىۋاتامدۇ يە؟ مۈمكىن ئەمەس، ئەگەر ئۇنداق بولسا ماڭا ئۇنچىۋالا يېقىنچىلىق قىلماستى؟ مېنىڭمۇ ئاغزىم بەك ئېغىر. نىمىشقا ئۇنى دەپ ئوقۇشتىن ۋاز كەچكىنىمنى بىلدۈرۈپ قويمىدىم؟ شۇنى بولسىمۇ بىلگەن بولسا ھازىرقىدەك ۋاقىتتا راست گېپىنى قىلاتتىغۇ؟ ھەي، نېمىلەرنى دەپ كەتتىم،مەن بىر قىز بالا تۇرسام، ئۇ گەپلەرنى قانداق ئاغزىمدىن چىقىرىمەن؟ ئەگەر راستىنلا كۆڭلىدە باشقا بىرسى بولسا قانداق قىلامەن؟ ھېي...خۇدايىم ئۇنداق كۈننى كۆرسەتمىگىن...... 5 بىر ياتقانچە 15 كۈن ياتقان ئوسمانجاننى ئاخىرى نامان ياغچى ئورنىدىن تۇرغۇزدى. __قوپە ئورنۇڭدىن ئوسمانجان، نىمە بولدۇڭ سەن؟ ئاغرىپ قالدىم دەيسەن، يا دوختۇرغا بارغىلى ئۇنىمايسەن. كەچكىچە كۆزۈڭنى پارقىرىتىپلا ياتقىنىڭ ياتقان. مانداق قوپۇپ ئېتىزلىقلارنى چۆرگىلەپ كەلسەڭ تۈزىلىپ قالامسەن تېخى. بۇرۇنلاردا كۈندە نەچچە ۋاخ بارمىساڭ چىدىمايدىغان ئېتىزلارنى تاشلاپلاۋەتتىڭغۇ بالام؟ نامان ياغچى بىلەن جەننەتخان ئوسمانجاننىڭ يېتىۋېلىشىنى خوتۇن ئالغىسى كېلىپ بىزگە دىيەلمەي قىينىلىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ چۈشەنگەن ئىدى. سەيلىخاندىن تولا سۈيلەپ ھېرىپ قالغان جەننەتخان ئاخىرى تاۋۇز ئۈزگەن كۈنى جەننەتخان باشقا ئاياللار بىلەن تاۋۇز پېلەكلىرىنى يىغىۋاتقان چاغدا پاساڭدىغان تاۋۇزلارنى بېسىپ ئۆيگە كەلگەن ئايۇپ كاساڭغا ئۆزى ئېغىز ئاچتى. __قانداق گەپ بۇ؟ مەن سەيلىخانغا ماقۇل جاۋاپنى بەرگىلى نەۋاخ؟ تېخىچە سىلىگە دېمىدىما؟ __ياق، كۈن ئارىلاپ سورايمەن، يەنە جىمجىت. شۇڭا بۈگۈن قائىدىنى بۇزۇپ سىلىدىن بىۋاستە سورىشىم. __ئەقلىگە پوق تۇرۇپ قالغان خوتۇن دە بۇ. سىلە خاتىرجەم بولۇپ يۈرىۋەرسىلە. سەيلىخان بەرمىگەن جاۋاپنى مانا ئۆزۈم بەردىم. گېپىم ھېساپ. شۇ ئاخشىمى سەيلىخان ئايۇپ كاساڭدىن18 يىلدىن بېرى يىمىگەن تاياقنى يىدى.شۇنداقتىمۇ سەيلىخان دېگەن گېپىدە چىڭ تۇردى. __بالىدا سېنىڭلا ھەققىڭ يوق، مېنىڭمۇ گېپىم ئۆتىدۇ. ئەتىلا توي خېتىنىڭ ئامالىنى قىلىپ ۋاقتىدا بالىلارنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويۇشنىڭ غېمىگە چۈشمىسەم بولماپتۇ. سەن جادۇگەرنىڭ كەينىگە كىرسەم دۇنيالىقتا بىر تاللا قىزىمىزنىڭ بەختىگە ئولتۇرغۇدەكسەن. ئايۇپ كاساڭنىڭ مۇنداقمۇ ئاچچىقىنى كۆرگەن سەيلىخان يىگەن تايىقىنىمۇ ئۇنتۇپ، ئېرىنىڭ باياتىن دېگەن گېپىدىن گويا ئەتىلا توي بولۇپ كېتىدىغاندەك قورقۇپ كەتتى. بۇنداق جىدەل نامان ياغچىنىڭ ئۆيىدىمۇ بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقتى. __ساڭا ئاسىيگۈلدىن باشقا خوتۇن ئەپ بېرىشىم يوق، خام خىيال قىلما. نەچچە كۈندىن بېرى يۇمشاق گەپ قىلىپ ئوغلىنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەن جەننەتخان ئاخىرى بۆرە تېرىسىنى كىيگەن ئىدى. __مېنىڭ سىلەرنى دەپ ئوقۇشتىن ۋاز كەچكىنىمگە بېرىدىغان مۇكاپاتىڭلارمۇ بۇ؟ كىم سىلەرگە خوتۇن ئالىمەن دەپتۇ؟ مەن تېخى يەنە ئۈچ ئايدىن كېيىن ئاران يىگىرمىگە كىرىدىغان تۇرسام. نىمە قىلىسىلەر مېنى تويغا زورلاپ. __داداڭ يىگىرمىگە كىرگەندە بارغۇ نۇرنىسا ئاچاڭ تۇغۇلۇپ بولغان. __ئۇ ۋاقىت بىلەن ھازىر ئوخشىمايدۇ. __نىمىشقا ئوخشىمايدىكەن؟ ۋاقىت ئوخشىمىغان بىلەن ئادەم ئوخشايدۇ. تولا ماڭا دەرس سۆزلىمەي بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلىساڭ زىيان تارتمايسەن. __ئىشقىلىپ مەن توي قىلمايمەن. __سەن... ئاچچىقىدا قولىغا سۈپۈرگىنى ئالغان جەننەتخان ئۆيدىن قېچىپ ماڭغان ئوسمانجاننىڭ كەينىدىن ئاتتى. __ھۇ يارىماس توخۇ پوقى! ئوسمانجان ئەمىلىيەتتە ئۇنداق دېگىنى بىلەن ھەر بىر قېتىم :توي قىلمايمەن، دېگەن چاغدا ئاسىيگۈلنىڭ سەبىي چىرايى كۆز ئالدىغا كېلىۋالاتتى. "ھەي شۇ مۇدھىش كېچىدە نىمىشقىمۇ ئانىسى بىللە سۇ قويۇشۇپ بېرەي دېسە ماقۇل دېگەندىمەن؟ ئۆزۈم يالغۇز قويۇۋەرگەن بولساممۇ مۇشۇ خاپىلىق يوق. ئاتا-ئانامنىمۇ خاپا قىلىپ، ئاسىيگۈلنىمۇ، ئۆزۈمنىمۇ خاپا قىلىپ. ئالدىمدا قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغاندۇ مېنى.يا بىرەرسىگە دېگىلى بولىدىغان گەپ بولمىسا بۇ، قانداق قىلارمەن" سەيلىخان بىلەن ئوسمانجاننى گەپكە كىرگۈزەلمىگەن ئايۇپ كاساڭ بىلەن نامان ياغچى ۋە جەننەتخانلار ئاخىرى ناھىيەدىكى بىر تونۇشى ئارقىلىق يالغان توي خېتى ئېلىپ توينى قىلىۋېرىدىغان بولدى. توي خېتىنى كۆرگەن ئاسىيگۈل بىر تۇرۇپ خوشال بولسا، بىر تۇرۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇشۇ توي ئىشىنى دەپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قىلغان جىدەللىرىنى ئويلاپ كۆڭلى يېرىم بولاتتى. ئانىسىنىڭ تۇترۇقسىز سەۋەپلەر بىلەن تويغا قارشى چىقىشىغا كۆڭلىدە ھەيران بولاتتى. "نىمانداق قىلىدىغاندۇ بۇ ئانام؟ ئانا دېگەن قىزىنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى ئەمەسمىتى؟ باشقا چاغلاردا شۇنداق كۆيۈمچان بىر ئانا تۇيۇقسىز قىزىنىڭ بەختىنى نابۇت قىلماقچى بولسا ھە، بۇ نېمە دېگەن ھەيران قالارلىق ئىش؟ "قۇيرۇقىنى كۆتەرگەن ئۇي تېزەكلىمەي قويمايدۇ" دەپ توينىڭ گېپى چىقىپ بىر ئايدىن كېيىن، يەنى ئۆكتەبىرنىڭ 30-كۈنى ئاخىرى توي بولدى. ساقچىخانىغا چېقىپ قويسا ساختا توي خېتىنىڭ ئىشى ئاشكارىلىنىپ قالمىسۇن دەپ خوشنا- خولۇملارغا:"ئەسلى بالىلارنىڭ يېشى كىچىك ئىدى، نوپۇسقا ئالدۇرغاندا چوڭ ئالدۇرۇپ قويۇپتىكەنمىز، ياخشى ئەسقاتتى" دەپ گەپنى تۈگەتتى. "قىز بولسىغۇ ئىچكىرى ئۆيدىن چىقماي يىغلاپلا ئولتۇرسا بىر دەمدە كەچ بولىدىكەن. لېكىن ماۋۇ يىگىت ئۈچۈن توي كۈنى كەچ بولمىقى ئاجايىپ ئاستا جۇمۇ"دېگەن ئىدى توي قىلغان دوستلىرى. لېكىن ئوسمانجان ئۈچۈن بەك تېز كەچ بولماقتا ئىدى. دوستلىرىنىڭ ئوڭ-تەتۈر چاقچاقلىر قۇلىقىغا كىرەر ئەمەس.ئۇنىڭ بۇ جىمغۇرلۇقىنى دوستلىرى: كېسەلدىن سەللىمازا ساقىيىپ بولالمىغانلىقىدىن، دەپ بىلدى. مانا ھەش-پەش دېگۈچە قىز يۆتكەيدىغان ۋاقىتمۇ بوپ قالدى. دوستلىرى بىلەن سىرتقا چىققان ئوسمانجان ھاجەتخانىغا بېرىشنى باھانە قىلىپ باغ تەرەپكە چىقتى. باغنىڭ ئارقىسىدا دېھقانلارنىڭ پاختىسىنى كۆرگىلى كەلگەن بىر قىزىل ماشىنا تۇراتتى. ئوسمانجان مىنۇت ئىچىدە ئۆزىمۇ ئويلىمىغان بىر ئىشنى خىيالىغا كەلتۈردى دە، ماشىنىنىڭ تۈۋىگە باردى. شۇ ئەسنادا شوپۇرمۇ پەيدا بولۇپ رولغا ئولتۇردى. __ئۇستام، ناھىيەگە باراملا؟ دەپ سورىدى ئوسمانجان شوپۇردىن. __ھە ئە، سىزمۇ ناھىيەگە بارامتىڭىز؟ ۋۇي، مەيدىڭىزدە گۈل تۇرىدۇ ،تويىڭىز بولاۋاتامدۇ يا؟ __ياقەي، مەن يىگىت قولدىشى ئىدىم. جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى. شۇڭا قايتاي دەپ تۇرغان. __ھە، ماشىنىغا چىقىڭ ئەمىسە. ئوسمانجان چاقماق تېزلىكىدە ماشىنىغا چىقتى ۋە:"ئۇستام، بەك تېز ھەيدىسىلە، پۇل قوشۇپ بېرىمەن" دېدى. __ماقۇل. شوپۇر ئۇستام شۇنداق دېگىنىچە ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ كەتتى. ※※※※※※※※※※ ئەلمىساقتىن بۇيان، قىزنىڭ رازىلىقى يوق قىلغان تويدىن قىزنىڭ قېچىپ كەتكىنىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن يۇرت-مەھەللە، ئۇرۇق-تۇققانلار "يېڭى كۈيئوغۇل توي كۈنى قېچىپ كېتىپتۇ" دېگن گەپنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان بولغاچقا،ئىككى ئائىلىدىكىلەر ئۈچۈن ئوسمانجاننىڭ قېچىپ كېتىشى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ھاقارەت بولدى. بولۇپمۇ ئەزەلدىنلا كېسەلچان جەننەتخان ياداپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى. ھېلىقى ئاخشامدىن بېرى تۈزۈك ئېسىگە كېلەلمەي يۈرگەن سەيلىخانمۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپلا قالدى. نامان ياغچى بىلەن ئايۇپ كاساڭمۇ تۈگىشىپلا كەتتى. ھەممىدىن بەك كەلگۈلۈك بىچارە ئاسىيگۈلگە كەلدى. تېخى بېشىدىن ھېچقانداق ئىسسىق-سوغۇق ئۆتمىگەن بۇ ناتىۋان قىز كۈن-كۈنلەپ تاماق يىمەي بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ئىدى. ھاجەتخانىغا چىققىنىنى دېمىسە ئەتىگەندىن كەچكىچە جايىدىن مىدىرلاپمۇ قويمايتتى. ھەممەيلەن ئۈچۈن شۇنداق ئازاپلىق كۈنلەردىن ئالتە ئاي ئۆتۈپ، ماي ئېيىنىڭ ھىدى كەلدى. ھەر ئىككى ئائىلىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى تاشلىنىپ قالغاندەكلا. ئايۇپ كاساڭ كۈندە دېگۈدەك داچىدىن چىقمايدىغان بولدى.بىچارە نامان ياغچى ئىككى ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى پۇل بىلەنلا قىلىپ كېلىۋاتاتتى. شۇ كۈنلەردە نامان ياغچىغا شېنجىندىن تېلفۇن كەلدى. تېلفۇننى ئوسمانجان بەرگەن بولۇپ، پات ئارىدا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپلا قويۇۋەتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئاسىيگۈل تېخىمۇ تۈگىشىپ كەتتى. تۈنۈگۈندىن بۇيان ئاسىيگۈلنىڭ ئىچىگە بىر جىن كىرگەن ئىدى. بۈگۈن ئوسمانجاننىڭ كېلىدىغان كۈنى بولغاچقا، ئاسىيگۈل تويدا تىككۈزگەن ئوتقاشتەك قىزىل توز گۈللۈك ئەتلەس كۆينىگىنى كىيدى. رەڭدار چىمەن دوپپىسىنى بېشىغا قوندۇردى. قېشىغا ئوسما قويدى. سۇس گىرىم قىلدى. شۇ ھالىتىدە بۇنىڭدىن ئالتە ئاي بۇرۇنقى توي كۈنىدىكى ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرسا ئاسمان-زېمىن پەرقلىنەتتى. ئەينەكتە چىرايىدا قان دىدارى يوق، كۆزلىرىنىڭ خۇنى قاچقان، ئىسكىلىتقا ئوخشاش ئورۇق بىرسى قاراپ تۇراتتى. ئۆزىدىن تولۇق رازى بولغان ئاسىيگۈل ئاخشام يېزىپ پۈتتۈرگەن خاتىرىسىنى ساندۇقىغا سېلىپ قۇلۇپنى ئەتتى. ئانىسىغا يازغان خېتىنى ئۇخلىغاندەك ياتقان ئانىسىنىڭ بېشىدا قويۇپ ئاستا تالاغا ماڭدى. ئارقا تەرەپتىكى باغ بىلەن يۈگۈرگەندەك مېڭىپ بىردەمدە ئۆستەڭ بويىدىكى ھېلىقى باراقسان ئازغان تۈۋىگە كەلدى. غۇچچىدە چېچەكلەپ كەتكەن ئازغان گويا ھالرەڭ رومال ئارتقان نازىنىن قىزغا ئوخشايتتى. بىر دەمدىلا بىر سىقىم چېچەك ئۈزگەن ئاسىيگۈل قوللىرىنى ئازغان شوخىسى تىتىپ قانىتىۋەتكىنىنىمۇ بىلمىدى. ئۈزۈپ بولغان چېچەكنى قېنىپ-قېنىپ پۇرىدى. شۇ ھامان بۇلتۇر مۇشۇ يەردە ئوسمانجان بىلەن قىلىشقان چاقچىقى ئېسىگە كەلدى. __بۇ مونچاقكەن خېنىم، ئازغاننىڭ گۈلىنى تۇتسىڭىز پۇرايمەن. __ئەمدى ئازغان كېلەر يىلى چېچەكلەيدۇ غوجام. __كېلەر يىلىغىچە بىر يەرگە كەتمەيدىغانسىز؟ __نەگە كېتەتتىم مەن؟ تولا ئادەمنى تېرىكتۈرمەڭا. __ياق، ئەمدى دەيمىنا. __بەك قېلىنكەنسىز ئوسمانجان....... ئاسىيگۈلنىڭ بېشى پىررىدە قايدى ۋە دەرھال ئۆزىنى تۇتىۋالدى . ئاندىن كۆينىكىنىڭ يېڭىدىن بىر تۈگۈنچەكنى ئېلىپ يەشتى ۋە بۇلتۇر ئىككىسى بىللە ئولتۇرۇپ قېتىق ئىچكەن يەرگە كېلىپ يۇمشاق چۆپ ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتتى.قولىدىكى قەغەزدە رەڭگى سۇس قىزىل، تالقاندەك بىر نەرسە تۇراتتى. ئاسىيگۈل باياتىن ئۈزگەن ئازغان چېچىكىنى كۆكسىگە قويدى ۋە قولىدىكى دورىنى ئاغزىغا ئاپاردى. ئامبۇردەك كۈچلۈك ۋە ئوتتەك قىزىق بىر قول ئۇنىڭ بېغىشىدىن كاپپىدە تۇتۇپ، قولىدىكىنى ئۆستەڭگە چۆرۈدى. ئاسىيگۈل كۆزىنى ئېچىپ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان ئوسمانجاننىڭ بىر جۈپ مېھىرلىك كۆزىنى كۆردى- دە، ھۇشىدىن كەتتى. شۇ كۈنى كېچىدە تۈن يېرىم بىلەن مەھەللىدە ساقچى ماشىنىلىرى غۇيۇلداپ كەتتى. كىشىلەر نىمە ئىش بولغالىقىنى بىلىش ئۈچۈن سىرىتقا چىقتى. ئاۋاز ئايىم تەتەينىڭ داچىسى تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. موتسىكلىت بىلەن ئەھۋالنى بىلىپ كەلگىلى كەتكەنلەر بىردەمدە "ئايۇپ كاساڭ ئادەم ئۆلتۈرۈپتۇ" دېگەن خەۋەرنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئەتىسى ھەقىيقى ئەھۋال ئايان بولدى. ئەسلى ۋەقە مۇنداق بولغان: ئايۇپ كاساڭ مەست بولۇپ قېلىپ، نېسىيگە ھاراق ئىچىمەن دېگەندە، ئايىم تەتەينىڭ بۇرۇتلۇق ئېرى ئۇرۇپ چىقىرۋەتمەكچى بولغان. مەستلىكتە كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمىگەن ئايۇپ كاساڭ تاياققا چىدىماي ئاشخانىغا يۈگرەپ كىرىپ تاۋۇز پىچىۋاتقان ئايپاشانىڭ قولىدىكى قىڭراقنى تارتىۋېلىپ چىقىپلا تەييارلىقسىز تۇرغان بۇرۇتلۇقنى چانىۋېتىپتۇ. قان بەك جىق چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئۈلگۈرمەي يولدا جان ئۈزۈپتۇ. ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى ئەتىسىلا كېلىپ داچىنى پېچەتلەپ داچىدىكى ھەممەيلەننى تۇتۇپ كەتتى. بىر ئايدىن كېيىن بىرنەچچە ئىدارىدىن ئادەم كېلىپ ئايىم تەتەينىڭ داچىسىنى بىكارلاپ، كەنت قورۇسىدىكى بىر ئېغىزلىق شىپاخانىنى، كەنتنىڭ ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنى داچىغا كۆچۈرۈپ كەلدى. داچىنىڭ يوقىلىشى بىلەن گويا بۇ كەننتىكىلەرلا ئەمەس پۈتۈن يۇرتتىكىلەرگە بايرام بولدى.
2014-يىلى 19-ئىيۇن__28-سېنتەبىر. ئۈرۈمچى. (ئاپتور:مەكىت ناھىيە بەخت ئولتۇراق رايونىدا)
|