تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 23195|ئىنكاس: 95

ئېچىۋىتىلگەن كۈندىلىك خاتىرە( پوۋېست )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

36

تېما

4

دوست

1357

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

مەمۇرىي خالاس

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەرھابا.مىجىت
تۆھپە
433
مۇنبەر پۇلى
824
ئىشەنىچ
433
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 09:54:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېچىۋىتىلگەن كۈندىلىك خاتىرە

مەرھابا.مىجىت(خام شوخلا)
  پوۋسىت

ئاقتاش كۆك تاش دەريا بويى سۈزۈك تاش،
ئوينغىلى چىقمامسەن جان جىگەر ئاداش.
مەھەللىنى مىنىڭ چىقىراق ئۈنۈم ئىچىگەبىر ئالاتتىم،تاماق يەۋاتقانلار بولسا تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ ئاشلىرىنى چاچقانچىدىن ئىشىكلىرىدىن باشلىرىنى چىقىرىشىپ بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپئاغزىلىرىدىكى لوقمىلىرىنى يۈتۈپ بوللالمىسىمۇئامالنىڭ بارىچە ئۈنىنى چىقىرىشقا تىرشىپ ھەرخىل ئاۋازدا
-مانا ھازىرلا چىقىمىز مانا ھازىر،بىر دەم ساقلا ھە دەيتى.
-بولدۇ بولدۇ ئىتىكرەك چىقىڭلارجۇمۇ دەيتىم كۆزلۈرۈمدىن سەۋىرسىزلەنگەنلىكىمنى ئىپادىلەپ جىددىتەلەپپۇزدا.
ئۇلار تاماقلىرىنى ئالدىراپ يەپ چىقىپ بولغىچە يەنە نەچچە قېتىم مەھەللىنى بىر ئالاتتىم چىقىراق ئاۋازىم بىلەن ئۇلارى يەنىمۇ تىزراقبولۇشقا ئۈندەپ.ئۇلار چىقىشىبىلەنلا ئويۇنىمىز باشلىنىپ كىتەتتى،دەرەخئاچىلىرىنى ئۆزىمىز بىلگەنچە تاپانچا پىلىمۇت شەكىللىرىدەكىسىۋىلىشىپ ئاغزىمىزدا :
-تۇ تۇ تۇ تۇ تۇ تۇتۇ تۇ تۇت...دەپ بىر بىرىمىزنى چەنلەپ قارغا ئېلىشقان بولۇپ ئوق ئۈزۈشكەن مەنزىردە ھەرخىىل جەڭگىۋارلىق كۆرسىتىشەتتۇق.
-ھەي!ساڭا نەچە پاي ئوقۇم تەگدى يەنەئۆلمەي يۈگرەپ يۈرسەنغۇ؟!
-مەن دىگەن قەھرىمان!جان تالشىۋاتىمەن، ھازىرلا ئۆلىمەن ئەمما ئۆلۈش ئالدىدا نەچچە پاي ئوق ئېتىۋىلىپ ئۆلتۈردىغان لارنىئۆلتۈرۈپ بولۇپ ئۆلمەمدىم!
-*ۋۇ چىدىماس نەدە شۇنداق ئىش باركەن!
-مەن كۆرگەن ھېندىستاننىڭ كىنۇلىرىدائاشۇنداق!
-ئەمسە ھېندىستانغا بېرىپ شۇنداق قىل!بولدى سەندەك چىدىماس بىلەن ئوينىمايمىز!
-ۋاي بولدى بولدى ئۇنداق قىلماڭلا....مەن ئەمدى ئۆلىمەن...بولدى قىلىڭلا ماقۇلمۇ ئەمدى ئۆلىمەن..مىېڭىپ يۈرمەيمەن.
-قانداق قىلىمىز قۇماندان؟يېشىچوڭراى بىزنىڭ قۇماندانىمىز بولاتت.
-ھە مەيلى ئۇنىڭغا بىر قېيىمپۇرسەت بىرەيلى.يەنە چىدىماسلىق قىلىپ ئوق تەگسىمۇ ئۆلمىسە جازالايمىز ھە باللا.
-قانداق جازالايمىز؟چۈقۇرشاتتۇق ھەممىمىزلا.
-كەمپۈت ئەپ چىقىدۇ ياكى سەۋزەئەپ چىقىدۇ.
-ۋوي....ئەجەپ ياخشى....
ئەنە شۇنداق ئويانلار ئاللا كىچىگىچەداۋاملىشاتتى.ئانىلىرىمىزنىڭ سوزۇپ چاقىرغان ئۈنى ئاڭلانسىمۇ بىزەڭلىك قىلىپ ئولتۇرى ۋىرەتتۇق ھەرخىل قورقۇنۇشلۇق جىنلارنىڭ گەپلىرىنى دىيشىپ.
-ئا....ل.....م..ج...ۇ..ن...ئۆيگە كىر بالام ياتىمىز نەدەسەن؟
بۇنداق چاقىرىشلار غا شۇچاقىرلىۋاتقان بالىنىڭ ئۆزىلا ئاۋاىنى ئۆزگەرتىپ جاۋاپ بىرەتتى
-ئالىمجان بۇ يەردە يوق..
بىزمۇ ئوخشاشلا گۇۋاھلىقتىن ئۆتىشەتتۇق، تۇغرا ئالىمجان بۇ يەردە يوق.
شۇ چاقىرىلغانلىرىمىزنىڭ ئۆيىدىكى ئاچىقى يامان بىرەرسى چىقىپ سۈر كۆرسۈتۈپ دىۋەيلەپ كەلمىگىچە ئولۇرغىنى ئولتۇرغان.شۇنداقئۆيگە مېڭىشقان چاغدا قالغانلىرىمىز دىيشىۋالغاندەكلا چۇقانكۆتۈرەتتۇق
چىدىماس چىدىماس چەمبە قوڭ،
تۆت سە ياغدا ياغلا قوڭ...ۋەت...ۋۇ چىدىماس ئويۇن تۈگىمەي تۇرۇپ ئۆيگە كىركەتتى قاراڭلار.مىېڭۋاتقان بالا ئاقىسىغا بىچارىلەرچەقارايتى،ئۆيىگە ئېپ ماڭغۇچىغا يىلىناتتى
-يىنە بىردەم ئوينايچۇ..
-ۋۇ قاقىر شۇملار!!!ماڭ ھەممىڭئۆيگە كىرىپ كىتىش،يېرىم كىچىدە سىرىتتا ئولتۇرۇشساڭ جىن تاسقىۋىتىدۇ قوپىشەشۇملار!!!!
بىز ۋەرتتىدە قېچىشاتتۇق.شۇ چاغلاردا كىچىكىلكمۇ ياكى ئەركىلەمچۈكلىكىمدىنمۇ ۋەياكى تۇنجى نەۋرىمىز دەپ بەك كۆزۈمگە قارغانلىقتىنمۇ ئىشقىلىپ سىرىتتا ئوياۋىتىپ كىچىك تەرىتىم قىستاپ كەتسە يۈگىرەپ ئۆيگە كىرىپئانام نىڭ قانداق ئىش قىلىۋاتقان بولشىدىن قەتتى نەزەر
-ئانا مىنى توسىۋىتىڭ، تىز بولۇڭدەيمەن دوسلۇرۇم ساقلاپ قالدى.دىگەنچىدىن ئانامنىڭ كۆينىكىنىڭ پېشىغا ئېسىلاتتىم.
ئانام قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ دەرھال مىنى توسۇپتوياتتى.شۇنداق ئېنىق ئىسىمدە قوشنىلىرىمىزنىڭ
-بىچارە *****خاچا چوپ چوڭ بولغان بالىنىمۇ مۇشۇنداق قىلاملا، نەچچە دۈگۈجۈپ كىتىدىكەنلا كۆتۈرۈپ بوللالماي،كاسسىغا نەچچىنىقويۇپ ئۆزۈڭ ئولتۇر دىسىلە بولمامدۇ كىچىك بالنىڭ دورىسىتاياق!دىگەنلىكى.
ئەمما ئانام مىنى ئەسلا تاك ئىتىپچەكمەيتى.ئاپام شۇ چاغلاردا ئۆز يۇرتىمىزدىكى دوختۇرخانىدا ئىشلەيتى،مەنداۋاملىق كىچىك كۆك ۋىلسىپىتىمنى مىنىپ ئاپامنىڭ ئىدارىسىغا قېچىپ باراتتىم،بەزىدە ئاپام چۈشلۈك تاماققا ئۆيگە كەلگەندە قاچىسىدىكى گۆشلەرنىتىرىپ يەۋىلىپ قولۇمنى قاچىسىغا تىقىپ ئېشىنى ئوڭ تەتۈر قىلىپراسا بىر ماتىلاپ گۆشلىرىنى تاپالمىغاندا بولدى قىلىپ ئانامنىڭئىتىكىگە چىقىپ ئولتۇرۋالاتتىم،مەن گۆشكە بەك ئامراقبولغاچقىمۇ شۇ چاغلاردا ئۆيدە نىپىز مانتىنى تولا ئىتەتتى.ئاپام داۋاملىق ماڭا مانتىنىڭ قىيمىسىنى يىگۈزۈپ ئۆزى خېمىرىنى يەيتى،مەن شۇ چاغلاردا ئاپاممانتىنىڭ خېمىرىغا ئامراق ئوخشايدۇ دەپ ئويلايتىم.دادام يۈك ماشىنىسىھەيدەيتى نەيرۇۋجىڭ نى يەشىك يەشىكى بىلەن ئەكىلىپبىرەتتى،مەن ئۇلارنىڭ تۇنجى بالىسى چوڭ دادام لارنىڭ تۇنجىنەۋرىسى بولغانلىقم ئۈچۈنمىكىن ئۆيىمىزدىكى كىچىك پادىشاھ ئىدىم.كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى نىمىدىگەن تىز بولىدىكىن ھەشنى بەش،مۈشۈكنى پەش دەپ بولغىچە ئاپاممۇ يۇرتىمىزدىكى خىزمىتىنى يۆتكەپ تۇلىمۇ يىراققا ئالمىشىپ كەتتى،مەن ئاپامبىلەن كەتمىدىم ئاناملار يېنىدا تۇردۇم ئاپام يۆتكىلىپ قانچىلىكۋاقىت ئۆتكىنى يادىمدا يوق ئەمما ئۈرۈك پىشقان چاغلار ئىدىئانامنىڭ ئانىسى يېزىدىن ***** ھارۋىسىنى قېتىپ بىزگەبىر چىلەكتە لىققىدە ئۈرۈك ئالغاچ چىققان شۇ كۈنىنىڭ ئەتىسى ئانام ئىككىمىز ئاپام يۆتكىلىپ كەتكەن ھېلىقى يىراق يەرگە ئاپامنى كۆرگىلى ماڭدۇق،مەن شۇقېتىمقى ئاپتۇبۇستا ئولتۇرغىنىمنى ھېلىمۇ كۆز ئالدىمغاكەلتۈرەلەيمەن،ئانام مىنى قۇچىقىدا تۇتۇپ ئولتۇردى ئەمما مەنبىشەملىك قىلىپ بۇنىڭغا ئەسلا كۆنمىدىم،
-مەنمۇ ئادەم ماڭمۇ بىلەت ئىېلىپبىرسىز،دەپ يىغلاپ ئاپتۇبۇس ئىچىنى بىر ئالدىم ئانام ماڭڭا بىلەت ئېلىپ چىققۇچە دەرىزىدىن بىشىمنى چىقىرىپ ئاپتۇبۇس يىنىدىن ئۆتكەنلەرگەقولۇمدىكى گازىر شۆپۈگىنى ئېتىپ ياكى بوتۇلكىغا قاچىلىۋالغان سۇنىئاغزىمغا لىقلاپ پۈركەپ شۇنداق كەپسىزلىك قىلىپ كەتتىم،شۇچاغلاردىكى ئادەملەر شۇنداق ياۋاشمۇ ياكى مىنى كىچىكدەپ يول قويغانمۇ بىلمەيمەن ئۇلار تى تى تى تى تى تى تى تى ....دەپ ئۈستىباشلىرىنى قاقانچىدىن كىتىشىپ قىلىشاتتى،ئانام بىلەت ئېلىپ چىقپ ئۇزاقئۆتمەي ئاپتۇبۇس قوزغالدى.مەن ھېلى ئورۇندۇق ئۈستىدە ئۆرەتۇرۋالاتتىم ھېلى ئولتۇراتتىم ھېلى سەكلەپتاقلايتىم..ئىشقىلىپ ئەسلا جىم تۇرالمايتىم،تۇيۇقسىزلا كۆزۈم ئالدىمىزدا ئولتۇرغان خەنزۇنىڭ قولىدىكى گۈنتوڭ غا چۈشتى،دەرھاللا ئانامنىڭ ئىتىكىگەئۆزۈمنى تاشلىدىم
-ئالدىمىزدا ئولتۇرغان تەتەي خان بىر نەرسە يەۋاتىدۇ مەنمۇشۇنداق نەرسە يەيمەن ئىېلىپ بىرىڭ.
ئانام بوينىنى سوزۇپ ئالدىمىزدا ئولتۇرغان خەنزۇنىڭ قولىدىكى مەن يىگىم كەپ تۇرالمىغان نەرسىگە قارىدى.
-ماقۇل بالام ئاپتۇبۇستىن چۈشكەندەئېلىپ بىرەي.
-ياق ھازىر يەيمەن.
-ئاپتۇبۇستا ساتمىسا قانداق ئالىمىز؟
-ياق ،كارىم يوق مەن ھازىرلا يەيمەن....
-جېنىم بالام گەپ ئاڭلاڭ ماشىن دىنچۈشكەندە ئېلىپ بىرەي.
-ھۈ.........يا....يا..يا...مەن ھازىر يەيتىم.....ھە......ئېلىپبە.....مەن ھازىر يەيمەن....
ئانام مىنىڭ يىغامنى توختىتالمايدىغانلىقىغاكۆزى يىتىپ ئۇ خەنزۇغا بۇرمۇنچە ئىما ئىشاراتلەر بىلەن مەخسىتىنىچۈشەندۈرۈپ مىنى كۆرستىپ بىر نەرسىلەرنى شەرەتلەپ يۈرۈپ ئۇنىڭغا ئاخىرى بىلدۈردى.ئۇ خەنزۇ ئايال ئانام تەڭلىگەن ناننىڭ يۈزىگە گۈەنتۇڭ ئىچىدىكىئالما پارچىسدىن نەچچە پارچە ئېلىپ بەردى.
-مانا بالام،ئېلىڭڭە يەڭ.
-ياق!مەن شۇنىڭ قولىدىكىئەينەك قاچىسى بىلەن تۇتۇپ يەيمەن!بۇنى ئۇ يىسۇن!!
-جېنىم بالام ئۇنداق خاپاقىلماڭ ئادەمنى،ئۇ بەرمەيدۇ...
-ياق!!مەن شۇنداق يىمەكچىتىم....ھە........
ئانام بىچارە ئاخىرى ئۇ خەنزۇ ئايالغا پۇل تەڭلەپباقتى،ئىما ئىشارەتلەر بىلەن بەكمۇ تەسلىكتە مەقسىتىنىچۈشەندۈردى.ئۇ ئايال ئانامنىڭ مەخسىتىنى چۈشەنگەندىن كىيىنپۇلنىمۇ ئالمايلا سومكىسىدىن يەنە بىر قۇتا گۈەنتۇڭ نى ئېلىپ مىنىڭ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ بېشىمنى سىلاپ بىر نىمىلەرنى كالدىرلىدى،ئەلۋىتتە ئۇ چاغلاردا مەن بىر ئېغىزمۇ خەنزۇچە گەپ بىلمەيتىم.شۇنداق قىيا چىيا غەلۋە جىدەللەر بىلەن بىرچاغلاردا ئۇخلاپ قاپتىمەن ئويغانسام كەچ كىرىپ كىتىپتۇ،مەن ئويغۇنۇپخېلى ئۇزاقتىن كىيىن بىز ماشىندىن چۈشتۇق،بىز كەلگەن بۇ يەردەئۆينىڭ ئۈستىگە ئۆي سالىدىكەن كىشىلەر بىر بىرىنىڭئۆيى ئۈستىدە ئولتۇرىدىكەن،بىز ئويۇن ئوينىغان چاغلاردا بېشىڭغا دەسسەيمەن جۇمۇ !بۇيۇڭنى ئۆسمەس قىلىپ قويىمەن !دەپ تىلىشاتتۇق،قارغاندا بۇ يەرنىڭئادەملىرى بىر بىرىىڭ بېشىغا دەسسىسە ئۆسمەس بولۇپ قالىدىغانلىقىنىبىلمىسە كىرەك...ئاپام بىزنى ئالغىلى چىقىپتۇ دادام مۇشۇيەردە ئىشلەيتى شۇڭا مەن كىچىگىمدىن دادام بىلەن تولىمۇئاز يۈز كۆرشەتتىم،دادامنى كۆرۈپ ئازراق ھېيىقتىم، دادام مىنى كۆتۈرۋادى، ئاسمانغا نەچچىنى ئېتىپ ئەركىلتىپ سۆيۈپ كەتتى.بىز مەپە دىيىلىدىغان بىر ئاتقا ھارۋا قېتىلىدىغان ئۆزۈمنىڭ يۇرۇت تىلىم بىلەن ئېيتقاندا ئات ھارۋىسىغا، بۇيەرلىكلەرنىڭ تىلى بىلەن ئېيىتقاندا <<خادىك،مەپە>>دىيىلىدىغان ھارۋىغا چىقىپ ئاپام لار ئولتۇرىدىغانمەھەلىگە كەلدۇق،بۇ يەردىكىلەر مەھەللە دىيىشمەيپالانچى رايۇن، مانچىنىچى رايۇن،پۇستانچى كۇرپۇس،مانچىنچى بىنا...دىگەندەك گەپلەر بىلەن مەپىچىگە ئۆزلىرىنىڭ بارماقچى بولغان يىرىنى بىلدۈرىشىدىكەن،بۇگەپ مىنىڭ قۇلۇغۇمغا تولىمۇ غەلىت ئاڭلاندى.
شۇنداق قىلىپ بىز ئاخىرىئويگە كەلدۇق بىزنىڭ ئۆيىمىز ھەممە ئادەمنىڭ بىشىغادەسسەپ ئولتۇردىغان 4-قەۋەتتە ئىكەن.ئاناملارنىڭ ئۆيىدەشوتىغىلا چىقىپ باققان ئىدىم شوتىغا چىقىپ ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپقوشنىمىزنىڭ ئۆگزىسىگە ئاتلايتىم،ئۇلانىڭ ئۈزۈملىرىنى تازا ئۈزۈپ يانچۇقىمغا قاچىلاپ كەچلىرى سوقۇش ئوينىغاندا پىلمۇتۇمغا قاچىلايدىغان ئوق قىلاتتىم ۋە ياكى ساپىقى بىلەنلا يانچۇقۇمغا سېلىۋىلىپ بومبا قىلىپ قارشى تەرەپتىكى دۈشمەنلەرگە ئاتاتتىم ...ئەمما بۇ يەردە پەشتاققا چىقىپ ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە ئەمەس بەلكىئۆينىڭ ئۆزىگە كىرىدىكىەنمىز.ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ شۇنداق ئازادىلىكھېس قىلىپ كەتتىم ،بۇ ئۆي مەن ئىدارىنىڭ تىلۋۇزۇرىداكۆرىدىغان كىنولاردىكى ئۆيلەرگە ئوخشايتى.ئاپام بىزنى مېھمانباشلايدىغان ئۆيگە باشلىدى،سافاغا ئولتۇردۇق،ئالدىمىزدىكى ئۈستەلگە مەن تىلىۋۇزۇرلاردىلا كۆرۈپ باققان ئەمما يەپ بېقىشقا ئۈلگۈرمىگەن نۇرغۇننەرسىلەرنى تىزدى،مەن ھەممىدىن بەك غەرىپكەساياھەتتە سۇن ۋۇكۇڭ يەيدىغان سىېرىق ئەگمەچ نەرسىنىئەمدى بۇ ئۆيدە ئالدىمدىكى ئۈستەل ئۈستىدە كۆردۈم،بەكمۇ يىگىم كەلدى ئەمما دادام ئاپامدىن قورۇنۇپ ئېلىپ يەپ بېقىشقا جۇۈرەت قىلالمىدىم،ئاپام تولىمۇسەزگۈر كەن
-ئېلىڭلا يىمەمسىلە دىگەنچىدىن قولۇمغا شۇ خىل مىۋىدىن بىرنىتۇتقۇزۇپ قويدى.
مەن ئۇنى تۇتىۋىلىپ ئاغزىمغا ئاپپاردىم
-ھەي ھەي،ئۇنداق يىمەيدۇ شاڭ جىياۋنى، شۆپىكىنى سويىۋىتىپ يەڭ، ئەكىلىڭ مەن سويىۋىتىپ بىرەي.
ئاپام قولۇمدىن ئېلىېۋىلىپسويۇپ يەنە قولۇمغا تۇتقۇزدى ئاپامنىڭ قول ھەركىتىگە قاراپ ئولتۇردۇم ئۈگىنىۋىلىش ئۈچۈن.ئاپام قولۇمغا تۇتقۇزغاندىن كىيىن يەپ باقتىم ۋاھ ئەجەپمۇتەمى ياخشى ئوقەتكىنا...شۇ كۈنى كەچ بىزگە ئاپام يان تەرەپتىكى ياتاق ئۆيگە ئورۇنسېلىپ بەردى،مەن ئانامنىڭ يېنىدا ياتتىم، يۇرۇتتىكى ئۆيىمىزدەبولسا چوڭ دادام بىلەن ياتاتتىم چوڭ دادام كۈندە چىن تۆمۈرباتۇرنىڭ،بۆرە كەلدى نىڭ،يىلاننىڭ،پادىچى بالىنىڭ...ئىشقىلىپئۆزىنىڭ تۈگىمەس ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بىرەتتى تاكى مەن ئۇخلاپ قالغىچەسۆزلەۋىرەتتى،شۇ كىچە ئانام سۆزلەپ بەردى شۇنداقتىمۇ چوڭ دادامنى شۇنداق ئەسلىدىم،نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ، ماڭا ھېكايە ئېيتىپ بىرەلمەي ئىچى سىقىلغانمىدۇ،مىنى سېغىنغانمىدۇ،دوسلۇرۇم بۈگۈن قانداق ئويۇنلارنىئويناۋاتقاندۇ؟ مومام يىزىدىن ئالغاچ كەلگەن چۈجەم نىمەقىلىۋاتقاندۇ،دوسلۇرۇم پۇشۇرۇپ يەۋەتمەس ھە....دىگەندەكئاخىرى چىقماس خىياللار بىلەن تولىمۇ تەسلىكتە ئۇخلىدۇم،ئەتىسى پەسكە ئوينىغىلى چۈشتۈم،بۇ يەرنىڭ بالىرى بىلەنمۇ تىزلا چىقىشىپ كەتتىم ئەمما بۇيەرنىڭ باللىرى بىزنىڭ ئۇ يەرنىڭ بالىرىدەك ئۆزلىرى تاپانچا ياساشمايدىكەنئۇلارنىڭ قوللىرىدا بىر بىرىدىن ئىسىل تاپانچىلار خۇددى راسپىلمۇتتەكلا پىلمۇتلار باركەن تېخى كىچىك پىكاپلارنىئىتتىرىشىپ مۇسانبىقىگە سېلىشىپ ئوينايدىكەن،ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيىدە تىلۋۇزۇر بولسا كىرەك، بىزنىڭ يۇرۇتىكىدەك كەچلىرى ئىدارىنىڭ زېلىغاتىلىۋۇزۇر كۆرگىلىمۇ چىقىشمايدىكەن.مەن بۇ يەرگمۇ تىزلا كۆنۈپ قالدىمدادام مىنى ماگزىنلارغا ئەكىرىپ قايسىنى تاللىسام شۇنى ماقۇلدەپ شۇنداق كۆپ ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بەردى،دادامدىنھېيىقمايدىغان بولدۇم كۈندە ئىدارىسىغا ئېلىپ بارىدۇ ماشىنىسىغا چىقىمەن،مىنى ماشىنىسنىڭ رولىغا ئولتۇرغۇزۋىلىپ ھەيدەيدۇ بەزىدە،خالىغانچەلابا ئۇرىمەن،خالىغانچە لىڭشىيمەن دادام رولنى شۇنداق چاققانلىق بىلەن كونتۇرۇل قىلىۋالىدۇ،ماشىنىدىن چۈشكەندە كاۋاپخانىغا بارىمىز دادام كۈندە ماڭا كاۋاپ يىگۈزىدۇ دادام يەپ بولالىسىڭڭىز ئويۇنچۇق ئەپ بىرىمەن دەيدۇ مەن قورسۇغۇمتويۇپ كەتسىمۇ ئويۇنچۇق قىزىقچىلقىدا زورلاپ يەيمەن دادام مىنىمۈرىسىگە ئولتۇرغۇزىۋىلىپ ماگزىنغا ئەكىرىدۇ....ئىشقىلىپ شۇنداقپەيزىدە شۇ كۈنلەر.شۇنداق قىلىپ خېلى كۈنلەرشۇيەردەتۇرۇپ قالدۇق، بۇ قېتىم ئانام مىنى قويۇپ كىتىدىغان بولدى شۇ كۈنى پەقەت ئىسىمدىن چىقمايدۇ،شۇنداق يىغلاپ كەتتىم،
-ياق مەنمۇ كىتىمەن، مىنى قويۇپ قويمايئەمدى سىزنى خاپا قىلمايمەن جېنىم ئانا...
-ئاپاق بالام گەپ ئاڭلاڭ دادىڭڭىزسىزگە يەنە ئويۇنچۇق ئېلىپ بىرىمەن دەيدۇ،مۇشۇ يەردە نەچچە ۋاقىت تۇرۇپ تۇرمامسىز،مەن سىزنى يىنە ئالغىلى كىلىمەن.
-ياق...مەن كىتەيچۇ....بۇ يەردە تۇرمايمەنئانا...
-مۇشۇنداق گەپ ئاڭلىمىسىڭڭىز دادىڭڭىز ئويۇنچۇقلىرىڭڭىزنى تارتىۋىلىپ خەخكە بىرىۋىتىدۇ جۇمۇ.
-ياق..ياق...مەن كىتىمەن...
-سىزدىگەن ئۇلارنىڭ بالىسى ئۇلار سىزگەمەندىنمۇ ياخشى قارايدۇ جېنىم بالام..ئاناممۇ يىغلاپ كەتتى.
-ياق!!!!مەن سىزنىڭ بالىڭڭىز!!!مەن كىتىمەن بۇ يەردەقالمايمەن.....مىنىڭ يىغام ئەۋجىگە چىقتى.
-مەن نەچچە كۈندىن كىيىنلا سىزنى ئالغىلى كىلىمەن بۇنداق يىغلىماڭ..كەچ بولغاندا يىغلىسا شۇملۇق بولىدۇ..
-ئانا مىنى ئىېلىپ كىتىڭ...مەن تۇرمايمەن...
ئەنە شۇنداق يىغلاشلار بىرەر سائەتچە داۋاملاشتى.
شۇ كىچە ئانامنىڭ بوينىغا چىڭڭىدە گىرە سېلىپ ئەسلا قويۇپ بەرمەي ياتتىم،گويا قويۇپ بەرسەملا ئانام يوقاپ كىتىدىغاندەك مەن ئەمدى ئانامى قايتا كۆرەلمەيدىغاندەك،ئەمما ئادەم كىچىك چېغىدا ھەرقانچە قورقۇنۇش تەشۋىشلەر ئىچىدە ياتسىمۇ بىردەمدىلا ئۇيقۇسى كىلىپ ئۇخلاپ قالىدىكەن .ئەتىسى مەن تېخى ئورنۇمدىن مۇ تۇرماستا ئانام مىنى قويۇپ كىتىپ قاپتۇ كۆزۈمنى ئاچسام ئانام يېنىمدا يوق قىقىراپ يىغلىغىنىمچە ھەممە ئۆينى ئىزلەپ چىقتىم ئەمما ئانامنى تاپالمىدىم ئاپام داداملار ئىشقا كەتكەن ئوخشايدۇ تاكى ئۇلار قايتىپ كىرگىچە يىغلىدىم ئاپام مىنى ئالداپ يۈرۈپ تولىمۇ تەستە پەس قىلدى ،چۈشتىن كىيىن ئىشخانىسىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى ئاپامنىڭ ئىشخانسىدا شۇنداق كۆپ دورىلار باركەن،مەن ئۇنى بۇنى تۇتۇپ بېقىپ ئىشخانىنىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ بېقىپ ئاپام كىيىۋالغان دوختۇرلۇق خالاتىسىغا قىزىقىپ قالدىم.
-ئاپا!مەن خالاتىڭڭىزنى كىيىمەن.
-سىزگە چوڭ كېپ قالارمىكىن.
-ياق چوڭ كېپ قالسىمۇ كىيىمەن.
-ماقۇل مەن سىزگە كىيگۈزۈپ قوياي.
ئاپام ئېسىقلىق خالاتىدىن بىرنى ئېلىپ ماڭڭا كىيگۇزدى خالات دەششەت چوڭ كېپ قالدى ماڭڭا ئاپام قىسقۇچلار بىلەن خالاتنىڭ سۆرۈلۈپ قالغان پەشلىرىنى قاتلاپ قىستۇرۇپ يەڭلىرىمنى تۈرۈپ ھەر ھالدا مىنى كىچىك دوختۇرغا ئوخشاتتى.
-ئاپا،مەن بېشىڭڭىزدىكى ئاق دوپپىنىمۇ كىيىمەن.
-ماقۇل.
ئاپام دوپپىسىنىمۇ ئېلىپ مىنىڭ بېشىمغا كىيگۈزدى،دوپپا مىنىڭ بېشىمغا شۇنداق چوڭ كەپ كۆزۈمنى تۇسىۋالغان بولسىمۇ ئاپام كىچىك يىڭنە مىخلار بىلەن دوپپىنىڭ كەينى تەرپىدىن قاتلاپ مىخ سانجىپ كىچىكلىتىپ ماڭا ياراشتۇردى...خاخا..ئەمدى ئۆز كۆڭلۈمچە دوختۇر بولۇپ كەتتىم.
-ئاپا،مەن كىسەل كۆرىمەن!كىسەللەرنى ئەكىرىڭ.
-ھاھاھاھا....سىز كىسەل كۆرسىڭڭىزبولمايدۇ.
-نىمدەپ بولمايدۇ؟مىنىمۇ خالاتىم بار تۇرسا!ھە راس بۇينۇمدا تىڭشۇغۇچ يوق كەن ،ئاپا مەن تىڭشۇغۇچمۇ تاقايمەن.
ئاپام تىڭشىغۇچنىمۇ تاقاپ قويدى.
-ئاپا،ئەمدى كىسەل كۆرسەم بولىدىغاندۇ؟
-كىسەل كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم مەكتەپتە ئوقىشىڭڭىز كىنىشكىڭڭىز بولىشى كىرەك.
-ماڭا كىنىشكە ياساپ بەرسىڭڭىزلا بولمىدىمۇ؟
-مەن ياسىغاننى خەخ ئىتىراپ قىلمايدۇ چوقۇم ئوقۇپ ئېلىشىڭڭىز كىرەك.
-ماقۇل ئەمسە مەن ئوقۇي.
ئاپام مىنى باشلىرىمنى سىلاپ ئەركىلىتىپ كەتتى.
-ۋاي ئۇماق، ئەقىللق بالاش، سىزنى ئەتىلا يەسلىگە بىرەي.
ئەتىسى ئاپام مىنى يەسلىگە ئاپىرىپ بەردى.مەن بىلەن ئوينايدىغان بالىلر نىمىدىگەن كۆپ ھە...شۇ كۈندىن باشلاپ ئەتىگەندە ئاپىرىپ قويسا كەچتە ئەكىلىۋالدۇ،بەزىدە ئارلىقلاردا ئاپام تۇيۇقسىزلا مىنى يوقلاپ كىلىدۇ ھەر قېتىم ئاپام شۇنداق تۇيۇقسىزكەلگەندە شۇنداق خوش بولۇپ كىتىمەن چۈنكى ئاپام شۇنداق كۆپ شاكىلات ياكى مىۋە چىۋىلەرنى كۆتۈرۈپ كىلىدۇ بۇنداق چاغلاردا دوسلۇرۇمنىڭ ئالدىدا شۇنداق ئىناۋەتلىك بولۇپ كىتىمەن دىسە،ۋاي دىسە ۋاي بولۇپ كىتىمەن ئاپام شۇ نەرسىلەرنى قويۇپ كەتكەندىن كىيىنلا مىنىڭ ئىناۋىتىممۇ پەسلەپ كىتىدۇ چۈنكى بىزگە قارايدىغان ئاپپاي بۇ نەرسىلىرىمنى ئېلىۋالىدۇ باشتا ئۆزىنىڭ ئوغلىغا بىرىدۇ كىيىن تۇنۇش بىلىشلىرىنىڭ باللىرىغا تۇتقۇزىدۇ ئاشقىنى مىنىڭ....
....كۈنلەر شۇنداق داۋاملىشىۋاتاتتى،بىزگە كۈندەشىىر، سان ،رەسىم سىزىشلارنى ئۈگىتەتتى،مەن بىلەن شۇنداق ياخشى ئوينايدىغان بىر دوستۇم بار ئىدى بىز گە شىىر ئۈگىتىۋاتقاندا تۇيۇقسىزلا ماڭا قاراپ پىچىرلىدى،
-چېچىمىزنى ئاۋۇ ئاپاينىڭ چېچىدەك قىلىپ تارايلىمۇ؟
-نىمىشقا؟
-شۇنداق چىرايلىق بولۇپ كىتىمىز،خىيمەننىڭ چېچىغىلا ئوخشايدىكەن ھە...
-ھىى ھى ھى ھى ...ماقۇل ،چۈشتە ھەمىسى ئۇخلاپ قالغاندا شۇنداق تارايلى ھە.ئەپسۇس ئۇكىنى چۈشتە ئۇ باشتىلا ئۇخلاپ قاپتۇ، شۇنچە بەلگە قىلىپيالغان يۆتەلسەممۇ ئويغانمىدى،كەچتە ئاپام مىنى ئالغىلىكەپتۇ،ئادەتتە ئاپاملا مىنى ئالغىلى كىلەتتى مەن ئاپامنىڭۋەلسىپىتىنىڭ كەينىگە چىقىپ ئولتۇرۇدۇم، بىز ئەمدى چوڭ يولغا چىقىشىمىزغاشۇنداق سەت بوران چىقىپ كەتتى،ئاپام ۋەلسىپىتىن چۈشۈپ بوينىغا چىگىۋالغان ياغلىقىنى ئېلىپ مىنىڭ بېشىمنى ئوراپ چىگىپ قويۇپ،ۋەلسىپىتنىيۆتىلەپ ماڭدى مەن ئاپامنىڭ ئولتۇرئىدىغان يىرىگە بىىشمنى قويۇپيېتىۋالدىم،بوران شۇنداق ئەۋجىگە چىقىپ كىتىۋاتاتتى
-ئاپا،مەن قورقۇۋاتىمەن.
-قورۇقماڭ،ئاپاش يېنىڭڭىزداتۇرسا.
-بوران بىزنى ئۇچۇرۇپ كەتسىچۇ؟
-ئۇنداق قىلالمايدۇ،مەن سىزنىقوغدايمەن ھەرگىز قورۇقماڭ.
-ئىم..
بىز شۇكۈنى شۇنداق تەستە ئۆيگە كەلدۇق،ئاپامنىڭ كۆزىگە بوراندا قۇم كىركەتكەن چېغى قىزىرىپ ياش ئېقىپ تۇختىمايتى ئاپام مىنى چوڭ ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپ ئۆزى سىرىتتىكى ئۆيدە ئەينەككە قاراپھەدەپ كۆزى بىلەن ئېيتىشاتتى،مەن ھاجەتخانىغا كىرىپ ئىشىكنىئىتىۋىلىپ ھاجەتخانىنىڭ ئىچىدىكى سۇنى ئويناشقاباشلىدىم،ھاجەتخانىدىكى قىغەزنىڭ ھەممىنى ئۇششاق يىرتىپ سۇغاتاشلىدىم ئۆز خىيالىمچە ئۇ قەغەزلەر مىنىڭ بېلىقم ئىدى،تۇيۇقسىزلا دوستۇمنىڭ گىپى يادىمغا كېپ قالدى...چېچىمنى مۇشۇ سۇدا يۆل قىلىپ تاراپ چېچىمنىخىيمەننىڭ چېچىدەك قىلىپ باراي چۇ ئەتە...شۇ خىيالىم بىلەنھاجەتخانىنىڭ سۈيىگە قولۇمنى تىقىپ چىچىمنى يۆل قىلىشقاباشلىدىم ئەتىمالىم يېرىم سائەتلەرچە يۆل قىلغاندىمەن ئاپام ھاجەتخانىنىڭئىشىگىنى چەكتى.
-سىز ئىچىدىمۇ؟
-ھەئە.
-نىمانچە ئۇزاق ئولتۇرسىز؟
-بېلىقلىرىمنى بېقىۋاتىمەن.
-قايسى بېلىقلارنى؟
-ئۆزۈمنىڭ بىلىقلىرىنى چۇ.
-ئېچىڭڭە ئىشىكنى مەن كىرىپ كۆرۈپ باقاي.
-كىرىۋىرىڭ.
-ئىتتىرىپ باقتىم ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋاپسىز، سىز ئىلمەكنى يان تەرەپكە قىلىېىۋىتىڭ ئاندىن مەن كىرەلەيمەن.
-سىز ئۆزىڭڭىز قىلىۋىتىڭ.
-سىز ئىچىدىن ئىلىۋالغان تۇرسىڭڭىز مەن قانداق ئاچالايمەن؟
بىردىنلا ئالدىنقى ھەپتە يەسلىدەھاجەتخانىنىڭ ئىشىگىنى ئىچىدىن تاقىۋىلىپ كىيىن ئاچالماي نەچچىمىزيىغلاپ كەتكەنلىكىمىز يادىمغا كىلىپ پاڭڭىدە يىغلاپ كەتتىم...
-ھە ھە ھە ھە ھەھە....ئاپا مەن چىقىپكىتىمەن....ھەھەھەھەھەھە..مەن ئىشىكنى ئاچالمايمەن....
-ۋاي خۇدايىم نىم دەيدىغاندۇ ما بالا....
-ھەھەھەھەھەھەھە...ئاپا...مەن چىقىپ كىتىمەن...
-قوقماڭ،يىغلىماڭ، ماناھازىرلا ئىشىك ئىچىلىدۇ،سىز مەن دىگەندەك قىلىڭ بولامدۇ؟ئىشىكنىڭ يېنىغا كىلىپ ئىشىك تۇتقۇچىنىڭ يېنىغا قارسىڭڭىز بىر ئىلمەك بار شۇ ئىلمەكنى يان تەرەپكە سۈرىۋەتسىڭڭىزلا ئىشىك ئىچىلىدۇ.مەن ئاپامىڭ دىگىنى بويىچە قىلدىم، ئىشىك ئىچىلدى،ئاپام مىنى كۆتۈرۋالدى.
-قېنى ئۇ بېلىقلار؟
-ئەنە،مەن ماتۇڭنىڭ ئىچىگە لىققىدەكەلگەن قەغەزلەرنى كۆرسەتتىم...
-ھاھاھاھھ،نىمە بۇ بېشىڭڭىزدىن ئېقىۋاتقان؟
-چىچىمنى يۇيدۇم.
-قايسى سۇدا؟
-ئاۋۇ بېلىقلىرىم ئويناۋاتقان سۇدا.
-ۋاي خۇدايىم ما بالىنىڭ مەينەتلىكىنى!!شۇ سۇنى قانداقمۇتۇتقىڭڭىز كەلدى!!ئىچتىڭڭىزمۇ؟!!گەپ قىلىڭڭە!!!ئىچتىڭڭىزمۇ ئىچمىدىڭڭىزمۇ؟!!!
-ھەھەھەھەھە..........مەن ئۆينى بىر ئالدىم يىغلاپ.
-يىغلىماڭ دەيمەن!!!گاش گەپ قىلىڭڭە!!ئاشۇ سۇنى ئىچتىڭڭىزمۇ!
-ياق!!مەن ئىشمىدىم!!خىيمەندەك چاچ قىلىمەن دەپ چىچىمنىيۇدۇم شۇ..ھەھەھەھە..سەن مىنى قورقۇتىۋەتىڭ!!ھەھەھە...دادامغادەيمەن سىنى.....ئاپام مىنى مۇنچىدا يۇيدى،مەن بەك باتنامچۇق ئىدىمتۇمۇشقۇمنى ئۇچلاپ ئاپامغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىمدادام كەلدى شۇنداق كەچ بولۇپ كەتكەن ئىدى ئاپام مىنى مۇنچىدىن ئەپ چىقىپ بەدەنلىرىمنى ئۇپىلاۋاتاتتى.
-يۇيۇندۇردۇڭلىما بالىنى؟
-ھە.ماتۇڭدىكى سۇدا باش يۇيۇپتۇ،تېخىمەندىن بەك ۋارقىراپ يىغلايدۇ...دادام مىنى ئەركىلتىپ قويۇپ چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن بۇرمۇنچە پۇللارنى ئېلىپ ئاپامغا تەڭلىدى ،ئاپام پۇللارنى ئېلىپمنىڭ يېنىمدىكى قونچاق ئىتىمنىڭ ئاستىغىلا باسۇرۇپ قويدى، مىنى ئۇپىلاپ بولۇپ كىچىدەكىيىپ ياتىدىغان مىلاۋشۇ نىڭ رەسىمى بار كىيىمىمنى كىيگۈزدى، مەنئاپام ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئاپامقونچۇقۇمنىڭ ئاستىا باسۇرۇپ قويغان پۇلدىن بىرنى ئېلىپ كىيمىمنىڭئىچىگە يەنى قورسۇقۇمغا تىقىۋالدىم، بىز بىردەم تىلۋۇزۇر كۆرۈپ بولۇپ ئۇخلىدۇق،ئەتىسى ئەتىگەندە ئاپام مىنى ئويغۇتۇپ چاي بەرگەندىن كىيىن مىنىيەسلىگە ئاپىردىغانىڭ تەييارلىقىغا چۈشتى،ياتاق ئۆيگە كىرىپ كىتىپدادام ئاخشام بەرگەن پۇللارنى ئەپ چىقتى،
-بانكىغا قويۋىتەيلىمۇ؟
-مەيلىڭلا.
-نەچچە پۇل بۇ؟
-2000.
ئاپام پۇللارنى شاراقلىتىپ سانىغىلى تۇردى.
-1900كەنغۇ؟
-ياق2000
-مەن 2قېتىم سانىدىم راسلا1900كەن.
-100چۈشۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ...
-چوپ چوڭ ئادەم پۇلنىمۇ جايلاپ ئەكىلەلمىگەن...
ئاپام غۇتۇلدىغانچىدىن پۇلنى سومكىسىغا سالدى،مىنى تاماق شىرەسى يىنىدىكى ئورۇندۇقتىن چۈشۈرۈپ كىيىملىرىمنى يەڭگۈشلىگىلى ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ كىيىملىرىمنى سالغۇزدى.ئاپام شۇنداق كىيىملىرىمنى سالدۇرشىغا ئاخشام مەن قورسۇغۇمغاتىقىۋالغان پۇل ئاپامنىڭ ئالدىغا چۈشتى.
-ۋوي، مىنىڭ پۇلۇم چۈشۈپ قالدىغۇ..دىگەنچىدىن پۇلنى قولۇمغا ئالدىم.
-نەدىكى پۇل بۇ؟
-مىنڭ پۇلۇم.
-كىم بەرگەن؟
-ئىتىمنىڭ ئاستىدىن ئېلىۋالغان.
-نىمىشقا؟
-يەكشەنبە كۈنى بازارغا بېرىپ كەشە ئېلىپ كىيەي دىگنتىم...
-ھەي،بۇياققا كىرىڭە،قاراڭ ما بالىنىڭ قىلغانئىشىنى.
-نىم قىپتۇ؟
-بۇ چوڭ كىشى بازارغا چىقىپ ئاياق ئېلىپ كىيمەكچىمىش،شۇڭا بۇ پۇلنى ئېلىۋاپتۇ.
-ھاھاھاھاھ....ھە بوپتۇ كىچىك ئەمەسمۇ..
-كىچىك دەپ تەربىيە قىلمىساق خېلى ئىشلارنى قلىدۇ كىيىن بۇ بالا...
-بالام ،ئەمدى بۇنداق قىلىقىلماڭ ماقۇلمۇ؟ئاپاش داداشقا دىمەيبۇنداق قىلسىڭڭىز قولىڭڭىز ئېقىپ كىتىدۇ،تاماقمۇيىيەلمەيسىز،ئويۇنچۇقلىرىڭڭىزنىمۇ تۇتۇپ ئوينىيالمايسىز....
مەن تۇمۇشقۇمنى ئۇچلاپ بىچارە قىياپەتتە سالپايغىنىمچە ئۆر تۇراتتى.
-مەن قىلغان گەپلەر قۇلاققا كىردىمۇ؟
-كىردىنە...
-گەپ ئاڭلامسىز؟
-ئاڭلايدىنە...
-ئوماق بالاش دىگەن گەپ ئاڭلايدۇ ھە.
-ئىم..
شۇ كۈنى دادام مىنى ئاپىرىپ قويدىيەسلىگە.ئۇ كۈنى بىزگە شىىر ئۈگەتتى.
ئاپام ئايدەك دادام كۈندەك،
مىنى باقىدۇ قىزىل گۈلدەك.
دادام ئىشچان ئاپام تاتلىق،
ياساپ بىرىدۇ ماڭا لەگلەك.....

鹅鹅鹅
曲项向天歌
白毛浮绿水
红掌拨青波
小黄鸭.哑哑哑
钻近河里抓鱼虾
抓了鱼虾为妈妈
妈妈妈妈您吃吧
这是我抓的小鱼虾
مەن شۇنداق تىزلا ئۈگىنىۋالدىم،كەچتە قويۇپبىرىشنىڭ ئالدىدا بىزگە پىچىنە تارقاتتى،مەن ماڭاتارقاتقان پىچىنىنى يىمەي يانچۇقۇمغا سېلىۋالدىم،ئەمما دوسلۇرۇمنىڭ يىگىنىگە قاراپ شۇنداق يىگىم كەپ كەتتى مۇئەللىم بىزگە بىڭگەن تارقىتىپ بەرگەندەبىڭگەن قاچىلىغان تەلەڭگىنى بىز ئوينايدىغان چوڭ زالنىڭ ئىشىگىئالدىغىلا قويۇپ قويدۇپ بىزنىڭ يۈزىمىزنى سۈرتىدىغانغا لۆڭگەسۇ ئەكىرگىلى چىقىپ كەتتى،راستىمنى ئېيىتسام مەنمالىملىرىمىزنىڭ بىزنىڭ يۈزلىرىمىزنى سۈرتۈشىگە شۇنداق ئۆچ ئىدىم،بىر تەلەڭگە سۇنى ئەكىرۋىلىپ لۆڭگىدىن بىرنى چىلىۋىلىپ ھەمىمىزنىڭ يۈزىنى ئەشۇ بىرتەلەڭگە سۇبىلەن سۈرتۈپ چىقاتتى، ئارىمىزدا نى نى ماڭقىسى ئېقىپتۇردىغان بالىلار بار ئىدى شۇلارنىڭكىنىمۇ شۇ لۆڭگىدە بىزنىڭيۈزىمىزنىمۇ شۇ لۆڭگىدە ئېيتىپ توياتتى،ھېلىقى سۇنىدىمەمدىغان شۇنداق سەت يۈندە سۇ چىقاتتىغۇ بىزنىڭ يۈزىمىزنى ئېيتىپ بولغاندا تەلەڭگىگە قارايدىغان بولساق ئادەم ياندۇرۇپ سالغىدەكلا زادى.
مۇئەلىمنىڭچىقىپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىشىكنىڭ يېنىغا قويۇپتويغان تەلەڭگىنىڭ يېنىغا يۈگىرەپ بېرىپ زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپپىچىنە ئۇۋاقلىرىنى چىمدىپ ئېلىپ يىيىشكە باشلىدىم،دوستۇممۇ يېنىمغا كىلىپ ئولتۇردى
-نىم قىلىۋاتىسەن؟
-بىڭگەن ئۇۋاقلىرىنى يەۋاتىمەن.
-نىمىشقا يانچۇقىڭدىكىنى يىمەيسەن؟
-ئاپپاي بىزگە بايام شىىر ئۈگەتكەندە،ئاپاڭلارنى داداڭلارنى سىلەرمۇ مۇشۇ كىچىك ئۆدەكچاقتەك بېقىڭلار دىدىغۇ،مەن بۇ بىڭگەنلەرنى ئاپامغا بىرىمەن ،كىچىك ئۆدەكچاقمۇ ئاپىسىنى راك تۇتۇپ بىرىپ باقىدىكەنغۇ،مەنراك تۇتۇپ بىرەي دىسەم سۇ ئۈزەلمەيمەن،كىيىن سۇ ئۈزۈشنى ئۈگەنگەندە راك تۇتۇپبىرىپ ئاغزىغا سېلىپ قويىمەن،ھازىرچە بۇ پىچىنلەرنى ئاغزىغا سېلىپقويىمەن.
-ھەي ئىسىت مەنمۇ سەندەك قىلسامچۇ..مەن يەۋىتىپتىمەن.
-ئەمسە ئەتە بەرگىن ماقۇلمۇ؟
-ھە ماقۇل.
كەچتە ئاپام دادام ئىكىلىسى بىللە ئالغىلى كەپتۇ مىنىشۇنداق خوش بولۇپ كەتتىم،دادام مىنى يىنە مۈرىسىگەئولتۇرغۇزۇپ كاۋاپ يىگۈزۈپ كەلدى.بىز ئۆيگە قايىتقاندىنكىيىن بىللە ئولتۇرۇپ تىلۋۇزۇر كۆردۇق دادام ماڭڭا خىيمەننىڭ يولۋىسىدەكيولۋاس بولۇپ بەردى،كەچ بولۇپ ئاپام مىنى ئۇخلىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىمنى سالغۇزۇشقا باشلىغان چاغدا يانچۇقۇمدىكى نەچچە پارچە بولۇپ كەتكەن پىچىنلەريەرگە تۆكۈلدى، شۇندىلا ئاپامغا بۇ پىچىنلەرنى بەرمىگىنىم يادىمغاكىلىپ دەرھال يەردىن تىرىپ ئالدىم.
-ئاپا بۇ پىچىنلەرنى يەڭ!مەڭ ئېلىڭڭە مەن سىزنى كىچىكئۆدەكچاقتەك باقىمەن
小黄鸭.哑哑哑
钻近河里抓鱼虾
抓了鱼虾为妈妈
妈妈妈妈您吃吧
مەن شىىرنى يادلاپ بەرگەچ قولۇمدىكىپىچىنلەرنى ئاپامنىڭ ئاغزىغا سالدىم.
-بەك كۆيۈمچان جۇمۇ سىز...ماڭا ئاشۇرۇپئېلىپ كەلگىدەك شۇنداق كۆپ تارقاتتىما پىچىنلەرنى؟
-ياق 2تاللا تارقاتقان.
-سىز يىمەي ئەكەلدىڭڭىزما ماڭا قوزام؟
-يىدىم،ئاپپاي قويۇپ قويغان تەلەڭگىدىكىئۇۋاقلارنى تىرىپ يىدىم.
ئاپام مىنى باغرىغا بېسىپ ئۇزاق تۇرۇپ كەتتى ئاپامنىڭ باغرىدىن ئاجرىغىنىمدا ئاپامنىڭ كىرپىكلىرىنىڭ نەملەنگەنلىكىنى بايقىدىم.
-نىمىشقا يىغلايسىز ئاپا؟بىڭگەنگە قورسىقىڭڭىز تويمىدىما؟
-ياقەي،ئاپاش تويدى،ئوماق توشقانچاق.
ھە راس يىنە بىر شىىر بارتى دادامغائېيتىپ بىرىمەن.مەن دادامنىڭ قورسىقىدا ئولتۇرۋىلىپ باشلىرىمنى لىڭشىتقانچىدىن شىىر يادلاشقا باشلىدىم
چاي چاي پەمىل چاي،
چايلار ئىچىدىن ئۈزگەنچاي.
ئەجەپ ئىلىق پۇرايدۇ يۈرەگىمدە ئوينايدۇ،
دەملەپبە،پولاپ بە.
دادام ئىشتىن كەلگەندە،
ئاچىق قىلىپ دەملەپبە.
دادام شۇنداق كۈلۈپ خوشالبولۇپ كەتتى
ئەتىسى مىنى يەسلىگە ئەمەس دادام ئىدارىسىگە ئېلىپ كەتتى،مەن دادامىڭ ئىدارىسىدىكى بىر ئاپاشنىڭ ىر كىز بىر ئوغلى بىلەن شۇنداق تىزلا يېقىن بولۇپ كەتتىم ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمى دىلشات قىز بالىنىڭ ئىسمى سالامەت ئىدى. كىچىك بالا دىگەنگە ئويۇننڭ ئادەمنىڭ يېتى بولمىسا كىرەك،مەن ئۇلار بىلەن ئىدارىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا نەرسە تىرىپ ئوينىشاتتۇق،تۇيۇقسىزلا دىلشات ئاكام كاۋاپ دان ئۈستىدىن بىر مۇنچە كۆيۈپ بولغان ئوتۇن قالدۇقلىرىنى تىرىپ يانچۇقىغا سالدى.
-دىلشات ئاكا بۇلارنى نىمە قىلىسەن؟
-ئاپامغا ئەكىرىپ بىرىمەن.
-نىمىشقا؟
-ئاپام قېشىغا سۈكەيدۇ.
-ئاندىن نىمە بولىدۇ؟
-قېشى قارا بولمامدۇ.
-ئاپاڭنىڭ قېشى ئاقما؟
-ياق،ئىشقىلىپ ئاپام كاۋاپقا يېقىلىپ بولغان ئوتۇن قالدۇقلىرىنى سۈركىسە قاش بەك قاريىدۇ دىگەن.
-ھە...ئەمسە مەنمۇ ئاپامغا ئېلىۋالسام بولغىدەك دە.
-ئېلىۋالە بولمىسا.
مەنمۇ يانچۇقىمغا لىققىدە قاچىلىدىم،بىز چۈشتە ئۆيگە قايىتمىدۇق دىلشات ئاكاملار ئۆيىدە تاماق يىدۇق،كەچتە دادام ئەپ مېڭىشنىڭ ئالدىدا دىلشات ئاكام يۈگىرەپ كىلىپ مەندىن سورىدى.
-ئەتە يىنە كىلەمسە؟
-بىلمەيمەن.
-كەسەڭ بولمامدۇ؟
-يەسلىگە بارىمەن كۈندە بىزگە شىىر ئۈگىتىدۇ ئۈگەنمىسەم دوختۇر بوللالمايمەن .
-مەنمۇ شىىر بىلىمەن مەن ئۈگىتىپ قويسام بولمامدۇ ساڭا؟
-سەن ئۈگەتكەن شىىرلاردا كىنىشكە ئالغىلى بولامدۇ؟
-نىمە كىنىشكە؟
-دوختۇر كىنىشكىچۇ؟
-بولامىكىن...
-ھە ماقۇل،ئەمسە ئەتە يىنە كىلەي.
-بولدۇ ئەمسە مەن ساقلايمەن جۇمۇ.
-ماقۇل.
-خوش ئەمسە.
-خوش دىلشات ئاكا،سالامەت ئاچا خوش.
-خوش.
بىز ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق مەن ئىشىكتىن كىرىپلا ئاپامنىڭ ئالدىغا يۈگىرەپ بردىم.
-ئاپا ماۋۇلارنى قىشىڭڭىزغا سۈكەڭ، قېشىڭڭىز يەنىمۇ قارا بولۇپ كەتسۇن.
-نەدىن ئەكەلدىڭڭىز بۇلارنى؟ كىم شۇنداق دەيدۇ؟
-دىلشات ئاكام،ئاپىسىغا شۇنداق قىلىدىكەن.
-كىم دىلىشات دىگەن؟
-مىنڭ ئاكام ئاغىنەم.ھە راس ئاپا ئەتىمۇ يەسلىگە بارمايچۇ.
-نىمىشقا؟
-مەن دىلىشات ئاكام بىلەن ئويناشقا ۋاەە بىرىپ قويغان.
-ياق بامىسىڭڭىز بولمايدۇ،ئاپاق توشقانچاق،ئاپاشقا مۇشۇ نەرسىلەرنى ئەكىلىمەن دەپ شۇنداق جاپا تارتىپسىزدە؟ ئوماق بالاش،ئاپاش قېشىغا قاش قەلىمىئىشلىتىدۇ،بىراق سىز مىنى دەپ ئالغاچ كەپسىز مەن چوقۇم ئىشلىتىمەن.
ئەتىسى مەن يەسلىگە باردىم،ئەمما چۈشتىن كىيىن دادام بېرىپ ئىدارىسىغا ئ.ېلىپ كەتتى.
-نىمىشقا چۈشتىن ئاۋال كەلمەيسەن؟
-ئاپام يەسلىگە ئاپىرۋەتتى شۇ..
-مەن ساڭا بۇرمۇنچە شىىر ئۈگىتىپ قوياي دەپ ئاتايىن دوسلۇرۇمدىن شىىر ئۈگەۈندىم.
-ۋاھ ئەجەپ ياىشى.
-ھە راس ساڭا دوسلۇرۇمنى تونۇشتۇرۇپ قوياي سەنمۇ دوس بولۇپ قال.
-ھە ماقۇل،ئۇلار نەدە؟
-مۇشۇ ئىدارىنىڭ ئاقىسىدىكى مەھەلىدە،يۈرە مەن سىنى باشلاپ باراي.
-دادام ئىدارىدىن سىرىتقا چىقىپ كەتمەڭلار دىگەن تۇرسا؟
-ھېچنىمە بولمايدۇ،يۈرە.
بىز ئىدارىدىن چىقىپ دىلشات ئاكامنىڭ دوسلىرىنىڭ يېنىغا باردۇق
-ماۋۇ تاقىر باشنىڭ ئىسمى تۇرسۇن،ماۋۇ ماڭقا ئەلى،ماۋۇ دىقماق مەمەت ئىمىن،ماۋۇ يىغلاڭغۇ مۇرادىل...بۇ مىنىڭ ئۇكام بولىدۇ ھە باللا قېنى تۇنۇشۇپ قويۇڭلا..
شۇنداق قىلىپ مەن ئۇلاربىلەن دوس بولۇپ كەتتىم.
-ھەي مىنڭ بۇ ئۇكامغا شىىر ئۈگىتىپ قويۇڭلارچۇ...
-بولدۇ بولدۇ ھېلىقى بىز نىڭ شىىرىمىزنى ئۈگىتىپ قويايلى.
دەتتىكام ھۇشۇق
يانچۇق پۇل تۇشۇق.
قىمارۋازلار ئوينايدۇ،
دەتىكام ھۇشۇق.
تەخسىدە كاۋاپ،
يەۋاساڭ ساۋاپ.
مەن ئولتۇرمەن بىۇيەردە،
يولۇڭغا قاراپ.....
مەن ئۇلارنىڭ شىىرلىرىنى بىردەمدىلا ئۈگىنىۋالدىم كىيىن تېخى ئۇلار بىلەن پىجۇ بوتۇلكىسىنىڭ ئېغىزىنى تىكىشىپ تاش سوقاشتۇرۇپ ئويناشنىمۇ ئۈگىنىۋالدىم.
شۇنداق قىلىپ بۇ كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى مەن كەچتە تىلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ئاپامغا ئۇلار ئۈگەتكەن شىىرلارنى يادلاپ بەردىم ئاپام شۇنداق خاپا بولۇپ كەتتى.
-كىم ئۈگەتتى مۇشۇنداق قاملاشمىغان بىرنىمىلەرنىئ
شۇنداق قىلىپ بۇ كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى مەن كەچتە تىلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ئاپامغا ئۇلار ئۈگەتكەن شىىرلارنى يادلاپ بەردىم ئاپام شۇنداق خاپا بولۇپ كەتتى.
-كىم ئۈگەتتى مۇشۇنداق قاملاشمىغان بىر نەرسىلەرنى؟
-دىلشات ئاكاملار.
-ئەمدى يەسلىگە بېرىڭ ئۇلار بىلەن ئوينىماڭ!
-بولىدىنە...
شۇنداق قىلىپ مەن ئۇلار بىلەن ئويناشتىن مەھرۇم بولدۇم،كۈزنىڭ سوغۇق شامىلى سۆيۈپ ئۆتىدىغان بىر يەكشەنبە كۈنى مەن شۇنداقبەك قىزىپ كەتىىم ئۇساپل تۇرىمەن سۇ ئىچكەنسىرى ئۇسسايمەن ئاپام مىنى بازاغائېلىپ چىققان ئىدى شۆگاۋ يەيمەن دەپ ئەسكىلىك قىلىپ تۇرۋىلىپشۇنداق كۆپ شۆگاۋ يىدىم ئەمما يىگەنسىرى ئسساپ كىتىۋاتاتتىمئاپام ماڭا ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ قونچاق تۈگمىسى قادالغانشۇنداق چىرايلىق 12 ھايۋانىڭ سۈۈرىتى بېسىلغان چاپان ئېلىپ بەردى، شۇ كىچىسى تاڭ ئاتقىچە قىزپلا چىقتىم ئەتىسى ئاپام شۇ كىيىمىمنى كىيگۈزۈپ يەسلىگە ئاپىرىپ قويدى، بالىلار بىلەنمۇ ئوينىمىدۇم، ياتتىم ياتىتىم ياتتىم.كەچتەئاپام ئالغىلى كەلگەندە پۇتۇن يىرىمگە قىپ قىزىل مونەك چىقىپكۆزۈمنىمۇ ئاچالماي يىتىپتىمەن، ئاپام شۇنداق قارىساچاپىنىمنىڭ قونچاق تۈگمىلىرىنىڭ بىرىمۇ يوق،ھەممىسىنىبالىلار ئۈزىۋاپتۇ...ئاپام ئەتىسىدىن باشلاپ مىنى يەسلىگە ئاپارمىدى چۈنكى ماڭا قىزىل چىقىپتۇ باشقا باللارغا يۇقۇپ قالسا بولمىغىدەك،مەن ئۆيدەتۇردۇم مەن شۇنداق سېغىنغان ئەمما كۆرمىگىنىمگە نەچچە ئايلار بولغانئانام مىنى كۆرگىلى كەلدى.مەن شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىمئانام مەن ساقايغىچە يېنىمدا تۇرۇپ مەن ساقايغاندىنكىيىن قايتىپ كەتتى،ئانام كىتىپ نەچچە كۈن ئۆتۈپ مەن مەھەلىدىكى باللار بىلەن ئەخلەتخانىغا تاشلىۋىتىلگەن سۇلياۋ خالتىلارغا ئوت يېقىپ بىر بىرىمىزگەئېتىپ ئوينىدۇق قاندىغى قانداق بولدى بىلمەيلا قالدىم ئەكبەرئاتقان سۇلياۋ خالتا ئۇچۇپ كىلىپ بېشىمغا كىيىلىپ قالدى...ئاللاخۇدايىم تىرىك تۇرۇپ كۆيسە ئادەمنىڭ بەرداشلىق بەرگىلىبولمايدىغانلىقنى شۇندا ھېس قىلدىم ئۇ ئاغرىق ئۇ ئېچىشىش دىگەننى تىل بىلەن تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس،سۇلياۋ خالتا ئىچىدىمۇ بىرمۇنچە سۇلياۋ خالتىلار بارئىكەن سۇلياۋ كۆيۈپ ئىرىپ مىنىڭ باش كۆز چاچ قاشلىرىم يۈزلىرىمكۆيۈپ كەتتى،مەھەلىدىكى سىرىتتا ئولتۇرۇشقان چوڭلار ئىتتىككىلىپ مىنى قۇتقۇزمىغان بولسا ئاخىرىنى تەسەۋۇر قىلىشمۇمكىن ئەمەسكىم خەۋەر قىلدىكىن ئاپام شۇ كۈنى كىچىلىك ئىشلەيتى دادام ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى،دادام بوراندەك كېپ بولدى مىنى كۆتۈرۈپلا دوختۇرخانىغا يۈگۈردى چىرايىم تونۇغىسىز ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشقىدەك كۆيۈپكەتكەن ئىدى مەن چىقىراپ يىغلايتىم ئۇ ئېچىشىش ئۇ ئاغرىق دىگەننىسۆزلەپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس...دادام مىنى جىدى بۆلۈمگەئەكىرىپ ئاپامغا بىلدۈرمەيلا يۈزلىرىمگە بىر نەرسىلەرنىسۈكەپ قورقۇنۇشلۇق تەلەتىم دور سىقماقلار ئاستىدا يېپىلىپ قالغاندا ئاپامنى چاقىرىش ئۈچۈن ئاپامنىڭ ئىشلەۋاتقان يىرىگىمۇ كىرمەي ئۇدۇللا جىدىبۆلۈمگە ئەكىردى.مىنىڭ تەڭ تۇشلىرىم چۇقىرشىپ يۈگىرشىپ كەينىمىزدىنكىرىپ كىلىشىپتۇ ھەتتا ئاپامنىڭ ئىشخانسىغا كىرىپ ئاپامغاخەۋەر قىلىپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ.دوختۇرلار ئەمدى مىنىڭ بېشىمداپىقىراپ يۈرۈشكىچە ئاپاممۇ كىرىپ بولدى،ئاپام مىنى كۆرۈپلا دادامغا شۇنداق سەت قارىدى،
-سەن پوق يىگەنمىتىڭ بالىغا قارىماي!
-ئاچامنىڭ ئۆيىگە ئەكىرەي دىسەمئۇنىمىدى شۇ...
-زادى سىنىڭ قولۇڭغا قالغاندىكىنلا مۇشۇنداق بولماقچىتى...ئاپام كىچىكىدىن خەنزۇچىدا ئوقۇپتىكەن، مىجەزى شۇنداق كەسكىنشۇنداق ئىرادىلىك شۇنداق قەيسەر ئىدى،مىنىڭ چىقىراپ يىغلىشىمنىكۆرۈپ تۇرسىمۇ يۈرگى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ تۇرسىمۇ كۆرۈپتۇردۇمكى كۆزىدىكى لىغىلداپ تۇرغان ياشنى قەتتىقەتتى ئاققۇزمىدى،ئاپام دوختۇرلارغا مىنى كۆرسۈتۈپ
-بۇ مىنىڭ بالام،بۇ يولدىشىمبولىدۇياخشىراق قاراڭلار.....دىگەندەك بىر مۇنچە گەپلەرنى كالدىرلىدى..شۇ كۈندىن كىيىن مەن نەچچە كۈنلەرگىچە ئىش قىلىپ شۇنداق ئۇزاق كۈنلەرگىچە كۆيۈك بۆلىمىدە ياتتىم ئانام يىنە كىلىپ ماڭڭا قاردى.
كۈندەمەكتەپتىن قايىتقاچ دوسلۇرۇم بىلەن ئېرىقمۇ ئېرىقئەخلەتخانىمۇ ئەخلەتخانا ئەسكى تۈسكىلەرنى تىرىشكەنچىدىن قايتاتتىم،تېخىبەزىدە ئەخلەتخانىدىن تېرىۋالغان نەرسىلەرنى تالىشىپ مۇشلۇشۇپ يىغا زارە قىلىشىپمۇ كىتەتتۇق.مەن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئانامنىڭ ھەلەپئىتىشىغا ياردەملىشەتتى، كىچىك ئاپامنىڭ قىزى مىنىڭ نەۋرە سىڭلىممىنىڭ كەينىمدىنلا ئەگىشىپ يۈرەتتى،ئانام بەرگەن پارچە پۇراتپۇللارنى بەزىدە مەكتەپتىن كىلىپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ
-ماڭ چىقىپ خۇاڭ گۇا ئەكەل دەپ بىرەتتىم.ئۇ ئىدارىنىڭئالدىدىكى خۇئاڭگۇا ساتىدىغان ئايالدىن پۇلغا چۇشلۇق يېرىمتال ياكىبىر تال خۇاڭگۇا ئەكىرەتى،شۇ چاغلاردا 5پۇڭغا 2تالكەمپۈت بىرەتتى..مەن ئۇ ئەكىرگەن خۇاڭگۇانى ئۇنىڭغاكىچىككىنە ئوشتاپ بىرىپلا قالغىنىنى ئۆزۈم يەۋالاتتىم.بىچارىنى كۆتۈرۋىلىپ تولا يىقىتىۋىتەتتىم،دادام مىنى بوينىغا ئېلىۋىپىپ ماڭغاندەك ئۇنىمۇ بوينۇمغا ئېلىۋىلىپ ماڭىمەن دەپ بەك كۆپ بەك كۆپ تاشلىۋىتەتتىم سىمىنۇت يەرنىڭ ئۈستىگە شۇنداق قىلىپ تۇرساممۇ ئۇ ماڭڭا ئامراق ئىدى.مەن شۇنداق يوغان بىر قونچۇقۇمنىدايىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوينايتىم،بىر كۈنى بىز دەرۋازا تۈۋىدەئېرىق بويىدا ئويناپ ئويناپ مىنىڭ بەكلا قورسۇقۇم ئېچىپكەتتى سىڭلىمنى
-سىز بۇ يەردە قونچاق بىلەن تۇرۇپتۇرۇڭ مەن كىرىپ تاماق يەپ چىقاي بولامدۇ؟دىدىم.
ئۇ ئۇنىمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىيتىلەپ قونچاقنى ئېرىق بويىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ،قونچاققا قاراپ قايتا قايت جىكلىدىم.سىڭلىمنى يىتىلەپ ئۆي گە كىرىپ كەتتىم،ئۆيگە كىرشىمىزگىلا ئانام سورىدى.
-قونچاقنى ئېلىپ چىقىپ كىتىۋاتاتتىڭلارغۇ؟
-ھەئە،ئۇ بىزنى ئېرىق بويىداساقلاپ ئولتۇردىغان بولدى.بىز تاماق يەۋىلىپ چىقايلى دەپ قايتىپ كىردۇق.
-ئەستا مابالىنىڭ قىلغان ئىشىنى،خەخ ئەكەتمەمدۇ شۇنچەچىرايلىق قونچاقنى!
-ۋاي تاڭ...ئىشقىلىپ بىز ئۇنىڭغا ئېرىق بويدىن كەتمەي تۇردەپ قويۇپ كىردۇق.ئانام ئاكامىنى بۇيرىدى.
-ئېلىجان تىز بول بالام چىقىپ قاراپ باق.
ئاكام يۈگىرەپ چىقىپ كىتىپ قۇرۇق قول قايتىپ كىردى.
-يوق، خەخ ئەكەتكەن دۇ ..شۇنچە چىرايلىق قونچاقنى...بۇ باللارمۇ زە....شۇنىڭدىن كىيىن 2-لەپ شۇنداق قىلمايدىغان بولدۇم.ئۇچاغلاردا ئۆيىمىزدە تىلىۋۇزۇر يوق ئىدى ئىدارىنىڭ يىغىنزالىدا تىلۋۇزۇر بار بولغاچقا كۈندە كەچتە ھەممە ئادەم شۇ يەرگەكىرىپ تىلۋۇزۇر كۆرەتتۇق،ئاپشاركا پۈشتىگىنى تولاقۇياتتى،مەن شۇ تىلۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەندىن كىيىنتولا غەلۋە قىلىپ يۈرۈپ چوڭ دادامغا تۇلا دەپ يۈرۈپ بىزنىڭ قورانىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇدىغان شاۋۋۇ ئاكاشنىڭ ئاپشاركا ئىتىنىڭ بالىسىدىن بىرنى بېقىپ ئىسمىنى لىياڭزىنىڭ ئاپشاركا ئىتىنىڭ ئىسمىغا ئوخشۇتۇپ ئاتى قويغان ئىدىم. ئىدارىنىڭ ئىشىكىگە قارايدىغان تۇسۇن قارىكامنى بەك جىلە قىلاتتم كەچكىچە دوسلۇرۇم بىلەنبىللە دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كىلىۋىلىپ
تۇسۇن قارى،يوقتۇر يارى،
قولىدىكى موخرىكا يۈرەكپارى.
سىكىلىكى چوكاندەك،
نايناق قارى...دىگەندەك قوشاقلارنى قېتىۋىلىپ جېنىمىزنىڭ بارىچە توۋلاپ ئۇنى جىلە قىلاتتۇق.
كۈنلىرىم ئەنە شۇنداق ئۆتەتتى،شۇنداق كۈنلەرئىچىدە تەتىلكۈنلىرىمۇ يىتىپ كەلدى ئىمتاھان نەتىجىلىرىمىزنى تارقىتىپ بىزگە ئاتا ئانىلار يىغىنىئىچىلىدىغان كۈنى مەن كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ئاتا ئانىلار يىغىنىنىڭ باغاقچىسىنىتۇتقۇزدۇم
-كىچىك ئاپا چۈشتىن كىيىن ئاتا ئانىلار يىغىنى باركەن سىزبېرىڭ ھە.
-نىمىشقا ئانام بارمايدۇ؟
-ئانامنى ئاپاغىم يوق.
-نىمىشقا؟
-بىزنىڭ سىنىپتىكى باللارنىڭ ئاتا ئانسى ياش تۇرسا مىنىڭئانام قېرى تۇرسا...
-بۇ نىمە دىگىنىڭڭىز؟
-مەن دىگەن سىنىپ باشلىقى تۇرسام باشقا باللار مىنى ئانسىقېرىكەن دەپ زاڭلىق قىلمامدۇ!ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانام سوغۇق بولسىلا ئاقساپ ماڭدۇ!بالىلار ئانسىيولنىمۇ ئوڭشاپ ماڭالمايدىكەن دەپ مەسخىرە قىلىشىدىن خىجىل بولىمەن!
كىچىك ئاپام قولىدىكى ئىشنى قويۇپ مىنى خۇدى تۇنجى كۆرۋاتقاندەك،گويانەچچە ھەسسە كىچىك شۇنچىلىك غەلىتە نەرسىگە قاراۋاتقاندەك كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ شۇنداق غەلىتە نەزەر بىلەنماڭا شۇنچىلىك سوغۇق نەزەردە قاراپ كەتتى.
كۈتۈش ئۈچۈن يارالغانمىدىم...

36

تېما

4

دوست

1357

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

مەمۇرىي خالاس

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەرھابا.مىجىت
تۆھپە
433
مۇنبەر پۇلى
824
ئىشەنىچ
433
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 16:45:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ماڭا نىمىشقا بۇنداق قارايسىز؟!مەن قورقىمەن بۇنداق قارسىڭڭىز!
كىچىك ئاپام مىنى كۆتۈرۈپ سۇپا ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزى ئالدىمدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇردى.
-نەۋرە نىمە بىرىدۇ دىسە ،چوڭلار نەۋرە باقساڭ پوق بىرىدۇ، دىيشىدىكەن،سىز ئانامنى ئۇنداق دىسىڭڭىز بولمايدۇ،ئانام سىز تۇغۇلماستا شۇنداق چاققان ئايال ئىدى پۇتىنىمۇ سۆرىمەيتى،شۇنداق بىجىرىم چاققان ئىدى،سىز تۇغۇلغاندا شۇنچىلىك كىچىك تۇغۇلغان سىزنى تۇغدۇرغان دوختۇرلار سىزنى ئەي بولمايدۇ دىيىشكەندىمۇ ئانام سىزدىن قەتتى ئۈمۈت ئۈزمىگەن سىز شۇنچىلىك كىچىك تۇغۇلغان ئىدىڭڭىزكى ھەتتا ئاپىڭڭىزنىمۇ ئىمەلمەيتىڭڭىز،ئەرلەرنىڭ ئىشلىتىدىغان قول ياغلىقىدا بىمالال ياتاتتىڭڭىز،سىز ئەنە شۇنداق كىچىك تۇغۇلغان،ھەتتا ئاپىڭڭىزمۇ سىزنى ئەي بولمايدۇ دەپ قارايتى،ئەشۇ سىز خىجىل بولىدىغان ئانام سىزنى بەك تەستە بەك تەستە بېقىپ ئەي قىلغان،سىزنىڭ ئاغزىڭڭىزغا نەيفۇڭ تەڭشەپ سوۋۇتۇپ قوشۇقتا تېمىتمىسا ھەتتا سوسكىنىمۇ ئاغزىڭڭىزغا ئالالمايتىڭڭىز.بەك يىغلايتىڭڭىز ئانام سىزنى كىچە كىچىلەپ تۇتۇپ ئولتۇراتتى،كۆتۈرۈپ يۈرمىسە پەقەت ئۇخلىمايتىڭڭىز،شۇنداق ياتقۇزغاندىن كىيىنلا قىقىراپ يىغلايتىڭڭىز.ئانام كىچە كىچىكلەپ سىزنى كۆتۈرەتتى ئۇيقۇچىلىقتا بەزىدە يالاڭ ئاياق تۇرۇپ كۆتۈرۈپمۇ تۇراتتى.سىز يىغلاپ بولغىچە ئىتىك قوپۇپ كۆتۈرمىسە يۈگرەپ يۈرۈپ نەيفۇڭ تەڭشىمىسە تېخى.ئانام سىزنى بېقىپ مۇشۇنچىلىك قىلغىچە بەك كۆپ بەك كۆپ قۇربانلىق بەرگەن،سىزنى باقىمەن دەپ ئانام رىماتىزىم كىسىلىگە گىرىپتا بولدى.
ئانام شۇڭا سوغۇق بولسىلا پۇتىنى سۆرەپ قالىدۇ،سىز ئانامدىن خىجىل بولسىڭڭىز بولمايدۇ.
-ياق!ئىشقىلىپ مەن ئانامنى بارغۇزمايمەن!سىز بىرىڭ چۇ كىچىك ئاپا.
-ھەي...كىچىك بالىغا گەپ چۈشەندۈرمەك راسلا تەسكلەن جۇمۇ..بولىدۇ مەن باراي.
-ۋوي ئەجەپ ياخشى..
مەن كىچىك ئاپامىنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ ئاناملارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدىم،ئانام مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پولۇ ئىتىپ تۇ بىز تاماق يەپ بولۇپ مەن نەۋرە سىڭلىم بىلەن ئويناۋاتاتتىم،ئانام قازان قاچىلارنى جىمىقتۇرۇپ كىرىپ كىيىم ئىشگاۋىدىن پەلتۇسىنى ئېلىپ كىيدى.
-ئانا نەگە بارسىز؟
-قوشنىمىز چۈشتىن كىيىن مەكتىپىڭلاردىكى ئاتا ئانىلار يىغىنىغا بىرگە بارايلى دەپ چاقىرىپ كىرىپتكەن مەن ئالىمنىڭ ئانسى بىلەن سىلەرنىڭ يىغىنىڭلارغا بارىمەن جېنىم بالام.
-سىز بارمىسىڭڭىزمۇ بولىدۇ!
-نىمىشقا قوزام؟
-مەن كىچىك ئاپامنى بېرىڭ دەپ قويۇپ كەلدىم!سىز بارسىڭڭىز بالىلار مىنى قېرى ئانسى باركەن،ئاقساپ ماڭىدىكەن دەپ زاڭلىق قىلمامدۇ!مىنڭ ئىناۋىتىمگە تەسىر يىتىدۇ!
ئانام تۇرۇپلا قالدى،باش ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆزىنى سۈرىتىپ سۇپا ئۈستىدە ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتى،ئىشىكنى بىېسى چەكتى مەن يۈگىرەپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم ،بىزنىڭ خوشنىمىز ئالىمنىڭ ئانىسى ئانامنى چاقىرىپ كىرىپتۇ.
-******* چاقىرە بالام.
-ئانام بارمايدۇ!
مىنىڭ گىپىمنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغىچە ئانام ھويلىغا چىقىپ بولدى.
-مەن بارماي قوشنام،ئامانگۈل بارىدىغان بولدى،مەن نەۋرىلىرىمگە قاراپ تۇرۇپ تۇراي..
-ھە مەيلى ئەمسە...
-ئۆيگە كىرىپ ماڭماملا؟
-خوشە..
قوشنىمىز كەتتى،مەن نەۋرە سىڭلىم بىلەن ئويناپ ئويناپ ھېرىپ ئۇخلايمىز دەپ ئانامنىڭ يېنىدا ياتتۇق،نەۋرە سىڭلىم بىردەمدىلا ئۇخلاپ قالدى.مەن ئانامنىڭ شۇنداق ئېغىر تىنىپ ئۇياق بۇياققا ئۆرىلىشلىرىدىن ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلىپ ئانامغا گەپ قىلىپ بەرمەكچى بولۇپ ئانام تەرەپكە ئۆرۈلۈپ ياتتى.
-ئانا، يىغلاپسىزغۇ؟
-كۆزۈم ئاغرىۋاتىدۇ بالام.
-ھە..ئانا مەن سىزگە بىر گەپنى دەپ بىرەي ھە.
-دەڭە قوزام.
-نەچچە ھەپتە ئىلگىرى دادام كەلگەندە مىنى يىغۇن دەپ شۇنداق كۆپ قوغۇن ئەكەلدىغۇ؟ھە شۇ قوغۇنلارنى مەن كۈندە مەكتەپكە ئاپىرىپ كىمگە بەردىم بىلەمسىز؟
-ياق،كىمگە بەردىڭڭىز بالام؟ ئۆزۈم يەيمەن دەپ ئەپ كىتەتىڭڭىزغۇ؟
-شۇنداق دەپ قوياتتىم سىلەرگە ئەمما مەن ئۇ قوغۇنلارنى ئايشەم مۇئەلىمگە بىرەتتىم.
-نىمىشقا؟
-ئۇ بىزنىڭ سىنىپ مۇدىرىمىز تۇرسا!
-دادىڭڭىز سىزنى كىچىكىدىن ئەممەي چوڭ بولغان بۇ بالا ئاجىز چوڭ بولۇپ قالمىسۇن دەپ مۇشۇنداق قارا قىشتىمۇ نەلەردىن تېپىپ سىزگە ئەكەپ بەرسە ھەتتا چوڭ دادىڭڭىز مەن،ئاكىڭڭىز،ھەتتا مۇشۇ ئۇكىڭڭىزغىمۇ بىرىشكە چىدىماي سىزگە ساقلاپ بەرگەن قوغۇنلارنى نىمىشقا مالىمىڭڭىزغا بىرىسىز ؟
-ئايشەم مالىم مەن قوغۇن بەرسەم مىنىڭ باش كۆزلىرىمنى سىلاپ پىشاينەمگە سۆيۈپ قويىدۇ، باشقا بالارنى ئۇرغاندەك مىنى ئۇرمايدۇ،بىزنىڭ مالىمنىڭ بەك ئاچچىقى يامان ئەمما مىنى پەقەت ئۇرمايدۇ شۇڭا مالىمغا تېخىمۇ ياخشى كۆرىنەي دەپ شۇنداق قىلىمەن.
-مەكتەپكە بېرىپلا ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ بىرەمسىز؟
-ياق، مۇئەللىم ئۇنداق قىلماڭ ئۇنداق قىلسىڭڭىز تەسىرى ياخشى بولمايدۇ دىگەن،شۇڭا مەن ئالدىدىكى پارتىدا ئولتۇرغاچقا قوغۇننى مالىم دەرىس ئۆتىۋاتقاندا ئاستا دۇملىتىۋىتىمەن قوغۇن بېرىپ مالىمنىڭ پۇتىغا تىگىدۇ مالىم ماڭا مەنىلىك كۈلۈپ قويۇپ دەرىس تۈگىگەندە ئەپ چىقىپ كىتىدۇ.
-ۋاي بىچچارە،ماڭا يالغان گەپ قىلىپ ئەكەتكەن قوغۇننى ئۆزىڭڭىزمۇ يىيەلمەيدىكەنسىز ھە جېنىم بالام...
-ئانا، بۇنىڭدىن كىيىن دادام يىنە شۇنداق نەرسىلەرنى ئەكەپ بىرىپ كەتسە يىنە ماڭا ساقلاپ بىرىڭلار سىلەر يىمەڭلا بولامدۇ؟مەن مۇئەللىمگە بىرىمەن.
-ماقۇل بالام سىز نىمە قىلىپ كۆڭلىڭڭىز خوش بولسا مەن شۇنىڭغا رازى بالام...
ئانام مىنىڭ گەپلىرىمگە قۇلاق سالغانچىدىن كۆزى ئۇيقىغا بارغان بولسا كىرەك كۆزىنى يۇمۇپ يىتىپتۇ،ئەمما مىنىڭ ئەسلا ئۇيقۇم كەلمەيۋاتاتتى،شۇنىڭ بىلەن ئاستىمغا سېلىپ ياتقان كۆرپىنىڭ يىپىنى سۇغۇرۇشقا باشلىدىم،تاكى كىچىك ئاپام ئاتا ئانىلار يىغىنىدىن قايتىپ كىلىپ ئىشىكنى چەككەنگە قەدەر سۇغىرى ۋەردىم ئانام قوپۇپ ئىشىكنى ئاچتى.
-باللار كۆرۈنمەيدىغۇ؟
كىچىك ئاپامنىڭ ئۈنى ھويلىدا ئاڭلىنىۋاتاتتى،مەن دەرھال ئۇخلىغان قىياپەتتە كۆزۈمنى يۇمىۋالدىم.كىچىك ئاپام ئۆيگە كىردى.
-ھېلىراقتا ئۇخلىدى بالام بۇلار،نەتىجىسى قانداقراقكەن؟
-98دىن چۈشمەپتۇ مانا ئىمتاھان قەغىزى..
-ۋوي!!!!!مەن بىر ۋاقىراپلا ئورنۇمدىن چاچىراپ قوپتۇم.
-مەكىلىپ سىزگە كەمپۈت ئالغاچ كەلدىم كەمپۈت بىرەي.كىچىك ئاپام سومكىسىدىن كەمپۈتىنى ئېلىپ بولغىچە مەن قولۇمدىكى بىر توپ يىپنى ئانامغا تەڭلىدىم
-مەڭ، سىزگە يىپ بىرەي.
-ۋاي ئەقىلىق بالام،بەك بەلەن بالا بولدى جۇمۇ بۇ..نەدىكى يىپ بۇ بالام؟
-مەن ياتقان كۆرپىدىكى.
-ھە؟
-مەن سىزگە يىپ سۇغۇرۇپ بەردىم، نەرسە تىكەندە ئىشلەتمەمسىز؟...
-ما بالىنىڭ قىلغان ئىشىنى...
كىچىك ئاپام كۈلۈپ كەتتى، ئانام يە كۈلىشىنى يە يىغلىشى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى.
-دادام تېخى ئىشتىن چۈشمىدىما؟
-داداڭ بۇ بالىغا بازاردىن يىلىك يىشۇرۇپ بىرىدىغانغا سۆڭەك ئالغىلى كەتتى.
-مۇشۇ بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپلا ئاپىسىنى ئەممىگەن دەپ يىلىك يىگۈزۈپ كىلىۋاتىسىلەر،دادام نەمىنە سۆڭەك ئەكىلىپ مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا قاينىتىپ كىتىدۇ،بۇ بالا مۇشۇنداق باققىنىڭلارغا سىلەرگە قانچىلىك ۋاپا قىپ كىتە؟ نەۋرە باقساڭ پوق بىرىدۇ دىگەندەك بولۇپمۇ قالارمۇ ئاخرى ھە...
-نەدىكى گەپلەرنى قىلمىغىنە!بەك شۇم سۆزلەيدىكەنسەن!ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ!
-خەخلەر يىلىكتە باققان بالا چوڭ بولغاندا ئاتا ئانسىنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىدىغان بەغىرەز بولۇپ چىقىدۇ دىيشىدىكەن، بۇ بالىغا شۇنچە قىلغانلىرىڭغا چۈشلۇق ھەرەمگە يۈدۈپ ئاپىرارمۇ ھە....
-نەدىكى گەپلەرنى سەن تاپىدىكەنسەن!يوقىلاڭ گەپ قىلمىغىنە!...كۈنلەر ئۆتمەكتە قىشنىڭ قىسقىغىنە تەتىلىدىن خوشلۇشۇپ يېڭى مەۋسۇم باشلاندى،يېڭى مەۋسۇم باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزدۈم.سىنىپىمىزدىكى ھەممە بالىلار دىگدەك قاتناشتى،مەن شۇنداق خوش بوپ كەتتىم تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ ئۇزاق ئۆتمەي.بىر كۈنى مەكتەپتىكى بالىلار بىلەن بىرلىشىپ ئىلانگۈچ ئويناپ تازا ئىگىز ئۇچقاندا ئۇچۇپ چۈشۈپ بۇرنۇمنى يېرىۋىلىپ ئولتۇردۇم،بۇرنۇم ئەمدىلا ساقايغاندا سىنىپىمىزدىكى تۇسۇنجان بىلەن مۇشلۇشۇپ قېلىپ ئاستىمغا بېسىۋىلىپ تازا دۇمبالاپ ئۆيگە خەخ مىنى ئۇرۇپ كەتتى دەپ يىغلاپ بېرىپ چوڭ دادامنى چاقىرىپ كىللىپ ئۇ شۇمتەكنى راسا ئۇرغۇزۇپ كەتتىم، نەچچە كۈن ئۆتۈپ يىنە بىر بالابىلەن ئۇرشۇپ قالدىم، بۇ قېتىم مەن تاياق يەپ كەتتىم، يېشىمنى يۈزۈمنىڭ ھەممە يىرىگە سۈكەپ ماڭقامنى ئېققۇزۇپ يىغلىغانچىدىن كىچىك ئاپامنىڭ ئىدارىسىغا باردىم.كىچىك ئاپامنى باشلاپ كىلىپ ئۇنىڭ راسا ئەدىۋىنى بەرگۈزسەم ئەتىسى ئۇ شۇمتەك ئاپىسىنى باشلاپ كەپتۇ.ئۇنىڭ ئاپىسىمىنى تازا تىللىدى قۇلۇغۇمنى تارتىپ تەربىيە قىلىپ كەتتى تېىخى مەن راسا يىغلاپ يىنە كىچىك ئاپامنى چاقىرىپ كەلدىم كىچىك ئاپام كىلىپ ئۇ خوتۇن بىلەن راسا تىلاشتى تاس قالدى مۇشلاشقىلى ئاخىرى بىز يېڭڭىپ چىقتۇق...ھاھا....مەن بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي چوڭ دادامنى باشلاپ بارماقچى بولدۇم، ئەتىسى ئەتىگەندە چوڭ دادام مىنى ئېلىپ مەكتەپكە ماڭغاندا ئۇ شۇمتەك بىزگە يولدىلا ئۇچىراپ قالدى.
-چوڭ دادا،ئاۋۇ شۇم شۇ مىنىڭ قۇلۇغۇمنى ئاپىسىغا تارتقۇزۇغان!چوڭ دادام ئۇنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ بېرىپ ئۇنىڭ ئالدىنى تۇستى.
-تۇختا!نىمىشقا مىنىڭ نەۋرەم بىلەن ئۇرشىسەن؟!
-ئۇ مىنى ئۇرۋالىدۇ ھەر قېتىم...
-بىكار بىكار ئۇرامدا!
-مەن بىلەن ئوينىمىدىڭ مىنىڭ سومكامنى كۆتۈرۈشۈپ بەرمىدىڭ دەپ ئۇردۇ شۇ...
-نىمىشقا،ئاناڭغا دەپ قۇلىغىنى سوزغۇزدۇڭ!ئەكىلە مەنمۇ سىنىڭ قۇلۇغۇڭنى سوزۇپ باقاي...
چوڭ دادام شۇنداق دەپلا ئۇنىڭ قۇلىغىنى سوزۇپ كەتتى،ئۇ بۇلسا ۋاقىراپ يىغلاپ تىپىرلايتى...
شۇ كۈنىدىن باشلاپ نەچچە كۈنلەرگىچە ئۇ مەكتەپكە بارمىدى،ئۇنىڭ قۇلىغى يىرلىپ كىتىپتۇ، خېلى كۈنلەردىن كىيىن ئۇ مەكتەپكە كەلدى شۇ نىڭدىن كىيىن سىنىپتىكى ھېچقانداق بالا مەن بىلەن ئۇرۇشمايدىغان بولدى.ھەتتا مەن ئۇرۋالساممۇ ماڭا قول ياندۇرمايدۇ.،مەن كۈندىن كۈنگە ياۋۇزلۇشۇپ كەتتىم.كەپسىزلىكىمگە گەپ تۇغرا كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئىدىم ،بىر كۈنى چۈشتە مەھەلىدىكى دوسلۇرۇم بىلەن ئوينىغانچىدىن مەكتەپكە مېڭۋاتساق ئالدىمىزغا قىپ يالاڭڭاچ بىر ئايال يۈگىرەپ چىقتى، بىز نىمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدۇق،ئادەم دىگەن كىچىك چاغلىرىدا يالاڭڭاچ يۈرسە ياراشقىنى بىلەن چوپ چوڭ بولۇپ قېلىپمۇ قىپ يالاڭڭاچ بولسا ئەجەپمۇ سەت بولىدىغان نەرسىلكەن ئەيھانناس،سۇنۋۇكۇڭنىڭكىدە چىقىدىغان ئالۋاستىلارمۇ قىپ يالاڭڭاچ ئادەمدىن مىڭ ھەسسە چىرايلىق كۆرنىدۇ ئادەمنىڭ كۆزىگە.كىمدۇر بىرى شۇنداق سەت ۋاقىرىدى.
-قېچىڭلار ھەي باللار ھۆرەك ساراڭ ئادەم ئۆلتۈردۇ جۇمۇ!شۇندىلا مەكتەپتە باللارىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىۋالغان گىپىم يادىمدىن كەچتى.ھېلىقى خالادا ئۇخلاپ قېلىپ ئېلىشىپ قەلغان ساراڭ مۇشۇكەندە،ئاھ خۇدا تۈگەپتۇق ئەمدى...قاچە قاچ دىيشىپ بىردەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ئىشتىكلا ئۆزىمىزنى ئوڭشاپ تەرەپ تەرەپكە قېچىشقا باشلىدۇق،ئەمما ساراڭ دىگەن بوراندىن تىز يۈگىرەيدىكەن ئەمەسمۇ،ئالىم ئىككىمىزنىڭ كەينىدىن بوراندەك قوغلاپ كەۋاتمامدۇ ئەيھاناس...شۇنچە بالىلارنى قوغلىماي بىزنى قوغلىغىنىى دىمەمدىغان بۇ ساراڭ خۇتۇننڭ.قاچە قاچ پۇتلىرىمىز ماشىنىىڭ چاقىدىنمۇ تىز ئايلانسىمۇ ئالدىمىزغا يۈگۈرگۈنسىرى كەينىمىزگە يېنىپ كىتىۋاتقاندەك ئۇنىڭ قوللىرى بىزنىڭ چېچىمىز ئۈستىدىلا ياكى بوينىمىزدىكى ئارقىمىزغا چۈشۈپ قالغان ساڭگۇل سۇڭگۇل گىىلاستۇكىمىز ئۈستىگە يېپىشىشقا ئازلا قېلىۋاتاتتى،قاندىقى قانداق بولدىكىن تاڭ ئالىم پالاققىدە يىقىلىپ چۈشتى،مەن بولسام ئىتتىن قاچقان گاچىدەك ۋاتىراقشقپ داۋاملىق يۈگۈرمەكتە ئىدىم.ئۇ ساراڭ مەن بىلەن كارى بولماي ئەمدى يىقىلىپ چۈشكەن ئالىمنىڭ دۈمبىسىگە مىنىۋىلىپ ئالىمنىڭ باش كۆزلىرىگە تازا سالغىلى تۇردى...بىچارە ئالىم قىقىراپ يىغلىماقتا ئەتراپىمغا قارىدىم بۇرمۇنچە ئادەم تاماششا كۆرۋاتىدۇ يۇ بىر ئادەم چىقىپ ئالىمنى قۇتقۇزاي دىمەيدۇ.كىچىكلىكمۇ ياكى ساراڭلىقمۇ بىلمدىم يەردىن قىشنىڭ پاچىسىنى ئېلىپ يۈگەرگىنىمچە بېرىپ ئۇ ساراڭنىڭ كاللىسىغا قارتىپ ئاتتىم،كىسەك پارچىسى شۇنداق توغرا شۇنداق خاتاسىز بېرىپ ئۇنىڭ بېشىغا ۋاڭڭىدە تىگىشى بىلەنلا ئۇنىڭ چاڭگا بولۇپ كەتكەن چېچى ئاستىدىن قىپ قىزىپ قان سىرغىدى،توۋا ساراڭنىڭ قېنىمۇ قىزىل بولىدىكەن دىسە..مەن تېخى ساراڭنىڭ قېنى ساق ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بولىدۇ ئۇلارنىڭ قېنى قارا بولىدۇ ۋە ياكى ئۇلاردا قان بولمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن ساراڭلار تۇغرىسىدا ھەرخىىل گەپلەرنى ئاڭلىغان چېغىمدا.. تاماششا كۆرۋاتقانلار بىردىن قىيا چىيا قىلىشىپ يۈگىرەپ بېرىپ ئۇنى ئورىۋالدى، ئۇ ساراڭمۇ ئالىمنى ئۇرۇشتىن توختاپ ئىشەكلەردەك ئاۋاز چىقىرىپ شۇنداق سەت يىغلىغانچىدىن ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ مەن تەرەپكە ئوقتەك كىلىۋاتمامدۇ...مەن يەرگە مىخلىۋىتىلگەندەك مىت قىلىپ مىدىرلىيالماي تۇرغان جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم،ئۇ كەلگەنچە كىلىپ مىىنىڭ ياقامدىن يۇلۇپ ئېلىپ مىنى خۇددى ئەسكى پالازنى چۆرىگەندەك چۆرىۋەتتى، يارگە خۇددى ئاسماندىن تاشلىۋىتىلگەندەك شۇنداق سەت چۈشتۈم كى كۆز ئالدىم قاپ قاراڭغۇ ھېچنىمىنى كۆرەلمىدىم پەقەت قۇلاق تۈۋىمدە
-ھەي ھەي ئا ساراڭنى تۇتىۋىلىڭلا بىكار بۇ بالىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ دىگەن ئاۋاز ئاڭلىناتتى،كۆزۈم ئوچۇقمۇ يېپىقمۇ بىلمەيمەن ئىشقىلىپ شۇنداق ماغدۇرسىزلىنىپ كىتىۋاتاتتىم، شۇ جايىمدا قانچىلىك ياتتىمكىن تاڭ، بىر ئاكاش مىنى ھىدەپ سىلكىپ ھەدەپ بىر نەرسىلەرنى دەۋاتاتتى كۆز ئالدىم شۇنداق تۇمانلىق شۇن\داق غىۋا..ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقنىلا كۆرەتتىم ئەمما گىپىنى ئاڭلىيالمايتىم..
يىغلىغانچىدىن ئۇنىڭ قۇچىقىدىن تۇرۇپ يۈگەرگەنچىدىن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.ئانام مىنىڭ ساراڭدىن تاياق يەپ كەتكىنىمنى ئاڭلاپ مىنى باغرىغا بېسپ  يىغلاپ كەتتى،شۇنداق قىلىپ مەن شۇ قورقۇپ كەتكەنچە نەچچە كۈنگىچە مەكتەپكىمۇ بارمىدىم.مەن شۇ ساراڭدىن قورقۇپ كەتكەندىن كىيىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ چوڭ دادام ئۆيگە تىلىۋىزۇر ئالدى،شۇنىڭدىن كىيىن قوشنىلار بىزنىڭ ئۆيگە تىلۋۇزۇر كۆرگىلى كىرىدىغان بولدى، ئىدارىنىڭ يىغىن زالىدىكى تىلۋۇزۇرنى كۆردىغانلار خېلىلا ئازلىغاندۇ بەلكىم.ئالىم دىن ئاڭلىسام سىنىپتىكى بالىلار مەندىن شۇنداق ئەنسىرەپتۇدەك مىنىڭ ئالىمنى قۇتقۇزۇش يولىدا كۆرسەتكەن باتۇرلۇقۇمدىن ئۇلار ماڭا شۇنداق ھەۋەس قىلىشىپ كىتىپتىمىش
مەن يەنىلا مەكتەپكە باردىم ئەمما يولدىن ئۆتكىچە ھۆرەك ساراڭغا ئۇچراپ قالماي دەپ ئەتراپىمغا شۇنداق زەڭ سېلىپ قاراپ ماڭىدىغان بولدۇم، نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ ئۇ ساراڭنى يىراقتىن كۆردۈم بۇ قېتىم ئۇ شۇنداق مەينەت شۇنداق ساڭگۇل سۇڭگۇل كىيىم كىيۋاپتۇ مەن تەرەپكە قاراپ يوغان يوغان چامداپ كىلىۋاتتاتتى،يۈركىم قاررتىدە قىلدى،بۇ ساراڭ يىنە مىنى ئۇرغىلى كىلىۋاتمايدىغاندۇ ھە...ئەمما ئۇ مىنىڭ يېنىمدىن ماڭا قاراپمۇ قويماستىن شۇنداق تىز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كەتتى.كۈنلەر ئۆز يورغىلىشىدا مېڭىۋەرمەكتە، بىزنىڭ ماۋسۇملۇق ئىنتاھانلىرىمىزمۇ تۈگەپ يازلىق تەتىلگە قويۇپ بىرىلدۇق، بۇ قېتىم ئانام ئۆزى بىلىپلا ئاتا ئانىلار يىغىنىغا بېرىش ئۈچۈن تەييارلىقمۇ قىلمىدى،كىچىك ئاپام بېرىپ قاتنىشىپ كەلدى، نەتىجىلىرىم يەنىلا شۇنداق ياخشى ئىدى، بىزنى تەتىل قويۋىتىپ ئۇزاق ئۆتمەي دادام ئاپاملارمۇ يىتىپ كەلدى،ئاپامنىڭ قۇچقىدا بىر كىچىك قىز بوۋاقمۇ بار ئىدى، بۇ مىنىڭ سىڭلىم ئىكەن ئاپام بۇ قېتىم بۇ يەردە شۇنداق ئۇزاق تۇردى كىتىدىغان چاغدا مومام بار يېزىدىن بىر ئاچاشنى ئېلىپ مىنى ئېلىپ بىرگە قايىتتۇق،مەن بۇ قېتىم ئالدىنقى يىللاردىكىدەك ئۇشۇقلۇق قىلىپ يىغلىمىدىم قارغاندا خېلى چوڭ بولغان بولسام كىرەك.مەن بۇ قېتىم قايتىشىمدىن باشلاپلا ئاپاملارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدىم ئاپام مىنى مۇشۇ يەردىكى باشلانغۇچنىڭ 2-يىلىقىغا مەكتەپكە بەردى.
بۇ يەرنىڭ باللىرى بىزنىڭ ئۇ تەرەپنىڭكىگە ئوخشىمايتى،پارتىلىرىمىزمۇ 2ئادەم بىللە ئولتۇردىغان شۇنداق چىرايلىق ھەم ئەپچىل پارتىلار ئىدى،بىزنىڭ ئۇ يەردىكى سىنىپلاردا بولسا بىر پارتىدا 4تىمىز قىستىلىشىپ ئولتۇرشاتتۇق، ئۈستەل ئۈستىنى پىچاق بىلەن سىزىپ بۆلىشىپ بىر بىرىمىزنىڭ بۆلىشىۋالغان رايۇنىمىزغا دەخلى تەرۈز قىلىشماي ئولتۇرشاتتۇق، شۇنداق بىرەرسىمىزنىڭ كىتاپ ياكى قەلەملىرى سىزىپ قويۇلغان چىگرادىن ئۆتۈپ كەتسە شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان جەڭ بولاتتى.مەن بۇ يەردىكى مۇھىتتىن تولىمۇ رازى ئىدىم ئەمما بۇ يەرنىڭ باللىرىغا گەپ قىلىشىم ئوخشىمىغانلىقى تۈپەيلى باشقا باللارنىڭ مەسخىرسىگىمۇ ئۇچىراپلا تۇراتتىم، پارتىدىشىم ھەر قېتىم مىنىڭ گىپىمنى دوراپ مىنى مەسخىرە قىلاتتى.
-غول، جىق دىگەن نىمە گەپ ئۇ؟!كۆپ دىمەمسىز!نىمانداق غەلىت گەپ قىلىدىغاندۇ..
-نىمىشقا مەن بىلەنلا قالىسىز؟
-قالىمەن قانداق؟!ۋۇ سەرالىق....مەن ئۇ يەردىكى بىشەملىكىمنى بۇ يەردە ئاقتۇرالمايتىم چۈنكى مەن بۇ يەرگە يېڭى ياچى دە..
سىنىپ باشلىقىمىز بۇرنى پاناق ئۆزى سىمىز ئاق پىشماق كەلگەن بىر قىز ئىدى،ھەممە باللار ئۇنىڭدىن قورقاتتى جۇملىدىن مەنمۇ قورۇقماي قالمايتىم ئەلۋاتتە،چۈنكى ئۇ بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىز تۇردىگۈل مۇئەلىمگە كىمنگە ئۆچ بولۇپ قالغان بولسا شۇنى چېقىشتۇرۇپ تاياققا قوياتتى، تۇردىگۈل ئاپپاي شۇنداق بەستىلىك شۇنداق قاۋۇل ئايال ئىدىكى ئەرلەردەك بەستىگە ماسلاشقان ئەرلەرچە ئاچچىقىنى دىمەيلا قوياي، لەقەم قويۇشقىمۇ شۇنداق ئۇستىدە بۇ سىنىپتىكى كۆپۈنچە باللارغا ئۆزى بىلگەنچە لەقەم قويۇپ چىقاتتى،سىنىپ باشلىقىمىزنىڭلا لەقىمى يوق قالغانلىرىمىزنىڭ ئاسساسى جەھەتتىن لەقىمى بار ئىدى،سىنىپ باشلىقىمىزنى شۇنداق ھۆرمەتلەپ ھېپىزە،دىگەن ئىسىمىنىڭ ئارقىسىا قىز قوشۇمچىسىنى قوشۇپ چاقىراتتۇق مەن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندا ئۆزۈمنى قاقاقلاپ كۈلىۋىتىشتىن ئارانلا ساقلاپ قالغان ئىدىم ماڭا ئۇنىڭ ئىسمى گويا مىجىقى چقىپ كەتكەن شاپتۇل ياكى ئۈرۈكلەرنىلا ئەسلىتەتتى.،ئۆزۈممۈ بىلمەيمەن نىمىشقىكىن ئۇنى كۆرسەملا شەيتانلىقم تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلگىم كەپ كىتەتى شۇنداقتقمۇ ئۆزۈمنى زورىغا تۇتىۋالماي نىمە چارا بار...2-يىلىقنىڭ 1-ماۋسۇمى بىرخىل رەۋىشتىلا ئۆتۈپ كەتتى ،قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بىرلگىچە مىنىڭمۇ گەپلىرىم ئۆزگۈرۈپ بۇ يەردىكىلەر بىلەن گەپ سۆزدە پەرىقلەنمەيدىغان پارتىدىشىم تەرپىدىنمۇ مەسخىرە قىلىنمايدىغان بولۇپ قالدىم،قىشلىق تەتىل تويۇپ بىرىپلا نەچچە كۈنگە قالماي دادام يۇرتىمىزغا يۈك توشۇيدىغان بولۇپ قېلىپ مەن دادامنىڭ ماشىنىسدا ئاناملارنىڭ يېنىغا كەتتىم،ئىشىكتىن كىرىپلا ھەيران قالدىم،چۈنكى ئانامنىڭ بېشىدا ئاق ياغلىق،ئۆيدە شۇنداق كۆپ ئادەم يىغا زارە قىلىشىۋاتاتتى.مەن ئانامغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ئۇنىڭ باغرىغا چىڭ چاپلىشىۋالدىم...مومام شۇ كۈنى ئەتىگىنى تۈگەپ كىتىپتۇ.مەن ئانامنىڭ باغرىدا بىردەم چاپلىشىپ تۇرغاندىن كىيىن يىنىلا دوسلۇرۇم بىلەن ئوينىغىلى چىقىپ كەتتىم.مومامنىڭ ئۆلىمىگە ئاپام كىلەلمىدى.شۇ كۈنى كەچتە مەن مومامنى چۈشەپ قالدىم،بىچارە مومام ھويلىدا يالغۇز ئولتۇرغىدەكمىش،ئەتراپىدا شۇنداق كۆپ گۈللەر ئېچىلغانممىش،شۇ گۈللەرنى ئۈزىۋالسام بولاتتى دەپ شۇنداق ھەپىلىشىپمۇ بىرەر تالنىمۇ ئۈزىۋالالماپتىمىشمەن،مەن يازدا ئاپاملار بىلەن كىتىشنىڭ ئالدىدا باققان ئىتىم كەيرۇ مىنىڭ كەينىمدە ھەدەپ مىىنىڭ چاپىنىمنىڭ ئارقىسىدىن چىشلەپ تارتىۋاتقىدەكمىش،گەرچە مەن كەتكەندىن كىيىىن ئاناملار ئۇ ئىتىنى يىزىدىكى تۇقانلىرىمىزغا بىرىۋەتكەن بولسىمۇ ئۇ ئىت ئانام ھەر قېتىم يېزىغا مومامنى يوقلىغىلى چقىپ شۇ تۇقانلارنىڭ ئۆيىگە كىرسە ئانامغا قاراپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن غىڭشىپ باشقىچە قىلىقلارنى چقرىپ ئەركىلەپ كىتەتتىكەندۇق...مەن ئۇنى كۆرمىگىلى شۇنچە ئۇزاق بولغان بولسىمۇ شۇ كۈنى ئۇنى چۈشۈمدە بولسىمۇ كۆردۈم، توۋا مومام خۇدى مەن يىنە ئۇنىڭ پۇللىرىنى ئەپ قاچىدىغاندەك ماڭا قارىيالماي يەرگە قاراپ ئولتۇرغۇدەكمىش...شۇنداق غەلىت چۈشلەرنى كۆرۈپ ئويغۇنۇپ قارسام ئاللىقاچان تاڭ ئېتىپ كىتىپتۇ.ئالىملار بىلەن ئويناپ يۈرۈپ بۇ تەتىل كۈنلىرىمۇ كۆزى يۇمۇپ ئاچقىچىلا ئۆتۈپ كەتتى،دادام مىنى ئالغىلى كەپتۇ مەن دادامنىڭ ماشنىسىدا قايتىپ كەتتىم،2-يىلىقنىڭ 2-ماۋسۇمى مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئاز قالغاندا دادام يىنە يۇرتىمىزغا بارىدىغان بولۇپ قالدى، ئاپاممۇ ئىش ئورنىدىن رۇخسەت ئېلىپ دادامنىڭ ماشىنىسدا سىڭلىمنى ئېلىپ بالىغا قارايدىغان قىز بىلەن مىنى قالدۇرۇپ كىتپ قالدى،دادامنىڭ دادىسى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپتىدەك،شۇڭا دادام جىدى جىدى لا يولغا چىقىپ كەتتى،شۇ كۈنى چارشەنبە كۈنى ئىدى.ھەر چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئوقۇتقۇچىلارغا سىياسى ئۈگىنىش بولغاچقا، بىزنى مەيدان ھەم سىنىپلارنى تازلاشقا ئورۇنلاشتۇراتتى،مەن ھېپىزە قىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن سىنىپنىڭ دەرىزىلىرىنى سۈرتىشكە بەلگىلەندىم.مەن تازا دەرىزە سۈرتىۋاتاتتىم تۇيۇقسىز يەنە بىر تەرەپنىڭ دەرىزىسىنى سۈرتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھۆسەنجان مىنىڭ يېنىمغا كىلىپ مىنىڭ تەلەڭگىگە چىلىۋالغان لۆڭگەمگە قول ئۇزاتتى،مەن شاققىدە لۆڭگىنى قولۇمغا ئېلىۋالدىم،
-لۆڭگەڭنى بىرىپ تۇرە.
-ياق!مەن ساڭا بىرىپ تۇرسام ئۆزۈم نىمە ئېشلىتىمەن؟
-مەن سۈرتۈپ بولۇپلا ساڭا قايتۇرۇپ بىرىمەن ئەمەسمۇ!
-ياق!
-يوقىلە ۋو چىدىماس!ئۇ شۇنداق دەپلا مىنى ئىتىرۋەتتى، ياخشىمۇ سىنىپىمىز 1-قەۋەت بولۇپ قاپتۇ، مەن دەرىزىدىن سىرىتتىكى سىمىنۇت يەر ئۈستىگە يىقىلدىم،ۋاھ بۇ خىل ئاغرىقنىڭ مۇۋاپىق تەسۋىرلىنىدىغان سۆزىنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس.بالىلار بىردەمدىلا ئوپۇر توپۇر بولشۇپ ئەتراپىمغا ئولاشتى،ھېپىزىقىز،ھۆسەنجانىڭ ياقىسىدىن تارتىپ مىنىڭ ئالدىمغا ئەكەپ شاپىلىقىغا نەچچىنى سېلىۋەتتى، نەچچە بالىلار مىنى يۆلىشىپ ياشلىرىمنى سۈرتۈشكەنچىدىن ئۆيۈمگىچە ئاپىرىپ قويدى.
شۇ كىچىسى بىر كىچە قىزىپ چىقتىم سول قولۇمنى ئەسلا مىدىرلىتالمايمەن،ئاغرىق دەستىدىن ئۇخلىيالمىدىم ئەتىسى مەكتەپكىمۇ بارالمىدىم،مۈرەم شۇنداق ئىششىپ كەتتى ئۇساپلاتۇرىمەن،مەن بىلەن ئۆيدە قېپ قالغان ھەدەم ماڭا شۇنچە سۇ ئىچكۈزۈپ تۇرسىمۇ ئۇسسۇزلۇقۇمغا ئەسلا قانمايمەن. شۇنداق قىزىتما ئىچىدە 3كۈن ياتقاندا كۆزۈمنىمۇ ئاچالمىدىم،ئاپام داداملار ئاخىرى قايتىپ كەلدى،ئەسلى دادامنىڭ دادىسى توختۇتۇلۇپ قويۇلغان ماشىنىغا ئۆزى ۋەلسىپىتنىڭ رولىنى باشقۇرالماي ئۈسسىۋىلىپ بىشىنى يېرىۋالغان ئىكەن دادامنىڭ ئاچىسى دادامغا شۇنداق قاملاشمىغان خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بىرمۇنچە پاراكەندىچىلىك تىپىپتۇ ئەمەسمۇ،ئاپام مىنى كۆرۈپلا دوختۇرخانىغا ئەپ چىقىتى،دوختۇرلار ماڭا ئاققان راكى شۇڭا قىزىتمىسى چۈشمەيۋاتقان گەپ دەپ دىياگۇنۇز قويدى، ئەمما ئاپام بۇنىڭغا ئىشەنمىدى،شۇنىڭغىچە ئاچام ئاپامغا منىڭ مۈرەمنىڭ ئىششىپ كىتىۋاتقانلىقىنى دەپ بەرگەن چېغى ئاپاملار دەرھاللا منى رىنتىگىنگە سالدى،قولۇم قولتۇقۇمدىنلا چىقىپ كىتپتۇ،نەچچە كۈننىڭ تاقى چىقىپ كەتكەن ئورۇنغا قان تولۇپ قېلىپ قان ئايلىنىش ياخشى بولماي يىرىڭلىق ئىشىىق پەيدا بولۇپتۇ،ئاپام مىنى دەرھال باشقا شەھەردىكى داڭلىق دوختۇرخانىغا يۆتكىدى،ئاپام ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىنىڭ ماشىنىسدا يۆتكەلدىم قىزىتمامنىڭ يۇقىرلكىقىدىن كۆزۈمنىمۇ ئاچالمايمەن پۈتۈن بەدىنىمگە مۇز تېڭىقلىق.مىنى باشقا شەھەردىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەيدىغان چاغدىمۇ مەن شۇنداق غەلىت چۈش كۆرۈپ كەتتىم.چۈشۈمدە دادام ھەدەپ يەرنى كولاۋاتقۇدەك مەن يېنىدا ياتقۇدەكمەن ئۆز خىيالىمدا مىنى كۆمىدىغان يەرلىك دىگىدەكمىشمەن دادام كولاۋاتقان يەرنى،قاياقتىندۇر ئاپام مىنىڭ قولۇمدىن تارتىپ ئېلىپ كىتىمەن دەپ ھە دەپ كۈچەپ مىنى تارتىۋاتقۇدەك،دادام مىنى تۇتىۋاپتۇ،ئاپامنىڭ ئېلىپ كىتىشىگە يول قويماپتۇدەك،ئاپام دادام ئىككىسى مىنى ھەدەپ تالىشىپ ئىككى قولۇمدىن تارتقۇچلاپ ئاخىرى ئاپام مىنى دادامنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئەپ دىگۈدەك باغرىغا بېسىپلا يىراق بەكمۇ يىراققا ئۇچۇپ كىتىپتۇدەك بىز ئۇچىۋاتقۇدەلكمىز،ئاسمان شۇنچە سۈزۈك شۇنچە چىرايلىق.....چۈشۈمدىن شۇ يەرگە كەلگەندە ئويغۇنۇپ كەتتىم،كۆزۈممنى ئاچسام ئاپام يىنە بىرمۇنچە دوختۇرلار بېشىمدا قاراپ تۇرشىدۇ،ئاپامنىڭمۇ دادامنىڭمۇ كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كىتىپتۇ...ئۇلارغا شۇنداق بىر قاراپ قويۇپلا كۆزۈمنى قايتا ئاچالمدىم،ئەمما قۇلۇغۇمغا دادامنىڭ بۇقۇلداپ يىغلىغىنى ئاپامنىڭ ھازىرلا ئاپرەتسىيگە ئەكىرەيلى،چوقۇم ساقىيىپ كىتىدۇ دىگەن ئاۋازلرى يىنە كىملەرنىڭدۇر جىددى ئاياق تىۋىشى ئاڭلىنىپ تۇردى...مەن يىنە شۇنداق ئۇزاق ئۇخلاپ كەتتىم شۇنچىلىك ئۇزاق ئۇخلىدۇم ....
-ھۇشىغا كەلدى، ھۇشىغا كەلدى...قۇلۇغۇمغا يەرنىڭ تىگىدىن ئاڭلانغاندەك تولىمۇ سۇس بۇ ئاۋازنى ئاران ئاڭلىيالىدىم ، كۆزۈمنى شۇنداق تەستە ئاچتىم،شۇنداق خىرە شىنداق تۇمەن ئىچىدىن ئەتراپىمدا تۇرغانلارنى دەمالىقتا ئىلغا قىلالمىدىم ،ئەمما كۆزۈمنى يۇمىۋالماي ئۇلارغا قاراپ قاراپ تۇردۇم،مەن ئەمدى كۆزۈمنى يۇمسام كۆزۈمنى مەڭگۈ ئاچالماي قېلىشىمدىن قورۇققان ئىدىم،ئاخىرى غۇۋالىق، كۆز ئالدىمنى توسىۋالغان بۇلۇت تارقاپ ئۇلارنى ئېنىق كۆردۈم،ئاپام،كۆزلىرى قىزىرىپ ئىىششىپ كەتكەن دادام، سىڭلىمنى تۇتۇپ تۇرغان ئاچام،3خەنزۇ دوختۇر، مەن ياتاقتا يېتىپتىمەن،قولۇمغا ئاسما ئۇكۇل سېلىقلىق پۇتۇمغىمۇ ئاسما ئۇكۇل سېلىقلىق مۈرەمگە تۈشۈك تىشىلىپ شىلىنكە تىقىقلىق بۇ شىلىنكىدىن يىرىڭ قان دىگەندەك ئادەمنىڭ كۆڭلى ئىلىشقۇدەك نەرسىلەر ئېقىپ تۇراتتى.مەن ئاپراتسىيەدىن چىقىپ بوپتىمەن ئاپراتسىيە شۇنداق مۇۋاپىقيەتلىك بولۇپتۇ.
كىچىك ئاپام بىلەن يولدىشى كىلىپ ماڭا قاردى،ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئانامغا ئۇقتۇرماپتۇ،كىچىك چېغىمدىن باشلاپ شۇنداق ئەتىۋالاپ شۇنداق جان كۆيدۈرۈپ باققان تۇرسا ئۇلار بۇ گەپلەرنى ئاڭلىسا ياشقا چوڭ بولۇپ قالغاندا بەرداشلىق برەلەمدۇ؟،كىچىك ئاپاملار ماڭا 48كۈن قارىدى مەن كۈندە كەچتە غەلۋە قىلىپ كىچىك ئاپامنى ناخشا ئېيتقۇزاتتىم كىچىك ئاپام ناخشىنى شۇنداق چىرايلىق ئېيتاتتى،ئۇنىڭ ماڭا ناخشا ئېيتىپ بىرىمەن دەپ چىڭ ئاۋازدا ئېيتىپ سېلىپ دوختۇرخانا باشلىقىدىن تىل ئىشتقانلىقى ھېلىمۇ يادىمدا.
-كىچىك ئاپا يىنە بىر ناخشا ئېيتىپ بىرىڭچۇ!
-ماقۇل ماقۇل مەن بايام رادىيودىن ئۈگنىۋالغان ناخشامنى ئىيتىپ بىرەي ھە..
-ھە ماقۇل.
تۈن پەردىسىنى يىرتىپ تۇلۇن ئاي،
گۈزەل لەرزان ناز بىلەن كۆكتە.
مەن يۈرىيمەن ئۇيقىدىن بىدار،
يارنىڭ ئوتى كۆيگەچ يۈرەكتە.......دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىزنىڭ ياتاقنىڭ ئىشىگى زەردە بىلەن ئېچىلىپ يۈنجاڭ كىرىپ ۋاقىراپ كەتتى مەن بىر قولۇم بىلەن شاققىدە يوتقانىنى قەرىپلا بېشىمغا يېپپ يىتىۋالدىم كىچىك ئاتام خەنزۇچىغا ئۇستا بولغاچقا بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى مىڭ جاپادا چىقىرۋەتتى، ئۇ چىقىپ كىتىشىگىلا مەن يوتقاندىن بىشىمنى چىقاردىم
-نىم دەيدۇ؟
-بۇ دىگەن دوختۇرخانا سەنەت ئۆمەك ئەمەس!بۇنداق ناخشا ئېيتىپ ئولتۇرۇشساڭ ھازىرلا ياتاق رەسمىيتىڭنى بىجىرىپ بىرەيلى ئۆيۈڭگە يوقۇلۇش دەيدۇ.
-ھاھاھاھاھاھاھ...ئامدان بولدىمۇ كىچىك ئاپا!
-قارا مانىڭ دەۋاتقان گىپنى مەن ناخشا ئېيىتقىم كەپ كىتىپ ناخشا ئېيتىپتىمەن دە؟...
-سىزمۇ بوشراق ئېيىتسىڭڭىز بولمامدۇ!...ھىى ھى ھىھ ى..
-شۇ سەنمۇ بوشراق ئېيىتساڭ بولمامدۇ..ھا ھا ھا ھا...شۇ ئىشتىن كىيىن كىچىك ئاپام قەتتى ناخشا ئېيتىپ بەرگلى ئۇنىمايدىغان بولۇپ قالدى...بىر كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا كىچىك ئاتام ھەدەپ ھىكايە ئېيتىپ بىرىۋاتقاندا ياتاقنىڭ ئىشىگىنى بىرسى چەكتى.كىچىك ئاتام بېرىپ ئىشىكنى ئىچىۋىدى كىرگەن ئادەمنى كۆرۈپ تاس قالدىم ئاسما ئۇكۇلۇمنىمۇ يۇلۇپ تاشلاپ بوينىغا ئېسىلغىلى...ئانام كەپتۇ
ئانام مىنى باغرىغا بېسىپ يىغلىماقچى ئىدىيۇ ئەمما مىنىڭ مۈرەمدىكى تېڭىقنى كۆرۈپ بۇنداق قىلالمىدى،ياخشىمۇ 2 كۈن ئاۋال مۈرەمدىكى شىلىنكىلەرنى ئېلىۋەتكەن ئىدى،ئۇ يەرنى تېڭىپ قويغان بولسىمۇ پۇتۇمدا قولۇمدا ئاسما بار ئىدى،ئانام بىچارە شۇنداق بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى، شۇنچىلىك شۇنچىلىك ئىچ ئىچىدىن چىقىرىپ يىغلاپ كەتتى،ئانامنىڭ يىغلىغىنىغا قاراپ منمۇ يىغلاپ كەتتىم...ئانام كىلىپ ئەتىسلا كىچىك ئاپام كىچىك ئاتاملار كەتتى،چۈنكى ياتاقتا بىرلا كارۋات تۇرسا ھېلىمۇ كىچىك ئاتام كۈندە كەچتە يەرگە نەرسە سېلىپ ياتاتتى،ئۇلارنىڭ ماڭا شۇنچە قىينىلىپ تۇرۇپمۇ شۇنچىلىك كۆيۈنۈپ قارغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتىيالمايمەن.ئانام ماڭا 20كۈندەك قارىدى،مەن مۇشۇ ياتاقتا يېتىش جەريانىدا كارۋاتتىن چۈشمىگەچكە مېڭىشنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئىكەنمەن ئانام كىلىپ 2كۈندىن كىيىن مىنىڭ پۇتۇمدىن ئېسىلىدىغان ئاسما توختىتىلدى،دوختۇر مىنىڭ كارۋاتتىن چۈشۈپ ماڭسام سىرىتلارغا چۈشسەم بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى مەن شۇنداق خوشال بولۇپ كەتتىم ئاسمام چۈشۈپ بولغاندا شۇنداق ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماڭاي دىيىشىمگە پۇتلۇرۇم قولاشماي دۈم چۈشكىلى تاسلا قالدىم ئەسلى مەن 50كۈندەك كارۋاتتىن چۈشمەي مېڭىشنىمۇ ئۇنتۇپ كىتەيلا دىگەن ئىكەنمەن، ئانام بەك قورقۇپ كەتتى مەنمۇ ئەمدى ماڭالمايدىغان بولۇپ قالدىغان ئوخشايمەن دەپ بەكمۇ يىغلاپ كەتتىم دوختۇر ماڭا مېڭىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۋالغىچە سىرىتلارغا چىقسام ئولتۇردىغانغا چاقلىق ئورۇندۇق بەردى شۇنىڭدىن كىيىن ئانام مىنى شۇ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ سىرىتلارغا ئەپ چىقىدىغان ئاشخانلارغا ئەكىردىغان بولدى، كۆرگەنلا ئادەم ماڭا ئىچ ئاغرىتىش نەزىرىدە قارايتى ئەملىيەتتە مەن ئۇلارنىڭ ئىچى ئاغرىغىدەك ئۇلار تەسەۋۇر قىلىشقاندەك مىيىپ ئەمەس ئىدىم شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ مەن بارا بارا مېڭىشىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۋالدىم. مەن رەسمى ساقىيىپ بولغاندىن كىيىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتۇق،مەن مەكتەپكە باردىم ساۋاقداشلىرىم شۇنداق قىزغىن قارشى ئالدى،شۇنداق يېقىن ئۆتىدىغان ساۋاقداشلىرىم كۈندە ماڭا دەرس تەكرارلاپ بىرىپ مەن ماۋسۇملۇق ئىمتاھاندىنمۇ ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ كەتتىم.شۇنداق قىلىپ مەن 3-يىلىققا كۆچتۈم.
-3يىلىققا كۆچۈپ ئۇزاق ئۆتمەي بىزدىن ئوۇش پۇلى يىغدى،كىتاپ پۇللىرى باۋشەن پۇللىرى...قاتارلىق تاراق تۇرۇقلارنى قوشۇپ 68كوي ئەكىلىمىزكە.مەن بىزگە پۇل ئەكىلىش ئۇقتۇرۇلغان كۈنى ئاخشىمى دادامدىن پۇل ئېلىش ئۈچۈن شۇنچە ئۇزاق يولىغا قارىغان بولساممۇ دادام ئۇ كىچىسى قايتىپ كەلمىدى، ئاچامدىن بىلسەم دادام يىراق يولغا ماي تۇشۇپ كىتىپتۇدەك نەچچە كۈندىن كىيىن قايتىپ كىلىدىكەن، مەن ئەزەلدىن ئ.اپامدىن پۇل ئەپ باقمىغاچقە بىزە ئوڭايسىز لاندىم شۇنداقتىمۇ ئاپامدىن سورىدۇم
-ئاپا ئاپپاي بىزنى كىتاپ پۇلى ئەكىلىڭلار دىگەن.
-قانچە پۇل؟
-68.
ئاپام سومكىسىدىن پۇل ئېلىپ بەردى،بۇ ئاپاممۇ زە ئەجەپ پىخسىق دەيمەن دادامدىن ئالغان بولسام شاررتتىدە 100كوينى تۇتقۇزۇپ ئاشقىنىنى ئۆزۈڭلا بىر تەرەپ قىلۋىتىڭلا ھە دەپ كۈلۈپ قوياتتى،ئاپام نەخ 70بەردى، تېخى كىچىك بالا كۆپ پۇل خەجلىسە بەتىخەج بولۇپ قالدۇ،جۇمۇ دەپ قوشۇپمۇ قويدى ئاپامنىڭ گەپ ئورامىدىن قارغابدا ئاشقان 2 كوينىمۇ ئەكىلىپ قولىغا تاپشۇرمەن كەن دە،ئىچىمدە ئاپامغا نىرمۇنچە غۇدىرىغىنىم بىلەن تېشىمغا چىقىرىشقا پېتىنالمىدىم،ئاپام ھەر قېتىم دادام بەرگەن پۇللارىمۇ مەن ساقلاپ بىرىمەن دەپ ئېلىۋالاتتى، شۇنداق نارازى بولساممۇ بەرمەي نىمە ئىلاج ئاناملارنىڭ يېنىدىكى چاغلارنى ئەسلەپ قالاتتىم، كۈندە مەكتەپكە بېرىشنىڭ ئالدىدا چوڭ دادام 5مو دىن بىرەتتى، ئالانۇر كىىچىك ئاپام كۈندە ئىشقا مېڭىشنىڭ ئالدىدا 5مو بىرەتتى، ئادالەت كىچىك ئاپام تېخمىمۇ مەرىت ئىدى ،ئۇنىڭ ئۆيىگە بارساملا 5،6كويدىن تۇتقۇزۇپ قوياتتى، ئۇنىڭ يولدىشى ئالىمجان كىچىك ئاتام ئۇلارنىمۇ بېسىپ چۈشەتتى مەرتلىكتە 20،30كوي تۇتقۇزۇشلىرى چۇتېخى.ھەي، شۇلارنىڭ يېنىدا تۇرىۋەرگەن بولسام نىمىدىگەن ياخشى ھە...
شۇ كۈنى مەكتەپكە پۇلنى ئېلىپ ماڭدىم،مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ تۇرشۇمغىلا تۇردىگۈل ئاپپاي ۋەلسىپىتىنى ئەمدىلا توختۇتۇپ ئوقۇتۇش بىناسىغا قاراپ مېڭىۋاتقان ئىكەن،مەن يۈگرەپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم
-ئاپپاي، ياخشىمۇ سىز؟
-ھە ياخشىمۇ..
-ماۋۇ پۇلنى.
-نىمە پۇل بۇ؟
-ئوقۇش پۇلى چۇ.
-ھە، ھە بولىدۇ ئاشقىنىنى ھېلى سىنىپقا كىرگەندە قايتۇراي ھە.
-ھە ماقۇل .
1-سائەتلىك دەرىس ماتىماتىكا 2-سائەتلىك دەرەس تەبىيەت3-سائەتلىك دەرەس ناخشا4-سائەتلىك دەرىس ئەدەبىيات ئىدى،ئاپپاي دەرىسكە كىرىپلا سىناق ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇش پۇلىنى ئەكەلگەن باللارنىڭ پۇلىنى يىغىشقا باشلىدى، يېرىمدىن كۆپ بالا ئەكەپتۇ ئۇلارنىڭ پۇلىنى يىغىپ ئىسمىگە بەلگە ئۇرۋالدى.شۇنداق مەشغۇلاتلاردىن كىيىن ئاپپاي دەرىسىنى ئۆتۈپ چىقىپ كەتتى،مىنىڭ 2 كوي پۇلۇمنىمۇ بەرمىدى،چۈشتە ئۆيگە كەلسەم ئاپاممۇ سوراپ يۈرمىدىنەچچە كۈن بىرخىل رەۋىشتە ئۆتۈپ كەتتى،بىر كۈنى 1-سائەت ئەدەبىيات دەرسى بار ئىدى، ئاپپاي ئەتىگەندىلا كىرىپ سىناقمۇ ئالماي تۇرۇپ ئوقۇش پۇللىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى.
-ئوقۇش پۇلى ئەكەلمىگەن بالدىن 2سىلا قالدى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلارچۇ!ئۇز جامالىڭلارنى بىر كۆرىۋالايلى.
رەخمان ئورنىدىن تۇردى،ئاپپاي ماڭا شۇنداق سەت نەزەردە قارىدى.
-قوڭلىرى ئورۇندۇققا يەملىشىپ قالغان ئوخشىمامدۇ چىرايلىق قاقىرخان؟!قوپماملا!
-مەنما؟ مەن دەششەت ھەيران لىق نەزىرىمدە چەكچىيىپ ئاپپايغا قارىدىم.
-ھە سەن!
-مەن سىزگە ئالدىنقى ھەپتە بەردىمغۇ.
-ۋۇي ماۋۇ جۇۋاينىمەكنى!قاچان بەدىڭ ! ھەي باللا ما ساراڭنىڭ ماڭا پۇل بەرگىنىنى قايسىڭىلار كۆردۈڭلار؟!
-ھېچقايسىمىز كۆرمىدۇق!!!
-بەز قۇلىقىڭغا مالارنىڭ گىپى كىردىمۇ!
-بىراق مەن سزگە بەرگەن تۇرسام، ئالدىنقى ھەپتە سىز ۋەلسىپىتىڭڭىزنى توختۇتۇپ مېڭىۋاتقاندا....گىپىمنىڭ ئاخىرسى ئاغزىمدىلا قالدى، ئاپپاي گىلاستۇكۇمدىن خۇددى قوينىڭ بوينىدىن سۆرىگەندەك سۆرەپ سىنىپنىڭ سىرتىغا ئەپ چىقىۋىتىش بىلەن بىرگە مىنى نەچچىنى تىپىۋەتتى.
-ماڭ بېرىپ ئاپاڭنى يا قاسماق شوپۇر داداڭنى باشلاپ كەل!
ئاپاينىڭ دادامنى ھاقارەتلىشى شۇنداق يىغلىغىمنى كەلتۈرۋەتتى، ئادەم كىچىك ۋاقتىدا ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئۆزىنى ھاقارەتلىشىگە تىلىلشىغا بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغاندا كۈچى يەتمىگەنلىكتىن ئۇلارغا بولغان ئاچچىقىنى كۆز يىشى بىىلەن ئىپادىلىسە كىرەك...
مەن كۆز ياشلىرىمنى يېڭىم بىلەن سۈرتىۋىتىپ زالدا تۇرىۋەردىم،ئاپپاي دەرىسنى ئۆتۈپ بولۇپ دەم ئېلىشقا قوڭغۇراق چېلىنغاندا سىنىپتىن چىقتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرىلگەن ھەممە بالىلار زالغا چىقىپ مىنىڭ بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە شۈمشىيىپ تۇرغانلىقمىنى كۆرۈپ ئەتراپىمغا ئولاشتى.ئاپپاي ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا مىنىڭ باش كۆزلۈرۈمگە نەچچىنى سېلىۋەتتى.
-ۋۇي يالغانچى قارا يۈز! بۇ قارا يۈز بىلەن بۇنىڭدىن كيىن ئوينىماڭلار جۇمۇ باللار!ماڭ ئالدىمغا كىرىپ ماڭ!ئاپاڭنڭ قېشىغا ئاپىرىمەن!
مەن شۇنداق شۇنداق خورلانغاندەك بولۇپ كەتتىم،دىمسىمۇ خولاندىم دە!نەدىن كەلگەن كۈچ كىن تاڭ بىلمىدىم،ئاپپاي ياقامدىن تارتىپ ئېلىپ ماڭغاندا شۇنداق سەت سىلكىپلا ئاجىراتتىم ئۇنىڭ قولىنى
-مەن ساڭا بەردىم !يالغانچى دىگەن ئۆزەڭ!يالغانچى قېرى!شۇنداق تىز سۈرەتتە پەشتاقتىن چۈشۈپ كەتتىم، بۇرمۇنچە بالىلار مىنىڭ كەينىمدىن قىيا چىيا قىلىشىپ قېپ قېلىشتى، ئاپپايمۇ بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن شۇنداق ھەيرانلىق ھېس قىلىپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى بولغاي ئېھتىمال.مەن شۇ يۈگۈرگىنىمچە ئۆيگە قايتىپ كەلدىم،ئىشىكنى چەكتىم ئاچام ئىشىكنى ئېچىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم، سىڭلىممۇ مىنىڭ يىغلىغىنىمدىن چۆچۈپ كىتىپ يىغلاپ كەتتى،مەن ئاناملارنىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىن بېرى ھەرقانداق گىپىمنى مۇشۇ بالىغا قارايدىغان ئاچامغىلا دەيتىم ،ئاپام بىلەن كىچىگىمدىن بىرگە تۇتۇپ بېقىش پۇرسىتىم تولىمۇ قىسقا بولغانلقى سەۋەبىدىنمىكىن ھەتتا ئاغرىپ قالساممۇ دىيەلمەيتىم،ئاپام مىنىڭ نەزىرىمدە گويا يات ئادەمگىلا ئوخشايتى.يىنە كىلىپ دادام بەرگەن پۇللارنى تولا ئېلىۋالاتتى، دەسلەپ بەرگىلى ئۇنىماي تۇرۋالسام نەچچە رات تاياق يىگەن يەرلىرىممۇ بار ئىدى، شۇنداق ئېنىق يادىمدا تاماق يەپ ئولتۇرۇپ تاماق يىگەندە ئاۋاز چىقارما يە دىگەن گىپىگە كۆنەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن چۈمۈچ بىلەنلا قۇلاق تۈۋىمگە ۋاڭڭىدە بىرنى سالغىنى.شۇنىڭدىن كىيىن قەتتى قەتتى ئاۋاز چىقارماي يەيدىغان ھەتتا ئاپامنىڭ ئالدىدا تاماق ئەمەس ئۇشاق چۈشەكلەرنى يىيىشكىمۇ پېتىنالمايدىغان بولۇپ كەتكەنتىم ئاشۇ كۈنى كەچتىسى يوتقاننى بېشىمغا يوتقاننى پۈركەپ ئاناملارنى خىيال قىلىپ شۇنداق بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكىنىمدە مۇشۇ ئاچام يوتقۇنۇمنى قەرىپ مىنى قۇچۇقىغا ئېلىپ باشلىرىمنى سىلاپ مەن بىلەن بىرگە يىغلاپ كەتكەن ئىدى، قولۇغۇم نەچچە كۈنگىچە ھەرە كىرۋالغاندەك غوڭۇلداپ شۇنداق بىئارام بولغان چاغلىرىمدا مۇشۇ ئاچام ئاپام داداملار ئىشقا چىقىپ كەتكەندە قوي مېيىدا مايلاپ يۈرۈپ خېلى ئۇزۇن كۈنلەردە ئوڭشالغان ئىدىم، دادام ئاپامنىڭ مىنى ئۇرغىنىنى بىلىپ قالغان بىر قېتىم ئاپامنى شۇنداق سەت تىپىپ ئۇرۇپ كەتكەن بالىنى يىنە ئۇرساڭ ئۆلتۈرۋىتىمەن دەپ ۋاقىراپ كەتكەن ئىدى مەن بەك قورقۇپ كەتكەنلىكىمدىن شۇنىڭدىن باشلاپ تاياق يىگەنلىرىمنى دادامغا بىلدۈرمەيتىم.ئاچامغا مەكتەپتە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم.
-نىمىشقا سىزمۇ ئادەم كۆپ يەردە بەرمىگەنتىڭڭىز؟
-ئاپپاي ۋەلسىپىت توختۇتۇپ تۇرۇپتىكەن شۇ، بىرىۋىتىپتىمەن....
-بولدى يىغلىماڭ ئاپپاق *****،ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
-مەن ئوقۇش پۇلىنى بەرسەممۇ ئۇ تېنىۋالدى،مەنمۇ بىلمەيمەن قانداق قىلىشىمنى ئاپامغا مىنى چېقىپ بارسا ئاپام مىنى ئۇرۇپ كىتەرمۇ؟ھۈ ھۈ ھۈ ھۈ ھۈ ھۈ....
ئاچام ئورنىدىن تۇرۇپ بىزنىڭ ياتاق ئۆيىمىزگە كىرىپ كىتىپ بىردەمدىن كىيىن قايتىپ چىقتى.
-بۇ 68 كوينى ئاپپايغا ئاپىرىپ بىرىڭ.
-نىمىشقا!مەن بىرىپ بۇلغان تۇرسام!
-ئالدىغىلى كىچىك بالا ياخشى خۇدا ئۇرسۇن قېرىنى دىگەن گەپ بار ***** ئۇ ئايالغا خۇدايىم تەڭ كەلمىسە سىز تەڭ كىلەلمەيسىز،ماقۇل دەپ بۇ پۇلنى ئاپىرىپ بىرىڭ.
-نەدىن تاپتىڭڭىز بۇ پۇلنى؟
-مىنىڭ ئايلىق پۇلۇمدىن يىغىپ مېڭىۋاتقان، شۇ پۇللاردىن ئېچىقتىم قورۇقماڭ ئاپىڭڭىزغا دىمەيمەن.
-رەخمەت ئاچا،مەن ئاچامنى سۆيۈپ قويدۇم.ئاچام بەرگەن پۇللارنى ئېلىپ مەكتەپكە باردىم4-سائەتلىك دەرىسكە كىرىشكە ئازلا قالغان ئىكەن بالىلار دەم ئېلىشتا ئوينا ۋاتقان ئىكەن،مەن ئۇدۇل ئاپپاينىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىدا پۇلنى ئاپپايغا تەڭلىدىم.
-بۇ مىنىڭ ئوقۇش پۇلۇم.
-شۇنداقمۇ؟!ئاپپاي گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك پۇلنى ئېلىپ مىنىڭ ئىسمىمغا بەلگە قويۇپ چىقىرۋەتتى.
مەن 4-سائەتلىك دەرىسكە قاتناشتىم پارتىدىشىم شاكىر ماڭا دەرىس ئۆتىۋاتقاندا پىچىرلاپ گەپ قىلدى.
-ئەملىيەتتە مەن شۇ كۈنى سىنىڭ ئاپپايغا پۇلنى بەرگىنىڭنى كۆرگەن.
-نىمىشقا بايام مان ئۈچۈن ھەق گەپ قىلمايسەن!
-مۇئەللىم مىنى تىللاپ ئۇرۇپ كەتسىچۇ؟!
-مەن بىكاردىن بىكار قارا بولدۇم مانا!بىز دىگەن يېقىن دوس تۇرساق!مىنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئۇۋالغا قېلىشىمنى كۆرۈپ تۇردۇڭ ھە!
-خاپۇما،مەنمۇ قورقۇپ شۇ...
چۈشتە ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ئاپامنىڭ ئۆڭ سۆلى يوق، چىرايى شۇنداق تاتىرىپ كىتىپتۇ...
-ۋۇي يالغانچى كاززاپ!ئاپام شۇ گەپنىلا ئۇيغۇرچە دىدى قالغان ھەممە گەپنى خەنزۇچە دىگەنچىدىن توبا بىلەن مىنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىمگە ئۇرۇشقا باشلىدى، مەن تاياق زەربىسىدىن چىر چىر چىقىرايتىم تۈگىلىپ ئولتۇرۇپ ئىككى قولۇمدا بېشىمنى ئورىۋالغان ئىدىم، توبانىڭ سېپى مىنىڭ دۈمبەمگە توختىماي تەگمەكتە ئىدى،ئاپام ئۇرىۋىرىپ ھاردىمۇ ياكى باشقىچە ئۇرغۇسى كەپ قالدىمۇ،توبانى تاشلىۋىتىپ مىنى چېچىمدىن يۇلۇپ تۇرغۇزۇپ ئاغزىمغا يالغان سۆزلىگەن ئاغزىڭ مۇشۇمۇ!دىگەنچىدىن شاپىلاق مۇشتلىرى بىلەن يەتكۈچە ئۇردى، ئاغزى بۇرنۇمدىن ئوقتەك ئاققان قانمۇ ئاپامغا كار قىلمىدى، دوختۇر دىگەن مۇشۇنداق قاندىنمۇ قورۇقمايدىغان ئىپلاس بولىدىغان بولسا دوختۇرمۇ بولماسمەن!دەپ كەتكەن ئىدىم شۇ چاغدا ئىچىمدە ،سىڭلىم قىقىراپ يىغلايتى ئاچام بىچارە مىنى قوغداپ قالىمەن دەپ مەن بىلەن بىللە تاياق يەۋالدى، مەن تاماقمۇ يىيەلمىدىم، چىشىمدىن بىرسى چۈشۈپ كەتتى،ئاپام مىنى ئوبىرنىغا سولاپ قويۇپ تاماقمۇ بەرمىدى ئاۋازىڭنى چىقارما!ھېلى بىكار ئاغزىڭنى يىرتىۋىتىمەن!دەپ يۈرۈپ ئاۋازلىق يىغلىشىمغىمۇ يول قويمىدى بىلىكمنى چىڭڭىدە چىشلەپ تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم ئاۋازىمنى چىقارماسلىق ئۈچۈن شۇنچىلىك قاتتىق چىشلىدىمكى قولۇمدىن قانمۇ چىقىپ كەتتى،ئانام، شۇ يىراقتىكى سۆيۈملۈك ئانامن شۇ مېھرىبان ئانام كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتى، قاپ قاراڭغۇ ئوبىرنى ئىچىدە ئانامنى كۆز ئالدىمغا ئەكەلسەملا ئوبىرنىنىڭ ئىچى شۇنداق يورۇپ كىتىۋاتقاندەك، بىلىنەتتى، بەدەنلىرىم شۇنداق ئاغرىپ كىتىۋاتاتتى، بۇ مىنىڭ ئۆز ئاپام ئەمەسكەن دە دەپ ئويلايتىم ئىچىمدە، ئويلىغانسىرى شۇنچە تۆكۈلۈپ كەتمەكتە ئىدى كۆز ياشلىرىم.دادام نەلەردىدۇ؟ دادام بولغان بولسا مىنى ھەرگىز تاك ئىتىپ چىكەلمەيتى ئاپام، دادام قاچانمۇ قايتىپ كىلە؟...چۈشتىن كىيىن ئاپام ئىشقا ماڭىدىغان چېغىدا ئوبىرنىنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ مىنى نەچچىنى تىپىپ دەسسىۋىتىپ ياقامدىن يۇلۇپ تۇرغۇزدى
كۈتۈش ئۈچۈن يارالغانمىدىم...

36

تېما

4

دوست

1357

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

مەمۇرىي خالاس

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەرھابا.مىجىت
تۆھپە
433
مۇنبەر پۇلى
824
ئىشەنىچ
433
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 12:26:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

-ئەمدى يىنە يالغان گەپ قىلىپ مۇئەللىمىڭنى تىللىساڭ!بولۇپمۇ 2-قېتىم يىنە يالغان گەپ قالساڭ، مەن بىلىپلا قالسام، ئەمدى سىنى توبا بىلەن ئەمەس ئامبۇر بىلەن يالغان گەپ قىلغان ئاغزىڭنى يۇلۇپلا ئېلىۋىتىمەن!داداڭغا دەپ يىنە مىنى تاياققا قويساڭ!بىلىپ قال داداڭ دىگەن ئۆيدە ئولتۇرمايدۇ يىنە ئىككىمىز قالىمىز بىلدىڭمۇ!
مەن ئىسەدەپ ئىسەدەپ كىكەچلەپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردىم.
-بى...بى...بىلدىم.
مەن يىغلىغانچىدىن مەكتەپكە باردىم دەرىسمۇ كاللامغا چۈشمىدى يىغلاپلا ئولتۇردۇم،شاكىر مەندىن بىردەم بىردەم گەپ سورايتى.
-نىم بولدۇڭ؟
-ئاپام ئۇردى.
-نىمىشقا؟
-ئاپپاي بېرىپ ئاپامغا چېقىپتۇ، شۇڭا...
-بەك ئۇرۋەتىما؟
-ھەئە...
-ۋاي بىچارە، ئاپاڭ نمانچە ئەسكى؟
-بىلمەيمەن...
-ئۈگەي ئاپاڭمۇ يا؟
-شۇنداق ئوخشايدۇ، مەنمۇ شۇنداقمىكىن دەپ قالدىم...ئەمما كىچىك چېغىمدا مىنى يەسلىدىن ئەكىلىدىغان ماڭا شۇنداق ياخشى قارايدىغان ئاپامنىڭ چىرايى شۇ بولمىسا...
-خاتا ئىسىڭدە قالدىمۇ يا؟
-شۇنداقمۇ يا....مەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئاپامنىڭ مىنىڭ ئۆز ئاپام ئەمەسلىكىدىن شۇنداق گۇمانلىنىدىغان بولۇپ كەتتىم.دۈشەنبە كۈنىدىكى سىنىپ يىغىنىدا ئاپپاي كىتاپ پۇلىنىڭ ئىشنى يىنە قايتا تىلغا ئالدى.
-سىنىپىمىزدىكى بەزى يالغانچىلار سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تېنىۋالغىنى بىلەن يەنىلا گۇنايىنى تونۇپ پۇلنى مىنىڭ ئىشخانامغا ئەكىرىپ بىرىپ ،مەندىن كەچۈرۈم سورىدى...كۆزۈمگە جاڭتەيدە تۇرغان بۇ ئىپلاس ئوقۇتقۇچى ئەمەس جادىگەر خوتۇنلاردەك، چوڭ دادام ئېيتىپ بىرىدىغان چۆچەكلەردىكى پىرخۇنلاردەك كۆرنۈپ كەتتى،ھەممە بالىلار كەينىلىرىگە ئۆرۈلۈپ مىنى خۇدى تۇنجى كۆرۋاتقاندەك قارشىپ قويۇشتى،مەن شۇنچىلىك ئازاپلاندىم كۆزۈمگە لىققىدە ياش ئالغان بولساممۇ ئەمما ياشنى كۆز چاناقلىرىمدىن سىرغىتىشقا جۈرەت قىلالمايتىم.يىغلىساملا ئاپپاي مىنى ئۇرۇپ كىتەرمىكىن ئاپامغا يىنە چېقىپ قويارمىكىن دەپ شۇنداق قورۇقۇپ ئولتۇردۇم.سىنىپ يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ھېپىزىقىز ئالدىمغا دىۋەيلەپ كىلىپ سومكىسىنى ماڭا ئاتتى
-ھەي يالغانچى!بۈگۈندىن باشلاپ سەن مىنىڭ سومكامنى كۆتۈرۈپ ئۆيگچە ئاپىرىپ قويسەن بىلدىڭمۇ؟!
-ئىم....مەن گويا ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى جىنايەتچىدەك شۇنداق بىچدرە تەلەپپۇزدا جاۋاپ بەردىم ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرسام ئاپپايغا دىسە ئاپپاي ئاپامغا دىسە....ئاھ خۇدا ئانامنى ئەجەپمۇ سېغىندىم....شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ سومكىسىنى ھەم ئۇنىڭغا قوشۇپ ئۇنىڭ بىر قانچە دوسلىرىنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى ئۆيلىرىگىچە ئاپىرىپ قۇيۇپ قايتىدىغان بولدۇم
بەزىدە شۇنداق خوش ياقماي كىتەتتى، ئەمما ئىلاجىم قانچە؟...تازا قار يېغىۋاتقان بىر كۈنى ئىدى،نەچچە سومكىنى بىراقلا كۆتۈرگەچكىمۇ شۇنداق تەلەپ كىتىۋاتاتتىم،ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاپىرۋىتىپ قايتاشى يولۇمدا ئۆزۈمنىڭ سومكامنى كۆتۈرۈش شۇنچە تەس كەلدى ياندىن ئاسىدىغان سومكا نىمانچە تەس كىلىدىغاندۇ ئادەمگە مىنىڭمۇ ھېپىزىقىزنىڭكىدەك ئارقامغا ئاسىدىغان سومكام بولغان بولسا ھە نىمىدىگەن ياخشى مۈرەممۇ بۇنچە ئاغرىپ كەتمەس ئىدى،مەن شۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ سومكامنى كەينىمگە چۈشۈرۈپ ئاسماقچى بولۇپ مۈرەمدىن ئالدىم ھەم ئاسقۇچىنى بوينۇمغا كىرگۈزۈپ ئارقامغا قىلىپ ئاستىم ئۆز خىيالىمدا سومكام ئارقامغا چۈشۈپ تۇرىدۇ، مىنىڭ ئارقامغا چۈشۈپ تۇردىغان سومكام بار دەپ خوشال ئىدىم ئەمما سومكامنىڭ بېغى بوينۇمنى شۇنداق ئاغرىتىپ گېلىممنى سىقىپ تۇرسىمۇ سومكامنىڭ كەينىمگە چۈشۈپ تۇرغىنىدىن خوشال ئىدىم.
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى، تازا سوغۇق بولىۋاتقان قىشنىڭ شۇنداق بىر ئەتىگەنلىكى بىزنى قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بەردى،ئاتا ئانىلار يىغىنىغا ئاپام قاتناشتى بۇ يەردە ئاتا ئانىلار يىغىنىغا بالىلارمۇ ئاتا ئانىلىرى بىلەن بىرگە قاتنىشىدىكەن،ئاپام ئىككىمىز بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق، دوسكىغا ھەممىمىز نىڭ نەتىجىسى دەرىجىگە بۆلىىنىپ يىزىلغان ئىدى مەن سىنىپىمىزدىكى 48بالانىڭ 29-سى بولۇپ دەرىجىگە ئايرىلىغان ئىدىم نەتىجىلىرىممۇ شۇنداق تەپسىلى يىزىلغان ئىدى.ئاتا ئانىلار يىغىنىدىن قويۇپ بىرىلگەندە ئاپام سىنىپتىن ئاتا ئانىلار چىقىپ كەتمەي تۇرۇپلا ئاچقۇچى بىلەن ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىمگە سانچىشقا باشلىدى
-ۋۇي پوق يەپ قالغان دەلتە *****!نىمىشقا خەخنىڭ باللىرىنىڭ ئارقىسىدا قالدىڭ؟!مەن ساڭا خەخنىڭ باللىرىدىن ئاشۇرۇپ قارسام قارىدىمكى كەم قارغان يىرىم يوق سەن جۇۋاينىمەك نىمىشقا ئىت كاللاڭنى دەرىسكە ئىشلەتمەيسەن!!!
نۇربىيەنىڭ ئاپىسى ئاپامنى توسىۋالمىغان بولسا ئاپام مىنى ىمىلەرنى قىلىۋەتر بولغىيتى ھە...ئاپام ئاچقۇچ تىققان يەرلەردىن قان چىقىپ تۇرسىمۇ مەن تۈگىلىپ ئولتۇرغان ئىدىم شۇ قاننىمۇ سۈرتۈشكە جۈرەت قىلالمايتىم.
-بولدى قىلىسىلا،بولدى،ئۆزلىرىنىڭ بالىرىنىمۇ مۇشۇنداق ئۇراملا....
-ئۇرسام ئۆزۈم تۇققان بالا!سىلنىڭكىنى ئۇرمىغاندىن كىيىن ئىشلىرىنى قىلماملا!
-نىمانداق گەپ چۈشەنمەيدىغان خوتۇن بۇ!ئوئىشە!..
ئاپام ئاشۇنداق ئۇرۇپ سوققانچىدىن ئۆيگە ئەكەتتى، شۇ كۈنلەردە ئاپامغا شۇنچىلىك ئۆچ ئىدىمكى كۈچۈم يىتىدىغان ئىش بولسا نىمىلەرنى قىلىۋەتكىم بار ئىدى.تەتىل كۈنلىرىم مۇشۇ يەردىلا ئۆتتى، مىنى يۇرتىمىزغىمۇ ئەۋەتمىدى ئاناممۇ مىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسا كىرەك يوقلاپمۇ كەلمىدى مىنىڭ بىردىن بىر خۇشاللىقىم بولغان دادام يىراقلارغا ماي توشۇپ چىقىپ كەتمىگەن كۈنلەردە مەن شۇنداق قورقۇمسىز ياشايتىم شۇنچىلىك خاتىرجەم ھېس قىلاتتىم ئۆزۈمنى دادام بەرگەن پۇللارنىمۇ دادام ئۆيدە بار چاغلاردا ئەركىن ئازادە ئېلىپ يانچۇقۇمدىن نەچچە چىقىرىپ نەچچە سېلىپ نەچچە نەچچە رەت ساناپ كىتەەتىىم گەرچە دادام كەتسىلا ئاپامغا تاپشۇرساممۇ دادام بار چاغدا بولسىمۇ شۇننچىلىك قىلاللىغانلىقىم شۇنچە چوڭ ئىش ئىدى ئۆزۈمچە.مۇشۇنداق سىقىلىش ئاۋايلاپ ياشاشلار ئىچىدە تەتىل كۈنلىرى ئاخىرلىشىپ بىزمۇ مەكتەپكە يىغىلدۇق مەكتەپكە يىغىلغان كۈندىكى خۇشاللىقم نى سۆزلەپ تۈگىتىش تەس.دوسلۇرۇم بىلەن پۇخادىن چىقىچە ئوينىۋالدىم، مەكتەپتىكى چېنىقىش ئۈسكۈنلىرىدىن تارتىپ ھەممە نەرسىلەرنى شۇنچىلىك سېغىنغان ئىدىم، بۇ ماۋسۇم مەن ئورۇن يۆتكەپ ئولتۇرغۇزۇلدۇم سىنىپىمىز دىكى ئەڭ كەپسىز سانىلىدىغان تۇرسۇن بىلەن بىللە ئولتۇردۇم ۋاھ بىزنىڭ بەخىتلىك كۈنلىرىمىز ئەمدى باشلاندى تۇرسۇن ئۆيىدىن ئويۇنچۇق ماشىنلىرىنى ھەرخىل شەكىلگگە ئۆزگىرەيدىغان قونچاق ئادەملىرىنى ئەكىلىدۇ مەن ئاپامدىن يوشۇرۇن سومكامغا تىقىپ كەلگەن ئويۇنچۇقلىرىمنى چىقىرىمەن دەششەت قىزىق ئويناپ كىتىمىز دە. بىر پەيشەنبە كۈنلىكى سىنىپ تازلىقى ئالدى ئارقا ئولتۇرىدىغان تۆتىمىزگە كەلدى مەن پۈتۈن ئورۇندۇقلارنى پارتىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ سىنىپنى سۈپۈرىپ بولغاندا چۈشىرىپ بىرىدىغانغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم قالغانلار سىنىپ سۈپۈرۈپ تۇبالاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.بىز تازلىق ۋەزىپىمىزنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىشتۇق، چۈشتىن كىيىن مەكتىپكە كىلىپ ئەمدىلا سىنىپقا كىرىشىمگە يۈرگىم قاررتىدە قىلدى سىنىپتىكى ھەممە بالىلار شۇنداق سۈكۈت ئىچىدە قورقۇنۇش باسقان چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇراتتى، تۇردىگۈل ئاپپاي ئالدى ئارقا ئولتۇردىغان 4مىزنى مەن بولمىغاچقا ئۇلار ئۈچىنى راسا دۇمبالاپ سوراققا تارتىۋاتاتتى.مەن شۇنداق ئىشىكتىن كىرشىمگە ئۇ شۇنچە سەت قاردى ماڭا.
-ۋۇ دەيۈز! كىلە بۇ ياققا!
مىنىڭ پۇت قولۇمدا جان قالمىدى،شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم.شاپىلىقمىغا چاڭڭىدە بىر شاپىلاق تەگدى.
-گۈلبەرگىنىڭ ئاتكىرىتكىلىرىنى سەن ئوغۇرلىدىڭمۇ يوق!
-ياق ياق مەن مەن بىلمەيمەن ئاپپاي....
گۈلبەرگى سىنىپىمىزدىكى دەرىستە ياخشى قىز ئىدى ھېپىزىقىز بىلەن يېقىن دوسلردىن ئىدى ئۇلار شۇ سەۋەپتىن مەن ئۇنىڭمۇ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگچە ئاپىرىپ بىرىدىغانلار ئىچىدە ئۇ مۇ بار ئىدى.
-ئەمسە نەگە كىتىدۇ؟!
-مەن بىلمەيمەن راسلا بىلمەيمەن....
-بۈگۈن تازلىق قىلىشقان مۇشۇ تۆتىڭ تۆلىشىسەن!ۋۇ دۆت شۇملار!ئاڭلاشتىڭمۇ!
بىز ئاۋازىمىزنى ئارانلا چىقىرىپ ئاڭلىدۇق دىيىشتۇق يۈزۈم شۇنداق ئېچىشىپ تۇراتتى.
ئاپپاي بىزنى يەنە بىر ياقەتتىن تىپىپ دۆشكۈشلەپ بولغاندىن كىيىن چىقىپ كەتتى،5-سائەتلىك دەرىس تەنتەربىيە دەرسى، بىز سىرىتقا چۈشىمىز مەيداننى نەچچىنى يۈگىرىپ بولغاندىن كىيىن مەيداندا ئىختىيارى پالىيەت قىلىمىز قىزلار مىھمان دارچىلىق ئوينايدۇ ئوغۇللار قوغلاشماق ئوينايدۇ...
بىز تۆتىمىز بىر يەرگە توپلاشتۇق
-كىم ئالغاندۇ ئۇ بىرنىمىنىڭ ئاتكىرىتكىلىرىنى؟
-شۇنى دىگىنە!ئىت جادى!ئەجەپ ئۇردى ھە بىزنى! خەپ چوڭ بولغاندا ئوقۇتقۇچى بولۇپ مۇشۇ جادىنىڭ بالىسىنى تازا ئۇرمىسام!
-ئۇ نىمىشقا ئاتكىرىتكىلىرىنى مەكتەپكە ئەكەپتىكەن؟
-ساتىمەن دەپ چۇ!
-نىمىشقا ساتىدىكەن!
-شۇنىمۇ بىلمەمسەن قاپاق باش!ئۇنىڭ ئاپىسى دۇكان ئاچىدۇ،سېتىلمىغان نەرسىلىرىنى مەكتەپكە ئەكىلىپ سىنىپىمىزدىكى باللارغا ساتسا پايدا ئالمامدۇ!
-مەكتەپكە ئوقىغىلى كەلمەي نەرسە ساتقىلى كەلگەندىكىن ئامدان بوپتۇ يۈتكىنى!
-قانداق ئامدان بولىدۇ!بار بولغىلۇق بىزگە بولدى مانا!
-شۇنى دىگىنىە!
-قانچە پۇلدىن تۆلەيدىكەنمىز؟
-ھەر بىرىمز 15كويدىن!
-نىمە؟!نىمانچى جىق!
-شۇنى دىمەمسەن!....
شۇنداق كۆپ باش قاتۇرۇپمۇ زادى قانداق قىلىپ بۇ يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەشنى بىلەلمىدىم.دادام تېخى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىگە ماڭدى مېڭىش ئالدىدا 50كوي بارگەن ئاپام ئېلىۋالدى...ھەي....دادام قاچانمۇ قايتىپ كىلە.....شۇكۈنى ئۇنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئاپىرىپ بەرگەچ ئۇنىڭغا يىلىندىم.
-گۈلبەرگى مەن 15 كۈندىن كىيىن بەرسەم بولامدۇ؟
-نىمىشقا!
-دادام يوقتى ئۆيدە...
-ئاپاڭ دوختۇرخاندا ئىشلەيدىغۇ!شۇنىڭدىن ئەكەپ بە!
-ئاپام دىن سوريالمايمەن....
-نىمىشقا!
-ئاپام ئۇردۇ....
مىنىڭ كۆزۈمگە لۆممىدە ياش كەلدى.ئۇنىڭ بىزە ئىچى ئاغرىپ قالغان بولسا كىرەك بىردەم جىمىپ كەتتى.
-ھە ماقۇل...
رەھمەت جۇمۇ...
ئۇ ئۈندىمىدى..
ھەي دەرىس بىلمىگەن ئادەمنىڭ كۈن ئالمىقى نىمانچە تەستۇ ھە...ئاپايلارمۇ ھەممە گۇناھنى شۇنداق بالىلارغىلا يۈكلەيدۇ...شۇنىڭدىن كىيىن تازلىق قىلساملا بەك ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ كەتتىم مەنلا ئەمەس بىز ھەممىمىز شۇنداق ئىھتىياتچان بولۇپ كەتتۇق كىم پارتىسىدىكى ھەممە نەرسىلىرىنى ئېلىپ كەتمىسە شۇنى ئىشىكتىن چىقارماي تۇرۋالدىغان بولدۇق.شۇنداق قىلىپ داداممۇ كەلدى ئۇنىڭ مىنىڭ گەدىنىمگە ئارتىپ قويغان 15كويسىنىمۇ تۆلەپ بەردىم، شۇنداق قىلىپ بۇ مەۋسۇممۇ ھەش پەش دىگىچە ئاخىرلىشىپ بىزنى قويۇپ بەردى، يازلىق تەتىلگە قويۇپ بىرىلىپ نەچچە ھەپتىدىن كىيىن ئانام مىنى كۆرگىلى بۇ يەرگە كەلدى مەن ئانام بىلەن يىغىلىشىپ كۆرشۈپ كەتىىم ئاناممۇ نەچچە كۈن تۇرۇپلا قايتىپ كەتتى، ئاپام مىنى ئانامغا قوشۇپ قويمىدى،مەن يىغلىغان پېتى قېپ قالدىم شۇ زىركىشلىك تەتىل ئاخىرلىشىپ بىز يىنە مەكتەپكە يىغلىدۇق 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى مەن دوسكىنى ئەتىگەندە پاكىز سۈرۈتمىگىنىم ئۈچۈن ماتىماتىكا دەرىس بىرىدىغان تۇخان ئاپپايدىن تاياق يىدىم ئۇ مىنىڭ گىلاستۇكۇمدىن سۆرەپ ئەپ چىقىپ دوسكىغا نەچچىنى ئۈستىرۋەتتى،بۇرنۇمدىن ئوختەك قان ئېقىپ كەتكەندىلا بولدى قىلدى،نىيمىشقىكىن ئاپام ئاتا ئانىلار يىغىنىغا بارسىلا مىنى ھەممە ئادەمنىڭ كۆز ئالدىدىلا يەتكۈچە دۇمبالاپ يەتكۈچە تىللاپ ئۇرغانچىدىن ئۆيگە ئەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنمىكىن ئىگىسى خارلىغاننى خەخمۇ خارلاپتۇ دىگەندەك مۇئەللىملەرمۇ باللارمۇ مىنى قورۇيمايلا بوزەك قىلاتتى ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوقلا پاڭ پۇڭ ئۇرۋالاتتى ئىش قىلىپ مەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىت مۈشۈكچىلىكمۇ قەدىر قىمەتكە ئىگە ئەمەس ئىدىم، كىشىلەر ئىت مۈشۈكلىرىنىمۇ شۇنداق تىپىپ ئۇرۇپ قويسىڭڭىز ئۇنىڭغا ئىگە بولۇپ باش كۆزىنى سىلايدۇ مىنىڭ ماڭا ئىگە بولىدىغان ئانام چوڭ دادام كىچىك ئاتام كىچىك ئاپىلىرىم يىراقتا تولىمۇ يىراقتا ئاپام مىنى كىچىگىمدىن باقمىغاچقىمىكىن ماڭا ئەسلا مېھرى يوق ئۇنىڭغا سىڭلىم بولسىلا بولدى،...
مەن بۇرنۇمنى يۇيۇپ سۇخانىدا شۇنداق يىغلاپ كەتتىم ئانامنى شۇنداق سېغىنىپ ئەسلىدىم.شۇ كۈنى كەچتە ئاپام ئىشتىن قايتىپ ئۆيگە شۇنداق جىددى كىرىپ كەلدى، ئىشىكتىن كىرىپلا منىڭ باش كۆزلىرىمگە سانىماي ئۇرۋەتتى، تازا ئۇرۇپ ھارغاندىن كىيىن قۇل؛ۇغۇمنى سوزۇپ ۋاقىراپ كەتتى!
-سەن ئىگىسى بار ئادەم ئۇقتۇڭمۇ!سەن ******** ئەمەس!سىنىڭ ئاتا ئاناڭ ھايات تۇرۇپ نەدىكى سەۋيەسىز ئەپەندەكلەر بىكاردىن بىكار شۇنچە ئۇرۇپ كەتسە ماڭا بىر ئېغىز تىنىپمۇ قويماپسىنا!گەپ قىلە !
-سىز نى خاپا بولمىسۇن دەپ...
مەن يىغلىدىم ئىسەدەپ ئىسەدەپ يىغلىدىم بۇ ھەرگىزمۇ تاياق يىگەنلىگىمدىن ئەمەس، بۇ ياش مىنىڭ يۈرگۈمدىن چىن يۈرگۈمدىن تولىمۇ ئىللىق سىزىملار بىلەن تۆكۈلدى، توۋا مىنىڭمۇ ئىگەم بار ئىكەن مىنىڭمۇ ئىگە بولىدىغان ئادىممىم بار ئىكەن، مەن ئاپامدىن تاياق يىسەممۇ شۇ تاياق يىگەن دەقىقىلەردە ئىچ ئىچىمدىن خۇشال بولۇپ كەتتىم چۈنكى ئاپام مىنىڭ باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا .ۇچۇرشۇمنى خالىمايدىكەن...
-مەن ھازىرلا سىنىڭ مەكتەپ مۇدىرىڭنىڭ يېنىغا بارىمەن!يۈر سىنمۇ بىللە ئاپىرىمەن!
-ئاپا، مەن بارماي چۇ، سىز دىن خوش بوپ قالاي مەن بارماي سىزمۇ بارماڭ، مەن قورقىمەن ...
ئاپام شۇنداق تىرىكىپ كەتتى ، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ
-مەن ئۆزۈم بارىمەن!شۇ ئەپەندەكنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلىمەن!
ئاپام چىقىپ كەتتى، خېلى كەچ بولغاندا يىتىپ كىردى، ئارتۇق گەپمۇ قىلماستىن سىڭلىمنى ئەكىلىتىپ ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتى.ئەتىسى مەن مەكتەپكە باردىم 2-سائەتلىك دەرىس ۋاقتىدا تۇخان ئاپپاي سىنىپتىكى باللارنىڭ ئالدىدا مەندىن كەچۈرۈم سورىدى، مەكتەپ مۇدىرىمىز قاتارلىق بىر قانچە ئادەم ئۇنىڭ ئىپادىسىگە قاراپ تۇرۇپ بىز بىلەن بىرگە بىر سائەتلىك دەرىسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن چىقىپ كىتىشتى شۇ كۈندىن ئىتىۋارەن ھېچقانداق مۇئەللىم مىنى ئۇرمايدىغان بولدى بولۇپمۇ تۇخان ئاپپاينىڭ مەن بىلەن قىلچە كارى يوق سىناقمۇ ئالمايدۇ دەرىسمۇ سورمايدۇ تاپشۇرۇق بەرسەممۇ بەرمىسەممۇ چاتىقى يوق، ۋاھ مەن شۇنچىلىك ئەركىنلىككە ئىرىشتىمكى ھەتتا ماتىماتىكا دەرسىدە سىنىپنىڭ ئارقا ئىشىگىدىن قېچىپ چىقىپ مەكتەپ مەيدانىدا باشقا سىنىپنىڭ باللىرى بىلەن ئويناپ يۈرسەمۇ مەن بىلەن ئەسلا چاتىقى يوق.
مەن ماتىماتىكا دەرسگە قاتناشماسلا بوپ كەتتىم ھەتتا قەتتى قىزىقمايتىم بۇ قىزىقماسلىقمنىڭ ئاخرى مەۋسۇملىق ئىمتاھاندا ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەسلىك بىلەن چىقتى،ئاپامنىڭ ئادىتى بويىچە مۇش پەشۋانى راسا يىدىم، نىمىشقىكىن بارغانسىرى تاياق يىسەممۇ بەدەنلىرىم بۇرۇنقىدەك ئاغرىمايدىغان بۇرۇنقىدەك ئۇنچە بەك يىيىغلاپمۇ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدىم.ئادەم تاياققمۇ پىشىپ كەتسە كىرەك كۈنلەر ھەپتىلەرنى ھەپتىلەر ئايلارنى ئايلار يىللارنى قوغلۇشۇپ ئۆتى ۋەردى، ھەشنى بەش،مۈشۈكنى پەش دەپ بولغىچە مەن 5-سىنىپقىمۇ چىقىپ قالدىم مەن 5-يىلىققا چىققان يىلى 10-ئاينىڭ بايرىمىدا ئاپاملار بىلەن يۇرۇتقا قايتماقچى ئىدۇق ئەمما ئاپامنىڭ دەم ئېلىشى توغرا كەلمىگەچكە ئاپام ئاچام سىڭلىم قېپ قالدى دادامنىڭ ماشىنىسدا مەن بېرىپ ئاناملارنى كۆرۈپ كىلىش ئۈچۈن كەتتىم،مەن قايتىپ كەلگەن كۈنى دەل بىزنىڭ ئۆيگە ئوغرى كىرگەن كۈن ئىكەن ئاپام ئىشقا چىقىپ كىتىپتۇ ئاچام سىڭلىمنى ئېلىپ پەسكە ئويناتقىلى ئەپ چۈشۈپ كىتىپتۇ، نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاچام ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى يۈتۈرۈپ قويۇپ ئاپامدىن بىرمۇنچە تاياق يەپ يىنە بىر ئاچقۇچ ياساتقان ئىكەن ، بەلكىم ئوغرى شۇ ئاچقۇچ بىلەن كىرگەندۇ، ئوغرى ئاپامنىڭ بارلىق ئالتۇن نەرسىلىرىنى ئۆيىمىزدىكى ھەممە پۇلنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كىتىپتۇ، ئۆينىڭ ئىچىگە سۇ قويۇپ بىرىپتۇ، ئاچام بالىنى ئوينىتىپ سىرىتتا تۇرسا پەس قەۋەتتىكى قوشنىمىز نىڭ ئوغلى ئاچامنى ئىزلەپ مەيدانغا چىقىپ ئاچامغا ئۆيىمىزنىڭ تۇربىسىدىن شاقىراپ سۇ ئېقىپ بىر چۈشتىن كىيىن توختىمىغانلىقىنى دەپتۇ ئاچام بالىنى ئېلىپ ئۆيگە كىرگۈدەك بولسا ئۆينىڭ ئىچى ئوڭتەي توڭتەي قىلىۋىتىلگەن،ئاچام قورۇققىنىدىن ۋاقىراپ كىتىپتۇ قوشنىلىرىمىز چىقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۆيدە بارلىرى نىمە ئىش بولغاندۇ دەپ قارىغىدەك بولسا ئاچامنىڭ چىرايى ئۆلۈك ئادەمنىڭكىدەك تاتىرىپ كەتكەن، سىڭلىم قورۇققىنىدىن ئاچامغا چاپلىشىپ ھە دەپ يىغلاۋاتقان.ئۇلار ئاچامدىن ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن دەرھاللا ئاپامغا خەۋەر قىپتۇ ئاپام ئىش ئورنىدىن رۇخسەت سوراپ يىتىپ كىرىپ قارسا راستىنلا ئەھۋال خەۋەر قىلغۇچىنىڭكىگە ئوخشاش تۇرغان ،شۇ يەردىن پەيجىسوغا خەۋەر قىلغىلى چېپىپ تۇ...بىز قايتىپ كەلسەك ئۆينىڭ ئىچى شۇنداق كۆپ ساقچىلار بىلەن تولغان ئاپامنىڭ چىرايىدا قان يوق ھە دەپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ بىر خەنزۇ ساقچىغا بىر نەرسىلەرنى دەۋاتاتىى، ئاپام دادامنى كۆرۈپلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى...
-ئۆيگە ئوغرى كىرىپتۇ...مىنىڭ ئالتۇن جابدۇقلىرىم، نەخ پۇل ھەممىسى يوق..ھۈ ھۈ ھۈ ....
دادام جىمىدە تۇرۇپ قېلىپ يىنە تىزلا ئىنكاس قايتۇردى..
-ھېچقىسى يوق ئادەم ساق بولغاندىكىنلا بولدى كۆڭلىڭلىنى يېرىم قىلماڭلا، مەن يىنە ئېپ بىرىمەن بۇنداق يىغلىماڭلا، بولدى ئەمدى يۈتكەن نەرسە تېپىلمايدۇ، بۇ مۇ بىر بالا قازادۇ، مۇشىنىڭ بىلەن كەتكەندۇ....
ئاپام شۇنداق بەك يىغلاپ كەتتى،ئاپامنىڭ يىغلىغىنى تۇنجى قېتىم كۆرشۈم بىچچارە ئادەم ئۇرغاندا شۇنداق قورقۇنۇشلىق كۆرۈنگىنى بىلەن يىغلىغاندا ئەجەپمۇ بىچچارە مىسكىن سۇلغۇن بولۇپو كىتىدىكەن دىسە..ساقچىلار ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە كىرىپ بىرمۇنچە ھەپىلىشىپ كىتىپ قېلىشتى،شۇ كۈندىن كىيىن ئاپام باشقىچىلا جۈدەپ باشقىچىلا كەم سۆز بولۇپ كەتتى ئادەتتە قىلدىن نېرى كىتىپ قالسام توبا بولامدۇ سۈپۈرگە بولامدۇ قولىغا چىقانلىكى نەرسىلەر بىلەن راسا سالىدىغان مىجەزى يوقاپلا كەتتى،قوشنا خۇلۇملىرىمىزمۇ ئەھۋال سورغان بولۇپ كىرىپ چىقىپ يۈردى، مەن ئاپامنىڭ تايقىدىن خېلىلا قۇتۇلۇپ قالدىم مىنىڭ يىنە مۈڭگۈزۈم چىقىلى تۇردى، دەرەخ يوپۇرماقلىرى سارغىيىشقا باشلىغان يازلىق كىيىملەرنى يۇغۇشتۇرۇپ كۈزلۈك كىيىملەرنى يەڭگۈشلەپ ئۈلگۈرگەن بىر كۈز ئەتىگىنى مەكتەپكە مېڭۋاتاتتتىم، مىنى يىراقتىنلا بىرسىنىڭ چاقىرغان ئۈنى ئاڭلاندى.
-ھەي!خام شوخلا!ھەي خام شوخلا!
مەن شاققىدە كەينىمگە ئۆرۈلدۈم،كىمكىنىە بۇ مىنىڭ لەقىمىنى چاقىرغان!بۇ ئەلۋەتتە ماڭا بىزنىڭ تۇرانگۈل ئاپپاي قويغان لەقەم ئىدى،ئاپام مىنى تولا ئۇرغاچقا چىرايىمدىن كۆك كەتمەيتى ئەممە مەڭزىم قىزىللا تۇراتتى، شۇنداق بولغاچقىمىكىن تۇرانگۈل ئاپپاي بىر كۈنى باللارنىڭ ئالدىدىلا،بىر يىرىڭ كۆك بىر يىرىڭ قىزىل خام شوخلىغىلا ئوخشايدىغان نىمە جۇمۇ سەن!قىلغان ئىشلىرىڭمۇ بىر بىرىدىن خام!دىگەندىن باشلاپلا بۇ لەقەم ماڭا سىڭىپلا كەتكەن ئىدى. تۇرسۇن!ئۇ نىمە بۇنداق ئەتىگەن ماڭغاندۇ مەكتەپكە.
-نىمە؟
ئۇ يۈگەرگەنچىدىن يىتىپ كەلدى
-ھېچنىمە، شۇ سەن بىلەن بىللە ماڭاي دىگەن شۇ..
-مىنى تولا خام شوخلا خام شوخلا دەۋەرمە ھە!
-نىم بولدى؟
-مەن ئۇنداق چاقىرغانغا بەك ئۆچ!
-ھې ھې ھې...يېقىندىن بۇيان بەك نوچىلىشىپ كىتىۋاتىسەن جۇمۇ...
-قانداق نوچى بولۇپ كىتىپتىمەن؟
-ۋار ۋۇر ۋاقىرايدىغان، ئادەمدىن قورۇقمايدىغان بۇلۇپ قېلىۋاتىسەن غۇ!
-نىم دەيسە!
-سەن نىم دەيسە!
كىلىشتۈرۈپ ئىنىكىگە ۋاڭڭىدە بىرنى سالدىم،ئۇ كەينىگە يىقىلدى.
-مانا مۇنداق دەيمەن!گىپىڭ بارمۇ!ئۇمۇ بوش كەلمىدى بىز پومداقلىشىپ مۇشلىشىپ كەتتۇق. ئۇمىنى ىيىڭەلمىدى،بىر قەپەز مۇشتلىشىشلاردىن كىيىن باشقا مەكتەپكە مېڭۋاتقان بالىلارنىڭ ئاجرىتىشىىش ئارقىسىدا بىز ئاجىرىدۇق.شۇ كۈندىن ئىتىۋارەن ئۇ مەندىن خېلىلا چۈچۈيدىغان بولدى، نەچچە كۈن ئۆتۈپ مەكتەپتىن قايتىۋاتسام بىر قىز ئالدىمدىن ۋىلسىپىت مىنىڭ ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ،ئۆزۈمچىلا ئۇنىڭغا چاخچاق قىلدىم.
-ھەي!ۋېلسىپىتىڭڭىزنىڭ چاقى يەرگە تىگىپ قاپتۇ!
ئۇ شاققىدە ۋەلسىپىتتدىن چۈشۈپ ئالدى ئارقا چاقلىرىغا قاراشقا باشلىدى.
-ۋۇ ساراڭ قىز!ۋېلسىپىتنىڭ چاقى يەرگە تەگمەي ئاسمانغا قاراپ تۇرامدا؟ھې ھې ھې ئېھ ئېھ....
-ۋۇ ساراڭ شۇم!
ئۇ شۇنداق دەپلا ۋىلسىپىتىنى مىنىپ مېڭڭىپ كەتمەكچى بولۇپ ئەمدىلا ۋېلسىپىتىگە مىنىۋىدى مەن ئۆزۈمچىلا ئۇنىڭ ۋىلسىپىتىنى بىرنى تىپىپ ئۇچىرۋەتتىم ئۇ ئۆزى ئېرىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى ۋېلسىپىتى ئۈستىگە چۈشتى..ئۇمۇ بوش قىز ئەمەسكەن ئورنىدىن چاچىراپ قوپۇپ مىنى قوغلاپ كەتتى،مەن ۋەرتتىقدە قېچىپ كەتتىم..
ئۆيگە كىرسەم ئانام ئولتۇرىدۇ ۋاھ كۆرۈپ ئۆزۈمنى ئاتتىم.
-قاچان كەلدىڭڭىز ئانا؟
-ھېلىراقتا كەلدىم،جېنىم قوزام.
-چوڭ دادام چۇ؟
-چوڭ دادىڭڭىز ئىشلەۋاتىدۇ.مەن ئۆيدىكى ھەممىسىنى ھەتتا ئىتىم كەيرۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن تارتىپ بىرەر قۇر سوراپ چىقتىم،ئانام تاش موللام دەيدىغان بىر موللامنى باشلاپ كەپتۇ، ساقچىلار بىزنىڭ ئۆيگە كىرگەن ئوغرىنى تاپالمىغاندىن كىيىن ئانام بىزنىڭ يۇرىتىكىلەرنىڭ رەم سېلىپ ئوغرى تۇتىدىغان پەتىۋالىرى بويىچە نەلەردىندۇر ئىزدەپ سوراپ بۇ داخانچاقنى بىللە ئېلىپ كەپتۇ ئۇ ئوغرىنى كۆرۈپ بىرەلەيمىش، بىزنىڭ ئالدىمىزغا يىنە قەنداق دىشۋارچىلىقلار بار ئالدىن بىلىپ بىرەرمىش....ئىشقىلىپ ئۇ نىڭ قولىدىن شۇنداق جىق ئىشلار كىلەمىش،ئاپام خەنزۇچىدا ئوقىغاچقىمۇ ياكى كىچىكىدىن ئۇنداق خۇراپىۇلىققا ئىشەنمىگەچكىمۇ ئىش قىلىپ ئانچە خوشال بوپ كىتەلمىدى،تاش موللام دەيدىغان بۇ ئادەمنىڭ قىلىقلىرى تولىمۇ غەلىتە ئىدى،ئادەمگە قارسىمۇ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ مىختەك قادىلىپ گويا سىزدە ئۆچى باردەكلا قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلاتتى،ئۇ كۈندە مەن مەكتەپكە كەتكەندە، ئاپام ئىشقا چىقىپ كەتكەندە ئاچامنىڭ دەپ بىرىشىچە شۇنداق يۇقىرى ئاۋازدا ئادەمنىڭ ئاغزىغىمۇ كەلمەيدىغان بىرنەرسىلەرنى دەپ سۈرەن سالىدىكەن،ئاچامنىڭ زەڭ سېلىپ ئاڭلىشىچە ئۇنىڭ دەۋاتقان گەپلىرى ئايەتلەرنىڭ تەتۈر ئوقۇلىشىمىش، ئايەتلەرنى تەتۈر ئوقىيالىغان ئادەم داخان بولۇپ كىتەرمىش ، بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى شۇلار كۆرەلەيمىش،ئۇنداقتا نىمىشقا داخان بولىدۇ؟ئۇلار شۇنچە ئەقىلىق بولغاندىن كىيىن باشلىق بولۇپ كەتسىلا بولمىدىمۇ دەپ ئويلايتىم ئىچىمدە گەرچە تېشىمغا چىقىرالمىسامۇ،ئۇ بىزنىڭ ئۆيدە بىرەر ئايغىچىلا تۇرۇپ قالدى، شۇ جەرياندا قوشنىلارنىڭمۇ ئۆيىمىزدىن ئايىغى ئۈزۈلمەيتى، ئولتۇرۇپ قالغان قىزلىرىغا ئەر قىزىتىمىز دەپ ھەرخىل نەرسىلەرنى باھانە قىلىشقان بولۇپ كىرىپ شۇنداق تۇتامغا چىقمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ كىتىشەتتى، ئۇ كىتىپ نەچچە ھەپتە ئىچىدىلا بىز ئالدىمىزدىكى يېڭڭى سالغان بىنادىكى 3-قەۋەتكە كۆچۈپ چىقتۇق، ئاچامدىن ئاڭلىسام بىزنىڭ ھازىر تۇرغان ئۆيىمىز تولىمۇ شەرتلىكمىش، بۇ ئۆيدە ئۇزاق تۇرساق يىنە بالاغا يۈزلىنەمىشمىز، بىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ سېلىنىشى خاتامىش، بۇ گەپ ئاپامنىڭ شۇنداق ئاچچىقىنى كەلتۈرۋەتتى.
-بىر بىنادىكى ھەممىمىزنىڭ ئولتۇرۇرغان يۆلىنىشى بىرخىل تۇرسا، يە بۇ بىنانى يۆتكەپ ئۆزگەرتكىلى بولمىسا؟!ئەجەپ بىزنىلا باسىدىكەنغۇ دومىلە!ئەجەپ باشقىلارنى باسمايدىكەنغۇ دەپ خېلىلىا گەپ تاكاللاشتى ئۇنىڭ بىلەن،ئەمما دادام بىلەن ئانام ئۇنىڭغا بەكلا ئىشىنىپ قالغان بولسا كىرەكئاپامنى شۇنچىلىك باستى،شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ كەتتى بىزمۇ ئۆي كۆچتۇق، دىمىگەن بىلەن يېڭڭى ئۆيىمىز شۇنداق پەيزە ياساقلىق ئىدى، ئىش قىلىپ نىمىلا بولمىسۇن مەن بۇ ئۆيگە كۆچكىنىمىزدىن بەكلا رازى ئىدىم. بىز ئۆي كۆچۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا دادامنى ئىدارىسىدىن ئىچكىرگە ئويناتقىلى ئەكىرىدىغان بولدى، شۇنىڭغا قارغاندا تاش موللام دىگەن دەك داداملار بۇرمۇنچە يول مېڭڭىپ ئالغان بۇ ئۆي راسلا ياراشتىمۇ نىمە،بىز كۆچۈپلا ئاپاممۇ ئىشخانا باشلىقى بوپتۇ، داداممۇ ئىچكىرگە ئوينىغىلى كىردىغان بولدى،سىڭلىمغۇ تىل چىققاندىن باشلاپلا باي دادام باي دادام دەپ تىل چىققان ،تاش مولام كەتكەندىن كىيىن ئىشقىلىپ بىزنىڭ ئۆيگە ئاز بولمىغان خۇشاللىقلار يۈزلىنىشكە باشلىدى.تېخى ئاچاممۇ مابەت تېپىۋالدى،بەلكىم بۇمۇ بىر خۇشالىقتۇ،ئىشقىلىپ نىمىلا بولمىسۇن مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولدۇم ئۇ بىچچارىمۇ شۇ مابىتىنىڭ شىرىن شىكەر گەپلىرىدىن بىزە شاتلىق تاپمىسا ئاپامدىن تولا تاياق يەپ خۇشاللىق تاپقىدەك ياخشى گەپ ئاڭلىغىدەك كىمىسىمۇ بار دەيسىز.بىراق ئاچامنىڭ مابىتى بارلىقىنى مەندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتى، شۇ چاغلاردا مەن كەچلىك مۇزىكا سىنىپىدا ئوۇيتىم ئەلۋەتتە بۇ كۇرىسقىمۇ مىنى ئاپام قاتناشتۇرغان ئىدى، ئىش قىلىپ ئاپام مىنى كۆپ ئۇرغىنى بىلەن ئۈگىنىش توغۇرلۇق كىتاپ توغۇرلۇق شۇنداق ئەتراپلىق ئىش قىلاتتىكى مەن كۆرىمەن دىسەملا قانچىلىك كىتاپ بولشىدىن قانچە پۇل بولشىدىن قەتتى نەزەر ئېلىپ بىرەتتى، مەن ئوقۇيمەنلا دىسەم مىنى ھەرقانداق بىلىم ئىگەللەيدىغان پۇرسەتتىن مەھرۇم قويمايتى.شۇنداق ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا ئاچام كۈندە ماڭغا ھەمرا بولۇپ بىللە باراتتى چۈنكى بىزنى شۇنداق كەچ قويۇپ بىرەتتى،مەن ئاچام مىنى ساقلاپ تۇرىمەن دىسە ئۇنىمايتىم.
-بولدى ئاچا سىزمۇ ئادەم ، مەمەتجان ئاكام بىلەن ئايلىنىپ كىلىڭ مەن سىنىپقا كىرىپ كەتسەم شۇنداق ئۇزۇندا چىقىدىغان تۇرسام سىز بۇ يەردە تۇرىۋەرسىڭڭىز زىرىكىپ كىتىسىز...
-بەك ياخشى جۇمۇ ئۇكام سىز...
ئاچام مەمتجان بىلەن ئايلىنىپ كىلىش ئۈچۈن كىتەتتى.مەن كۇرۇسقا قاتنىشىپ چىقىپ بولغىچە ئاچاممۇ كىلىپ بوللاتتى، ناگانلاردا كىلەلمەي قالسا مەن ئاچامنى سىنىپنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتىم، ئاچام بۇنداق چاغلاردا بەك خوشال بولۇپ كىتەتتى.
-ئوماق ئۇكام نىمىشقا ئۆيگە كىتىۋەرمىدىڭڭىز؟
-ئاچاڭ قېنى دىسە نىمە دەيمەن؟سىز نى گەپكە قويسام بولمايدۇ دە.
-بەك ياخشى جۇمۇ سىز..
-سىزمۇ بەك ياخشىغۇ ئاچا...
بەزىدە مەمەتجان ئاكام ماڭا شاكىلات بىرەتتى، چاچلىرىمنى سىلاپ قوياتتى.ئىش قىلىپ مەن ئاچامنىڭ ئەشۇ كىچىككىنە خۇشاللىقىدىن مەھرۇم قېلىشىنى خالىمايتىم ئەلۋەتتە،بىچچارە ئاچام ئاپام ھەرقېتىم مىنى ئۇرغاندا مىنى قۇچاقلاپ ئۈستۈمگە چىڭڭىدە چاپلىشىپ تۇرۋىلىپ بىرمۇنچە ھارام تاياق يەۋلاتتى.مەن ئاچامنىڭ ئەشۇ ئىشلىرىدىن بەك تەسىرلىنەتتىم.
تازا قار يېغىۋاتقان بىر ئەتىگىنى 1-سائەتلىك دەرىستىن چىقىپ زالدا قوغلاشماق ئويناۋاتسام، تۇردىگۈل ئاپپاي مىنى چاقىردى.
-ھەي!
مەن شاققىدە ئۇنىڭغا قاردىم.
-مەنما؟
-ھە سەن.ئىشخانامغا كىر.
ئاتتام، يىنە نىمە ئىشلارنى خاتاقىلىپ قالغان بولغىيتىم؟ يىنە نىمە كۈنلەرنى كۆرەمەن، مەن شۇنداق ئەنسىزچىلىكتىن كىيىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مېڭڭىپ ئىشخانىسىغا كىردىم
-بۇياققا كىلە بالام.
-ھە؟! مەن ئۇنىڭ بۇنداق چاقىرشىدىن بەك ھەيران قالدىم.
-بۇياققا كەل دەۋاتىمەن بالام.
مەن قورقۇمسىراپراق مېڭىپ ئۇنىڭ يىنىغا باردىم.
-مەن سەن ئۈچۈن مۇئەللىمدىن رۇخسەت سوراپ قويدۇم، سەن ئاپاڭنىڭ يېنىغا بېرىپ ماڭا 3كۈنلۈك ئىسپىراپكا يازدۇرۇپ ئەكەپ بەرگىنە.
-ھازىرلىما؟
-ھەئە ھازىلا.
مەن ئىشخاندىن يۈگرەپ چىقىپ چاققانلىق بىلەن ئاپامنىڭ يىنىدىن ئىسپىراپكا ئەكىلىمەن دەپ پەشتاقتىن تاقلاپ سەكرەپ چۈشىۋىتىپ پۇتۇم قەرىلىپ كتىپ دۈم چۈشتۈم،ئۇيەر بۇ يەرلىرىم ئاغرىپ تۇرسىمۇ شاققىدە ئالدى ئارقىمغا قاردىم ئادەم دىگەن شۇنداق نەرسە ھە، توۋا يۈز دىگەننى قاتتىق ئايايدۇ،ئۆزىنىڭ قانداقلا بوپ كىتىشىدىن قەتتى نەزەر يۈزىنىڭ تۆكىلىپ كىتىشىدىن دەششەت ئىھتىيات قىلىدۇ دىسە.خۇداغا شۈكىرى ھەنىم بولسا ئالدى ئارقامدا ھېچ كىم يوق، ئورنۇمدىن ئىشتىكلا تۇرۇپ كەتتىم،پۇتۇم شۇنداق ئاغرىپ تۇرسىمۇ چىداپ ماڭدىم، ئاپامنىڭ يېنىغا كىرسەم ئاپام شۇنداق ئالدىراش ئىشلەۋىتىپتۇ.
-ئاپا، مەن كەلدىم،ئاپام ماڭا شاققىدە قاراپ قويۇپلا يىنە ئىشىنى قىلىۋەردى.
-نىمەگەپ؟
-تۇردىگۈل ئاپپاي سىزنى ئسپىراپكا ئېلىپ بەرسۇن دەپ ئەۋەتكەن.
-سىلەرگە دەرىس يوقمىتى؟
-باتتى، ئەمما ئاپپاي رۇىسەت سوراپ قۇيۇپتۇ.
ئاپام قولىدىكى قەلەمنى شاققىدە توختاتتى.
-قانداق دىگەن بىرنىمە ئۇ!بۇ دىگەن دەرىس ۋاقتى تۇرسا ئوقۇغۇچىنىڭ دەرىس ۋاقتىنى ئېلىپمۇ ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىگە سالىدىغان قانداق قاملاشمىغان خوتۇن ئۇ!ماڭ!سەن ھازىرلا بېرىپ دەرسىڭگە قاتناش.
-بىراق ئاپپاي....
-نىمە!سەن مەن بىلەن گەپ تالىشىۋاتامسەن!
-يايا....ياق...مەن كەتتىم ئەمسە.ئاپا ئاپايغا نىمە دەيمەن؟!
-ئۆزى كەلسۇن!
مەن چىقىپ كەتتىم، مەكتەپكە بېرىپ ئاپاينىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم ئاپپاي ئۆزى يالغۇز ئولتۇرغان ئىكەن.
-ئاپام سىزنى ئۆزى كەپ كەتسۇن دەيدۇ.
-نىمىشقا؟
-بىلمىدىم.
-ھە بولىدۇ مەن باراي.
-مەن چىقىپ كەتتىم ئەمسە.خوش ئاپپاي
-ھە خوش.
مەن دەرىسكە قايتىپ كىردىم.دەرىسلەردىن چۈشۈپ چۈشتە ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ئاپاملار ئەمدىلا كىرىپ تۇرۇپتۇ.قولۇمنى يۇيۇپ تاماق شىرەسگە كىلىپ ئولتۇردۇم.
-بۇنىڭدىن كىيىن مالىملىرىڭ دەرىس ۋاقتىدا ۋاقتىڭنى ئېلىپ ئىشىغا بۇيرىسا ئۆزىڭڭىز بىرىڭ دە ئۇقتۇڭمۇ!
-ئىم..
-نىمانچە ئوقۇتقۇچىلىق ساپاسى يوق بىرنىمىلەر ئۇ!...ئاپام بىرمۇنچە كوتۇلدىدى.شۇ كۈنى ئاچامدىن ئاڭلىسام ئاپامغا دورا ئۇكۇل ئالغۇزدىغان ئىسپىراپكا يازغۇزىدىغان مالىملار شۇنداق كۆپكەن، ھەممىسى مىنىڭ دەرىس بىرىدىغان ئوقۇتقۇچۇلىرىم نامىدا بارغاندىكىن مەن دەرىستە ئۇنچە ياخشى بولمىغانلىقم ئۈچۈن بىچارە ئاپام مەن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىدىكەن، بىر كۈنى ئاچام سىڭلىمنى ئېلىپ ئاپامنىڭ يېنىغا چىقاندا دەل ئاشۇندا ئىشقا ئۇچىراپتۇ، ئاپامنىڭ يېنىدا بىزنىڭ مەكتەپتىكى بىرمۇنچە ئاپايي ھەرخىل بىڭجىيا تىياۋ ئالىمىز دەپ تۇرغان ئاپام بىچارە .ۇلارنى ئۇ بۆلۈم بۇ بۆلۈم ئېچىقىپ يۈرۈپ ئۇلار ئۈچۈنلا ئىشلەۋاتقاندەك قىلىقلارنى قىپ كىتىپتۇ،ئاچامنىڭ ئاپامغا شۇنداق ئىچى ئاغرىپتۇ.
-ئاچا بۇلارغا ئاۋارە بولۇپ بۇنداق يۈگۈريىتىم ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرمىسىڭڭىز بولمامدۇ ؟
-ھەي...مىنىڭ شۇ ئارزۇلۇق بالام دەرىستە ياخشى بولغان بولسا مەنمۇ مۇشۇنداق قىلىپ يۈرەرمىدىم خەخكە...
-ئۇلارمۇ بەك قېلىن بىرنىملەركەن ھە.
-مىنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا خۇشتار ئەمەس ئەشۇ بالىغا ئوڭ كۆزىدە قاراپ قويارمۇ، باشقا بالىلارغا قارغاندا كۆپرەك دەرىس ئۈگۈتۈپ قويارمۇ دىمىسەم مىنىڭمۇ شۇنداق خوشامەت قىلغىم بارمۇ...ھەي...دىتى يوق بالىنىڭ ئاتا ئانىسى بولماق بەكمۇ تەسكەن جۇمۇ،ئاكىڭڭىزمۇ،ماي توشىغىلى ماڭغاندىكىن نەدىكى ئەپەندەكلىنى ماشىنىسغا چىقىرىۋالغان ئۇلارغا تاماقتىن تارتىپ ياتاققىچە ئېلىپ بىرىپ ئاپىرىپ قويۋاتقان، شۇ بىچارىغىمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ،مۇشۇ يەردىكى خەخلەرنىڭ ئالدى سانىلىدىغان ئاكىڭڭىزمۇ ئەشۇ بالىنى دەپ، شۇ ئەپەندەكلەرگە شۇنچە ۋاي دەپ كىتىدۇ، بىزگىمۇ ئاسانمۇ...
مەن ئاچامنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندا  شۇنداق بىرخىل بولۇپ كەتتىم ، ئاپام ئەسلى ماڭا ئۆچ ئەمەسكەن،مەنمۇ دەرىستە ياخشى بولغان بولسام ئاپاممۇ داداممۇ مۇشۇنداق خەخكە خوشامات قىلىپ يۈرەرمىدى...بۇنىڭدىن كىيىن دەرىسكە دىققەت قىلسام بولغىدەك جۇمۇ،شۇ يىللىق قىشلىق تەتىل ئالدىدىكى ئاتا ئانىلار يىغىنىدا نەتىجەم ھەر ھالدا خېلى كۆتۈرۈلدى،ئاپام ئۇرمايمۇ قالمىدى ئەمما بەك ئۇرۇپمۇ كەتمىدى دىگەندەك،دادام ئىچكىردىن شۇنداق ئۇزۇندا قايتىپ كەلدى،دادام ئاپامغا شۇنچە چىرايلىق ئالتۇن زەنجىرلەرنى ئۈزۈكلەرنى ئېلىپ كەپتۇ، ئەمما ئاپامغا ئەكەلگەنگە قوشۇپ ئاچىسىغىمۇ ئالغاچ كەپتۇ، ئاپام ئارتۇق گەپ قىلمىدى، نىمىشقىكىن دادام ئاچىسىغا شۇنداق ۋاي دەپ يېقىنچىلىق قىلىپ كەتسىمۇ ئاچىسىنىڭ باللىرىنىڭ بىز بىلەن ئەسلا خوشى يوق ئىدى، كىچىك چاغلىرىمىزدا بىللە ئوينىغىنىمىز بىلەن چوڭ بولغانسىرى بىر بىرىمىزدىن قاچىدىغان ھەتتا يېقىن كىلىشىپ سوقۇشۇپ كىتىشمىسەكلا گەپمۇ قىلىشمايتۇق،ئاچامنىڭ دەپ بىرشىچە دادامنىڭ ئاچىسى سىڭلىم ئاپامنىڭ قورسىقىدا بار چېغىدا دادامغا گەپ چېقىپ ئاپامنى شۇنداق سەت تاياققا قويۇپتىكەن ،شۇ چاغلاردا دادامنىڭ سىڭلىسى كەلگەن بولسا كىرەك ئاپام ئۇنىڭ كەلگەنلىكىگە شۇنداق خوشال بوپ كىتىپتۇ، چۈنكى ئاپام شۇ چاغلاردا ئۆيدە يالغۇز، ھەم شۇنداق تۇغۇتى يىقىنلىشىپ قالغان چاغلارئىكەن دادامنىڭ سىڭلىسىنىڭ كىلىشى ئاپامنى شۇنداق خوش قىلىۋىتىپتۇ، كىچىلىرى ئۆيدە يالغۇز قالغاندا ماڭا ھەمرا بولسا نىمىدىگەن ياخشى دەپ ئويلىغان تۈز كۆڭۈل ئاپام ئۇنىڭغا شۇنداق يېقىنچىلىق قىلىپ كىتىپتۇ.
-سىڭلىم ئەمدى يۇرتقا كىتىمەن دىمەڭ،ئاكىڭڭىز ماشىن ھەيدەپ بىر چىقىپ كەتسە نەچچە كۈنلەرگىچە قايتىپ كەلمەيدۇ،مەن شۇنداق يالغۇزلىق ھېس قىلىپ قالىمەن، سىز ماڭا ھەمرا بولسىڭڭىز، مەن يەڭگىسەم ئۇكىڭڭىزغا قارسىڭڭىز،ئۇكىڭڭىز بىزە چوڭ بولىۋالسا يەسلىگە بىرىپ سىزنى دوختۇرخانىنىڭ تازلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسام ،بىز مۇشۇ ئۆيدە بىللە تۇرايلى،سىزنىڭ يە خىزمىتىڭڭىز بولمىسا.يۇرتقا بارسىڭڭىزمۇ نىمە قىلىسىز؟...
-مىنڭ كۆڭلۈمدىكىدەكلا گەپ قىلدىڭڭىز ئاچا، مەن سىزدىن تارتىنپ دىيەلمىگەن،  مەن تۇرۇپ قلىمەن ئۇكامغىمۇ چوقۇم ياخشى قارايممەن.
چۈشتىن كىيىن ئاپام ئىشقا چىقىپ كىتىپتۇ دادامنىڭ سىڭلىسى ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كىتىپتۇ، ئاپام كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ دادامنىڭ ئاچىسنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنى ئېلىپ ياندۇرۇپ چىقىپتۇ،ئىشنىڭ قىزىقى شۇندا چىققان گەپ.دادام شۇنداق كەچ قايتىپ كەپ ئۆيگە كىرسە ئاپام بىلەن سىڭلىسى بىللە تىلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرغان دادام نىڭ ئاچىسىمۇ دادامنىڭ كەينىدىنلا كىرىپتۇ،ئاپام ئولتۇرغان يىرىدىن ئەمدىلا قوپۇپ بولغىچە دادام كەلگەنچە كىلىپ ئاپامنىڭ كاسسىغا بىرنى تىپپىپ تۇققانلىرىنىڭ ئالدىدىلا ئاپامنى تىللاپ كىتىپتۇ.
-بىلىپ قوي!مەن سىڭلىمنى بومۇلۇق قىلىدۇ سىنىڭ يۈندەڭنى تۆكىدۇ دەپ ئەكەلمىدىم!
-نىم قىلغانغا بۇنداق مۇئامىلە قىلسەن ھايۋان!قورسۇغۇمدا 8ئايلىق تۇرسىمۇ ماڭا قول تەككۈز ۋاتامسەن نائەھلى!ئاپامنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغىچە دادام ئۇنى ئۇرۇپ كىتىپتۇ ئاپام يەرگە دۈم چۈشۈپتۇ،ئاپام شۇنداق يىغلاپ كىتىپتۇ يان خوشنىمىز شۇنىڭغىچە ۋاراڭ چۇرۇڭنى ئاڭلاپ يۈگىرەپ كىرسە ئاپام بىچارە يەردە ياتقان ئۇ ئىپلاسلار ئاپامنىڭ بېشىدا دەۋەيلەپ تۇرغان، قوشنىمىز ئاپامنى يۆلەپ دوختۇرغا ئەچىقىپتۇ،ئاپام شۇ كۈنىلا سىڭلىمنى يەڭىپتۇ...
مەن ئاچامنىڭ ئاغزىدىن شۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندا نەچچە رەت دادامنىڭ ئاچىسىنىڭ ئۈگىتىشى بىلەن يوقلا گەپلەرنى ئىشلارنى دادامغا چېقىپ ئاپامنى نەچچە رەت تاياققا قويغىنىمىغا شۇنداق ئىچىم ئېچىشىپ كەتتتى .
-ئاپىڭڭىزنىڭ خىزمىتى بەك بېسىمى چوڭ خىزمەت ئاپىڭڭىزئەسكى ئەمەس، شۇ ھەممە ئىشتا سىزنى ياخشى بولسۇن دەيدۇ،خىزمەت بېسىمىنىڭ يامانلىقى دادىڭڭىزنىڭ ئاچىسىنىڭ پات پات گەپ چېقىپ ئاپىڭڭىزنى تاياققا قويۇشلىرى ئاپىڭڭىزنى ئازراق مىجەزى ئىتتىك قىلىپ قويغىنى بىلەن ئاپىڭڭىز بەك ياخشى ئۇكام.
-ئەمدى ئاپامنى خاپا قىلمىسام بولغىدەك ھە ئاچا..
-شۇ ئاپاشنى ئەمدى ھەرگىز خاپا قىلماڭ، يۇرۇتىكى چاغدا دوختۇرلار مىنى ئاشقازان راكى ئۆلۈپ كىتىدۇ دىگەندە ئاپىڭڭىز مىنى مۇشۇ يەرگە ياندۇرۇپ كىلىپ شۇنداق جىق داۋالىتىپ ساقايتقان مەن شۇڭا ئاچامغا بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلساممۇ ياندۇرۇپ بوللالمايدىغاندەك ھېس قىلىمەن...شۇ كۈندىن كىيىن مەن دەرىسلەرگە خېلىلا كۆڭۈل قويدىغان بولدۇم.باللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مەكتىپىمىزدە يىنىك ئاتلىتكا مۇسابىكىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى،مەن ھەممىلا تۈرگگە تىزىملاتتىم چۈنكى مەن دەششەت تىز يۈگىرەلەيتىم،ئىش قىلىپ تەنتەربىيەدە دەششەت ئالاھىدىلىگىم بار ئىدى.توۋا دەيمەن مەن قاتناشقانلىكى تۈرلەرنىڭ ھەمىسىدە 1-بولۇپ كەتتىم،ماڭا شۇنداق كۆپ مۇكاپاتلارنى بەردى.مەن نەچچە يىللار ئالدىدا ئاناملارنىڭ يېنىدا ئوقىۋاتقاندا مۇشۇنداق سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات ئېلىپ باققان بۇ يەرگە كەلگەندىن باشلاپ بۇ منىڭ تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىقىشىم ئىدى.
كۈتۈش ئۈچۈن يارالغانمىدىم...

36

تېما

4

دوست

1357

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

مەمۇرىي خالاس

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەرھابا.مىجىت
تۆھپە
433
مۇنبەر پۇلى
824
ئىشەنىچ
433
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 09:59:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆزۈمنى گويا بىرەر تۆھپە يارتىپ دۇنيادىكى غالىپللار سەھنىسىدە تۇرۋاتقاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم...مەن مۇكاپاتلىرىمنى ئېلىپ ھەتتا ئۆزۈم كۆتۈرۈپ بوللالماي دوسلۇرۇمدىن نەچچىسى بىللە كۆتۈرۈشۈپ ئاپىرشىپ بەردى.ئاپام ماڭا شۇنداق خۇشلاللىق نەزىرىدە قارىدى بەلكىم مەن مۇشۇ يەرگە كەلگەندىن باشلاپ تۇنجى قېتىم ئاپامنىڭ شۇنداق نەزەردە قارشىنى كۆرشىم بولغاندۇ،
-نىمانچە كۆپ نەرسىلەر بۇ؟
-ئۇ ھەممە تۈردە 1-بولدى مەكتەپ مۇدىرى ئۆزى مۇكاپاتلىدى بۇنى..
مەن جاۋاپ بىرىپ بولغىچە دوسلۇرۇم جاۋاپ بىرىپ ئۈلگۈردى ئاچاممۇ بىر چەتتە ماڭا شۇنداق ئىللىق تەبەسسۇمدا كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى.
-كەچلىك تاماقنى مۇشۇ ئۆيدە يەپ مىڭىڭلا ھە..
-بولدى بولدى...
-ئۇنداق دىمەڭلا، سىلەرگە تاماق ئىتىپ بىرەي.
-سىزنى ئاۋارە قىلارمىزمۇ؟
-ئۇنداق دىمەڭلا بۇگۈن دىگەن سىلەرنىڭ بايرىمىڭلار تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن كىچىك چاغلىرىدىمۇ بۇنىڭغا باللار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ بىرەلمىگەن،ھەتتا خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشلىقىدىن بۇلار يەسلىدە ئۆتكۈزگەن پائالىيتىگىمۇ قاتنىشالمىغان دادىسىمۇ بارالمىغان شۇ كۈنى مەن دادىسىنى ئالغىلى باردۇ دەپ دادىسى مىنى ئالغىلى باردۇ دەپ بالىنىمۇ ئەكەلمەپتۇق،ئىشتىن چۈشسەم دادسى ئۆيدە ئولتۇردۇ بالا قېنى دىسەم سىز ئەكەلمىگەنمۇ؟ دەپ مەندىن سورايدۇ.شۇ يەردىن جىدىيلىشىپ بۇنى ئىزدەپ بارايلى دەپ ئەمدى ئىشىكتىن چىقايلى دەپ تۇرساق ئىشىكنى بىرسى چەكتى ئاچساق ئۇنى مالىمى مەھەلىگىچە ئەكەپ قويۇپ كىتىپ قاپتۇ ئىشىك ئالدىدا ئۇ خۇددى چۈجىلەردەك شۈمشىيىپ تۇردۇ،دادىسى ئىككىمىز زوڭزىيىپ ئولتۇردۇق.
-نىم مىنىڭ مەكتىپىمگە ئويۇن قويغىلى بامايدىنە؟
-خاپۇماڭ بىز ئالدىراش بوپ كىتىپ ئۇنتۇپ قاپتۇق.
-مەن شەنىگە چىقىپ قوقوقوق دىگەن ناخشىنى ئىيتىنە كىپىنەك دىگەن ناخشا بىلەن ئارلاشتۇرۋىتىپ خەخلەر كۈلۈپ مەشخىل قىلدىنە!مىنى تاشلىۋەتتىڭلاما؟...
دادىسى ئىكىمىز يا كۈلىشىمىزنى يا يىغلىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدۇق  بۇنىڭ يۈزلىرى كوخۇڭ سۈركەپ قىپ قىزىل بوپ كىتىپتۇ  گىپىنى قىلىپ بولۇپلا پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى.
دوسلۇرۇم ئاپامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ماڭا قاراپ كۈلۈشۈپ كىتىشتى.
-قانداق ئىيتىپتۇ؟
-قانداق ئېيتاتتى:قوقوقوق قوقوقۇق،
                          كەلگىن جان دوشتۇم.
                          بۇ گۈزەل باغچامدا،
                          پەرۋاز قىلغىن شات.
                        قوقوقوق قوقوقوق،
                        شۇ قۇيشام گۈللەگە،
                        خولاز نىم دەيدۇ؟....
مانا مۇشۇنداق ئېيتىپتۇ،بۇنىڭ ئېيىتقان ناخشىلىرىنى بىزگە باشقا باللارنىڭ ئاتانىسى دوراپ بەردى ...
-ھاھاھاھاھاھاھاھ....ئۇلارغا بوپ بەردى تازا ھېجىيىشىپ كۈلۈشۈپ ئۆينى بىر ئېلىشتى ئۇلارغا ئاپام بىلەن ئاچام بىزگە پولۇ ئىتىپ بەردى ئاچام سىرىتتتىن بىزگە ئىچىملىك ئەكىرىپ بەردى...مەن شۇنچىلىك خۇشال ئىدىم.ئەتىسى مەكتەپكە بېرىپ 4-سائەتلەك تەنتەربىيە دەرسىدە مەن شۇنداق ئۇساپ كەتتىم، شۇنداق قوڭغۇراق چېلىنىشىغىلا سۇ خانىغا قاراپ يۈگۈردۈم، ئابلىمىت ئىككىمىز تۇربا تالىشىپ قالدۇق.
-مەن ئىچىمەن!
-مەن ئىچىمەن!
-نىمىشقا سەن باشتا ئىچەتتىڭ مەن بالدۇر كەلگەن تۇرسام!
-مەن سەندىن بالدۇر كەلگەن تۇرسام!
ئارقىمىزدا سۇ ئىچىش ئۈچۈن كەلگەن بالىلار ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن ئىدى ئۇلار غودىراشقا باشلىدى.
-بولۇڭلا ھەي گەپ ساتماي!
بىز بىر بىرىمىزگە يول قويۇشماي خېلىلا تالىشىپ بېقىشتۇق مەن جۈمەكنى ئۇ سۇچۈشىدىغان ئېغىزنى تۇتىۋالغان ئىدى،مەن شۇنداق زەردە بىلەن ئونىڭ بىشىنى پەسكە بېسىپ ئاغزىغا سۇ چۈشۈدىغان يەرنى تىقىپ جۈمەكنى كۈچ بىلەن ئاچتىم.
-مانا ئىچە!مانا ئىچە!
ئۇ يىغلىغانچىدىن بىشىنى كۆتۈردى
-ھۆ ھۆ ھۆ...
-نىمە بولدى نىمە بولدى دىيشىپ كىتىشتى باللار ئۇ بىر تال  ھەرىنى تۈكۈردى.كىم بىلدۇ دەيسىز شۇ كۈنى مەكتەپ بويىچە سۇ توختاپتىكەن جۈمەكنىڭ ئېغىزى ئىچىگە ھەرە كىرۋاپتىكەن ئەمەسمۇ ئۇنىڭ ئاغزىغا سۇ چىقماي ھەرە كىرىپ تىلىنى چېقىۋاپتۇ.
ئىشنىڭ چوڭى ئەمدى چىقىتى.
ئۇيىغلاپ توختايدىغاندەك ئەمەس،باللار مىنى ئورۋىلىشتى،
-ئەمدى قانداق قىلىسەن؟ئۇ ئۆلۈپ قالدۇ ئەمدى قانداق قىلىسەن ئۆلۈپ قالسا؟
-مەن مەن....قەستەن قىلىمىدىم....مەن مەن.....
-مەن مەن دەپ تۇرماي دوختۇرغا ئاپارمامسەن ھاڭ ۋاقتى!
ئاڭغىچە مۇئەللىملەرمۇ كىلىپ بولدى.
-نىمىش بولدى ھەي باللار نىمىگە يىغلاۋاتىدۇ بۇ؟
-ئۇ بۇنىڭ ئاغزىنى ھەرىگە چاقتۇرۋەتتى؟
-ياق ياق....مەن چاقتۇرمىدىم ئۇ ئۆزى ھەرىگە چېقىلىپ كەتتى..
-ۋاي خۇدايىمەي، ھەي باللار قاراپ تۇرماي بۇ بالنى مىنىڭ موتوسمنىڭ ئارقىسىغا ئولتۇرغۇزۇڭلار...
بىز ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ئەلقەم مالىمنىڭ موتوسىنىڭ ئارقىسىغا ئولتۇرغۇزدۇق.مالىم ئۇنى دوختۇرخانىغا ئەپ كەتتى.
بىز بىر توپ بالا ئۇلارىڭ ئارقىسىدىن دوختۇرخانىغا قاراپ يۈگۈردۇق.
بىز دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا بېرىشىمىزغا ئاپام ئىشتىن چۈشۈپ چىقىۋاتقان ئىكەن،مەن ئاپامنىڭ ئالدىغا بېرىپ بولغىچە نەچچە يالاقچى شۇملار ئاپامنىڭ ئالدىغا بېرىپ بۇ خوش خەۋەرنى ئاپامغا يەتكۈزۈپ بولدى،ئاپام ماڭا شۇنچىلىك سەت قاراپ كەتتى.
-ۋۇ ساراڭ سانىڭ مىڭسىنى يەپ قالغان قۇلاق كەستى!خەپ سىنى!ئاپام كەينىگگە ياندى ئۇلارمۇ ئئاپامغا ئەگىشىپ ئاپامنىڭ كەينىدىن ماڭدى مەن شۇنچىلىك تەسلىكتە ماڭغىم بولمىسىۇ شۇنچىلىك تەسلىكتە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.ئۇلار جىدى بۆلۈمگە كىرىپ كەتتى،مەن ئىشىكنىڭ سىرتىدا ئۇلارنى ساقلىدىم ئاللاغا يۈزمىڭ شۈكىرى ھەرە ئۇنىڭ تىلىنى ئەمەس  ئېغىزىنىڭ يان تەرپىنى چىقىۋاپتۇ.
ئاپام ئۇنىڭغا بىرمۇنچە دورا ئۇكۇل ئاسمىلارنى يازغۇزۇپ ئۇنىڭ كۈندە كىلىپ ئاسما ئاسقۇزۇشىنى تاپىلاپ تېخى سىرىتتىكى دۇكاندىن بىرمۇنچە يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بىرىپ يولغا سالدى،مەن دۇكاننىڭ سىرتىدا ساقلاپ تۇراتتىم،ئاپام مىنى شۇنداق سەت تىپىپ ئۇرۇپ كەتتى. يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە شۇنداق سەت قاراپ كەتتى ھەتتا نەچچە ئادەم توختاپ تاماششا كۆردى..تاكى ئۆيگگە كىرگىچە مىنى تەپكەنچىدىن ماڭدى،ئۆيگگە كىرسەك دادام باركەن مەن دادامنى كۆرۈپلا پاڭڭىدە يىغلاپ كەتتىم دادام يەۋاتقان تامىقنى قويۇپلا ئۇچقاندەك كىلىپ ئاپامنىڭ شاپىلىقىغا شۇنداق سەت بىرنى سېلىۋەتتى.
-ئاپىمۇ سەندەك بولامدا ۋە قانجۇق!نىمىگە بۇنچە ئۇرسەن بۇ بالىنى ئۆزەڭ تۇققان  بالىغۇ بۇ!
-ھەي بىرنىمە، ئىشنىڭ ئالدى ئارقىسىنى بىلىپ مۇش كۆتە بىلدىڭمۇ!ئاپام يىغلاپ كەتتى يۈزىنى سىلىغانچىدىن.
-ئالدى ئاقىسىنى بىلمىگىدەك نىمە قىپتۇ بۇ؟!سەن دايىم يوق باھانىلەر بىلەن بۇنى ئۇرۋالسەن ،سىنىڭ زادى بۇنىڭدا نىمە ئۆچۈڭ بار؟!
-مىنڭ نىمە ئۆچۈم بولماقچى ئۆزۈم تۇققان بالىدا؟!بۇ يىنە خەخنىڭ ...ئاپامنىڭ يۈزىگە يىنە چاڭڭىدە بىر شاپىلاق سېلىۋەتتى دادام.
-سەن يىنە خەخنىڭ بالسىغا بولشۇپ بۇنى ئۇرۇپ يۈردۈڭما كاللىسى ئىشلىمەيدىغان كالۋا!
ئاپام شۇنداق بەك يىغلاپ كەتتى...دادامغا چۈشەندۈپمۇ يۈرمىدى.دادم كەچتە مەندىن سورىدى.
-نىمە ئىش تېرىغانتىڭلا مەكتەپتە؟
-بىر بالابىلەن سۇ تۇربىسىنى تالىشىپ.....مەن بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دادامغا دەپ بەردىم
-شۇنچىلىك ئىشقا شۇنچە ئۇرۇش كىتەمدۇ؟!ئاناڭنى...
-ئاپاممۇ شۇ ماڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسۇن دەپ قورقۇپ....
-قورۇقسا سىلنى ئۇرۋالسا قورۇقمايدىغان بولۇپ قالامدىكەن!؟....ئەمدى يىنە ئۇرۇپ باقسۇن چۇ قولىنى ئوشتىۋەتمىسەم.
ئۇئىشلارمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئۇمۇ نەچچە كۈن ئاسما سالغۇزۇپ ياخشى بوپ قالدى بولغاي مەكتەپتە تولا ئۇچىرشىدىغان بولۇپ قالدۇق بىراق ئۇمۇ ماڭڭا گەپ قىلمايتى مەنمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلمايتىم.
-شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن ئۆتۈپ مەن سىنىپىمىزدىكى ئەينى ۋاقىتتا مىنىڭ قولۇمنى سۇندۇرۇپ قويغان ھۆسەنجان بىلەن ئۇرشۇپ قالدىم ئۇ مىنى يىنە ئۇرۋالدى،مەن ئۇنىڭدىن تاياق يەپ ئۆيگگە يىتىپ كەلسەم دادام ئۆيدە تۇرمامدۇ ئىشىكتىن كىرشىمگىلا پشاينەمدىكى سۈرلۈپ كەتكەن يەرنى كۆرۈپ قالدى.
-نىم بولدى؟
-ھۆسەنجان ئۇرۋالدى دىدىم مەن يىغلامسىراپ.
-كىم ئۇ؟
-ھېلىقى مىنىڭ قولۇمنى چىقىرۋاتكەن بالا چۇ...
-ۋۇ شۇم يىنە سىلنى ئۇردىما!سىلىگە بىز كىپەك بىرىپ باقمىغاندىن كىيىن سىلىمۇ ئۇرساڭلا بولمامدۇ!دادام شۇنداق دىگەنچىدىن مايكىلىرىنى يەڭگۈشلەپ چىقتى.
-يۈرۈڭلا!
-نەگە؟
-مەكتەپكە!سىلنىڭ ئىگەڭلەبا ئادەم سىلە!
بىز مەكتەپكە باردۇق ئۇ تېخى ئۆيىگە كەتمىگەن ئىكەن.دادام بېرىپلا ئۇنىڭ پاتىڭىغا چاڭڭىدە بىرنى سالدى.
ئۇ شۇنداق چۈچۈپ كەينىگە قاردى.
-يوتقاننىڭ تېشىدىن بولغان قۇلاق كەستە!مىنىڭ بالام سىنىڭ ئۇرۇپ ئوينايدىغان دۇمبىقىڭما؟!بالامدىن بەك ئاۋاز چىقامدىكەن ئۇرۇپ باقسا؟!دادام شۇنداق دىگەنچىدىن ئۇنىڭ باش كۆزلىرىگە چاقماق تىزلىگىدە مۇش پەشۋا ياغدۇرۋەتتى.ئۇنىىڭ ئاغزى بۇرنىدىن شۇنداق قان چىقىپ كەتتى.مەنمۇ بەك قورقۇپ كەتتىم.دادام ئۇردىغاننى ئۇرۇپ بولۇپ مىنى ئېلىپ قايتىپ كەتتى.ئەتىسى ئۇنىڭ دادىسى مەكتەپكە مىنى ئىزلەپ كەپتۇ، مەن دەرۋازىدىن كىرشىمگىلا  باشقا باللار مىنىڭ ئالدىمغا يۈگىرەپ كىلىپ بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى،شۇنىڭ بىلەن مەن كەينىمگە يىنىپ ئۆيگگە بېرىپ دادامنى چاقىرىپ كەلدىم،دادام ئۇنىڭ دادىسى بىلەن مەكتەپ مەيدانىدىلا ئۇچراشتى دادام بىمەن ئۇنىڭ دادىسى ۋاقىرشىپ كەتتى، كىيىن ياقا سىىشتى، جىدەل ئەۋجىگە كۆتۈرلۈپ مۇشلىشىپ كەتتى دادام خويەنجادەكلا يامان كەن جۇمۇ ئۇنىڭ دادسىنى بىردەمدىلا قاتلاپ قويدى..ئەنە شۇ كۈندىن ئىتىۋارەن سىنىپىمىزدىكى شۇنداقلا باشقا سىنىپلاردىكى باللار مىنى تاك ئىتىپ چىكەلمەيدىغان بولدى.
كۈنلەر شۇنداق بوزەك بولۇنمىساممۇ ئۆتىدىكەن دىسە...ئەمما سىنىپىمىزدا بىزە ئىشلارنى قىلىپ قويسىمۇ مالىمنىڭ ئاغزىدىن ھەر سىنىپ يىغىنىدا ئەسلا چۈشمەيدىغان باللار قاتارىدىن ماڭا قىلچىلىك ئورۇن تەگمىدى.سىنىپ يىغىنلىرىدا باللارمۇ مىنىڭ 1-بولۇپ سىنىپىمىزغىمۇ قىزىل بايراق ئېپ بەرگىنىمنى قانداقلا بولمىسۇن شەرەپ ئەكەلگىنىمنى ئېغىزىغا ئېلىپمۇ قويمىدى، توۋا دەيمەن شاكىرغا نەدىن كەلگەن جۈرەتكىن تاڭ سىنىپ يىغىنى ئاخىرلاشتى دەپ ئاپپاي سىنىپتىن چىقىپ كىتەي دەپ مېڭىشىغا شۇنداق چىڭ ئاۋازدا
-ئاپپاي نىمىشقا مەرداننىڭ ئىسمىنى ئاتىمايسىلەر؟!بىزنىڭ سىنىپنى يىللىقلار بويىچە تۇنۇتقانمۇ مەردانغۇ!
ئاپپاي ئۇنىڭغا ئىرەڭشىمەسلىك نەزرىدە قاراپ قويۇپ گىپىنى داۋام قىلدى.
-كاللىسى ئىشلىمىگەن ئادەمنىڭ پۇت قولى بولسىمۇ ئىشلىسە بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك نەرى بار؟!
بۇگەپ مىنىڭ يۈرەكلىرىمگە شۇنچىلىك سانچىلدىكى كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش كەلگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا قىلچە چاندۇرماستىن بىشىمنى پەس قىلىپ ئولتۇرۋالدىم...
-شۇنداقتىمۇ بۇنداق دىمەسلىكىڭڭىز كىرەك دە ئاپپاي!
-خىڭ...ئەمسە سەن ماختاپ مۇكاپاتلاپ قوي...ھە باللار ئۆيۈڭلارگە قايىتساڭلار بولىدۇ.مەن ئاپپاينىڭ بۇنداق زەھەردەك گەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن،ئاپام بىچچارە نىمىلەرنى قىلمايدۇ مۇشۇ پەسەندە ئاپپاي ئۈچۈن دادام بىچچارە قانچە قېتىملاپ توشۇپ كەتمىدى بۇ بىرنىمىنى يۇرتىغىچە؟!مەن زادى نىمە گۇناھ قىلغان بولغىيتىم بۇ ئىپلاس ئوقۇتقۇچغا؟!!!!!
-بولدى ئاداش يۈرە بۇنداق ئولتۇرى ۋەرمەي،ئۆيگە كىتىمىز..
-ئاداش مەن نىم قىلغانغا مۇشۇنداق كەمسىتىلىمەن؟!مەن زادى نىمىنى خاتاقىلغان بولغىيتىم؟!
-خاتالىقڭنى تىخى بىلمىدىڭما ئاداش؟!نەچچە ھەپتە ئىلگىرى مەكتەپتىن ئوچۇق دەرىس ئاڭلىغىلى كىرگەندە نىمە قىلغىنىڭ ئىسىڭدە يوقما؟!شۇنىڭدىن كىيىن  ساڭا ھەممە مالىملار ئۆچ بىلمەيۋاتامسەن؟!
مەن شۇندىلا بۇ ئىشنى يادىمغا ئالدىم ئۇ دەل دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىنلىك ئەدەبىيات دەرسىدە بولغان ئىش ئىدى،جۈمە كۈنى بىزنى قوتۇپ بىردىغان چاغدا تۇردىگۈل ئاپپاي ئاتايىتىن سىنىپقاكىرىپ بىزگە دۈشەنبە كۈنى ئوچۇق دەرىس بارلىقىنى ئۇختۇردى.
-ھە باللار!قۇلاق سېلىپ ئامدان ئاڭلاڭلا!دۈشەنبە كۈنى مەكتەپ تىكى بارلىق رەھبەرلە بىزنىڭ سىنىپقا دەرىس ئاڭلىغىلى كىرىدۇ، شۇڭا سىلە 4-دەرىسنىڭ تىكىستىنى يەنە بىر قانچە ماقال تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ياخىشى كۆرۈپ كىلىڭلا ھە،مەن ھازىر يازغان ماقال تەمسىللەرنى دەپتىرىڭلارغا كۆچۈرۋىلىپ مەنىسىنى يادلاپ كىلىڭلا مەن بىر قانچىڭلاردىن سىناق ئالىمەن، سىناق ئالىدىغان باللارنىڭ ئىسمىنىمۇ ئوقۇپ ئۆتەي،ھېپىزىقىز،گۈلپەرى،ئەزمەتجان،مەردان.مۇشۇ باللار تازا تولۇق تەييارلىق بىلەن كىلىڭلار جۇمۇ!
شۇنداق قىلىپ ئاپپاي يىزىپ بەرگەن ماقال تەمسىللەرنى دەپ بەرگەن سۇئال جاۋاپلارنى يادلاپ كەلدۇق دۈشەنبە كۈنىدە راستىنلا بىزنىڭ سىنىپقا ئوچۇق دەرىس ئاڭلىغىلى مەكتەپ مۇدىرىدىن تارتىپ بىر مۇنچىلىغان ئوقۇتقۇچىلار كىرىدى.بىزدىن سىناق ئېلىنىدى ئەمما ئاپپاي مەندىن ماڭا دەپ بىرىپ باقمىغانلا بىر ماقال تەمسىلنىڭ مەنىسىنى سوردى.
-<<موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىقىچە>>دىگەننننى چۈشەندۈرۈڭ.مەن بىر ئۇزاققىچە تۇرۇپ كەتتىم ئاخرى تولىمۇ تەستە جاۋاپ بەردىم
-ئاپپاي سىز بۇ ماقال تەمسىلنى مەندىن سورايدىغانلىقىڭڭىزنى دىمىگەنغۇ؟
سىنىپ يەنىمۇ بەكرەك سۈكۈتكە تولۇپ كەتتى.
-شۇنداقتىمۇ سىز ئەقىلىقق بولغاندىن كىيىن دەپ بېقىڭ چۇ؟
-مىنىڭچە موزاي كالىدىن كىچىك بولغاچقا سامانلقىىچە يۈگۈرۈپ بېرىپلا ھېرىپ قېلىپ توختاپ قالىدۇ.شۇڭا شۇنداق دەيمىز...
-ھە شۇنداقمۇ؟..بولىدۇ ئولتۇرۇڭ.
دەرىس داۋاملاشتى سىنىپنىڭ ئىچى سۈكۈت ئۈستىگە سۈكۈتكە چۆكمەكتە ئىدى.دەرىس ئاياقلاشتى دەرىس تىڭشىغىلى كىرگەنلەر چىقىپ كەتتى، مەن مۇش يىدىم تىل تاپا دىگەنگە كۆمىۋىتىلدىم.
مەن شۇندىلا شاكىرنىڭ گىپىنىڭ تىگىگە يەتتىم...كۈنلەر يەنىلا داۋاملاشتى، ئىش قىلىپ سىز مەيلى قانچىلغان رىيازەتلەرنى چەكمەڭ قانچىلىغان ھاقارەتلەرگە ئۇچىرىماڭ سىزنىڭ ئازاۋىڭڭىز بەدىلىگە ۋاقىت چاقى ئۆز ئورنىدا توختاپ قالمايدىكەن،كۈنلەر ھامان داۋاملىشىپ ماڭىدىكەن.يازلىق تەتىلگىمۇ قويۇپ بىرىلدۇق مەن تەتىلدە يەنىلا يۇرۇتقا ئەۋەتىلمىدىم مۇشۇ يەردە ئاپامنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن مۇزىكا كۇرسىغا رەسىم سىزىش كۇرسىغا تىزىملاتتىم،ئاناملارمۇ يوقلاپ كەلمىدى، ئاڭلىسام ئاناملار مالىيە ئىدارىسىدىكى ئۆيدىن كۆچۈپ پىنسىيەچىلەر مەھەلىسىگە ئۆي سېلىپ كۆچۈپ كىتىپتىمىش،چوڭ دادام پىنسىيەگە چىقىپتۇ، پىنسىيەگە چىقىشتىن ئاۋال چوڭ دادامغا ئىنجىنىرلىق كىنىشكىسى تارقىتىپ بىرپتۇ چوڭ دادام پىنسىيەگە چىقىپ بولۇپمۇ دۆلەتلىك باج ئىدارىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن شۇ يەردە ئىشلەپيۈرۈپتۇ.ئاپام دىن ئۇلار توغرىسىدا مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان چېغىمدا قەۋەتتىل خوشال بولۇپ كىتەتتىم...تەتىل كۈنلىرىمۇ ئاياقلىشىپ مەن 6-يىلىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىم.ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش تۇرانگۈل ئاپپاي باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كىتىپ بىزنىڭ سىنىپ مەسۇلىمىز ئالماشقان ئىدى،بۇ يېڭڭى سىنىپ مەسۇلىمىز دەل بىزنىڭ ئۈستۈنكى قەۋتىمىزدە ئولتۇردىغان ئابىدەم ئاپپاي ئىدى.ئۇ ئاپپاي شۇنداق ياخشى ئادەممۇ ئۇرمايدىكەن ئەمما ئۇ سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ نەچچە ھەپتىدىن كىيىنلا سىنىپىمىزدىكى تۇرسۇنىڭ قولى ساليورت ئاتىمەن دەپ تېپىۋالغان ساليۇرتىتنى ئېتىلدۇرۇپ ئويناش ئۈچۈن ساليۇرت بىلەن بىللە پارتىلاپ چۇلاق بولۇپ قالدى.بۇ ئاپپاينىڭ ئايىغى ياراشمامدۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىمدە چۈنكى ئەينى چاغدا تاش موللاممۇ بىزنىڭ ئۆيىمىزنى ياراشمايدىغان ئۆي دەپ باھالاپ بىزگە يارشىدىغان ئۆينى كۆرسىتىپ بەرگەندىن كىيىن بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىز شۇنداق ياخشى داۋاملاشقاندەك بۇ ئاپپاينىمۇ مەكتەپ يەڭگۈشلىۋەتسە بولارمۇ يە.ئەمما تۇرسۇننىڭ قولنى يە بۇ ئاپپاي پارتىلتىۋەتمىسە دەپمۇ ئويلايتىم ئىشقىلىپ نىمىلا دىمىگەن بىلەن بولىدىغان ئىش بولدى دە.تۇرسۇن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىندى ئەممە ئۇنىڭ بىر قولى جەينىكىدىنلا يوق بولغىنى يوق بولغان بولدى شۇ.بىز باللارمۇ ئاز تولىدىن پۇل يىغىش قىلىشىپ ئۇنى يوقلاشتۇق،ئاپام شۇ كۈنى يىنە مىنى بىكاردىن بىكار ئۇرۋالدى، سەن 2-پۇجاڭ دىگەن نەرسىلەرگە يېقىنلاشما دەپ.
توۋا مۇشۇ ئاپاممۇ ئەجەپ غەلىتە دەيمەن ئۇرمايلا دىسىمۇ بولىدىغۇ مىنىڭ قۇلۇغۇمغا كىردىغۇ ئاتايىتەن ئۇرۇپ تۇرۇپ دىيىشنىڭ نىمە ھاجىتى دەيمەن دە...11-ئايدا مەكتىۋىمىزدە رەسىم مۇسانبقىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى مەن مۇسابىقىدە يەنىلا 1-بولدۇم بىزگە رەسسىم دەرسى بىرىدىغان ئېلىننە ئاپپاي مىنى ھەرقېتىملىق دەرىس ۋاقتىدا شۇنداق ماختاپ كىتتەتتى، ئابىدەم ئاپپاي مىنى ھەر سىنىپو يىغىنىدا ئاتايىتىن ئاغزىغا ئېلىپ ماختايتى مىنىڭ دەرىس نەتىجىلىرىممۇ نبارغانسىرى كۆتۈرلۈشكە باشلىدى، ئادەم قۇلاقتىن ،ھايۋان تۇياقتىن سېمىرىدۇ دىگەن ماقال تەمسىلنى ئاپپاي بىزگە ياخشى گەپ بىلەن ئادەمنى ئۆزگەرتكىلى ياخشى ئادەم قىلىپ چقىلى بولىدۇ ، ھايۋاننى ياىشى باقسا ئىتىتىك سەمىرىپ ئامدان پۇلغا يارايدۇ دەپ چۈشەندۈرۋىدى، مەن مۇشۇنداق ئىلھام بىرىشلەر ئىچىدە تىرىشىپ كىتىۋاتامدىم قانداق ھە..
كۈنلەر ئالدىراپ ئالدىراپلا ئۆتىۋاتىدۇ،بىردەمدىلا قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بىرلىپ يىنە قىشلىق تەتىلدىنمۇ يىغىلىپ بولدۇق.1996-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى جۈمە،بىزنى چۈشتىن كىيىنلىك دەرىستىن بالدۇرلا قويۇپ بەردى.چۈنكى بوران شۇنداق سەت چىقىپ كىتىۋاتاتتى،مەن ئۆيگە كىلىپ ئىشىكنى چەكمەستىنلا  بوينۇمدىكى ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئاچتىم ئىشىكنى ئېچىپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.ئاچام بىلەن مەمەتجان بىرگەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى...ئۇلار مىنىڭ كىرگىنىمنىمۇ بىلمىگىدەك دەرىجىدە قىزغىن ئىدىكى مەن ئىشىكنى قانداق ئېچىپ كىرگەن بولسام شۇنداق يېپىپ چىقىپ كەتتىم.يۈركىم دۈپىلدەپ سوقۇپ كەتتى.ئىشىكنىڭ ئالدىدا شۇنداق ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىم،ئاخىرى ئىشىك ئېچىلىپ مەمەتجان قايتىپ چىقتى ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرغۇنۇمنى كۆرۈپ مەندىن تىزلا سوردى.
-نمىشقا ئۆيگە كىرمىدىڭڭىز؟
-كىرەي دىگەن،ئىشىكنى چەكسەم ئاچمىدىڭلا شۇ....بۇ يالغان گەپ نەدىن كەلدىكىن تاڭ ئاغزىمغا خۇددى راستەكلا كەلدى دىسە.
ئۇ چۈشۈپ كەتتى، مەن ئۆيگە كىردىم ئەمما ئاچامغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلغىم كەلمىدى.
-قايتىپ كەلدىڭڭىزما؟
-ئىم.
-قوسقىڭڭىز ئاچتىمۇ؟
-ياق.
-نىم بولدى مىجەزىڭڭىز يوقما؟
-ياق.
-نىمانداق توڭ تىگىسىز ماڭا ئۇكام؟
-توڭ تەگمىدىم.
-نىم بولدى دەۋاتىمەن.
-ھېچ نىمە.
مەن تىلۋۇزۇرنى ئېچىپ قونچاق كۆرۈشكە باشلىدىم ئاچام مىنىڭ يېنىمدا ئۇزاق ئوتۇرۇپ بېقىپ مەن ئۇنىڭغا بىرەر ئېغىز مۇ گەپ قىلمىغاندىن كىيىن ئاستا چىقىپ كەتتى.شۇ كۈنى كەچتە مەن كۈندىلىك خاتىرەمگە بۇ ئىشلارنى يىزىپ قالدۇردۇم مىنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يېزىۋاتقىنىمغا بىر ئىككى ئاي بولغان بولسىمۇ كۈندىلىك خاتىرەم گويا ھاۋارايىدىن مەلۇمات بىرىش خاتىرسىگىلا ئوخشىيتى بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق ياكى تۇتۇق ياكى يامغۇرلىق ياكى بۇلۇتلۇق دىگەنگە ئوخشاش شۇ خىىل مەزمۇن بىلەنلا چەكلىنەتتى، ئەمما بۈگۈن يازغان خاتىرەم شۇنچىكى ئەتراپىق شۇنچىكى ئويلۇنۇش ئىچىدە يىزىلدى.كۈنلەر يىنە ئۆتمەكتە 4-ئاينىڭ10-كۈنى مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم دادام ماڭا 4-ئاينىڭ 5-كۈنى بازارغا ئېپ چىقىپ كىيىم ئېلىپ بەرگەن مەن شۇ كىيىملىرىمنى يەڭەۈشلەپ مەكتەپكە ماڭدىم دادام شۇ كۈنى مىنى دەپ ۋەزىپىسىنى مۇدەتتىن بالدۇر تامامنلاپ ئۆيدە مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قالغان ئىدى، چۈشتە مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم ئۆيدە ئانام كىچىك ئاپىلىرىم كىچىك ئاتىلىرىم كىچىك ئاپامنىڭ قىزى ئولتۇرمامدۇ.
-ۋوي ئانا!....دىگىنىمچە كىلىپ ئانامغا ئۆزۈمنى ئاتتىم.1996-يىلى مىنڭ دەل 12گە كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈم يەنە كىلىپ مىنىڭ مۈچىلىم بولغاچقا ئۇلار مىنى دەپ شۇنچە يىراق يەردىن كەپتۇ،دادام تېخى شېشىياڭ چى تەكلىپ قىپتۇ مەن كەچلىك تاماققا سىنىپىمىزدىكى ھەممە بالىلارنى چاقىردىم،ئاپام بىلەن بىللە ئىشلەيدىغانلار باللىرىدىن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۆتكىزىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ئۇلارمۇ كىرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ تۇغۇلغان كۈننىڭ دايىرسى بىراقلا بەك چوڭىيىپ كەتتى، ئاپامنىڭ ئىدارىسىدىكى خەنزۇ ئۇيغۇرلاردىن تارتىپ ھەممىسىلا كەلدى شۇنىڭ بىلەن دادام ئۇلارنى رىستۇرانغىلا باشلايلى دەپ رىستۇرانغا ئەكەتتى.مەن شۇنچىلىك خوشال ئىدىمكى بۇ خۇشاللىقىمغا گەپ توغرا كەلمەيتى دادام تېخى ماڭا دىيەنزىچىڭ سوۋغا قىلدى.مەن نىمىدىگەن بەخىتلىك ھە..ئاناملار بىر ھەپتىدەك تۇرۇپ قايىتتى.ئاناملار كىتىپ نەچچە كۈندىن كىيىن يەنى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتىگەندىلا دوسلىرىم بىلەن ئوينىغىلى چىقىپ كەتتىم ئەتىگەن سائەت7دە چىقىپ كەتكەنچە تازا ئويناپ كەچ بولغىنىنىمۇ سەزمەي تاكى قورساق ئېچىپ تاراقلاپ كەتكىچە ئويناپ قايتىپ ئاخىرى قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغاندا ئۆيگە قايىتىپ باردىم ئىشىكتىن كىرشىمگىلا ئاپام مىنىڭ باش كۆزلىرىمگە يامغۇردەك مۇش پەشۋا ياغدۇرۋەتتى.
-نەگە باردىڭ ئىشەك قۇلاق!مىنى ئەنسىرتىپ نىمە بولسۇن دەيسەن!ئاپام مىنى ئۇرۇۋىرىپ قولى ئاغرىپ كەتتىمۇ بىلمىدىم ئاچام ئاش يېيىۋاتقان ئىكەن ئاش يېيىۋاتقان نوغۇچنى ئەۋىلىپ راسا سېلىشقا باشلىدى قاندىقى قانداق بولدى بىلمىدىم نوغۇچ سۇنۇپ كەتتى ئاپام تېخى ئۇرۇپ پۇخادىن چىقمىغان بولسا كىرەك ،ئاش كىسىشكە تەييارلاپ قويغان سەي داۋنى ئېلىپلا ماڭا قارتىپ ئاتتى سەيداۋ مىنىڭ بېشىمغا ۋاڭڭىدە تەگدى كۆز ئالدىم قاپ قاراڭغۇ...بېشىمدىن كىرگەن بىر ئاغرىق پۈتۈن بەدىنىمگە تارقاپ بارلىق ئەزالىرىمنى شۇنچىلىك ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز زىڭىلداپ كەتتى.ئىسسىق بىر نەرسە چېچېم ئارسىدىن ئېقىپ كىلىپ شۇقىراپ يۈزۈمنى بويلاپ سىرغىشقا باشلىدى قولۇمنى ئاران مىدىرلىتىپ يۈزۈمنى سىلىدىم قولۇمغا شۇنداق قارغىنىملا يادىمدا قولۇم قىپ قىزىل قان بىلەن بويالغان ئىدى، ئەمما مەن شۇنچىلىكلا ئىشلارنى بىلىمەن..
-قانداقراق قانداقراق....بۇ ئاۋازلارنى شۇنداق تەستە ئىلغا قىلاتتىم.
-بالىغا بىر نىمە بولىدىغان بولسا ھازىرلا خېتىڭنى ئال!بىلدىڭمۇ!
بۇ ئاۋاز شۇنچىلىك تونۇش شۇنچىلىك تونۇشلۇق ئاۋاز..دادامكەن دە..ئەمما شۇنچە گەپ قىلىشقا تىرىشساممۇ ئاغزىمدىن بىر ئېغىز گەپ چىقمايتى خۇددى گېلىمنى بىرسى بوغىۋالغاندەك،ئاۋازىم پەقەتلا چىقمايۋاتاتتى.
يىنە ئۇخلاپ كەتتىم ئەملىيەتتە كۆزۈم يۇمۇق بولغىنى بىلەن قۇلۇغۇمغا ھەممە گەپلەر كىرىپ تۇرۋاتاتتى.شۇ خىل ھۇشسىزلىق ئىچىدە قانچىلىك ياتتىمكىن تاڭ كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا 1-بولۇپ كۆرگىنىم كۆزى قۇيلۇپ كەتكىلى ئازلا قالغان قارداپ ئىششىپ كەتكەن خالاتىسىنىڭ يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ بېشىمدا قاراپ تۇرغان ئاپام بولدى...
-مىنى كۆرەلەۋاتامسىز؟ئاپامنىڭ ئاۋازىمۇ ئۆزگۈرۈپ كەتكەن ئىدى.
-كۆردۈم...
-بېشىڭڭىز قېيۋاتامدۇ؟
-ياق،مەن ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتىم ئاپا ئەمدى مىنى چانىماڭ ماقۇلمۇ؟....ئاپا مەن ئەمدى ئوينىغىلى چىقمايمەن...گەپ ئاڭلايمەن....ئەسكىلىك قىلمايمەن....
داداممۇ بار ئىكەن باش تەرىپىمدە دادام كەلگەنچە كىلىپلا ئاپامنى تىپىپ كەينىگە يىقتىۋەتتى.
-ئاڭلىدىڭمۇ ئىپلاس!يىنە ئۇرامسە!!!ئەگەر دوختۇرلار كىرىپ توسىۋالمىغان بولسا دادام نىمە قىلىۋىتەر بولغىيتى ئاپامنى...
مەن شۇ ياتقانچە 20نەچچە كۈندە ياتاقتىن چىقتىم.
مەن ياتاقتىن چىقىپ نەچچە كۈندىن كىيىن بىزنىڭ مەھەلىدىكى خەنزۇلار توي قىلىپ پوجاڭ ئاتقاندا پوجاڭلىرىنى ئەپ قېچىپ ئۆيگە ئەكىرىپ بالكۇننىڭ دەرىزىسىدىن چىقىرىپ ئېتىپ ئوينۇدۇم،كىم بىلدۇ دەيسىز پوجاڭغا ئوتنى يېقىپ سەرەڭگىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەيلا يېنىمغا تاشلاپتىمەن ئۆيىمىزنىڭ ھەممىلا يىرگە گىلەم سېلىنغان بولغاچقا بىردەمدىلا ئوت تۇتۇشۇپ كەتتى ياخشىمۇ ئۆيدە دادام باركەن يۈگرەپ چىقىپ نەچچە تەلەڭگە سۇ ئەكىرىپ چېچىپ ئۆچۈرۋالمىغان بولسا نىمىمۇ بولۇپ كىتەتتى ئۆيىمىز دادام ئارتۇق گەپ قىلمىدى ئەمدى ئۆيدە پوجاڭ ئويىماڭلا ھە دەپلا قويدى.ئاپام مىنى دادام بولغاچقا ئۇمىدىمۇ ياكى كۆزى ساقايمىغاچقا ئۇردىغان يەرلىرىگە جايىدا تەككۈزەلمەي قالماي دەپ ئۇرمىدىمۇ ئىشقىلىپ ئۇرمىدى، پەقەت شۇ تۇرسۇننڭ ئىشىنى يىنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتتى.
-1996يىلى6-ئاينىڭ1-كۈنى شەنبە،باللار بايرىمى دادام بىزگە پۇل بەردى بۈگۈن باللار بايرىمى ئويناپ ئەكەلسۇن ئاچاڭلا دەپ ئاپام بۈگۈن يىنە ئىشلەيدىكەن دادام بىردەمدىن كىيىن دوسلىرى بىلەن بىر يەرگە بارىدىكەن،ئاچام سىڭلىم ئىككىمىزنى ئېلىپ ئەتىگەندىلا باغچىغا باردۇق ئاچام مەمەتجانغا قانداق خەۋەر قىلدىكىن بىردەمدىلا ئۇمۇ يېنىمىزدا پەيدا بولدى.بىز باغچىدا ئوينىدۇق ئاچام ئۇكىڭڭىزنى ئوينىتىپ تۇرۇڭ مەن ھازىرلا كىلىمەن دەپ بىر كەتكەنچە يوقاپلا كەتتى مەن سىڭلىم بىلەن باغچىنىڭ ئىچىدە ئۇنى بۇنى كۆرۈپ ئويناپ تۇردۇق ئاچام شۇنداق ئۇزاق ۋاقىتقىچىمۇ كەلمىدى سىڭلىم قورسۇقىم ئاچتى دەپ غەلۋە قىلغىلى تۇردى دادام ئەتىگەن ماڭا بەرگەن پۇلنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا شاكىلات ۋاخاخا شۆگاۋ ئېلىپ بەردىم.بارغانسىرى باغچىدىكى ئادەملەر ئازلاپ كۈن قاريىشقا باشلىدى ئاچام تىېخىچىلا يوق.سىڭلىمنى ھاپاش قىلىپ ئۆيگە ئېپ ماڭدىم باغچىنىڭ ئىشىگىدىن چىقىپ ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا دادام موتولۇق كىلىپ بىزنىڭ يېنىمىزدا توختىدى.
-ئاچاڭلا قېنى؟
-بايام بىر يەرگە بارىمەن دەپ كەتكەن شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى.
دادام سىڭلىم ئىككىمىزنى موتوغا ئولتۇرغۇزۇپ كاۋاپخانىغا ئاپىرىپ بىزنى راسا مېھمان قىلىپ دۇكانغا ئەكىرىپ نەچچچە تاتازا ۋاخاخا ئېپ بىرىپ يىنە بىرمۇنچە شاكىلات ئېپ بىرىپ ئۆيگە ئەكەتتى، بىز ئۆيگە كىرىپ خېلى ئۇزۇندىن كىيىن ئاچام ئۆيگە كىردى،ئاچام ئۆيگە كىرگەندە سىڭلىم ئاللىقاچان ئۇخلاپ بولغان مەن پۇتۇمنى يۇيۋاتقان ئىدىم،ئاپام ئاچامنى سوراق قىلىشقا باشلىدى.
-بۇ كىچىدە نەدىن كىلىۋاتىسىز؟
-بىر يۇرۇتلۇق بىر قىز بالا بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالغان ئۇمۇ مۇشۇ يەردە بالىغا قاراۋاتقان ئىكەن شۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن.
-ئۇكىلىرىڭڭىزنى تاشلاپ قويۇپ ئايرىم مۇڭداشمىسىڭڭىز بولمايدىغان قانداق مۇيىم ئادىمىڭىزتى ئۇ!
-مەن ئەمدى دىققەت قىلاي ئاچا...
-ئاكىڭڭىز شۇنداق خاپا بولۇپ كەتتى ماڭا، سىز نى كەتكۈزۋىتەيلىمۇ يا!
-ياق اق ئاچا ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلا..مەن ئەمدى ئىككىنچى ئۇنداق قىلمايمەن...بۈگۈنغۇ شۇنداق قۇتۇلدى ھەي ئالدىمىزدا يىنە نىمە ئىشلار بولا مەن كۆرۈپ قالغاندەك مەمەتجان بىلەن پومداقلىشىپ ياتقىنىنى دادام ياكى ئاپام كۆرۈپ قالسا بۇ تۈگىشىدۇ دە....6-ئاينىڭ24كۈنى دۈشەنبە بىزدىن باشلانغۇچنى پۈتىرىدىغان مەۋسۇملۇق ئىمتاھانىمىزنى ئېلىپ بولۇپ قويۇپ بەردى، نەتىجمىز 2كۈندىن كىيىى چىقارمىش.مەن بۇ 2كۈندە مەھەلىدىكى باللار بىلە راسا ئوينىدىم 6-ئاينىڭ26-كۈنى چارشەنبە بىزنىڭ نەتىجىمىز چىقتى مەن مەكتەپكە باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن كىنىشكەمنى ئالغىلى باردىم،كىنىشكىنى ئابدۇللا مالىم تارقىتىدىكەن مە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم.
-مالىم ياخشىمۇ سىز؟
-ھە، نىمىگە كەلدىڭ؟
-كىنىشكەمنى ئالاي دەپ چۇ..
-ئۆيۈڭلاردا داداڭنىڭ ماي تۇڭلىرى بارمۇ؟
-قاندىقىنى دەيسىز؟
-مىس تۇڭ چۇ 20كىلۇلۇق.
-بار.
-نەچچىسى بار؟
-ئىككى ياكى ئۈچى بارمىكىن.
-ھە ماڭا 2نى ئەكەپ بىرە، كىنىشكەڭنى ئاندىن بىرەي.
مەن گەپ قىلماي كەينىمگە ياندىم، شاكىربىلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇچرۇشۇپ قالدىم.
-نەگە ماڭدىڭ؟
-مالىمغا تۇڭ لازىمكە شۇنى ئالغىلى.
-قايسى مالىمغا؟
-ئابدۇللا مالىمغا.
-دەششەت تويماس ئوغرى دە ئۇ.
-قانداق دەيسەن؟
-سەن ئاڭلىمىغانما؟ 6-يىللىق 5-سىنىپنىڭ6-يىلىق 4-سىنىپنىڭ ماتىماتىكا دەرسىنى بىرىدۇ ئۇ تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن باللاردىن 1كويدىن خاتا ئىشلىگەن باللاردىن 5مودىن سىناقتىن ئۆتەلمىگەن باللادىنمۇ 1كويدىن پۇل يىغىپ تاماكا ئەكىرىپ چىكىدىغانلىقىنى!پۇل ئەكەلمىگەن باللارنى سىنىپنىڭ ئارقىسىدىكى بوش قالغان يەرگە سۇ چېچىپ شۇ سۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇزغىنىنى؟!
-ئاڭلىغان ئاڭلىغان!....
-ھە شۇ،ئاشۇنداق ئىپلاس نىمە ئۇ ئىشقىلىپ ئاخىرى پۈتتۈردۇق جۇمۇ بۇ سېسىق مەكتەپنى.
-شۇنى دىگىنە....
شۇنداق قىلىپ باشلانغۇچنى پۈتۈرۈپ تولۇقسىز ئوتۇرا مەكتەپنىڭ 1يىلىقىغا قوبۇل قىلىندىم.
مەكتەپكە چىقىپ ئۇزاق بولمايلا دادام ماڭا ۋەلسىپىت ئېلىپ بەردى،مەن ۋېلسىپىتىم بار بولغان تۇنجى كۈنىلا ۋىلسىپىتىمنىڭ رامىغا بىر دوستۇمنى ئارقىسىغابىر دوستۇمنى ئېلىپ مېڭىپ رولنى باشقۇرالماي يىقىلىپ چۈشۈپ ئالدىمدا ئولتۇرغان ئاغىنەمنىڭ بىشى يېرىلىپ يىنە ئىش تېرىدىم دادام يولغا چىقىپ كەتكەچكە ئاپامدىن تاياق يىدىم،ئاپام بۇكۈنى 24سائات ئىشلىگەچكە ئىش ئۈستىدە بولغاچقا تازا كۆڭلىدىكىدەك ئۇرالمىدى،ئەمما ئەتىسى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كىرەك مىنى قايتا ئۇرۇپمۇ يۈرمىدى.9-ئاينىڭ بايرىمىدا بىز سانتانا ماشىنىا سېتىۋالدۇق ،ئەمما دادام ماشىنىنى ئېلىپ ئۇزاق بولمايلا ئاكىسىغا ماششىنى بىرىپ تۇردى، دادامنىڭ دىيشىچە ماشىنىنى بىكار قويۇپ قويسا تىزلا كادىن چىقىپ كىتەرمىش، دادام يولدا بولغاچقا بۇ شەخسى ماشىننى ھەيدەشكە ۋاقتى چىقماسمىش،ئىش قىلىپ دادامنىڭ تۇققانلىرىنى يۆلەشتە باھاننىسى كۆپ ئىدى، شۇنداق قىلىپ دادام بۇ ماشىنىنى ئېلىپ بىرەر ئايمۇ ھەيدىمەيلا ئاكسىغا ئاپىرىپ بەردى،11-ئايدا تۇققىنىنىڭ تويىغا قاتنىشى ئۈچۈن يۇرۇتقا كەتتكەن  دادام، قايتىپ كەلگەندە دادامنىڭ چىرايىغا قاراپ يۈرگۈم ئېچىشىپ كەتتى دادامنىڭ چىرايىنىڭ ساق يىرى يوق ئىدى،ئەسلى ئىش مۇنداق بوپتۇ.دادام يۇرتىغا بېرىپ ئاكىسىغا ماشىنىنى بىرىپ تۇرۇپتۇ،توي بولغان كۈنى كەچتىسى دادامنىڭ باشقا ئىنىلىرى بىرلىشىپ دادامنى راسا ساپتۇ، بىز سىنىڭ تۇققىنىڭ ئەمەسمۇ نىمىشقا ھەممىمىزنى تەڭ يۆلىمەيسە يۆلىسەڭ شۇ بىرسىنىلا يۆلەمتىڭ دەپ داداملار 9ئوغۇل 2قىز بولغاچقا دادامدىن باشقىلىرى ھەم دادامنىڭ ئاچىسىدىن باشقىلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ تايىنى يوق ئادەملەر ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئوقىمايلا چوڭ بولۇشقان ئادەملەردە قانچىلىك ئەقىل بولماقچى.،.دادام ئۇلاردىن  بولىشىغا تاياقنى يەپ قايتىپ كەپتۇ، تايىنلىق تاياقنى ئۆلگىدەك يىگەندىن كيىن ماشىنىنىمۇ ياندۇرۇپلا ئەكەلسە بولىدىغان ئىش،بۇ كۆيۈمچان دادام ۋەدىسىگە ۋاپاقىلىپ ئوغۇل بالىدارچىلق بىلەن قايتىپ كەپتۇ ئەمەسمۇ،نەچچە كۈنلەرگىچە ئاپام ئاسما ئېسىپ داۋالىتىپ يۈزكۆزلىرى ئاران ساقايغان كۈنلەرننىڭ بىرىدە دادام ئىشتىن بالدۇر قايتىپ كەپتۇ ئۆيگە كىرىپ قارغۇدەك بولسا مەمەتجان بىلەن ئاچام دادام ئاپاملارنىڭ ياتاق ئۆيىدە پومداقلىشىپ يۇرگەن، سىڭلىمنى ئۇلار ئارقا بالكۇنغا چىقىرۋىتىپ ئۇ بىچچارە ئارقا بالىكۇناە ئۆزى بىلەن ئۆزى ئويناپ يۈرگەن،دادام مەمەتجاننى تازا ساپتۇ،مەمەتجان مىڭ تەسلىكتىە دادامنىڭ قولىدىن بوشۇنۇپ ئۆزىنى سىرىتقا ئېتىپتۇ،دادام شۇ ئاچىقىدا ئاچامنىمۇ نەچچە شاپىلاق سېلىۋىتىپتۇ،مەن مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم ئۆينىڭ ئىچى شۇنداق سۈرلۈك تۈسكە تولۇپ كەتكەن،ئاپامنىڭمۇ چىرايىدىن مۇز ياغىدۇ دادامنىڭ چىرايىغۇ بولدى،ئاچام نەرسىلىرىنى رەتلىگەنچىدىن مىشىلداپ ئولتۇرىدۇ سىڭلىممۇ بىر بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپتۇ،كەچلىك تاماقنى دادام سىرىتتىنلا ئەكىردى ھەممىمىز شۇنچىلىك سۈرلۈك جىمجىتلىق ئىچىدە غىزالاندۇق.مەن شۇ كۈنى كەچتە ئاچام ياتىدىغان ئۆيگە ئۇرنۇمنى يۆتكەپ ئاچامنىڭ يىېنىدا ياتتىم،بىز ئۆيدىكىلەرنىڭ ئاۋازى جىمىقىپ ئۇلارنىڭ ئۇخلىغىنىغا رەسمى ئىشەنىچ قىلغان چېغىمىزدا ئاندىن پىچچىرلىشىىقا باشلىدۇق.
-ئاچا نىمىشقا يىغلاۋىرىسىز؟
-مەن ئەتە كىتىمەن ئۇكام.
-نەگە كىتىسىز؟
-يۇرۇتقا،ئۆزۈمنىڭ ئۆيۈمگە كىتىمەن..
-نىمىشقا كىتىسىز؟
ئاچام شۇنداق بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.بىر ئۇزۇنغىچە يىغلىغاندىن كىيىن ماڭا پىچىرلاپ سۆزلەشكە باشلىدى.
-مەمەتجان ئاكىڭڭىز بىلەن بىز يۈرگىلى شۇنداق ئۇزاق بولۇپ كەتتى، مىنىڭمۇ ئاتا ئانام ئۇرۇق تۇققانلىرىم يېنىمدا ئەمەس ئۇنىڭمۇ ئاتا ئاىسى كىچىكىدە تۈگەپ كىتىپتىكەن،بىزنىڭ غېرىپلىقمىز ئوخشۇشۇپ قالىدۇ،شۇڭڭا مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق، ئۇمۇ مىنى ئەڭ چۈشىنىدۇ...مەمەتجان ئاكىڭڭىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن ئۇنىڭ ھەرقانداق تەلەپلىرىنى رەت قىلالمايمەن،دادىڭڭىز نىڭ شۇ كۈنى ئىشتىن بالدۇر كىلىدىغانلىقىنى ئەملىيەتتە مەن قىياس قىلپ بولغان ئەمما مەمەتجاننى كىرىپ قالىدۇ دەپ ئەسلا ئويلىماپتىمەنكەن،ئاكام كېپ قالارمىكىن دىگەنگە ئۇ ئىشەنمىدى.شۇبىڭ بىلەن شۇنىڭ بىلەن.....
-دادام سىزنى ئۇردىما؟
-ئىم...
-ئەملىيەتتە مەنمۇ سىزنىڭ مەمەتجان ئاكاش بىلەن شۇنداق قىلغانلىقىڭڭىزنى كۆرۈپ قالغان...
-قاچان؟
-ئۇزاق بولدى ،ئەمسە نىمىشقا ماڭا دىمەيسىز؟
-نىمدەپ دەيمەن؟مەمەتجان بىلەن توڭگۇز توپاق ئويناۋاتامسىز دەمدىم؟يە باسباستاڭ ئويناۋاتامسىز دەمدىم؟
ئۇ جىمىپ كەتتى،بىر ھازادىن كىيىن سۆزلەشكە باشلىدى.
-مەن كەتسەم مىنى سېغىنامسىز؟
-سېغىنىمەن.
-سېغىنسىڭڭىز قانداق قىلىسىز؟
-بىلمەيمەن...
بىزنىڭ پارىڭڭىمىز ئۈزۈلدى.
ئاچام ئەتىسى ئەتىگەندىلا كەتتى.ئاچام كەتكەندىن كىيىن مەن شۇنداق غېرىپلىق ھېس قىلىدىغان بولدۇم،سىڭلىم نى يەسلىگە بەردۇق
سىڭلىمنى يەسلىگگ بىرىپ ئۇزاققىچە ئۇ كۆنەلمەي يىغلاپ يۈردى،ئەمما ئادەم دىگەن نىمىگە كۆنمەيدۇ دەيسىز ئۇمۇ ئاخىرى كۆندى كۆنمىسىمۇ نىمە ئىلجى بار ئىدى،دادام نىڭ ئاچىسى دادام ئاتا -ئانسىغا ئاقتۇنىڭ ياغىچاق مەھەللىسىگە ۋېلىپ بەرگەن شەخسى ئۆينىڭ ھويلىسىغا ئۆي سېلىۋالغان باھانە بىلەن ئۆيىمىزدە ئاپام ئىككىسى ئوتتۇرسىدا بىزە سۈركىلىشلەرمۇ بوپ ئۆتتى
-نىمىشقا سىز سېلىپ بەرگەن ئۆيگە ئۆزىمىزنىڭ باللىرى نامىدا ياكى ئۆزىمىزنىڭ نامىدا قانۇنى رەسمىيەت ئۆتەپ قويمايسىز دەپ رەنجىيتى ئاپام.
-ئۇ ئۆينى مىنىڭ سالدۇرغانلىقمنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ئۇ ھامان بىزگگە قالىسىغان ئۆي، دادام ئانامغا ئۆينى مەن سېلىپ بەردىم مىنىڭ نامىمىدا رەسمىيەت ئۆتەيمەن دىگىلى مىنىڭ يۈزۈم چىدىمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ تۇققانلىرىم ئۇ ئۆينىڭ مىنىڭ سالغۇزغان ماڭا تەۋە ئۆي ئىكەنلىكىنى ئامدان بىلىدۇ.
-شۇنداقتىمۇ قانۇنى رەسمىيەت ئۆتەپ قويساق بولاتتى،ئادەم دىگەن يۈزسىزلىككە كەلگەندە ھايۋانىڭمۇ ئالدىغا ئۆتىدىغان نەرسە.
-مىنىڭ تۇققانلىرىم ئۇنداق ئەمەس!
-شۇڭا باش كۆزلىرىڭڭىزنى يارغۇزۇپ كەپتىكەنسز دە!
-ئادەم دىگەن ئازىدۇ!
-نىمىشقا سىزنىڭلا تۇقانلىرىڭڭىز شۇنداق ئازىدىغاندۇ؟!مانا ئەمدى بىز سالدۇرغان ئۆينىڭ ئىچىگە ئاچىڭڭىز قۇچقاچ كاپىسىدەك بىرنىمىدىن بىرنى سالغۇزۇپ مەرە ئىگەللىدى!كىيىن ياخشى كۈنىىڭ يامىنى بولۇپ بېشىمىزغا كۈن چۈشۈپ شۇ ئۆينى ساتىدىغان بولۇپ قالساق،ئاچىڭڭىزنىڭ ھويلىغا سېلىۋالغان كاپىسىنى قانداق قىلىمىز؟!
-نىمانداق شۇم گەپ قىلىدىغان خوتۇن سەن!
-شۇم گەپ قىلمىدىم مەن كۆزقارشىمنى دەپ باقتىم!
ئەنە شۇنداق دە تالاشلار خېلى كۈنگىچە داۋاملاشتى.ھەي بەزىدە مۇشۇ دادامنىڭ تۇققانلىرىغا نىمىشقا شۇنچە قىلىپ كىتىدىغانلىقىغا زادى ئەقلىم يەتمەيتى،شۇنچە تاياقنى يەپ تۇرۇپ ئاچىسى شۇنچە خاپىلىق تېرىپ بىرىپ تۇرسىمۇ دادامنىڭ نىمىشقا شۇنچە قىلىپ كىتىدىغانلىقىغا ھەيران مەن.شۇنداق دە تالاشلار ئەمدىلا بېسىقىغا چۈشۈپ تۇرشۇغا دادامنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى ئۆيدىن 3000كوينى ئەپ قېچىپ چىقىپ كىتىپ چوڭ ئانام بالا خاپىلىقىدا ئاغرىپ يېتىپ قالدى.1996-يىلنىڭ ئاخىرى ئەنە شۇنداق ئاخىرلىشىپ 1997نىڭ بېشى شۇنداق كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە باشلاندى،چوڭ ئانامنى مۇشۇ يەرگە ئەكە ۋالدۇق.ئەمما چوڭ ئانام بىزنىڭ ئۆيسە تۇرمىدى ،دادامنىڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىدە تۇردى،بىزنىڭ باشقىلاردىن ئاڭلىشىمىزچەچوڭ ئانام باشقىلارغا مىنىڭ ساللاتتەك 9ئوغلۇم بار مەن كىلىنىڭ ئۆيىدە كىلىنىڭ قولىغا قاراپ قالىدىغان خوتۇن ئەمەس دەپتۇدەك،مۇشۇنداق گەپلەرمۇ ئەجەپ تىز شۇنداق ئېتىماي تېمىماي يىتىپ كىلىدۇ دىسە،بۇ گەپ بىردەمدىلا ئاپامنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ بولغاچقا دادام بىلەن يىنە سۈركىلىش بولدى،ئاپام دورا ئۇكۇللارنى  دادامنىڭ ئاچىسىنىڭ  ئۆيىگە كىرگۈزۈپ بەردى،چوڭ ئانام شەخسى دوختۇرخانلاردا شۇ دورا ئۇكۇللارنى ئىشلىتىپ يۇردى ئەمما كىسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ كىتىۋاتاتتى،ھەتتا دادام ئىككىمز يوقلاپ كىرسەك چوڭ ئانام ماڭالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ،مىنىڭمۇ چوڭ ئانامغا قەۋەتتىل ئىچىم ئاغردى.1997-يىلى روزا ھېيىتنىڭ ھارپا كۈنى دادام ئۆيگە كىرىپلا ئاپامنى يوقىلاڭ باھانىلەربىلەن شۇنداق سەت ئۇرۇپ كەتتى بىچچارە ئاپامنىڭ يۈز كۆزلىرى دادامنىڭ قولىنىڭ ئىزى بىلەن تولغان ئىدى،ئەتىسى ئاپام يۇرۇتقا كەتتى،ئاپام مېڭىشنىڭ ئالدىدا ئاپامنىڭ چىرايىغا قاراپ قالغىنىمغا پۇشايمەن قىلىپ كەتتىم، بىچارىنىڭ يۈز كۆزلىرىدىكى كۆك ئىششىق ئادەمنىڭ يۈرگىنى ئىزەتتى،ئاپام سىڭلىمنى ئېلىپ كەتكەندىن كىيىن مەن دادام بىلەن ئۆيدە قالدىم،ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن نىمىشقىكىن دادامغا شۇنداق ئاچىقىم كىپ كەتتى،دادام ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە پەتىلىگلى مىنمۇ بىللە ئېپ چىقتى، دوسقان ئۈستىدە دادامنىڭ ئاچىس دادامدىن سورىدى.
-ئايالىڭ كىرمەپتىغۇ؟
-ئاتا-ئانسى بىلەن ھېيىت ئۆتكىزىمەن دەپ كەتتى.
-قىزىڭنى ئېلىپ كەتتىما؟
-ھە.
-بۇ باماپتىغۇ؟
-مىنىڭ يېنىمدىراق تۇرسۇ دەپ ئېپ قالدىم.
-بىرنىمە دىيشىپ قالمىغانسىلەر؟
-سەن دىگەن گەپنى يۈزىگە سالسام، مەن ئۇنداق قىلمىدىم ئاچاڭ بىلەن يۈزلىشىمەن دەپ كۆزۈمگە كىرشىپلا قالدى،شۇنىڭ بىلەن ئازراق ئوت كۆچۈرۈپ قويدۇم.دادامنىڭ گىپىنىڭ ئارقىسىغا ئۇلاپلا چوڭ ئانام قوشۇق سالدى.
-قويى بار گۆش يەيدۇ ،ئىرى بار مۇش دەپتىكەن.....
مەن چوڭ ئانامنى بۇنداق دەيدۇ دەپ ئەسلا ئويلىماپتىكەنمەن...مەن بۇ ئۆيدىكى پاراڭ تىمىسىدىنلا دادامنىڭ ئاچىسىنىڭ يىنە ئاپامنى دادامغا يالغان گەپلەر بىلەن چاققانلىقىنى بىلىپ بولدۇم،ئەينى چاغدا ئاچام دەپ ئۆتكەن ئىشلار نى كۆز ئالدىمغا ئەكەپ شۇنچىلىك ئىچىم ئاغرىپ كەتتى ئاپامغا، توۋا،بىچچارە شۇنداق ياخشى خىزمىتى تۇرۇپ شۇنداق چىرايلىق تۇرۇپ ئەجەپمۇ مۇشۇنداق تۇقانلىرىنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان ئادەمگە تىگىپتىكىنە!....بىچچارە ئاپام ئىسىت ئىسىت....
ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى كۈنىمىز شۇ ئۆيدە كەچ بولدى،ئەتىسى چۈشلۈك تاماقنى سىرىتىن يەيلى دەپ دادام بىلەن ئەمدى ئىشىكتىن چىقايلى دەپ تۇرشىمىزغا دادامنىڭ ئاچىسىنىڭ قىزى يۈگىرەپ كىرىپ كەلدى ھەتتا دادامغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاپمۇ ئۈلگۈردى...
-نىم بولدۇڭ گەپ قىلە نىم بولدى ساڭا؟!
-ئاكا ، چاپسان بول چاپسان بول...دادام..دادام....
-ۋاي گاش گەپ قىلە ئادەمنى ئەنسىرەتمەي!نىم بولدى زادى!يىغلىماي گەپ قىلە!
-دادام ئاپامنى ئۇرۇپ ،چوڭ ئانامنى زالغا قوغلاپ چىقادى...
-قاچان؟!
-بايام...
دادامنىڭ چىرايىدا قان قالمىدى پالاقشىپ چۈشۈپ كەتتى پەشتاقتىن مەنمۇ دادامنىڭ كەينىدىن يۈگىرەپ چىقتىم.بىز يۈگۈرگەندەكلا سۈرەتتە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىردۇق،چوڭ ئانام يالاڭ ئاياق دالان ئۆيدە ئۆرە تۇرىدۇ، ماڭالمايمە دىگەن ئادەم ئۆر تۇرۇپ قالغىنىغا قارغاندا چوقۇم بىر ئىش بوپتۇ، دادامنىڭ ئاچىسىنىڭ يۈزى دىگەن ئىت تالىغاندەكلا بوپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ...
<<قەس قىلغاننى پەس قىلار خۇدايىم!>>مۇشۇ گەپ قۇلاق تۈۋىمدە يىنە بىر رەت ئاڭلانغاندەك بوپ كەتتىم ئاپام ھېلىقى كۈنى يىغلاپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ گەپنى نەچچە قېتىملاپ دەپ كەتكەن ئىدى دىسە...
بىز شۇ كۈنىلا چوڭ ئانامنى بىزنىڭ ئۆيگە ياندۇرۇپ چىقتۇق،شۇ كۈندىن باشلاپ چوڭ ئانام بىزنىڭ ئۆيدە تۇردى،ئاپاممۇ نەچچە كۈندىن كىيىنلا قايتىپ كەلدى، دادام ئىككىسى يىنىلا ئەپلىشىپ قېلىشتى،ئەلۋەتتە ئەپلىشىپ قالمىسىمۇ بەربىر ئانامنىڭ ئالدىدا ئۇرۇشالمايدۇ دە..ئاپام ئانامغا شۇنداق ياخشى قارىدى، ياتاققا رەسمىيەت ئۆتەپ ئاسمىنى سسترا ئەپ چىقىپ ئۆيدە ئاسقۇزۇپ دورىلىرىنى ئىچكۈزۈپ ،كۈن ئارلاپ سۆڭەك شورپىسى قاينىتىپ بىرىپ دىگەندەك...
كۈتۈش ئۈچۈن يارالغانمىدىم...

36

تېما

4

دوست

1357

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

مەمۇرىي خالاس

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەرھابا.مىجىت
تۆھپە
433
مۇنبەر پۇلى
824
ئىشەنىچ
433
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 18:25:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن ئۆزۈمنى گويا بىرەر تۆھپە يارتىپ دۇنيادىكى غالىپللار سەھنىسىدە تۇرۋاتقاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم...مەن مۇكاپاتلىرىمنى ئېلىپ ھەتتا ئۆزۈم كۆتۈرۈپ بوللالماي دوسلۇرۇمدىن نەچچىسى بىللە كۆتۈرۈشۈپ ئاپىرشىپ بەردى.ئاپام ماڭا شۇنداق خۇشلاللىق نەزىرىدە قارىدى بەلكىم مەن مۇشۇ يەرگە كەلگەندىن باشلاپ تۇنجى قېتىم ئاپامنىڭ شۇنداق نەزەردە قارشىنى كۆرشىم بولغاندۇ،
-نىمانچە كۆپ نەرسىلەر بۇ؟
-ئۇ ھەممە تۈردە 1-بولدى مەكتەپ مۇدىرى ئۆزى مۇكاپاتلىدى بۇنى..
مەن جاۋاپ بىرىپ بولغىچە دوسلۇرۇم جاۋاپ بىرىپ ئۈلگۈردى ئاچاممۇ بىر چەتتە ماڭا شۇنداق ئىللىق تەبەسسۇمدا كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى.
-كەچلىك تاماقنى مۇشۇ ئۆيدە يەپ مىڭىڭلا ھە..
-بولدى بولدى...
-ئۇنداق دىمەڭلا، سىلەرگە تاماق ئىتىپ بىرەي.
-سىزنى ئاۋارە قىلارمىزمۇ؟
-ئۇنداق دىمەڭلا بۇگۈن دىگەن سىلەرنىڭ بايرىمىڭلار تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن كىچىك چاغلىرىدىمۇ بۇنىڭغا باللار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ بىرەلمىگەن،ھەتتا خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشلىقىدىن بۇلار يەسلىدە ئۆتكۈزگەن پائالىيتىگىمۇ قاتنىشالمىغان دادىسىمۇ بارالمىغان شۇ كۈنى مەن دادىسىنى ئالغىلى باردۇ دەپ دادىسى مىنى ئالغىلى باردۇ دەپ بالىنىمۇ ئەكەلمەپتۇق،ئىشتىن چۈشسەم دادسى ئۆيدە ئولتۇردۇ بالا قېنى دىسەم سىز ئەكەلمىگەنمۇ؟ دەپ مەندىن سورايدۇ.شۇ يەردىن جىدىيلىشىپ بۇنى ئىزدەپ بارايلى دەپ ئەمدى ئىشىكتىن چىقايلى دەپ تۇرساق ئىشىكنى بىرسى چەكتى ئاچساق ئۇنى مالىمى مەھەلىگىچە ئەكەپ قويۇپ كىتىپ قاپتۇ ئىشىك ئالدىدا ئۇ خۇددى چۈجىلەردەك شۈمشىيىپ تۇردۇ،دادىسى ئىككىمىز زوڭزىيىپ ئولتۇردۇق.
-نىم مىنىڭ مەكتىپىمگە ئويۇن قويغىلى بامايدىنە؟
-خاپۇماڭ بىز ئالدىراش بوپ كىتىپ ئۇنتۇپ قاپتۇق.
-مەن شەنىگە چىقىپ قوقوقوق دىگەن ناخشىنى ئىيتىنە كىپىنەك دىگەن ناخشا بىلەن ئارلاشتۇرۋىتىپ خەخلەر كۈلۈپ مەشخىل قىلدىنە!مىنى تاشلىۋەتتىڭلاما؟...
دادىسى ئىكىمىز يا كۈلىشىمىزنى يا يىغلىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدۇق  بۇنىڭ يۈزلىرى كوخۇڭ سۈركەپ قىپ قىزىل بوپ كىتىپتۇ  گىپىنى قىلىپ بولۇپلا پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى.
دوسلۇرۇم ئاپامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ماڭا قاراپ كۈلۈشۈپ كىتىشتى.
-قانداق ئىيتىپتۇ؟
-قانداق ئېيتاتتى:قوقوقوق قوقوقۇق،
                          كەلگىن جان دوشتۇم.
                          بۇ گۈزەل باغچامدا،
                          پەرۋاز قىلغىن شات.
                        قوقوقوق قوقوقوق،
                        شۇ قۇيشام گۈللەگە،
                        خولاز نىم دەيدۇ؟....
مانا مۇشۇنداق ئېيتىپتۇ،بۇنىڭ ئېيىتقان ناخشىلىرىنى بىزگە باشقا باللارنىڭ ئاتانىسى دوراپ بەردى ...
-ھاھاھاھاھاھاھاھ....ئۇلارغا بوپ بەردى تازا ھېجىيىشىپ كۈلۈشۈپ ئۆينى بىر ئېلىشتى ئۇلارغا ئاپام بىلەن ئاچام بىزگە پولۇ ئىتىپ بەردى ئاچام سىرىتتتىن بىزگە ئىچىملىك ئەكىرىپ بەردى...مەن شۇنچىلىك خۇشال ئىدىم.ئەتىسى مەكتەپكە بېرىپ 4-سائەتلەك تەنتەربىيە دەرسىدە مەن شۇنداق ئۇساپ كەتتىم، شۇنداق قوڭغۇراق چېلىنىشىغىلا سۇ خانىغا قاراپ يۈگۈردۈم، ئابلىمىت ئىككىمىز تۇربا تالىشىپ قالدۇق.
-مەن ئىچىمەن!
-مەن ئىچىمەن!
-نىمىشقا سەن باشتا ئىچەتتىڭ مەن بالدۇر كەلگەن تۇرسام!
-مەن سەندىن بالدۇر كەلگەن تۇرسام!
ئارقىمىزدا سۇ ئىچىش ئۈچۈن كەلگەن بالىلار ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن ئىدى ئۇلار غودىراشقا باشلىدى.
-بولۇڭلا ھەي گەپ ساتماي!
بىز بىر بىرىمىزگە يول قويۇشماي خېلىلا تالىشىپ بېقىشتۇق مەن جۈمەكنى ئۇ سۇچۈشىدىغان ئېغىزنى تۇتىۋالغان ئىدى،مەن شۇنداق زەردە بىلەن ئونىڭ بىشىنى پەسكە بېسىپ ئاغزىغا سۇ چۈشۈدىغان يەرنى تىقىپ جۈمەكنى كۈچ بىلەن ئاچتىم.
-مانا ئىچە!مانا ئىچە!
ئۇ يىغلىغانچىدىن بىشىنى كۆتۈردى
-ھۆ ھۆ ھۆ...
-نىمە بولدى نىمە بولدى دىيشىپ كىتىشتى باللار ئۇ بىر تال  ھەرىنى تۈكۈردى.كىم بىلدۇ دەيسىز شۇ كۈنى مەكتەپ بويىچە سۇ توختاپتىكەن جۈمەكنىڭ ئېغىزى ئىچىگە ھەرە كىرۋاپتىكەن ئەمەسمۇ ئۇنىڭ ئاغزىغا سۇ چىقماي ھەرە كىرىپ تىلىنى چېقىۋاپتۇ.
ئىشنىڭ چوڭى ئەمدى چىقىتى.
ئۇيىغلاپ توختايدىغاندەك ئەمەس،باللار مىنى ئورۋىلىشتى،
-ئەمدى قانداق قىلىسەن؟ئۇ ئۆلۈپ قالدۇ ئەمدى قانداق قىلىسەن ئۆلۈپ قالسا؟
-مەن مەن....قەستەن قىلىمىدىم....مەن مەن.....
-مەن مەن دەپ تۇرماي دوختۇرغا ئاپارمامسەن ھاڭ ۋاقتى!
ئاڭغىچە مۇئەللىملەرمۇ كىلىپ بولدى.
-نىمىش بولدى ھەي باللار نىمىگە يىغلاۋاتىدۇ بۇ؟
-ئۇ بۇنىڭ ئاغزىنى ھەرىگە چاقتۇرۋەتتى؟
-ياق ياق....مەن چاقتۇرمىدىم ئۇ ئۆزى ھەرىگە چېقىلىپ كەتتى..
-ۋاي خۇدايىمەي، ھەي باللار قاراپ تۇرماي بۇ بالنى مىنىڭ موتوسمنىڭ ئارقىسىغا ئولتۇرغۇزۇڭلار...
بىز ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ئەلقەم مالىمنىڭ موتوسىنىڭ ئارقىسىغا ئولتۇرغۇزدۇق.مالىم ئۇنى دوختۇرخانىغا ئەپ كەتتى.
بىز بىر توپ بالا ئۇلارىڭ ئارقىسىدىن دوختۇرخانىغا قاراپ يۈگۈردۇق.
بىز دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا بېرىشىمىزغا ئاپام ئىشتىن چۈشۈپ چىقىۋاتقان ئىكەن،مەن ئاپامنىڭ ئالدىغا بېرىپ بولغىچە نەچچە يالاقچى شۇملار ئاپامنىڭ ئالدىغا بېرىپ بۇ خوش خەۋەرنى ئاپامغا يەتكۈزۈپ بولدى،ئاپام ماڭا شۇنچىلىك سەت قاراپ كەتتى.
-ۋۇ ساراڭ سانىڭ مىڭسىنى يەپ قالغان قۇلاق كەستى!خەپ سىنى!ئاپام كەينىگگە ياندى ئۇلارمۇ ئئاپامغا ئەگىشىپ ئاپامنىڭ كەينىدىن ماڭدى مەن شۇنچىلىك تەسلىكتە ماڭغىم بولمىسىۇ شۇنچىلىك تەسلىكتە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.ئۇلار جىدى بۆلۈمگە كىرىپ كەتتى،مەن ئىشىكنىڭ سىرتىدا ئۇلارنى ساقلىدىم ئاللاغا يۈزمىڭ شۈكىرى ھەرە ئۇنىڭ تىلىنى ئەمەس  ئېغىزىنىڭ يان تەرپىنى چىقىۋاپتۇ.
ئاپام ئۇنىڭغا بىرمۇنچە دورا ئۇكۇل ئاسمىلارنى يازغۇزۇپ ئۇنىڭ كۈندە كىلىپ ئاسما ئاسقۇزۇشىنى تاپىلاپ تېخى سىرىتتىكى دۇكاندىن بىرمۇنچە يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بىرىپ يولغا سالدى،مەن دۇكاننىڭ سىرتىدا ساقلاپ تۇراتتىم،ئاپام مىنى شۇنداق سەت تىپىپ ئۇرۇپ كەتتى. يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە شۇنداق سەت قاراپ كەتتى ھەتتا نەچچە ئادەم توختاپ تاماششا كۆردى..تاكى ئۆيگگە كىرگىچە مىنى تەپكەنچىدىن ماڭدى،ئۆيگگە كىرسەك دادام باركەن مەن دادامنى كۆرۈپلا پاڭڭىدە يىغلاپ كەتتىم دادام يەۋاتقان تامىقنى قويۇپلا ئۇچقاندەك كىلىپ ئاپامنىڭ شاپىلىقىغا شۇنداق سەت بىرنى سېلىۋەتتى.
-ئاپىمۇ سەندەك بولامدا ۋە قانجۇق!نىمىگە بۇنچە ئۇرسەن بۇ بالىنى ئۆزەڭ تۇققان  بالىغۇ بۇ!
-ھەي بىرنىمە، ئىشنىڭ ئالدى ئارقىسىنى بىلىپ مۇش كۆتە بىلدىڭمۇ!ئاپام يىغلاپ كەتتى يۈزىنى سىلىغانچىدىن.
-ئالدى ئاقىسىنى بىلمىگىدەك نىمە قىپتۇ بۇ؟!سەن دايىم يوق باھانىلەر بىلەن بۇنى ئۇرۋالسەن ،سىنىڭ زادى بۇنىڭدا نىمە ئۆچۈڭ بار؟!
-مىنڭ نىمە ئۆچۈم بولماقچى ئۆزۈم تۇققان بالىدا؟!بۇ يىنە خەخنىڭ ...ئاپامنىڭ يۈزىگە يىنە چاڭڭىدە بىر شاپىلاق سېلىۋەتتى دادام.
-سەن يىنە خەخنىڭ بالسىغا بولشۇپ بۇنى ئۇرۇپ يۈردۈڭما كاللىسى ئىشلىمەيدىغان كالۋا!
ئاپام شۇنداق بەك يىغلاپ كەتتى...دادامغا چۈشەندۈپمۇ يۈرمىدى.دادم كەچتە مەندىن سورىدى.
-نىمە ئىش تېرىغانتىڭلا مەكتەپتە؟
-بىر بالابىلەن سۇ تۇربىسىنى تالىشىپ.....مەن بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دادامغا دەپ بەردىم
-شۇنچىلىك ئىشقا شۇنچە ئۇرۇش كىتەمدۇ؟!ئاناڭنى...
-ئاپاممۇ شۇ ماڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسۇن دەپ قورقۇپ....
-قورۇقسا سىلنى ئۇرۋالسا قورۇقمايدىغان بولۇپ قالامدىكەن!؟....ئەمدى يىنە ئۇرۇپ باقسۇن چۇ قولىنى ئوشتىۋەتمىسەم.
ئۇئىشلارمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئۇمۇ نەچچە كۈن ئاسما سالغۇزۇپ ياخشى بوپ قالدى بولغاي مەكتەپتە تولا ئۇچىرشىدىغان بولۇپ قالدۇق بىراق ئۇمۇ ماڭڭا گەپ قىلمايتى مەنمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلمايتىم.
-شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن ئۆتۈپ مەن سىنىپىمىزدىكى ئەينى ۋاقىتتا مىنىڭ قولۇمنى سۇندۇرۇپ قويغان ھۆسەنجان بىلەن ئۇرشۇپ قالدىم ئۇ مىنى يىنە ئۇرۋالدى،مەن ئۇنىڭدىن تاياق يەپ ئۆيگگە يىتىپ كەلسەم دادام ئۆيدە تۇرمامدۇ ئىشىكتىن كىرشىمگىلا پشاينەمدىكى سۈرلۈپ كەتكەن يەرنى كۆرۈپ قالدى.
-نىم بولدى؟
-ھۆسەنجان ئۇرۋالدى دىدىم مەن يىغلامسىراپ.
-كىم ئۇ؟
-ھېلىقى مىنىڭ قولۇمنى چىقىرۋاتكەن بالا چۇ...
-ۋۇ شۇم يىنە سىلنى ئۇردىما!سىلىگە بىز كىپەك بىرىپ باقمىغاندىن كىيىن سىلىمۇ ئۇرساڭلا بولمامدۇ!دادام شۇنداق دىگەنچىدىن مايكىلىرىنى يەڭگۈشلەپ چىقتى.
-يۈرۈڭلا!
-نەگە؟
-مەكتەپكە!سىلنىڭ ئىگەڭلەبا ئادەم سىلە!
بىز مەكتەپكە باردۇق ئۇ تېخى ئۆيىگە كەتمىگەن ئىكەن.دادام بېرىپلا ئۇنىڭ پاتىڭىغا چاڭڭىدە بىرنى سالدى.
ئۇ شۇنداق چۈچۈپ كەينىگە قاردى.
-يوتقاننىڭ تېشىدىن بولغان قۇلاق كەستە!مىنىڭ بالام سىنىڭ ئۇرۇپ ئوينايدىغان دۇمبىقىڭما؟!بالامدىن بەك ئاۋاز چىقامدىكەن ئۇرۇپ باقسا؟!دادام شۇنداق دىگەنچىدىن ئۇنىڭ باش كۆزلىرىگە چاقماق تىزلىگىدە مۇش پەشۋا ياغدۇرۋەتتى.ئۇنىىڭ ئاغزى بۇرنىدىن شۇنداق قان چىقىپ كەتتى.مەنمۇ بەك قورقۇپ كەتتىم.دادام ئۇردىغاننى ئۇرۇپ بولۇپ مىنى ئېلىپ قايتىپ كەتتى.ئەتىسى ئۇنىڭ دادىسى مەكتەپكە مىنى ئىزلەپ كەپتۇ، مەن دەرۋازىدىن كىرشىمگىلا  باشقا باللار مىنىڭ ئالدىمغا يۈگىرەپ كىلىپ بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى،شۇنىڭ بىلەن مەن كەينىمگە يىنىپ ئۆيگگە بېرىپ دادامنى چاقىرىپ كەلدىم،دادام ئۇنىڭ دادىسى بىلەن مەكتەپ مەيدانىدىلا ئۇچراشتى دادام بىمەن ئۇنىڭ دادىسى ۋاقىرشىپ كەتتى، كىيىن ياقا سىىشتى، جىدەل ئەۋجىگە كۆتۈرلۈپ مۇشلىشىپ كەتتى دادام خويەنجادەكلا يامان كەن جۇمۇ ئۇنىڭ دادسىنى بىردەمدىلا قاتلاپ قويدى..ئەنە شۇ كۈندىن ئىتىۋارەن سىنىپىمىزدىكى شۇنداقلا باشقا سىنىپلاردىكى باللار مىنى تاك ئىتىپ چىكەلمەيدىغان بولدى.
كۈنلەر شۇنداق بوزەك بولۇنمىساممۇ ئۆتىدىكەن دىسە...ئەمما سىنىپىمىزدا بىزە ئىشلارنى قىلىپ قويسىمۇ مالىمنىڭ ئاغزىدىن ھەر سىنىپ يىغىنىدا ئەسلا چۈشمەيدىغان باللار قاتارىدىن ماڭا قىلچىلىك ئورۇن تەگمىدى.سىنىپ يىغىنلىرىدا باللارمۇ مىنىڭ 1-بولۇپ سىنىپىمىزغىمۇ قىزىل بايراق ئېپ بەرگىنىمنى قانداقلا بولمىسۇن شەرەپ ئەكەلگىنىمنى ئېغىزىغا ئېلىپمۇ قويمىدى، توۋا دەيمەن شاكىرغا نەدىن كەلگەن جۈرەتكىن تاڭ سىنىپ يىغىنى ئاخىرلاشتى دەپ ئاپپاي سىنىپتىن چىقىپ كىتەي دەپ مېڭىشىغا شۇنداق چىڭ ئاۋازدا
-ئاپپاي نىمىشقا مەرداننىڭ ئىسمىنى ئاتىمايسىلەر؟!بىزنىڭ سىنىپنى يىللىقلار بويىچە تۇنۇتقانمۇ مەردانغۇ!
ئاپپاي ئۇنىڭغا ئىرەڭشىمەسلىك نەزرىدە قاراپ قويۇپ گىپىنى داۋام قىلدى.
-كاللىسى ئىشلىمىگەن ئادەمنىڭ پۇت قولى بولسىمۇ ئىشلىسە بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك نەرى بار؟!
بۇگەپ مىنىڭ يۈرەكلىرىمگە شۇنچىلىك سانچىلدىكى كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش كەلگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا قىلچە چاندۇرماستىن بىشىمنى پەس قىلىپ ئولتۇرۋالدىم...
-شۇنداقتىمۇ بۇنداق دىمەسلىكىڭڭىز كىرەك دە ئاپپاي!
-خىڭ...ئەمسە سەن ماختاپ مۇكاپاتلاپ قوي...ھە باللار ئۆيۈڭلارگە قايىتساڭلار بولىدۇ.مەن ئاپپاينىڭ بۇنداق زەھەردەك گەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن،ئاپام بىچچارە نىمىلەرنى قىلمايدۇ مۇشۇ پەسەندە ئاپپاي ئۈچۈن دادام بىچچارە قانچە قېتىملاپ توشۇپ كەتمىدى بۇ بىرنىمىنى يۇرتىغىچە؟!مەن زادى نىمە گۇناھ قىلغان بولغىيتىم بۇ ئىپلاس ئوقۇتقۇچغا؟!!!!!
-بولدى ئاداش يۈرە بۇنداق ئولتۇرى ۋەرمەي،ئۆيگە كىتىمىز..
-ئاداش مەن نىم قىلغانغا مۇشۇنداق كەمسىتىلىمەن؟!مەن زادى نىمىنى خاتاقىلغان بولغىيتىم؟!
-خاتالىقڭنى تىخى بىلمىدىڭما ئاداش؟!نەچچە ھەپتە ئىلگىرى مەكتەپتىن ئوچۇق دەرىس ئاڭلىغىلى كىرگەندە نىمە قىلغىنىڭ ئىسىڭدە يوقما؟!شۇنىڭدىن كىيىن  ساڭا ھەممە مالىملار ئۆچ بىلمەيۋاتامسەن؟!
مەن شۇندىلا بۇ ئىشنى يادىمغا ئالدىم ئۇ دەل دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىنلىك ئەدەبىيات دەرسىدە بولغان ئىش ئىدى،جۈمە كۈنى بىزنى قوتۇپ بىردىغان چاغدا تۇردىگۈل ئاپپاي ئاتايىتىن سىنىپقاكىرىپ بىزگە دۈشەنبە كۈنى ئوچۇق دەرىس بارلىقىنى ئۇختۇردى.
-ھە باللار!قۇلاق سېلىپ ئامدان ئاڭلاڭلا!دۈشەنبە كۈنى مەكتەپ تىكى بارلىق رەھبەرلە بىزنىڭ سىنىپقا دەرىس ئاڭلىغىلى كىرىدۇ، شۇڭا سىلە 4-دەرىسنىڭ تىكىستىنى يەنە بىر قانچە ماقال تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ياخىشى كۆرۈپ كىلىڭلا ھە،مەن ھازىر يازغان ماقال تەمسىللەرنى دەپتىرىڭلارغا كۆچۈرۋىلىپ مەنىسىنى يادلاپ كىلىڭلا مەن بىر قانچىڭلاردىن سىناق ئالىمەن، سىناق ئالىدىغان باللارنىڭ ئىسمىنىمۇ ئوقۇپ ئۆتەي،ھېپىزىقىز،گۈلپەرى،ئەزمەتجان،مەردان.مۇشۇ باللار تازا تولۇق تەييارلىق بىلەن كىلىڭلار جۇمۇ!
شۇنداق قىلىپ ئاپپاي يىزىپ بەرگەن ماقال تەمسىللەرنى دەپ بەرگەن سۇئال جاۋاپلارنى يادلاپ كەلدۇق دۈشەنبە كۈنىدە راستىنلا بىزنىڭ سىنىپقا ئوچۇق دەرىس ئاڭلىغىلى مەكتەپ مۇدىرىدىن تارتىپ بىر مۇنچىلىغان ئوقۇتقۇچىلار كىرىدى.بىزدىن سىناق ئېلىنىدى ئەمما ئاپپاي مەندىن ماڭا دەپ بىرىپ باقمىغانلا بىر ماقال تەمسىلنىڭ مەنىسىنى سوردى.
-<<موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىقىچە>>دىگەننننى چۈشەندۈرۈڭ.مەن بىر ئۇزاققىچە تۇرۇپ كەتتىم ئاخرى تولىمۇ تەستە جاۋاپ بەردىم
-ئاپپاي سىز بۇ ماقال تەمسىلنى مەندىن سورايدىغانلىقىڭڭىزنى دىمىگەنغۇ؟
سىنىپ يەنىمۇ بەكرەك سۈكۈتكە تولۇپ كەتتى.
-شۇنداقتىمۇ سىز ئەقىلىقق بولغاندىن كىيىن دەپ بېقىڭ چۇ؟
-مىنىڭچە موزاي كالىدىن كىچىك بولغاچقا سامانلقىىچە يۈگۈرۈپ بېرىپلا ھېرىپ قېلىپ توختاپ قالىدۇ.شۇڭا شۇنداق دەيمىز...
-ھە شۇنداقمۇ؟..بولىدۇ ئولتۇرۇڭ.
دەرىس داۋاملاشتى سىنىپنىڭ ئىچى سۈكۈت ئۈستىگە سۈكۈتكە چۆكمەكتە ئىدى.دەرىس ئاياقلاشتى دەرىس تىڭشىغىلى كىرگەنلەر چىقىپ كەتتى، مەن مۇش يىدىم تىل تاپا دىگەنگە كۆمىۋىتىلدىم.
مەن شۇندىلا شاكىرنىڭ گىپىنىڭ تىگىگە يەتتىم...كۈنلەر يەنىلا داۋاملاشتى، ئىش قىلىپ سىز مەيلى قانچىلغان رىيازەتلەرنى چەكمەڭ قانچىلىغان ھاقارەتلەرگە ئۇچىرىماڭ سىزنىڭ ئازاۋىڭڭىز بەدىلىگە ۋاقىت چاقى ئۆز ئورنىدا توختاپ قالمايدىكەن،كۈنلەر ھامان داۋاملىشىپ ماڭىدىكەن.يازلىق تەتىلگىمۇ قويۇپ بىرىلدۇق مەن تەتىلدە يەنىلا يۇرۇتقا ئەۋەتىلمىدىم مۇشۇ يەردە ئاپامنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن مۇزىكا كۇرسىغا رەسىم سىزىش كۇرسىغا تىزىملاتتىم،ئاناملارمۇ يوقلاپ كەلمىدى، ئاڭلىسام ئاناملار مالىيە ئىدارىسىدىكى ئۆيدىن كۆچۈپ پىنسىيەچىلەر مەھەلىسىگە ئۆي سېلىپ كۆچۈپ كىتىپتىمىش،چوڭ دادام پىنسىيەگە چىقىپتۇ، پىنسىيەگە چىقىشتىن ئاۋال چوڭ دادامغا ئىنجىنىرلىق كىنىشكىسى تارقىتىپ بىرپتۇ چوڭ دادام پىنسىيەگە چىقىپ بولۇپمۇ دۆلەتلىك باج ئىدارىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن شۇ يەردە ئىشلەپيۈرۈپتۇ.ئاپام دىن ئۇلار توغرىسىدا مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان چېغىمدا قەۋەتتىل خوشال بولۇپ كىتەتتىم...تەتىل كۈنلىرىمۇ ئاياقلىشىپ مەن 6-يىلىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىم.ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش تۇرانگۈل ئاپپاي باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كىتىپ بىزنىڭ سىنىپ مەسۇلىمىز ئالماشقان ئىدى،بۇ يېڭڭى سىنىپ مەسۇلىمىز دەل بىزنىڭ ئۈستۈنكى قەۋتىمىزدە ئولتۇردىغان ئابىدەم ئاپپاي ئىدى.ئۇ ئاپپاي شۇنداق ياخشى ئادەممۇ ئۇرمايدىكەن ئەمما ئۇ سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ نەچچە ھەپتىدىن كىيىنلا سىنىپىمىزدىكى تۇرسۇنىڭ قولى ساليورت ئاتىمەن دەپ تېپىۋالغان ساليۇرتىتنى ئېتىلدۇرۇپ ئويناش ئۈچۈن ساليۇرت بىلەن بىللە پارتىلاپ چۇلاق بولۇپ قالدى.بۇ ئاپپاينىڭ ئايىغى ياراشمامدۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىمدە چۈنكى ئەينى چاغدا تاش موللاممۇ بىزنىڭ ئۆيىمىزنى ياراشمايدىغان ئۆي دەپ باھالاپ بىزگە يارشىدىغان ئۆينى كۆرسىتىپ بەرگەندىن كىيىن بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىز شۇنداق ياخشى داۋاملاشقاندەك بۇ ئاپپاينىمۇ مەكتەپ يەڭگۈشلىۋەتسە بولارمۇ يە.ئەمما تۇرسۇننىڭ قولنى يە بۇ ئاپپاي پارتىلتىۋەتمىسە دەپمۇ ئويلايتىم ئىشقىلىپ نىمىلا دىمىگەن بىلەن بولىدىغان ئىش بولدى دە.تۇرسۇن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىندى ئەممە ئۇنىڭ بىر قولى جەينىكىدىنلا يوق بولغىنى يوق بولغان بولدى شۇ.بىز باللارمۇ ئاز تولىدىن پۇل يىغىش قىلىشىپ ئۇنى يوقلاشتۇق،ئاپام شۇ كۈنى يىنە مىنى بىكاردىن بىكار ئۇرۋالدى، سەن 2-پۇجاڭ دىگەن نەرسىلەرگە يېقىنلاشما دەپ.
توۋا مۇشۇ ئاپاممۇ ئەجەپ غەلىتە دەيمەن ئۇرمايلا دىسىمۇ بولىدىغۇ مىنىڭ قۇلۇغۇمغا كىردىغۇ ئاتايىتەن ئۇرۇپ تۇرۇپ دىيىشنىڭ نىمە ھاجىتى دەيمەن دە...11-ئايدا مەكتىۋىمىزدە رەسىم مۇسانبقىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى مەن مۇسابىقىدە يەنىلا 1-بولدۇم بىزگە رەسسىم دەرسى بىرىدىغان ئېلىننە ئاپپاي مىنى ھەرقېتىملىق دەرىس ۋاقتىدا شۇنداق ماختاپ كىتتەتتى، ئابىدەم ئاپپاي مىنى ھەر سىنىپو يىغىنىدا ئاتايىتىن ئاغزىغا ئېلىپ ماختايتى مىنىڭ دەرىس نەتىجىلىرىممۇ نبارغانسىرى كۆتۈرلۈشكە باشلىدى، ئادەم قۇلاقتىن ،ھايۋان تۇياقتىن سېمىرىدۇ دىگەن ماقال تەمسىلنى ئاپپاي بىزگە ياخشى گەپ بىلەن ئادەمنى ئۆزگەرتكىلى ياخشى ئادەم قىلىپ چقىلى بولىدۇ ، ھايۋاننى ياىشى باقسا ئىتىتىك سەمىرىپ ئامدان پۇلغا يارايدۇ دەپ چۈشەندۈرۋىدى، مەن مۇشۇنداق ئىلھام بىرىشلەر ئىچىدە تىرىشىپ كىتىۋاتامدىم قانداق ھە..
كۈنلەر ئالدىراپ ئالدىراپلا ئۆتىۋاتىدۇ،بىردەمدىلا قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بىرلىپ يىنە قىشلىق تەتىلدىنمۇ يىغىلىپ بولدۇق.1996-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى جۈمە،بىزنى چۈشتىن كىيىنلىك دەرىستىن بالدۇرلا قويۇپ بەردى.چۈنكى بوران شۇنداق سەت چىقىپ كىتىۋاتاتتى،مەن ئۆيگە كىلىپ ئىشىكنى چەكمەستىنلا  بوينۇمدىكى ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئاچتىم ئىشىكنى ئېچىپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.ئاچام بىلەن مەمەتجان بىرگەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى...ئۇلار مىنىڭ كىرگىنىمنىمۇ بىلمىگىدەك دەرىجىدە قىزغىن ئىدىكى مەن ئىشىكنى قانداق ئېچىپ كىرگەن بولسام شۇنداق يېپىپ چىقىپ كەتتىم.يۈركىم دۈپىلدەپ سوقۇپ كەتتى.ئىشىكنىڭ ئالدىدا شۇنداق ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىم،ئاخىرى ئىشىك ئېچىلىپ مەمەتجان قايتىپ چىقتى ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرغۇنۇمنى كۆرۈپ مەندىن تىزلا سوردى.
-نمىشقا ئۆيگە كىرمىدىڭڭىز؟
-كىرەي دىگەن،ئىشىكنى چەكسەم ئاچمىدىڭلا شۇ....بۇ يالغان گەپ نەدىن كەلدىكىن تاڭ ئاغزىمغا خۇددى راستەكلا كەلدى دىسە.
ئۇ چۈشۈپ كەتتى، مەن ئۆيگە كىردىم ئەمما ئاچامغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلغىم كەلمىدى.
-قايتىپ كەلدىڭڭىزما؟
-ئىم.
-قوسقىڭڭىز ئاچتىمۇ؟
-ياق.
-نىم بولدى مىجەزىڭڭىز يوقما؟
-ياق.
-نىمانداق توڭ تىگىسىز ماڭا ئۇكام؟
-توڭ تەگمىدىم.
-نىم بولدى دەۋاتىمەن.
-ھېچ نىمە.
مەن تىلۋۇزۇرنى ئېچىپ قونچاق كۆرۈشكە باشلىدىم ئاچام مىنىڭ يېنىمدا ئۇزاق ئوتۇرۇپ بېقىپ مەن ئۇنىڭغا بىرەر ئېغىز مۇ گەپ قىلمىغاندىن كىيىن ئاستا چىقىپ كەتتى.شۇ كۈنى كەچتە مەن كۈندىلىك خاتىرەمگە بۇ ئىشلارنى يىزىپ قالدۇردۇم مىنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يېزىۋاتقىنىمغا بىر ئىككى ئاي بولغان بولسىمۇ كۈندىلىك خاتىرەم گويا ھاۋارايىدىن مەلۇمات بىرىش خاتىرسىگىلا ئوخشىيتى بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق ياكى تۇتۇق ياكى يامغۇرلىق ياكى بۇلۇتلۇق دىگەنگە ئوخشاش شۇ خىىل مەزمۇن بىلەنلا چەكلىنەتتى، ئەمما بۈگۈن يازغان خاتىرەم شۇنچىكى ئەتراپىق شۇنچىكى ئويلۇنۇش ئىچىدە يىزىلدى.كۈنلەر يىنە ئۆتمەكتە 4-ئاينىڭ10-كۈنى مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم دادام ماڭا 4-ئاينىڭ 5-كۈنى بازارغا ئېپ چىقىپ كىيىم ئېلىپ بەرگەن مەن شۇ كىيىملىرىمنى يەڭەۈشلەپ مەكتەپكە ماڭدىم دادام شۇ كۈنى مىنى دەپ ۋەزىپىسىنى مۇدەتتىن بالدۇر تامامنلاپ ئۆيدە مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قالغان ئىدى، چۈشتە مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم ئۆيدە ئانام كىچىك ئاپىلىرىم كىچىك ئاتىلىرىم كىچىك ئاپامنىڭ قىزى ئولتۇرمامدۇ.
-ۋوي ئانا!....دىگىنىمچە كىلىپ ئانامغا ئۆزۈمنى ئاتتىم.1996-يىلى مىنڭ دەل 12گە كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈم يەنە كىلىپ مىنىڭ مۈچىلىم بولغاچقا ئۇلار مىنى دەپ شۇنچە يىراق يەردىن كەپتۇ،دادام تېخى شېشىياڭ چى تەكلىپ قىپتۇ مەن كەچلىك تاماققا سىنىپىمىزدىكى ھەممە بالىلارنى چاقىردىم،ئاپام بىلەن بىللە ئىشلەيدىغانلار باللىرىدىن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۆتكىزىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ئۇلارمۇ كىرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ تۇغۇلغان كۈننىڭ دايىرسى بىراقلا بەك چوڭىيىپ كەتتى، ئاپامنىڭ ئىدارىسىدىكى خەنزۇ ئۇيغۇرلاردىن تارتىپ ھەممىسىلا كەلدى شۇنىڭ بىلەن دادام ئۇلارنى رىستۇرانغىلا باشلايلى دەپ رىستۇرانغا ئەكەتتى.مەن شۇنچىلىك خوشال ئىدىمكى بۇ خۇشاللىقىمغا گەپ توغرا كەلمەيتى دادام تېخى ماڭا دىيەنزىچىڭ سوۋغا قىلدى.مەن نىمىدىگەن بەخىتلىك ھە..ئاناملار بىر ھەپتىدەك تۇرۇپ قايىتتى.ئاناملار كىتىپ نەچچە كۈندىن كىيىن يەنى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتىگەندىلا دوسلىرىم بىلەن ئوينىغىلى چىقىپ كەتتىم ئەتىگەن سائەت7دە چىقىپ كەتكەنچە تازا ئويناپ كەچ بولغىنىنىمۇ سەزمەي تاكى قورساق ئېچىپ تاراقلاپ كەتكىچە ئويناپ قايتىپ ئاخىرى قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغاندا ئۆيگە قايىتىپ باردىم ئىشىكتىن كىرشىمگىلا ئاپام مىنىڭ باش كۆزلىرىمگە يامغۇردەك مۇش پەشۋا ياغدۇرۋەتتى.
-نەگە باردىڭ ئىشەك قۇلاق!مىنى ئەنسىرتىپ نىمە بولسۇن دەيسەن!ئاپام مىنى ئۇرۇۋىرىپ قولى ئاغرىپ كەتتىمۇ بىلمىدىم ئاچام ئاش يېيىۋاتقان ئىكەن ئاش يېيىۋاتقان نوغۇچنى ئەۋىلىپ راسا سېلىشقا باشلىدى قاندىقى قانداق بولدى بىلمىدىم نوغۇچ سۇنۇپ كەتتى ئاپام تېخى ئۇرۇپ پۇخادىن چىقمىغان بولسا كىرەك ،ئاش كىسىشكە تەييارلاپ قويغان سەي داۋنى ئېلىپلا ماڭا قارتىپ ئاتتى سەيداۋ مىنىڭ بېشىمغا ۋاڭڭىدە تەگدى كۆز ئالدىم قاپ قاراڭغۇ...بېشىمدىن كىرگەن بىر ئاغرىق پۈتۈن بەدىنىمگە تارقاپ بارلىق ئەزالىرىمنى شۇنچىلىك ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز زىڭىلداپ كەتتى.ئىسسىق بىر نەرسە چېچېم ئارسىدىن ئېقىپ كىلىپ شۇقىراپ يۈزۈمنى بويلاپ سىرغىشقا باشلىدى قولۇمنى ئاران مىدىرلىتىپ يۈزۈمنى سىلىدىم قولۇمغا شۇنداق قارغىنىملا يادىمدا قولۇم قىپ قىزىل قان بىلەن بويالغان ئىدى، ئەمما مەن شۇنچىلىكلا ئىشلارنى بىلىمەن..
-قانداقراق قانداقراق....بۇ ئاۋازلارنى شۇنداق تەستە ئىلغا قىلاتتىم.
-بالىغا بىر نىمە بولىدىغان بولسا ھازىرلا خېتىڭنى ئال!بىلدىڭمۇ!
بۇ ئاۋاز شۇنچىلىك تونۇش شۇنچىلىك تونۇشلۇق ئاۋاز..دادامكەن دە..ئەمما شۇنچە گەپ قىلىشقا تىرىشساممۇ ئاغزىمدىن بىر ئېغىز گەپ چىقمايتى خۇددى گېلىمنى بىرسى بوغىۋالغاندەك،ئاۋازىم پەقەتلا چىقمايۋاتاتتى.
يىنە ئۇخلاپ كەتتىم ئەملىيەتتە كۆزۈم يۇمۇق بولغىنى بىلەن قۇلۇغۇمغا ھەممە گەپلەر كىرىپ تۇرۋاتاتتى.شۇ خىل ھۇشسىزلىق ئىچىدە قانچىلىك ياتتىمكىن تاڭ كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا 1-بولۇپ كۆرگىنىم كۆزى قۇيلۇپ كەتكىلى ئازلا قالغان قارداپ ئىششىپ كەتكەن خالاتىسىنىڭ يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ بېشىمدا قاراپ تۇرغان ئاپام بولدى...
-مىنى كۆرەلەۋاتامسىز؟ئاپامنىڭ ئاۋازىمۇ ئۆزگۈرۈپ كەتكەن ئىدى.
-كۆردۈم...
-بېشىڭڭىز قېيۋاتامدۇ؟
-ياق،مەن ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتىم ئاپا ئەمدى مىنى چانىماڭ ماقۇلمۇ؟....ئاپا مەن ئەمدى ئوينىغىلى چىقمايمەن...گەپ ئاڭلايمەن....ئەسكىلىك قىلمايمەن....
داداممۇ بار ئىكەن باش تەرىپىمدە دادام كەلگەنچە كىلىپلا ئاپامنى تىپىپ كەينىگە يىقتىۋەتتى.
-ئاڭلىدىڭمۇ ئىپلاس!يىنە ئۇرامسە!!!ئەگەر دوختۇرلار كىرىپ توسىۋالمىغان بولسا دادام نىمە قىلىۋىتەر بولغىيتى ئاپامنى...
مەن شۇ ياتقانچە 20نەچچە كۈندە ياتاقتىن چىقتىم.
مەن ياتاقتىن چىقىپ نەچچە كۈندىن كىيىن بىزنىڭ مەھەلىدىكى خەنزۇلار توي قىلىپ پوجاڭ ئاتقاندا پوجاڭلىرىنى ئەپ قېچىپ ئۆيگە ئەكىرىپ بالكۇننىڭ دەرىزىسىدىن چىقىرىپ ئېتىپ ئوينۇدۇم،كىم بىلدۇ دەيسىز پوجاڭغا ئوتنى يېقىپ سەرەڭگىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەيلا يېنىمغا تاشلاپتىمەن ئۆيىمىزنىڭ ھەممىلا يىرگە گىلەم سېلىنغان بولغاچقا بىردەمدىلا ئوت تۇتۇشۇپ كەتتى ياخشىمۇ ئۆيدە دادام باركەن يۈگرەپ چىقىپ نەچچە تەلەڭگە سۇ ئەكىرىپ چېچىپ ئۆچۈرۋالمىغان بولسا نىمىمۇ بولۇپ كىتەتتى ئۆيىمىز دادام ئارتۇق گەپ قىلمىدى ئەمدى ئۆيدە پوجاڭ ئويىماڭلا ھە دەپلا قويدى.ئاپام مىنى دادام بولغاچقا ئۇمىدىمۇ ياكى كۆزى ساقايمىغاچقا ئۇردىغان يەرلىرىگە جايىدا تەككۈزەلمەي قالماي دەپ ئۇرمىدىمۇ ئىشقىلىپ ئۇرمىدى، پەقەت شۇ تۇرسۇننڭ ئىشىنى يىنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتتى.
-1996يىلى6-ئاينىڭ1-كۈنى شەنبە،باللار بايرىمى دادام بىزگە پۇل بەردى بۈگۈن باللار بايرىمى ئويناپ ئەكەلسۇن ئاچاڭلا دەپ ئاپام بۈگۈن يىنە ئىشلەيدىكەن دادام بىردەمدىن كىيىن دوسلىرى بىلەن بىر يەرگە بارىدىكەن،ئاچام سىڭلىم ئىككىمىزنى ئېلىپ ئەتىگەندىلا باغچىغا باردۇق ئاچام مەمەتجانغا قانداق خەۋەر قىلدىكىن بىردەمدىلا ئۇمۇ يېنىمىزدا پەيدا بولدى.بىز باغچىدا ئوينىدۇق ئاچام ئۇكىڭڭىزنى ئوينىتىپ تۇرۇڭ مەن ھازىرلا كىلىمەن دەپ بىر كەتكەنچە يوقاپلا كەتتى مەن سىڭلىم بىلەن باغچىنىڭ ئىچىدە ئۇنى بۇنى كۆرۈپ ئويناپ تۇردۇق ئاچام شۇنداق ئۇزاق ۋاقىتقىچىمۇ كەلمىدى سىڭلىم قورسۇقىم ئاچتى دەپ غەلۋە قىلغىلى تۇردى دادام ئەتىگەن ماڭا بەرگەن پۇلنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا شاكىلات ۋاخاخا شۆگاۋ ئېلىپ بەردىم.بارغانسىرى باغچىدىكى ئادەملەر ئازلاپ كۈن قاريىشقا باشلىدى ئاچام تىېخىچىلا يوق.سىڭلىمنى ھاپاش قىلىپ ئۆيگە ئېپ ماڭدىم باغچىنىڭ ئىشىگىدىن چىقىپ ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا دادام موتولۇق كىلىپ بىزنىڭ يېنىمىزدا توختىدى.
-ئاچاڭلا قېنى؟
-بايام بىر يەرگە بارىمەن دەپ كەتكەن شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى.
دادام سىڭلىم ئىككىمىزنى موتوغا ئولتۇرغۇزۇپ كاۋاپخانىغا ئاپىرىپ بىزنى راسا مېھمان قىلىپ دۇكانغا ئەكىرىپ نەچچچە تاتازا ۋاخاخا ئېپ بىرىپ يىنە بىرمۇنچە شاكىلات ئېپ بىرىپ ئۆيگە ئەكەتتى، بىز ئۆيگە كىرىپ خېلى ئۇزۇندىن كىيىن ئاچام ئۆيگە كىردى،ئاچام ئۆيگە كىرگەندە سىڭلىم ئاللىقاچان ئۇخلاپ بولغان مەن پۇتۇمنى يۇيۋاتقان ئىدىم،ئاپام ئاچامنى سوراق قىلىشقا باشلىدى.
-بۇ كىچىدە نەدىن كىلىۋاتىسىز؟
-بىر يۇرۇتلۇق بىر قىز بالا بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالغان ئۇمۇ مۇشۇ يەردە بالىغا قاراۋاتقان ئىكەن شۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن.
-ئۇكىلىرىڭڭىزنى تاشلاپ قويۇپ ئايرىم مۇڭداشمىسىڭڭىز بولمايدىغان قانداق مۇيىم ئادىمىڭىزتى ئۇ!
-مەن ئەمدى دىققەت قىلاي ئاچا...
-ئاكىڭڭىز شۇنداق خاپا بولۇپ كەتتى ماڭا، سىز نى كەتكۈزۋىتەيلىمۇ يا!
-ياق اق ئاچا ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلا..مەن ئەمدى ئىككىنچى ئۇنداق قىلمايمەن...بۈگۈنغۇ شۇنداق قۇتۇلدى ھەي ئالدىمىزدا يىنە نىمە ئىشلار بولا مەن كۆرۈپ قالغاندەك مەمەتجان بىلەن پومداقلىشىپ ياتقىنىنى دادام ياكى ئاپام كۆرۈپ قالسا بۇ تۈگىشىدۇ دە....6-ئاينىڭ24كۈنى دۈشەنبە بىزدىن باشلانغۇچنى پۈتىرىدىغان مەۋسۇملۇق ئىمتاھانىمىزنى ئېلىپ بولۇپ قويۇپ بەردى، نەتىجمىز 2كۈندىن كىيىى چىقارمىش.مەن بۇ 2كۈندە مەھەلىدىكى باللار بىلە راسا ئوينىدىم 6-ئاينىڭ26-كۈنى چارشەنبە بىزنىڭ نەتىجىمىز چىقتى مەن مەكتەپكە باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن كىنىشكەمنى ئالغىلى باردىم،كىنىشكىنى ئابدۇللا مالىم تارقىتىدىكەن مە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم.
-مالىم ياخشىمۇ سىز؟
-ھە، نىمىگە كەلدىڭ؟
-كىنىشكەمنى ئالاي دەپ چۇ..
-ئۆيۈڭلاردا داداڭنىڭ ماي تۇڭلىرى بارمۇ؟
-قاندىقىنى دەيسىز؟
-مىس تۇڭ چۇ 20كىلۇلۇق.
-بار.
-نەچچىسى بار؟
-ئىككى ياكى ئۈچى بارمىكىن.
-ھە ماڭا 2نى ئەكەپ بىرە، كىنىشكەڭنى ئاندىن بىرەي.
مەن گەپ قىلماي كەينىمگە ياندىم، شاكىربىلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇچرۇشۇپ قالدىم.
-نەگە ماڭدىڭ؟
-مالىمغا تۇڭ لازىمكە شۇنى ئالغىلى.
-قايسى مالىمغا؟
-ئابدۇللا مالىمغا.
-دەششەت تويماس ئوغرى دە ئۇ.
-قانداق دەيسەن؟
-سەن ئاڭلىمىغانما؟ 6-يىللىق 5-سىنىپنىڭ6-يىلىق 4-سىنىپنىڭ ماتىماتىكا دەرسىنى بىرىدۇ ئۇ تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن باللاردىن 1كويدىن خاتا ئىشلىگەن باللاردىن 5مودىن سىناقتىن ئۆتەلمىگەن باللادىنمۇ 1كويدىن پۇل يىغىپ تاماكا ئەكىرىپ چىكىدىغانلىقىنى!پۇل ئەكەلمىگەن باللارنى سىنىپنىڭ ئارقىسىدىكى بوش قالغان يەرگە سۇ چېچىپ شۇ سۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇزغىنىنى؟!
-ئاڭلىغان ئاڭلىغان!....
-ھە شۇ،ئاشۇنداق ئىپلاس نىمە ئۇ ئىشقىلىپ ئاخىرى پۈتتۈردۇق جۇمۇ بۇ سېسىق مەكتەپنى.
-شۇنى دىگىنە....
شۇنداق قىلىپ باشلانغۇچنى پۈتۈرۈپ تولۇقسىز ئوتۇرا مەكتەپنىڭ 1يىلىقىغا قوبۇل قىلىندىم.
مەكتەپكە چىقىپ ئۇزاق بولمايلا دادام ماڭا ۋەلسىپىت ئېلىپ بەردى،مەن ۋېلسىپىتىم بار بولغان تۇنجى كۈنىلا ۋىلسىپىتىمنىڭ رامىغا بىر دوستۇمنى ئارقىسىغابىر دوستۇمنى ئېلىپ مېڭىپ رولنى باشقۇرالماي يىقىلىپ چۈشۈپ ئالدىمدا ئولتۇرغان ئاغىنەمنىڭ بىشى يېرىلىپ يىنە ئىش تېرىدىم دادام يولغا چىقىپ كەتكەچكە ئاپامدىن تاياق يىدىم،ئاپام بۇكۈنى 24سائات ئىشلىگەچكە ئىش ئۈستىدە بولغاچقا تازا كۆڭلىدىكىدەك ئۇرالمىدى،ئەمما ئەتىسى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كىرەك مىنى قايتا ئۇرۇپمۇ يۈرمىدى.9-ئاينىڭ بايرىمىدا بىز سانتانا ماشىنىا سېتىۋالدۇق ،ئەمما دادام ماشىنىنى ئېلىپ ئۇزاق بولمايلا ئاكىسىغا ماششىنى بىرىپ تۇردى، دادامنىڭ دىيشىچە ماشىنىنى بىكار قويۇپ قويسا تىزلا كادىن چىقىپ كىتەرمىش، دادام يولدا بولغاچقا بۇ شەخسى ماشىننى ھەيدەشكە ۋاقتى چىقماسمىش،ئىش قىلىپ دادامنىڭ تۇققانلىرىنى يۆلەشتە باھاننىسى كۆپ ئىدى، شۇنداق قىلىپ دادام بۇ ماشىنىنى ئېلىپ بىرەر ئايمۇ ھەيدىمەيلا ئاكسىغا ئاپىرىپ بەردى،11-ئايدا تۇققىنىنىڭ تويىغا قاتنىشى ئۈچۈن يۇرۇتقا كەتتكەن  دادام، قايتىپ كەلگەندە دادامنىڭ چىرايىغا قاراپ يۈرگۈم ئېچىشىپ كەتتى دادامنىڭ چىرايىنىڭ ساق يىرى يوق ئىدى،ئەسلى ئىش مۇنداق بوپتۇ.دادام يۇرتىغا بېرىپ ئاكىسىغا ماشىنىنى بىرىپ تۇرۇپتۇ،توي بولغان كۈنى كەچتىسى دادامنىڭ باشقا ئىنىلىرى بىرلىشىپ دادامنى راسا ساپتۇ، بىز سىنىڭ تۇققىنىڭ ئەمەسمۇ نىمىشقا ھەممىمىزنى تەڭ يۆلىمەيسە يۆلىسەڭ شۇ بىرسىنىلا يۆلەمتىڭ دەپ داداملار 9ئوغۇل 2قىز بولغاچقا دادامدىن باشقىلىرى ھەم دادامنىڭ ئاچىسىدىن باشقىلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ تايىنى يوق ئادەملەر ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئوقىمايلا چوڭ بولۇشقان ئادەملەردە قانچىلىك ئەقىل بولماقچى.،.دادام ئۇلاردىن  بولىشىغا تاياقنى يەپ قايتىپ كەپتۇ، تايىنلىق تاياقنى ئۆلگىدەك يىگەندىن كيىن ماشىنىنىمۇ ياندۇرۇپلا ئەكەلسە بولىدىغان ئىش،بۇ كۆيۈمچان دادام ۋەدىسىگە ۋاپاقىلىپ ئوغۇل بالىدارچىلق بىلەن قايتىپ كەپتۇ ئەمەسمۇ،نەچچە كۈنلەرگىچە ئاپام ئاسما ئېسىپ داۋالىتىپ يۈزكۆزلىرى ئاران ساقايغان كۈنلەرننىڭ بىرىدە دادام ئىشتىن بالدۇر قايتىپ كەپتۇ ئۆيگە كىرىپ قارغۇدەك بولسا مەمەتجان بىلەن ئاچام دادام ئاپاملارنىڭ ياتاق ئۆيىدە پومداقلىشىپ يۇرگەن، سىڭلىمنى ئۇلار ئارقا بالكۇنغا چىقىرۋىتىپ ئۇ بىچچارە ئارقا بالىكۇناە ئۆزى بىلەن ئۆزى ئويناپ يۈرگەن،دادام مەمەتجاننى تازا ساپتۇ،مەمەتجان مىڭ تەسلىكتىە دادامنىڭ قولىدىن بوشۇنۇپ ئۆزىنى سىرىتقا ئېتىپتۇ،دادام شۇ ئاچىقىدا ئاچامنىمۇ نەچچە شاپىلاق سېلىۋىتىپتۇ،مەن مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم ئۆينىڭ ئىچى شۇنداق سۈرلۈك تۈسكە تولۇپ كەتكەن،ئاپامنىڭمۇ چىرايىدىن مۇز ياغىدۇ دادامنىڭ چىرايىغۇ بولدى،ئاچام نەرسىلىرىنى رەتلىگەنچىدىن مىشىلداپ ئولتۇرىدۇ سىڭلىممۇ بىر بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپتۇ،كەچلىك تاماقنى دادام سىرىتتىنلا ئەكىردى ھەممىمىز شۇنچىلىك سۈرلۈك جىمجىتلىق ئىچىدە غىزالاندۇق.مەن شۇ كۈنى كەچتە ئاچام ياتىدىغان ئۆيگە ئۇرنۇمنى يۆتكەپ ئاچامنىڭ يىېنىدا ياتتىم،بىز ئۆيدىكىلەرنىڭ ئاۋازى جىمىقىپ ئۇلارنىڭ ئۇخلىغىنىغا رەسمى ئىشەنىچ قىلغان چېغىمىزدا ئاندىن پىچچىرلىشىىقا باشلىدۇق.
-ئاچا نىمىشقا يىغلاۋىرىسىز؟
-مەن ئەتە كىتىمەن ئۇكام.
-نەگە كىتىسىز؟
-يۇرۇتقا،ئۆزۈمنىڭ ئۆيۈمگە كىتىمەن..
-نىمىشقا كىتىسىز؟
ئاچام شۇنداق بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.بىر ئۇزۇنغىچە يىغلىغاندىن كىيىن ماڭا پىچىرلاپ سۆزلەشكە باشلىدى.
-مەمەتجان ئاكىڭڭىز بىلەن بىز يۈرگىلى شۇنداق ئۇزاق بولۇپ كەتتى، مىنىڭمۇ ئاتا ئانام ئۇرۇق تۇققانلىرىم يېنىمدا ئەمەس ئۇنىڭمۇ ئاتا ئاىسى كىچىكىدە تۈگەپ كىتىپتىكەن،بىزنىڭ غېرىپلىقمىز ئوخشۇشۇپ قالىدۇ،شۇڭڭا مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق، ئۇمۇ مىنى ئەڭ چۈشىنىدۇ...مەمەتجان ئاكىڭڭىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن ئۇنىڭ ھەرقانداق تەلەپلىرىنى رەت قىلالمايمەن،دادىڭڭىز نىڭ شۇ كۈنى ئىشتىن بالدۇر كىلىدىغانلىقىنى ئەملىيەتتە مەن قىياس قىلپ بولغان ئەمما مەمەتجاننى كىرىپ قالىدۇ دەپ ئەسلا ئويلىماپتىمەنكەن،ئاكام كېپ قالارمىكىن دىگەنگە ئۇ ئىشەنمىدى.شۇبىڭ بىلەن شۇنىڭ بىلەن.....
-دادام سىزنى ئۇردىما؟
-ئىم...
-ئەملىيەتتە مەنمۇ سىزنىڭ مەمەتجان ئاكاش بىلەن شۇنداق قىلغانلىقىڭڭىزنى كۆرۈپ قالغان...
-قاچان؟
-ئۇزاق بولدى ،ئەمسە نىمىشقا ماڭا دىمەيسىز؟
-نىمدەپ دەيمەن؟مەمەتجان بىلەن توڭگۇز توپاق ئويناۋاتامسىز دەمدىم؟يە باسباستاڭ ئويناۋاتامسىز دەمدىم؟
ئۇ جىمىپ كەتتى،بىر ھازادىن كىيىن سۆزلەشكە باشلىدى.
-مەن كەتسەم مىنى سېغىنامسىز؟
-سېغىنىمەن.
-سېغىنسىڭڭىز قانداق قىلىسىز؟
-بىلمەيمەن...
بىزنىڭ پارىڭڭىمىز ئۈزۈلدى.
ئاچام ئەتىسى ئەتىگەندىلا كەتتى.ئاچام كەتكەندىن كىيىن مەن شۇنداق غېرىپلىق ھېس قىلىدىغان بولدۇم،سىڭلىم نى يەسلىگە بەردۇق
سىڭلىمنى يەسلىگگ بىرىپ ئۇزاققىچە ئۇ كۆنەلمەي يىغلاپ يۈردى،ئەمما ئادەم دىگەن نىمىگە كۆنمەيدۇ دەيسىز ئۇمۇ ئاخىرى كۆندى كۆنمىسىمۇ نىمە ئىلجى بار ئىدى،دادام نىڭ ئاچىسى دادام ئاتا -ئانسىغا ئاقتۇنىڭ ياغىچاق مەھەللىسىگە ۋېلىپ بەرگەن شەخسى ئۆينىڭ ھويلىسىغا ئۆي سېلىۋالغان باھانە بىلەن ئۆيىمىزدە ئاپام ئىككىسى ئوتتۇرسىدا بىزە سۈركىلىشلەرمۇ بوپ ئۆتتى
-نىمىشقا سىز سېلىپ بەرگەن ئۆيگە ئۆزىمىزنىڭ باللىرى نامىدا ياكى ئۆزىمىزنىڭ نامىدا قانۇنى رەسمىيەت ئۆتەپ قويمايسىز دەپ رەنجىيتى ئاپام.
-ئۇ ئۆينى مىنىڭ سالدۇرغانلىقمنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ئۇ ھامان بىزگگە قالىسىغان ئۆي، دادام ئانامغا ئۆينى مەن سېلىپ بەردىم مىنىڭ نامىمىدا رەسمىيەت ئۆتەيمەن دىگىلى مىنىڭ يۈزۈم چىدىمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ تۇققانلىرىم ئۇ ئۆينىڭ مىنىڭ سالغۇزغان ماڭا تەۋە ئۆي ئىكەنلىكىنى ئامدان بىلىدۇ.
-شۇنداقتىمۇ قانۇنى رەسمىيەت ئۆتەپ قويساق بولاتتى،ئادەم دىگەن يۈزسىزلىككە كەلگەندە ھايۋانىڭمۇ ئالدىغا ئۆتىدىغان نەرسە.
-مىنىڭ تۇققانلىرىم ئۇنداق ئەمەس!
-شۇڭا باش كۆزلىرىڭڭىزنى يارغۇزۇپ كەپتىكەنسز دە!
-ئادەم دىگەن ئازىدۇ!
-نىمىشقا سىزنىڭلا تۇقانلىرىڭڭىز شۇنداق ئازىدىغاندۇ؟!مانا ئەمدى بىز سالدۇرغان ئۆينىڭ ئىچىگە ئاچىڭڭىز قۇچقاچ كاپىسىدەك بىرنىمىدىن بىرنى سالغۇزۇپ مەرە ئىگەللىدى!كىيىن ياخشى كۈنىىڭ يامىنى بولۇپ بېشىمىزغا كۈن چۈشۈپ شۇ ئۆينى ساتىدىغان بولۇپ قالساق،ئاچىڭڭىزنىڭ ھويلىغا سېلىۋالغان كاپىسىنى قانداق قىلىمىز؟!
-نىمانداق شۇم گەپ قىلىدىغان خوتۇن سەن!
-شۇم گەپ قىلمىدىم مەن كۆزقارشىمنى دەپ باقتىم!
ئەنە شۇنداق دە تالاشلار خېلى كۈنگىچە داۋاملاشتى.ھەي بەزىدە مۇشۇ دادامنىڭ تۇققانلىرىغا نىمىشقا شۇنچە قىلىپ كىتىدىغانلىقىغا زادى ئەقلىم يەتمەيتى،شۇنچە تاياقنى يەپ تۇرۇپ ئاچىسى شۇنچە خاپىلىق تېرىپ بىرىپ تۇرسىمۇ دادامنىڭ نىمىشقا شۇنچە قىلىپ كىتىدىغانلىقىغا ھەيران مەن.شۇنداق دە تالاشلار ئەمدىلا بېسىقىغا چۈشۈپ تۇرشۇغا دادامنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى ئۆيدىن 3000كوينى ئەپ قېچىپ چىقىپ كىتىپ چوڭ ئانام بالا خاپىلىقىدا ئاغرىپ يېتىپ قالدى.1996-يىلنىڭ ئاخىرى ئەنە شۇنداق ئاخىرلىشىپ 1997نىڭ بېشى شۇنداق كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە باشلاندى،چوڭ ئانامنى مۇشۇ يەرگە ئەكە ۋالدۇق.ئەمما چوڭ ئانام بىزنىڭ ئۆيسە تۇرمىدى ،دادامنىڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىدە تۇردى،بىزنىڭ باشقىلاردىن ئاڭلىشىمىزچەچوڭ ئانام باشقىلارغا مىنىڭ ساللاتتەك 9ئوغلۇم بار مەن كىلىنىڭ ئۆيىدە كىلىنىڭ قولىغا قاراپ قالىدىغان خوتۇن ئەمەس دەپتۇدەك،مۇشۇنداق گەپلەرمۇ ئەجەپ تىز شۇنداق ئېتىماي تېمىماي يىتىپ كىلىدۇ دىسە،بۇ گەپ بىردەمدىلا ئاپامنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ بولغاچقا دادام بىلەن يىنە سۈركىلىش بولدى،ئاپام دورا ئۇكۇللارنى  دادامنىڭ ئاچىسىنىڭ  ئۆيىگە كىرگۈزۈپ بەردى،چوڭ ئانام شەخسى دوختۇرخانلاردا شۇ دورا ئۇكۇللارنى ئىشلىتىپ يۇردى ئەمما كىسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ كىتىۋاتاتتى،ھەتتا دادام ئىككىمز يوقلاپ كىرسەك چوڭ ئانام ماڭالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ،مىنىڭمۇ چوڭ ئانامغا قەۋەتتىل ئىچىم ئاغردى.1997-يىلى روزا ھېيىتنىڭ ھارپا كۈنى دادام ئۆيگە كىرىپلا ئاپامنى يوقىلاڭ باھانىلەربىلەن شۇنداق سەت ئۇرۇپ كەتتى بىچچارە ئاپامنىڭ يۈز كۆزلىرى دادامنىڭ قولىنىڭ ئىزى بىلەن تولغان ئىدى،ئەتىسى ئاپام يۇرۇتقا كەتتى،ئاپام مېڭىشنىڭ ئالدىدا ئاپامنىڭ چىرايىغا قاراپ قالغىنىمغا پۇشايمەن قىلىپ كەتتىم، بىچارىنىڭ يۈز كۆزلىرىدىكى كۆك ئىششىق ئادەمنىڭ يۈرگىنى ئىزەتتى،ئاپام سىڭلىمنى ئېلىپ كەتكەندىن كىيىن مەن دادام بىلەن ئۆيدە قالدىم،ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن نىمىشقىكىن دادامغا شۇنداق ئاچىقىم كىپ كەتتى،دادام ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە پەتىلىگلى مىنمۇ بىللە ئېپ چىقتى، دوسقان ئۈستىدە دادامنىڭ ئاچىس دادامدىن سورىدى.
-ئايالىڭ كىرمەپتىغۇ؟
-ئاتا-ئانسى بىلەن ھېيىت ئۆتكىزىمەن دەپ كەتتى.
-قىزىڭنى ئېلىپ كەتتىما؟
-ھە.
-بۇ باماپتىغۇ؟
-مىنىڭ يېنىمدىراق تۇرسۇ دەپ ئېپ قالدىم.
-بىرنىمە دىيشىپ قالمىغانسىلەر؟
-سەن دىگەن گەپنى يۈزىگە سالسام، مەن ئۇنداق قىلمىدىم ئاچاڭ بىلەن يۈزلىشىمەن دەپ كۆزۈمگە كىرشىپلا قالدى،شۇنىڭ بىلەن ئازراق ئوت كۆچۈرۈپ قويدۇم.دادامنىڭ گىپىنىڭ ئارقىسىغا ئۇلاپلا چوڭ ئانام قوشۇق سالدى.
-قويى بار گۆش يەيدۇ ،ئىرى بار مۇش دەپتىكەن.....
مەن چوڭ ئانامنى بۇنداق دەيدۇ دەپ ئەسلا ئويلىماپتىكەنمەن...مەن بۇ ئۆيدىكى پاراڭ تىمىسىدىنلا دادامنىڭ ئاچىسىنىڭ يىنە ئاپامنى دادامغا يالغان گەپلەر بىلەن چاققانلىقىنى بىلىپ بولدۇم،ئەينى چاغدا ئاچام دەپ ئۆتكەن ئىشلار نى كۆز ئالدىمغا ئەكەپ شۇنچىلىك ئىچىم ئاغرىپ كەتتى ئاپامغا، توۋا،بىچچارە شۇنداق ياخشى خىزمىتى تۇرۇپ شۇنداق چىرايلىق تۇرۇپ ئەجەپمۇ مۇشۇنداق تۇقانلىرىنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان ئادەمگە تىگىپتىكىنە!....بىچچارە ئاپام ئىسىت ئىسىت....
ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى كۈنىمىز شۇ ئۆيدە كەچ بولدى،ئەتىسى چۈشلۈك تاماقنى سىرىتىن يەيلى دەپ دادام بىلەن ئەمدى ئىشىكتىن چىقايلى دەپ تۇرشىمىزغا دادامنىڭ ئاچىسىنىڭ قىزى يۈگىرەپ كىرىپ كەلدى ھەتتا دادامغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاپمۇ ئۈلگۈردى...
-نىم بولدۇڭ گەپ قىلە نىم بولدى ساڭا؟!
-ئاكا ، چاپسان بول چاپسان بول...دادام..دادام....
-ۋاي گاش گەپ قىلە ئادەمنى ئەنسىرەتمەي!نىم بولدى زادى!يىغلىماي گەپ قىلە!
-دادام ئاپامنى ئۇرۇپ ،چوڭ ئانامنى زالغا قوغلاپ چىقادى...
-قاچان؟!
-بايام...
دادامنىڭ چىرايىدا قان قالمىدى پالاقشىپ چۈشۈپ كەتتى پەشتاقتىن مەنمۇ دادامنىڭ كەينىدىن يۈگىرەپ چىقتىم.بىز يۈگۈرگەندەكلا سۈرەتتە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىردۇق،چوڭ ئانام يالاڭ ئاياق دالان ئۆيدە ئۆرە تۇرىدۇ، ماڭالمايمە دىگەن ئادەم ئۆر تۇرۇپ قالغىنىغا قارغاندا چوقۇم بىر ئىش بوپتۇ، دادامنىڭ ئاچىسىنىڭ يۈزى دىگەن ئىت تالىغاندەكلا بوپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ...
<<قەس قىلغاننى پەس قىلار خۇدايىم!>>مۇشۇ گەپ قۇلاق تۈۋىمدە يىنە بىر رەت ئاڭلانغاندەك بوپ كەتتىم ئاپام ھېلىقى كۈنى يىغلاپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ گەپنى نەچچە قېتىملاپ دەپ كەتكەن ئىدى دىسە...
بىز شۇ كۈنىلا چوڭ ئانامنى بىزنىڭ ئۆيگە ياندۇرۇپ چىقتۇق،شۇ كۈندىن باشلاپ چوڭ ئانام بىزنىڭ ئۆيدە تۇردى،ئاپاممۇ نەچچە كۈندىن كىيىنلا قايتىپ كەلدى، دادام ئىككىسى يىنىلا ئەپلىشىپ قېلىشتى،ئەلۋەتتە ئەپلىشىپ قالمىسىمۇ بەربىر ئانامنىڭ ئالدىدا ئۇرۇشالمايدۇ دە..ئاپام ئانامغا شۇنداق ياخشى قارىدى، ياتاققا رەسمىيەت ئۆتەپ ئاسمىنى سسترا ئەپ چىقىپ ئۆيدە ئاسقۇزۇپ دورىلىرىنى ئىچكۈزۈپ ،كۈن ئارلاپ سۆڭەك شورپىسى قاينىتىپ بىرىپ دىگەندەك...
ئانام بىزنىڭ ئۆيدە ئۆزى سىرىتلارغا مېڭىپ چىقىدەك بولۇپ شۇنداق سەلىمازا ساقىيىپ كەتتى.ھەتتا خېلى بىر يەرلەرگىچە ئۆزى مېڭىپ بېرىپ كىلەلەيدىغان بولۇپ كەتتى، ئانامنىڭ يېنىدا مەن ياتاتتتىم.ئانام كۈندە كەچتە قىزقارلىق گەپلەرنى قىلىپ بىرىپ مىنى بىر چاغلارغىچە كۈلدۈرۋىتەتتى،مەن بارغانسىرى بۇ چوڭ ئانامغا ئامراق بوپ قېلىۋاتاتتىم1997-3-9كۈنى يەكشەنبە دادامنىڭ ئاچىسى چوڭ ئانامنى بازاغا ئېپ چىقىپ يەيمەن دىگەنلىكى نەرسىلىرىنىڭ ھەمىنى ئىېپ بىرئىپ تازا بىر چۆگەلتىپ مېھمان قىلىپ كەپتۇ كەچتە چوڭ ئانام ھەم ياندۇرۇپ ھەم ئىچى سۈرۈپ كىچىچە شۇنداق قىينالدى، ئاپام دادام دوختۇرغا ئېپ چىقايلى دىسىمۇ تاڭ ئاتقاندا چىقىمەن دەپ قەتتى ئۇنىمىدى،تاڭمۇ ئاتتى مەن مەكتەپكە سىڭلىم يەسلىگە كەتتى،چۈشتە قايتىپ كەلسەم چوڭ ئانام ئۆيدە يېتىپتۇ ئاپام بىلەن دادام بالكۇندا تاماق تەييارلاۋىتىپتۇ،مەن چوڭ ئانامنىڭ يېنىغا كىرىپ بىرسەم ئولتۇرۇپ كەتتىم ،چوڭ ئانامنىڭ ماڭا قارىغىدەكمۇ ھالى يوق،مەن بالكۇنغا چىقىپ ئاپامغا قارىشىپ بەردىم دادام ئانامنىڭ يېنىغا كىرىپ كەتتى دادام كىرىپ كىتىپ 2مىنىۇت بولا بولمايلا شۇنداق ئەنسىز ئاۋازدا ئاپامنى چاقىردى
-تىز تىز سۇ سۇ ئەكىرىڭلا!
ئاپام قولىدىكى سەيداۋنى تاشلاپ دادامنىڭ يېنىغا يۈگۈرەپ كىردى،مەنمۇ ئاپامنىڭ كەينىدىنلا كىردىم،ئانامنىڭ چىرايى شۇنداق شۇنداق تاتىرىپ كىتىپتۇ دادام ئانامنىنڭ بېشىنى قۇچىقىغا ئرلىپ ئولتۇرغان ئىكەن، ئاپام كىرىشىگىلا ئاپامنىڭ قۇچۇقىغا ئانامنىڭ بىشىنى ياتقۇزۇپ ئۆزى يۈگۈرگەندەكلا ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ بىر پىيالىدە سۇ ئەپ كىردى دە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئانامنىڭ ئېغىزىغا قۇيۇشقا باشلىدى ئەمما ئانام سۇنى ئىچەلمىدى سۇ ئانامنىڭ جاھغىيىدىن سىرغىپ بوينىنى ھۆللىمەكتە ئىدى،دادام بىرسىنلا ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى.
-ئانا ...جېنىم ئانا مەندئن رازى بول....
ئاپاممۇ يىغلاپ كەتتى مەن قوتۇققىنىمدىن يىغلاشقىمۇ پېتىنالمىدىم.ئاپام ئانامنىڭ بېشىنى ياستۇققا قويۇپلا ئىسارىسىغا تىلفۇن قىلدى، جىدى بۆلۈمنىڭ ماشىنىسى چىقىپ بولغىچە دادام بىلەن ئۇدۇل خوشنىمىز ئانامنى كۆرپە بىلەنلا كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا قاراپ چاپتى...
-1997يىلى 3-ئاينىڭ 10كۈنى ئانام قۇتقۇزۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي كۆز يۇمدى،ئاپام داداملار شۇ كۈنىلا دوختۇرخانىنىڭ ماشىنىسدا ئانامنىڭ جەسىدىنى ئېلىپ يۇرۇتقا قاراپ ماڭدى ئۆيدە سىڭلىم ئىككىمىز قالدۇق.
داداملار كەتكەندىن كىيىن ئەركىن كىچىك ئاتام كەپ بىزگە قاردى،مىنىڭ كۈنلىرىمشۇنداق بىرخىللا رەۋىشتە ئۆتمەكتە ئىدى.ئاپام داداملار يەتتە كۈندىن كىيىن قايتىپ كەلدى،ئاپامنىڭ چىرايى ۇنچىلىك سۇلغۇن ئۇلار يىتىپكەلگەن كۈنى كەچتە دادام ئاپامغا بوش ئاۋازدا قىلغان گەپلىرىنى مەن ئاڭلاپ قالدىم.
-كۆڭلىڭلىگە ئالماڭلا،ئۇنىڭ مىجەزى ئاشۇنداق ئوسال.
-ھەرقانچە ئوسال بولسىمۇ شۇنداق گەپنىمۇ قىلامدۇ؟!مەن دىدىمغۇ قانۇن دوختۇرى تەكلىپ قىلىپ جەسەتنى تەشكۈرتەيلى دەپ.
-نەدىكى گەپنى قىلماڭلا.
-نەدىكى گەپنى مەن قىلدىممۇ ئىنىڭىز قىلدىمۇ؟!...
ئۇلارنىڭ ئاۋازى شۇنداق بوش ئىدى مىنىڭ كۆڭلۈم تىخىمۇ يېرىم بولۇپ كەتتى،ئاپامغا يىنە نىمە شۇملۇقلارنى تېرىپ بەرگەندۇ دادامنىڭ تۇقانلىرى...نەچچە كۈندىن كىيىن دادام يىنە داۋاملىق يولغا چىقىپ كەتتى.ئاپام ئىشتىن كىرىپ ئاشخانىدا تاماق تەييارلاۋاتقان بىر كەچلىگى مەن ئۆزۈمچىلا ئاپامدىن سوراپ باقتىم
-ئاپا سىزنى ئۇلار يىنە بىرەر نەرسە دەۋالدىما؟
-كىمنى دەيسىز؟
-دادامنىڭ تۇقانلىرى چۇ؟
-قانداق دەيسىز؟
-دادام بىلەن نەچچە كۈن ئاۋال دىيىشكەن گىپىڭلارنى ئاڭلاپ شۇنداق ئويلاپ قالدىم.
ئاپام شۇنداق ئۇزاق جىمىپ كىتىپ ئاندىن تولىمۇ بوش شۇنچىكى ھەسرەتلىك ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى.
-تاغىلىرىڭڭىز چوڭ ئانىڭڭىزنى مىنى بىرنىمە قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويدى دەپ مەندىن گۇمان قىلىدىكەن،بىز مېيىتنى ئېپ بارغان كۈنىمىز ئۇلار قۇرئان ئوقۇغىلى كىرگەن موللاملاردىن <قەسلەپ ئۆلتۈرۈلگەن جەسەتنىڭ چىرايى كۆكىرىپ كىتەرمىش ،ئانامنىڭ چىرايى شۇنداق كۆكىرىپ كىتىپتۇ،قەسلىگۈچىگە قۇرئاندا قانداق گۇنا يىزىلىدۇ؟!> دەپ سوراپ كەتتى
-ئاپا نىمىشقا ئۇلار سىزگە شۇنداق ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟
-مەنمۇ بىلمىدىم ....
-نىمىشقا دادام بىلەن ئاجىرشىپ كەتمەيسىز؟!
-سىلەرنى يىتىم قىلسام بولمايدۇ دە.
-نىنى يىتىم بالىلارمۇ چوڭ بولىدىكەنغۇ!بىزمۇ چوڭ بولۇپ قالاتتۇق قېقىلىپ سوقۇلۇپ يۈرۈپ.
-دادىڭڭىز مۇ بەك بىچچارە،ئۇنداق دىمەڭ،ئۇنىڭ تۇقانلىرى بىلەن ئۇ ئوخشىمايدۇ.
-مىنىڭچە داداممۇ ئوخشاشلا!ئۇ تۇقانلىرىغا بىزدىن ئاشۇرۇپ ۋاي دەپ كىتىدىغۇ!بىلەمسىز ئاپا ئالدىنقى قېتىم ھېيىتىمۇ دادامغا سىزنى شۇلار چېقىپتىكەن.
-سىز قانداق بىلدىڭڭىز؟
-مەن ئۆز قۇلۇغۇم بىلەن ئاڭلىغان!يىنە كىلىپ دادامنى كىچىك ۋاقتىدا چوڭ ئانام باشقىلارغا بىرىۋىتىپ دادام چوڭلا بولۇپ ئىشقا يارغىدەك بولغاندا باققان ئانىسىدىن تارتىپ ئەكەپتىكەن!بۇنى ماڭا چوڭ ئانام ئۆزى دەپ بەرگەن.
-نىمانداق غەلىتە گەپلەرنى قىلىپ يۈردىغانسىز؟
-مەن راس گەپ قىلىۋاتىمەن ئاپا،دادامنى ئۇلار كىچىك چېغىدىلا باشقىلارغا بىرىۋەتكەندىن كىين يىنە نىمە قىلىدۇ ئەمدىلىكتە دادامنى ئىزلەپ دادامنىڭ پۇلىدىن كۈچىدىن پايدىلىنىشنى دىمىسە ئۇلار دادامغا قارايدىغان ئادەملەر ئەمەس..
-بولدى ئەمدى بولدى قىلىڭ!بۇ دىگەن چوڭلارنىڭ ئىشى ئىش چۈشەنمەيدىغان ئادەم چوڭلارنىڭ ئىشىغا ئارلاشسا بولمايدۇ!
مەن جىمىپ قالدىم ئەمەلىيەتتە مىنىڭمۇ دادامغا ئىچىم ئاغرىيتى،دادام مايمۇ توشىمايدىغان ئۆيدە دەم ئالىدىغان ئايلاپ ئايلاپ يولغىمۇ چىقمايدىغان چاغلاردا ھېچكىممۇ دادامنى ئىزلىمەيتى،دادام شۇنداقلا يولغا چىقاندا بولسا دادامنى ئىلەيدىغانلار شۇنداق كۆپىيىپ ھەتتا دادام تاس قالاتتى بىزگىمۇ ئاشمايللا قالغىلى.دادام شۇنداق ھېچكىممۇ ئىزلىمىگەن كۈنلەردە شۇنداق جىمىپ قالاتتى،ئەتىدىن كەچكىچە ئۆيدە تىلۋىزۇر كۆرەتتى دوس بۇرادەرلىرىمۇ قەرىت سورۇنلىرىدا ئولتۇرۇشلاردا ھە دەپ كەتكىنى بىلەن ئۇ ئوتۇرۇشلارمۇ ھامىنى ئاياقلىشىپ ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن بولىدۇ دە .
كۈنلەر داۋاملاشماقتا،كۈنلەر بىرخىل ئۆتىۋەردى بىردەملا 5-ئايمۇ كىرىپ قالدى غورا خېلىلا چوڭايغان چاغلار مەن بىرنەچچە دوسلۇرۇم بىلەن مەكتەپكە ماڭغان ئىدۇق،يولدا چاقچاقلىشىپ ۋېلسىپىت بىلەن بىر بىرىمىزنى قوغلۇشۇپ ماڭدۇق كىم بىلىدۇ مىنىڭ ئارقامدىن بىز بىلەن پاراللىل ئوقۇيدىغان بىر قىز كىلىۋاتقان ئىكەن شۇنداق تىز مېڭىۋاتقان ۋېلسىپىتمنى دەششەت تىزلا تورمۇزلىدىم ،كەينىمدىكى قىز كىلىپلا مىنىڭ ۋىلسىپىتىمنىڭ ئارقىسىغا سوقۇلدى ئۇنىڭ ۋىلسىپىتىنىڭ چاقى مىنىڭ ۋىلسىپىتىمنىڭ دىيىكىگە كىرىپ قاپتۇ مەن يىنە ۋىلسىپىتىمنى قوزغاپ ئەمدىلا نەچچە مىتىر مايمايلا يولدا مېڭۋاتقان باللار قىيا چىيا قىلىشىپ كەتتى،مەن ۋېلسىپىتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشىيەلمەي يا تەرەپكە يىقىلدىم.ئۇ قىز كەينىگە ئۇچۇپ كەتتى.ئۇشۇق قىز ئورنىدىن بىر ياخشى تۇرغان ئىدى مەنمۇ ۋېلسىپىتىنى ئوڭشاپ كەچۈرۈم سورغان ئىدىم،ئەمما ئەتىسى ئۇنىڭ ئاتا ئانسى ئاپامنى ئىزلەپ بېرىپتۇ،ئۇلارنىڭ دىيشىچە قىزى پۇتىنى مىدىرلىتالمايۋاتقۇدەكمىش،ئاپام رىنتىگىنگە سالغۇزۇپ ھەممە يىرىنى تەكشۈرگۈزۈپ تۇ، ئۇ قىز نىڭ ھەممە يىرىلا ساق ئەمما ئاپىسى ئۇشۇقلۇق قىلىپ تۇرۋاپتۇ، قىزىمنىڭ پۇتى كىچىچە ئاغرىپ ئۇخلىيالماي يىغلاپ چىقتى دەپ،ئاپام ئۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىدا ھە دەپ سۆزلىشىۋاتقاندا ئۇ قىز گەپ ئارلىقىدىلا چاندۇرۇپ قويۇپتۇ
-ئەسلىدىغۇ مىنىڭ كىچىكىمدىنلا رىماتىزىم كىسىلىم بار يامغۇر يېغىشتىن ئىلگىرى شۇنداق ئاغرىپ كىتىدۇ دەپ.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشلارمۇ تۈگىدى.ئاپام ئازراق كوتۇلداپلا بولدى قىلدى.بىرقانچە كۈندىن كىيىن مەن مەكتەپتىن ئەمدىلا قايتىپ كىلىىشىمگە تىلفۇن كەلدى ئالسام دادامنىڭ ئاچىسىنىڭ قىزى ئۇرۇپتۇ.
-ئاپاڭ مىنىڭ دادامنى ئىزدەپ تىلفۇن قىپتىكەن ئاپاڭنىڭ دادامدا نىمە ئىشى بار؟!
-ھە؟!ئاپام ئۆيدە يوق ئىشخانىسىغا تىلفۇن قىلىپ سوراپ باقە.
-ھەماقۇل.
كەچتە ئاپام ئىشتىن ئۆڭ سۆلى ئۆچكەن ھالدا ق\كىرىپ كەلدى.
-دادىڭڭىز ئۆيگە كىردىمۇ؟
-ياق.
-ھازىر دادىڭڭىزنىڭ ئاچىسى ئۆيگە كىردۇ دادىڭىزغا تىلفۇن قىلىڭ، ئازراق مىۋە ئالغاچ كىرسۇن.
كەچتە دادامنىڭ ئاچىسى بىزنىڭ ئۆيگە كىرىدى ،چوڭلار چوڭ ئۆينىڭ ئىشىگىنى تاقىۋىلىپ بىرمۇنچە پاراڭلىشىپ خېلىلا ۋاق بولغاندا چىقىپ كىتىشتى،ئەتىسى ئاپامدىن ئاڭلىسام دادامنىڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە بىر ئايال ئۇنىڭ يولدىشىنى ئىزلەپ تىلفۇن قىلغان ئىكەن ئۇ نىمە ئىش بىلەن يولدىشىنى ئىزلەيدىغانلىقىنى تىلفۇن بەرگۈچىدىن سوراپ بولغىچە تىلفۇن بەرگۈچى ئايال تىلفۇنى قويۋىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئاپامنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىتىپ يولدىشىدا ئاپامنىڭ نىمە ئىشى بارلىقىنى سۈرىشتىرىپ ئاپامغا تىلفۇن قىلغان ئىكەن،ئەملىيەتتە ئاپام نەدىمۇ ئۇنىڭ يولدىشىغا تىلفۇن قىلغان بولسۇن،توۋا،ئۆزىنىڭ يولدىشىنى ئىنىسىنىڭ ئايالىدىنمۇ كۈللەپ گۇمانلىنىدىغان ئىشلار نىڭ بارلىقىغا شۇ كۈنى شۇنداق ھەيران قالغان ئىدىم.
ماۋسۇملۇق ئىمتاھانمۇ ئېلىنىپ بولۇندى مىنىڭ ئالگىبىرا نەتىجەم شۇنچىلىك تۆۋەن چىققان ئىدىكى كۆرگەن ئادەمنىڭ قورقىسى كەلگۈدەك دەرىجىدە ئىدى،ئاپام ئاتا-ئانىلار يىغىنىدىن قايتىپ كىلىپ مىنى ئادىتى بويىچە خېلىلا ئۇچۇقداپ قويدى،ئەمما ئۇرغان بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ دە،ئاپام ماڭا ئالگبىرا تەكرار قىلىپ بىر ىدىغان ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ بىرىش ئۈچۈن كۆپ ئۇقۇشتى ئاخىرى ئاناملارنىڭ يىنىغا كىتىپ كىچىك ئاپامنىڭ خىزمەتدىشى سەردان مۇئەللىمنى تەكلىپ قىلىپ بىردىغان بولدى شۇنىڭ بىلەن مەن ئاناملارنىڭ يېنىغا قايىتتىم،سەردار مالىم ھەقىقەتەنمۇ سەۋيەسى يۇقىرى ئوقۇتقۇچى ئىدى.مەن بىلەن بىللە تەربىيلىنىدىغان يىنە بىر قىزمۇ بار ئىدى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش تولۇقسىزنىڭ 1-يىلىقىدا ئوقۇيدىكەن بىزگە بىرگە دەرىس تەكرار قىلىناتتى.كۈندە 8سائەت ئوقۇيتىۇق،نىمىشقىكىن مالىم ئۇنىڭغا بەك يېقىنچىلىق قىلاتتى، مالىمنىڭ بۇ قىزغا بەزى چەكتىن ئاشۇرۇپ قىلغان چاقچىقى كۆزۈمگگە شۇنداق سەت كۆرنەتتى.بىز گە دەرىس تەكرار قىلىنىپ نەچچە ئون كۈندىن كىيىن مەن ئۇ قىز بىلەن بىللە قايتىپ قالدىم ئۇ كۈنى ئۇنىڭ ھەيدەپ كەلگەن ۋىلسىپىتىنىڭ يۋلى چىقىپ كەتكەن ئىكەن،بىز ئۇنى بۇنى دىيىشكەچ ماڭدۇق،مەن ئۇنىڭدىن ئىچىمگە پەقەت سىغدۇرالمىغان ئەشۇ بىر ئېغىز گەپنى ئاخىرى سورىدىم.
-سىز قارماققا مەندىن چوڭدەك كۆرنىدىكەنسىز،سىز سىنپ كۆچەلمىگەنما؟
-ياق مەن 15كىردىم ،باشلانغۇچنى پۈتۈرۈپ 2يىلدەپ ئۆيدە توختاپ قالدىم....
-نىمىشقا؟
-مىنىڭ ئاپام تۈگەپ كەتكەن ھازىرقى ئاپام مىنىڭ ئۈگەي ئاپام،شۇ ئۆيدە ئۇكامغا قاراپ...
-نىمىشقا،مالىم يۈزلىرىڭڭىزنى چىمداپ چاچلىرىڭڭىزنى تارتىپ قويسىمۇ گەپ قىلماي رايىشلىق بىلەن ئولتۇرسىز؟
-بۇ نىمە دىگىنىڭڭىز؟
-ھېچ نىمە...ئىش قىلىپ مالىم سىزگە شۇنداق قىلىقلارنى قىلىپ كەتسە پەقەت كۆزەمگە سغدۇرالمايدىكەنمەن..
-ئۇ دىگەن مالىم تۇرسا...شۇ ...شۇنداق قىلىپ قويىدىغاندۇ..شۇ..
-ئەجەپ مىنى ئۇنداق قىلمايدىكەنغۇ؟...مەن بەزىدە مالىم سىزگە يەۋەتكىدەك قاراپ تېتىقسز چاقچاقلارنى قىلسا شۇنداق ئولتۇرالماي كىتىمەن.
بىزنىڭ پارىڭڭىمىز ئۈزۈلدى،يا ئاللا چىرايى شۇنداق بەدرەڭ بىر چوكان ئۇنى شۇنداق سەت چاقىردى.
-نىمە قىلىپ يۈرسەن ھۇي قىېرى رەسۋا!قويۇپ بەرگەندىكىن ئەزمەڭنى ئەزمەي ئۆيگە قايتىپ ئۇكاڭغا قارماي!..
-خوش مەن ئۆيگە كىرىپ كىتەي...
-خوش.
ئۇنىڭ ئۆگەي ئاپىسى شۇ كەندە...
ئەتىسى ئۇنىڭ قېشىنىڭ يان تەرپىنىڭ شۇنداق ئېنىقلا كۆكىرىپ ئىششىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم،بىز ئەمدى بىللە ماڭمايدىغان بولدۇق.ئۇ دەرىستىن چۈشۈپلا ئۇچقاندەك كىتىدىغان بولدى،بىزنىڭ كىتاۋىمىزنىڭ ۋاراقلىرىنىڭ ئازلىشىغا ئەگىشىپ تەتىل كۈنلىرىمىزمۇ ئاياقلىشاي دەپ قالغان كۈنلەردە، مەن ئەتىسى ئانام بىلەن يېزىدىكى ئۆيگە بېرىپ ئۆگزىگە يېيىتىلغان قاقلارنى يىغماقچى بولۇپ مۇئەللىمدىن رۇخسەت سورىدىم.
-مالىم مەن ئەتە كىلەلمەيمەن،ماڭا رۇخسەت بىرەلەرسىزمۇ؟
-بىركۈن كىلەلمەمسەن؟
-ھەئە
-ئەمسە ئەتىكى دەرىسىڭنى بۈگۈنگە قوشۇپلا سۆزلىۋىتەيمۇ يە ئۆگۈنلۈككىگە قېتىپ سۆزلەيمۇ؟
-ئۆگۈنلۈككىگە قېتىپ سۆزلەڭ چۇ...بۈگۈن بەك كۆپ يىساپ ئىشلەپ بېشىمۇ قېيىپ كەتتى.
-ھە مەيلى ئەمسە.
ئەتىسى ئاكاملار كىچىك ئاتاملارمۇ دەم ئالغاچقا بىز بىلەن بىللە باردى بىز بىردەمدىلا قاقلارنى يىغىپ بولۇپ قايىتۇق،مەن چۈشتىن كىيىن مالامنىڭ ئۆيىگە تەكرارغا قاتناشقىلى باردىم،ھويلىىڭ ئىشىگى ئوچۇق بىز كۈندە دەرىس تەكرار قىلىدىغان ئۆينىڭ ئىشىگى چىڭ يېپىغلىق ،مەن ھويلىغا كىرىپ ئۇدۇللا شۇ ئۆينىڭ ئىشىگىنى ئىتتىرىپلا كىردىم،كىرىپ بولۇپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغىنىمچە يا تۇرىۋىرىشىمنى يا چىقىپ كىتىشىمنىمۇ بىلەلمىدىم.مالىم ئۇنىڭ ئۈستىدە خۇددى ئەينى ۋاقىتتا مەمەتجان بىلەن ئاچامدەك..
مالىم ئىتىكلا ئۇنىڭ ئۈستىدىن تۇرۇپ كەتتى مەنمۇ چىقىپ كەتتىم نىمىشقىمۇ باياملا چىقىپ كەتمىگەندىمەن ھە ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن...مالىم مىنى چاقىردى ئارقامدىن چىقىپمۇ بولدى
-ھە مەردان كەلگەنمىتىڭ؟
-ھە..
-ئەتە كىلىمەن دىگەنتىڭغۇ؟
-ئىىشىمىز بالدۇرلا تۈگىگەنتى شۇ كەلگەن...ئەمدى كتىمەن.
-ئۆيگە كىر مەن تەكرار قىلىپ بىرەي...
نىم دىيشىم كىرەك؟سىز ئالدىراشكەنسىز كىيىن كىلەي دەيمۇ؟ياق كىرمەيمەن زادى كىتىمەن دەيمۇ؟....مەن نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلەلمىدىم گويا بوينۇمدىن باغلىغاندەك تىلىم تۇتۇلۇپ كەتكەندەك مالىمنىڭ ئارقىسىدىن ئۆيگە كىردىم يەر ئاستىدىن ئۇنىڭ چىرايىغا قاردىم گويا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويغاندەك...سىزىپ تۇردۇمكى ئۇمۇ ماڭا يەر تىگىدىن نەچچە قېتىم قارىدى ،مەن بىلدىم ئۇنىڭ لىۋىنىڭ ئازراق يىرى ئىششىپ يېرلىپ  كۆكىرىپ قاپتۇ،مالىم ئۇنى ئۇرۇپ شۇنداق قىلغانمىدۇ ياكى ئۇ  ئۆزىنىڭ لىۋىنى  ئۆزى چىشلىۋالغانمىدۇ؟...ئىشقىلىپ مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىرەر ئىش قىلىپ قويغاندەك شۇنچە تەمتىرمەي دىسەممۇ ئەسلا ئۆزۈمنى ئەركىن تۇتالمىدىم.ئىش قىلىپ بۇ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان 4سائەت بەكمۇ تەستە ئۆتۈپ كەتتى.مەن قايىتتىم ئەمما ئۇ يىنە مالىمنىڭ يېنىدا قېپ قالدى...نىمىشقىدۇر مىنىڭ نەپىسىم قىسىلىپ شۇنداق كۆڭلۈم ئېلىشىپ ھەم شۇنچىلىك بىئارام بولۇپ كەتتىم،مەن ئەتىسىدىن باشلاپ مالىمنىڭ يېنىغا بارمىدىم،ئانام شۇنداق كۆپ گەپ قىلىپمۇ ماڭا گەپ يىگۈزەلمىدى.نىمە بولغانلىقىمنى سوراپ جاۋاپقىمۇ ئىرىشەلمىدى،ئانامغا قانداقمۇ ئۇ ئىشلارنى دىيەلەيمەن،شۇ كۈنلەردە مەھەللىدىكى مەن بىلەن بىللە ئوينايدىغان ئىسلام دىگەن دوستۇم بىلەن كۈندە كەچتە ئۆينىڭ ئالدىدىكى كۆتەكلەرگە يانپىشىمىزنى ئارتىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدىغان ئادىتىمىز بار ئىدى مەن شۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم،ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ تەڭ تۇشلىرىغا ئاتا ئانسىغا دىيەلمىگەن گەپلىرىنى دىسە كىرەك، ئەسلى ئۇنىڭغىمۇ دىگىم يوق ئىدى ئۇنىڭ ئەشۇ بالىلىقىمىز نى ئەسلەپ قىلغان سۆزلىرى مىنى ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە شۇ ئىشلارنى دىيىشكە باشلىدى.
-مەردان ئىسىڭدىمۇ؟بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا سەن شۇنداق قوشاقچى ئىدىڭ،بىزنىمۇ قوشاققا قېىپ تىللايتىڭ سەن كەتكەندىن كىيىن سىنىڭ قوشاقلىرىڭنى ئاڭلىيالمايلا قالماي تېخى سىنى ئەسلەپ  نەچچە كۈنلەرگىچە كەتكىنىڭ يادىمدا يوق سىنى چاقىرىپ ئاناڭنىڭ ئىشىكىنى چەككەن چاغلىرىممۇ بار،ئىش قىلىپ سەن بەك قىزقارلىق..
-ئەمما مىنىڭ ئىسىمدە قالماپتۇ ئۇ قوشاقلار
-مىنى تىللاپ توقىغان قوشاقلىرىڭمۇ ئىسىڭدە يوقما؟
-ياق..سەن دەپ بىرە نىمە دەپ قوشاققا قاتقان ئىدىم سىنى؟
- ئسلام ئىس،كۆتىگە يانتاق قىس،
  تاتىۋەتكەن بىز،يىغلاپ قالغان سىز...دەپ چۇ.
-ھاھاھاھاھ...مەن شۇنداق دىگەنما؟
-ھەئە!
-يىنە دىگىنىە يىنە قانداق قوشاقلىرىم بار ئىدى؟
-ئاناڭدىن رەنجىپ قالساڭلا      قاغىنى قوندۇرمەن،
                                                شاخنى سۇندۇرمەن.
                                              كەتسەم كەلمەيمەن!
                                              يىغلاپ ئولتۇرسەن !
دەپ توۋلاپ ئۆيۈڭنى بىېشىڭغا كىيەتتىڭ.
-ھاھاھاھھا..يىنە يىنە داۋاملىق دىگىنە.
-بىرقېتىم بۇزۆكرە بىلەن ئۇرشۇپ قېلىپ  بۇزۆكرەخان بۇسىراق،
                                                            ئۆيگە كىرسە ئوسىراق!
دەپ ئۇنى تازا يىغلاتقانتىڭ شۇنىڭدىن كىيىن ھەممىىز ئۇنى بۇزۆكرە ئوساغاق دىيشەتتۇق،يىنە بىر قېتىم سەن ئۈگىتىپ قويغا قوشاقنى ئانامغا يادلاپ بىرىپ ئانامدىن كاچاتمۇ يىگەنتىم تېخى.
-قايسى قوشاقنى؟
-ئەرگە تەگسەڭ ماڭا تەگ راھەت كۆرىسەن،
  پەشلىرىڭنى قىستۇرۇپ تىزەك تىرىسەن.
كۈندە ماڭا ئەگىشىپ ئىشلار قىلىسەن،
كۆزلىرىڭنى چاپاق بېسىپ بالدۇر ئۆلىسەن.
-ھاھاھاھاھاھاھاھ....ۋاي خۇدايىم مەن مۇشۇنداق قوشاق دەپ بەرگەنما ساڭا؟
-شۇ سەنمۇ موماڭلارنىڭكىدىن نەچچە كۈن تۇرۇپ قايتىپ كەپ بىزگە ئۈگەتكەن سەنمۇ شۇ يەردىكىلەردىن ئۈگەنگەن بولساڭ كىرەك..
كۈتۈش ئۈچۈن يارالغانمىدىم...

36

تېما

4

دوست

1357

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

مەمۇرىي خالاس

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەرھابا.مىجىت
تۆھپە
433
مۇنبەر پۇلى
824
ئىشەنىچ
433
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 17:47:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تازا كۈلۈپ كىتىپ بىردەم جىم ئولتۇرغاندىن كىيىن گەپ باشلىدىم
-ئىسلام،مەن مالىمغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتىم.
-نىمىشقا؟
-ئۇ مەن بىلەن بىللە دەرىس ئۈگىنىدىغان قىزنىڭ ئۈستىگە ئاتىلىۋاپتۇ.
-نىمدەپ؟!
-مەن نىم بىلەي شۇڭا نەچچە كۈن بولدى بارمىدىم ئەتە ئاپام مىنى ئەكەتكىلى كىلىدۇ،مەن ئۆگۈلۈككە كىتىمەن، مەن كەتسەم ماڭا تىلفۇن قىلىپ تۇر ماقۇلمۇ؟
-ماقۇل،سەن يېىپ بەرگەن نۇمۇرنى ئۆيىمىزدىكى شىرداقنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويغان مەمەتنىڭ دۇكىنىدىن ساڭا تىلفۇن قىلىپ تۇرىمەن.
-ئاپام كەلسە يىنە مىنى ئۇرۇپ كىتەرمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن.
-نىمىشقا؟
-دەرىسىڭگە نىمىشقا بارمىدىڭ دەپ چۇ..
-ئاپاڭغا دىسەڭلا بولمىدىمۇ؟
-قانداق دىيەلەيمەن؟
-مالىم بەك قېلىنكەن دىەمسەن!
-قېلىنلق قىلىپ سىنى نىمە قىلدى دىسە نىمە دەيمەن؟
-شۇ كۈنى كۆرگەنلىرىڭنى دىمەمسەن.
-ھېلىمۇ شۇ قانداق ئاغزىمدىن چىقىرىمەن؟!
-مالىمىم مەن بىلەن ئوقۇيدىغان قىزنى بوزەك قىلىدىكەن شۇڭا بارمىدىم دىمەمسەن.
-ھەي خۇدا...شۇنداق دىسەم بولامۇ؟
-ئەلۋەتتە بولىدۇ.
-ماقۇل ئەمسە مەن شۇنداق دەپ باقاي.
-ئىش قىلىپ ئاناڭ داداڭدىن گەپ يۇشۇرما.
-ماقۇل،مەن سەن دىگەندەك دەپ باقاي.
-مالىمىڭنىڭ خوتنى يوقما؟
-بارمىكىن ئىش قىلىپ بىز دەسلەپ بارغان كۈنلەردە بىر كىچىك قىز بار ئىدى ئۆيىدە ئەمما ئايالىنى كۆرۈپ باقمىغان .
-بەلكىم ئايالى بالسىنى ئېلىپ ئانسىنىڭ ئۆيگە تۇرۇپ كەلگىلى كەتكەندۇ.
-بەلكىم...سەنمۇ شۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
-كۆرگەن قوناقلىققا ئوت ئالغىلى چىققاندا ئۇنداق ئىشلارنى قوناقلىقتا كۆپ كۆرگەن.
-شۇنداق ئىشلارنى كۆرسەڭ قانداق بولۇپ قالىسەن؟
-ھېچقانداق بولمايمەن!
-نىمىشقا؟
-بىز قىزلار بىلەن مىھماندارچىلىق ئوينىغاندىمۇ  ئەر خوتۇن بولۇشقانلار قىزلارنى قوناقلىققا شۇنداق بېسىۋالىمىز.
-ئاندىن چۇ؟
-ئاندىن بىردەم يېتىپ قوپۇپ كىتىمىز،شۇڭا مەن قىزلار بىلەن مىھماندارچىلىق ئويناشقا بولۇپمۇ ئەر خوتۇن بولۇپ ئويناشقا ئامراق.
-مۇنداق دە....
-سىلەر ئۇنداق ئوينىمامسىلەر؟
-ياق بىزنىڭ ئۇ يەردە نە قونەقلىق نە بۇغدايلىق يوق، ئىگىز ئىگىز بىنالار بار ئىش قىلىپ ئۇ يەر بەك چىرايلىق،ھەراس شۇنداق پەيزە ئوينچۇقلار بار باغچا بار،ماشىنىلار بار  بىر بىرىگە سوقۇشتۇرۇپ ئوينىساڭ بەك پەيزە دىگىنە.
-مەن بارسام مىنىمۇ ئوينىتىپ قويامسەن؟
-ئەلۋەتتە ئوينىتىپ قويىمەن.
بىز شۇ يۇسۇندا نەچچە سائەت ئولتۇرغاندىن كىيىن ئۆيلىرىمىزگە كىرىپ كىتىشتۇق.ئەتىسى ئاپام كەلدى تاماقتىن كىيىن مىنىڭ ئۈگىنىش ئەھۋالىمنى ئۇقۇشقاچ مالىمنىڭ ئۈگىتىش ھەققىنى بىرىمەن دەپ مىنى ئېلىپ مالىمنىڭ ئۆيىگە باردۇق،مالىم بىلەن ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كىيىن مالىمنىڭ مېھمان باشلايدىغان ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئاپام مىنىڭ ئەھۋالىمنى سوردى
-قانداقراق ئۈگىنىۋاتىدۇ؟
-شۇنداق ياخشى ئۈگەندى، بۇ ماۋسۇم نەتىجىسى چوقۇم يۇقىرى كۆتۈرلۈپ كىتىدۇ.
ئاپام مالىم بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا پۇلنى بىرىپ بىز قايىتتۇق مالىممۇ باشقا گەپنى قىلمىدى.
ئەمما ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ئەتە ماڭىمىز دەپ نەرسىلىرىمنى تەييارلاۋاتسام كىچىك ئاپام تۇيۇقسىزلا سوردى
-نەچچە كۈن بارماي ئۇنتۇپ كەتمىگەنسىز ھە؟ئاپام يېنىمدا ئولتۇرغان ئىدى بىقىنىمغا ۋاسسىدە بىرنى تەپتى.
-ۋۇي بەغىرەز گۇيتۇزا!تەييار دەرىسكىمۇ بارمىساڭ!مىنى نىمە بولسۇن دەيسەن؟!مەن ئاپامغا جاۋاپمۇ بەرىدىم،ئاپام يىنە نەچچىنى تىپىپ تخى ھويلىنىڭ تېمىغا يۆلەكلىك تىشاڭنى ئالغىلى ماڭغان ئىدى،كىچىك ئاپام تۇسىۋالدى.ئەمما بۈگۈن تاياق يىيىشتىن قۇتۇلغىنىم بىلەن ئەتە يولدا ماڭغچە بولسىمۇ يەيدىغىنىم كۆڭلىمگە ئايان ئىدى.ئىش مەن ئويلىغاندەكلا بولدى ئاپام ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولۇپلا قۇلاقلىرىمنى سوزۇپ نوقاشلاپ تىللىغىلى تۇردى،ئەمما مەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئولتۇرۋالدىم،ئۆيگە كەلگەندىن كىيىنمۇ ئاپام مىنى شۇنداق سەت ئۇرۇپ كەتتى ئەمما مەن بىر ئېغىززىۋان سۈرمەي ئولتىرۋالدىم،ئاپام ئاخىرى دادامغا مىنى چاقتى،دادام مىنى مۇشۇ كەمگىچە تاك ئىتىپ چىكىپ باقمىغان ئىدى ئارقا بالىكۇنغا ئەچىقىپ چىرايلىق سوراشقا باشلىدى
-نىمىشقا تەييار تېپىپ بەرگەن مالىمنىڭمۇ دەرسىنى ئاڭلىمىدىڭلا؟
-ئۇ،مەن بىلەن بىرگە ئوقۇيدىغان قىزبالىنى ئەسكىلىك قىلىپ بوزەك قىلىۋالدىكەن،شۇڭا بارغىم كەلمىدى.
-قانداق قىلىپ؟
-مەمەتجان ئاچامنى بوزەك قىلغاندەك....
دادام تاماكىسىنى كۈچەپ شوراپ ماڭا تىكىلىپ ئىېغىر ئۇھ تارتىۋىىپ كرىپ كەتتى.شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئىشمۇ قايتا سۈرۈشتىرىلمىدى.
-1997يىلى9-ئاينىڭ 1-كۈنى مەن تولۇقسىز 2-يىللىقا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىزنىڭ سىنىپىمىزنى 3-قەۋەتكە يۆتكىدى بىز سىنىپ كۆچۈپ 2ھەپتىدىن كىيىن چوڭ تازلىقتا مەن سىنىپنىڭ دەرىزىسىنى سۈرتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم ،دەرىزىلەرنى سۈرتۈپ بولۇپ دەرىزىنىڭ پەردىسىگە ئېسىلىپ دەرىزىنىڭ سىرتىغا ئۇچۇپ چىقىپ ئۇچۇپ كىرىپ ئويناشقا باشلىدىم مىنى دوراپ ئەكرەم بىلەن ئابدۇكېرەممۇ پەردىگە ئېسىلىپ دەرىزىنىڭ سرتىغا ئۇچۇپ چىقىپ كىرىشكە باشلىدى پەستە تۇرغان باللار بىزنىڭ بۇ ماھارىتىمىزگە ھاڭ تاڭ قېلىشىپ بىزگە قارشىپ چۇقىرشىپ بىزنى يەنىمۇ بەكرەك ئۇچۇشقا ئىلھام بىرەتتى،دەل شۇ چاغدا سىنىپنىڭ ئىچىدىن قۇلاقىنى يارغۇدەك توۋلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى بىز توختاپ دەرىزىنىڭ ئىچىدىكى بىزە سىمىنىۇت ئۈسـىگە دەسسەپ ئارقىمىزغا قاردۇق،سىنىپ مەسئۇلىمىز ئالىيە ئاپپاي بىزگە يەۋەتكۈدەك قاراپ تۇراتتى،بىز دىيشىۋالغاندەكلا دەرىزىدىن سىنىپنىڭ ئىچىگە چۈشتۇق ئالىيە ئاپپاي بىزنى نەچچە شاپىلاق سېلىۋەتتى
-ۋۇي،يوتقاننىڭ تېشىدىن بولغان مۇناپىق شۇملار!مۇشۇ پەردە ئۈزلۈپ كىتىپ 3-قەۋەتتىن چۈشۈپ كىتىشسەڭ قانداق بولىشىدىغانلىقىڭنى بىلىشەمسەن؟!بېشىمغا بالا جېنىمغا جازا شۇملار !ھەرقاسىڭنىڭ سېسىق جېنى مەكتەپتىكى 8سائەتتە مىنىڭ مەسئۇليىتىمدە!بۇ يەردىن چۈشۈپ كىتىپ ئۆلۈشسەڭ ئاتا ئاناڭ مىنىڭ ياقامدا ئىلانگۈچ ئۇچۇپ تۇغۇلغىنىمغا تويغۇزىدۇ بىلىشەمسەن!مۇشۇ يەردىن چۈشۈسسەڭ ئوساماي جان بىرىشىسەن!كىم باشلىغان ئىش بۇ؟!
-مەردان..
ۋۇي ساتقىن شۇملار مىنى ئاپپايدىن نەچچە شاپىلاق يەپلا سېتىشقىنىڭنى قارا!مەن ئۇلارغا يەر تىگىدىن شۇنداق سەت ھومۇيىپ قاردىم.
-ۋۇي بېشىڭنى يىمەيدىغان !يوتقاننىڭ گۈللىك يىردىن بولغان مىدىڭ !نىمانداق جېنىڭغا پاتمايدىغان شوۋىچى سەن!
ئاپپاي مىنى نەچچىنى تىپىۋەتتى .
-سەن كاككۇك بالسىمىدىڭ!سىنىڭ ئاتا ئاناڭ يوقمۇ!مەن ئۆلسەم شۇلار نىمە بولۇپ كىتە دەپمۇ ئويلىمىدىڭما پىت يەپ كەتكەن!
مەن زىۋان سۈرمەي يەرگە قاراپ جىممىدە تۇردۇم.ئاپپاي ئاغزىدىن كۆپۈك قاينىغىچە سۆزلەپ چىقىپ كەتتى.شۇنىڭدىن كىيىن ئاپپاينىڭ مەن بىلەن شۇنچىلىك خوشى چىقمىدى،دەل شۇنداق كۈنلەردە مەن دەرىس ۋاقتىدا يېنىمدا ئولتۇردىغان ئەركىن بىلەن مۇشۇ ئاپپاي ئۈستىدە پاراڭلىشىپ قالدۇق.
-ھەي مەردان بۇ خوتۇن بىزگە سىنىپ مەسۇلى بولۇشتىن ئىلگىرى بوتانىكا دەرسى بىرىدىغان ئوقۇتجۇچى ئىكەندۇق بۇ ئۇنىڭ تۇنجى نۆۋەت سىنىپ مەسئۇلى بولىشىكەن.
-بوتانىكا دىگەن قانداق دەرىس؟
-ۋاي تاڭ!مەھەلىدىكى باللارغا شۇ دەرىسنى بەرگەن ئوخشايدۇ، مەن مەھەلىدىكى باللاردىن ئاڭلىدىم،تېخى ئۇلار بۇ ئاپپاينى قېتىپ شىىرمۇ توقۇپتىكەن.
-قانداق شىىركەن ئۇ؟
بوتانىكا بوتىلدايدۇ،
بىزنىڭ مالىم كوتۇلدايدۇ.
گەپ تىڭشىماي قاخشاتساق،
كەينىمىزدىن غوتۇلدايدۇ.
-ۋاھ ئەجەپ پەيزى شىىركەن ھە.
-شۇنى دىمەمسەن ھى ھى ھى ى ھى
-ھى ھى ىھ..
-مەردان!قوپە ئورنۇڭدىن!ئەركىن سەنمۇ قوپە!نىمە دىيشىپ ئىشتىنىڭنىڭ ئېغىغا قاراپ ھېجىيىشىپ كىتىشتىڭ!
-ھېچنىمە دىمىدۇققۇ
-ھېچنىمە دىيىشمىدۇق...
-ئەمسە نىمىگە كۈلىشىسەن!
بىز جىمىپ كىتىشتۇق.
-ۋۇ دەيۈزلەر!قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەۋاتقىنىنى قارا بۇ توخۇ پوقىلارنىڭ!دەرىسنى مۇشۇنداق ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلاش!
دەرىس تۈگىگەندىن كىيىن ئەركىن ھاي دىگىنىمگە ئۇنىماي بايامقى شىىىرنى دوسكىغا يېىزپ قويدى،باللار ىر قەپەس كۈلىشىپ كىتىشكەندىن كىيىن بېسىقىغا چۈشتى،دوسكىنىمۇ ئۆچۈرۋەتتۇق.ئەمما قايسى خايىن بىزنى چېقىپ قويدىكىن ئەتىسى ئاپپاي ئەركىن ئىككىمىزنى ئىشخانىسغا ئەپ چىقىپ سۈپۈرگە بىلەن تازا سالدى.
-ئەركىن ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنداق دەپ يۈرمەيدۇ!سەن ئەزەلدىن ماڭا ئۆچ!بۇ شىىرنى چوۇم سەن توقىغان نىمە!چوقۇم شۇنداق!بىر سېسسق ئالما بىر يىشىك ئالمىنى بۇزۇپتۇ دەپ سەن سېسىق بۈگۈندىن باشلاپ سىنىپنىڭ ئەڭ ئاخىرسىدىكى سۈپۈرگۈلەرنى قويىدىغان يەردە يالغۇز ئولتۇر!
مەن شۇنكۈندىن باشلاپ سۈپۈرگىلەر بىلەن بىللە ئولتۇردۇم مىنىڭ ئولتۇردىغان يىرىم سىنىپىمىزنىڭ ئارقا ئىشكىىنىڭ يېنى ئىدى،ئارقا ئىشىكنىڭ تۇتقۇچى سۇنىو كەتكىچكە تۇتقۇچ ئورنىتىدىغان يىرى تۈشۈك ئىدى شۇ كىچىك تۈشۈكتىن كاردۇردا مېڭىپ يۈرگەنلەرنى كۆرگىلى بوللاتتى دەرىس خوش ياقمىغان چاغلاردا مەن پارتىنىڭ ئۈستىگە بېشىمنى قويۋىلىپ كاردۇردى مېڭىپ يۈرگەنلەرنى كۆزىتىپ ئولتۇراتتىم،چاتاق دەپ شۇ كۆزىتىش تۆشىگىدىن چىقتى. بىئولوگىيە دەرسىدە بېشىمنى قويۇپ شۇ تۆشۈكتىن قااپ ياتسام بىرسى سىرىتىن مارلاۋاتمامدۇ،مەن قولۇمدا تۇتۇپ ياتقان قەلىمىمنى ئەشۇ مارلاۋاتقان كۆزگە  تىقىۋەتتىم،قوشنا سىنىپلاردىكى باللار ھەر قېتىم شۇ تۆشۈكتىن قاراپ قويسا مەن شۇنداق قىلاتتىم بۇ بىزنىڭ ئۆز ئارا چاقچىقىمىز ئىدى ئەمما بۇ كۈنى مارغىنى كەپسىز ئوقۇغۇچىلار بولماستىن دەل بىزنىڭ ئالىيە ئاپپاي ئىكەن ئەمەسمۇ.ئالىيە ئاپپاي سىنىپنىڭ ئىشىگىنى خۇدى خېيمەن بىرەر يەرنىڭ ئىشىگىنى قومۇرۇپ ئاچقاندەكلا تاس قالدى قومۇرۇپلا ئېچىپ كىرگىلى ئىش قىلىپ قومۇرۋەتمىگەن بولسىمۇ قومۇرۋەتكىدەك ئەلپازدا ئېچىپ كىرىپ ئۇدۇل مىنىڭ ئالدىمغا كىلىۋاتمامدۇ.مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ چۈچۈپ كەتتىم ئاپاينىڭ كۆزىنىڭ ئاستىدىن قان چىقىۋاتاتتى، ئاپپاي كەلگەنچە كىلىپ مىنى دەششەت سەت ئۇرۇپ كەتتى،ياقامدىن تۇتۇپ سۆرىگەنچىدىن كاردۇرغا ئېپ چىقىپ نەچچىنى تىپىۋەتى
-ۋۇي نىجاسەت!ۋۇي ئادەمنىڭ پۇشتىدىن بولمىغان قوڭ بەدى شۇم!ماڭ ھازىرلا ئاتا ئاناڭنى باشلاپ كەل!بولمىسا سىنى ئوقۇتمايمەن!ماڭ تىز بول ھازىرلا باشلاپ كەل.
مەن ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ كەلدىم،ئاپام چۈشتىن كىيىن ئىشقا چىقىپ كەتكەندە مەكتەپكە بارمەن دەپ چىقىپ كىتىپ سۇقىنىۋالغان جايىمدىن چىقىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم ئاپام كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ مىنى پۇتىدىكى ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنىمۇ سالماستىن شۇ ئاياق بىلەنلا دەششەت سەت تىپىپ كەتتى.ئاپامنىڭ ئايقىنىڭ پاشنىسى مىنىڭ بەدىنىمنىڭ بەزى يەرلىرىنى تىشىپلا كىرىپ كەتتى مەن ئاغرىق دەستىدىن تۈگىلىپ ئولتۇرۇپ يىغلىدىم ئاپام داۋاملىق ئۇرماقتا مەن ئاۋازىمنى تۋشىغا چىقارماي دەپ بىلىكىمنى چىڭڭىدە چىشلىۋالدىم،كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى يۇيۇپ ئاقماقتا ئاپام تاكى ئۇرۇپ ھالى قالمىغاندىلا بولدى قىلدى مەن ئەتىسى مەكتەپكە بارالمىدىم پۇتۇمنى مىدىرلىتامىدىم،مەن ئۆگىنىمۇ مەكتەپكە بارالمىدىم،دادام شۇ كۈنى كەچتە قەيتىپ كەلدى،ئاپام ئاشخانىدا تاماق قىلىۋاتاتتى،دادام ئاپام بىلەن ئەھۋال سورشۇپ بولۇپ مىنى سورىدى.
-مەردان كۆرۈنمەيدىغۇ؟
-ئاپپىيىنىڭ كۆزىگە قەلە تىقىۋىتىپتىكەن شۇڭا ئازراق نەسيەت قىلىغان پۇتىغا سەل قاتتىقراق تىپىپ سالغان ئوخشايمەن ماڭالمىدىم دەپ ئۇشۇقلۇق قىلىپ ياتىدۇ!
دادام مىنىڭ يېنىمغا كىرىپ يوتقىنىمنى قەرىپلا چىرايى تاتىرىپ كەتتى.
-ھەي!بۇياققا كىرە!
-نىمە؟ئاپام مىنىڭ ياتاق ئۆيۈمگە كىرشىگىلا دادام مۇش بىلەن بىرنى سەپ ئاپامنى كەينىگگە ئۇچىرۋەتتى،ئاپام ئورنىدىن تۇرۇپ بوللالمايلا دادام ئاپامنى تىپىپ كەتتى!
-ئادەم ئۆلمىگەندۇ!كۆزى قۇيلۇپ كەتكەنگە مۇشۇنداق قىلىپ كىتەمسەن!
-ياق دادا كۆزى قۇيلۇپ كەتمىدى كۆزىنىڭ ئاستىغا بىزە سانچىلىپ كەتتى، بولدى دادا ئاپامنى ئۇرماڭ!
-ھەي مۇناپىق رەسۋا!بالىنى مۇشۇنداق قىلىۋەتكىچە ئۆلتۈرۈپ يىسەڭلا بولمىدىمۇ!ساڭىمۇ تاياق ئۆتەمدۇ مانا ئەمسە مانا!!!!دادام ئاپامنى خۇددى توپنى تەپكەندەك تىپىپ كىتىۋاتاتتى.سىڭلىم تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان يىرىدىن كىرىپ چىقىاپ يىغلاپ كەتتى ، مەنمۇ ئورنۇمدىن چا چىراپ تۇرۇپ دادامغا ئېسلىۋالدىم.
-دادا جېنىم دادا بولدى ئۇرماڭ!جېنىم دادا بولدى ئۇرماڭ...
دادام مىنى ئارقامغا ئىشتىۋەتتى.ئاپام ۋايجانلاپ ۋايجانلاپ يىغلاپلا جىمىپ كەتتى.
-دادا جېنىم دادا،ئەمدى تەپمەڭ!مەن سىزدى ئۆتۈنۈپ قالاي!جېنىم دادا ئاپام ئۆلۈپ قالىدۇڭ ئەمدى ئۇرماڭ!
دادام يەنە نەچچىنى تىپىۋەتكەندىن كىيىن توختىدى ،ئاپامنىڭ ئاغزى بۇرنىدىن ئاققان قان يەرنى بويىغان ئىدى سىڭلىم چىقىراپ يىغلاپ تېلىقىپ كىتىپتۇ دادام سىڭلىمنى كۆتۈرۈپ بىر قولى بىلەن بۇرنىنىڭ ئاستىغا تىرنىقىنى پاتۇردى
-قوقماڭ بالام قوقماڭ ...قوقماڭ جېنىم بالام بۇنداق تېلقماڭ....
مەن ئاپامنىڭ بېشىنى قۇچۇقۇمغا ئالدىم ئاپامنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئىدى.
-دادا،دوختۇرخانىغا تىلفۇن قىلايلى ئاپام ئاپام ئاپام.....مە ئىسەدەيتىم ئاپامنڭ چۇۋۇلغان چاچلىرىنى سىلايتىم،پىشاينىسىگە سۆيۈپ زار زار يىغلايتىم،ئاپامنىڭ ئاغزى بۇرنىدىن ئاققان قان توختايدىغاندەك ئەمەس،ئاپامنىڭ چىرايى بارغانسىرى تاتىرىپ كىتىۋاتاتتى،دادام سىڭلىمنى پەسكە قويۇپ ئاپامنى يەردىن كۆتۈرۈپ ئېلىپ ياتاق ئۆيىگە ئەلىرىپ كارۋات ئۈستىگە ياتقۇزدى.
-كۆزۈڭلىنى ئېچىڭلا....
سىڭلم ئىككىمىز ئاپامنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەيتۇق ، بىزنىڭ نالىمىز كۆزىمىزدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىمىزغا گەپ توغرا كەلگۈسىز...ئاپام كۆزىنى ئاچمايتى پۇت قولىرى مۇزلاپ كىتىپتۇ دادامنىڭ كۆزىدىنمۇ تارام تارام ياش ئېقىشقا باشلىدى،مەن تاقەت قلالمىدىم ئورنۇمدىن تۇرۇپ تىلفۇنىڭ يېنىغا يۈگىرەپ بېرىپ تىلفۇننى قولۇمغا ئالدىم.
-ۋەي،ئاپام....ئاپام....ئاپامنى قۇتقۇزۋىلىڭلا چۇ.....مەن ئىسەدەپ يىغلايتىم گەپنىمۇ جايلاپ قىلالمايتىم دادام تىلفۇنى قولۇمدىن ئېلىپلا ئۇلارغا ئۆينىڭ ئادىرىسىنى ئېيتىپ بەردى جىددى بۆلۈمنىىڭ ماشىنىس نەچچە مىنىۇت ئىچىدىلا مەھەللىگە كىلىپ توختىدى.
دادام ئاپامنى كۆتۈرۈپلا قەۋەتتىن چۈشۈپ ماشىنىغا سېلىپ ئەپ ماڭدى مەن سىڭلىمنى ئېلىپ ئىشىكنى تاقاپ ماشىنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۇق،سىرىتتا يامغۇر يېغىۋاتقان ئىدى مەن گويا ئاپامنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يىتىشمىسەم ئاپامنى ئەمدى مەڭگۈ مەڭگۈ كۆرەلمەيدىغاندەك ھسياتتا ئىدىم، سىڭلىم تۇيۇقسىزلا پالاققىدە يىقىلدى مەن ئۇنى دەرھاللا يۆلەپ تۇرغۇزدۇم بىچچارە پۇتىغا ئاياقمۇ كىيمەپتۇ ئەمەسمۇ...مەن ئۇنى ھاپاش قىلىۋالدىم مەن داۋاملىق يۈگىرەيتىم يامغۇرغا ئارلاشقان كۆز ياشلىرىمنى قەلبىمنى چىرمىغان قورقۇنۇش، ئازاپ ، تەشۋىشلەرنى ئېيتىپ تۈگىتىش مۇمكىنسىز...ئاپامنىڭ چىرايلىق قوي كۆزلىرى، مەن ئۈچۈن تارتقان جاپالىرى كىچىكىمدىن تارتىپ بىركۈنمۇ دىگىدەك خاتىرجەملىك بىرەلمىگەنلىرىم،مەن مەكتەپتىن كەلگىچە  تاماققا چۆكە سالماي ئولتۇرۇشلىرى، قاچامغا قاچىسىدىكى گۆشلەرنى ئىلغاپ سېلىشلىرى، (كىچىك چاغلىرىمدا ئاپامنىڭ مانتىنىڭ خېمىرىنى ئۆزى يەپ قىيمىسىنى مىنىڭ ئاغزىمغا سېلىشلىرى،قولۇم سۇنۇپ كەتكەندە ئوپراتسىيدە باشتىن ئاخىرى يېنىمدىن مىدىرلىماي تۇرۇشلىرى)،ئەسلا ئىسىمدىن چىقمايدىغىنى <<ماڭڭا گۆش سېلىپ بىرىپ ئۆزى يىمەي يېنىمدا قاراپ ئولتۇرغاندا ئاپا سىز مۇ يەڭڭە دىسەم، مەن گۆشكەبەك ئۆچ سىز يەڭ دەپ قويۇپ مەن يەپ بولغان گۆشنىڭ سۆڭەكلىرىنى پاكىزە غاجاپ ئولتۇرغانلىرى>>،خىزمىتىنىڭ ئالدىراشچىلىقىدىن منىڭ يەسلىدىكى ئويۇن قويۇشلىرىمغا بىرەر قېتىممۇ بارالمىغاندا مەن ئاپامغا باتناپ يىغلىسام ئاپامنىڭمۇ مىنى باغرىغا بېسىپ ئۆكسۈپ يىغلىغانلىرى،ئۆزى مىڭكاۋخەن بولسىمۇ،ماڭا ئۇيغۇرچە بالىلار چۆچەكلىرىنى ئوقۇپ بىرىمەن دەپ مەن ئۈچۈن ئۈگەنگەن ئىللپبە كىتاۋىنى نەچچە يىرتىۋەتسەممۇ ، بىر قىتىم سىلكىمەي مىنى قۇچۇقىغا ئىلىۋىلىپ سۆيۈپ ئەركىلتىشلىرى، ماڭا ئېلىپ بەرگەن خەنزۇچە رەسسىملىك  بالىلار ھىكايىلىرىنى مەن ئۇخلىغانغا قەدەر ئوقۇپ بىرىشلىرى، گاھى ئاپام ھېرىپ كەتكەنلىكىدىن يېنىمدا يېتىپ ئۇخلاپ قالسا مىنىڭ ئاستا قېچىپ چىقىقپ ئوبىرنىنىڭ سۈيىگە قەغەز يىرتىپ ئويناشلىرىم،توشقاننىڭ قۇلىقىنى چىشلەپ ئۈزۋالغىلى ئاز قالغانلىرىم،ئاپامنىڭ دوختۇرلۇق خالاتىنى كىيىمەن دەپ ئەسكىلىك قىلىشلىرىم، ئاپامنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن قىلغان مەن ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلىرى...............سۈرئەتتەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى...ئاپا...جېنىم ئاپا....مەن ...ھەي خۇدا......
بىز دوختۇرخانىغا چىققان چېغىمىزدا ئاپامنىڭ بۇرنىغا ئوكسىگىن نەيچىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا چېپىشىپ يۈرەتتى.ئاپام تاڭ ئاتقاندا ھۇشىغا كەلدى شۇ نىڭدىن كىيىن ئاپام 38كۈن ئىچكى بۆلۈمدە ياتاقتا ياتتى،ئاپام ياتاقتىن چىقىپ نەچچە ھەپتىدىن كىيىن تازا سوغۇق بولىۋاتقىنىغا قارماي بىز سىنىپتىكى نەچچە يېقىن ئۆتىدىغان دوسلار مەكتىۋىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى ئۆستەڭگە مۇز تىيىلغىلى باردۇق ، بۇ ئىشنىمۇ ئاپپاي بىلىپ قېلىپ بىزنى راسا تىللىدى،بىز ئۆستەڭ بويىغا بېرىشتىن بۇرۇن ۋەلسىپىتلىرىمىزگە يەل بىرىپ ماڭىمىز دەپ سىنىپىمىزنىڭ ناسۇسىنى پەسكە ئېپ چۈشكەن ئىدۇق مەن باشتا ئىشلىتىمەن دىسە مەن باشتا ئىشلىتىمەن دىيشىپ ناسۇس تالشىپ ناسۇسنىڭ يەل بىرىدىغان تەرىپى مۇرادىلنىڭ قولىدا شىلەنكىسى مىنىڭ قولۇمدا قالدى ،ئۇنى ئاز دىگەندەك ناسۇسنى سىنىپقا ئەكىرۋىتىمەن دەپ سىنىپقا چىقىپ ئىشىكتىن بىشىمنى تىقىپلا ناسۇسنى بىر چۆرىسەم ناسۇس بارغانچە بېرىپ ئارقا دەرىزىگە تىگىپ دەرىزە چۇل چۇل بولۇپ كەتتى،ئاپپاي مىنى ھارغۇچە تىللاپ ھارغاندىنكىىن
مىنى شۇ نەرسىلەرنى تۆلەشكە بۇيرىدى،مەن دادامنىڭ ئۇ كۈنى ئۆيدە بار ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم شۇڭا ئانچە قورقۇپمۇ كەتمەستىن ئۆيگە باردىم دادام بىلگىنىمدەكلا ئۆيدە ئىكەن.دادامدىن پۇل ئەپ تاللا بازىرىغا كىرىپ ناسۇس ئالدىم،ناسۇسنى ئەپ ئاپپايغا ئاپىرىپ بىرگەچ مەكتەپنىڭ غۇجىلىق بۆلىمىگە كىرىپ 25كوي تۆلىدىم،ئۇلار ئەينەكنى كىسىپ ئەپ چىقىپ سىنىپنىڭ چېقىلىپ كەتكەن ئەينىكىنىڭ ئورنىغا سېلىپ بەردى ،بۇ ئىش شۇنىڭ بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن بولدى ئەمما سىنىپ يىغىنىدا ئاپپاي يىنە بىرقۇر كاپىلداپ ئۆتتى.
-سىنىپىمىزدىكى مەردان باشچىلىقىدىكى بىرتوپ ئىشەكلەر قوشۇنى مۇز تىيلىمىز دەپ مېڭىپ ۋەلسىپىتلىرىنى سۆرىشىپ يەل بىرىش باھانىسىدە سىنىپىمىزدا ئومۇمنىڭ پۇلىغا ئالغان ناسۇسنى ئىتنىڭ ئۈچىيىنى سوزغاندەك سوزۇشۇپ ئىككى پارە قىلىشىپ بۇنىڭغىمۇ تويماي چوڭراق ئىش تېرىغىسى كىلىپ دەرىزىلدرنى چېقىپ ئۆزىنىڭ بېشىنى ئۆزى يەپ پاكەن تۆلەپ بېسىقىغا چۈشتى ھەممىڭلار بۇ نىڭ رەزىللىكىدىن ئىبرەت ئېلىڭلار جۇمۇ!
مۇشۇ ئاپاينىڭ گەپلىرىگگە ھەيران مەن ئادەم دىگەننى ئاجايىپلا ئوخشىتىپ قويدۇ دە.ئاپاينىڭ زىۋانى ئۆچۈپ بىزنى قويۇپ بەردى،ئەتىسى ئەدەبىيات دەرسىدە مەندىن سىناق ئالغان ئىدى ئالغان سىنىقىدىنى ئۆتەلمەي يىنە دەككەمنى ئىشىتتىم.
-يا ئاللا!سۈپۈرگىلەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پوقىنى ئۆزى يەپ تېخىمۇ دۆتلىشىپ كەتكىنىنى قارا ماۋۇ قاقىرخاننىڭ..ئىش قىلىپ مەن نىمىلا ئىش قىلماي دەككەمنى بىرىپلا تۇراتتى،قېيىشقاندەك نەچچە كۈن ئۆتۈپلا ئاپام ئېلىپ بەرگەن لوغىتىمنى سىنىپتا يۇققىتىپ قويدۇم،باللارنىڭ ھەممىسى گىمناستىكىغا چىقىپ كەتكەندە ھەممىسىنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم مىنىڭ لوغىتىم بىزنىڭ سىنىپتا دەرىستە ياخشى سانىلىدىغان رەيھان گۈلنىڭ سومكىسىدىن چىقتى،مەن لوغەتنى قولۇمغا ئېلىپ ئىچىدىكى ئاپام يىزىپ بەرگەن خەتلەردىنلا لوغىتىمنى تونىۋالدىم لوغەتنى ئېلىۋالماستىن تەنەپىس توشۇپ ئاپپاي دەرىسكە كىرگەندە ئاپپايغا دىدىم.
-ئاپپاي مىنىڭ لوغىتىمنى رەيھانگۈل سومكىسىغا تىقىۋاپتۇ!
-خېڭ...سەن قانداق بىلدىڭ؟!
-مەن ئۇنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرسام تۇرىدۇ!
-ۋۇ ئوغرى!نىمدەپ خەخنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرسەن؟!
-سىزگە لوغىتىم يۈتۈپ كەتتى دىسەم ئوغرىنى تېپىپ ئالدىمغا ئەكەل دىگەنتىڭڭىزغۇ ئەتىگەن!شۇڭا ھەممىسىنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرۇپ لوغەتنى تاپتىم!
مەن گىپىمنى قىلىپ بولغىچە رەيھانگۈل پارتىنىڭ ئۈستىگە بېشىنى قويۇپ ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ يىغلاشقا باشلىدى.
-كىم بىلىدۇ سەن ئۆزەڭ سېپ قويدۇڭمۇ تېخى!دەرىستە ناچار ئادەمنىڭ ئەخلاقىمۇ ناچار بولىدىكەن دىسە!رەيھانگۈل بولدى يىغلىماڭ، بۇ نىڭ سېسىق نەرسىسىنى قايتۇرۇپ بىرىڭ چۇ.
گويا مەن ئۇنىڭ بىرەر نەرسىسىنى بىرەر قانداق قىلىپ قويغاندەك ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپلا لوغەتنى مىنىڭ بېشىمغا ئېتىپ يىنە بېشىنى قويۋىلىپ يىغلاشقا باشلىدى تاككى ئاپپاي جاڭتەيدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ باش كۆزلىرىنى سىلاشتۇرۇپ تەسەللى بەرگىچە قەدەر توختىمىدى.مەن ئوقۇتقۇچى دىگەن مۇشۇنىڭدەك بولسا !!!!!دەپ كەتتىم ئىچ ئىچىمدىن!!!!!!
-1998يىلى 1-ئاينىڭ1بىزگە 8-كۈنى پەيشەنبىدىن تارتىپ ،مەۋسۇملۇق ئىمتاھان ئېلىندىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
كۈنلەرنىڭ شۇنداق تىز ئۆتىدىغانلىقىغا ھەيران مەن ئىمتاھانلىرىمىزمۇ ئېلىنىپ تۈگەپ ئاتا ئانىلار يىغىنىمۇ ئېچىلىدىغان كۈن يىتىپ كەلدى بۇ قېتىمقى ئاتا ئانىلار يىغىنىغا دادام قاتنىشىدىغان بولدى،دادام بىلەن ئىككىمىز بىر جوزىدا ئولتۇردۇق نەتىجىلىرىم دوسكىغا يىزىقلىق ياخشى يىرى يازلىق تەتىلدە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ بەرگەچكىمۇ ئالگىبىرا نەتىجەم خېلىلا يۇقىرى چىققان ئىدى،ئەمما نەچچە پەندى ئۆتەلمەپتىمەن،دادام ھەممىنى كۆرۈپ ئولتۇردى،ئاپپاي يىغىن ئاخىرلىشىشىغا يېقىن مىنىڭ ئىسمىمنى ئالايىتەن ئاتاپ سۆزلەشكە باشلىدى.
-سىنىپىمىزدا ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان، خالاغا زەدىۋال ئېسىپ ،كىگىز پايپاققا نال قاققاندەك ئىش قىلىدىغان مەردان دىگەن ئوقۇغۇچىمىزنىڭ ئىتىپاقىمۇ ئەخلاقىمۇ پەقەتلا ياخشى ئەمەس، قانداق يەردىن تۇغۇلغان بالىكىن بۇ..
دەل شۇ يەرگە كەلگەندە دادام ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
-خانىم، بالىنىڭ قانداق يەردىن تۇغۇلدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئادەم ئەپەندىملىك قىلىمەن دىمەي ئەگە تىگىپ تۇغۇلىشىنى ئۈگىنىپ كەلسىلە بولمامدۇ!ھە دەپ بەرسەم قوڭ ئاغزىلىرىدىن ئەجەپ پوق ئېقىپ توختىمايدا!؟ئاپسىنىڭ يېنىغا بېرىپ بۇ بالىنى غاجاپ بىرىپ بىكاغا ئەكەلگەن دورا ئۇكۇللىرى بەك قىزتىۋىتىپ بارغان ئوخشىمامدۇ!؟يىللاردىن بېرى ئاپسىنى ئەۋەتىپ قويۇپ ئاپسىنىڭ كومباڭشىتىپ ئۇرۇپ بىرىشلىرىگە كۆنىشىپ قالغان ئوخشىماملا؟!بالىنى مەنا مەن تاپقان ھە قاسلىرىدەك بالىنىڭ قانداق يەردىن تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلمەي سىرىتتىن ھارام بالا تۇغۇپ يۈردىغان ئەپەندەكلىگە بالامنى تەربىيلەمدىكىن دەپ تۇتقۇزۇپ بەرگەن گۇناھ مەندە!سىلىنىڭ تارىخلىرىنىمۇ ئامدان بىلىدىغان ئادەم مەن!تولا ئاغزىمنى ئاچمىسلا!يۈرڭە بالام!كەتتۇق!9يىللىق مەجبۇرى مائارىپ دىگەن دە ئوقۇتماي نىمە قىلىدۇ!
دادام گىپىنى قىلىپ بوپلا مىنىڭ قولۇمدىن يىتىلەپ ئەپ چىقىپ كەتتى مەن بۇنداق ئىشنىڭ بولدىغانلىقىىنى تەسەۋۇرمۇ قىلىپ باقمىغان ھەم تەسەۋۇرۇمغىمۇ سىغمايتى،ئەمما بۇ ئىش مىنىڭ كۆز ئالدىمدا يۈز بەردى.
تەتىلدە تەتىل تاپشۇرۇقلىرىنىمۇ ئىشلىمىدىم،ئاپام1ئايلىق ئىكسكۇرسىيە لىك تەكشۈرۈشكە كەتتى سىڭلىمنىمۇ ئېلىپ كەتكەچكە ئۆيدە دادام ئىككىمىزلا قالدۇق،دادام بىلەن نەچچە نۆۋەت  ماشىنىسىدا بىللىمۇ ماڭدۇق،دادام ماڭا ماشىن ھەيدەشنى ئۈگىتىپ قويدى، كۈنلىرىمنىڭ قانچىلقك خۇشاللىنىش ئىچىدە ئۆتىۋەتقانلىقىنى دىمەيلە قوياي مەن بۇ تەتىلنىڭ مەڭگۈ توشماسلىقىنى ئارزۇ قىلاتتىم،ئادەم ئاشۇنداق بەزى بەزىدە مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنىمۇ ئارزۇ قىلىپ قالىدىكەن دىسە...تەتىل توشۇپ مەكتەپكە يىغىلغاندا مەن تەتىل تاپشۇرىقلىرىمنىمۇ تاپشۇرمىدىم ئاپپايمۇ مەندىن سۈرۈشتە قىلمدى ئەركىن كۈنلەر باشلىنىۋاتاتتى،1998-يىلى 3-ئاينىڭ10سەيشەنبە بىزگە ھەرسەيشەنبە كۈنى دەرىستىن سىرىتقى كۇرجۇك ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا مەنمۇ ئۆز قىزىقىشىم بويىچە ۋالىبولغا قاتناشتىم ئارمىزدا چوڭ سىنىپنىڭ باللىرىمۇ بارئىدى،توپ تالىشىپ قېلىپ مەن تولۇق 2يىللىقنىڭ بالىسىى بىلەن تۇتۇشۇپ قالدىم ئۇ مىنى مەيداندىلا شۇنداق سەت ئۇرۇپ كەتتى،مەن بۇرنۇمدىن ئاققان قاننى يۇيۇپ ئۆيگە قايتىمەن دەپ ۋېلسىپىتخانىدىن ۋېلسىپىتىمنى ئەپ چىقىشىمغىلا ئۇمۇ ۋەلسىپىتخانىدىن ۋېلسىپىت بئېلىش باھانىسىدە ئارقامدىن كىرىپ مىنى يىنە 2شاپلاق سېلىۋەتتى مەن يىنە جىم تۇردۇم جىم تۇرماي نىمىمۇ قىلالايمەن،ئۇ مەندىن نەچچە ھەسسە بەستىلىك ھەم نەچچە قارار يۇقىرى ئوقۇيدغان ئادوم تۇرسا...مەن گپ قىلماي ۋېلسىپىتىمگگە مىنىپ يولۇمغا ماڭدىم ئەمما ئۇ يېرىم يولدا ۋېلسىپىتىمنىڭ ئارقىسىدىن بىرنى تىپىپ مىنى ئۇۇرۋەتتى.ماڭا بۇ ئىشى بەك ئەلەم بولدى،مەن ئۆيگە قايتىپ كىلىپ شۇكىچىسى بىر كىچە ياخشى ئۇخلىيالمىدىم،ئەتىسى مكتەپكە بېرىپ2-سائەت؛ىك دەرىس ئارلىقىدىكى چوڭ تەنەپىستە ئۇ شۇنچە كۆپ بالىنىڭ ئالدىدىلا
-ھەي خامشوخلا شۇنچە تاياق يەپمۇ يىنە كەپسەن ھە ھەجەپ جېنىڭ چىڭ ئىتتىك مىجىقىڭ چىقمايدىغان شوخلىكەنسىنا دىۋىدى مەيداندىكى ھەممە باللار كۈلۈشۈپ كىتىشتى،ئادەم ھەممىگە چىدىسىمۇ خورلۇنۇشقا چىدىمايدۇ!مەن شۇنچە شۇنچە ئاچچىقىم كەلسىمۇ ئۇنى ھېچ نىمە قىلالمىغاننى ئاز دەپ تېخى مەكتەپتىكى مىنىڭ لەقىمىمنى بىلىدىغان بىلمەۇدىغانلىكى ھەممە ئادەمگە بۇ بىزار بولۇپ كىتىۋاتقان سەت لەقىمىمنى بىلدۈرۈپ قويدۇم ،مەن 3-سائەت دەرىسكىمۇ كىرمىدىم ئۆيگە كەتتىم ئۆيگگە بېرىپ شۇنداق يىغلاپ كەتتىم مەن بۇ دۇنياغا بوزەك بولۇش ئۈچۈنلا تۇغۇلغانمۇ!دادام بۈگۈن ئۆيدە بولغان بولسا باشلاپ بېرىپ راسا ئەدىۋىنى بەرگۈزسەم ئىت شۇمنىڭ،ئويلىغانسىرى ئىچىمگە ئاچچىق توشۇپ كەتتى ئويلىغانسىرى ئۆزۈمنى خۇددى يىتىم بالىدەك ھېس قىلاپ كەتتى، ئاپام مىنى شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا كوچا كويلاردا مەھەللە ئاراملارادا ئىت ئىشەكنى دۇمبالىغاندەك دۇمبالاپ ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا خورلاپ بەرگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭو مىنى بوزەك قىلىشى مۇقەرەر دە..ئىگىسى خارلىغاننى ئۆزگگىمۇ خارلايدۇ دە..ئاپام چۈشتە تاماقنى سىرىتتىن ئەكىرىپتۇ شۇنداق ئاچچىق ئەلەملىرىم بىلەن يىدىمكى ئەممما بۇ ئەلەملەرنى خورنىلىشلارنى قانداقمۇ ئاپامغا دىگىلى بولسۇن ،مەن دىگەن تەقدىردىمۇ ئاپام مىنى ئۇرۇپ ئاپىرىپ ئۇنىڭدىن كەچەۈرۈم سورغۇزىدۇ بەلكىم!چۈشتىن كىيىن مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا يانچۇقۇمغا دادامنىڭ قوي سويۇشقىلا ئىش؛ىتىدىغان ئادەتتا ئۆيدە تۇردىغان پىچىقىنى يانچۇقۇمغا سېلىۋالدىم.5-سائەت شۇنداق ئىچىمگە تىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم قېيىشقاندەك ئالىيە ئاپپاي مەندىن سۇئال سوراپ بولۇپ ئەكرەمدىن سوراپ ئىككىلىمىز جاۋاپ بىرەلمىگەندىن كىىى ئوغامنى قاينىتىپ يىنە سېسىق گەپ قىلىۋالدى
-سايىپ جامالغا پوخاق چىقاندەك،ساراڭ سانىڭ مىڭسىنى يەپ كالۋا بۇلاقنىڭ سۈينى ئىچكەندەك،خوتۇنكىشىگە بۇرۇت چىققاندەك تاغدىن سورسا باغدىن جاۋاپ بىرىشكەن!بىر ئىشنى ھەتتا پوقنىمۇ جايلاپ ئوتتۇردىن ئىككى قىلالمايدىغان دۆت كالا كومشا جاغلى ئەچكىلەر....بۇنداق كىنايىلەر قانچە دىيىلگەنسىرى مىنىڭ ئىچىمگە تولۇپ كىتىۋاتقان ئاچچىق شۇنچە ئەۋجىگگە چىقماقتا ئىدى...6-سائەت ئەمگەك دەرسىدىن يېنىپ تولۇڭ 2-يىلىقنىڭ ئۇ ئوقۇيدىغان سىنىپ ئالدىغا كىلىپ ئۇلارنىڭ ئىشىگىنى چەكتىم پىچاقنى غىلاپتىن چىقىرىپ قولۇمدا تۇتۇپ تۇرغىنىمغىمۇ نەكەم!ئىشىكنى بىر قىز ئاچتى
-جۈرەت بارمۇ؟
-جۈرەت!بىرسى سىزنى چاقىردۇ.نەچچە سىكىنۇتقا ياتمەيلا ئۇ ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولدى مەن ئۇنىڭ قورسىقىغا زەردە بىلەن قولۇمدىكى پىچاقنى تىقتىم.
پىچاقنىي تىقتىم دە ئارقامغا قاراپ قاچتىم ،پۇت قولۇمدا جان يوق ۋەلسىپىتخانىنىڭ ئالدىغا كەلگىچە تاس قالدىم يقلىپ چۈشكىلى،ۋەلسىپىتىمنى ئاران ئاران ھەيدەپ ئۆيگە كىلىپلا دادامنىڭ يان تىلفۇنىغا باستىم
-ۋەي.
-دادا..دا..دا..مە..مەن....
-ھە قانداق ئەھۋالىڭلا؟
-يا يا ياىشى..دا دا...مە....مە...ن...
-نىم بولدى يىنە؟ئاپاڭلا بىررنىمە قى؛دىمۇ ؟!گاش گەپقىلىڭلا ھە مىنى دەكە دۈكە قىلماي!
-دادا..دادا....مەن.....خەخكە پىچاق....تىتىتىتىقىپ..قويدۇم....
-قاچان!
-با..بايام...
-ئۆلدىمۇ؟!
-بىل بىل بىل مەيمە.....
دادام تىلفۇننى قويۋەتتى مەن جايىمدا مىتمۇ قىلالماي ئولتۇرۇپلا قالدىم.نەچچە مىنىتتن كىيىن تىلفۇن جىرىڭلىدى
-ۋەي.
-ھازىرلا ئاچامنىڭ ئۆيگە چىقىپ كىتىڭلا!مەن نەدىن بولمىسۇن ئەتە تاڭ ئاتقىچە بېرىپ بولىمەن!شۇ يەردىن مىدىرلىماي ئولتۇرۇڭلا!بىلدىڭلىمۇ؟!
-ئىم...مەن يىغلاپ كەتتى.
-نىمىگە يىغلايسىلە؟!بولدىغان ئىش بولغان تۇرسا ماڭقاڭلىنى ئېقغۇزۇپ ئولتاماي بولدى تىز چىقىپ كىتىڭلا!ئىسىڭلىدە بولسۇن مەن بارمىغچە ھەرگىز ئاپاڭلىغا تۇتق بەرمەڭلا.!خۇداغا ئامانەت.
-خۇداغا ئامانەت.
مەن دادامنىڭ ئاچىسىنىڭو ئۆيگە چىقىپ كەتتىم، ئۇلارنىڭ قىزى ئاللىقاچان بۇ ئىشنى ئۆيىگە دەپ كېپ بوپتۇ مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرە كىرمەيلا دادامنىڭ ئاچىسى مىنى كۆرۈپلا يىغلاپ كاتتى
-مەردان !ۋاي مەردان!نىمانداق قېنىڭغا پاتمماي يۈردىغانسە!داداڭ بىچارىغا ئىش تېپىپلا يۈرسەڭ!نىمانداق جېنىڭ چوڭ نىمە سەن!ئەمدى ئۇلار قانداقمۇ بېسىقتۇرا بۇ ئىشنى!؟....ئاپام كەچتىسى ئۇدۇل شۇلارنىڭ ئۆيىگلا كىرىپتۇ.مەن ئارقا بالىكۇنغا چىقىۋالدىم ئاپام چىرايىدا قان يوق ،شۇنداق ساغىرىپ كىتىپتۇ ئارقامدىن ئەگىشىپ ئۇلرنىڭ توسۋاغىنىغىمۇ ئۇنىماي چىقتى مەن تاس قالدىم ئارقا بالىكۇنىڭ دەرىزىسىدىن سەكلەپ قاچقىلى،ھەممىسى ۋاقىرشىپ كەتتى
-ۋاي ياق!!!ئۇنداق قىلما!!!!!ھەرگىز ئۇنداق قىلما!!!ۋاي خۇدايىم ما بالىنى!!!!ئاپام داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قېلىپ تولىمۇ تەستە زىۋان سۈردى.
-مەردان،ئۇنداق قىلماڭ!مەن بىلەن ئۆيگگە قايىتمىسىڭڭىزمۇ مەيلى ئەمما ھەرگىز ئۇنداق قلماڭ..
ئۇلارنىڭ بىرمۇنچە ۋاتىلداپ يىغا زارە قىلىشلىرى ئارقىسىدا مەن مىڭ تەسلىكتە بالكۇن دەرىزىسىدىن چۈشۈپ ئۆيگە كىردىم،ئەمما ئاپام بىلەن چىقىپ كىتىشكە ئۇنىمىدىم.دادامنىڭ ئاچىسى چاي ئەكىردى يىلىغانچىدن ئاپامدىن سوردى
-ھېلىقى بالا قانداقراق؟
-بەك سېمىز بالىكەن خۇدايىم بىر ساقلاپتۇ!قورساقنىڭ تىرىسىدىن ئۆتۇپ ئۈچەيگە تىگەي دىگەندىلا پىچاق توختاپتۇ،ئۈچەي تىشىلگەن بولسا نىمە كۈنلەرنى كۆرەتتى؟!بىز نىمە كۈنلەرنىن كۆرەتتۇق، بۈگۈن دەل مەن ئىشلىگەن كۈنكەن،ئەگەر مەن بولمىغان بولسام بۇ نىمىكۈنلەرنى كۆرۈپ ھازىر قايسى قاراڭغۇ ئۆيدە ئولتۇراتتى...بالىنىڭ ئاتا ئانسىمۇ مەن بىلەن سالام سائىتى كۆپ غەرەز ئۇقىدىغان ئادەملەركەن،مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ ماڭا كۆپ يۈز قىلىپ بۇ ئىشنى پەيجۇسۇئو غا دىمىدى،بالىنڭ قورسىقىنى تىكتۇق...ئاپام تۆكۈلۈپ يىغلاپ كەتتى...مەن ئاپام شۇنچە چىرايلىق گەپ قىلسىمۇ زادى چىقىپ كەتكىلى ئۇنىمىدۇم.شۇ كۈنى مەن بۇ ئۆيدە قونۇپ قالدىم،ئەتىسى تاڭمۇ سۈزۈلمەستە دادام بۇ ئۆيگە كىرىپ بولدى بىچچارىنىڭ كۆزى قان قۇيغاندەكلا قىزىرپ كىتىپتۇ،مىنى يوتقاندىن سۇغۇرۇپ ئېلىپلا باغرىغا باستى،مەن دادامنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتىم.
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى،شۇنىڭدىن كىيىن مىنىڭ نامىم مەكتىۋىمىزدىكى چوڭ كىچىك ھەممىلا ئادەمنىڭ ئاغزىغا چىقىپ كەتتى مىنى تاك ئىتىپ چىكىش ئەمەس مەن بىلەن گەپ تالىشىدىغانلارمۇ چىقمىدى.ئاليە ئاپاي ھېلىغۇ سېسىق گەپكەن ماقال تەمسىللەرنىمۇ ئىشلەتمەسلا بولدى،بىچچارە ئاپامنىڭ ئىلمى مۇدىرغا قابچىلىك پوداقچىلىق قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن ئىش قىلىپ ئۇ بىچچارىنىڭ مالىملارغا ۋاي دەپ ھالى قالمايدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەنمۇ كۆپ كۆرگەن مەن...يازلىق تەتىلدە بىزنى ھەربى مەشىقكە قاتناشتۇردى،30كۈن مەكتەپتە يېتىپ قوپۇپ يۈردۇق ئاپام ھەر 2كۈندە بىر مىنى يوقلاپ كىلەتتى دادام بىلكار بولسىلا كىلەتتى،شۇنداق قىلىپ بۇ مەشىقمۇ تەتىلمۇ ئاخىرلىشىپ 1998-يىلى9-ئاينىڭ1-كۈنى دىن ئىتىۋارەن مەن تولۇقسىز 3-يىلىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىم،ئاپام 10-ئاي بايرامدا بىزنى ئېلىپ يۇرۇتقا باردۇق.دادامنىڭ ئاكىسى بىزنىڭ ماشىنى ھەيدەپ بىزنى ئالغىلى كەلدى بىز نى يىنە مۇشۇ ماشىنىمىزدا ئاپىرىپ قويدى،بايرامدىن كىيىن ئاپام ماڭا تەبى پەن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بەردى،بۇ ئاپپاينىڭ سەۋيەسىگە مەن ئاجايىپ قايىل ئىدىم قەتتى ئادەم تىللىمايدۇ،قەتتى ئادەم كەمسىتمەيدۇ يا ئاللا ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ مۇشۇنداقلىرى بولىدىكەن ھە، بۇ تەكرار تاكى 5-ئايغىچە داۋاملاشتى6-ئايدا بىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ھەم ھەردەرىجىلىك ئوتتۇرا تېخنىكۇملارغا ئىمتاھان بىرىش ئېلىناتتى1999-يىلى6-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بىزدىن ئمتاھان ئېلىنىپ بولۇندى ، دادامنىڭ ئاچىسى مىنى يوللاردا ئۇچرۇتۇپ قالسىلا.
-مەردان، ئاپاڭنىڭ تاياقلىرىدىن بالدۇر قۇتۇلۇشنىو بىردىن بىر چارىسى مۇشۇ سەن ھەرگىز تولۇقتا ئوقىما مىنىڭ چوڭ قىزلىرىمدەك ئوتتۇرا تېخنىكۇملارغا ئىمتاھان بەر،جۇمۇ بالام دەپ پىشاينەمگە سۆيەتتى،ئاپامدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇش ئستىكىدە مەن شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاپامنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي نەچچە يەرنىڭ ئوتتۇرا تىېخنىكۇملىرىغا ئىمتاھان بەردىم،ئامما ئاپام ماڭا نەچچە قېتىم دەپ ئۆتتى
-ئوتتۇرا تېخنىكۇملاردا ئوقۇيمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ!مەن سىزنى نىېنى پۈتۈن ئادەم قىلىپ چىقىمەن!چوقۇم تولۇقتا ئوقۇتۇپ ئاللى مەكتەپكە بارغۇزىمەن!
ئاپام بىلەن كۈندىلا دىگۈدەك ئۇرۇش،شۇ ئۇرۇش تالاشلارمۇ ئاخىرلىشىپ نەتىجمىزمۇ چىقتى،مەن تولۇق ئوتتۇرغا ئۆتۈپتىمەن،ئاپامنىڭ بۇ كۈنكى خۇشاللىقى مىنىڭ بۇ كۈنكى ئازاۋىمنى سۆزلەپ تۈگىتىش تەس،ئەمما1999- 9-ئايدا مەن مۇشۇ يەردىكى ئوتتۇرا تېخنىكۇمغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ ،بالدۇرراق خىزمەتكە چىقىپ ئاپامدىن بىركۈن بولسىمۇ بالدۇر قۇتۇلۇش ئىستىكىدە تازا كۈچەۋاتقان چاغلىرىمدا ئاپام دوختۇرخانىنىڭ تېخى جىددى قۇتقۇزۇشنىڭ ماشىنىسى بىلەن مىنى ئاز دىگەندىمۇ 10قېتىم بېرىپ ياندۇرۇپ ئەپ كىلىپ تولۇق ئوتتۇرتغا ئەكىرىپ بەرىدى،مەن ئوقىمايمەن دەپ شۇنداق ئەسكىلىك قىلىپ كەتتىم ئەمما بۇ ئەسكىلىكلىرىممۇ ئاقمىدى ،مەن بوينۇمدىن باغلىغاندەك تولۇق1-يىللىق3-سىنىپتا ئوقۇشقا باشلىدىم.11-ئايلاردا يۇرۇتتىن خەۋەر كەلدى دادامنىڭ ئاكسى بىزنىڭ ماشىنىمىزنى 100000غا سېتىپ ماشىن ساتقان پۇلنى دادامنىڭ رۇخسىتى بىلەن دادامنى ئەينى چاغدا باش بولۇپ .ۇرغان ئىنىسىغا قەرىز بىرىپ تۇرۇپتۇ،ئاپام بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق تىرىكتى
-تۇققان تۇققان دىگەن بىلەنمۇ ۋاقتى كەلگەندە يۈزسىزلىك قىلسا شۇنچە پۇل  يوق بولىدۇ نىمىشقا ھۆجەت ئالمايمىز؟
-مىنىڭ ئىنىم ئالغان پۇلاىن تېنىۋالدىغان ئادەم ئەمەس!
-توغرا سىنىڭ ئىنىڭ ئوغۇل بالنىڭ خۇۋەينىسى بەك ئەركەكچىلى بار!شۇڭا قاش قاپاقلىرىڭنى يېرىپ قويغان سىنىڭ!
-نىمدەپ ئادەمىنى سەنلەيسەن!
-سىنى سەنلىمىگىدەك قانچىلىك نىمىتىڭ!ۋۇي ئەقىلسىز!پوققا ئەز قاتمايدىغان بىكار تەلەتلىرىڭنىڭ پوقىنى ئەجەپ ئېرىقداپ بولالمىدۇق!خۇدايىم !ئەرگە تەگكەندە ئەجەپ ئەخمەقلىق قىپتىلەنمەن!مۇھەببەتنىڭ كەينىگگە كىرىپ!دات پەريات دەۋەتتىمغۇ سەندەك ئەپ جۈمەتى پوقنىڭ قۇرتىدىنمۇ كۆپ نەرسىگە تەككىنىمگە!سىنىڭ ھاياتىڭ شۇلارنى يۆلەش بىر نېنى ىئىككى قىلىش بىلەن ئۆتتى!مەكىتنىڭ قويلىرى ئۇنداق داڭلىق بۇنداق ئىسىل دەپ50000مىڭكويلۇق قوي ئەپ بەردىڭ!شۇ قويلارنىمۇ سېتىپ يىيشىپ ئۆلدى كەتتى مۇزلاپ قاپتۇ دەپ تۈگەتتى!شۇنچە قوينىڭ ھەممىسىلا شۇنداق بولامدا!قېيىن ئانام ھايات چىېغىدا ماي زاۋۇتى ئېچپ بەردىڭ!ئۇنىڭدىنمۇ پايدا ئالالمىدۇق!دەپ سېتىپ يوق قىلدى!تاپقان تەرگىنىڭ شۇلارنىڭ قوڭىغا چاپلاپلا كىتىدۇ!سىنىڭ ئۆيۈڭ بالاڭ يوقما!
ئاللا كارامەت ئاپام خەنزۇچىدا ئادەم تىلىمىسىمۇ ئۇيغۇرچىدا دەششەت تىللىيالايدىكەن جۇمۇ، دادام پۇقۇرتۇپ تاماكا چىكىپ ئولتۇردى...بىر ئېغىز غىڭ پىڭ قىلالمىدى.
12-ئاينىڭ تازا قار يېغىۋاتقان بىر كۈنى دادامنىڭ بىزدىن 100000قەرىز ئالغان ئىنىسى كەپتىكەن ئاپام دادامنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ئۇنىڭدىن ھۆججەت ئېلىۋالدى،ئىشنىڭ قىزىقى شۇندا چىقتى دادام ئىنىسى ھۆججەت يىزىپ بىرىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئاپام بىلەن شۇنداق قاتتىق سوقۇشۇپ كەتتى.
-نىمىشقا ئىنىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى تۆكىسەن!
-قانچىرىك يۈزۈڭ بار ئىدى!يۈزۈڭ بار بولغان بولسا ئەينى چاغدا مۇش يەپ كىلەمتىڭ!بىلىپ قوي بۇلار سىنىڭ پۇلۇڭغا تۇقان!
-ئاغزىڭنى يۇم!دادام ئاپامنىڭ ئالدىغا يۈگىرەپ كىلىۋىدى مەن تۇتىۋالدىم، ئىش قىلىپ ئۇلارنىڭ دە تالاشلىرى تاڭ ئاتقىچە بېسىقمىدى...دادامنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسىغىمۇ دادام ماشىنا ئۈگىتىپ ماشىنا پىراۋىسى ئېلىپ بەرگەن ئىدى ،ئۇ دادام بىلەن ماي تۇشۇغىلى بىللە قاتنايتى،ئۇمۇ شۇنىڭدىن كىيىىن بىزنىڭ ئۆيگگە كىرمەس بولۇپ كەتتى دادامنىڭ ئاچىسنىڭ ئۆيدە تۇرسىمۇ بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ چىقىپ يۈردىغان ئادەم ئەمدى نىمە بولدىكىنە....2000-يىلى 5-ئاي بىز يىنە يۇرتىمىزغا باردۇققايتىپ كەپ نەچچچە كۈندىن كىيىىن مىنىڭ پارتىدىشىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى2000-يىلى5-ئاينىڭ29-كۈنى  دۈشەنبەئۇ شۇنداق چىرايلىق كۆينەك كىيىۋاپتۇ ياڭزىلىق ئاياق كىيۋاپتۇ،دەرىس ۋاقتىدا مەن ئۇنىڭغا كىتاۋىنىي بىللە كۆرۈشنى ئېيىتتىم چۈنكى مەن شۇ كۈنى فىزىكا كىتاپ ئەكەلمىگەن ئىكەنمەن.
-كىتاۋىڭڭىزنى بىللە كۆرەيلىمۇ؟
-ياق!
-قانداق توڭ قىز بۇ!
-توڭ ئەمەسلەرنىڭ يېنىدا ئولتۇر!مەنمۇ خۇشتار ئەمەس سەن بىلەن ئولتۇرۇشقا!
-نىمانداق گەپ قىلىدۇ ماۋۇ!
-نىمانداق گەپ قىپتىمەن!
مەن ئۇمىنىڭ كىتاۋىنى تارتىپلا ئالدىمغا ئېلىۋالدىم ئۇمۇ كىتاپنى تارىتتى ئەمما مەن كىتاپنى چىڭڭىدە تۇتىۋالغاچقا تارتىپ ئېلىشقا كۈچى يەتمەي كىتاپ يىرتىلىپ كەتتى،تۇسۇنگۈل ئاپپاي دوسكىغا ھەدەپ بىرنىمىلەرنى يازماقتا ئىدى.<<چاڭڭىدە>>قىلغان بىر ئاۋاز بىلەن ھەممەيلەننىڭ دىقىتى بىزگە مەركەزلەشتى،مىنىڭ قۇلۇقۇمدى ئوت چىقىپ كەتتى.
ئاپپايمۇ شاققىدە ئاردىسىغا قاردى.
-نىم بولدى؟
-بۇ بىرمە كىتاۋىنى ئەكەلمەي مىنىڭ كىتاۋىمنى ئېلىۋىپىل بارىدۇ.
-سەن كىتاپ ئەكەلمىگەندىن كىيىن كۆرمەيلا ئولتۇرساڭ بولمامدۇ.
-بۇ بىرىپ تۇرسا نىمە بولىدىكەن؟
-سىزمۇ ساۋاقداش بولغاندىن كىيىن بىرىپ تۇرسىڭڭىز تەڭ كۆرسەڭلار بولمامدۇ؟چوپ چوڭ بوپ قالغان ئادەملەرنىڭ قىپ يۈرگەن ئىشىنى قارا!بولدى بالىلار دوسكىغا قاراڭلار دەرسىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى.
ئاپپاي دەرسىنى داۋا،لاشتيرى ۋەردى، مىنىڭ بۇرنۇمدىن قان ئېقىشقا باشلىدى، توۋا قۇلۇقۇمغا ئۇرسا بۇرنۇمدىن قان چىقىنىنى قارا.مەن ئورنىمدىن تۇرۇپلا سىرىتقا ماڭدىم.بىز نەچچە كۈن گەپلەشمىدۇق،ئەدەبىيات دەرسىدە مۇئەللىم دەپ بەرگەن نەرسىلەرنى يېزىۋاتاتتۇق ئۇنىڭ قەلىمنىڭ سىياسى قالمىغان بولسا كىرەك،شۇنداق جىدىيلىشىپ ئالدى ئارقىمىزدىكىلەردىن قەلەم سوراشقا باشلىدى.
-ھەي ئارتۇق قەلىمىڭلار بولسا بىرىپ تۇرۇڭلار چۇ...ئەپسۇس ئەتراپىمىزدىكىلەردىن ئۇنىڭغا قەلەم بىرىدىغانلار چىقمىدى،قارا بۇنىڭ ئوسالللىقىنى مەن يېنىدا تۇرسام مەندىن سورماي بۇنىڭدىن سوراپ يۈرگىنى قىزىقى دە بۇنىڭ.
-مەڭ بۇ قەلەمنى ئشلىتىڭ.
ئۇ چىرايىمغىمۇ قاراپ قويمىدى قەلەمنىمۇ ئالمىدى.
-نىمدەپ ئالمايسىز؟
-ئالمىسام قانداق قىلىسەن؟
-مەن سىزنى سىز دىگەندىكىن سىزمۇ سىز دەڭ چۇ سەن سەن دەپ !!!
-نىم دىگىم كەلسە شۇنداق دەيمەن قانداق؟!بۇنىڭدىن كىيىن ماڭا گەپ قىلما!
-نىمدەپ گەپ قىلمايمەن؟!
-نىمدەپ گەپ قىلىسەن؟!
-گەپ قىلماي تۇرالمايمەن!شۇڭا گەپ قىلىمەن!
-ۋۇ بىزەڭ!ئۇ مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئالايدى.
-ئالە ماۋۇ قەلەمدە ياز!
-نىمدەپ مىنى سەنلەيسە؟
-سەنلىگىم كەلسە سەنلەيمەن قانداق؟!
-گەپ تەسىر قىلمايدىغان بىرمە جۇمۇ سەن!
-تولا ۋالاقشىماي ئالە ماۋۇ قەلەمنى.
ئۇ قولۇمدىن قەلەمنى سىلكىپ ئالدى دە يېزىشقا باشلىدى،دەرىس تۈگىگەندىن كىيىن قەلەمنى جوزامنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى.
-رەھمەت.
-ئەرزىمەيدۇ.
-ئەرزىپمۇ قالا.
-ئەرزىتەي دىسەڭ ئەرزىيدۇ شۇ.
-مەردان نىمانچە بىزەڭ سەن؟!
-چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە بىزەڭلىك قىلماي تۇرالمايدىغىنى دىن.
ئۇ قىزىرىپ كەتتى ئۆزۈممۇ ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم،شۇنىڭدىن كىيىن ھەرھالدا گەپلىشىدىغان بولدۇق،تەتىل كۈنلىرى يېقىنلىشىۋاتقان بىر كۈنى كەچلىك مۇزاكىرىدە دوسلۇرۇم بىلەن ئالدى ئارقا ئولتۇردىغانلار بىر بىرىمىزگە قارشىپ قەرىت ئوينىدۇق،ئەلۋەتتە مۇزاكىرە قىلىدىغانلارمۇ ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى،مەن قارشى تەرەپتىكى ئادەم بىلەن ئۇمۇ قارشىمىزدىكى ئادەم بىلەن شىرىك ئىدى، بىز بۇيرۇق ئوينىدۇق،ئۇلار ئۇتتىرىپ قويدى مەن ئۇلارغا بۇيرۇق چۈشىرەتتىم،كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ بۇيرۇقۇمنى جاكارلىدىم.
-شەرمى،ماڭا ئىچىملىك ئەكىرىپ بەر.
ئۇ گەپ سۆز قىلماي چىقىپ كىتىپ 3قۇتا فېيچاڭ پىڭگو كۆتىرىپ كىردى،ئۆزىگە شۈيمى تاۋ ئېپتۇ.ئەشۇ مىنىڭ تۇنج قېتىم فېيچاڭ پىڭگو ئىچىشىم ئىدى.
-سەن بۇئىچىملىكنى ياخشى كۆرەمسە؟
-ئىم،دادام بەك ئىچىدۇ،سەن ئىچىپ باقمىغانما؟
-ياق مەن فېيچاڭ كېلې،فېيچاڭ نىڭ مېڭ.....شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ باققان ئەمما بۇنى ئىچىپ باقماپتىمەنكە.
-ئەمدى ئىچىپ باق تەمى بوپ قالدۇ.
ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ مەن فېيچاڭ پىڭگو لا ئىچىدىغان بولۇپ قالدىم،نەچچە كۈندىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا سېغىز ئالغاچ كەلدىم.
-ئالە،بۇ سېغىزنى چاينا.
-نىمىشقا كۆكىنى ئالمىدىڭ؟
-سەن ئېقىنى ياخشى كۆرمەمتىڭ؟
-ياق،ئۇنداق دىگىنىم ئەمەس مەن كۆكىنى چايناپ كۆنۈپ قاپتىمەن.
-ئەمدى كۆكىنى ئېپ بىرەي ھە؟
-ياق ياق ئەمدى ئالما.
-نىمىشقا؟مۇشۇنى بىر ئۆمۈر چاينىماقچىما؟
-ماڭا ۋە ساراڭ...
بىزدىن ماۋسۇملۇق ئىمتاھان ئېلىنىپ بولۇندى مەن نەچچە پەندىن ئۆتەلمەپتىمەن،3پەندىن يۇقىرى ئۆتەلمىگگەنلەرنى سىنىپ قالدۇرۇپ قويىدىكەن ، ئاتا ئانىلار يىغىنىدا شۇنداق ئۇقتۇردى،ئاپام مىنى ئۇرۇپ كەتمىگىنى بىلەن دەردىنى ئۆزى بىلىپ ئولتۇراتتى،ئاتا ئانىلار يىغىنىدىن چىقىپ ئاپام ئىلمى بۆلۈمگە كىرىپ كۆڭلى يېقىن ئىلمى مۇدىرنى ئىزلىدى،شۇ چاغدا خۇددى ئىشەك سودىسىدەكلا بىزنىڭ ئىلمى مۇدىرىمىز ھېچ بىر ھېيىقمايلا ئاپامنىڭ ئۇنىڭغا ھەم ئايالىغا ئۈرۈمچگە داۋالىنىپ كىلىشكە خەت قىلىپ بەرسە مىنى 10سىنىپقا كۆچۈردىغانلىقىنى دەپتۇ،ئاپام بىچچارە ئۇنىڭ دىگنى بويىچە خەت ئېلىشقا1000كوي خەجلەپ ئۇلارغا باشقا بۆلۈمدىن خەت ئېلىپ بىرىپ مىنى 10-سىنىپقا كۆچۈردى.2000-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى دۈشەنبە سىڭلىم نى ئاپام يۇرۇتقا ئاپىرىپ قويۇپ كەلدى مەن ئىمتاھاندىنمۇ ئۆتەلمىگەچكە مىنى جازالاپ ھېچ يەرگە ئاپپارمىدى تېخى كۈندى نەچچە بەت تاپشۇرۇق بىرىپ كەچتە ئىشتىىن قايىتقاندا ئۆتكۈزۋىلىشلىرىنى دىمەمدىغان،دەل شۇنداق زىرىكىشلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەركىن تىلفۇن قىپتۇ.
-قانداق ئەھۋال؟
-ياخشىغۇ،ئۆزۈڭ چۇ؟
-بوپ قالدۇ!ھە نىمە ئىشلار بىلەن؟
-شۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ،سەنچۇ؟
-مەنمۇ شۇ ئۆيدە بىكار،ھەي ئاداش ئويناپ كىلەي لىمۇ؟
-نەگە بېرىپ؟
-يېزىغا چىقىپ سۇ ئۈزۈپ كەلمەمدۇق؟
-شۇنداق قىلساققۇ بولاتتى ئەمما ئاپام ئىشىكنىڭ تېشىدىن قۇلۇپ سەپ قويغان تۇرسا مەن قانداق چىقىمەن؟
-ئۆيۈڭ قانچىنچى قەۋەتتە؟
-3-قەۋەتتە.
-گاز تۇربىسىغا ئېسىلىپ چۈشسەڭ بولمامدۇ؟
-كىيىن قانداق چىقىپ كىتىمەن؟
-گاز تۇربىسىغا يامىشىپ چىقىپ كەتمەمسەن؟
-ئاپام ئىشتىن چۈشكىچە كېپ بوللالامدۇق؟
-چاتا ق يوق.
-ئەمسە بىزنىڭ مەھەلىگە كىلە.
-ماقۇل ھازىرلا باراي.
ئۇ نەچچە مىنىۇتقا قالمايلا لادا ماشىندىن بىرنى ھەيدەپ يىتىپ كەلاى يا ئاللا بىزدەك باللارغا نىسبەتەن ئاشۇنداق ئەسكى لادا لارمۇ دەششەت ئاخسا بىلىنىدىغان چاغلار دە بۇ.ئۆز كۆڭلىمىزچە قاتتىق يوغان نەرسىمىز باردەك.مەن ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە پار تۇربىسىدىن سىرىلىپ چۈشتۈم قول ئېلىشىپ كۆرشۈپ ماشىنىسغا چىقتىم،
-كىمنىڭ ماشنىسى بۇ؟
-ئاكامنىڭ.
-مەن ھەيدەپ باقايمۇ؟
-ھەيدىيەلەمسەن؟
-دادامنىڭ 70تونىلىق سىتار ماشنىسىمۇ سەيدەپ باققان يەردە سىنىڭ بۇ چۈمۈلەڭ نىمە ئىدى.
مەن ئۇنىڭ ماشنىسىنى ھەيدەپ ئەمدىلا مەھەللىدىن ھەيدەپ چىىقىشىمغا دىيشىپ قويغاندەكلا شەرمى پىيادىلەر يولىدا كىلىۋاتمامدۇ ئۆزەمچە ماشىنىى توختۇتۇپ ئۇنىڭغا ماشىن دەرىزىسىدىن بېشىمنى چىقىرىپ گەپ قىلدىم.
-ھەي!نەگە ماڭدىڭ؟
-ۋۇي،قانداق ئەھۋال؟
-ياخشىغۇ ئۆزۈڭ چۇ؟
-كۆرۈپ تۇرۇپسەنغۇ...
-نەگە ماڭغانتىڭ؟
-ئاچامنىڭ ئۆيىگە .
-مەن ئاپىرىپ قويايمۇ؟
-ياقەي،بولدى ئۆزۈم مېڭىپ باراي.
-ۋاي چىقە!
-ياق بولدى خوش.
ئۇ شۇنداق دەپلا كىتىپ قالدى ئەمدى ھېندىستاننىڭ كىنولىرىدەك ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ناخشا ئېيتىپ ياكى يول بويى مۇشۇنداق ماشىن بىلەن قوغلاپ يۈرگىلى بولمايدۇدە.بىزمۇ مېڭىپ كەتتۇق.
-مەردان،شەرمى بولىدۇ ھە؟
-قانداق دەيسەن؟
-قانداق دىگەنلىكىمنى ئۆزۈڭ بىلەسەن.
-ماز گەپ قىلما ھە.
-ساز گەپلىرىم مازدەك ئاڭلىنىپ كىتىۋاتامدۇ؟
-ۋاي ۋۇي بولدى قىلە!
-ئەملىيەتتە سىنىپتىكى يېرىمدىن كۆپ ئوغۇللار ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ.
-كۆرسە كۆرمەمدۇ...ئاغزىمدا شۇنداق دىگىنىم بىلەن بىر يەرلىرىم ۋىيى ۋىيى بولۇپ كىتىۋاتاتتى، بۇنداق تۇيغۇنىڭ تۇنجى رەت مەندە يۈز بىرىشىمۇ مۇشۇ ئىدى.
-نىم بولدۇڭ جىمىپلا كەتتىڭغۇ؟
-ياقەي.
-سەنمۇ ياخشى كۆرسەڭ ئۇنىڭغا گىپىڭنى ئېنىق قىل ئىش قىلىپ باشقىلار تارتىپ كەتمىسۇىن يىنە!ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۇنىڭ بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرتسەن ،تەتىلدىن كىيىنمۇ ئورنىمىزنى تەڭشىمىسە يىنە شۇنداق ئولتۇردىغان گەپ،مۇشۇ ئەۋزەللىكنى چىڭ تۇت ئاداش.
-ياقەي ..مەن ئۇنى ياخشى كۆرمىسەم نەدىكى گەپلەرنى قىلمىغىنە...
بىز ئاشۇنداق پاراڭلار بىلەن ئوينىغىلى باردىغان يېزىمىزغىمۇ چىقىپ بولدۇق ،ئۆستەڭدە تازا يۇيۇنۇپ راسا ئويناپ 5:30ئۆتكەندە ئۆيگگە كىپ بولدۇق.مەن ئۇنىڭ ئۈگىتىشى بويىچە سىرىلىپ چۈشكەن يىرىمدىن يامىشىپ چىقىپ كەتتىم.ئاپام كەچتە مىنىڭ تازا تولۇق يازمىغىنلىقىمغا بىزە رەنجىدى.شۇنىڭدىن كىيىن چۈشتىن ئاۋال راسا يىزىپ چۈشتىن كىيىنلىك ۋەزىپەمنىمۇ ئورۇنلاپ چۈشتىن كىيىن شۇ ئادىتىم بويىچە ئوينىغىلى چىقىدىغان بولدۇم،بۇ بەخىتنىڭ ئىچىگە شۇملۇق يوشۇرۇنغانلىقىنى كىمم بىلگەن دەيسىز.2000-7-28جۈمە  بىز يىنە قايدىمىز بويىچە ئوينىغىلى باردۇق بىز بىلەن بىرگگە بارغان ئىلھام سۇغا بېشىچىلاپ سەكرىگەن پېتىلا قايتىپ چىقمىدى،بىز تىېىخخى ئۇنى بىزگە چاقچاق قىلىۋاتقان بولسا كىرەك دەپ سۇ بويىدا تۇرىۋىرىپتۇق،ساق 10مىنىۇتلاردىن كىيىن سۇنىڭ يۈزىگە قان لەيلەشكە باشلىدى.
-ئەركىن سۇغا قارا سۇغا!
-نىم بولدى؟
-قارا قان قان!قان لەيلەپ چىقىۋاتىدۇ!
بەختىيار ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ئەركىن لا ئولتۇرۇپ قالدى بەلكىم ئۇنىڭ پۇت قولىدا جان قالمىغاندۇ.
-قانداق قىلىمىز؟
-ئەركن سەن دەپ باقە ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
-سۇغا چۈشۈپ ئۇنى ئىزلەيلى.
-مەن چۈشمەيمەن!
-نىمىشقا چۈشمەيسەن؟
-قورقىمەن!
-سەنمۇ ئوغۇل بالىمۇ؟
-ئىش قىلىپ نىمىلا دىسەڭ دە مەن چۈشمەيمەن.
بىز چۈشىمىز چۈشىمىز دىيىشىپ يىنىلا ھېچ قايسىمىز چۈشۈشكە جۈرەت قىلالمىدۇق.
ئەركىن ئىككىمىز ماشىنى ھەيدەپ بەختىيار ئۆستەڭگە قاراپ قېپ قالدى مەن ماشىندىن مەھەللىگە كىلىپلا چۈشۈپ قېلىپ بۇرۇنقى جايىمدىن يامىشىپ چىقىپ كەتتىم ئەركىن چوڭلارنى چاقىرىپ ئاپپارغىلى كەتتى.كەچتە ئاپام قايتىپ كىردى.
-چىرايىڭڭىز تاتىرىپ كىتىپتىغۇ؟
-ئۇنداق ئەمەسقۇ.
-بەلكىم ماڭا شۇنداق كۆرنىۋاتقاندۇ، ھە يازغان تاپشۇرۇقلىرىڭڭىزنى ئەپ چىقىپ .
-مانا.
-كۈندىن كۈنگە خەتنى چىرايلىق يازدىغان بولۇپ كىتىۋاتىسىز جۇمۇ..بىزنىڭ ئىشىك ئەنسىز چىلىكلدى..مەن بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم.
-ئاپاڭ بارمۇ بالام؟
-با..
-ۋاي تىز بولسىلا مىكەرەمنىڭ ئوغلى تۈگەپ قاپتۇ تىز بولسىلا ھازىرلا ماڭايلى دوختۇرخاندىكەن.
-ۋاي خۇدايىمەي...نىم بوپ تۈگەپتۇ؟
-سۇغا چۈشكىلى بېرىپتىكەن سۇغا چۈشكەندە بېشى ئىككى ئاچا تاشنىڭ ئارسىغا كىرىپ قېلىپ تۈگەپ قاپتىمىش خوتۇنلار شۇنداق دىيشىېاتىدۇ..
-مانا مانا ھازىرلا چىقاي.
ئاپام كىيىم ئىشگاۋىدىن قارا نىپىز باش ياغلىىنى سالغانچىدىن چىقىپ كەتتى،ئىشىكتىن چىقىپ بولۇپ يىنە كەينىگە يېنىپ قايتىپ كىرىدى.
-مەردان!تىز بولۇڭ سىزمۇ بېشىڭڭىزغا دوپپا كىيىپ بىز بىلەن بىللە چىقىڭ.
-مەن چىقمايمەن.
-نىمىشقا؟!ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر ئىش بولامدۇ؟!سىلەر بىللە ئوقۇيسىلەغۇ دەيمەن؟تىز بولۇڭ تىز!
-ياق مەن چىقمايمەن..ئاپام نىمىلا دىمىسۇن مەن قەتتى چىققىلى ئۇنىمىدىم.
ئاپام شۇنداق كەچ قايتىپ كىردى.
-مەردان!قېنى سەن؟!
-نىم بولدى مەن ياتاق ئۆيۈمدىن چىقتىم.
-ۋۇ بېشىمغا بالا جېنىمغا جازا شوۋىچى!سەنمۇ باركەنسەنغۇ سۇ ئۈزگىلى بارغان يەردە؟!
-ياق مەن يوق!
ئاپام شاپىلىقىمغا چاڭڭىدە بىرنى سالدى.
-نىمىگە ئادەم ئۇرسىز؟!چوپ چوڭ بوپ قالغاندىمۇ ئۇرامسىز؟!!!
-نىمىشقا مۇشۇنداق كەپسىزلىك قىلىسە؟!
-نىمىشقا جىناياتچىدەك ماڭا ئازراقمۇ ئەركىنلىك بەرمەيسىز؟!بۇنداق ئۆيدىن تۈرمە ياخشى!بولدى مەن چىقىپ كىتىمەن بۇ ئۆيدىن!
مەن ئايقىمنى كىيمەكچى بولۇپ ئېڭىغشىشىمغا ئاپام بىلىكىمگە ئېسلىۋالدى.
-نەگە بارسەن!
-نىم كارىڭڭىز!ھايۋانما مەن! نىمانداق چوڭ كىچىك دىمەي ئۇرىۋىرىسىز؟!ھېلىمۇ كۆپ چىدىدىم مەن!!!!!!!!
-بولدى سىنى ئۇرماي! بولدى قىل دەۋاتىمان ئايقىڭنى كىيمە!نىمانداق قىلىسەن مەردان!ئايقىڭنى كىيمە دەيمەن!
-مىنى تۇلا ئۇرىۋەرمەڭ! بىلدىڭڭىزمۇ!!!!!!!!!ئەمدى ئۇرۇپ بېقىڭڭە ئۆلسەممۇ تۇرمايمەن بۇندا ئۆيدە!
مەن ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئىشىگىنى زەردە بىلەن يېپىپ كىرىپ كەتتىم ئاپام ئەتىسى ئەتىگەن ئىشىكنىمۇ تاقىمىدى مىنىڭ ئۆزى تارتىۋالغان ئۆينىڭ ئاچقۇچىنىمۇ قايتۇرۇپ بەردى.
-بۈگۈندىن باشلاپ نىمىش قىلسىڭڭىز قىلىڭ ئەمما خەخ نى ئۇرۇپ قويماڭ!ئەمدى 2-گاز تۇربىسىدىن چىقىپ چۈشمەڭ!سىز ھاياتلا بولسىڭڭىز بولدى شۇ...ئاپامنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كىتىپتۇ بەلكىم كىچىچە يىغلىغاندۇ..
-2000يىلى7-ئاينىڭ29شەنبە ئاپام بۈگۈن 24سائات ئىشلەيدىكەن مەن ئازاتلىققا ئىرىشىپ ئۆيدە قالدىم،8:30لار ئۆتكەندە تىلفۇن كەلدى
-ۋەي.
-مەردان بارمۇ؟
-ھە مەن.
-مەن شەرمى
-ھە..ۋۇي قانداق ئەھۋال؟
-ياخشى ئۆزۈڭچۇ؟
-ياخشى.
-تۈنۈگۈن ئىلھام بىلەن سەنمۇ بارغانمىدىڭ؟
-ھەئە...
-مەن ئاڭلاپ بەك قورقۇپ كەتتىم سىنىمۇ بىرەر نەرسە بولدىمىكەن دەپ.
-ياقەي ئەسكىگە ئۆلۈم يوق دەپ مەندەك ئادەمگە نەدىكى ئۆلۈمكەن ئۇ.
-ئۇنداق دىمە خۇدايىم ساقلاپتۇ سىنى
-ئەملىيەتتە ئالدىنقى قېتىملاردا بىزمۇ بېشىمىزچە سەكرىگەن بىزنىڭ بېشىمىز ھېچنىمە بولمىغان توۋا...
-ئەجەل دىگەن شۇنداق نەرسە، رىسقى توشۇپ قالسا ئامال يوق دە،خۇدايىم ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن.
-ئىم ياتقان يىرىنى جەنەت قىلسۇن..
-بۈگۈن بارامسە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە؟
-بارايمىكىن.سەنچۇ؟
-بارىمەن بىزنىڭ سىنىپتىكى يۇرۇتلىرىغا كەتمىگەن قىزلارنىڭ ھەممىسىلا بارىمىز سىلەرچۇ؟
-ئەمسە ئوغۇللارغا مەن خەۋەر قىلاي نەدە كۆرشىمىز؟
-سەن دىگىنىە
-ئەمسە سىلەرنىڭ مەھەللىنىڭ ئالدىدىكى گۈلۈكتە كۆرشەيلىمۇ؟
-بولىدۇ
-يېرىم سائەتتىن كىيىن شۇ يەرگە يىغىلايلى ھە
-بولدۇ خوش
-خوش،ھەراس تىلفۇن نۇمۇرۇىڭنى دەپ بىرە
-تىلفۇنۇڭلارغا چىقمىدىما؟
-بىزنىڭ ئۆيدىكى تىلفۇننىڭ ئۇ سىستىمىسىنى ئاچتۇرمىغان.
-ھە بولىدۇ
-تۇرۇپ تۇر قەلەم تېپىۋالاي
-ھە
مەن يۈگىرەپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ قەلەم ئېپ چىقتىم
-ھە دىگىنە
-@#$%^&*
-ھە بولدى
-خوش
-خوش
شۇ كۈنى بىز ئىلھاملار ئۆيىدە بىركۈن كەچكىچە تۇرۇشتۇق،ئەتىسى چۈشتىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم
-قانداق ئەھۋال؟
-ياخشى ئۆزۈڭ چۇ؟
-ياخشى.
-ھە تىلفۇن قىلىپ قاپسەنغۇ؟
-شۇ سىنى نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ دەپ چۇ.
-ئۆيدە تىلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرغان شۇ
-ھە...
-گەپ قىلە
-ياق سەن گەپ قىلىپ بەر
-ساراڭمۇ سەن؟!
-نىم دىيشىمنى بىلمەيدىكەنمەن شۇ شۇڭا سەن گەپ قىلىپ بىرە
-بەك غەلىتە جۇمۇ سەن مەردان مەن نىمە دەپ بىرىمەن ساڭا؟بولدى خوش.
-خوش
شۇكۈنى كەچتە مەن مەھەلىدىكى دوستۇم بىلەن 4-رايۇنغا بىر دوستۇمىزنىڭ ئۆيىگە گىتتار چېلىشىپ كىلىمىز دەپ باردۇق.بىز كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىغاندا ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئۇزاپ چىقتۇق مەن دوستۇمنىڭ ۋېلسىپىتىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرۇپ نەچچە مىتىر ماڭمايلا دۆڭدىن چۈشىدىغان يەرگە كەلگەندە مەن سەكرەپلا چۈشىۋالدىم شۇنداق سەكرەپ چۈشۈپ ئۇدۇلۇمغا قارشىمغا شەرمى ئولتۇرمامۇ ئورۇندۇقتا ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن شۇنداق جىدىيلىشپ كەتتم،كۆزلىرىمىز شۇنداق تىز ئۇچراشتى ئەمما شۇنداق تىز كۆزۈڭنى مەندىن قاچۇردۇڭكى مەن كۆزلۈرۈمنى سىنىڭدىن قاچۇرۇش ئەمەس باشقا يەرگە قاراشقىمۇ ئىلاجسىز ئىدىم.ئەمما دوستۇم مىنى چاقىردى
-مەردان!چىقە كىتىمىز
مەن بوينۇمدىن باغلىغاندەك ئۇنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتىم.سەن شۇ كۈنى تۇغۇلغان كۈنىڭدە كىيىۋالغان قىزىل كۆينىكىڭنى ياڭزىلىق ئايىقىڭنى كىيىۋالغان ئىدىڭ،توۋا ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئادىمىنىڭ ھەممىلا يىرىگە شۇنچە تىز ئەمما شۇنچە ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە بىردەمنىڭ ئىچىدىمۇ قاراپ بولالىسا كىرەك.
ۋېلسىپىتنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپمۇ تۇرۇپ تۇرۇپلا سەن تەرەپكە قارايتىم ،ئارلىقىمىز يىراقلاشقانسىرى بۇ تۇرۇپ تۇرۇپقاراشلار تىكىلىپ ، تەلمۈرۈپ، ئىنتىلىپ تۇرۇپ قاراشلارغا ئالماشتى مەن تاكى سەن بىر تال كىچىك قىزىل چىكىتكە ئايلىنىپ كۆرۈشۈم قىيىنلاشقانغا قەدەر سەندىن كۆزۈمنى ئۈزەلمىدىم،شۇ كىچىسى سىنى چۈشەپلا چىقتىم،ئەتىسى ساڭا قوپۇپلا تىلفۇن قىلماقچى ئىدىم ئەمما مۇۋاپىق باھانە تاپالمىدىم،ئۇياق ئويلا بۇياق ئويلا ئامالمۇ تىپىلدى.سەندىن تەتىل تاپشۇرقۇڭنى سوراي،شۇنداق قىلاي شۇنداق قىلساملا سىنى كۆرەلەيمەن ، قايتۇرۇپ بەرگىچە يىنە بىر قېىم كۆرىۋالالايمەن مەن سىنىڭ نۇمۇرىڭنى باستىم
-ۋەي
-شەرمى بارمۇ؟
-مەن شۇ
ئەملىيەتتە سەن تىلفۇننى ئالغاندىلا سىنىڭ ئاۋازىڭنى تونۇپ بولالىغان بولساممۇ بىر ئېغىز بولسىمۇ ئارتۇقراق گىپىڭنى ئاڭلىۋىلىش مەقسىتىدە قەستىەن شۇنداق قىلغان ئىدىم.
-مەن مەردان
-ھە بىلدىم نۇمۇرۇڭ چىقتى
-نۇمۇرۇمغا قاراپ كىملىكىمنى بىلمىسەڭ بىلەلمەمتىڭ؟ قارغاندا تىلفۇن قىلىدىغان ئوغۇللار كۆپئوخشىمامدۇ؟
-يوقىلە ساراڭ...ھە نىمىگە تىلفۇن قىلغان؟
-تەتىل تاپشۇرقىڭنى بىىپ تۇرە
-قايسىنى؟
-ھەممىسىنى
-ھە؟
-شۇ ھەممىسىنى
-سەن بىرسىنىمۇ ئىشلىمىدىڭما ؟
-خەنزۇچىنىڭكىنى ئىشلەپ بولدۇم،قالغانلىرى شۇ پېتى
-ئەمسە سەن ماڭا ئىشلەپ بولغىنىڭنى بىرىپ تۇر
-ھە ماقۇل
-قانداق بىرىمەن ساڭا؟
-چۈشتىن كىيىن مەھەلەڭگە بارايمۇ؟
-مەيلى
-بولىدۇ ئەمسە
-ئىم خوش
-ھەي شەرمى تۇرۇپ تۇرە
-ھە نىمە؟
-نىمە ئىش قىلىۋاقتان ئىدىڭ؟
-چۈشتە لەغمەن ئىتەتتۇق شۇنىڭغا تەييارلىق قىلىۋاتقان نىم بولدى؟
-ھېچ نىمە سوراپ باقتىم شۇ
-ھە بولدۇ ئەمسە چۈشتىن كىيىن كۆرشەيلى
-خوش
-خوش
چۈشتىن كىيىن بولغىچە كىيىم ئىشگاۋىمدىن بارى يوقى 3قۇر كىيمىمنىڭ ھەمىسىنى ئېلىپ ئۆرۈپ چۆرۈپ كىيىپ ئاپامنىڭ ياتاق ئۆيىدىكى تام ئەينىگىدە ئۆزۈمگە نەچچە قاراپ باھا بىرىپ چىقتىم.چۈشتىن كىيىنمۇ بولدى مەن مەھەللىدىكى ماگزىندىن ساڭا ئاتاپ 3تال كۆك قاپلىق سېغىز ،ئۆزۈم ياقتۇردىغان جىڭدى شاكىلاتىدىن 2تال سېىۋالدىم.مەھەللەڭگە بېرىپ ئاممىۋى تىلفۇندىن ساڭا تىلفۇن قىلدىم
-ۋەي
-مەن كەلدىم
-ھە ئۆيگىلا كىرە بولمىسا مەن سىنىڭ كىلىشىڭ ئىسىمدە يوق كىر يۇيۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.
بۇ گىپىڭ نېرۋامغىلا تەگدى.قارا ماۋۇ بىرنىمىنى مەن ياسىنىپ تارنىپ ھالىم قالمىسام بۇنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ قويماپتىنا،شۇنداقتىمۇ سىنىڭ ئۆيۈڭگە تەكلىپ قىلغىنىڭدىن خۇشال ئىدىم
-ئۆيۈڭ قانچىنچى كۇرپۇس قانچىنچى زال قانچىنچى قەۋەت قانچىنچى ئۆي؟سەن ماڭا دەپ بەردىڭ.مەن تىلفۇننى قويۋىتىپ ھېچ خاتاسىزلا ئىشىگىڭنىڭ قوڭغۇرقىنى باستىم،سەن ئىشىكنى ئېچىپ بولىغىچە ئىشەنسەڭ پۈتۈن ئەزايىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى.سەن ئىشىكنى ئېچىپلا مىنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدىڭ ئۆيۈڭ بەكمۇ پەيزە بىزەلگەن ھەم تولىمۇ پاكىز ئىكەن،مەن سەل قورۇنۇپراق ئارقاڭدىن ئەگىشىپ ياتاق ئۆيۈڭگىلا كىردىم .كارۋىتىڭدا ئولتۇردۇم سەن ماڭا يىنە فېيچاڭ پىڭگو ئەكىدىڭ مەن يانچۇقۇمدىن ساڭا ئەكەلگەن نەرسىلەرنى ئېلىپ بەردىم
-رەھمەت
-ئەرزىمەيدۇ
-مانا بۇلار سەن دىىگەن تاپشۇرۇقلار قېنى سىنىڭ تاپشۇرقۇڭ؟
شۇندىلا ئۆزەمنى ياساپ جابدۇيمەن دەپ تاپشۇرۇقنى ئۇنتۇلغىنىم يادىمغا كەلدى شۇنداقتىمۇ ساڭا ئۇنداق دىگقلى بوللاتىمۇ
-ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ،مەن ھازىرلا ئەكەپ بىرەي
-بولدى بولدى كىىن ئەكىلەسە
مەن قولۇڭدىن تاپشۇرۇقلارنى ئالدىم كۆزۈمنىڭ قۇيرقىدا كىتاپ ئىشگاۋىڭنىڭ يېنىدىكى ئۈستەل نىڭ ئالدىدا ئورۇندۇقۇڭغا يۆلىنىپ ئولتۇرغان ساڭا قارايتىم،سەن ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرگىدەك ئوماق ھەم شۇنچىكى چىرايلىق ئىدىڭ،ئەركىنىڭ دىگنى ھەققىقەتەنمۇ راسكەن جۇمۇ،نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان سەن بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرۇپمۇ قارىماي ،قارساممۇ سىنىڭ بۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىكىڭنى ھېس قىلماي يۈرگىنىمنى كۆرمەمدىغان....
-شەرمى،سەن ماڭا بەك ئۆچمۇ؟
-ياق
-ئەمسە نەمىشقا مىنى ئۇرسەن؟
-ساڭا بۇرۇن بەك ئۆچتىم
-نىمىشقا؟
-ئىسىڭدە يوقما؟
-نىمىنى دەيسەن ؟
-سەن باشلانغۇچتىكى ۋاقتىڭدا مىنىڭ ۋەلسىپىتىمنى تىپىپ ئۆرىۋەتكىەن مىنىمۇ يىقىتىۋەتكەن
-ماڭە..ئۇنداق قىلمىغاندىمەن؟
-ۋېلسىپىتىڭڭىزنىڭ چاقى يەرگە تىگىپ قاپتۇ دەپ ئەخمەق قىلغىنىڭ ئىسىڭدە يوقما؟
-ھاھاھاھاھاھ...شۇ سەنمىدىڭ؟
-مەن بولماي ئەمسە؟
-ھاھاھاھاھ....توۋا مەن ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كىتىپتىكەنمەن
-شۇ ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئازاۋىنى ئازاپ سالغۇچىسنى ئۇنتۇپ كىتەلمىگىنى بىلەن ئازاپ سالغۇچى ئۇنتۇپ كىتىدىغان گەپ
-خاپۇما...ھاھاھاھا
-ماڭە ۋە ساراڭ نەچچە يىللار بولۇپ كەتكەن ئىشقا ئەمدى خاپۇما دەمسەن؟
-شۇ ئىشلارنى ئۇتۇپ كىتەلمەي شاپىلاق سالغان تۇرساڭ ھازىر بولسىمۇ خاپۇما دىمىسەم پىچاقمۇ تىقىۋەتمە يىنە ئاچچىقىڭ چىقماي
-مەن سەن ئەمەس پىچاق تىقىشتا داڭ چىقارغان
مەن جىمىپ قالدىم
بىز بىردەم ئۇنىڭدىن بۇنىڭدى پاراڭلىشىپ مەن قايتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم
-خوش مەن كىتەي
-ئىم خوش
-شەرمى،ئەتە چۈشتىن كىيىن ۋاقتىڭ بارمۇ؟
-قانداق دەيسەن؟
-ساڭا دەيدىغان گەپ باتتى
-ھازىرلا دىسەڭ بولمامدۇ؟
-بەك ئۇزۇن گەپ
-ھە بولىدۇ مەن ئىشلىرىم تۈگىگەندە ساڭا تىلفۇن قىلاي
-بولىدۇ،
-ھەراس ماۋۇ كەمپۈتلەرنى يىگەچ كەت بۇنى چوڭ ئاپام ھەرەمدىن ئالغاچ كەلگەن
سەن ماڭا بىرسىقىم كەمپۈت بەردىڭ مەن كەمپۈتلەرنى قولۇڭدىن ئېلىۋاتقاندا بۇرنۇمدىن ئۆزىچىلا قان ئېقىپ كەتتى قان ھېچ خاتاسىزلا سىنىڭ قولۇڭغا تېمىدى،سەن ماڭا بىرمۇنچە قەغەز ئەپ چىقىپ بەردىڭ مەن بۇرنۇمغا قەغەزلەرنى تۇتقانچىدىن ئۆيۈڭدىن چىقتىم، ئۆيۈڭدىن چىقىپ بولغىچىمۇ نەچچە تامچە قان يەردىكى سىجۈەن نىڭ ئۈستىگە تېمىپ كەتتى قىزىق ئىش مەن سىلەرنىڭ ئۆيدىن چىقىپلا قانمۇ توختىدى مەن كەتتىم ئەتىسى چۈشتىن كىيىن سەن ماڭا تىلفۇن قىلدىڭ بىز سىنىڭ مەھەللەڭنىڭ ئارقىسىدىكى دەرەخلىقتە كۆرشىدىغانغا كىلىشتۇق،سەن پەي توپچى قىزلار كىيىدىغان ئاپپاق يوپكا كوپتا كىيۋالغان ئىدىڭ چېچىڭنى بىرلا بوغۇپسەن سەن نىمىدىگەن چىرايلىق ھە... مەن ساڭا يىنە 3تال كۆك قاپلىق سېغىز ،ئۆزۈم ياقتۇردىغان جىڭدى شاكىلاتىدىن 2تال سېىۋالغان ئىدىم تېخى سىنىڭ ئالدىڭدا بىرخىل ئاخسا تەسىر قالدۇرۇش ئۈچۈن بىرقاپ تاماكىمۇ ئېلىپ يانچۇقىمغا سېلىۋالغان ئىدىم، بىز ئەشۇ دەرەخلىق يولدا  يانمۇ يان مېڭىشتۇق بىر ئۇزۇنغىچە جىمجىت ماڭغاندىن كىيىن مەن جىمجىتلىقنى بۇزدۇم
-شەرمى،مەن سىنى بەك ياختۇرىمەن
ئەسلىدە باشقا گەپنى قىلماقچى ئىدىم ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن بۇ گەپ غايىپتىن چىققاندەكلا شۇنداق تۇيۇقسىز رەۋىشتە ئاغزىمدىن چىقىپ كەتتى سەن ئۈندىمىدىڭ كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا ساڭا قاردىم يۈزۈڭ قىزىرىپ كىتىپتۇ ئاق پىشماق ئادەم قىزارسا ئەجەپ ئاسان بىلنىشىپ قالىدىكەن دىسە.مەن يانچۇقۇمدىن تاماكىنى ئېلىپ تۇتاشتۇرۇپ كۈچەپ شوردۇم ئەمما شۇنداق سەت ئىش بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم تاماكا چىكىشىم بولغاچقا شۇنداق سەت يۆتىلىپ قېقىلىپ كەتتىم ،سەندىن بەك بەك خىجىل بولدۇم!نەچچە كۈن ئىلگىرىلا مەشىق قىلغان بولسام مۇشۇنداقمۇ بولماستىم ھەي...
-مىنى كۆزگە ئىلمايۋاتامسە؟
-ياق....مەن قېقىلىپ يۆتىلىپ ئاران گەپ قىلالىدىم
-نىمە مىنىڭ ئالدىمدا تاماكا چىكىپ يۆتىلىپ قېقىلىپ يۈرىيسە؟!
ئۆلمىدىم ئۆلگىدەك بوپ كەتتىم،ئەگەر ئۆلۈپ يىنە تىرىلگىلى بولغان بولسا شۇ كۈنى شۇ ۋاقىتتا ئۆلىۋىلىپ سەن كەتكەندىن كىيىن قايتا تىرىلىۋالغان بولاتتىم.
-مەن كەتتىم
سەن شۇنداق دەپلا كەينىڭگە ئۆرۈلدىڭ
مەن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم يە ساڭا ئېسلۋىلىشنىڭ ئورنى يوق ...مەن تاكى سىنىڭ قاراڭ تۈتكىچە ساڭا قاراپ تۇردۇم بەختىمگە يارشا ئارقاڭغا بىر قاراپ قويغان بولساڭچۇ كاشكى.بىز نەچچە كۈنگىچە تىلفۇنلاشمىدۇق.دەل 9كۈن بولغاندا سەن ماڭا تىلفۇن قىلدىڭ تاپشۇرۇقلىرىمنى كۆچۈرۈپ بولغان بولساڭ ئەكىلىپ بەر دەپ.مەن سەن بىلەن شۇ كۈنى كەچتە بىز ئالدىنقى قېتىم كۆرۈشكەن جايدا كۆرشۈپ تاپشۇرۇقلىرىڭنى بىرىدىغان بولدۇم.بىز سائەت 7گە دىيىشتۇق مەن بارغاندا سەن چىقىپ بولغان ئىدىڭ،مىنى نىمە بولسۇن دەيدىغانسەن سەن بۈگۈن شۇنداق ياراشتۇرۇپ ئاق چىكىتلىك قىزىل كۆينەك كىيۋاپسە چېچىڭنى تۈگىۋاپسە،كۆزۈڭگە سۇسقىنە لاك تارتىپسە،سەن قولۇمدىن تاپشۇرۇقلارنى ئېلىپلا كەينىڭگە يانماقچى بولدۇڭ
-شەرمى!
-نىمە؟
-مىنىڭ ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم بار بىردەم ۋاقىت چىقارغىن
-ياق مىنىڭ ۋاقتىم يوق
-بۇنداق قىلما!پەقەت 10مىنۇتتىلا تۈگەيدۇ
-ھە بولىدۇ ئەمسە مۇشۇ يەردىلا دە
-بىزە ماڭايلى بولامدۇ؟
سەن ئۈندىمەستىن ئۇدۇلغا قاراپ مېڭىپ كەتتىڭ گويا يېنىڭدا ھېچكىم يوقتەك،مەن تىزلىك بىلەن ساڭا يىتىشىۋالدىم
-شەرمى مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن!مىنى بۇنداق قىينىما ماقۇلمۇ؟!
سەن شاققىدە ماڭا قاردىڭ
-گىپىڭ تۈگىدىمۇ؟
-تۈگىدى
-خوش
-كەتمىگىنە!مەن سىنىڭ قولۇڭنى تۇتىۋالدىم سەن شۇنداق ھۇدۇقۇپ كەتتىڭ قولۇڭنى سىلكىپلا قولۇمدىن ئاجىراتىڭ
-نىمە قىلغىنىڭ بۇ؟!
-سىنى...چاڭڭىدە بىر شاپىلىق سېلىۋىتتىڭ دە ئۆرۈلۈپلا كەينىڭگە ياندىڭ.مەن كەينىڭدىن بېرىپ قولۇڭنى تۇتىۋالدىم سىنى ئارقاڭغا شۇنداق تىز ئۆرۈپ ئۆزۈمگە قاراتتىم سەن مىتىكۇس كىتىپ مۈرەمگە بېشىڭ تىگىپ كەتتى شۇ ئارلىقتا مىنىڭ لىۋىم يۈزۈڭگە سۆيۈپ ئۈلگۈردى،مەن شۇ دەملەردە ئۆزۈمنڭ نەدە تۇرۋاتقىنىمنى نىمەقىلۋاتقانلىقىمنى بىلمەيتىم ھەم بىلگۈدەك سەزگۈمنىمۇ يوقاتقان ئىدىم.
-نىم قىلىۋاتىسەن ئىشەك؟!
-سىنى ياخشى چاڭڭىدە يىنە بىرنى سالدىڭ
-ھايۋان!
سەن شۇنداق دەپلا يىغلىغانچىدىن يۈگۈرۈپ كىتىپ قالدىڭ يۈزۈم ھەرە چېقىۋالغاندەك ئېچىشىپ تۇرسىمۇ ئەمما سىنىڭ ئارقاڭدىن قاراپ يۈزۈمنى سىلىغانچە تۇرۇپ كەتتىم 9كۈن بۇرۇن ئېلىپ شۇ كۈنى بىر تال چىكىشكە ئۈلگۈرگەن تاماكامنى چىقىرىپ كۈچەپ كۈچەپ شورىدۇم ئەمدى يۆتەلمىدىم ياككى ئۆپكەمگە كىتىپ كۆزۈمدىن ياش چىقمىدى ياكى شۇ بىرقاپ تاماكا تۈگەپ كەتكىچە چەكتىم،ئەتىسى ئەركىن يىنە ھېلىقى لادا ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەپتۇ بىز ئىككىمىز بارغان يەرگە بېرىپ شۇ يەرنىڭ ئەڭ چېتىدىكى ئېرىقنىڭ بويىدا ئولتۇردۇق،ئەركىندىن ماشىنىنى ئېلىپ ماگزىندىن تاماكا 2بوتۇلكا پىۋە ئەكەلدىم
-ۋاھ چىكىشىڭ خۇڭ تاشەن دىگىنە ..تىتىتىتى باينىڭ بالسى دىگەن باينىڭ بالسىدە....
مەن ئەركىن گە گەپمۇ قىلمايلا بىر بوتۇلكا پىۋىنى غۇرتۇلدۇتۇپ ئىچىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم
-نىم بولدى ساڭا؟
-ئاداش مەن شەرمىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم..
-مەن بۇرۇنلا بىلگەن....
-ياق ئاداش بۇرۇن ئەمەس مۇشۇ نەچچە كۈندىن بېرىلا شۇنداق ياخشى كۆرۈپ كىتىۋاتىمەن ...تۈنۈگۈن مەن ئۇنى بۇ يەرگە ئەپ كەلگەن مەن ئۇنىڭ يۈزىگە سۆيۋالدىم.
-ياشاپ كەت بالاڭزا چەيدۇ ياشاپ كەت!ئۇياقتىن ياخشى كۆرۈپ بۇياقتىن ئېسىلىشتۇرۇپ سۆرەشتۈرۈپ يۈردۈڭ دىگىنە.
-ياق لىۋىم شۇنداقلا تىگىپ كەتتى ئۇ مىنى شاپلاق بىلەن بىرنى سەپ يىغلىغانچىدىن كىتىپ قالدى.
-سەنمۇ نىمانداق ئوتانچىدەك...ئۇياقتىن ئەپ چىقىپ بۇياقتىن تىككەتتى دەپ سۆيۈپ يالاپ يۈرىسە؟
-مەن دىدىمغۇ سۆيىمەن دەپ سۆيمىدىم...
-مۇنداق دە ئەمسە سۆيمەيمەن دەپ سۆيۈپسەندە.
-ۋاي بولدىلا ساڭا گەپ چۈشەندۈرگىلى بولمىغىدەك....
-مەردان ئۇنى راسلا ياخشى كۆرسەڭ ئۇنى ئىزدە
-ياق
-شاپىلاق يىيىشتىن قوتقامسە؟
-ياق
-ئۇنى چوڭاراق ئىش قىلىپ قويارمەنمۇ دەپ مۇ؟
-ماڭە ۋە ساراڭ نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسەن!مەن قىزبالنى جايلاپ سۆيۈشنىمۇ بىلمىسەم باشقا قانداق ئىشنى قىلالايتىم.
-نىم دەيدىغاندۇ ماۋۇ.ھەي سەن مۇشۇ كەمگىچە بىرەر قىزبالنىڭ ئاغزىغا سۆيۈپمۇ باقمىغانما؟
-ياق
-ۋاھ يۈزى ئېچىلمىغان كىچىك بالىكەنسەن جۇمۇ...
-قانداق دەيسەن؟
-ھەي ساراڭ!قىز بالنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ لىۋىنى شوراشنىمۇ بىلمەمسە؟!
-ماڭە ۋە!كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇرماي!
-ھاھاھاھاھاھ....دەششەت كىچىك دە سەن مەردان.بىز ئەنە شۇنداق پاراڭلىشىپ كەچ كىرىپ يۇلتۇزلار جىمىرلاشقاندا قايتىشتۇق نىمىشقىكىن سىنىڭ ئۆيۈڭنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدۇق دەرىزەڭگە قارىدم دەرىزەڭ قىيا ئوچۇق پەردەڭ چۈشۈرۈلگەن ياتاق ئۆيۈڭنىڭ چىرىقى يېنىق،سەن ياتاق ئۆيۈڭدە نىمىلەرنى قىلىپ ئولتۇردىغانسەن ھە....
نەچچە كۈندىن كىيىن سەن ماڭا تىلفۇن قىلدىڭ.
-ۋەي
-قانداق ئەھۋال؟
سىنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلىغان شۇ مىنۇتلاردىكى ھاياجىنىمنى نىمىلەر بىلەن ئىپادىلەپ نىمىلەر بىلەن تەسۋىرلىسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ
-قانداق ئەھۋال؟ماڭمۇ تىلفۇن قىلىدىكەنسەن ھە
-مەن كورلىغا باردىغان بولۇپ قالدىم داداملار بىلەن نەچچە كۈن ئويناپ كىلىمىز كەن مەن كەپ بولغىچە مەكتەپكە يىغىلىپ بولساق تاپشۇرۇقلىرىمنى بىرىپ قويارسەنمۇ؟
-بىرىپ قوياي..
-ئەمسە بىزنىڭ مەھەلىگە كەپ تاپشۇرۇقنى ئېلىۋالامسەن؟
-بولىدۇ ھازىر باراي،بولمىسا ھېلىقى دەرەخلىقتە كۆرشەيلىمۇ؟
-ياق!
-ھە مەيلى ئەمسە مەن ھازىرلا باراي ھە.
-ئىم خوش.
-خوش.
مەن باردىم سەن مىنى ساقلاپ تۇرغانكەنسەن مەن قولۇڭدىن تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئېلىپ سەن بىلەن بىردەم پاراڭلاشتىم ئۆزۈمىزمۇ بىلمىگەن ھالدا مېڭىپ مېڭىپ ھېلىقى دەرەخلىق يولغا كىلىپ قالدۇق،بىز ئۇنى بۇنى دىيىشىپ مېڭى ۋەردۇق ئاخىرى مەن ھېلىق كۈنى ئەركىن بىلەن كەلگەن ئېرىق بويغا كىلىپ ئولتۇردۇق يانچۇقىۇمدا بىر سو،لۇق تەڭگە پۇلدىن خېلىلا كۆپ بارئىدى سىنىڭ يىنىڭغا شۇنداق ئولتۇرشۇمغىلا نەچچە تال تەڭگە ئېرىقتىكى سۇغا چۈشۈپ كەتتى
-نىمە ئۇ يانچۇقۇڭدىن چۈشكەن؟
-تەڭگە پۇل
-سەن تەڭگە پۇل يىغمايدىغانسە؟
-ياق،سەن يىغامسە؟
-ئىم، مەندىمۇ بەك كۆپ
-ماۋۇلارنىمۇ ساڭا بىرەي ئالە سەن ساقلاپ قوي
-ياق
-ئالمىساڭ ھەممىنى سۇغا تاشلىۋىتىمەن
-ئىختىيارىڭ
مەن قولۇمدىكى تەڭگىلەرنى سۇغا تاشلىۋەتتىم
-ساراڭ!نىمانداق قىلىسەن؟!
-نىمىشقا ئالمايسەن؟ئالە مە ئەمدى ئالمىساڭ قالمايدۇ جۇمۇ
سەن ئالقىنىڭنى  ئاچتىڭ مەن ئالقىنىڭغا تەڭگىلەرنى سالدىم بىز بىردەم جىم بولۇپ قېلىشتۇق
-شەرمى بىز ئارلىشىپ باقايلىمۇ؟
-ياق!
-نىمىشقا ئويلىنىپمۇ باقماستىن ياق دەيسەن؟
-مەن ئويلىنىپ بولغان!
-مەن تەلەپ قويماستىلا ئويلاپ قويغانما تەلەپ قويۇپ قالسا ياق دەيمەن دەپ؟
-ماڭە ۋە ساراڭ..
-يا باشقا بىرىگە بىرىدىغان جاۋابىڭنى ماڭا دەپ سالدىڭمۇ؟
-نەدىكى گەپنى قىلمىغىنە
-ئەمسە نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟
-بۇ توغۇرلۇق دىيىشمەيلى چۇ
-مىنىڭ دىيىشكىم كەپلا تۇرۋاتىدۇ
-ئەمسە ئۆزۈڭ بىلەن ئۆزۈڭ دىيىش مەن كىتىمەن
-كەتسەڭ ئەمدى تۇتىۋالسام يۈز خاتىرە قىلمايمەن!
-ئۇرامسەن پىچاق تىقامسەن؟ سەن بەك نوچى تۇرساڭ قانداق قىلارمەن ھە ئۇرۇپ كەتسەڭ؟
-ياق ئۇرمايمەن سۆيىۋالىمەن!ئەمدى سۆيسەم لىۋىڭگە سۆيىۋالىمەن جۇمۇ.
-ماڭە ۋە قېلىن...
-نىپىزلىك قىلىپ ئىرىشەلمىگەن نەرسىگە قېلىنلق قىلىپ ئىرىشش كىرەك
-مەن قېلىن ئادەمگە بەك ئۆچ
-مەن نىپىز ئادەمگە بەك ئامراق
-نىم دىگىنىڭ بۇ؟
-سەن ماڭا ئۆچ بولغىنىڭ بىلەن مەن ساڭا ئامراق شۇ
-نىمىشقا مۇشۇ گەپنىلا دەيسەن؟
-ئەمسە قانداق گەپ ئاڭلىغىڭ بار؟
-مىنىڭ قايۇتقۇم بار
-مەيلى ئەمسە يۈرە سىنى ئاپىرىپ قوياي ئەسلى ساڭا يىنە بىردەم ئولتۇرە دەپ يىلىنماقچىمۇ ئىدىم ئەمما ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن نىمىشقا بۇنداق دەپ سالغىنىمنى بىز ماڭدۇق مەن سىنى مەھەلىەڭگە قەرىلدىغان دوقمۇشقىچە ئەكەپ قويۇپ قايتىپ كەتتىم كىتىۋىتىپ ئارقىمغا شۇنداق قاردىم ئەمما سەن قاراپمۇ قويدىغاندەك ئەمەس ئىدىڭ.2000-8-28دۈشەنبە مەن ئۆيدە تىلۋۇزۇر كۆرۋاتاتتىم تىلفۇن كەلدى
-ۋەي
-قانداق ئەھۋالىڭ؟
-ئۆزۈڭنىڭ چۇ؟باركەنسە ھە؟
-ياخشىغۇ
-نىمانداق ئۇزاق يوقاپ كىتىسەن تىلفۇنمۇ قىلپ قويمىدۇڭ ھە
-مانا قىلدىمغۇ
-قىلمىساڭ بولمامدۇ
-بولدۇ ئەمسە خوش
-ھەي ھەي....
سەن تىلفۇننىن قويۋەتتىڭ ،نىمىشقىمۇ ساڭا چاقچاق قىلغان بولغىيتىم........2000-8-31پەيشەنبە بىز مەكتەپكە باردۇق مەن سىنى سىنىپتا كۆرەمەن دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن،سەن قىزلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ كۈلىشىۋاتاتتىڭ،بىردەملىك قايناق پاراڭلار سىنىپ مەسئۇلىنىڭ كىرشى بىلەن بېسىقتى، ھەمىمىز ئۆز ئورۇنلىرىمىزغا قايتىپ ئولتۇرۇشتۇق،مەن ئورنۇمغا بېرىپلا خۇيۇم تۇتتى سەن ئۆزەڭنىڭ پارتىسىنى سۈرتۈپ مىنىڭ پارتامنى ئايرىپ قويۇپسەن ، بىز تولۇق ئوتتۇرغا چىقاندىن تارتىپلا ئايرىم پارتا ئوتۇندۇقلار تارقىتىلغان ئىدى،مەن سۈرتۈپمۇ قويماستنلا ئولتۇردۇم،سەن خىيالىڭغىمۇ كىرىپ چىقماي ئولتۇردۇڭ،مەن تاپشۇرۇقلىرىڭنى پارتاڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدۇم.سەندە يەنىلا ئىنكاس يوق.بىز ئوقۇش باشلىنىپمۇ نەچچەكۈنگىچە گەپلاشمىدۇق.بىر كۈنى خېمىيە دەرسىدە مەن مەشىق ئىشلىمەي پارتىڭ ئۈستىگە راسىم سىزىپ ئولتۇردۇم، سىزىۋاتقان رەسىمىمنىڭ بىزە يىرى سەت چىقىپ قالدى سىنىڭ پارتاڭ ئۈستىدىكى ئۆچەگۈچىڭنى ئېلىپلا ئۆچۈردۈم
-نىمىشقا سورماي ئىشلىتىسە؟
-ئۆچەگۈچۈڭنى بىرىپ تۇرە، ئەمدى بولدىمۇ؟
-ساراڭ...
-ۋاي ئوڭ
مەن ئۆچەگۈچىڭنى ئىشلىتىپ بولۇپ بىرتىۋا بىلەن ئۇششاق ئۇششاق كىسىپ تۇغرىۋەتتىم
-ساراڭمۇ دەن!
-ھە ساراڭ مەن!
-تۆلەپ بە!
-ماقۇل ئانا!تۆلەپ بىرەي!
شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن مەخسىس ئوقۇش قۇراللىرى ساتىدىغان ماگزىنغا كىرىپ ئەڭ قىممەت  زىدۇڭ چىيەن بى بىلەن ئەڭ چىرايلىق ئۆچۈرگۈچتىن بىرنى سېتىۋىلىپ 5-سائەتلىك دەرىس ۋاقتىدا ساڭا بەردىم
-ئۆچۈرگۈچنى ئالساملا بولدى قەلىمىڭنى ئۆزەڭ ئىشلەت
-بۇ ئۆسىمى بولسۇن
-بولدى كىرەك ئەمەس
-كىرەك بوپمۇ قالا
-بولمايدۇ!
-قارسام بولىدىغاندەكلا تۇردۇ!
-بولغاندا دەي ئەمسە!
-سەن دەپ بولغىچە مەن ئەكەپ بولدۇم مانا
-ھاھاھاھاھ...بەك بەك بەك قېلىن جۇمۇ سەن
-ئىلاج يوق ئەمدى مۇشۇنداق يارلىپ قاپتۇق
بىز شۇنىڭدىن كىيىن گەپلىشىدىغان ئانچە مۇنچە چاقچاقمۇ قىلىشىدىغان بولۇشتۇق.سىنىپتىكى باللارمۇ مىنىڭ سىنى قوغلىشىۋاتقانلىقمنى بىلپ بولۇشقاچقىمىكىن مەندىن سىناق سوراپ قالسىلا كانايلىرىنى قىرىشىپ قويۇشاتتى مەنىلىك بېقىپ،سەن نىمىشقىكىن شۇنداق تىزلا قىزىرىپ كىتەتتتڭ بۇنداق چاغلاردا،مەن ئەركىن بىلەن يېقىن ئۆتكەچكىمىكىن ئۇ ھەر قىېتىملا ئىككىمىزنى بىر بىرىمىزگە چېتىپ چاقچاق پاراڭلارنى سالاتتى.
2000-9-14پەيشەبنەبىز دەرىستىن قايتىپ سىنىپ تازلىدۇق چۈنكى بۇ كۈنى بىزگە تازلىق قىلىش نۆۋىتى كەلگەن ئىدى،سىنىپنى تازلاپ بولۇپ سەن بىلەن بىللە قايىتتىم
-مەكتەپنىڭ ئارقىسى بىلەن ماڭايلىمۇ؟
-نىمىشقا؟
-ساڭا دەيدىغان گەپ بار ئىدى
-ياق
-ئۇنداق قىلمىغىنە!پەقەت نەچچە ئېغىزلا!مەن ۋىلسىپىتىڭنىڭ رولىنى تۇتىۋالغان ئىدىم سەن مەندىن قۇتىلالمايدىغانلىقىڭنى بىلىپ كەتكەن بولساڭ كىرەك
-رولنى قويۋەت!
-ماقۇل دىگىنە ئەمسە
-ئىم
بىز مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى ئۆستەڭ نى ياقىلىپ خېلىلا ئۇزاق ماڭغاندىن كىيىن ئۆستەڭنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ چىقىش ئۈچۈنم ئورۇنلاشتۇرغان پەشتاقتىغا كىلىپ ئولتۇردۇق پەشتاقتىنىڭ 2-بالدىقىچە كەلگەن سۇ شۇنچىلىك بىسىم ھەم شۇنچىلىك تىز سۈرەتتە ئاقماقتا بىز ياندىشىپ ئولتۇرۇشتۇق
-شەرمى مەن سىنى راسلا ياخشى كۆرىمەن، بىز ئارلىشىپ باقايلى ماقۇلمۇ؟
سەن جىمىپ كەتىتىڭ
-شەرمى مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن...
سەن يىنىلا سۇغا قاراپ جىممىدە ئولتۇردۇڭ
-ئاڭلاۋاتامسەن شەرمى،مەن سىنى ياخىش كۆرىمەن،شەرمى گىپىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟
مەن سىنى ئۆزۈمگە قاراتتىم يۈزۈڭدىكى قىزىللىقنى دىمەيلا قوياي سەن مىنىڭ كۆزلۈرۈمگە قاريالمايتىڭ يۈزۈڭنى مەندىن قاچۇردۇڭ.
-مىنى قويۇپ بە،بىلىكىمنى ئاغرىتىۋەتتىڭ
-ياق، مىنىڭ سۆزۈمگە جاۋاپ بە
-مەردان بىلىكىم بەك ئاغرىپ كەتتى
مەن بىلىكىڭننى قويۇپ بىەردىم ۋە قولۇمنى ساڭا ئارتىپ سىنى ئۆزۈمگە تارىتىىم
-مەردان نىمە قىلىۋاتىسە؟
گىپىڭگە جاۋاپ بىرىشكىمۇ ئاغزىم بارمىدى سىنى باغرىمغا تارتىپ بىر قولۇم بىلەن ئىڭىكىڭنى تۇتۇپ لىۋىڭگە لىۋىمنى ياقتىم گويا ئابى ھاياتنى ئىچىپ قانمايۋاتقاندەك لەرلىرىڭنى تويماي شوراشقا باشلىدىم.
مەن لەۋلىرىمنى تولىدىن تولىغا تەسلىكتە لەۋلىرىڭدىن ئاجراتقىنىمدا سەن مىنىڭ باغرىمغا ئۆزۈڭنى تاشلاپ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىڭ، مەن سىنى قۇچاقلايتىم چاچلىرىڭنى سىلايتىم ھېدلىرىڭنى ھېدلايتىم بىز ئەنە شۇ يوسۇندا گۇگۇم كىرگەنگە قەدەر ئولتۇردۇق سەن كۆكرىكىمدىن بىشىڭنى ئالغاندا ماڭىمۇ قاريالمايتىڭ كۆزلىرىڭ قىزارغاندىن چاقماق كىرپىكلىرىڭنىڭ ئۈستىدىكى ياش تامچىلىرى كىرپىكلىرىڭنى بىر بىرىگە چاپلاشتۇرغان ئىدى.سەن سۇس تىتىرەۋاتاتتىڭ..
-شەرمى توڭاۋاتامسەن؟سەن ياق دىگەن مەنىدە بىشىڭنى بىلىنەر بىلىنمدس چايقىدىڭ
-نىم بولدۇڭ؟ تىتىرەۋاتىسەنغۇ؟سەن جاۋاپ بەرمىدىڭ ئورنۇڭدىن تولىمۇ تەستە تۇرۇپ پەشتاقتىلاردىن يۇقىرلاپ چىقىشقا باشلىدىڭ مەن سىنىڭ ئارقاڭدىن ئەگەشتىم بىز قايىتتۇق سەن ۋىلسىپىتىڭنىمۇ ئوڭشاپ مىنەلمىدىڭ بىز يانمۇ يان ماڭدۇق،مەن سىنى مەھە لەڭگىچە ئاپىرىپ قويۇپ كەتتىم،مەن مەھەللەڭگە بارغىچە شۇنچە گەپ قىلساممۇ سەن بىرسىگىمۇ جاۋاپ بەرمەيتىڭ،بىشىڭنى يەدىن ئۈستىن قىلمايتىڭ قوڭۇر چاچلىرىڭ نى پات پاتلا قولۇڭ بىلەن ئارقىغا سىلاپ قوياتتىڭ،ئەتىسى سەن مەكتەپكە بارمىدىك مەن سەندىن شۇنداق ئەنسىردىم، كەچتە مەن ساڭا تىلفۇن قىلدىم تىلفۇننى سەن ئۆزۈڭ ئالمىدىڭ تىلفۇندىن ئوغۇل بالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ئىنىڭ ئوخشايدۇ
-ۋەي
-ۋەي ياخشىمۇ سىز ئاچىڭڭىزنى چاقىرىپ قويسىڭڭىز بوپتىكەن
-قايسى ئاچامنى؟
-سىزنىڭ بىرلا ئاچىڭڭىز بارغۇ!شۇنى چاقىرمامسىز!
-قانداق نىمە ماۋۇ!كىمنى ئىزدەيسەن؟!
شۇندىلا داداڭنىڭ تىلفۇن ئالغانلىقنى بىلدىم ئەستا ما ئىشنى كۆرمەمدىغان،،....
-ۋوي خاپۇماڭ...مەن شەرمىنى ئىزدەيتىم..
شەرمى قېنى سىز؟سىزگە تىلىفۇن!سەن بىردەمدىن كىيىن تىلفۇننى ئالدىڭ
-ۋەي
-قانداق ئەھۋالىڭ؟ئاغرىپ قالدىڭما؟
-ياق
-نىمىشقا مەكتەپكە بارمايسە؟سەن ئۈندىمىدىڭ....
-ئەتە مۇزاكىرىگە بارالامسە؟
-ئىم
-ئەمسە چوقۇم بارغىن مەن بەك ئەنسىرەپ كىتىدىكەنمەن
-ئىم خوش
-خوش..
ئەتىسى سەن مۇزاكىرىگە تولىمۇ كىچىكىپ كەلدىڭ ،شۇنداق يارشىملىق كوپتا كىيىپ كوپتاڭغا ماسلاشتۇرۇپ كىيۋالغان سۇس رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنىڭ ،بىرلا ئىگىز بوغىۋالغان چېچىڭ ...سەن يىنىمدا ئولتۇردۇڭ،ماڭا ئەسلا قارمايتىڭ مەن پەقەت چىداپ بوللامىدىم ئاخىرى ساڭا مەشىق دەپتىرىمنىىڭ ئوتتۇرسىغا خەت يېزىپ سۇندۇم
<<ماڭا شۇنچە ئۆچ بولۇپ كەتتىڭما؟نىمىشقا ماڭا گەپ قىلمايسەن؟مىنى بۇنداق قىينىمىغىن بولامدۇ>>
سەن خېتىمگە جاۋاپمۇ يازمىدىڭ3سائەت گەپلەشمىدۇق 4-سائەت قولۇڭدىكى مەن سوۋغا قىلغان قەلىمىڭنى خەت يېزىۋاتقان ۋاقتىڭدا كاپپىدە تدرتىپ ئەۋالدىم سەن ماڭا لاپپىدە قاراپ قويۇپ باشقا گەپ قىلمايلا قەلەم قۇتاڭغا قول ئۇزاتتىڭ مەن ئۇنىمۇ ئېلىۋالدىم سەن پارتاڭغا بېشىڭنى قويۇپ ياتتىڭ مەن ساڭا بوش ئەمما سەن ئاڭلىغىدەك ئاۋازدا گەپ قىلىشقا باشلىدىم
-مىنى بۇنداق قىلىپ نىمە بولسۇن دەيسەن؟نىمانداق دۈشمىنىڭگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىسەن؟مىنى بۇنداق قىينىمىغىنە بولامدۇ؟
-مەردان بىشىم بەك ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ مىنى بىردەم جىم قويغىنە بولامدۇ؟
-مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلىسىلا ئاغرىمدىكەن؟
-مەن ئۇنداق دىمىدىمغۇ
-ئەمسە نىمىشقا تەنەپىستە دوسلۇرۇڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كۈلىشىپ ئولتۇرغاندا ساقىيىپ مىنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغاندا ئاغرىپ قالىسەن؟
بىز قايىتتۇق مەن سىنىڭ خالاش خالىماسلىقىڭدىن قەتتى نەزەر سەن بىلەن مەھەللەڭگىچە بېرىپ سەن زېلىڭغا كىرىپ كەتكەندىلا ئاندىن قايىتتىم.چۈشتىن كىيىن سەن يىنە دەرىسكە كەلمىدىڭ ،مەن كەچتە ساڭا تىلفۇن قىلىدىم ئەمما ئۆيۈڭدە ئالىدىغان ئادەم يوق،ئەتىسى بىركۈن تىلفۇن لاشمىدۇق دۈشەنبە كۈنى سىنىپقا كىرسەم سەن ئالىقاچان ئورنۇڭدا ئولتۇرۇپمۇ بوپسەن كىتاپتىن بېشىڭنى كۆتۈرمەيتىڭ
-قانداق ئەھۋال؟
-ياخشىغۇ..
-يائاللا پارتامنى سۈرتۈپ قويۇپسەن ھە
سەن ئۈندىمىدىڭ دەرىس باشلاندى مەن قەستەن كىتاپ ئەكەلمىگەن ئىدىم سەن بىللەن بىللە سىنىڭ كىتاۋىڭنى كۆردۈم،سەن مۇئەللىم سىزىشقا تىگىشلىك نوقتىلارنى دىگەندە سىزغۇچ قويۇپ سىزاتتىڭ كىتاۋىڭنى شۇنچە پاكىز تۇتاتتىڭ
-دەششەت ئاۋايلايدىكەنسەن ھە كىتاپ دىگەننى
-سەن ئۇنداق قىلمامسەن؟
-مەن ئەزەلدىن كىتاۋىمنى پاكىز تۇتۇپ باققان بەندە ئەمەس،بۇنداق كىتاپ تۇتقانى سەندىن كۆرشۈم جۇمۇ...بىزشۇ كۈندىن باشلاپ بۇرۇنقىدەك ھەتتا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك پاراڭلىشىپ ئولتۇردىغان بولۇپ كەتتۇق،سىنىپتىكى ھەمىسىلا دىگىدەك بىزنى يۈرۋاتىدۇ دەپ بىلىشەتتى،مەن گەپ قىلساملا سەن كۈلۈپ سالاتىڭ
-مەردان بەك قىزىق گەپ قىلىسەن جۇمۇ، ما گەپنى قىلىۋىتىپلا ئا گەپكە كىتىپ قالىسەن ئۇ گەپنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا يىنە باشقا گەپلەرنى دەپ كىتىسەن سەن بەك قىزىقارلىق
-شۇنداقمۇ؟ھىھىھىھىھىھىھھىھىھ..
2000-9-19كۈنى سەيشەنبە بىز دەرىستىن قايتىپ يىنە ئۆستەڭ بويىدىن ماڭدۇق ئەمما مەن قانچە قىلساممۇ سەن ھېلىقى پەشتاققا بېرىشقا ئۇنىمىدىڭ،بىز ئۆستەڭ بويىدىكى دەرەخلەر ئارسىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق
-شەرمى بىز ئارلىشايلى ماقۇل دىگىن...سەن بەك ئۇزاق جىمىپ كەتىڭ كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىماقتا....
-شەرمى بىز ئارلىشىپ باقايلى ماقۇلمۇ؟
-نەچچە كۈندىن كىيىن جاۋاپ بەرسەم بولامدۇ؟
-ياق،ھازىرلا جاۋاپ بەر
-بەرمىسەمچۇ؟
-كەتكۈزمەيمەن...سەن كۈلۈپ كەتتىڭ
-بولدۇ.
-يا ئاللا ئاخىرى ماقۇل بولدۇڭ ھە....
مەن سىنىڭ جاۋابىڭغا ئىرىشىپ بولغاندىن كىيىنلا بىز ئاندىن ئورنىمىزدىن قوزغۇلۇپ قايتىشتۇق مەن سىنى مەھەللەڭگىچە ئاپىرىپ قويۇپ قايىتىم.
شۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ كۈنلىرىمىز شۇنداق قىزغىنلىق ئىچىدە شۇنچە تۈگىمەس پاراڭلار ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى،10ئايمۇ كىرىپ قالدى بىر ئاي تولغان ئاخشىمى كەچ؛ىك مۇزاكىرىدىن قايتىپ سىنىڭ مەھەلەڭگە بارغىچە بىز پىيادە ماڭدۇق ئەلۋەتتە شۇ كۈنى دىيشىۋالغاندەكلا ئىككىلىمىز ۋەلسىپىت مىنىپ كەلمىگگەن ئىدۇق،مەن سىنىڭ ئۇنىمىغىنىڭغا ئۇنىماي ئۆستەڭ بويىدىن ماڭدۇق مەن ساڭا تولغان ئاينى شۇنداقلا ئاينىڭ يېنىدىكى دايىملا ئايغا ھەمرا بولىدىغان ھېلىقى ئەڭ نۇرلۇق بىر تاللا يۇلتۇزنى ساڭا كۆرسۈتۈپ سىنى باغرىمغا بېسىپ تۇرۇپ پىچىرلىدىم
-سەن ئەشۇ ئاي شۇ، قارا ئاۋۇ ئاينىڭ يېنىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇز مەن،مەن سەن بىلەن ئەشۇ يۇلتۇز بىلەن ئايدەكلا ھەمراھلىقىمدىن ئەبەتكىچە كەچمەي ئۆتىمەن.
-مەردان مەن سىنىڭ ئاغزىڭدىن بۇنداق گەپلەر چىقىدۇ دەپ پەقەت ئويلىماپتىكەنمە،سەن كۆرۈشكە بەك مۇزچىراي بەك قاپىقىڭ يامان تەرسا كۆرنىسەن
-ئۆزۈممۇ بىلمىدىم سەن بىلەن تونۇشقاندىن كىيىن مۇشۇنداق گەپچى بولۇپ كىتىۋاتىمەن غۇ تاڭ.
-مەردان بىز ئايرىلىپمۇ كىتەرمىزمۇ؟
-ياق!ئەشۇ ئاي بىلەن يۇلتۇز ئايرىلىپ كەتمىسىلا بىزمۇ ئايرىلمايمىز،مەن ھازىرغىچە بىرەر قىزبالىنى ياخشى كۆۈپ باقمىغان سەن مىنىڭ تۇنجى ياخشى كۆرگەن ئادىمىم
-سەنمۇ مىنىڭ تۇنجى ياخشى كۆرگنىم مەردان
-يائاللا مىنىمۇ ياخشى كۆردىكەنسەن ھە
-ياخشى كۆرمىسەم يۈرەمدىم؟
-ياخشى كۆرمەيلا يۈردىمىكىن دەپتىكەنمەن
-ئۇنداق دىمىسىلە ئەمدى
-بولدۇ ئانا بولدۇ
-ھاھاھاھاھ....بەك بەك ساراڭدەك گەپلەرنى قىلىسەن ھە بىز قىزغىن سۆيۈشتۇق سەن مىنى قولتقلىۋالدىڭ مەن سىنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتىىم سەن ياتاق ئۆيۈڭنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ دەرىزەڭنىڭ پەردىسىنى قايرىپ ماڭا باش لىڭشىتىپ خوش دىگەندىلا مەن قايىتتىم.نەچچە كۈن ئۆتۈپ سەن مەكتەپكە كىلەلمىدىڭ چۈشتە تىلفۇن قىلسام ئاغرىپ قالغانلىقىڭنى ئېيىتتىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن مىنىڭمۇ مەكتەپكە بارغىم كەلمىدى ئەمما مەكتەپكە بارمىسام ئاپپاي ئاپامغا چېقىپ قويسا چاتاق چىقىدۇ دە ئىلاج يوق كۆڭلۈم سىنىڭ ئۆيۈڭ تەرەپكە تارتىپ تۇرسىمۇ ئىلاجىم قانچە مەن يەنىلا دەرىسكە قاتناشتىم دەرىسىن چۈشۈپ كەچلىك مۇزاكىرىگە كىرمىدىم ئۆستەڭ بويىغا كىلىپ بىز بىللە ئولتۇرغان ھېلىقى ئاق تىرەكنىڭ يېنىغا كىلىپ سومكامدىن بىرتىۋانى ئېلىپ دەرەخكە ئىككىمىزنىڭ ئىسمىمىزنىڭ باش ھەرپىنى ئويىدۇم،شۇنچە شۇنچە بىرىلىپ ئويۇدۇمكى بىرىتىۋا قولۇمنى قاپارتىۋەتكەن ولسىمۇ پەرۋايىم پەلەك ئىدى.سەن 3كۈنگىچە كىلەلمىدىڭ ئىنىڭ سىنىپقا ئىسپىراپكا ئەكىرىپ بىرىپ تۇردى مەن كۈندىلا سەن بىلەن تىلفۇندا پاراڭلىشاتتىم
-مەردان بۇنىڭدىن كىيىن سەن ئۇرما مەن ئۇراي
-نىمىشقا؟
-ئاپاملاردىن خىجىل بولىدىكەنمەن
-نىمدەپ؟
-كۈندە ئوغۇل بالا تىلفۇن قىلىدىكەن دەپ ئويلاپ قالسا ياخشى بولمايدۇ
-ھە ماقۇل
-مەن ساڭا كۈندە كەچ سائەت7دە تىلفۇن قىلىمەن
-ماقۇل
-خوش ئەمسە
-خوش
شۇنىڭدىن كىيىن سەن كۈندە7دە تىلفۇن قىلىدىغان بولدۇڭ.سەن ساقيىپ مەكتەپكىمۇ باردىڭ شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ شۇ سائەت يەتتىدىكى تىلفۇنىمىز شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى شۇ پېتى داۋاملاشتى،بىرەر ھەپتىلەردىن كىيىن مەن سىنى ھلىقى دەرەخ تۈۋىگە باشلاپ باردىم
-قارا ماۋۇ ھەرىپلەر چىرايلىق يىزىلىپتىمۇ؟
-بەكلا چىرايلىق چىقىپتۇ،قاچان قىلدىڭ؟
-سەن ئاغرىپ قالغان كۈنى كەچتە
-بەك پەيزى ئويۇپسەن
-خوش بولدۇڭمۇ؟
-بەكلا
-ئەمدى ئاغرىپ قالما ماقۇلمۇ؟
-ساراڭ مەن ئاغرىپ قالىمەن دەپ ئاغرىپ قالغىنىم يوققۇ
-شۇنداقتىمۇ ئەمدى ئاغرىپ قالمىغىن سەن كەلمىسەڭ مىنىڭ دەرىسكە قاتناشقىم كەلمەيدىكەن
-بەك قىزىق گەپ قىلىسەن جۇمۇ.نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ قار ياغدى ئەمدىلا ئوتنۇمغا ئولتۇرۇشۇمغا ئەركىن قار پومىكىنى سىنىپقىچە ئەكىرىپ ۋاڭڭىدە بىرنى سالماسمۇ مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىقىپ كەتىم سىنىپتىكى ھەممە قىزلارمۇ مەيدانغا قار ئوينىغىلى چىقتىڭلار مەن ساڭا قار پومزەكلىرىنى ئېتىپ قېچىپ كىتەتتىم سەن قوغلايتىڭ
-مەردان، بولدى قاچما بولدى قاچما مەن ساڭا يىتىشەلمىگىدەكمەن....ماۋۇنى ئال ..توختا دەيمەن...
-نىمە ئۇ؟
-ساڭا بىرىدىغان مۇھىم نەرسە
-نىمە شۇ؟
-كۆرسەڭ بىلىسەن
مەن قېچىشىتىن توختاپ سىنىڭ يېنىڭغا كىلىىمگىلا قار پومزىكى بىلەن ئاغزىمغىلا بىرنى قويدۇڭ بىزگە قاراپ تۇرغان باللارمۇ كۈلۈشۈپ كىتىشتى بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن ئۆزۈممۇ چۈچۈپ كەتتىم،يەردىن بىر سىقىم قارنى ئېلىپ يۈزۈڭگە سۈرمەكچى ئىدىم ئەمما سەن قولۇمغا ئېسلىۋالدىڭ
-ئەتىگەندىن بېرى ئاتقانلىرىڭ يىتەر بولدى ماۋۇ خەتىنى ساڭا يازغان ئالە
مەن قولۇڭدىن لىپاپقا سېلىنغان خەتنى ئېلىشىمغىلا سەن يۈگىرەپ كىتىپ قالدڭ مەن لىپاپنى ئېچىپ كۆرۈشكە باشلىدىم
                                  قاردا قارلىق تاشلىدۇق،
                                بىز ئويۇنى باشلىدۇق.
                              چىدىسىڭڭىز 2شاكىلات،
                              چىدىمىسىڭز 10شاكىلات بىر سېغىز
      بۇ قارلىقنى كۆرۈپ مىنى قوغلاپ تۇتالىساڭ چىدىماسلىق قىلغان بولىسەن ، قوغلىمىساڭ چىدىغان بولىسەن ،مەن سىنىڭ چىدىماسلىق قىلىشىڭنى خالىمايمەن.
مەن ئارقاڭدىن ئوقتەك يۈگەردىم دوسلۇرۇمنىڭ ۋاڭىلدىتىپ ئاتقان قار پومزەكلىرىگىمۇ پىسەنىت قىلماستىن ئارقاڭدىن قوغلىدىم قىزلا ۋاقىرشىپ كەتتى
-تىز قېچىڭ!!!!!شەرمى ئۇ قوغلاپ كەلدى ....سەن ئارقاڭغا ئۆرۈلۈپ بولغىچە مەن ساڭا يېقىنلاپلا بولدۇم سەن شۇنداق ئوماق چىقىراپ جايىڭدىلا ئولتۇرۋالدىڭ،مەن سۈرىتىم بەك تىز ھەم يەر بەك سىيىلغاق بولغاچقا ئۆزۈمنى توختىتالماي سىنىڭ يېنىڭدىن ئۆتۈپلا پالاققىدە دۈم چۈشتۈم، يىنە بىر قەپەز قىيا چىيا كۈلكە ئىسقىرتىشلار باشلىنىپ كەتتى مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىنىڭ يېنىڭغا كەپلا مۈرەڭدىن كاپپىدە تۇتىۋالدىم
-ھە تۇتىالدىم يىنە قاچە قېنى
-ھاھاھاھاھاھھا....ۋۇ چىدىماس
-چىدىماس شۇ مەن چىدالمىغاچ سەن بىلەن يۈردۈم ئەمەسمۇ توشقۇنۇم..
-بولدى بولدى مەن بەك توڭۇپ كەتتىم سىنىپقا كىرىپ كىتەيلى
-ئىم
شۇكۈنى چۈشتىن كىيىن ساڭا شاكىلاتتىن ئوننى سېغىزدىن بىر تاتازا ئەكىلىپ بەردىم بىزنىڭ سىنىپنىڭ كەپسىز ئوغۇللىرى سېغىزنى بۇلاڭ تالاڭ قىلىپ تۈگەتتتى شاكىلاتتىن نەچچىنى دوسلۇرۇڭغا بەردىڭ كەچلىك مۇزاكىرىدىن كىىيىن سىنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويغاچ تاڭ خۇلۇ ئالدىم بىز مەھەلەڭنىڭ راۋىقىنىڭ يىنىدا توخىتىدۇق مەن تاڭ خۇلۇنى ساڭا تەڭلىدىم
-ئالە بىللە يەيلى
-ياق، مەن سەن بىلەن بىللە يىمەيمەن
-نىمىشقا؟
-بىرنەرسىنى بىللە يىسە ئۇرشىدىغان بولۇپ قالىدۇ
-ۋاي چىچەك چوڭ ئانام نىمانداق پەتىۋالىرىڭ كۆپ سىنىڭ؟مەن سەن بىلەن بىللە يەي دەپ قەستەن بىرنىلا ئاپتىمەن
-ياق ئۇنداق قىلمايلى مىنىڭ سەن بىلەن ئۇرۇشقۇم يوق
-ۋاي ۋۇي نىدىكى گەپلەرگگە ئىشەنمىگىنە ھېچنىمە بولمايدۇ، ھا.....ھە ئاغزىمغا بىرنى سېپ قويە،بولە تىز ئىڭكىم چۈشۈپ قالمىسۇن يىنە ھا
-ياق سالمايمەن سەن ۋىلسىپىتىڭنى توختىتىپ قېچىپ كەتتىڭ،مەنمۇ ۋىلسىپىتىمنى توختىتىپ ئارقاڭدىن قوغلىىدىم،مەن سىنى تۇتىۋالدىم
-ھا  ئەمدى ئاغزىمغا سالە بىرنى
-ھاھاھاھھاھھا...ۋۇ ساراڭ كىچىك بالىدەك قىلىقلارنى قىلىپ ...ھاھاھاھ
-بولە چاپسان
سەن ماڭا يىگۈۈپ قويدۇڭ ئەمدىلا ئاغزىمغا بىرنى سېلىشڭغا مىنى چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلاندى
-مەردان مەن شاققىدە ئارقامغا قاردىم ئاپام بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ھەم شۇنداق يىېقىن ئۆتىدىغان رايىلە ھەدەش
-ھە ھەدە ئىشتىن چۈشكەنما؟
-ھەئە بۇ مەھەلىگە كىپ قاپسەنغۇ؟
-ھە ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە كەلگەن
-ھە...يۈرە ئۆيگە كىرىمىز
-خوش كىيىن كىلەمەن
-يۈرۈڭلار ئۆينىڭ ئالدىدىلا بولغاندىن كىيىن كىرىپ قايتىڭلار
-بولدى خوش
ئۇ كىرىپ كەتتى سەن بىر خىللا بولۇپ قالدىڭ
-مەردان ئەمدى بۇ يەرگە كەلمەيلى ماقۇلمۇ؟
-ئىم
سەن ئۆيۈڭگە كىرىپ كەتتىڭ مەن يىنە بۇرۇنقى ئادىىمىز بويىچە سەن دەرىزەڭدىن قاراپ خوش دىگەندىلا ئاندىن قايىتتىم،ئەتىسى مەن ئاپىرات ئېلىپ باردىم باشتا سىنىپتىكى باللار بىلەن چۈشتۇق كىيىن نەچچە پارچىنى ئىككىمىز بىللە چۈشتۇق نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئاپام تاماق ئۈستىدە دادامنىڭ ئالدىدىلا سورىدى
-مەردان بىرەر سى بىلەن ئارلىشىۋاتامسىز؟
-ياق
-مەن شۇنداقراق گەپلەرنى ئاڭلايمەنغۇ ۋەلى باشلىقنىڭ قىزى بىلەن ئارلىشىۋىتىپتۇ دەپ
-ياق
-ئەڭ ياخشىسى ھازىر دەرىسىن باشقىسىغا كۆڭۈل چاچماڭ
-ئىم دادام ماڭا شۇنداق بىر تىكىلىپ قاراپ قويۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى
ئەتىسى دادام يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا 300تەڭلىدى
-ئېلىڭلا بۇ قېتىم مەن 15كۈندە كىلىمەن،ئاپاڭلا بەرمەيدۇ بىلسەم بىلمىسەم...
-رەھمەت
-كاللاڭلىنى دەرىسكىرەك قويۇڭلا ھە
دادام ئاپام بار يەردە300بەرگەن بىلەن پەسكە چۈشكەندە يىنە300بەردى ئاپاڭلا ئېلىۋالا ھەقچان بۇنى كۆرسەتمەي خەجلەڭلا
-رەھمەت دادا
-ھە خۇداغغا ئامانەت يولدا تىز ماڭلماڭلا يول تىيىلغاق تورمۇز قىسساڭلا يقىلىدىغان گەپ
-ھە...دادا سىزمۇ قاراپ مېڭڭىڭ
ئاپام چۈشتە دادام بەرگەن پۇلنى دادام دىگەندەكلا ئېلىۋالدى ئاپامنڭغۇ ئادىتى شۇ قاچاندا قارسا مەن ساقلاپ بىرەي مەكتەپ بالىسى دىگەن كۆپ پۇل خەجلىمەيدىغان....ئىشقىلىپ بىزنىڭ پۇللىرىمىنى ئېلىۋىلىشتا باھانە سەۋەپلىرى كۆپ...بەرگىم بولمىسىمۇ بەرمەي ئىلاجىم قانچە ئاپام قاچانلا قارسا دادام بەرگەن پۇللارنى ئەۋىلىپ نىمە قىلىدىكىنە.....
مەن سىنى قىزىل گۈل تورىتخانىسىغا كۆپ ئەكىرەتتىم بىز توخۇ پاچىقى بىلەن مارۇجنا يگەچ پاراڭلىشاتتۇق،مەن سەندىن شۇ يەردە شۇنداق پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاچ تۇيۇقسىزلا ئاپامنىڭ گىپى يادىمغا كىلىپ سوراپ باقتىم
كۈتۈش ئۈچۈن يارالغانمىدىم...

36

تېما

4

دوست

1357

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

مەمۇرىي خالاس

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەرھابا.مىجىت
تۆھپە
433
مۇنبەر پۇلى
824
ئىشەنىچ
433
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 17:48:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-شەرمى،سىنىڭ داداڭ خەلىق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقىما؟
-ھەئە
-قايسى بۆلۈمنىڭ
-خەلىق ئىشلىرى بۆلىمىنىڭ باشلىقى
-ۋاھ ئوقۇش پۈتۈرسەك خىزمەتكە ئورۇنلاشمىقىڭ ئاسانكەن دىگىنە
-ھاھاھا...بۇ گەپلەرنى سوراپ نىمە قىلىسەن؟
-ھېچنمە مەن داداڭنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقنى بىلمەيدىكەنمەن شۇڭا سوراپ باقتىم
-ھە...
2001-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ كۈنى كەچتە سىنىپىمىدىكى ھەممىمىز دىيىشىپ پۇل چىقىرشىپ يېڭى يىللىق ئولتۇرۇش قىلىدىغان بولدۇق توغراق رىستۇرانىنىڭ 4جوزىسىنى دىيشىپ شۇ يەردە يىغىلدۇق سەن دەششەت چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدىڭ بىز تاڭسا ئوينىدۇق گەرچە بىزگگە ھېچكىم تاڭسا ئۈگەتمىگەن بولسىمۇ بىز ئۇدار سىزىمىمىزغا ماس ھالدا تەبىيلا ماسلىشىپ كىتىشتۇ،
-شەرمى سەن بەك چىرايكىق جۇمۇ
-رەھمەت
-ساڭا قارسام قارسام قارغىم كىلىدۇ،بىراق كۆپ قارىمايمەن
-نىمىشقا؟
-مەن ئۇزاق تىكىلىپ قارۋالساملا سەن قىىزرىپ كىتىسەن دە بىزەڭ!دەپ تىللايسەن
-شۇڭا ئۇزاق قارما
-قارماي تۇرالمايمەن توشقۇنۇم
بىز شۇ كۈنى شۇنداق شات خۇرام ئويناپ قايىتتۇق مەن سىنى ئۆيۈڭگىچە ئاپىرىپ قويدۇم سەن الغا كىرىپ كىتىش ئالدىدا شارپاڭنى ئېلىپ بوينۇمغا چىگىپ قويدۇڭ
-قىپ قىزىل شارپىى مەن چىگىۋالسام خەخ مەسخىرە قىلمامدۇ؟
-بۇ كىچىدە كىم قارايتى ساڭا؟
-ئۇغۇ شۇ
-يۈزلىرىڭ قىزىرىپ كىتىپتۇ ئۆيۈڭگە بېرىپ بولغىچە تىېخىمۇ مۇزلاپ كەتمىگىن
-ئىم خوش
-خوش
-شەرمى!
-نىمە؟
-يۈزۈمگە سۆيۈپ قويە
-ياق!ۋۇ ساراڭ
سەن كىرىپ كەتتىڭ مەن سەن بىلەن كونا ئادىتىمىز بويىچە خوشلۇشۇپ قايىتتىم
2001-يىلى1-ئاينىڭ2-كۈنىسەيشەنبە بىزنى بالدۇرلا قويۇپ بەردى سىياسەت مۇئەللىم ئاغرىپ قاپتىمش، بىز بالدۇرلا قايىتتۇق مەھەلەڭگە ئاز قالغاندا سورۇدۇڭ
-مەردان باۋلىڭ چىيۇ ئوينايلىمۇ؟
-مەيلى
-يۈرە ئەمسە
بىز ۋەلسىپىتنىڭ رولىنى قايرىپلا باۋلىڭ چۇىيۇ خانىىڭ ئالدىغا كىلىپ ۋەلسىپىتنى توختىتىپ ئىچىگە كىردۇق مەن سائەتلىك باھاسىغا قاراپ سەل ئوڭايسىزلاندىم 1سائەتلىكى 40سوم ئىكەن يېنىمدا 50سوملا بار،مەن باتەيگە بېرىپ پۇلنى تۆلەي دەپ بولغىچە سەن مىنى توختىتىۋالدىڭ
-ھەي پۇل تۆلىمەي تۇر مەندە بېلىتى بار
-قانداق بېلەت؟
-مۇشۇيەرنىڭ ئويناش بېلىتى خەلىق ھۆكىمىتىدىكىلەرگە بىكارلىق بىرىدۇ بۇ بەلەتتىن دادامدا كۆپ مەندە 20تال بىلەت بار
-نىمانچە كۆپ
-ئالە ماۋۇ بىلەتنى بەر كىيىدىغان ئايىقىڭنىڭ نۇمىرىنى دەپ بەر ماڭمۇ 38-نۇمۇرلۇقتىن بىرنىن ئېلىۋىتە.
ئاڭغىچە سەن باتەيدىكى خەنزۇ بىلەن قىزغىن ئەھاللىشىپ كەتتىڭ.مەن ئاياقلارنى ئېلىپ يەڭگۈشلەپ بىز4-نۇمۇرلۇق ئويناش رايۇنىغا كىردۇق،
-سەن كۆپ كىلەمسەن؟
-ئىم دادام كۆپ ئەكىلىدۇ
-بۇ يەردە ئوينايدىغان لارنىڭ كۆپىنچىسى باشلىقلاركەن ھە
-ھەئە
-مەن ئويناپ باقماپتىكەنمەن،سەن ئۈگىتىپ قويە
-ئەمسە مىنىڭ توپ ئېتىشىمغا قاراپ تۇر ھە
-ھە ماقۇل
-مەردان ئىچىملىك ئىچەمسە؟
-سەن ئچەمسە؟
-شۈيمىتاۋ .ىچەي
مەن باتەيگە باردىم بۇنىڭ ئىچىدە شۈيمىتاۋ8كوي فېيچاڭ پىڭگو6كوي ئىكەن مەن ئەمدىلا يانچۇقۇمدىن پۇل ئىلىشىمغا سەن چاقىردىڭ
-مەردان سومكامدا ئىچىملىك بىلىتىمۇ بار پۇلغا ئالما
مەن سومكاڭدىن ئىچىملىك بىلىتى ئەپ خۇڭ نىيۇ ئەكەلدىم بىرتال خۇڭ نىيۇ15كوي مەن 3قۇتا خۇڭ نيۇ 2قۇتا شۈيمىتاۋ ئەكەلدىم،بىز ئىككى سائاتتەك ئويناپ قايىتتۇق سەن ئىشىك ئالدىڭغا كەلگەندە ماڭا سومكاڭدىكى بىلەتلەرنىڭ ھەممىنى باردىڭ
-نىمە قىلىمەن بۇنى؟
-ئاپاش داداشلار بىلەن كەپ ئويناپ كەتمەمسە
-بەك كۆپكەن بۇ،سەندە يىنە بارمۇ يا؟داداڭ سوراپ قالسا نىمە دەيسەن؟
-ۋاي ۋۇي ئۆيدە كۆپ بۇنداق بىلەتلەر
-ھە ماقۇل رەھمەت ھە
-يائاللا مەردان ئاغزىڭدىن رەھمەتمۇ چىقىدىكەن ھە
-چىقدۇ دە توشقىنىم بىز خوشلاشتۇق
مەن ئاپامغا بىلەتلەرنىڭ يىرىمىى تەڭلىدىم
-مەڭ ، بىكار بولۇپ قالغاندا ئويناڭ
-نىمانچە كۆپ بىلەتلەر بۇ؟
-ھە دوستۇمنىڭ دادىس باشلىق ، شۇ بەردى
-ھە بولىدۇ،مەردان بۇ 800كويدىن يۇقىرى بىلەتلەركەنغۇ؟نىمانچە قىممەت پۇللۇق بىلەتلەر بۇ؟ بىرەر يەردىن قالايمىقان ئىش قىىپ تاپقان بىلەتلەر ئەمەستۇ بۇ؟
-ياقەي
-شۇنداق بولسىلا مەيلىغۇ..
شۇنىڭدىن كىيىن ئاپاملارمۇ دوسلىرى بىلەن داۋاملىق بېرىپ ئويناپ كىلىدىغان بولۇپ قالدى
2-ئاينىڭ14چارشەنبە بىز ئاللىقاچان تەتتىل قىلىېاتقان بولساقمۇ كۈندە دىگىدەك تىلفۇندا قىسمەن قىسمەنلەردە كۆرشۈپ كىلىۋاتاتتۇق،مەن ئەتىرگۈلدىن بىر تال ئالدم ،جىڭدى شاكىلاتنىڭ 68سوملىقىدىن بىرنى ئالدىم،سەن بىلەن تۇيۇقسىزلا كۆرۈشمەكچى بولۇپ مەھەلەڭگە كەپ بولۇپ ئاممىۋە تىلفۇن خانىدىن ساڭا تىلفۇن قىلدم
-چىقالامسەن؟
-سەن نەدە؟
-مەن ئۆيۈڭنىڭ ئارقىسىدا
-بىردەم ساقلا
-بولدۇ
سەن 15مىنىۇتلاردىن كىيىن چىقتىڭ
-بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن
-ھوپ...نىمانداق قىلىپ يۈرسەن...قانداق ئەكىرىمەن ئۆيگە؟
-ۋاي ۋۇي قولۇمدىن ماۋۇلارنى ئېلىپراق سۆزلىگىنىە
-رەھمەت
-ئەرزىيسەن،يۈرە ئايلىنىپ كىلىمىز
-ياق ئۆيدە دادام بار مەن چىقىپلا كىرەي دەپ چىقىپ كەتكەن كىركەتمىسەم بولمايدۇ، بۇلارنى قانداق ئەكىرەمەن ئەمدى؟
-ياتاق ئۆيۈڭنىڭدەرىزىسنىڭ تورى ئېچىلامدۇ؟
-ئېچىلىدۇ
-سەن دەرىزەڭدىن قارا مەن ساڭا سۇنۇپ بىرەي
-بەك ئەقىللىق جۇمۇ سەن
-سىنىڭ ئەقىلللىقىڭ دە توشقۇنۇم،
-بولدۇ ئەمسە مەن كىركىتەي
-ئىم خوش
-خوش
مەن ساڭا نەرسىلەرنى دەرىزەڭدىن سۇنۇپ بەردىم.2-ئاينىڭ28بىز مەكتەپكە يىغلىدۇق سەن ماڭا مەن ساڭا ئاشۇق مەشۇقلار بايرىمىدا سوۋغا قىلغان شاكىلات كەمپۈتتىن ئالغاچ كەپسەن3-ئاينىڭ1-كۈندىن باشلاپ بىز دەرىس باشلاپ كەتتۇق، بىز شۇنداق ئىناق ئىجىل ئۆتەتتىۇق،3-ئاينىڭ8-كۈنى پەيشەنبە مەن سىنىڭ خانىم قىزلار بايرىمىڭغا قەلەم قاپچۇقى سوۋغا قىلدىم.3-ئاينىڭ12-كۈنى كۆچەت تىكىش كۈنىدە مەكتەپتىن بىزنى كۆچەت تىكىشكە ئورۇنلاشتۇردى مەكتەپ مۇھەببەت دەرخى دەيدىغان بىرخىل دەرەخنى ئەكىرگۈزگەن ئىكەن ئىككىمىز بىللە تىكتۇق،كۆچەتنى تىكىپ بولۇپ ئاپپاي دىقەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆچەتنىڭ ئىنچىكىلىكىگە قارماستىن بىرتىۋا بىلەن بۇ كۆچەتكىمۇ ھەرىپ ئويۇپ قويدۇم.سەن ماڭا شۇنداق مەنىلىك بېقىپ كۈلۈپ قويدۇڭ3 -ئاينىڭ21-كۈنى نورۇز مەن ساڭا ئاچقۇچقا ئېسىۋالدىغان قونچاق قىز سوۋغا قىلدىم4-ئاينىڭ 10سەن مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەمدىلا يۈزۈمنى يۇيۇپ بولۇپ تۇرشىمغا تىلفۇن قىلدىڭ
-مەردان،ئۆستەڭ بويىدا سىنى ساقلايمەن
-ئىم مەن ھازىرلا ماڭىمەن
-خوش
-خوش
مەن ئۆستەڭ بويىغا بارغاندا سەن ھېلىقى بىرتۈپ دەرەخ يېنىدا مىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدىڭ.
-تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن،بۇ ساڭا ئالغان سوۋغىىم
-رەھمەت
-ھازىر ئاچمىغىنە
-نىمىشقا؟
-مەن خىجىل بولۇپ قالىدىكەنمەن
-ھە ماقۇل،مىنى بىرنى سۆيۈپ قويە
-ياق!
-تۇغۇلغان كۈنىمدىمۇ رەت قىلامسەن؟
-خجىل بولىمەن
-يۈزۈمگە بىرنىلا
سەن لىۋىڭنى بوش تەككۈزدۈڭ
مەن چۈشتە ئۆيگە قايتىپلا سوۋغاتلارنى ئېچىپ كۆردۈم،سەن ماڭا پۇل قاپچۇقى بىلەن سائەت سوۋغار قىپسەن، بۇ پۇل قاپچۇقى بەكلا ماركىلق قاپچۇق ئىدى سىنىڭ نەچچە يۈز سوم خەجلىگەنلىكىڭنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس ئىدى ئەلۋەتتە، سائەت شۇنداق ياراپ كەتتى مەن بۇنىڭدەك سىتىرىلكا يىڭنىسى يوق سائەتنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن ئۆزۈمگىمۇ بەكلا ياراپ كەتتى،شۇ زاماتلا قولۇمغا تاقاپ پۇل قاپچۇقىنى يانچۇقۇمغا سالدىم.تازا چىچەك ئېچىلغان كۈنلەردە ساڭا چىچەك ئەكەپ بىرىمەن دەپ مەكتەپنىڭ بېغىدىن يوغان بىر ئۈرۈك شېخىنى سۇندۇرۇپ ساڭا ئەكىرىپ بىرىپ ئاپپايدىن بىرمۇنچە تىل ئاڭلاپ مەكتەپكىمۇ 50كوي جەرىمانە تۆلىدىم ئەمما سىنىڭ خۇشاللقڭ ئالدىدا مەن رازى ئىدىم.
-5ئاي بايرامدا مەن يۇرۇتقا قايىتىم سەن قالدىڭ ئەمما بىز يەنىلا تىلفۇن پاراڭلىشىپ تۇردۇق،مەن قايتىپ كەلگەن كۈنى بىز يەنىلا ھېلىقى دەرەخ تۈۋىدە كۆرۈشتۇق،
-مىنى سېغىندىڭمۇ؟
-ياق
-مەن كەتكەن كۈنلەردە نىمە قىلىپ يۈردۈڭ؟
-ھېچنىمە
-6كۈننىڭ ھەممىسىدە ھېچقانداق ئىش قىلمىدىڭما؟
-ھەئە،بىز بىردەم پاراڭلىشىپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ماڭدۇق ماڭە ماڭە سىنىڭ مەھەللەڭدىكى دەرەخلىق يولغا كىلىپ قاپتۇق بىز دەرەخلەر ئارسىغا كىرىپ ئولتۇرغاندا سەن بوش گەپ قىلدىڭ
-ئالدىڭدىكى دەرەخلەرگە قاراپ باقە
مەن قارىدىم 19تۈپ دەرەخكە بىزنىڭ ئىسمىمىزنىڭ باش ھەرپى ئويۇلغان ئىدى
-سەن قىلدىڭما؟
-بولماپتىما؟
-قولۇڭ ئاغرىمىدىمۇ؟
-ياق
مەن سىنىڭ قولۇڭغا قاردىم كۆرساتكۈچى بارمىقىڭ شۇنداق چوڭ كىسىلىپ كىتىپتۇ
-پىچاق بىلەن قىلماپسەن ھە
-قانداق بىلدىڭ؟
-قولۇڭ شۇنداق سەت كىسىلگەن تۇرسا
-ئەينەك پارچىسىدا قىلدىم
-نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟
-سەن يوق كۈنلەردە سەن بىلەن بىللە يۈرگەن يەرلەرنى ئايلانغىم كەپ قالدى شۇ....
بىز نەچچە كۈندىن كىيىنكى بىر يەكشەنبىدە سىنىپتىكى باللار بىللە يېزىغا چىقتۇق ھەممە تەييارلىق تولۇق ئىدى قىزلار بىر ەردە ئولتۇردۇڭلار بىز بىر يەردە ئولتۇردۇق مەن باللار بىلەن گىتار چېلىشقاچ ناخشا ئېيتىشتۇق
                                                  بۇرۇن ئۆتكەن زامانلار
                                                  كىردى يەنە چۈشۈمگە
                                                  ئاشىق مەشۇق كۈيلەرىمىزمۇ بىرگە
                                                  باغلارنىڭ ئىچىدە ئىككىمىز
                                                    جۆربوللار بۇلبۇللارمۇ بىزلەرگە كۈيلەرگە
                                                  <<سەن مىنىڭ ئۆمۈردە بىر سۆيگۈنۈم سەن>>
                                                    سەن نەدە ئاق كەپتىرىم ؟
                                                  سەن نەدە سەن نەدە ھەي كەپتىرىم
                                                  سۆيگۈدىن خەۋەر بەر بەر كەپتىرىم كەپتىرىم كەپتىرىم.....
بىز شۇنداق كۆڭۈللۈك ئويناپ قايىتتۇق،5-ئاينىڭ29-كۈنى سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ مەن دوسلۇرۇم بىلەن تاللاپ يۈرۈپ تام سائىتىدىن بىرنى ئالدۇق،مەن سائەت سوۋغا قىلسا ۋاقىتلىق بولىدۇ دىگەن سۆزگە ئىشەنمەيتىم ،بىزنىڭ قىزغىن مۇھەبىتىمىزدىن ۋاقىتلىق بولۇپ قېلىشىمىزغا ئەسلا ئىشەنگىم كەلمەيتى.نەچچە كۈن ئۆتۈپ بىز تولىمۇ ئىگىز تىك توپۇلۇق ئۈستىگە سېلىنغان تام يېنىغا باردۇق ئەلۋەتتە بارىمىز دەپلا مەخسەتلىك بارمىدۇق پاراڭلىشىپ مېڭىپ ئەشۇ يەرگە كەپ قاپتۇق
-مەردان بۇ تام ئەجەپ ئىگىزكەن ھە؟
-ئىم،مىنىڭ بۇ يەرگە تۇنجى كىلىشىم
-مىنىڭمۇ شۇ
-شەرمى مۇشۇ تامنىڭ ئوتتۇرىغا ئىسمىمىزنى يىزىپ قويايلىمۇ؟
-ياق، بەك تىك ھەم بەك خەتەرلىك كەن چىقمىغىن
-مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرھە ھازىرلا چىقىپ بىردەمدىلا چۈشۈپ بولىمەن
مەن شۇنداق دەپلا تامنىڭ مەن كۆڭلۈمگە پۈككەن يىرىگە چىقىپ ئۇشلۇق تاش بىلەن يۈرەك چىقىرىپ يۈرەك ئىچىگە ھەرىپ ئويۇپ قويۇپ چۈشتۈم،شۇنىڭدىن كىيىن بىز شۇ يەرگە كۆپ باردىغان بولۇپ قالدۇق،كۈنلەر ئۆتمەكتە بىزدىن ماۋسۇملۇق ئمتاھان ئېلىنىپ قويۇپمۇ بىرىلدۇق، سەن تەتىلدە تەبىيپەننى كۈچەيتىش كۇرسىغا قاتناشتىڭ مەن يۇرۇتقا باردىغان بولۇپ قالغاچقا قاتنىشالمىدىم،مەن ئەتە كىتىمەن دىگەن كۈنى ئاخشىمى شۇنداق قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى سەن چوڭ ئۆيگە كەتكەچكە مەن سەن بىلەن باغچىنىڭ ئارقا ئىشىگىدە كۆرۈشتۇق يامغۇر شاقىراپ چۈشمەكتە بىز يامغۇرغا پەرۋاسىز چاقچاقلىشاتتۇق كۈلىشەتتۇق ئىشقىلىپ بىز بىر يەرگە كەلسەكلا ھەممىنى ئۇنتۇيتۇق ،تازا قىزغىن پارىڭىمىزنى ئەمەت كىلىپلا ئۈزۈپ قويدى ئۇ يە بىزنىڭ يېنىمىزدىن كەتمىدى بىز يە ئۇنى كەت دىيەلمىدۇق شۇنداق قىلىپ بىز خوشلاشتۇق مەن ئەمەت بىلەن ماڭدىغان يولۇم بىر بولغاچقا سىنى چوڭ ئۆينىڭ ئالدىغىچە ئەكەپ قويۇپ قايىتۇق.مەن ئاناملار يېنىدابىر ئاي تۇرۇپ قايتتىم بۇ بىر ئاينىڭ قايسى بىرنى سىنى سېغىنماي ئۆتكۈزدى دەيسەن مەن قايتىپ كەلگەن كۈنىلا ساڭا تىلفۇن قىلدىم سەن چوڭ ئۆيدىكىلەر يۇرۇتقا كەتكەچكە چوڭ ئۆيدە كۆرشىشىمىزنى ئېيىتىڭ مەن سەن بىلەن سىنىڭ چوڭ ئاتاڭلار ئۆيىدە كۆرۈشتۈم بىز بىربىرىمىزگە قانمايتۇق، كۈلشەتتۇق قىزغىن پىچىرلىشاتتۇق....كەچ بولغانغا قەدەر شۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ كەچ كىرگەندە ئاندىن قايتىشتۇق بىزنى 15كۈن بۇرۇن مەكتەپكە يىغىپ تەبى پەن ۋە ئىجتىمائى پەن سىنىپى دەپ 2كىگە ئايرىدى مەن ئەلۋەتتە سەن بىلەن بىللە تەبى پەندە ئوقۇيمەن دە،2001-8-15 چارشەنبىدىن باشلاپ بىز يىنە بىللە ئولتۇرۇپ بىللە ئوقۇپ تولۇق ئوتتۇرنىڭ ئەڭ يۇقىرى يىلىقىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئايلاندۇق، ئەمدىكى كۈنلەر شۇنداق جىدىيچىلىك ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتىX+3نىڭ تۇنجى قارارى بىزگە توغرا كەلگەچكە بۇ ئۆزگىرىشكە ماسلاشمىساق بولمايتى ئەلۋەتتە ئىكىمىزنىڭ كۈنلىرى بەزىدە باش كۆتۈرمەي مەشىق ئىشلەش بىلەن ئۆتسە بەزىدە ئۈگنىشنىمۇ قەيرىپ قويۇپ پاراڭلىشىش بىلەن ئۆتەتتى2001-9-19بىزنىڭ بىر يىلىق خاتىرە كۈنىمىز مەن ساڭا بىر قىز بىر ئوغۇلنىڭ ھەيكىلى بىلەن ئاپامنىڭكىگە ئوخشاش چازا سوۋغا قىلدىم سەن بىلەن ئارمىزدىكى تۈزۈت قىلىشىشلارمۇ خېلىلا يوقالغان بولغاچقا ئۇنچە تۈۈت قىپمۇ كەتمەستن ئۇلارنى قوبۇل قىلدىڭ نەچچە كۈن ئۆتۈپ مەن ئەركىن بىلەن مەيداندا سىنى ساقلاپ ئولتۇرغاچ پاراڭلىشىپ قالدىم
-يازدا سەن يۇرتۇڭغا كەتكەندە ھېزىم شەرمىنىڭ ئارقىسىغا كىرۋالغانلىقىدىن خەۋرىڭ بارمۇ؟
-ياق!شۇنداق ئىش بولدىما؟
-ھەئە!مەن ئۇلارنىڭ شەرمىنىڭ مەھەلىسىدە پاراڭلىشىپ تۇرغىنى كۆرۈپ نەچچە كۈندىن كىيىنلا باللار شۇنداق دەيدۇ، ھېزىمممۇ ئۇنى بەك ياخشى كۆردىكەن..مەن ئىچىمگە تىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم،سەن كەلدىڭ ساڭا ئۇنچە بەك قىزغىن بولۇپ كىتەلمىدىم بىز تاكى ئۆيگە قايۇتقۇچە مىنىڭ قاپىقىم ئېچىلمىدى ئۆيگە قايتىدىغان يولنى مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدىغان بولۇپ ھېلقى پەشتاققا كىلىپ ئولتۇردۇق، سۇ بۇرۇنقىدەكلا ئاقماقتا
-سەن ھېزىم بىلەن كۆرۈشكەنمىدىڭ؟
-قاچان؟
-بىر كەچتە!
-ھە...ئۇ بىزنىڭ مەھەلىگە بېرىپتىكەن ساۋاقداش بولغاندىكىن قول تەڭلىگەنتى قول ئېلىشىپ كۆرشۈپ قويدۇم شۇ.
-قول ئېلىشقىچە قولتۇقلاپلا شۇنىڭ بىلەن يۈرسەڭ بولمامدۇ!
-نىم كۆرۈپ قالدىڭ مىنى!
-نىمگە ئوخشاش قىلىق قىلغان بولساڭ شۇ كۆرۈنۋاتىسەن!
-نىمە دەۋاتىسەن!
-بايامدىن بېرى كاپىلدىغىنىم قۇلۇقۇڭغا كىرمەي ھېزىمنى ئويلا ۋاتامتىڭ!
سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپلا  كىتىپ قالدىڭ مەن ساڭا شۇنداق غەزەپ بىلەن قاراپ تۇرۇپ كىتىپ ئۆيۈمگە قايتىم كەچ سائەت 7 بىزنىڭ تىلفۇن قىلىشىدىغان ۋاقتىمىز ئەمما سەن قىلمىدىڭ تېخىمۇ جىلە بولۇپ كەتىتىم 7:30قىچە ئولتۇرۇپ بېقىپ بولالماي سىنىڭ مەھەلەڭگە باردىم سەن مەھەلەڭنىڭ چىملىق يېنىدىكى قاتار كەتكەن دەرەخلەر ئارسىدا كىتاپ كۆرۋاتاتتىڭ،مەن ئارقاڭدا بىر ئۇزۇنغىچە تۇتۇپ كەتكەندىن كىيىن يېنىڭغا كىلىپ ئولتۇردۇم،سەن شۇنداق چۈچۈپ كەتتىڭ
-قورقۇتۇپ قويدۇممۇ؟
-ياق
-ھېزىمنى ساقلاۋاتامسە؟!
-مەردان تۈزۈك گەپ قىل!
-ئەمسە تىلفۇنمۇ قىلماي بۇ يەردە ئوتۇرسەنغۇ؟!
-نىمدەپ قىلىمەن!مىنى تىللاپ قوي دەپما!بىلىپ قوي مەردان مەن سىنى ئالدىمىدىم!نىمانداق گەپلەرنى قىلىپ يۈرىيسەن!
-مەن كەلگەندە ماڭا دىسەڭ بولمامدۇ!
-ئاشۇنداق نەدىكى ئادەمنىڭ ئىسىدىمۇ قالمايدىغان ئىشلارنى دەپ يۈرەمدىم!
-ئىسىڭدە قالمىغان بولسا بايام ئەجەپ دىيەلىدىڭغۇ!
-بولدى بولدى ساڭا چۈشەندۈرمەيمەن!
-ماڭا چۈشەندۈرمەي ئاچاڭغا چۈشەندۈرەمتىڭ!
-ئاغزىڭنى چايقىۋىتىپ گەپ قىل ھە!
-ئەتىر پۇرايدىغان ئېغىزلىقلار بىلەن ئالاقە قىلىپ مىنڭ ئاغزىم يارماي قېلىۋاتامدۇ؟!
سەن ئەپچىلغىنە ئورۇندۇقۇڭنى كۆتۈرۈپ ئۆيۈڭگە ماڭدىڭ مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئورۇندۇقىڭنى قولۇڭدىن تارتىۋالدىم سەن ئورۇندۇقۇڭنىمۇ ئالمايلا مېڭىۋەردىڭ مەن ئالدىڭنى تورۇدۇم
-تولا كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي ئۆتە بىر ياققا!
-چىرايلىق كۆرنىدىغانلارنىڭ يېنىغا ماڭغانمىدىڭ!
-ھەئە!
-ئالە ماۋۇ بىرنىمەڭنى
سەن ئورۇندۇقۇڭنى سىلكىپ ئېلىپ كىرىپ كەتتىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ بىز بىر ئېغىز گەپلاشمىدۇق بۇ خىل سۈكۈت مەن ھېزىمنى يوقىلاڭ ئىشقا باھانە قىلىپ ئۇرۋالغانغا قەدەر داۋاملاشتى،شۇكۈنى مەن يوقىلاڭلا ئىشنى باھانە قىلىپ ئۇنى ئۇرۇپ بېشىنى يېرىپ قويدۇم سەن بىز مۇشلاشقان لەنچۇر مەيدانىغا بېرىپ مىنى ئاجىرتىۋاتقان باللار ئىچىدىن تارتىپ چىقتىڭ ئەگەر سەن كەپ قالمىغان بولساڭ ئۇنى نىمىلەرنى قىلىۋىتەتتىمكىن تاڭ!
ئاپام يىنە بىرمۇنچە تۆلەم تۆلەپ بۇ ئىشلارنى بىسقتۇردى، مەنمۇ سىنىپ يىغىنىدا تەشكۈرۈش نامە يىزىپ ئۆزۈمنى تەكشۈردۈم،سىنىپ يىغىنىدىن كىيىن سەن ماڭا بىر پارچە خەتنى بەردىڭ مەن خېتىڭنى ئوقۇپ بولۇپ ھېلىق دەرەخ تۈۋىگە چىقتىم
-مەردان ئەمدى ساڭا كىم گەپ قىلدى كىم قارىدى كىم نىم دىدى ھەممىنى دەي ،ئۇرشۇپ قالساقمۇ مەن باشتا ئىزدەي ،نىمىلا ئىش بولسۇن مەن خاتالىقمنى توناي بۇنداق ئىش تېرىمىغىن،ئۇنىڭ بېشىنى 5يىپلق تىكپتۇ، ئەگەر ساڭا بىرەر كىلىشمەسلىك كەپ قالسا مەن قانداق قىلىمەن!مەن سىنىڭ ئالدىڭدا ساڭا ئىرەن قىلمىغاندەك يۈرگىنىم بىلەن سىنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن!منى بۇنداق قورقۇتمىغىن بولامدۇ....
شۇنىڭدىن كىيىن بىز ئەپلىشىپ قالدۇق مەن ھېزىمنى ئۇرۇپ ياتاقتا ياتقۇزۇپ قويغاندىن كىيىن ئەركىن مىنىڭ پارتامنىڭ ئۈستىگە ئىكىمىزنىڭ ئىسمىمىزنىڭ باش ھەرپىنى شۇنداق ياڭزىلىق يېزىپ قويۇپتۇ مەن بىرتىۋا بىلەن پارتامنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەرىپلەرنى ئويۇپ قويدۇم،سىنىڭ مەكتەپتىن فاكۈەن قويىدۇ دىيىشلىرىڭمۇ كار قىلمىدى شۇنڭدىن كىيىن  سىنپىمىزدىكى ئوغۇل باللار ساڭا گەپ قىلماسلا بولۇپ كەتتى.
قىش كىرىشكە باشلىدى بىزنىڭ مۇزاكىرە ۋاقتىمىز ئۇزارتىلدى ئىككىمىز كۈندە كەچلىك مۇزاكىرىگە كىرىشنىڭ ئالدىدا ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يەيتۇق ياكى ئەتتىرگۈل تپرىتخانسىغا كىرىپ سىنىڭ ياخشى كۆردىغانلىرىڭنى يەيتۇق ئىشقىلىپ ساڭا كۈندە دىگىدەك تونۇر كاۋپى بىلەن ئۆدەك تۇخۇمى ئەپ بىرپ ئۆزۈم يىگۈزەتتىم يىمەيمەن دىگەنلىرىڭگە ئۇنىمايتىم، مۇزاكىرە ۋاقتى ئۇزۇن ھاۋا سوغۇق دەرىسنىڭ سالمىقى ئېغىر نىمىشقا يىمىگىدەكسەن...2001-12-20پەيشەنبە دادام نىڭ ماي ماشىنسى بىلەن باشقا بىرىنىڭ ماشىنىسى سوقۇلۇپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىكى ئازاۋىم دادامنىنڭ ھايات قالغان قالمىغانلىقىنى بىلىپ بولغىچە ئارلىقتىكى چۈشكۈنلەشكەن ھالىتىم سىنىڭو مىنىڭ چۈشكۈنلىكىمگە قاراپ تارام تارم ياش تۆكەنلىرىڭ بۇ ياش تۆكۈش ئازاپلارنىڭ دادانمنىڭ ساق سالامەتلىك خەۋرى بىلەن ئۆيگگە يىتىپ كەلگەندىلا ئاخىرلاشقانملىق مىنىڭ ئىسىمدىن ئەسلا چىقمايدۇ،شۇ يىلمۇ ئاخرلىشىپ2002-1-1كىردى ئەمما بىز ئولتۇرۇشمۇ قىلمىدۇق،ھەممىملا يېڭى ئىمتاھان نۇسخىسىغا يۈزلىنىۋاتقاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە مانۋىر ئىمتاھانلاردىن ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقاچقا بىزگە ئويۇن خوش ياقمايتى قىشلىق تەتىلگىمۇ قوپۇپ بىرىلمىدۇق كۈنلەر شۇنچىلىك تىز ئۆتۈپ كىتىۋاتتاتتىكى2-14ساڭا سوۋغاتمۇ ئېلىپ بىرەلمىدىم بىز پەقەت ئەتىگۈل تورىتخانسىدا تورىت يەپ بولدى قىلدۇق، خانىم قىزلار بايرىمى كۆچەت تىكىش بايرىمى نورۇزلارمۇ ئۆتۈپ كەتتى.4-ئاينىڭ باشلىرىدا مىنىڭ نەچچە ئاي ئىلگىرى شۇنداقلا يېزىپ ئەۋەتتىپ قويغان ئەسىرىم نەشىرياتتىن چىقىپ مەن تۇنجى قەلەم ھەققىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم مەندىن بەكرەك سەن خوش بولۇپ كەتتىڭ،4-10سەن ماڭا ۋەنلىما ماركىلىق پىدەي سوۋغاقىلدىڭ ئەمما ئالدىنقى يىلدىكىدەك مىنى ئۆستەڭ بويىغا ئەپ چقىپ ئەمەس سىنىپتىلا بەردىڭ، ئىشقىلىپ بىز بەكلا جىدى مۇزاكىرە باسقۇچىدا ئىدۇق،سەن كۈندە ئۆيۈڭدىن ئاپاڭ سالغان پىچىنلەرنى ئەپ كىلەتىڭ ،مەن ئەشۇ تەملىك پىچىنلەرنىڭ ئاغزىمدىلا قالغان تەمىنى ھازىرمۇ ئەسلىيەلەيمەن.كۈندە سىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويغاندا بىز دەرىزەڭنىڭ مەخسىۇس ئۆزىمىز ئۈچۈن تىشىپ قويغان تورىدىكى تۈشۈگۈدىن خەت يىزىشىپ بىر بىرىمىزگگە سۇنىشاتتۇق، ئىشقىلىپ مەن دەرىزەڭنىڭ ئارقىسىدا بارغانسىرى ئۇزاق تۇردىغان بولۇپ كىتىۋاتاتتىم،سىنىڭ ئىلھام بىرىشلىرىڭ ئارقىسىدا شۇنچە ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ نەشىرياتقا ئەسەر ئەۋەتىشنى توختاتمايتىم5-29 مەن ساڭا ئسكىرىپكىنىڭ ھەيكلىدىن بىرنى سوۋغا قىلدىم ئەلۋەتتە مەنمۇ سوۋغاتنى ئۇنچە رومانتىكلىق بىلەن سوۋغا قىلماستىن ئەتىگەندە ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ بەردىم .كۈنلەرنىڭ قانچىلىك تىزلىك بىلەن ئۆتىۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلەش قىيىن 7-1كۈنى بىزنى قويۇپ بەردى7-7سى ئىمتاھانغا قاتنىشىمىز6-چىسلا كىنىشكىلىرىمىزنى ئېلىپ يىنە ئۆيگە قايتىشتۇق 7-چىسلا بىزدىن ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىسى ئېلىندى بىز 7-ئاينىڭ7ئىمتاھان بىرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى قارار ئوقۇغۇچىلار ئىدۇق2002-يىلى بىز 7-ئاينىڭ7ئىمتاھان بىرىپ بولغاندىن كىيىن ئىمتاھان بىرىش ۋاقتى بىر ئاي ئالدىغا سۈرلىدىكەن، بىز ھەم تۇنج قارارX+3ئىمتاھانىغا يۈزلەنەگەن باللار ئىدۇق ،ئىمتاھان تۈگەپ نەتىجە چىقاندا مەن ھاڭ تاڭ قالدىم مىنىڭ نەتىجەم سىنىپ بويىچە 5-ئىدى ئەمما ئەڭ ئېچىنىشلىققى سىنىڭ نۇمۇرۇڭ كىشىنى چۆچۈتكىدەك تۆۋەن چىقىپ قالدى.
2002-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى مەن تىبى ئۇنۋىرىستىتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم،ئەمما سىنىڭكىدىن خەۋەر يوق،بىزنىڭ كۆرشۈشلىرىمىز تىلفۇنلىرىمىز بارغانسىرى ئازلاپ كىتىۋاتاتتى،بىلەتتىم سىنىڭ كۆڭلۈڭ بەكلا يېرىم ئىدى،بىلەتتىم سىنىڭ ئازاۋىڭغا گەپ تۇغرا كەلگۈسىز ئىدى،مەن8-ئاينىڭ24-كۈنى دادام بىلەن ئۈرۈمچىگە ماڭدىم،ساڭا تىلفۇن قىلىپ تۇردۇم ئەمما سەن بىلىپ تۇراتتتىمكى بارغانسىرى تۈگۈشۈپ كىتىۋاتاتتىڭ.گەپلىرىڭمۇ كۈندىن كۈنگە ئازلاپ بارماقتا ئىدى مەن مەكتەپكە تىزىملىتىپ نەچچە كۈندىن كىيىن بىزنىڭ ئالاقىمىز پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى،مەن ئۆيۈڭگە شۇنچە تىلفۇن قىلغان بولساممۇ ئالىدىغان ئادەم يوق، ئەنە شۇنداق ئىچىم سىقىلىش بىلەن ئۆتىۋاتقان كۈنلەرگىمۇ 2ئايدىن ئېشىپ كەتكەندە ئاخىرى سىنىڭ خەۋرىڭنى ئالالىدىم،سەن دەل تىبىبى ئۇنۋىرىستىنىڭ ئالىي سىستىرالىقىغا قوبۇل قىلىنىپسەن داداڭ باشلىق بولغاندىكىن سىنىڭ بۇ يەرگە كىرەلىشىڭدىن ئەجەپلىنىشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ئىدى.مەن مەكتەپنىڭ سەۋيە سىناش ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن بىۋاستە كەسىپنىڭ باللىرى بىلەن ئوقۇدۇم،سەن بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ئۇچۇرشىپ قالمىغانلىقىمىزدىن ھەيران مەن،مەن ئاخىرى سىنىڭ نۇمۇرۇڭنى تاپتىم، بىز مەكتەپنىڭ ئارقا تەرپىدىكى تاغدا پاراڭلاشتۇق سەن بىلەن بۇرۇنقىدەكلا قىزغىن سۆيۈشتۈم، مۇشۇ نەچچە ئاي ئىچىدىكى ھەممە ئىشلىرىڭدىن تولۇق خەۋەردار قىلدىڭ،بىز ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن بۇرۇنقىدەك قىزغىن مۇھەببەت ھاياتىمىزنى باشلىدۇق، بىللە مۇزاكىرە قىلىمىز بىللە ئايلىنىمىز بىللە يۈرىمىز ئىش قىلىپ بىز ئوبىرنىغا دەرىسكە كەچتە ياتاقتىلا بىللە بولمىغىنىمىز بىلەن قالغان ھەممىلا يەردە بىللە ئىدۇق2يىل ئەنە شۇنداق قىزغىن ئۆتتۇق.2004-يىلى9-ئاي مەن ياتاقدىكى باللار بىلەن زاجىڭخۇا ئويناپ بىر كىچىدىلا ئوقۇش پۇلۇمنى ئۇتۇرۋاتتىم، ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك،مەن بۇ ئىشنى سەندىن يوشۇرۇپ قالالمدىم،بىز خېبەندە ئولتۇرۇپ بۇ ئىشلارنى دىيىشتۇق
-نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟
-شۇ ئۇتۇپ قالسام سەن بىلەن 10ئاينىڭ بايرىمىدا قاناسقا بېرىپ ئويناپ كىلەيلى دەپ...
-ساراڭمۇ سەن!ئاشۇنداق ھارام پۇلغا ئويناپ كەلسەك نەس بېسىپ ئۆلمەمدۇق!
-مەنمۇ شۇ ...
سەن يىغلىدىڭ شۇنداق يىغلاپ كەتتىڭ
-مەردان مەن بىر ئامال قىلاي سەنمۇ بىزە ئامال قىل بىز ئوقۇش پۇلىنىڭ ئورنىنى قىلايلى....
2كۈندىن كىيىن سەن قولۇمغا 4مىڭ تۇتقۇزدۇڭ
-نەدىن تاپتىڭ؟
-ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلاردىن، ياتاقداشلىرىمدىن قەرىز ئالدىم،سەن تاپالىدىڭمۇ؟
-ئىم،تۇقانلاردىن 2000مىڭدەك تاپتىم
-ئۇھ خۇداغا شۈكىرى ئەتىلا ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۋەت...ياق بولدى ئەككە مەن تاپشۇراي....ۋاي بولدىلا يەنىلا ئۆزەڭ تاپشۇر مەن ساڭا ئىشىنىمەن....شۇنداق قىىلىپ مىنىڭ ئوقۇش پۇلۇممۇ تاپشۇرۇلدى،كۈنلەر ئىزىغا 2005-يىلى1-ئاينىڭ1بىز كابانناغا بېرىپ راسا ئوينىدۇق تەتىلدە كۇرۇسقا قاتنىشىدىغان ئۆيگە قايىتمايدىغان بولۇپ كىلىشتۇق،ئەمما تەتىل قويۇپ بىرىشكە 2كۈن كەلگەندە ئاپاڭنىڭ مىڭسىگە قان چۈشۈپ داۋالاش ۋاقتىدا بولماي پالەچ بولغانلىق خەۋرى كەلدى،سەن قايتىپ كەتتىڭ مەن سىنى ماشىن بىكىتىگىچە ئۇزىتىپ بېرىپ ئۇزاپ كتىۋاتقان ماشىن ئارقىسىدىن كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي قاراپ قالدىم،سەن شۇ كەتكەنچە 3-ئايدا مەكتەپكە كىلىپ 1يىللىق ئارام ئېلىپ ئوقۇش رەسمىيەتلىرىڭنى بىجىردىڭ،ئاپاڭغا قارمىساڭ بولمايتى،مەن قالدىم سەن كەتتىڭ،بىز دەسلىۋىدە شۇنداق قىزغىن تىلفۇنلاشتۇق ھەتتا يازلىق تەتىلگىچە شۇنداق قىزغىن ئۆتتۇق، ئەمما 2005-يىلى7-ئايدىن تارتىپ مەن ئالەم شۇمۇل ئۆزگەردىم مەن ئۇنىڭ بىلەن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس مىنۇتلارنىڭ شاھىدى بوپ قالغان ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتۇم ئۇ ئالىي مەكتەپ ئارزۇ كۆرسەتكۈچىنى تولدۇرۇپ بىرىشكە  مىنىڭ ساۋاقدىشىم شۇنداقلا ئەڭ يېقىن ئاغىنەم بولغان ئۇنىڭ تۇقىنىن ئىزدەپ كەلگەن ئىكەن،ئەمدى مەن ساڭا ئۇنىڭ بىلەن بولغان بۇ ھېكايىنى سۆلەپ بىرەي:
كۈتۈش ئۈچۈن يارالغانمىدىم...

36

تېما

4

دوست

1357

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

مەمۇرىي خالاس

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەرھابا.مىجىت
تۆھپە
433
مۇنبەر پۇلى
824
ئىشەنىچ
433
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 10:40:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىز ئىزدىگەن ئىنساننىڭ ساۋاقدىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاراقلىرىڭىزغىمۇ ھەم سىزگىمۇ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئوغۇرلۇقچە قارىۋىلىش ئىمكانىيتىگە ئىرىشتىم ، ئىمتاھاننى كۆڭلىڭىزدىكىدەك بىرەلمىگەن لىكىڭڭىزسەۋەپلىك كۆزلىرىڭڭىزدىن ياش قۇيلۇپ توختىمايتى، ئۆزەممۇ بىلمەيمەن سىزنىڭ كۆزلىرىڭڭىزدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلىۋاتقان ياشلارمىنىڭ كۆڭلىمنى ئۆزۈممۇ ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغان بىرخىل دەششەت ئازاپلىق تەشۋىشلىنىشلەر قوينىغا باشلايتى،ئەشۇ چىرايلىق زەڭگەر كۆزلىرىڭىزدىكى ئازاپتىن شەكىللىنىۋاتقان قايغۇ ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈشكە تاقەت قىلالمايۋاتاتتىم،مومكىن بولسا ئۆزۈم ئوقىۋاتقان ، سىز ئارزۇ قىلىۋاتقان مۇشۇ نوقتقلىق ئالىي مەكتەپنىڭ  مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ قالسام ھە مۇشۇ زەڭگەر كۆزلۈك ناتىۋان قىزنىڭ كۆز ياشلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ بۇيىللىق نۇمۇر سىزىقىنى راسا تۆۋەنلىتىپ بۇ بىچچارىنى قايغۇ ھەسرەت چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرسام دەپ ئويلايتىم ئەمما بۇنىڭ تاتلىق خىيالدىنىلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەسلىھەتلىشىشلەردىن كىيىن سىزنىڭ ئارزۇلىرىڭىز ھەم بىزنىڭ پىكىرلىرىمىز نەتىجىسىدە شۇ قەغەز بويلۇپ پۈتتى. ئەمما مىنىڭچە بولسا سىزنى ئۇزاققىچە كۆرۈۋىلىش يۈزسىدىن بولسىمۇ  شۇ قەغەزنىڭ نەچچە ۋاراق كۆپۈيىشىنى تىلەيتىم ،سىز نى ئۇزاقراق تۇتۇپ قىلىشنى ئويلايتىم،بىراق سىزنى ئېپ قىلىشقا كۆرسەتكۈدەك باھاننەم يوق دە.سىز كىتىش ئۈچۈن ئورنىڭىزدىن قوزغالدىڭڭىز بىز سىزنى بىكەتكىچە ئۇزتۇپ چىقتۇق سىز كەتتىڭڭىز ئەڭ شاتلانغىنىم سىز كىتىش ئالدىدا ساۋاقدىشىم بىلەن يەنە ئىزدىشىپ تۇرۇشقا قۇلايلىق بولۇش يۈزسىدىن ئۇنىڭ تىلفۇن نۇمىرىنى سوراپ قالدىڭڭىز، شۇ مىنىۇتلاردا ئىچىمدىكى ھاياجاننى بىر ئاللاھ بىلەتتى ، چۈنكى ئۇنىڭدا تىلفۇن يوق، سىز ئىزدىگەندە ئاسان تېپىشىڭىز ئۈچۈن مىنىڭ يانفۇن نۇمۇرۇمنى دەپ بەردى، ئەسلىدە ياتاقنىڭكىنى دەپ بەرمەكچى ئىدى ، مەن گىپىنى تارتىۋىلىپلا، بىز ياتاقتا داۋاملىق ئولتۇرۇپ بولالامايمىز ، شۇڭا مىنىڭ قول تىلفۇنۇمغىلا ئۇرسۇن چۇ دىدىم ئالدىراپ تىنەپ سىز مىنىڭ نۇمۇرۇمنى قالدۇرۋالدىڭىز، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنى ئىزدەپ بىر قانچە رەت تىلفۇن قىلدىڭڭىز سىز تىلفۇن ئۇرغان شۇ چاغلاردا سىزنىڭ ياخشىمۇ سىز دىگەن يېقىملىق ئاۋازىڭڭىزدىن باشقىچە جانلىنىپ كىتەتتىم، سىز ئىزدىگەن ئۇنىڭ مىنىڭ يىنىمدا بولماسلىقىنى سىزنىڭ مەن بىلەنلا پاراڭلىشىشىڭىزنى كۈتسەممۇ قېيىشقاندەك ھەر نۆۋەتلىك تىلفۇنلار نى قوبۇل قىلغىنىمدا ئۇ بار بولۇپ قالاتتى ، ئۇ سىز بىلەن تىلفۇن پاراڭلاشقاندا تىلفۇن ئاۋازىنى چوڭايتىپ قويۇپ مەنمۇ ئاڭلايتىم ئەمما تىلفۇننى قويۋەتكەندە بولسا ئەسلا ئاڭلىمىغاندەك  (نىمە دەيدۇ؟)دەپ سورايتىم ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ سەن ساراڭمۇ يە؟سەنمۇ ھازىرلا ئۇنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىڭغۇ دەيتى ھەيرانلىقىنى ھەسسىلەندۈرۈپ. ئاڭلىغان بولساممۇ يەنە بىر قېتىم دەپ بىرە دەيتىم نارازىلىقىمنى يوشۇرماستىن ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماي سىز دىگەن گەپلەرنى يەنە بىر رەت دەپ ئۆتەتتى، ماۋۇ يەرنى چۈشۈرۈپ قويدۇڭغۇ دەيتىم ئۇ ئاتلاپ كەتكەن بىر ئىككى ئىغىز سۆزنى ئەسكەرتىپ ئۇ ماڭا قاراپ بىشىنى چايقاپ كۈلۈپ كىتەتتى، سىنىڭ تۇتىۋىلىش قابىليىتىڭ ئاجايىپ يۇقىرى ھە؟دەيتى مەنىلىك كۈلۈپ .ھۇدۇقۇپ قالاتتىم دەرىسلىكتىكى يادلاپ كىلىشكە بۇيرۇلغان مەزمۇنلارنى قايتا قايتىلاپ يادلاپ ئاران ئىسىمدە ساقلىيالىغىنىم بىلەن سىزنىڭ قانچىكى ئۇزۇن گەپلىرىڭڭىز بولسىمۇ بىرنى قالدۇرماي يادىمدا ساقلىۋالالايتىم دىسە...
شۇنداق تىلفۇنلاردىكى ئاددى سالاملاردىن كىيىن بىز ھەر ھالدا ياخشىمۇ سىز؟ دىگەندىن ئۇزۇنراق ئەھۋاللىشىدىغان بولۇشتۇق، مەنمۇ سىزنىڭ تىلفۇن نۇمىرىڭڭىزنى بىلىۋالدىم ، شۇ خىل ئاددى ئەھۋال سورشىشىلار بىلەن ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە بىزنى تەتىل قويۇپ بەردى مەن ئۆيگە كەتتىم ئەمما سىزگە ناگانلاردا تىلفۇن قىلىپ ئەھۋاللىشىپ ئىمتاھان نۇمۇرىڭڭىزنى ، چاقىرىق كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى سورايتىم، سىز ھەر قىتىم ئېغىر تىنىپ ياق دەپ جاۋاپ بەرگىنىڭڭىزدە مىنىڭمۇ كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ كىتەتتى.سىز نىڭ مىنىڭ ئۆيۈمنىڭ نۇمۇرىنى سورغانلىقىز پەقەت يادىمدىن كەتمەيدۇ، مەن سىزگە ئۆيۈمنىڭ نۇمىرىنى دەپ بەرگەن شۇ مىنىۇتلىرىمدا شۇنچىلىك ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە بولغان ئىدىمكى بەلكىم ئۆيۈمنىڭ تىلفۇن نۇمىرىغا تۇنجى قېتىم ئەڭ ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتقىنىم شۇ بولسا كىرەك، سىزنىڭ خاتا يىزىۋىلىشىڭڭىزدىنمۇبەكرەك ئۆزۈمنىڭ  ھاياجانلىنىپ كىتىپ خاتا دەپ سىلىشىمدىن ئەنسىرەيتىم، كۆپۈنچە چاغلاردا ئادەم ئەڭ ئىنچىكە پوزىتسىيدە بولغان نەرسىلەردىن شۇنچە ئاسان سەۋەنلىك چىقىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ،سىز مەن سىزگە تىلفۇن نۇمىرىمنى دەپ بىرىپ 3كۈندىن كىيىن تىلفۇن قىلدىڭڭىز بىز قىسقىلا سۆزلەشكەن بولساقمۇ مىنىڭ ھاياجانلىق ھېسياتىم يۈركىمنى رېتىمدىن ئازدۇراتتى، ئاردىن بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ مەن ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە تىلفۇن قىلدىم تىلفۇننى سىز ئالغان ئىكەنسىز مەن سىزنىڭ ئاۋازىڭڭىزنى دەماللىقتا پەرىقلەندۈرەلمىگەنلىكىم تۈپەيلى سىزنىڭ ئەخمەق قىلىشىڭڭىزغا ئۇچۇردۇم ، سىز ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ مەن بىلەن چاندۇرماستىن نەچچە مىنىۇت پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئۇ سىزنىڭ يېنىڭىزغا كىلىپ سىزدىن كىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتىسەن دەپ سورغاندىلا سىز كۈلۈپ كىتىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن تۇرۇپكىسىنى بەردىڭڭىز، مەن سىزنىڭ قاقاقلاپ كۈلگەندىكى  جاراڭلىق ئاۋازىڭىزنى ئەنە شۇ قېتىم تۇنجى ئاڭلىدىم، سىزنىڭ شۇخىىل چاقچىقىڭڭىز مىنىڭ سىزدىن تارتىنىشىمنى ئاز تولا پەسەيتتى.بەلكىم سىز شۇ قېتىم مەن بىلەن ئاشۇنداق چاقچاقلاشمىغان بولسىڭىز بىزنىڭ ئارمىزدىكى بۇ ئۇنتۇلماس ھېكايىلەرمۇ ۋۇجۇتقا چىقمايدىغان بولغىيتى...
تەتىلمۇ توشۇپ بىزمۇ مەكتەپكە يىغىلدۇق، مەن سىزگە قايتىپ كەلگەن كۈنۈملا تىلفۇن قىلدىم ، سىزنى قورقۇپ تۇرۇپ تاماققا تەكلىپ قىلدىم، خۇداغا شۈكىرى سىز تەلىۋىمنى رەت قىلمىدىڭڭىز ، بىز ئەتىسى يىشۆيۈەندە كۆرشىدىغان بولدۇق ، شۇكۈنى سىم سىم يامغۇر يىغىۋاتاتتى، ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس  قېرىشقاندەك يىشۆيۈەننىڭ ئالدىدا بىر توپ ئاغىنىلەر بىلەن دوقۇرشۇپ قالدىم، ئۇلار قارمايدىكى يېقىن دوستلۇرۇم ئىدى ئەمدى قانداقمۇ ئۇلارنى تاشلاپ قويۇپ سىزنى ساقلىغىلى بولسۇن . سىزگە كەلمەڭ ئەتە كۆرشەيلى دەپ تىلفۇن قىلدىم، ئەمما تىلفۇننى ئاپىڭڭىز ئېلىپ سىزنىڭ ئۆيدە يوقلىقىڭڭىزنى ئېيىتتى، سىزنىڭ يولغا چىقىپ بولغانلىقىڭڭىزنى بىلدىم، ئەمدى سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولسۇن ، يە سىزنىڭ قولىڭڭىزدا تىلفۇن بولمىسا ، ھەي...
ئاغىنىلىرىمنى ئاشخانىغا باشلىدىم، سەي بۇيرۇتۇپ قويۇپ سىرىتتىن ئىچىملىك ئەپ كىرىش ئۈچۈن چىقتىم ، كۆزلۈرۈم بىكەتتە، ئىچىملىك ئەكىرىپ ئەمدى ئولتۇرشۇمغا تىلفۇن كەلدى، قارسام ئاممىۋى تىلفۇننىڭ نۇمىرى، تىلفۇننى چاققانلىق بىلەن ئالدىم،
ياخشىمۇ سىز؟
-ياخشىمۇ سىز؟سىز نەدە؟
-مەن خوڭشەندىكى بىكەتتە سىز چۇ؟
-مەن ئاغىنىلىرىم بىلەن يىشۆيۈەندە، كەچۈرۈڭ سىز بىلەن كۆرشەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم، بىز ئەتە كۆرشەيلى بولامدۇ؟
-مەيلى ئەمسە، مەن ئۆيگە قايتىپ كىتەي.
-رەنجىپ قالدىڭڭىز ھە...
-ياق ، رەنجىمىدىم .خوش.
سىز مىنىڭ خوش دىيشىمنىمۇ كۈتمەستىن تىلفۇننى قويۋەتتىڭڭىز، ئاۋازىڭىزدىن چانمىغىنى بىلەن  ھەركىتىڭڭىزدىن رەنجىگەنلىكىڭڭز بىلىنپلا تۇراتتى، ئەلۋەتتە مۇشۇنداق لاكا لوزۇڭ ئىشقا ئۇچۇرسا كىمنىڭمۇ ئاچچىقى كەلمىسۇن...
ئاردىن ساق 5كۈن ئۆتتى يە سىزگە تىلفۇن قىلالمايمەن يە سىز قىلمايسىز...ئەلۋەتتە سىزنىڭ قىلماسلىق ھوقۇقۇڭڭىز بارئىدى، مەن سىزگە سىزنى ئەخمەق قىلىۋاتقاندەك تەسىر بەرگەن تۇرسام.ئاخىرى چوڭ غەيرەتكە كىلىپ مەن تىلفۇن قىلدىم، خۇداغا شۈكىرى سىز مىڭ تەسلىكتە ماقۇل بولدىڭڭىز بىز خەلىق مەيدانىدا كۆرۈشىدىغانغا كىلىشتۇق، مەن بىز دىيىشكەن ۋاقىتتىن 2سائەت بۇرۇن كىلىپ سىزنى ساقلاشقا باشلىدىم مەن سىزنى ساقلاپ 2سائەت 30مىنۇت بولغاندا سىز كەلدىڭڭىز، سىزنى ئالدىنىقى قىتىم رەنجىتىپ قويغىنىمدىن خىجىل بولۇپ سىزدىن ئەپۇ سوراش يۈزسىدىن جىڭدى شاكىلات سىتىۋالغان ئىدىم سىزنى مەن ياخشى كۆرىدىغا ن مۇشۇ شاكىلات بىلەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان شۈي مىتاۋ ئىچىملىكى بىلەن خوش قىلىشقا تىرشاتتىم.سىز كەلدىڭڭىز ئەمما مىنىڭ تۇرغان ئورنۇمنى كۆرمەي ئۆتۈپ كەتتىڭڭىز، مەن ئارقىڭڭىزدىن ئەگىشىپ مېڭىپ سىزگە يېقىنلاپ بوش ئاۋازدا
-ھەي دىدىم تولىمۇ ئىھتىياتچانلىق بىلەن سىزنى چۈچىتىۋەتمەسلىككە تىرشىپ.
سىز ئارقىڭىزغا ئىتتىك بورۇلدىڭڭىز كۆزلۈرۈمىز شۇنچە تىز ئۇچرىشىپ شۇنچە تىز باشقا ياققا قارۋالدىڭڭىز كۆزلىرىڭڭىز كۈلۈپ تۇرۇپ سوردىڭڭىز
-ئۇزاق ساقلىتىۋەتتىمۇ؟
-ياق مەنمۇ ھازىرلا كەلگەن.ئۆيدىن نىمە دەپ چىقتىڭڭىز؟
-ئاچامنىڭ تويىغا ئاز قالدى ئەمەسمۇ، باغاق يىزىشىپ بىرىمەن دەپ چىقتىم.
-ئاچىڭڭىزنىڭ يىنىغا بارامسىز؟
-ھە ئە.
-مەن ئاپىرىپ قويايمۇ؟
-مەيلى.
-بۇلارنى سىزگە ئالغان.
-نىمىشقا؟
-يىسۇن دەپچۇ.
كۈلۈپ كەتتىڭڭىز تارتىنىپ تۇرۇپراق قولۇمدىن ئالدىڭڭىز.
ئاچىڭڭىز نىڭ ئۆيى نەدە؟
-جۇۋ جاۋەندە.
-مېڭىپ بارايلىمۇ؟
-مۇشۇ يەردىن جۇۋجاۋەنگنما؟
-ھەئە، چىدىيالمامسىز؟
-چىدايمەن، سىزنى چىدالماي قالارمۇ دەپ چۇ..
-مەن چىدىيالمايدىىغان بولسام  ماڭايلىمۇ دىمەيتىم.
-ئەمسە ماڭامدۇق .
-ماڭايلى.
بىز مېڭىپ كەتتۇق.خەلىق مەيدانىدىن شۇ ماڭغانچە راستىنلا جۇجاۋەنگىچە مېڭىپ باردۇق يولدىكى پاراڭلاشقان سۆزلىرىمىز ھەرخىل پاراڭ تىمىلىرىمىزدىن گاھ كۈلۈشۈپ گاھ چاقچاقلىشاتتۇق.جۇۋجاۋەنگە بارغاندا بولسا يولنىڭ يەنىمۇ ئۇزۇنراق بولىشىنى يەنىمۇ ئۇزۇنراق مېڭىشىمىزنى تىلەيتىم ئەپسۇس بىزنىڭ ماڭغان يولىمزنىڭ ماڭسا تۈگىمەس يول بولماستىن ، ماڭسا تۈگەيدىغان يول بۇلۇپ قالغانلىقىنى دىمەمدىغان.سىز نى ئاپىرىپ قويۇپ قايىتتىم.شۇ كۈندىن كىيىن ماڭا ھەر ھالدا تىلفۇن قىلىدىغان بولدىڭڭىز،ئەمما 6كۈن ئۆتۈپ مەن ساۋاقدىشىمنى ئىزدەپ قىلغان تىلفۇننى سىز ئېلىپ ، مەن شۇ چاغدىكى ناچار كەيپىياتىمدا سىزنى سەتلەپ سالدىم. شۇنىڭدىن كىيىن ماڭا ئۇرىدىغان تىلفۇنىڭڭىز بىراقلا توختىدى.بىز شۇ ئىزدەشمىگەنچە تاكى ئاچىڭڭىزنىڭ تويىدا كۆرۈشكەنگە قەدەر ئىزدەشمىدۇق.ئاچىڭڭىزنىڭ تويىدا ماڭا مەجبۇريەت يۈزسىدىنلا  ياخىشىمۇ سىز ؟دەپ قويدىڭڭىز خالاس.ئەمما ئەتىسى ساۋاقدىشىمنى ئىزدەپ ياتاققا  كەلدىڭڭىز ،مەن سىرىتتىن توخۇ قورۇتۇپ كىردى، سىز قايىتماقچى بولغان چېغىڭڭىزدا كەچ كۈزنىڭ سوغۇق شامىلى سىزنى بىر ئاز سوغۇقلاندۇرۇپ قويغان چېغى چۈشكۈردىڭڭىز،مەن شۇندىلا سىزنىڭ سەل يىلىڭ كىينىۋالغانلىقىڭڭىزنى ھېس قىلىپ چاپىنىمنى تەڭلىدىم.
-كىيىپ كىتىڭ ، ئۆيڭىزگە بېرىپ بولغىچە زۇكامداپ قالماڭ .
-رەھمەت، بولدى بىردەمدىلا بېرىپ بولىمەن.
-ياراتمايۋاتامسىز؟
-ياق ياق...ھەرگىز ئۇنداق ئويلىماڭ.
-ئەمسە كىيىڭڭە.  سىز چاپىنىمنى كىيدىڭڭىز ئەمما چاپان سىزگە بەكلا چوڭ كىلىپ قالدى.بىز كۈلشۈپ كەتتۇق.
-بولدى بولدى سېلىۋىتەي بەك چوڭكەن. سىزنى يەنىلا بىكەتكىچە ئۇزتۇپ چىقتۇق سىز كەتتىڭڭىز. 2كۈندىن كىيىن تولۇق ئوتتۇرىدا قايتا ئوقۇيدىغان بولغانلىقىڭڭىزنى دەپ تىلفۇن قىلدىڭڭىز، ساۋاقدىشىمغا فىزىكا  تەكرارلاپ بىرەلەيدىغان ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تىپىپ بىرىشنى ھاۋالە قىلىپ تىلفۇن قىلدىڭڭىز، ئۇ سىزگە تېپىپ بەردى، شۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ مەكتەپكە كىلىپ دەرىس تەكرارلايدىغان بولدىڭڭىز، ھەر قېتىم مەكتەپكە كەلگەندە ساۋاقدىشىمنى ئىزدەپ تلفۇن قىلاتتىڭڭىز، بىر كۈنى كەچ قالدىڭڭىز ساۋاقدىشىم ئالدىراش بولغاچقا سىزنى بىكەتكىچە مەن ئۇزتۇپ چىقتىم، 8دىن كىيىن ئاپتۇبۇس كارتىڭڭىز ئىشلىمەيدۇ يېنىڭىزدا ئارتۇق پۇل بار يوقلىقىنى بىلمەيمەن سوراشتىن ئەسلا خىجىل بولىمەن، ماشىنا كەلدى،ئاخىرى غەيرەتكە كەلدىم.
-بۇ 20كوينى ئېلىۋىلىڭ .
-نىمە قىلغىنىڭڭىز بۇ؟
-سىز ئۆيگە بارغىچە 2ماشىنا ئالمىشىسىز، سىز بارغىچە ئاپتۇبۇس قالمىسا تاكسىغا ئولتۇرمامسىز.
-ياق ياق ياق يېنىمدا پۇل بار.
-پۇلى يوق دىمىدىم  يەتمەي قالسا ئىشلەتمەمسىز.
-ياق ياق
-تولا چىشىمغا تەگمەڭچۇ، ئېلىڭڭە بولمىسا يىرتىۋىتىمەن.
-ئەمسە 10كويلا بىرىڭ شۇ يىتىدۇ، سىزمۇ ئوقۇغۇچى تۇرسىڭڭىز.
مەن ئارتۇق گەپ قىلماستىن 10كوينى قولىڭڭىزغا تۇتقازدىم.ماشىنا كەلدى سىز ماشىنىغا چىقىپ مەن بىلەن بوشقىنە باش لىڭشىتىپ خوشلاشتىڭڭىز.ئەتىسى كەچتە بىز بىللە تاماق يىدۇق ساۋاقدىشىم سىز ھەم مەن گۈرۈچ ئۇنى لەغمىنى يىدۇق ساۋاقدىشىم سامساق بىلەن قوشۇپ تاماق يەۋاتاتتى سىز تۇيۇقسىزلا مەن سامساق يىيەلمەيمەن ھەم سامساق يىگەن ئادەم بىلەن پاراڭلاشقۇممۇ كەلمەيدۇ، بەك سېسېق پۇرايدۇ دوپ سالدىڭڭىز، مەنمۇ راسا سامساق ئالدالاۋاتقان ئىدىم تېخى يىيىشكە ئۈلگۈر مىگىنىمگە ئىچىمدە ئاجايىپ خوش بولۇپ كەتتىم ھەم دەرھاللا سامساقلارنى تاماق شىرەسىگە تاشلاپ قويدۇم مىنىڭ سامساق يەيدىغان ئادىتىممۇ ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن يوقالدى،كىم بىلسۇن سىز مىنىڭ ھەركىتىمگە قاراپ ئولتۇرغا ئىكەنسىز كۆزلۈرىمىزنىڭ شۇنچە تىز ئۇچرىشىشىدىن نىمە قىلارىمنى بىلمەي قالغان شۇ دەقىقىلەردە بەكمۇ بەكمۇ تاتلىق كۈلۈمسىردىڭڭىز سىزنىڭ شۇ كۈلۈمسىرشىڭڭىزدىن مىنىڭ ھەركىتىمنى كۈزتۈپ ئولتۇرغانلىقىڭىزنى سەزدىم.  ئاردىن يەنە بىر قانچە ھەپتە ئۆتتى ناگانلاردا تىلفۇن قىلمىسىڭڭىز، قىلماسلا بولۇپ كەتتىڭڭىز. 3ھەپتە بولغان كۈنى دەرس ۋاقتىدا تىلفۇنۇم قىسقا ئۇچۇر سىگىنالى سايراتتى قارسام ناتونۇشلا كىچىك زىرەك نۇمۇرى، ئۇچۇرنى ئىچىپ كۆردۈم
-ياخشىمۇ سىز؟نىمە قىلىۋاتىسىز؟مىنىڭ كىملىكىمنى بىلدىڭىزمۇ؟يۈركۈم توساتتىنلا تىتىرەپ كەتتى، دەرھال خەت قايتۇردۇم.
-ياخشىمۇ سىز؟سىز  (*******)شۇنداقمۇ؟باركەنسىزھە؟
- بىلىۋاپسىزدە...بۇ ساۋاقدىشىمنىڭ تىلفۇنى ھازىر قايتۇرۇپ بىرىمەن ، سىزگە سەل تۇرۇپ تىلفۇن قىلاي خوش.
يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتتى.سىز 5مىنۇتلاردىن كىيىن تىلفۇن قىلدىڭڭىز،گەرچە دەرىس ۋاقتى بولسىمۇ سىزدىن كەلگەن تىلفۇننى ئالماي بولاتتىمۇ بىز قىزغىن پاراڭلاشتۇق.10مىنىۇتتەك سۆزلۈشۈپ تىلفۇننى قويۋەتتۇق، شۇكۈنى كەچتە مەكتەپتىمۇ كۆرۈشتۇق، شۇنىڭدىن باشلاپ 1ھەپتىگىچە ھەركۈنى 2-سائەتلك دەرىستىن چۈشۈپلا تىلفۇن قىلىدىغان بولدىڭڭىز گەرچە سىلەرنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىڭلار بىزنىڭ دەرىس ۋاقتىمىزغا توغرا كەلسىمۇ مەن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن تىل ئاڭلاشتىن قەتىي  سىزنىڭ تىلفۇنىڭڭىزنى ئالاتتىم ،ئەمما بۇخىل پاراڭلىشىشىلارمۇ1ھەپتە داۋاملاشتى.يەنە 1ھەپتە غايىپ بولۇپ كەتتىڭڭىز 1ھەپتىدىن كىيىن يەكشەنبە كۈنلىكى مەن ۋۇجا چۈدىكى دوستلۇرۇمنىڭ يېنىدىن قايتىۋاتقىنىمدا تىللفۇن قىلدىڭڭىز
-ياخشىمۇسىز؟
-قانداق ئەھۋال؟يەنە يوقاپ كەتتىڭڭىزغۇ؟
-ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق شۇ، بۈگۈن ۋاقتىڭڭىز بارمۇ؟
-قانداق دەيسىز؟
-سىزنى مىھمان قىلاي دەيمەنغۇ.
-خاتا ئۇرۇپ قالمىغانسىز تىلفۇننى؟
-ياق.
-ئەلۋەتتە بار، نەدە كۆرشىمىز؟
-خەلىق مەيدانىغا كىلەمسىز؟
-ماقۇل ، مىنى ساقلاڭ .
-قانچىلىك ساقلايمەن ؟مىنىڭ 1دىن 30ئۆتكەندە دەرسىم بار ئىدى، سىز نەدە؟
-مەن سىزنى ئۇنچە ئۇزۇنمۇ ساقلاتمايمەن، مەن ئەننىڭچۈگە كىلەي دەپ قالدىم ھازىرلا كىچىك ماشىنا توراپ باراي بولامدۇ؟
-مەيلى ئەمسە،سىزنى بىكەتتە ساقلايمەن ھە.
-بولىدۇ،خوش بارغاندا كۆرشەيلى.
-خوش.
دەرھال ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قالدىم، ئەننىڭچۈگىمۇ كەپ بولالماپتىكەنمىز، شۇنداقتىمۇ ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قېلىپ يولدىنلا كىچىك ماشىن تورۇدۇم ، باھا تالىشىپ ئولتۇرماستىنلا شوپۇرنىڭ دىگىنىگە باش لىڭشىتتىم پۈتكۈل ئەس يادىم ئوي خىيالىم يېنىڭڭىزغا تىزرەك بېرىشتا ئىدى.
قانچە تىت تىت بولغانسىرى بو يولدىكى ماشىنىلارنىڭ شۇنچە كۆپلىكىنى دىمەمسىز، مومكىن بولسا مەن ئولتۇرغان ماشىنىنى قاتناش چىراغلىرىدىمۇ توختىمىسىكەن دەيتىم . ئەمما مومكىن بولمايدىغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان ئادەم بەزىدە ئاشۇنداق مومكىن بولمايدىغان ئىشلارغا ئۈمۈت باغلاپ ئۆتىدىغان چاغلارنىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزىدىكەن،قېيىشقاندەك بېيمېر بىكەتتە قاتناش توسۇلۇپ قاپتۇ، دەرھاللا پۇلنى تۆلەپ ماشىنىدىن چۈشتۈم، سىز تۇرغان بىكەتكە 1بىكەت يۈگۈرۈپ يىتىپ باردىم، سىز مىنى ساقلاۋىتىپسىز،
-قانداق ئەھۋال؟
-ياخشىغۇ، ئۆزۈڭىزنىڭ چۇ؟
-كۆرۈپ تۇرۋاتىسىزغۇ.
-ئۇزاق ساقلىتىۋەتتىم ھە.
-ئۇنچە ئەمەس...
-ئەمسە يەنە بىردەم كىچىكىپ كەلسەم بوپتىكەندۇق دە.
كۈلۈپ كەتتىڭڭىز، سىز كۈلسىڭڭىز تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كىتىدىكەنسىز دىسە...
-ھە ،مىنى نىمە بىلەن مېھمان قىلماقچى؟
-سىز دەڭ نىمە بىلەن دىسىڭڭىز شۇنىڭ بىلەن بولسۇن.
-نەدە ئۇنداق گەپ بار،سىز نىمىدە مېھمان قىلىشنى ئويلۇشۇپ باقمىغانما؟
-مىفېن يەيلىمۇ؟سۈيقاش ئىچەيلىمۇ؟
-بولىۋىرىدۇ.
-مەن سۈيقىشى بەك ئوخشايدىغان بىر يەرگە باشلاپ بارايمۇ ئەمسە؟
-مەيلى،بولمىسا سۈيقاشنى كىيىن ئىچىپ ھازىر مىفىن يەيلىمۇ؟
-نىمىشقا؟
-سىز مىفىنغا ئامراققۇ.
-بىراق مەن سىزنى مېھمان قىلىمەن دەپ ئۆزەم ئامراق نەرسىنى زورلىسام بولماس.
-ئەملىيەتتە مەنمۇ مىفىننى ياخشى كۆرىمەن.
-بولىدۇ ئەمسە، يۈرۈڭ ئاۋۇ لىڭ لىڭ غا كىرەيلى. بىز ئاشخانىغا كىرىپ مىفىم بۇيرۇتتۇق، تاماق چىققىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتۇق،تاماقنى بىر بىرىمىزدىن قورۇنۇشۇپ تولىمۇ تەسلىكتە يىيىشسەكمۇ ئۆزىمىزنى زورىغا ئەركىن تۇتۇشقا تىرشىپ باقاتتۇق.
-نىمىشقا پۇلنى سىز تۆلەيسىز؟مەن مېھمان قىلىمەن دىگەن تۇرسام...
-سىز مېھمان قىلدىڭىز، مەن پۇل تۆلۈدۈم شۇ.كىم سىزنى مېھمان قىلمىدى دەيدۇ؟
-ساراڭ.
بۇسىزنىڭ مىنى تۇنجى قېتىم ئەركىلەپ تۇرۇپ تىللىشىڭڭىز ئىدى، شۇنىڭدىن كىيىن مەن مۇشۇ ساراڭ سۆزىگە ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدىم ، چۈنكى بۇ سۆز سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن ماڭا شۇنچە يېقىملىق تەلەپپۇزدا بايان ئەيلىنەتتى.
-ئايلىنىپ كىلەيلىمۇ؟
-نەگە بېرىپ؟
-ساراڭلار دوختۇر خانسىغا چۇ.
-راس دەۋاتامسىز؟
-ھەئە.
-مىنىڭ دەرسىم بار تۇرسا.
-بولدىلا دەرىسىڭڭىزنى ئەتە تولۇقلىۋالمامسىز، يۈرىڭڭە كەتتۇق.
-سىز راستىنلا 4-دوختۇر خانىغا بارماقچىما؟
-ھەئە، مېڭىڭە. شۇنداق دەپلا ئالدىڭىزدا مېڭىپ كەتتىم ئارقامدىن يىتىشىپ ماڭدىڭڭىز يولدا بىز ھەرخىل قىززىق گەپلەر بىلەن كۈلىشەتتۇق، چاقچاقلىشاتتۇق، ماڭا ناخشا ئېيتىپ بىرىڭە دىدىم مەن تۇيۇقسىزلا ئۆزۈمنىڭ نىمىشقا شۇنچە تۇيۇقسىز بونداق دەيدىغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتىم.
-بىر قېتىم سىنىپىمىزدا ناخشا ئوقۇغۇزغانتى مەن (ھاۋۋانى تۇمان باستى )دىگەن ناخشىنى ئوقۇپ بەرگىنىمدىن كىيىن 2-ناخشا
ناخشا ئېيىتمايمەن دەپ ئۆز ئۆزەمگە ۋەدە بىرىۋەتكەن.
-نىمىشقا؟
-مەن ناخشىنى ھاۋۋانى تۇمان باستى ھەي.......دەپ بەك سوزىۋىتىپ ئاۋازىمنى يەتكۈزەلمەي كۈلكىگە قالغان.
-ھ ھ ھ  ھ ھ ھ ھا.... ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماستى كۈلۈپ كەتتىم.
-نىمىگە كۈلىۋاتىسىز؟
-توۋا غەلىتە قىزكەنسىز جۇمۇ...
-قانداق غەلىتە ئىكەنمەن؟
-شۇنچە چىرايلىق ئاۋازىڭڭىزنى قانداق تونۇتۇشنىمۇ بىلمەيدىغان غەلىتە قىز چۇ...
-نىمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟
-مەن سىزنىڭ ئاۋازىڭڭىزنى بەكمۇ گۈليار ياقۇپنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىتىمەن.شۇنچە يېقىملىق ئاۋازىڭىزنى چۈشىدىغان ناخشىلارغا سەرىپ قىلسىڭڭىز بولماسمىدى.
-سىز گۈليارنىڭ ناخشىلىرىنى بەك ياخشى كۆرەمسىز؟
-ھەئە ، مەن ئەكپەر قەھرىمان بىلەن گۈليار ياقۇپنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرمەن. سىزنىڭ ئاۋازىڭڭىز راستىنلا بەك ئوخشىشىدۇ...
-بۇنىڭدىن كىيىن سىز ناخشىنى ئوقوپ بىرىڭ دىمەڭ بولامدۇ؟
-ئوقۇڭ دىمەي نىمە دەيمەن؟
-ناخشا دىگەننى ئېيتىدۇ، كىتاپ دىگەننى ئوقۇيدۇ، بايام ناخشا ئوقۇپ بىرىڭ دىدىڭڭىزغۇ.
-نەدە ئۇنداق دىدىم؟مەن ئەزەلدىن ناخشا ئېيتىپ بىرىڭ دەيمەن.ئۆزىڭڭىز شۇنداق دىدىڭڭىزغۇ.
-بىزنىڭ سىنىپتا قايتا ئوقۇغىلى كەلگگن بىر قىز بار ھەر قېتىم ناخشا ئوقۇپ بىرەي ، كىتاپ ئوقۇپ بىرەي دەپ گەپ قىلىدۇ بەلكىم ئۇنىڭ بىلەن كۆپ پاراڭلاشقاچقا بايام شۇنداق دەپ سالغاندىمەن.
-كاللىڭڭىز تازا جايىدا ئەمەسمۇ قانداق؟يېنىڭڭىزدا مەن تۇرساممۇ باشقىلارنىڭ گىپى يادىمدا قېلىپ دەپ يۈرۈيسىزغۇ؟
-ياق ئۇنداق ئەمەس شۇ ئۆزەمچە، ئويلاپ قالدىم.
-قاراڭ ئاۋۇ كۆرۈنگىنى 4-دوختۇرخانىنىڭ ياتاق بىناسى.
-سىز بۇ يەرگە كۆپ كىلەمسىز؟
-مىنىڭ بىر ئاغىنەم مۇشۇ يەردە ياتاقتا.
-نىمە بولۇپ؟
-ساراڭ بولۇپ شۇ.
يوقلاپ كىلىپ باققانمۇ؟
-تولا كىلىمەن.
-ۋاي بىچچارە...
بىز 4-دوختۇرخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ بۇغىنىڭ ھەيكىلى قاتۇرۇلغان چىملىقنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا يانمۇ يان ئولتۇرۇشتۇق.سىزنىڭ سۇس تىتىرەۋاتقانلىقىڭڭىزدىن سوغۇق ئۆتكەنلىكىنى جەزىم قىلدىم.شۇنداقتىمۇ ھەرخىل تىمىلاردا قىزغىن پاراڭلىشىشتۇق، سىز رەسمى تىتىرەشكە باشلىدىڭڭىز كەچ كۈزنىڭ سوغۇقى كەچ كىرگەنسىرى ئۆزىنى كۆرسۈتىۋاتاتتى.
-كىتەيلىمۇ؟
-ماقۇل.، ھە راس ماۋۇ ئاسقۇچنى تىلفۇنىڭڭىزغا ئېسىۋىلىڭ.
قولىڭڭىزدىن ئاللاھ دىگەن خەت بار ئەينەك ئاسقۇچنى ئېلىېىتىپ دىدىم
-سىز ئېسىپ بەرسىڭڭىز بولمامدۇ؟
-ئەكىلىڭ ئەمسە. سىز قولۇمدىن ئاسقۇچنى قوللۇرىمىزنىڭ تىگىشىپ كىتىشىدىن تولىمۇ ئھتىيات قىلىپ تۇرۇپ ئالدىڭڭىز ئەمما ئىھتىياتچانلىقىڭڭىزغا چاققانلىق قوشۇلغان ئىدى.بىر دەمدىلا ئېسىپ بولدىڭڭىز.
-رەھمەت.
-رەھمەت دىگىچىلىكى يوق، سىز ياراتسىڭڭىزلا بولدى.
-مەن بەك ياخشى كۆردۈم ، سىز سېرىق رەڭنى ياخشى كۆرەمسىز؟
-قانداق دەيسىز؟
-بۇنىڭ ئىچى سېرىق ئىكەنغۇ.
-ھەئە.
-ئۆزىڭڭىزمۇ سېرىق بولغاچقا سېرىق رەڭلىكنى ئالدىڭڭىزمۇ يە مىنى ئەسلەپ تۇرسۇن دەپ؟
-ساراڭ.
-كۆزلىرىڭڭىزنىڭ رەڭگىنى بەك ياخشى كۆرىمەن ئاجايىپ چىرايلىق زەڭگەر كۆزلىرىڭڭىز بار دە.
قىزىرىپ كەتتىڭڭىز، سىزنىڭ ئاناردەك قىززىرىپ كەتكەن مەڭزىڭىزنى كۆرۈپ ئۆزەمنىڭ سەل چەكتىن ئاشۇرۇپ سۆزلەپ قويغۇنۇمنى ھېس قىلىپ قالدىم.بىز قايىتتۇق.قايتاشىمىزدا ھېلىقى 4-دوختۇرخانىغا بارىدىغان يولدىكى ئاسما كۆرۈكتە بىردەم تۇردۇق.
-مەن بۇرۇنمۇ بۇ كۆرۈكتىن مېڭىپ باققان ، ئەمما يالغۇز ... سىز بىلەن ماڭدىم ئەمدى بۇ كۆرۈك بىلەن 4-دوختۇرخانىنى  ئۇنتالمايدىغان بولدۇم دە.
-نىمە دىگىنىڭڭىز بۇ؟
-نىمە دەۋاتقانلىقىمنى چۈشىنەلمەيۋاتامسىز؟  كۆزلۈرىڭڭىزگە شۇنچىلىك مەنىلىك قاراپ قويدۇم سىز يەنە قىزىرىپ كەتتىڭڭىز. بىز تاكى خەلىق مەيدانىغا كەلگىچە پاراڭلىشىپ كەلدۇق ئەمما سىز مەندىن بارغانسىرى ككزلىرىڭڭىزنى قاچۇرىدىغان بولۇپ قالدىڭڭىز.
-مەن مۇشۇ بىكەتتىن ماشىنىغا چىقاي.
-قانچىنى يولغا چىقىسىز؟
-931جى يولغا.
-نەدە چۈشىسىز؟
-گۇاڭ يۈئەن دە.
-مەھەللىڭىزگىچە بارامدۇ؟
-ھە ئە مەھەللىنىڭ ئىچىدە بىكىتى بار.
-مەن ئاپىرىپ قويسام بولامدۇ؟
-كەچ بولۇپ كەتتى سىزمۇ مەكتەپكە قايتىڭ مەن ئۆزۈم كىتەي.
-ئاپىرىپ قوياي چۇ.
-سىزنى ھېلىمۇ كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتىم ، بولدى رھمەت.
-نىمىگە ئاۋارە قىلىۋەتتىڭڭىز؟مەندىن ئۆزىڭڭىزنى قاچۇرۋاتىسىز ھە.
-ياق، ئۇنداق ئەمەس، قاراڭ ماشىن كىلىپ قالدى خوش مەن كىتەي.
سىز شۇنداق دەپلا بىكەتكە كىرىپ ئەمدىلا تورمۇز دەسسسىگەن ئاپتۇبۇس تەرەپكە قاراپ سىلىق يۈگۈرۈپ چاققانلىق بىلەن چىقىپ ئۈلگۈردىڭڭىز. ئاپتۇبۇس قوزغالدى ماڭا يىنىك قول ئىشارىتى بىلەن خوش دىدىڭڭىز مەنمۇ بىشىمنى يىنىك لىڭشىتىپ سىز بىلەن خوشلۇشۇپ 101غا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە قايىتتىم.
شۇ كۈنى كىچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىدىم يېرىم كىچىلەردىمۇ چاقمىقىمنى ياندۇرۇپ سىز سوۋغا قىلغان ئاسقۇچنى نەچچە سىلىدىم،ئۇ مۇشۇ ئاسقۇچنى نۇرغۇن ئاسقۇچلار ئىچىدىن تاللاپ ئالغىچە ئەشۇ زەڭگەر كۆزلىرىنى تىككەندۇ ھە،ئەشۇ زەڭگەر كۆزلىرى مۇشۇ ئاسقۇچقا قانچىلىك تىكىلگەندۇ؟دىگەن سۇئال ھېلىدىن ھېلى ئىچىمنى تىتىلدىتىپ ئۇيقۇسۇز كۆزلىرىمدىن يەنىمۇ ئۇيقۇ بىدار قىلاتتى.تاكى چاقماقنىڭ ئوتى تۈگەپ قالغانغا قەدەر شۇ ئاسقۇچنى كۆرۈپ سىلاپ قانمايتىم. شۇ كىچىنىڭ قانچىلىك تەسلىكتە ئاتقانلىقىنى بىلمەيسىز...
ئەتىسى سىز يەنە بىزنىڭ مەكتەپكە دەرىس تەكرار قىلغىلى كەپسىز ئەمما ماڭا تىلفۇن قىلمىغان ئىدىڭڭىز بىز تۇيۇقسىزلا  ئاساسى ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىدا ئۇچرۇشۇپ قالدۇق.سىز مەندىن ئىتتىك ئۆزىڭڭىزنى قاچۇرماقچى بولۇپ باقتىڭڭىز ئەمما ئۈلگىرەلمىدىڭڭىز مەن چاققانلىق بىلەن يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئالدىڭڭىزغا باردىم
-ياخشىمۇ؟قاچان كەلگەنتىڭڭىز؟نىمە قىلىۋاتىسىزبۇ يەردە؟
-ئوقۇتقۇچۇمنى ساقلاپ...
-ئۇ قاچان چىقىدۇ؟
-بىلمەيمەن.
-ھاۋا سوغۇق تۇرسا نىمىشقا سىزنى ساقلىتىپ تېخىچە چىقمايدۇ؟ئېلىڭە تىلفۇن ئۇرۇپ بېقىڭچۇ.
سىز تىلفۇنۇمنى يەنە شۇخىل قىزىرىش ئىچىدە ئالدىڭڭىز.بىردەم سۆزلۈشۈپ بولۇپلا قايتۇرۇپ بەرگەچ دىدىڭڭىز
-كەچتە ئازراق ئىشى چىقىپ قاپتۇ شۇڭا بۈگۈن قايتىپ كىتىڭ دەيدۇ.
-قايتىپ كىتەمسىز؟
-ھە ئە.
-ئاتايىن كەلگەندىن كىيىن خېبەنگە كىرىپ بىر ئاز بولسىمۇ كىتاپ كۆرۈپ كەتسىڭڭىز بولمامدۇ؟مەنمۇ خېبەنگە كىرىپ ئۈگىنىش قىلاي دەپ تۇرغان.
ئەمەلىيەتتە مەن نەدىمۇ ئۈگىنىش قىلىشقا ماڭغان دەيسىز دەرىستىن چۈشۈپلا تاماق يىگىلى ئاشخانىغا قاراپ مېڭىۋاتقان ئىدى.
-كەچ قالىمەن شۇڭا كىتەي.
-مەن ئاپىرىپ قويسام بولىدىغۇ.
سىز ماڭا گەپ تېپىپ بىرەلمىدىڭڭىز، ئىلاجسىز كەينىمدىن ئەگىشىپ 103خېبەنگە كىردىڭڭىز بىز بىر پارتىدا سىز ئىچى تەرەپتە مەن سىرتىدا ئولتۇرۇشتۇق بىردەم ماتاريال كۆرگەن بولىۋالدىم سىز بولسىڭڭىز توختىماي فورمىلالىق يىساپلاش ئېشلەيتىڭڭىز، ئاستا مەشىق دەپتىرىڭڭىزنى تارىتتىم سىز نىمە؟بولدى دىگگن نەزەردە ماڭا چاققان تىكىلىپلا ئالدىڭڭىزغا قارىۋالدىڭڭىز.
-مەشىق دەپتىرىڭڭىزنى بىرىپ تۇرىڭە يازىدىغان ئازراق مەزمۇن بار ئىدى دىدىم بوش پىچچىرلاپ.
سىز ئۈندىمەستىن قەلىمىڭڭىزنى توختۇتۇپ مەشىق دەپتىرىڭڭىزنى ئالدىمغا سۈرۈپ قويدىڭڭىز.
<<مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن
كۈتۈش ئۈچۈن يارالغانمىدىم...

36

تېما

4

دوست

1357

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

مەمۇرىي خالاس

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەرھابا.مىجىت
تۆھپە
433
مۇنبەر پۇلى
824
ئىشەنىچ
433
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 10:46:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن >>......
مۇشۇ بىر جۈملىنى يىزىش ئۈچۈن قاق 15مىنۇت ئولتۇرۇپ كەتتىم ھەتتا پۈتۈن بەدىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى دەپتەرنى ئالدىڭڭىزغا بوشقىنە سۈرۈپ قويدۇ.سىز شۇ بىر جۈملىنى كۆرۈپلا ئونىڭىزدىن چاچراپ تۇردىڭڭىزكىلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سېلىۋىتىدىغان بولدى دەپ ئويلىغانلىقىمدىن يۈز مۈسكۇللىرىمنى چەبدەسلىك  بىلەن چىڭىتتىپ شاپىلاق يىيىشكە تەييارلىنىپ ئولتۇردۇم.-
-بىر چەتكە ئۆتۈڭ مەن كىتىمەن، ئاۋازىڭڭىز پۈتۈن سىنىپنى بىر ئالغىدەك چىقار مىكىن دىسەم مەن مۇ ئاران ئاڭلىغىدەكلا چىقتى، ماتىرياللىرىڭڭىزنى بىردەمدىلا سومكىڭڭىزغا سېلىپمۇ ئۈلگۈرۈپسىز.
-نەگە كىتىسىز؟
-ئۆيگىچۇ.
-خەتنى كۆرگەندىكىن ئىپادە بۈلدۈر مەيسىزغۇ.
-ئۆتۈڭ بىر ياققا مەن كىتىمەن. سىز قاپاقلىرىڭىزدىن قار ياغدۇرۇشقا تىرشىپ باقسىڭىزمۇ ئۇنداق قىلالمىدىڭڭىز ، ئەمما چىرايىڭىزدىن جىددىيلەشكەنلىكىڭڭىز چىقىپلا تۇراتتى، مەنمۇ باشقا گەپ قىلماستىن ئورنۇمدىن قوپۇپ سىزگە چىقىدىغان ئورۇن ھازىرلاپ بەردىم،سىز باسماقتىن قۇتۇلغان قۇشتەكلا جىدىيلىك بىلەن يۈگىرەپ دىگۈدەك چىقىپ كەتتىڭڭىز ، ئارقىڭڭىزدىن ھاڭۋىقىپ بىر ئاز تۇرۇپ قېلىپ يەنىلا چاققانلىق بىلەن ئۆزەمنى ئوڭشاپ قوغلاپ چىقتىم، سىز ئاللىقاچان مەكتەپ دەرەخلىقىدىكى يولغا چىقىپ بوپسىز قارغاندا توختىماي يۈگەرگەن ئوخشايسىز، مەنمۇ ساداقتىن ئېتىلغان ئوقتەك چاققانلىق بىلەن سىزگە يىتىشىپ ھەتتا ئالدىڭىزنى توراپ ئۆزۈممۇ سەزمەستىن قوللىرىڭڭىزنى تۇتۇپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم سىز قولۇمنى سىلكىپ باققان بولسىڭڭىزمۇ ئالقانلىرىم ئارسىدىن ئاجىرتالمىدىڭىڭىز.
-قويۇپ بىرىڭ. ئاۋازىڭڭىز ئىڭرىغاندەك چىقىپ كەتتى، مەن كىتىمەن...
لاغىلداپ تىتىرەۋاتقانلىقىڭڭىزنى ھېس قىلدىم،
-مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،ئاڭلاۋاتامسىز؟سىز يەرگە قارۋالدىڭڭىز قوللىرىڭڭىزنى ئامال قىلىپ ئالقانلىرىم ئارسىدىن ئېلىپ چىقىشقا ھەركەت قىلاتتىڭڭىز ئەمما سىز قوللىرىڭڭىزنى چىقىرىۋالالىسىڭڭىزلا كۆكتىن ساقىغان يۇلتۇزدىنمۇ تىىز غايىپ بولاتتىڭڭىز، شۇڭا مەن قوللىرىڭڭىزنى چىڭڭىدە تۇتىۋالغان ئىدىم.
-مەن كەچ قالدىم ئۆيگە ۋاق قالسام ئاپام تىللايدۇ.
-مەن ئاپىرىپ قوياي بولامدۇ؟سىز قولۇمدىن قولىڭىزنى ئاجرىتىش يۈزسىدىنلا
-ماقۇل دىدىڭڭىز،ئەمما مەن قولىڭىزنى قويۋەتمەستىن خېبەنگىچە بىرگە ئەكىرىپ تاكى ماتىرياللىرمنى يۇغۇشتۇرغىچە ھەرقاچان سىزنى قىچىپ كەتمىسۇن دىگەن تەييارلىق بىلەن تۇردۇم، بىز 101نىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ خۇددى بىز ئۈچۈنلا ساقلاپ قويۇلغاندەك بوش قالغان جۈپ كىشىلىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشۇپ تاكى خەلىق مەيدانىغا كەلگىچە بىر ئىغىزمۇ پاراڭلاشماي كىلىشتۇق 931نىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرغاندا يەنىلا ئەڭ ئاخىردىكى ئورۇندۇقتا جۈپ ئولتۇردۇق،
-نىمىشقا گەپ قىلمايسىز؟
-ئۇيقۇم كىلىپ كەتتى.سىز شۇنداق دەپلا كۆزلىرىڭڭىزنى يۇمۇۋالدىڭڭىز.
-مۈرەمگە بېشىڭڭىزنى قويۇپ ئۇخلاڭ بولامدۇ؟
سىز ئۈندىمىدىڭڭىز،مەن ماشىنا ئەينىكىگە تىرەلگەن بىشىڭىزنى چاققانلىق بىلەن مۈرەمگە ياتقۇزۇپ ئۈلگۈردۈم.سىز قارشىلىق قىلسىڭىزمۇ بەربىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭڭىز كىرەك مۈرەمدىن بىشىڭىزنى كۆتۈرمىدىڭڭىز.راس دىگەندەك 931نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىكىتى سىلەرنىڭ مەھەللە ئىكەن بىز ماشىنىدىن چۈشتۇق.
-بولدى سىز مۇشۇ يەردە قېپ قېلىڭ ، مەھەلىنىڭ ئىچىگە ئۆزۈم كىركىتەي.
-نىمىشقا؟
-ھېلىمۇ مۇشۇ يەرگىچە ئەكىلىپ قويدىڭڭىزغۇ.
-تايىنلىق ئۆيۈڭىزگىلا ئەكىرىۋىتەي چۇ.
-ساراڭ، ئاكام كۆرۈپ قالىدۇ مىنىڭ تىل ئىشتىشىمنى خالايدىغان ئوخشىمامسىز؟مەن ئۈندىمىدىم.
-خوش، قايتىپ كىتىڭ مەن كىرىپ كەتتىم .
سىز ئارقىڭڭىزغا ئجرۈلۈپ مىڭىپ كەتتىڭڭىز.
-(*******)مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن!ئاۋازىمنىڭ بارىچە ۋارقىرىدىم.
سىز ئارقىڭڭىزغا شۇنداق تىز ئۆرۈلدىڭىزكى بايامقى يۈگۈرۈشىڭڭىزدىنمۇ تىز سۈرئەتتە ئۆرۈلدىڭڭىز.
-ساراڭمۇ سىز!ئاكام ئاڭلاپ قالسا قاانداق قىلىسىز؟
-مەن ساراڭ بولغاندىن كىيىن، ئاكىڭىز ئاڭلاپ يۈگىرەپ چىقسا يەنە بىر قېتىم مۇشۇ گىپىمنى دەپ بىرىمەن.سىز كەينىڭڭىزگە يېنىپ قايتىپ كەلدىڭڭىز
-سىزدىن خوش بولۇپ كىتەي مىنى ئاياڭ تەرسالىق قىلماڭ بولامدۇ؟
-ماڭا تىلفۇن قىلامسىز؟
-چوقۇم قىلىمەن.
-خوش...
سىزگە خوش دەپ بولۇپلا مەنمۇ بايام سىز ئۆرۈلگەندەك تىز سۈرئەت بىلەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ماڭدىم ئەمما بىرقانچە قەدەم مىڭىپلا ئارقامغا قارىدىم،سىزمۇ ماڭا قاراپ تۇرغانكەنسىز،بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتىم،سىز چاققانلىق بىلەن قول پۇلاڭلىتىپ خوش دەپلا ئىتتىك قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتىڭڭىز.ئەتىنىڭ تىزراق بولىشىغا مىڭ ئىنتىڭگىنىم بىلەنمۇ كىچە ئۆتمەي تۇرۇپ تاڭ ئاتمايدىغانلىقىنى بىلىمەن يەنە بىر ئازاپلىق ئۇيقۇسىز كىچىنى تەستە تاڭغا ئۇلۇدۇم،ئەتىسى سىزدىن تىلفۇن كەلدى
-مەن مەكتەپتە، سىزگە بىرىدىغان نەرسە بار ئىدى مەن بىلەن كۆرشەلەمسىز؟
-سىز مەكتەپنىڭ نەرىدە؟
-تۈنۈگۈنكى سىنىپقا چۈشۈڭ ، خوش.
مەن دەرىستە بولساممۇ سىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن چىقىشقا باھانە ئىزدىدىم، نىمە دىسەم بولار ؟.........ئاخىرى ئاچقۇچۇمغا ئېسىۋالغان چىرايلىق پچىقىم بىلەن قولۇمنى شارتتىدە كەستىم.قاننىڭ بۇنداقمۇ تەستە چىقىدىغانلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن شۇ بىر كىسىلىدىغان ئورۇنغا ئارقا ئارقىدىن 4قېتىم سۈركەپ يۈرۈپ ئاران قان چىقاردىم بۇقېتىم پىچاق گەرچە كىچىك بولسىمۇ بەك چوڭقۇر كىرگەنمۇ بىلمىدىم بۇلدۇقلاپلا ئېقىشقا باشلىدى.قاننى دەرھال بۇرنۇمغا سۈركۈدۈم ،ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرىتقا قاراپ ماڭدىم كەسكەن بارمىقىم بىلەن بۇرنۇمنى تۇتۇپ ماڭغاچقا ئەسلا چانمىدى مۇئەللىممۇ ھېچ بىر گەپ قىلمىدى،كاردۇرغا چىقىپلا يۈگۈردۈم ئەلۋەتتە سىزنىڭ يېنىڭڭىزغا ئەمەس بەلكىم سۇخانىغا قاراپ چۈنكى سىزنىڭ ئالدىڭڭىزغا ھەرگىزمۇ بۇ ھالىتىمدە چىقالمايتىم سوغۇق سۇدا قولۇمنى پاكاز يۇيساممۇ قان ئەسلا توختايدىغاندەك ئەمەس شۇنداقتىمۇ يۈزلىرىمنىمۇ قوشۇپ يۇيۇپ يوشۇرۇن ساقلاپ يۈرۈيدىغان كىچىك ئەينىكىم بىلەن ئەپچىل تاغىقىمدا مەشغۇلات ئىېلىپ بىرىپمۇ ئۈلگۈردۈم ئەمەلىيەتتە مەن سىزنى ياقتۇرۇپ قالغان سىز بىلەن ئۇچرۇشۇشنى كىلىشىشىكە باشلىغان كۈنلەردىن باشلاپلا مۇشۇنداق سايمانلارنى يوشۇرۇن ساقلاپ پەيتى كەلگەندە ئىشلىتىشنى قانات يايدۇرۇپ كىلىۋاتاتتىم ، ئەمما سىزنىڭ ئالدىڭڭىزدا بىرەر قىتىم شۇلارنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەپ يۈرەتتىم ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولۇپ بىخەستەلەكىمدىن بىرەر نەسى توككىدە چۈشۈپ قالسا ئالدىڭىزدا ئۆلەتتىمغۇ دەيمەن ئاشۇنداق خىياللارنى ئويلىساملا پۈتۈن بەدىنىمگە تىتىرەك يامىشاتتى مۇھەببەت دىگەن ئادەمگە نىمىلەرنى ئۈگەتمەيدۇ ھە...
شۇنداق قىلىپ تەييارلىق خىزمىتىمنى پۈتكۈزۈپ كىسىلگگەن بارمىقىمنى يانچۇقۇمدىكى قول ياغلىق بىلەن مەھكەم بىسىپ بىز كۆرۈشمەكچى بولغان سىنىپقا ئۈچقاندەك چۈشتۈم سىز مىنى سىنىپ ئىشىگى ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپسىز يارلانغان قولۇمنى ئىشتان يانچۇقۇمدىن ئەسلا چىقارماسلىققا ئىچىمدە ئۆزەمگە تالاي ئەسكەرتىپ تۇردۇم ، بىز ئادەتتىكىچە ئەھۋال سورۇشۇپ بولغاندىن كىيىن سومكىڭىزدىن  بىر پارچە خەتنى  چىقىرىپ ماڭا سۇندىڭڭىز
-مىنىڭ تىيەن جابىڭ بىناسىدا دەرسىم بار ھازىر چىقمىسام بولمايدۇ .خوش...
-كەچتە كىتىش ئالدىدا مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولارسىزمۇ؟
-ئىم ...
سىز كىتىپ قالدىڭڭىز مەن ئارقىڭڭىزدىن تاكى سىز تىيەن جابىڭ بىناسىغا كىرىپ كەتكۈچە قاراپ تۇرۇپ ئاندىن قايىتتىم.سىنىپقا كىرسەم مۇئەللىم يەنىلا ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن دەرىس سۆزلەۋىتىپتۇ مىنىڭ ئولتۇرشۇمغا باش ئىشارىسى بىلەنلا رۇخسەت قىلدى جايىمغا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ھاياجان ئارلاشقان تەشۋىشلىنىش ئىچىدە خېتىڭڭىزنى كىتاۋىم ئىچىگە قىستۇرۇپ كۆرۈشكە باشلىدىم.خېتىڭڭىز مىنى ھەم شاتلاندۇردى ھەم نۇرغۇن خىياللارغا باشلاپ كىردى خېتىڭىزنى تاكى ماڭا يادا بولۇپ كەتكۈچە قايتىلاپ قايتىلاپ كۆرۈپ كەتتىم... تاماق يىگىلىمۇ چىقمىدىم ، تاكى كەچلىك مۇزاكىرە باشلىنىپ سىز ماڭا مەن قايتىمەن دەپ تىلفۇن قىلغىچە بولغان ئارلىقتا ئوقۇپلا يېنىشلاپ ئوقۇپلا ئولتۇردۇم.سىز ماڭا قايتىدىغانلىقىڭڭىزنى ئېيتىپ تىلفۇن قىلدىڭڭىز
-مەن قايتىمەن خوش.
-ياق !تىلفۇننى قويۋەتمەڭ مەن ھازىرلا چىقىمەن سىز مەكتەپنىڭ نەرىدە؟
-مەن بىكەتكە چىقىپ بولدۇم بولدى چىقماڭ بەربىر ئۈلگىرەلمەيسىز،خوش.
سىز شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قويۋەتتىڭڭىز،مەن ئولتۇرغان ئورۇنۇمدىن تەلۋىلەرچە تۇرۇپ سىرىتقا قاراپ ساراڭلرچە يۈگۈردۈم 7-قەۋەتتىن چۈشۈپ بولغىچە پەشتاقتىن چىقىۋاتقان قانچىلىغان ئادەملەرنى سوقۇپ قانچىسىنى يارلاندۇردۇم بىلمەيمەن قۇيۇندەك يۈگۈرۈپ بىر دەمدىلا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ بولدۇم بىكەتتىن سىزنى ئىزدەيتىم سىزنى كۆردۈم سىزمۇ مىنى كۆردىڭڭىز مەن ماشىنىلار ئاۋات قاتنىشىپ يۈرىۋاتقان يولدىنمۇ ئىككى تاقلاپلا سىز بار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتىم.سىزنىڭ يېنىڭزغا بارغىنىمدا ھاسىراپ نەپىسىممۇ يىتىشمەي كەتتى شۇنداقتىمۇ سىزگە گەپ قىلدىم
-سىزنى ككرەلمەي قېلىشىمدىن بەكمۇ ئەنسىردىم........
ئاھ تەڭرىم سىزنىڭ شۇ چىرايلىق زەڭگەر كۆزلىرىڭڭىزگە مۆللىدە ياش كەلدى جىنەستىدەك لەۋلىرىڭڭىز سۇس تىتىرەپ كەتتى،مەن سىزنىڭ بۇنچە مىسكىن تۇرقىڭىزغا سەۋەپ بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى بىلسەم نىمىمۇ قىلار ئىدىم سىزگە ئۇنداق دەپ.....سىز ئۈندىمىدىڭڭىز
-101نىڭ ماشىنىسى كەلدى مەن ئاپىرىپ قوياي بولامدۇ؟
سىز بېشىڭڭىزنى بىلىنەر بىلىنمەس لىڭشىتتىڭڭىز بىز ماشىنىغا چىقىپ يەنىلا تەقدىرنىڭ شاپا ئىتىگە ئىرىشىپ بىر ئورۇندا ئولتۇرۇشتۇق.سىز بېشىڭڭىزنى ماشىن قوزغۇلۇپ بىر ئازدىن كىيىن مۈرەمگە قويدىڭڭىز ئاھ تەڭرىم مەن نىمانچە بەخىتلىك ھە....كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا سىزگە سەپ سالدىم مەڭزىڭڭىزنىڭ تارام ياشلىرىڭڭىز بىلەن يۇيۇلغانلىقىنى ككرۈپ چىدىيالمىدىم
-نىمە بولدى سىزگە؟يىغلاپسىزغۇ...
-ھېچنىمە...سىز مىنى قولتۇقلاپ ئالدىڭڭىز ياشلىرىڭڭىز يەنىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.
-زادى نىمە بولدى سىزگە؟بەك جىلە بولۇپ كىتىۋاتىمەن دەڭچۇ...
-سىزنىڭ چىقىدىغانلىقىڭڭىزنى ئويلىماپتىكەنمە....-مەن گەپنى بۇرۋەتتىم
-نىمانداق چۈشۈنۈكسىز خەت يازدىڭڭىز؟مەن سىزنىڭ خېتىڭڭىزدىن ئازراق رەنجىدىم سىزنىڭچە مەن سىزنى كىچىك ككرۈپ ئەخماق قىلاي دەپ كۆڭۈل ئىزھارلاپتىمەن دە؟
-ياق مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس...
-ئەمما سىز خېتىڭڭىزدە شۇنداق دەپ بولدىڭڭىز....مەن ھەقىقەتەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن...خالىسىڭڭىز ئارلىشىپ باقايلى بولامدۇ؟
سىز ئۈندىمىدىڭڭىز،يەنىلا خەلىق مەيدانىغا بارغىچە سۈكۈتتە  ئولتۇردۇق.خەلىق مەيدانىدا ماشىندىن چۈشۈپ سىزنى بىكەتكە ئاپىرىش يولىدا سىزگە ھاڭۋېقىپ قاراپ مېڭىپ دۈم چۈشتۈم...ئاھ تەڭرىم نىمە دىگەن سەتچىلىك بۇ سىز داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قېلىپ يەنىلا چاققانلىق بىلەن ئۆزۈڭىزنى ئوڭشاپ مىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن قولىڭڭىزنى تەڭلىدىڭڭىز، مەنمۇ سىز قولىڭىزنى تەڭلىگگچە دۈم چۈشكەن ھالىتىمنى ئوڭشىۋالدىم ئەمما سىزگە قولۇمنى تەڭلىمەي  تۇراي دىسەممۇ ئەسلا تۇرالمىدىم يەنىلا ماڭا تەڭلەنگەن قولىڭىزغا ئېسىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، ئورنىمدىن تۇرغىنىمدا سىز كىيىملىرىمدىكى توپىنى قېقىشتۇردىڭڭىز....پۇتۇم چىدىغۇسىز ئاغارىپ كىتىۋاتاتتى شۇنداقتىمۇ ئەڭ چوڭ چىدامچانلىقىم بىلەن سىزنى ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ماڭدىم......
-بولدى سىز مىنى ئاپىرىپ قويىمەن دىمەڭ ..مەن سىزنى دوختۇرغا ئاپىراي ئاغرىۋاتامدۇ؟
-ياق پەقەت ئاغرىمىدى ئۆيگە كەچ قالسىڭڭىز ئاپاشتىن تىل ئاڭلايسىز مەن ھېچنىمە بولمىدۇم سىزنى ئاپىرىپ قوياي ئاندىن بارساممۇ كىچىكمەيمەن..
-ياق!ھازىر بارىمىز قارىڭە پىشاينىڭڭىزدىن تەر چىقىپ كەتتى چوقۇم بەك ئاغرىۋاتىدۇ شۇنداقمۇ؟مارجاندەك ياشلارنىڭ شۇ مەن ئاشىق بولۇپ قالغا زەڭگەر كۆزلىرىڭىزدىن مىنىڭ ئۈچۈن تۆكۈلۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئەشۇ دەملىرىمدە قەلبىمدە ھەتتا ئالدىڭڭىزدا ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق ھالەتكە كىلىپ قالغان ئىدىم.
-راستىنلا ئاغرىمىدى يىغلىماڭ بولامدۇ، مەن سىزنى ئاپىرۋىتىپلا دوختۇرغا كۆرۈنەي چوقۇم شۇنداق قىلىمەن ماڭا ئىشىنىڭ بولامدۇ؟....سىزنى مىل تەسلىكتە گىپىمگە كىرگۈزۈپ 931نىڭ ماشىنىسىغا چىققىچە كۈلۈمسىرەپ ئۇزاتتىم سىز ماشىنىدىن ماڭا تاكى ماشىنا باشقا كوچىغا قايرىلغىچە قاراپ تۇردىڭڭىز، ماشىنا قايرىلىپ بولغاندىن كىيىن مەن ئاغىنەمگە تىلفۇن قىلدىم
-ئسرايىل قانداق ئەھۋالىڭ ئاداش ، خوڭچىلۇغا (قىزىل بايراق)931-يولنىڭ بىكىتىگە چاپسان كىلە مەن ئازراق ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم..
-نىمە بولدۇڭ ئاداش خەخ بىلەن تۇتۇشۇپ قالدىڭما؟بالىلردىن بىر ئىككىنى ئېلىپ بارايمۇ؟
-ياق ياق مىجەزىم يوق سەن تىز كەلمىسەڭ بولمايدۇ كىلەلەمسەن؟
-ھازىرلا باراي تۇرۇپتۇر ھە..
-تىزرەك كەلگىن ئەمسە...خوش ھە...
ئىسرايىل ماشىنىسىنى ئېلىپ بىردەمدىلا يىتىپ كەلدى، بىز كۆرۈشكەندىن كىيىن مەن ئۇنىڭ يۆلەشتۈرشى بىلەن مىڭ مۇشەققەتتە كابىنكىغا چىقتىم، بىز 2-دوختۇرخانىغا كەلدۇق پۇتۇمنى رەسسىمگە ئالدى، پۇتۇم چىقىپ كىتىپتۇ جىددى جايىغا سالمىسا بولماسمىش،،،،،،،،ئاللا كارامەت بىر كىچە بەكمۇ تەستە تاڭ ئاتتى ئەتىسى ئىسرائىلدىن مىنىڭ ئىشىمنى ئاڭلىغان ئەل ئاغىنىلەر تەرەپ تەرەپتىن كىلىشتى دوختۇرلارمۇ ئىشقا چۈشۈپلا مىنىڭ پۇتۇمنى ئورنىغا سالىمىز دەپ مىنى بىر ئۆلتۈرۈپ بىر تىرىلدۈرگەندىنمۇ بەتتەر قىينىدى،سىز مەن دوختۇرلار كارۋىتىدا ئېچىنىشلىق قىينىلىۋاتقان چېغىمدا تىلفۇن قىلغانكەنسىز يۈسۈپ تىلفۇنۇمنى ئېلىپ مىنىڭ ئەھۋالىمنى سىزگە يەتكۈزۈپتۇ....بىز شۇ كۆرۈشمىگەنچە تىلفۇندا كۈندە تىلفۇندا پاراڭلاشقىنىمزنى دىمىگەندە خېلى كۈنلەرگىچە ككرۈشەلمىدۇق بەلكىم ئۈرۈمچىدە داۋالانغان بولسام ياتاققا بارار بولغىيتىڭڭىز،ئەمما ئاپام دوختۇر بولغاچقا مەن قارمايغا يېنىپ كىلىپ داۋالىنىپ ساقايغاندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە قايىتتىم.بىز شۇ كۈنى خەلىق مەيدانىدا كۆرۈشتۇق سىز مەن ئۈچۈن 3تال ئەتىرگۈل تىزدۇرۇپ كەپسىز  مەن سىزنى كۆرۈپ شۇنداق ھاياجانلانغان بولسام گۈلنى كۆرۈپ شۇنچە بەخىت پەيزىگە چۆمدۈم
-مىنى سېغىندىڭڭىزمۇ؟......
-ياق..
-ئەمسە نىمىشكە گۈل ئالدىڭڭىز؟
-سىزنى ئاغرىپ قالدى دەپ...
-بەيفۇغا كىرىپ توخۇ يەيلىمۇ؟
گىپىمنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا بېشىم بىر نەرسىگە  جاڭڭىدە ئۇرۇلدى كۆزلۈرۈمگە يۇلتۇز كۆرۈنۈپ كەتتى،ھەتتا سىزنىمۇ بىرەر سىكىنۇتقىچە قاپ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئەسلا كۆرەلمىدىم...
-ۋاي خۇدايىم نىمە بولدىڭڭىز ؟ئاغرىۋاتامدۇ؟
پۈتتۈن ئەس يادىم بىلەن سىزگە قاراپ  مېڭىپ خەلىق مەيدانىدىكى دەرەخكە جاڭڭىدە كاللا قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ، بېشىمنى يېرىلىپ كەتتىمىكىن دىسەم خۇداغا شۈكىرى ھەر ھالدا قان چىقماپتۇ...ئەمما قانچىلىك ئاغرىغىنىنى ئۆزەم بىلىمەن...
-نىمىشقا ئالدىڭڭىزغا قاراپ ماڭماي ھەر قېتىم ماڭىلا قاراپ ماڭىسىز؟ئالدىنقى قېتىممۇ دۈم چۈشۈپ ئاران ساقايدىڭڭىز، نىمانداق بۇرنىڭڭىزغا سۇ كىرمەيدۇ...دىگەنچىدىن پىشاينەمنى سىلاپ ئاۋارە ئىدىڭڭىز.
-بۇرنۇمغا سۇ كىرگىدەك مەن يە سۇغا دۈم چۈشمىسەم نىمىدەپ سۇ كىرگىدەك...
-ھە يەنە گەپچىلىك قىلىڭە.
-سىز تاماق يەيلى دىسەم ئۇنىمىغاندىن كىيىن، ئۈسسىۋالدىم شۇ....
-ئەمدىمۇ ماقۇل دىمىسەم چۇ؟
-ئەمدى بېشىمنى يېرىپلا ۋالىمەن...
ھا ھا ھا ھا...ۋۇ ساراڭ ..ئالجوقىدەك سۆزلەپ قويسىز ھە.
-تاماق يەيلى ماقۇلمۇ؟
-چۈشتىن كىيىنلىك دەرىسكە كىچىكىپ قالسامچۇ؟
-مەن ئاپىرىپ قويمەن كىچىكمەسلىكىڭڭىزگە كاپالەتلىك قىلاي.
-ئىم ...
بىز خەلىق مەيدانىدىكى بەيفۇغا كىرىپ توخۇ ، خەنباۋ يىدۇق مەن سىزگە سىرىتقا چىقىپ شۈيمىتاۋ ئىچىملىكى ئالغاچ ئۆزەمگە فېيچاڭ پىڭگو ئەكىردىم.
-نىمىشقا ئىچىملىكنى مۇشۇ يەردىن ئالمايسىز؟
-بۇ يەردە سىز ياخشى كۆرىدىغان شۈيمىتاۋ بولمىسا.
-سىز مىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىمنى قانداق بىلىسىز؟
-شۈيمىتاۋنىڭ ئۈستىدىكى قونچاقنىڭ كۆزلىرى سىزنىڭ كۆزىڭڭىزنىڭ رەڭگىگە بەك ئوخشايدۇ شۇڭا سىزنىمۇ شۇ چىرايلىق كۆزلىرىڭڭىز رەڭگىدەك كۆزلىرى بار ئىچىملىكنى ياقتۇرامدىكىن دەيمەن غۇ...
-ساراڭ...
-سىز تىلفۇن ئاسقۇچ بەرگەندىمۇ چىرايىڭڭىزغا ئوخشاش روڭنى ياقشى كۆردىكەنسىز ھە دىسەم ئىپادە بۈلدۈرمىگەنغۇ...ئىپادە بۈلدۈرمەسلىكنىڭ سىزنىڭمۇ باشقا پىكرىڭڭىز يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
-سۈكۈت قېلىن ئادەمگە ھە دىگەننى بۈلدۈرگەن بىلەن نىپىز ئادەمگە ئۇنداق مەنە بىرەلمەيدۇ..
-گىپىڭڭىزچە مەن قېلىن ئادەمكەنمەن دە؟ھە مەيلى قېلىن بولساممۇ بولۇپ تۇراي سىزگە نىپىز بولۇپ ئىرىشەلمىگەندىن كىيىن قېلىن بولۇپ ئىرىشمەمدىمەن...
-ھا ھا ھا..ساراڭ دەكلا گەپلەرنى قىلىسىز ھە ئاخۇا...
-مىنى ئاشۇ دەلدۈشكە ئوخشىتىۋاتامسىز؟
-دىمىسىمۇ قىلىقلىرىڭڭىز ئاخۇا دەك تۇرسا...
-ئا..نەدىكى ساراڭلارغا ئوخشاتماڭچۇ، مەن بەك ئۆچ ئۇ دەلدۈشنىڭ .ىسمىگە...
-ئەمسە خۇا خۇا دەپ چاقىرايمۇ؟
-ھا ھا ھا ھا....بىز ئەنە شۇنداق كۈلكە چاقچاق بىلەن تاماقلىنىپ ، ھەتتا ياشىن نىڭ ئاستىغا كىرىپ ئىلىكتۇرۇنلۇق ئويۇنچۇق ئويناپمۇ ئۈلگۈردۇق مەن سىزنى مەكتەپكە كىچىكتۈرمەسلىك ئۈچۈن تاكسىلىق ئاپىرىپ قويدۇم چۈشۈپ قېلىشىڭڭىزغا ئاز قالغاندا ئەتە بىزنىڭ مەكتەپتە كۆرۈشىدىغانغا كىلىشىپ خوشلاشتۇق.مەن مەكتەپكە قايىتقاندىن كىيىن سىزگە ئاتاپ بالا پەرىشتىنىڭ ھەيكىلى چۈشۈرۈلگەن قەلەم سالغۇچ ئالدىم ...ئەتىسى بىز مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا كۆرۈشتۇق بۇ 2005-يىلى 11-ئاينىڭ26كۈنى ئىدى. بىز مەكتەپ ئاشخانىسىدا بىللە ئەتىگەنلىك تاماق يىدۇق ئاندىىن بىرگە ئايلىنىپ يىشۆيۈئەن نىڭ  ئارقىسىدىكى تاققا چىقتۇق مەن سىزگە قولۇمدا كۆتۈرىۋالغان بولاقنى تەڭلىدىم
-ماۋۇنى سىزگە ئالغان ئېلىڭڭە..
-نىمە بۇ؟
-ئاچقاندا بىلمەمسىز...
سىز قولۇمدىن بولاقنى ئېلىپ سومكىڭڭىزغا سېلىپ قويدىڭڭىز
بىز تاغنىڭ يېرىمىغا چىقىپ بولغان ئىدۇق، مەن قەدەملىرىمنى توختۇتۇپ سىزگە قارىدىم سىزمۇ قەدەملىرىڭڭىزنى توختاتتىڭڭىز سىزنى شۇنچىلىك چاققانلىق بىلەن قۇچاقلاپ باغرىمغا باستىم سىز بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن ماڭا قانداق تاقابىل تۇرۇشنىمۇ بىلىپ بولالمىغان  چېغىڭىزدا مەڭزىڭڭىزگە سۆيۈپمۇ ئۈلگۈردۈم سىز جېنىڭىزنىڭ بارىچە يۇلقۇنۇي باغرىمدىن ئاجرىدىڭڭىز.كۆزلىرىڭڭىزگە لىققىدە ياش تولۇپتۇ يۈزىڭڭىز شۇنچىلىك قىزىرىپ كىتىپتۇكى مەن شۇخىل قىزىلچىلىقنى نىمىگە ئوخشۇتۇشۇمنى تا بۈگۈنگىچە بىلمەيمەن.
-سىزنى سۆيىمەن...ماڭا ماقۇل بولۇڭ بولامدۇ؟
-مەن چۈشۈپ كىتىمەن تاققا چىققىم يوق.
-سىز ئارقىڭڭىزغا ئۆرۈلۈپلا تاغدىن چۈشۈشكە باشلىدىڭڭىز، مەنمۇ كەينىڭڭىزدىن يىتىشىپ ماڭدىم بىز تاغدىن چۈشۈپ مەقسەتسىزلا تاغنىڭ يان تەرىپىدىكى 351نىڭ يولىدىن ماڭدۇق...مەن ئارىمىزدىكى سۈكۈتىنى بۇزدۇم .
-ماڭا ناخشا ئېيتىپ بىرىڭڭە...
-مەن سىزگە دىگەنغۇ مەن ناخشا ئېيتالمايمەن دەپ...
-مەن قارمايدىكى چېغىمدا تىزراق ساقىيىپ قايتىپ كىلىڭ ئاندىن ئېيتىپ بىرىمەن دىگەنغۇ... سىز بىر ئاز سۈكۈت قىلغاندىن كىيىن
-ئەمسە زاڭلىق قىلماڭ بولامدۇ؟
-نىمىشقا زاڭلىق قىلغۇدەكمەن.
                                                مېڭىپ مېڭىپ كەپقاپتىمەن،
                                                بىز تونۇشقان شۇكونا جايغا.
                                              بىرگە ئولتۇرغان ئورۇنگە قاراپ،
                                              تولدى كۆزۈم ھەسرەتلىك ياشقا.................................

-ئالامەت ياخشى ئىيىتىڭڭىز غۇ ۋاھ ...
-سىزگە يارىغان بولسىلا بولدى...
-ئەلۋەتتە يارايدۇ دە...ھەي  جىم تۇرىڭڭە ماۋۇ يىرىڭڭىزدە بىر نەرسە تۇرىدۇ...
-نەرىمدە ؟
-يۈزىڭڭىزدە، توختاڭ ھە مەن ئېلىۋىتەي.... شۇنداق دەپلا سىزنى بەك تىز سۈرئەتتە ئارقىڭڭىزغا قايرىپلا  جىنەستىدەك لەۋلىرىڭڭىزگە لەۋلىرىمنى ياقتىم .....لەۋلىرىمنىڭ چوغىنى تەككۈز ۋالمىغانلىقىنى بىلسەممۇ چوغ يېقىلغاندىنمۇ بەكرەك كۆيۈشۈپ كەتتى، مەنغۇ چوغ نى لىۋىمگە يېقىپ باقمىغان ئەمما ئويلايمەن چوغ بولسىمۇ بۇنچە بولماس بۇنچە كۆيدۈرمەس دەپ.......
ئەشۇ چوغ يېقىۋىتىلگەن دەملەر 2كى 3مىنۇتچە داۋام ئەتتتى. مەن سىزنىڭ تىپىچەكلەشلىرىڭزدىن ئەمەس كۆزلىرىڭڭىزدىن ئېقىپ ھەتتا مىنىڭ لەۋلىرىم ئۈستىگىچە سىرغىغان ياشلىرىڭڭىزغا چىدىماي لەۋلىرىمنى چوغ ئۈستىدىن ئاران ئاجىراتتىم، سىز ماڭا شۇنچىلىك مۇڭلۇق قاراپ كەتتىڭڭىز...يۈرىڭڭىزدىكى قىزىلچىلىقيەنىمۇ بەك كۈچىيىپ كىتىپتۇ...بىز بىر بىرىمىزگە توغرىسى سىز ماڭا ئەسلا قارىيالمىدىڭڭىز،...بىز يەنىلا ماڭدۇق ئەمما پاراڭلىشىپ ماڭدۇق سىز بىلەن شۇ ماڭغانچە تاكى تۆمۈر يولغىچە مېڭىپ باردۇق ، يولدا ھەربىلەر پوستا تۇرۋاتقان ئىدارە ئالدىدىن ئۆتۈشىمىزگە توغرا كەلدى...
-ئەگەر سىز ساقچى بولۇپ قالغان بولسىڭڭىز ، ئەشۇلارنىڭ ئورنىدا سىز تۇرغان بولسىڭڭىز ، مەن ئالدىڭڭىزدىن باشقا بىر ئوغۇل بالا بىلەن قولتۇقلۇشۇپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسام سىز قانداق قىلاتتىڭڭىز؟
-شۇمۇ گەپمۇ قانداق قىلاتتىم سىزنى شۇنىڭ بىلەن قوشۇپ ئېتىپلا ۋىتەتىم...
-ھە...ۋۇ ساراڭ...
-ساراڭ بولساممۇ ئوڭ بولساممۇ ئىشقىلىپ مەن يۇمشاق باش ئەمەس دە...
ماڭا ئاجايىپ چۈشۈنۈكسىز مەنىدە لاپپىدە قاراپ قويدىڭڭىز،.
-ماڭا بۇرۇنقى ئىشلىرىڭڭىزنى سۆزلەپ بىرەلەمسىز؟
-قانداق ئىشلارنى دەيسىز؟
-سىزنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببەت ھىكايىڭڭىزنى چۇ.
-مەن ھېچكىم بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان.
-مومكىنىمۇ؟!خىڭ...سىز مۇشۇنداق چىرايلىق تۇرسىڭڭىز سىزنى يۈرۈپ باقمىدى دىسە ئىشەنمەيمەن ، سىز قارۇغۇ گاس گاچىلار مەكتىۋىدە ئوقۇمىغان بولغىيتىڭڭىز ھەرقانچە بولسىمۇ؟
-ھا ھا ھا...بەك گەپچى ھە سىز...
-گەپچىلىك قىلمىدىم ئەمەلىيەتنى سۆزلۈدۈم شۇ.
بىز ھەرخىىل تىمىلاردا پاراڭلىشىپ بۇ تىما ئۈستىدە شۇنچىلىكلا سۆزلۈشۈپ قالدۇق ئەمما مىنىڭ كۆڭلۈمدە سىز خۇددى مەندىن بىر ئىشنى يوشۇرۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتڭڭىز،شۇنداقتىمۇ مەن سىزدىن بەك كوچىلاپ سوراپ كەتمىدىم، بىز تاكى كەچ كىرگىچە ئايلاندۇق قاراڭغۇ چۈشكەندىن كىيىن مەن سىزنى ئۆيۈڭڭىزگە ئاپىرىپ قويماقچى بولۇپ مېڭىشتۇق.
-بەك ھېرىپ كەتتىم ئاۋۇ ئۈچ چاقلىق موتوغا چىتىپ بىكەتكىچە بارايلىمۇ؟
-بولىدۇ.
بىز موتوغا چىقىپ ئولتۇردۇق ، مەن موتو ئىشىگنى تاقاپلا سىزنى باغرىمغا تارتىپ چوغ لەۋلىرىڭڭىزگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن لىۋىمنى ياقتىم، ئەلۋەتتە قوللۇرۇمنىمۇ باشقۇرالمىدىم قوللۇرۇم ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا كۆكسۈڭىز ئۈستىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى....
بىز تاكى 3بىكەت ئۆتكىچە قىزغىن سۆيۈشتۇق، مەن لەۋلىرىڭڭىزنى بەك كۈچەپ شورۋەتتىممىكىن بىلمىدىم لەۋلىرىڭڭىز كۆكۈرۈپ كىتىپتۇ ھەتتا كۆكۈرۈشتىنمۇ ھالقىپ قارداشقا باشلاپتۇ...بىز موتودىن چۈشتۇق مەن سىزنىڭ لىۋىڭڭىزنى كۆرۈپ سەل ئوڭايسىزلاندىم...
-بىر گەپنى دىسەم رەنجىمەڭ بولامدۇ؟
-نىمە گەپ ئىدى؟
-لىۋىڭڭىزنى ئازراق قىزارتىپ قويۇپتىمەن.
-بەك ئەمەستۇ؟
-ياق بەكمۇ ئەمەس.....سىز ئىتتىك مېڭىپ كوچىدا سېتىقچىلىق قىلىۋاتقان ئوقەتچىلەر ھارۋىسىدىن ئەينەك ئېلىپ لىۋىڭڭىزگە قاراپلا توۋلاپ سالدىڭڭىز
-ھوپ....ۋاي خۇدايىم نىمە دەيمەن ئەمدى!!!!
سىز ئەينەكنى تاشلاپ ماڭا شۇنداق ئاچچىق بىلەن قارىدىڭڭىز.
-كىمگە نىمە دەيسىز؟
-ئاپامغىچۇ!ئاكامغىچۇ!ئاپامغۇ بىلمىسۇن ئاكاممۇ بىلمەسما؟؟؟؟؟!!!
-بىلسە نىمە بولماقچى!؟مۇھەببەتلىشىۋىتىپتۇ دەيدۇ شۇ...
-ساراڭ!....
-خاپا بولماڭ بولامدۇ....
-نىمانچە قىلىپ قويدىڭڭىز!ئەجەپ بىر....!!
-ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماپتىمەن كەچۈرۈڭ.... مەن سىزنى باغرىمغا بېسىپ كۆتۈرۋالدىم.
-ھەي . نىمانداق قىلىسىز!خەخ قاراۋاتىدۇ، مىنى تىز چۈشۈرۋىتىڭ...ساراڭ...
-خاپا بولمۇدۇم دىسىڭڭىز چۈشۈرۋىتىمەن.
-ۋاي خاپا بولمىدۇم...خاپا بولمىدۇم....
مەن سىزنى پەسكە قويۇپ قويدۇم، 2-يولنىڭ ماشىنىسى كەلدى بىز ماشىنىغا چىقىپ بالوۋ دا چۈشۈپ 101غا ئالمىشىپ خەلىق مەيدانىدىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ ماڭدۇق، سىز تاكسى مەھەللىنىڭ ئىچىگە كىرگەندە بېشىڭڭىزنى قۇچۇقۇمغا قويۇپ پەس يىتىۋىلىپ ماشىنا قاراڭغۇ خالىي يەرگە كەلگەندە بىشىڭڭىزنى كۆتۈردىڭڭىز بىز ماشىنىدىن چۈشتۇق .
كۈتۈش ئۈچۈن يارالغانمىدىم...

36

تېما

4

دوست

1357

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

مەمۇرىي خالاس

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەرھابا.مىجىت
تۆھپە
433
مۇنبەر پۇلى
824
ئىشەنىچ
433
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-24 11:12:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-بايام نىمشقا بېشىڭڭىزنى پەس قىلىۋالدىڭڭىز؟
-ئاكام مەھەللە ئىچىدە بولسا كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ.مەھەللەڭلاردىن سۇس دىسكۇ مۇزىكىسى ئاڭلىنىۋاتاتتى .
-مەھەللەڭلەردە دىبا بارما؟
-ياق جۇۋبا بار.
-ھە....
-ماۋۇ دىسكۇ مۇزىكىسىغا ماسلاشتۇرۇپ بىر قەپەس ئوينىۋەتمەمسىز خۇا خۇا..
-ئوينىسام ئوينىدۇم.مەن شۇنداق دەپلا بەدەنلىرىمنى بېشىمنى شۇنچە قاملاشتۇرۇپ تولغاپ لىڭشىتتىم
-ھا ھا ھا ھا ھا......ۋاي ساراڭ.....بەك ئوماق جۇمۇ سىز ،سىز مىنىڭ بوينۇمغا گىرە سېلىۋالدىڭڭىز.
-يەنە ئويناپ بىرەيمۇ؟
-ھا ھا ھا ھا  .......ياق ....بەك چىرايلىق ئوينىدىڭڭىز ھېلىمۇ.
-سىز خوشال بولسىڭڭىزلا مەن ھەممىگە رازى. سىز يۈزۈمنى سىلىق سىلىدىڭڭىز ...
-مەن كىرىپ كىتەي بەك كەچ قالدىم بولامدۇ ؟
-ماقۇل، قاچان كۆرشىمىز؟ھېلىقى گەپنىڭ جاۋابىغا قاچان ئىرىشىمەن؟
-مەن ئويلۇنۇپ باقاي بولامدۇ؟
-بولىدۇ ئەمسە مەن كۈتىمەن بىراق بەك ئۇزاق ساقلىتىۋەتمەڭ ماقۇلمۇ؟
-ئىم ...خوش.
-خوش..
سىز ماڭدىڭڭىز ئەمما مەن ئارقىڭڭىزدىن يەنە بارلىق ئاۋازىمنى بولىشىغا قويۇۋىتىپ توۋلۇدۇم
-(********)مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.
-ھەي ساراڭ ۋاقىرماڭ ئاكام ئاڭلاپ قالىدۇ، دىدىڭڭىز شاققىدە ئارقىڭڭىزغا ئۆرۈلۈپ .
-ئەمسە سۆيۈپ قويۇڭ ئاندىن ۋارقىرىمايمەن.
سىز يېنىمغا كەلدىڭڭىز يۈزۈمگە بوشقىنە سۆيۈپ قويۇپ كەتمەكچى بولىۋىدىڭڭىز مەن ماڭغىلى قويماي يەنە سىزنىڭ چوغ لەۋلىرىڭڭىزگە سۆيدۈم، چىشلىۋالدىم لىۋىڭڭىز بەك ئاغرىپ كەتكەن بولسا كىرەك قولۇڭىزدىكى ئاچقۇچ بىلەن مۈرەمگە مۇشلاپ كەتتىڭڭىز، مەن سىزنى قويۇپ بەردىم.
-ساراڭ!سىز شۇنداق دەپلا ئاچقۇچنى ماڭا قارتىپ ئاتتىڭڭىز كۆزلىرىڭڭىزدىن سىماپتەك قۇيلىۋاتقان ياش ئەسلا توختىمىدى.مەن ئېڭىشىپ يەردىن ئاچقۇچنى ئېلىپ بەردىم. سىز ئاچقۇچنى ئېلىپلا يۈگۈرگەنچە مېڭىپ كەتتىڭڭىز.مەن مەكتەپكە قايىتتىم، سىز ئەتىسى بىزنىڭ مەكتەپكە كەلدىڭڭز،سىز دەرىسكە قاتنىشىپ قايىتقاندا مەن سىزنى ئۆيۈڭڭىزگە ئاپىرىپ قويدۇم ،بىز ئۆيۈڭڭىزگە بىر بىكەت قالغاندا سىلەرنىڭ مەھەللىگە قايرىلدىغان ئۆستەڭ بويىدا ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قالدۇق...
-ئەتىگەن سىنىپقا بارسام دوسلۇرۇم لىۋىڭ نىمە بولدى دىگەنتى، مەن مەردان سىرىتمامنى يۇقىرى قىلىپ قويىمەن دەپ بىر كۆتۈرۈپ لىۋىمنى قىستۇرۋەتتى دىدىم.
-ئۇلار ئىشەندىمۇ؟
-ھە بەك ئىسششەندى ...سىرىتماڭنى يۇقىرى كۆتۈرسە بوينۇڭنى قىسماي لىۋىڭنى قىسامدىكەن دىيىشتى كۈلۈشۈپ،.
-ھەجەپ ئەقىللىق قىزلاركەن ھە...
-ئەقىللىق دە ئەلۋەتتە.
-ئەقىللىقلىقىدىن داشۆگە ئۆتەلمەي فۇدۇ ئوقۇپتۇدە،ئەقلىنى مۇشۇنداق يەرلەرگە كۆپرەك ئىشلەتسە داشۆگە 10يىلدىمۇ ئۆتەلمىگىدەك ئۇلار.
-نىمە دىگىنىڭڭىز بۇ؟
-نىمە دەپتىمەن؟
-نىمە دىگەنلىكىڭڭىزنى بىلەلمەيۋاتامسىز!
-ۋاي،بولدى بولدى چاقچاق ...ماڭا ماۋۇ سان سىفىرلارنى 1دىن تارتىپ 6تىگىچە بولغان سانلارنى ھەرخىل قوشۇپ مەسىلەن123456،123465،123546دىگندەك ئالدىمۇ ئارقا قىلىپ قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك يىزىپ بىرىڭڭە ئەتە كەچتە ئىشلەتمەكچىدىم،.
-ۋاي ۋۇي ئۇنداق ئالدى ئاخىر قىلىپ يازسام تاڭ ئاتقىچىمۇ يىزىپ بولالمايمەن،ئەتە دوسلۇرۇم بىلەن بىللە يىزىپ بىرەي.
-مەيلى ئەمسە.
-مەن كىركىتەي،سىزمۇ قايتىڭ. خوش.
-ھېلىقى گەپنى ئويلۇشۇپ بولدىڭڭىزمۇ؟
-ياق تېخى،كىيىنچە بىرنىمە دەي بولامدۇ؟
-.....بىراق...ھە مەيلى....خوش.
بىز سوغۇقلا خوشلاشتۇق،مەن ئەتىسى چۈشتىن كىيىن سىزنى نەنمىن كىتاپخانىسىنىڭ ئالدىدا ساقلىدىم سىز مەن دىگەن سانلارنى يىزىپ ئەپ چىقىپسىز ،بىز بەيفۇدىن توخۇ بىلەن خەنباۋ يەپ 931-يولنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ قايىتتۇق ،مەن ماشىنا ئىچى قاراڭغۇلۇق بىلەن ئورالغان مەزگىلدە سىزنىڭ چوغلۇق لەۋلىرىڭڭىزگە يەنە لەۋ ياقتىم،بىز يەنىلا ئۆستەڭ بويىدا چۈشۈپ قالدۇق.
-بەك جاپا چەكتىڭڭىز،دوسلۇرۇڭڭىزمۇ ياردەملەشكەندۇ بەلكىم ئەتەسىلەرگە شۆگاۋ ئىلىپ بىرەي ماقۇلمۇ؟
-سىز قانداق بىلىسىز بىزنىڭ قىشنىڭ كۈنلىرى سىنىپقا شۆگاۋ ئەپچىقىپ يەيدىغىنىمىزنى؟
-بىزنىڭ سىنىپنىڭ ساراڭ قىزلىرىمۇ تازا قار ياققان كۈنلەردە توختىماي يەيدۇ،شۇنىڭغا قاراپ قىزلارنى قىشتا شۆگاۋ يىيىشكە ئامراقمىكىن دەيمەنغۇ.
-ۋاھ،بەك ئەقىللىق جۇمۇ سىز.
-مەن دىگەن گەپنى ئويلۇشۇپ بولدىڭڭىزمۇ؟
-ئەتە جاۋاپ بىرەي ماقۇلمۇ؟
-ئېم...
-مەن قايتاي خوش.
-سىزنى سۆيۈپ قويۇپ خوشلىشىدىغان كۈنلەرگە قاچانمۇ ئىرىشەرمەن ھە...
-ساراڭ،...
سىز شۇنداق دەپلا يۈگۈرگىنىڭڭىزچە يۈرۈپ كەتتىڭڭىز ،مەن قايتىش يولۇمدا يىشۆيۈەن نىڭ بىكىتىدىن بىر يەشىك مارۇجنا ئىېلىپ قايىتتىم،ئەلۋەتتە سىزگە ئايرىم بىرنى ئېلىپ ئەكىركىتىشنى ئۇنۇتمىدۇم،ياتاققا ئەكىرىپ يىپ بىلەن يەشىكنى چىگىپ دەرىزە سىرتىدىن ساڭگىلتىپ قويدۇم،ئەتىسى ئەتىگەندە ئالغاچ باردىم،بىز خەلىق مەيدانىدا ئۇچرۇشۇپ بىللە مەكتىپىڭڭىزگە باردىم،سىز قولۇمدىن يەشىكنى ئېلىپ سىنىپىڭڭىزغا كىرىپ كەتكىچە ئارقىڭڭىزدىن قاراپ تۇرۇپ ئاندىن قايىتتىم ، چۈشتىن كىيىن تەجربە بولغاچقا بارالمىدىم،ئەتىسى بىز يەنىلا خەلىق مەيدانىدا كۆرۈشۈپ چىڭ جېن فېنۋېر ئاشخانىسىدىن تاماق يەپ 931-يولغا ئولتۇرۇپ مەھەللىڭڭىزگە باردۇق يەنىلا ئۆستەڭ بويىدا ماشىنىدىن چۈشتۇق...
-مىنى بەك ساقلىتىۋەتتىڭڭىز،ئويلۇنۇپ بولدىڭڭىزمۇ؟
-ئىم،...
-ئەمسە جاۋابىنى بىلسەم بولامدۇ؟
-ئىم...
-گەپ قىلمايسىزغۇ؟
-ئىم...
-نىمانداق ئىم ئىم دەۋىرىسىز؟يەنە ئويلىنامسىز؟
-ئىم دىدىمغۇ!
-نىمىگە ئىم دىدىڭڭىز؟
-سىز ئويلۇنۇپ بېقىڭ دىگەن گەپكىچۇ........
-ھە؟......!
-سىز ماقۇل دەپ بولدىڭڭىزما؟
-ماقۇل دىيىشىمنى كۈتمىگەنما؟!
-ياق ياق...مەن ....ھې ھې ھې...
-بەك بەك بەك ھاڭۋاقتى، بەك ئاخۇا ھە سىز....گىپىڭڭىزنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا لىۋىڭڭىزگە لەۋلىرىم قونۇپ بولدى........بىز ئۇزاق سۆيۈشتۇق،بويبۇمغا گىرە سالدىڭڭىز،يۈزلىرىڭڭىزنى سىلاپ توختىمايتىم،سىز ئاستا لىۋىڭڭىزنى جىپسىلىشىشتىن ئاجىراتتىڭڭىز.
-مەردان،مەن كىرىپ كىتەي بەك كەچ بولۇپ كەتتى بولامدۇ؟
-بولىدۇ لاۋپو دارېن.
-بىزەڭ!دەۋاتقان گىپىنى كىم سىزنىڭ ئايالىڭڭىزكەن؟
-سىزچۇ!
-كىم سىزگە تىگىپتۇ؟
-بۇنىڭدىن كىيىن تىگەسىز!
-ئالغاندا شۇنداق دەڭ...
-ئالماي تۇرالمايمەن، ئەمدىغۇ ئۆيۈڭڭىزنىڭ ئالدىغىچە بېرىپ ئۆيۈڭڭىزنىڭ قانچىنىچى قەۋەتلىكىنى بىلسەم بولىدىغاندۇ؟
-بولىدۇ.بىز ماڭدۇق ئۆيۈڭڭىز بار كورپۇسنىڭ ئالدىدا خوشلاشتۇق ،مەن سىز ئۆيۈڭڭىزگە كىرىپ كەتكىچە ئۆيدۈكىلىرىڭڭىزدىن دالدىلىنىپ، قاراڭغۇ يەرگە سوقۇنۇپ تۇردۇم سىز كىرىپ كەتكەندىن كىيىن 3-قەۋەتتىكى ئۆينىڭ چىرىقى يېنىپ دەرىزىسى ئېچىلدى كۆڭلىڭڭىز مىنىڭ پەستە تېخىچە سىزنى ساقلاپ يۇرغانلىقىمنى سەزگەن بولسا كىرەك،مەن سوقۇنۇپ تۇرغان جايىمدىن دەرىزىڭڭىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى دەرەخنىڭ يېنىدا تۇردۇم،سىز قول ئىشارىتى بىلەن كىتىشىمنى ئېيىتتىڭڭىز.مەن بوش ئەمما سىز ئاڭلىغىدەك قىلىپ
-خوش  ئەتە كۆرشەيلى دىدىم سىز بېشىڭڭىزنى لىڭشىتتىڭڭىز.مەن ئۆزۈمنى يەنە كونتۇرۇل قىلالمىدىم يەنىلا پۈتۈن مەھەلىننى بىشىمغا كىيىپ توۋلۇدۇم
-(*******)مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن!سىز دەرىزىڭڭىزنى جاڭڭىدە يېپىۋەتتىڭڭىز،مەن قايىتتىم.بۇ دەل بىزنىڭ يۈرگەن كۈنىمىز2005-يىلى11-ئاينىڭ 30-كۈنى چارشەنبە ئىدى.
شۇنىڭدىن كىيىن مەن ھەركۈنى دىگىدەكلا دەرىستىن چۈشۈپلا 101نىڭ ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ نەنمىندا سىزنى ساقلايتىم بىز بىللە خەلىق مەيدانىغا كىلىپ بەيفۇدىن توخۇ بىلەن خەنباۋ يەيتۇق ياكى چىڭسەن گە كىرەتتۇق،مەن سىز بىلەن تاماق يەپ بولۇپ سىزبىلەن بىردەم ماڭاتتۇق سىزگە شۇ جاڭجاڭ سوغۇقلاردىمۇ سىزنىڭ ئامرىقىڭڭىز بولغان مارۇجنىنى ئېلىپ بىرىشنى ئۇنۇتمايتىم ئەممە مارۇجنىنى كۆپ يەپ گېلىڭڭىزنى ئىششىتىۋالمىسۇن دەپ سىزگە ئېلىپ بىرىپلا مەن كۆپ يەۋىلاتتىم ماڭا باتناپ قوياتتىڭڭىز ئەركىلەپ، ئىككىمىز تالىشىپ يەپ كىتەتتۇق،سىزنى كۈندە ئۆيۈڭڭىزگە ئاپىرىپ قوياتتىم ،ئىسىڭىزدىمۇ قولىڭڭىز شۇنداق مۇزلاپ كەتكەن ھىلىقى كۈنى مەن قولىڭىزنى قورسۇقۇمغا يېقىپ ئىسسىتىپ قويغۇنۇمدا يىغلاپ كەتكەنتىڭڭىز، ئەتىسى مەن ئاغرىپ قالغان بولساممۇ يەنىلا سىزنىڭ قولىڭڭىزنى تاكى قىش ئاخىرلاشقىچە قولسۇقۇمغا يېقىپ ئىسسىتىپ قويغان ئىدىم ،سىز مىنى ئاخىرى ھېلىق سۈيقىشى ئوخشايدىغان ئاشخانىغا باشلاپ كىگەنتىڭڭىز ئۇيەردىنمۇ تولا سۈيقاش ئىچەتتۇق.بىز يۈرۈپ 3كۈندىن كىيىن مەن سىزگە كىچىك زىرەك ئېلىپ بەردىم ،بىز شۇ كۈندىن باشلاپ قىسقا ئۇچۇر يوللىشىدىغان بولۇشتۇق،سىزبىلەن يۈرۈپ 25كۈن بولغاندا مىنىڭ يېققىن ئاغىنەم پەرھات ماشىنا ۋەقەسىدە تۈگەپ قالدى مەن 12-ئاينىڭ 25-كۈنى سانجىغا ئۆلۈمگە كەتتىم ، سىز گە دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمۈدۈم،چۈنكى تېخى ئاخشاملا مەن بىلەن قىزغىن پىچچىرلاشقان تىلفۇنىڭڭىز ئەتىگىنى توختاپ قاپتۇ،شۇ كەتكەنچە 5كۈن ئالاقىلىشالمىدۇق.30-چىسلا بىزنىڭ يۈرگەنلىكىمىزنىڭ 1ئايلىق خاتىرە كۈنى مەن سانجىدىن قايتىپ كەلدىم ،سىزگە تىلفۇن قىلسام ئۇلاندى،
-ۋەي ،قانداق ئەھۋال؟
-باركەنسىزھە؟مەن تېخى ئۆلدىمىكىن دەپتىمەن!تىلفۇنىڭڭىزنى ھەجەپ ئاچمايسىزغۇ!
-تېخى ئۆلمۈدۈم،ئۆلگەنلەرنى ئۇزۇتۇپ كەلدىم....تىلفۇننىڭ توكى يوق...
-نىم دەيسىز؟نەدىكى ئۆلۈمنى؟
-ھېلى بارغاندا دەپ بىرەي ، خەلىق مەيدانىدا كۆرشەيلىمۇ؟
-ئىم، قاچانراق كىلىسىز؟
-كۆپ بولغاندىمۇ يېرىم سائەتكە قالماي بېرىپ بولىمەن.
-ماقۇل، خوش،يولدا قاراپ مېڭڭىڭ ھە.
-ھە ..خوش سەل تۇرۇپ كۆرشەيلى.
101نىڭ ئاپتۇبوسىدا بارغىچە 5كۈن بۇرۇن سىز ئۇخلىيالمىدىم دىگەندە ئېيتىپ بەرگەن ئەللەي ناخشام ئىسىمگە كىلىۋالدى
-مەردان پەقەت ئۇخلىيالمايۋاتىمەن دىدىڭڭىز شۇكۈنى سائەت 11لاردا تىلفۇن پاراڭلىشىېىتىپ
-مەن ناخشا ئېيتىپ ئۇخلىتۇپ قويايمۇ؟
-ئىم...
                                              ئەللەي ئۇخلاڭ سۆيۈملۈك قوزام،
                                              مەرداننىڭ قوللىرى پەپىلەر سىزنى.
                                                ئۇخلاپ ئويغۇنۇڭ شۇنداق شاتلىنىپ ،
                                              گۈللەر قوينىغا ئورايدۇ سىزنى.....
-ۋاھ سىز نىمانچە ناخشىغا ئۇستا؟
-كىيىن بالىمىزغا ئېيتىپ بىرىشكە ئالدىن تەييارلىۋالغان شۇڭا ئۇستا.....ئەمدى ئۇخلاڭ كەچ بولۇپ كەتتى ماقۇلمۇ؟
-ئىم ، خوش.
-خوش ياريارى.
-نىم دىدىڭڭىز مەردان؟
-خوش ياريارى دىدىم نىم بولدى؟
-ياريارى دىگەن نىمە گەپ؟
-مەن ئىجات قىلغان جېنىم ئاپپىقم دىگەن مەنىدىكى گەپ.
-ھە....
-خوش ئەمسە بالدۇرراق ئۇخلاڭ ھە.
-خوش.
شۇكىچىسى مەن تىلفۇننى قويۋىتىپ ئوبىرنىغا چىقىپ كىرىپ سىزنى ئۇخلىغاندىمۇ ئۇخلىيالمىغانمىدۇ دەپ تىلفۇن قىلسام تىلفۇنىڭڭىز بىرەر سائەتكىچە توختىماي ئالدىراشلا چىقتى، كىچە سائەت 3دىن ئاشقاندا يەنە ئۇردۇم تىلفۇنىڭڭىز توختۇتۇلۇپتۇ،شۇكىچىسى ئەسلا ياتالمىدىم، تولۇق بىر كىچە تاماكا چىكىپلا چىقتىم ،ئەتىسى ئەتتىگەن سىزنى ئىزدەپ بېرىپ كىم بىلەن پاراڭلاشقانلىقىڭڭىزنى سۈرۈشتۈرمەكچى ئىدىم ئەمما ئەتتىگەندىلا دوستۇمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى.ماشىندا ئولتۇرۇپ ئاشۇ كۈنىدىكى ئىشلارنى ئويلاپ قالدىم،تۇيۇقسىزلا كاللامغا تىلگىراف ئىدارىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ بېقىش كىلىپ قالدى خوڭشەندە ماشىنىدىن چۈشۈپ تىلگىراف ئىدارىسىگە تاكسىلىقلا باردىم،چۈنكى سىزنىڭ خەلىق مەيدانىغا مەندىن بالدۇر بېرىپ قالسىڭڭىز سوغۇقتا توڭۇپ تۇرشىڭڭىزنى خالىمايتىم.تىلگىراف ئىدارىسى مىنىڭ يەنە بىر قانچە كۈندىن كىيىن كىلىشىمنى ھازىرچە چىقىرىپ بىرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى.مەن خەلىق مەيدانىغىمۇ تاكسىيلىقلا كەتتىم ،.مەن سىزنى توپ توغرا1سائەت ساقلىغىنىمدىلا سىز كەلدىڭڭىز،قولىڭىزدا مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان سۆسۈن ئەتىرگۈلدىن 3تال تۇراتتى.
-قانداق ئەھۋال؟
-ياخشىغۇ ئۆزۈڭڭىزنىڭ چۇ؟
-ياخشى.
-مەڭ ،بۇ ئەتىرگۈلنى ئاتايىتىن سىزئۈچۈن 1ئاي بالدۇر بۇيرۇتۇپ قويۇپ بۈگۈنگە ئۈلگۈرتۈپ ئەكەلگۈزدۈم.
-قولۇمدىكى بىر بولاق شاكىلاتنى سىزگە تەڭلىدىم
-بۇنى يەپ يەنىمۇ شاكىلاتتەك تاتلىق گەپلەرنى دەپ مىنى يەنىمۇ كۆيدۈرۋىلىڭ ھە....
-ساراڭ...مەن قولىڭڭىزدىن گۈلنى سىز قولۇمدىن شاكىلاتنى ئېلىشتۇق.بىز يەنىلا بەياۇغا كىرىپ توخۇ خەنباۋ يىدۇق.مەن ھەيكەل تۇراچلىق كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئاغىنەمگە بۇيرۇتۇپ ياساتقۇزغان بالا پەرىشتە مۇھەببەت ئىلاھىنىڭ ھەيكىلىنى ، يوغان بەك يوغان بىر سوسكىنى م، بىز بەيفۇغا كىرىپ ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشكە باشلىغان چېغىنىزدا سىزگە قولۇمدا بايىدىن بېرى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ كەلگەن سۇلياۋ خالتا ئىچىدىن ئېلىپ تەڭلىدىم
-مەڭ،سىزگە ئاتاپ ياساتقان.
-ھوپ......نىمانچە سىپتا ياسالغان ھەيكەل بۇ؟نەدىن تاپتىڭڭىز؟نىمانچە يوغان سوسكا بۇ؟
-ئاغىنەمگە دەپ بۇنى سىز ئۈچۈنلا ياساتتىم ،بالىمىزغا دەپ بۇنى سېتىۋالدىم...
-ۋۇ ساراڭ،يەنە ئالجىغىلى تۇردىڭڭىز ھە...
-دىمىسىمۇ راسقۇ...
-يەنە نىمىلەر بار ئۇ سۇلياۋ خالتىڭڭىزدا؟
-سۇلياۋ خالتا ئەمەس ئېچىلىڭ داستىخىنىم دەڭ...سىز كۈلۈپ كەتتىڭڭىز.
-مەڭ بۇنى ئىچىڭ سىزنىڭ ئامراق ئىچىملىكىڭڭىز.ئەمدى تۈگىدى.
-مەردان نىمىشقا فېيچاڭ پىڭگولا ئىچىسىز؟
-تەمى پىۋىغا ئوخشايدۇ شۇڭا.
-پىۋىنى كۆپ ئىچەمسىز؟
-ياق پىۋا ئىچەلمىگەندىن كىيىن مۇشۇنى ئىچىمەن دە.بىز قىزغىن پاراڭلىشىپ تاماقتىن كىيىن ياشىننىڭ ئاستىنى پىقىراپ ئىلىكتۇرۇنلۇق ئويۇنچۇق ئويناپ تولىمۇ خۇشال قايتىشتۇق.سىزنى تاكسىلىق ئۆيگە ئاپىرۋىتىپ مەكتەپكە قايىتتى.ياتاققا كىرسەمملا ھەممىسى ئورۋىلىشتى.
-پاھ، پاھ ،بۇنداق سۆسۈن رەڭلىك گۈلنى نەدىنمۇ تاپقانسەن...بەك كەم تېپىلىدىغان گۈل جۇمۇ بۇ....
-ھەي ھەي قالايمىقان سىلىماڭلا بەرگىلىرى تۆكۈلۈپ كىتىدۇ!كىم گۈلۈمنىڭ بىرتال بەرگىسىنى چۈشۈرۋىتىدىكەن مەن شۇنۇڭغا جېنىمنى تىكىپ قويدۇم!!!!...تۇتماڭلا تۇتماڭلا.....گۈلنى كارۋىتىمنىڭ ئىچىدىكى تامغا چاپلاپ سىز ئالدىنىقى قېتىم سوۋغا قىلغان گۈلنىڭ يېنىغا قاداپ قويدۇم.بىز ئەتىسى مەكتەپتە كۆرۈشتۇق، يېڭڭى يىل كۈنىدە ياشىندا ئايلاندۇق،بىللە تاماق يىدۇ،مەن ئىلمى ماقالەمنىڭ ئارگىنالىنى سىزگە چىرايلىق كۆچۈرۈپ بىرىڭڭە دەپ بەردىم ،سىز نەچچە كۈندىن كىيىن كۆچۈرۈپ ئەپ كىلىپ بەردىڭڭىز،
-خېتىڭڭىز بەك چىرايلىق جۇمۇ كەمپىر.
-نىمانداق غەلىتە گەپ ئۇ كەمپىر دىگەن
-قانداق غەلىتىكەن؟
-ئاجايىلا ئاڭلىنىدىكەن.
-مەن دىگەنغۇ مەن خەختەك خوتۇن دەپ ئىشلەتمەيمەن جېنىم دەپمۇ يۈرمەيمەن ، ئۆزۈم ئىجات قىلىۋالغان لوغەتلەردىن كۆرۈۋالغان ياريارى ،جان جانى،كەمپىر،كەپتىرىم دىگەندەك گەپلەرنى ئىشلىتىمەن نىم بولدى ؟
-ھېچ نىمە...ئاجايىپ ساراڭ سىز ھە...
دوسلۇرۇم بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدۇق، مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ كۆرشۈپ قايىتىىم
-ئاۋۇ روسيەلىك سەتەڭ بىلەن تىل ئۈگىنىۋاتامسەن؟
-قايسى روسيەلىك نى دەيسەن؟
-ئاۋۇ بىزنى كۆرۈپ يىراققا قاراپ تۇرۋالغان چۇ!ئىسمى نىمىكەن؟ناتاشامۇ؟پۇجامۇ؟....روسيەلىكنىمۇ بوش قويمايسەن دە يامان قارمايلىق جۇمۇ سەن...
-ساراڭدەك گەپ قىلماڭلارچۇ!ئۇ دىگەن مىنىڭ مابىتىم!
-ھە؟!روس تىلىنى تۈزۈك بىلمەي تۇرۇپلا مۇھەببەتلىشىپ كەتتىڭما؟!شارات بىلەن پاراڭلىشىدىغان ئوخشىمامسەن؟شارات كەتمەمدۇ يا بەزى ئىشلارغا؟.....
-ھەي ھەي ساراڭدەك جۆلىمىسەڭلار قانداق ئۇ روسيەلىك ئەمەس مىنىڭ مابىتىم*******!نىمانداق!
-ھە!...ئۇ ئۇيغۇرما!؟!؟
-ھە!
-ۋوي ۋوي خاپا بولما ئاداش ھە،،،....بىز شۇنداق پاراڭلىشىپلا مەن سىزنىڭ يېنىڭڭىزغا قايتىپ  كەلدىم،ئۇلار كەينىمىزدىن قاراپ قاراپ بىر نەرسىلەرنى دىگەنچىدىن كىتىپ قېلىشتى.
-ئۇلار سىزنى روسيەلىككە ئوخشۇتۇپ قاپتۇ.
-مىنى تولا ئادەم روسيەلىككە ئوخشۇتۇپ قالىدىكەن غۇ تاڭ.
-دىمىسىمۇ تىرىڭڭىزدىن تارتىپ، قوڭۇر چاچلىرىڭڭىزغىچە،كىرپىكلىرىڭڭىزدىن تارتىپ زەڭگەر كۆزلىرىڭڭىزگىچە ئوخشايدىغان تۇرسىڭڭىز...
-شۇنداقمۇ....
بىز مەكتەپتىن چىقىپ تاماق يەپ مەن سىزنى ئۆيۈڭڭىزگە ئاپىرىپ قويۇپ قايىتتىم،كۈنلىرىممىز ئەنە شۇنداق تىنىچ ھەم خاتىرجەملىك مۇجەسسەملەشكەن بەخىت ئىچىدە ئىلگىرلىدى، بىزنى تەتىل قويۇپ بەردى ئەمما مەن سىزنى دەپ ئۆيگە قايىتمىدىم،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز ليۇداۋەندىكى دوستىڭڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە باردۇق سىز سوۋغۇتىڭڭىزنى ئەكىرىپ بىرىپ چىققىچە مەن سىرىتتا سىزنى ساقلاپ تۇردۇم، 1سائەتتىن ئۇزاقراق ۋاقىتتا چىقتىڭڭىز مەن سوغۇقتا تۇرۇۋىرىپ ئۆپكەمگە سوغۇق ئۆتكۈزۋالغان چېغىم ،شۇ كىچىسى كىچىچە قىزىپ يۆتۈلۈپ چىقتىم ئەتىسى ئاپام اىلفۇن قىلغاندابەك يۆتۈلۈپ كەتتىم ئاپام ئەنسىرەپ قالدى مىنىڭ چوقۇم ئۆيگە قايتىشىمنى جىكلىدى مەن شۇ كۈنىلا سىز بىلەن خوشلۇشۇپ مېڭىپ كەتتىم سىز مىنىڭ ماڭىدىغانلىقمنى ئاڭلاپ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئىچىملىك شاكىلات توخۇ قانىتى ھەرخىل سوغۇق سەيلەرىنى تەييارلاپ چىقىپسىز مەن شۇلارنى ئېلىپ مېڭىپ كەتتىم...بىز كۈندە تىلفۇن قىلىشىپ تۇردۇق،مەن سىزنىڭ ئىقتىساتتىن قىيلىنىپ قالماسلىققىڭڭىز ئۈچۈن سىزگە پۇل ئەۋەرتىپ تۇردۇم 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بىز تىلفۇن پاراڭلاشقاندا سىز مەندىن سورىدىڭڭىز
-مەردان 14-چىسلا قايتىپ كىلەلەمسىز؟
-بارالمايمەن، ئاسما سالغۇزۋاتىمەن جىددى خاراكتىرلىك ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگۇنۇز قويۇلغان ئاپام دوختۇر تۇرسا قانداقمۇ مىنى ئاسمام تۈگۈمەي تۇرۇپ يولغا سالالايدۇ؟
-مەيلى ئەمسە...ئىلايىم تىزراق ياخشى بولۇپ كەتكىيسىز مەنمۇ كۈندىلا شۇنداق تىلەيمەن....
ئەملىيەتتە مەن سىز تىلفۇن قىلغاندا بىكەتتە ئىدىم ،سىزنى قانداقمۇ يالغۇز ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدا تەنھالىق بىلەن ئازاپلاشقا چىداي....
بىز بىردەم پاراڭلىشىپ خوش لاشتۇق .مەن شۇكۈنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ بولدۇم.14-چىسلا ئەتىگەن سائەت 5بىلەن تۇرۇپ يۇيۇندۇم ،كاستۇيۇم بۇرۇلكامنى كىيىپ قارا قىسقا پەلتۇيۇمنى ئۈستىگە كىيىپ ئەينەك ئالدىغا كەلدىم، ئادەم سەت ئەمەس كىيىم سەت دىگەن راس جۇمۇ ئەينەك ئالدىدا چاچلىرىمنى قايتىدىن تاراپ ئاپام ئىتالىيەگە چىققاندا ئالغاچ كەلگەن مەن بۇ قېتىم ئوغۇرلۇقچە سىڭلىمدىن ئېلىۋالغان ئەتىرنى سەپتىم،يېڭڭى ئالغان ئايىقىمنى پارقىراپ تۇرشىغا قارىماي يەنە بىر رەت سۈرۈتتۈم.6تىدە يولغا چىقىپ كەتتىم مەھەللىڭڭىزگە بېرىپ سىزنى ساقلىدىم، سىز ئۆيۈڭڭىزدىن چىقتىڭڭىز ئەمما مىنى تونىماي ئالدىمدىنلا ئۆتۈپ كەتتىڭڭىز.
-ھەي...
سىز لاپپىدە ئارقىڭڭىزغا ئۆرۈلۈپ قارىدىڭڭىز.
-ھوپ......سىز قىزىرىپ كەتتىڭڭىز.
-قانداق ئەھۋال؟بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.
-قاچان كەلدىڭڭىز؟سىزنىڭمۇ بايرىممىڭڭىزغا مۇبارەك بولسۇن....
-تۈنۈگۈن كەلگەن....مەن سىزنى باغرىمغا باستىم ، بىز بىللە مەكتىپىڭڭىزگە باردۇق مەن سىزنى ئاپىرىپ قويۇپ تاكى سىز دەرىستىن چۈشكىچە سىزنى سەنشىخاڭزىدا ساقلىدىم ،ئەلۋەتتە ئاغىنىلىرىم بىلەن پاراڭلاشقاچ ساقلىدىم.
-ئوخىو بالاڭزا ياڭزاڭ 15قو...توي قىلىدىغاندەكلا ياسنىۋاپسەنغۇ...ئەتىرەڭنىڭ پۇرقى دەششەت شاشقۇ...
-ھە، ئالسام بولمامدۇ؟سىلەرنى تويۇمغا چاقىرىپلا كەلدىمغۇ مانا....
ئاشۇنداق چاقچاق پاراڭلار بىلەن مەمەتنىڭ دۇكىنىدا ئولتۇرۇشتۇق،سىز بىلەن چۈشتە خەلىق مەيدانىدىكى چىڭسەن ئالدىدا كۆرۈشۈپ بىللە تاماق يىدۇق،سىزنى  چۈشتىن كىيىن مەكتەپكە ئاپىرىۋىتىپ يەنە نەچچە ئاغىنىلەر مەمەتنىڭ دۇكىنىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتۇق،دەرىستىن چۈشۈپ تىلفۇن قىلدىڭڭىز بىز بودۇن ئاشخانىسىدىن توخۇ قورۇتۇپ يىدۇق سىز ماڭا مەن يوق چاغلاردا يىزىپ قالدۇرغا ن كۈندىلك خاتىرىڭڭىز بىلەن سۆيشۈپ تۇرغان بىر ھەيكەل سوۋغا قىلدىڭڭىز،.يەنە شاكىلاتمۇ ئەپسىز...مەن بەكمۇ شاتلاندىم.بىز تاماق يەپ بولۇپ ئۆيگە قايىتتۇق،مەن سىزنى ئاپىرىۋىتىپ قايتىش ئالدىدا سىزنىڭ تىلفۇنىڭڭىزغا تولا تىلفۇن كەلدى ئەمما سىز تىلفۇننى بېسىۋەتتىڭڭىز.مەن بەكمۇ جىلە بولغان بولساممۇ بۈگۈنكى خۇشال كەيپىياتىمىزغا تەسىر يەتكۈزمەي دەپ ، ئارتۇق گەپ قىلمىدىم،ئەمما سىزنى ئاپىرۋىتىپ قايتىپ مەمەت،سالام ئەكرەم.......نەچچىمىز شىخابادا كۆرۈشۈپ بىر جۇباغا بېرىپ ئازراقتىن ئىچىشتۇق ،كەچ سائەت10لاردا سىزگە تىلفۇن قىلدىم تىلفۇنىڭڭىز ئالدىراش ...بەكلا خۇيۇم تۇتتى،جۇبادىن قايتىپ بىر يەشىك پىۋا  2بوتۇلكا ئېلى داچۇ ئېلىپ مەمەتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاڭ ئاتقىچە ئىچتۇق.ئەتىسى ئويغانسام سائەت1دىن ئېشىپتۇ، تىلفۇنۇمنى ئاچسام سىزدىن 19پارچە ئۇچۇر كەلدى.تىلاۇن قايتۇردۇم
-نەدە سىز؟
-ئاغىنەمنىڭ ئۆيىدە.
-نىمىشقا تىلفۇننى ئىتىۋالدىڭڭىز؟
-ئۇخلىغاچقا...
-چۈشتىن كىيىن ئالغىلى كىلەمسىز؟
-باراي.
-ئەمسە نەنمىندە كۆرشەيلى.
-ھە.
-خوش.
-خوش.
تىلفۇننى قويۋىتىپ بالىلارنى ئويغۇتۇپ يۈز كۆزۈمىزنى يۇيۇپ سىرىتقا چىقىپ تاماق يىدۇق.
-ئەكرەم،ماشىناڭنى ئىشلىتىپ تۇرايمۇ؟
-دەپ قاپسە بالاڭزا ئالە ئاچقۇچنى.
-مەن بىلەن تىلگىراف ئىدارىسىگە بىللە بارالامسە؟
-نىمە قىلسە؟
-ئاۋۇنىڭ تلفۇنىنى تەكشۈرۈپ باقاي دەيمەن.
-سالامنىڭ ئاچىسى ئىشلەيدۇ ئۇيەردە سالامنى ئېلىۋالايلى.بىز تاماقنى يەپ بولۇپ تىلگىراف ئىدارىسىگە باردۇق.مەن سىزنىڭ 2ئايلىق تىلفۇننىڭڭىزنى تەكشۈرۈپ قەرغەز چىقارتىپ كەلدىم، سىزگە تالاي ئۇرۇلغان سىزمۇ تالاي ئۇرغان نىر قانچە تەكرار قېتىم سانى كۆپ تىلىفۇنغا تىلفۇن ئۇرۇپ باقتىم ھەممىسىنىلا ئوغۇللار ئالدى...........................شۇ چاغدىكى كەيپىياتىمنى قەغەز يۈزۈدە ئەمەس تىل بىلەنمۇ ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن.........
-بولدى كۆڭلۈڭگە ئالما ،بەلكىم ساۋاقداشلىرىدۇ....
-بەلكىم شۇنداقتۇ....ھەممىسى كىچىچە پاراڭلىشىدىغا قانداق (ساۋاقداشلار)بولغىيتى ئۇ....
-بولدىلا كۆپ ئويلاپ كەتمىگىن ....سەنمۇ قىزلارغا تىلفۇن قىلىسەنغۇ....
-بۇ ئوخشىمايدۇ،مەن قىزلارغا كىچىمۇ كىچە تىلفۇن قىلىپ باقمىغانلىقىمغا ۋەدە قىلالايمەن....
-تۈنۈگۈنمۇ بىرمۇنچە قىزلاردىن تىلفۇن كەلدى ھەممىسى بىلەن كۈلۈشۈپ پاراڭلاشتىڭغۇ.......
-ئۇلار دىگەن مىنىڭ بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىم...
-بەلكىم بۇلارمۇ ئۇنىڭ بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىدۇ....
-شۇنداقمۇ؟!ھەجەپ ئاقلاپ كەتتىڭغۇ ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدىڭمۇ يە!؟!
-نەدىكى گەپنى قىلمىغىنە ، ھە راس تۈنۈگۈنكى 5دوللارلىق پۇلنى ماڭا بىرە.
-تۈنۈگۈن ئۇنىڭغا بىرىۋەتتىم.
-قانداق چاغدا؟
-بودۇندە تاماق يىگەن چاغدا...
-سەندە ئۇنداق پۇللار يەنە بارمۇ؟
-ئاپامدا كۆپ...تولا چەتكە چىقىدۇ ئەمەسمۇ، ماڭىمۇ ئاپام بەرگەن.
-100دوللارلىقنى بەر دىسەڭ بولمامدۇ؟
-مەن يە بۇيەردە دوللار خەجلىمىسەم!بولدى بولدى سەن تولا گەپنى ئېپ قاچمىغىنە!ھەجەپ ئۇنىڭغا يان بېسىپ كەتتىڭغۇ!بىز دىگەن ئاغىنە جۇمۇ!شۇنى ئۇنتۇپ قالما!....
-ۋاي ۋۇي!نىمانچە تىرىكىسەن!مەنمۇ شۇ سەن ئاران ئىرىشكەن شۇنى دەپ ھېلى پۇتۇڭنى چىقىرىۋالغان ھېلى خەخ بىلەن مۇشلىشىۋاتقان، ھېلى ئۇيەر بۇ يەرلىرىڭنى ياراقىلىۋىلىپ بارغان ....شۇ ئاران ئىرىشكەن قىزىڭنى ئالقىنىڭدىن چىقىپ كەتمىسۇن دەيمەندە!مۇشۇ نۇمۇرلارنى دەپ ئۇرۇشساڭ ئايرىلىپ كەتسەڭلار ، يەنە نىمىلەرنى كۆرمەيسەن؟!....شۇڭا ئىشلارنى ياخشى تەرەپتىن ئويلىغاننىڭ زىيىنى يوق.........
-ئىشقىلىپ ،مىنىڭ قاچامغا توپا تاشلايدىغان ئادەملەر بىزنىڭ ئارىمىزدىن چىقمىسا دەيمەن......
بىز چۈشتىن كىيىن كۆرۈشتۇق يەنە توخۇ بىلەن خەنباۋ يىدۇق........مەن سىزگە چاندۇرمىدۇم،مەن سىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ قايىتتىم ،سىز مەن ئەمدىلا بىكەتكە بېرىشىمغا ماڭڭا تىلفۇن قىلدىڭڭىز،.
-مەردان ئۆيدە ئادەم يوق ئىكەن.
-چىقايمۇ؟
-ئۇلار كەپ قالسىچۇ؟-كەپ قالسا كەپ قالغاننى كۆرەرمەن!چىقاي چۇ....
-ئىم ...
مەن ئۆيگە چىقتىم سىز ئىشىكنى ئېچىپ ساقلاپ تۇرغان ئىكەنسىز، مەن سىزنى ئىشىك ئالدىدىن كۆتۈرۈپ ئەپ كىرىپلا تامغا  تىرەپ سۆيۈپ كەتتىم .
-مەردان ئىشىكنى تاقىۋىتىڭ....ئى.......شى ...ك.مەن سىزنى كۆتۈرۈپ بېرىپلا ئىشىكنى ياپتىم دە سىزنى ھېچ خاتاسىزلا ياتاق ئۆيۈڭڭىزگە كۆتۈرۈپ كىرىپ يەردىكى گىلەم ئۈستىگىلا باستىم.سىزنى قانماي سۆيەتتىم ،يۇمران كۆكسىلىرىڭڭىزنى سىلايتىم.،مەن پەقەتلا ئكزۈمنى تۇتىۋالالمىدىم،....
-ياق ياق مەردان ياق...ئۆتۈنۈپ قالاي...ئاھ...سىز ...دى...ن ئۆتۈنۈپ قالاي....سىز ھاسىرايتىڭڭىز،ئىشتىنىڭڭىزنىڭ تاسمىسىنى بوشۇتۇشقا بارغان قوللۇرۇمنى چىڭڭىدە تۇتىۋالغان ئىدىڭڭىز،مەر...دا...ن ...ئاھ....مەن سىز  ...سىز...دىن ....كۆزلۈرۈڭڭىزدىن سىرغىغان ياشلار بىردىنلا مىنى بوشاشتۇرۋەتتى...
بىز تۇرۇپ كەتتۇق،مەن سىزنى قۇچۇقۇمغا ئېلىۋالدىم مەڭزىلىرىڭڭىزدىكى مۇنچاق ياشلىرىڭڭىزنى سۈرۈتتۈم...
-مەردان سىز مىنى بەك قورقۇتىۋەتتىڭڭىز،يانچۇقىڭڭىزدا قاتتىق بىرنەرسە باركەن يوتامغا بەك پېتىپ كەتتى.....ئاچقۇچىڭڭىزنى ئەمدى يانچۇقىڭڭىزغا سالماڭ .....
-جىنىم خوتۇن ئۇ ئاچقۇچ ئەمەس....
-ئەمسە نىمە ئۇ؟بەك قاتتىقلا....
مەن سىزنى قانماي سۆيۈپ كەتتىم، قولىقىڭڭىزغا ئاستا پىچچىرلىدىم، ئۇ قاتىىت نەرسە ئاچقۇچ ئەمەس.....بەك كىچىككەنسىز جۇمۇ....
سىز يىغلىدىڭڭىز، بۇقۇلداپ بۇقۇلداپ يىغلىدىڭڭىز،
-مەردان ئەمدى مىنى بايامقىدەك بوزەك قىلماڭ مەن بەك بەك قورقۇپ كەتتىم، بەك قورقۇپ كەتتىم.....سىزنىڭ كۆز ياشلىرىڭڭىز بارغانسىرى ئۇلغۇيۇپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى،مەن بەك بەك بەك ئوڭايسىزلاندىم،.....
-مەن قايتاي، ئۆيدىكىلەر قايتىپ كەلسە تىل ئاڭلاپ قالماڭ يەنە.
-ئىم...
مەن قايىتتىم، 1-قەۋەتكە چۈشىۋىتىپ پەشتاقتىن چىقىۋاتقان ئازراق سالام سائىتىمىز بار بىر بالا بىلەن كۆرشۈپ قالدىم.
-قانداق ئەھۋال؟
-تىچلىقمۇ؟
بىز قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۇق.
-بىرەرسىنى ئىزدەپ كەلگەنما؟
-ھە،سىزچۇ؟
-مىنىڭ ئۆيۈم مۇشۇ يەردە.
-ھە...
-ئۆيگە كىرىپپ ماڭمامسىز؟
-خوش كىيىن كىلەرمەن.
-كىرىپ مېڭڭىڭڭە ،مەن يالغۇز،بىردەم پاراڭلاشقاچ كەچلەپ ئەتىلا كەتمەمسىز؟
-كىيىن كىلەي.
-بولدى تۈزۈت قىلىشمايلى چۇ،مىڭىڭە.يا تونۇشمايدىغان بىلشمەيدىغان ئادەملەردىن بولمىساق...
مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم ....
ئاھ خۇدا نىمە كارامەت بۇ، ئۇدەل مەن ئەمدىلا چىققان ئۆينىڭ ئىشىگىگە ئاچقۇچ سالدى....
بىز ئۆيگە كىرىشتۇق سىز بايام چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىڭڭىزنى ئەمدىلا تۈزەپ تازلىق ئۆيىدىن چىقىۋاتقان كەنسىز....مىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىڭڭىز...
-ياخشىمۇ سىز؟دىدىم مەن چاندۇرماي.چىرايىڭڭىز بىر تاتىرىپ بىر ئۆڭۈپ ئاران ئاران
-ياخشىمۇ سىز دىيەلىدىڭڭىز.
بۇ مىنىڭ دوستۇم مەردان بولىدۇ، بۇ مىنىڭ سىڭلىم ********
-ھە.... داشۆدە ئوقۇمدا ؟
-ياق ئوتتۇرا مەكتەپتە.ئۇكام بىزگە چاي دەملەپ بىرە....بىز سافادا ئولتۇردۇق،سىز بىزگە چاي دەملەپ ئەكىرىپ بىرىپلا ياتاق ئۆيۈڭڭىزگە كىرىپ كەتتىڭڭىز.
مەن شۇكۈنى سىلەرنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالدىم ، ئاكىڭڭىز بىلەن بولغان ئالەقەمنى يەنىمۇ كۈچەيىتتىش ئۈچۈن ،شۇكۈندىن ئىتىۋارەن ئاكىڭڭىزغا باشقىچە يېقىنچىلىق قىلىدىغان بولۇپ كەتتىم...مەن ئاككىڭڭىز بىلەن ياېقىن ئاغىنىلەردىن بولۇپ قالدۇق،بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزمۇ بارغانچە ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى، سىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىسى بىرىدىغان بولسىڭڭىزمۇ ھەرقېتىم ماڭا مىنىڭ ئىلمى ماقالەمنى تۈزۈتۈشكە كۆچۈرۈپ قايتا يېزىشقا ياردەملەشتىڭڭىز، ئاز دىگەندىمۇ 28بەتلىك ماقالىنى تاكى لاياقەتلىك بولغىچە 100قېتىمدەك قايتا يېزىپ بەردىڭڭىز،ھەتتا ساۋاقداشلىرىڭڭىزنى ياردەملەشتۈرۈپ باسقۇزۇپمۇ بەردىڭڭىز،مۇئەللىملىرىڭڭىزدىن تارتىپ ئارلاشتۇرغۇزۇپ كۆزدىن كەچۈرتكۈزۈپ، باھالىتىپ بەردىڭڭىز.سىزنىڭ شۇ چاغلاردىكى جاپايىڭىزنى ئويلىسام ھازىرمۇ كۆزلۈرۈمگە ياش تولىدۇ...بىز بىرقىېتىم خەلىق مەيدانىدا كۆرۈشتۇق، سىز ماڭا قاراپ كۆزلىرىڭڭىزگە ياش ئالدىڭڭىز.
-نىم بولدى؟نىمىشقا كۆزۈڭڭىزگە ياش ئالىسىز؟
-مەردان، قىينىلىپ قاپسىز ھە؟
-نىمىدىن؟
-قاراڭ، مەن ئەزەلدىن مايكىڭڭىزنىڭ ياقىسىنىڭ كىر بولۇپ قالغىنىنى كۆرمەپتىكەنمە،ياقىڭىز كىرلىشىپ قاپتۇ،يۇيالمىدىڭڭىزما؟
-ياق ياق،ئۇنداق ئەمەس،پاكىز لىرى بارئىدى ئالدىراش بولۇپ كىتىپ يۆتكەشنى ئۇنتۇپتىمەن.
-ئەتە كىر كىيىملىرىڭڭىزنى ئالغاچ كىلىڭ مەن يۇيۇپ بىرەي.مەن ئۈندىمىدىم ،بىز جىم بولۇپ قېلىشتۇق ئارەدىكى جىمجىتلىقنى سىز بۇزدىڭڭىز.
-كىيىن سىز بىلەن بىر ئۆيگە كىرىپ بولغاندىن كىيىن سىزگە تۈندە سىز ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئىتىپ بىرىمەن......مەن ئاشۇ سۆزلىرىڭڭىزنى تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنتىيالمىدىم...ئاردىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ بىز نەنخۇ گۇاڭ چاڭدا كۆرۈشتۇق شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتىۋاتاتتۇق،تۇيۇقسىزلا سىزگە تىلفۇن كەلدى،ئەمما سىز تىلىفۇننى بېسىۋەتتىڭڭىز.
-كىم كەن؟
-تاڭ ئالسام قويىۋەتتىغۇ...
-نىمانچە يالغانچى سىز!قاراپ تۇرسام ئۆزىڭڭىز بېسىۋىتىپ يالغان گەپ قىلىۋاتىسىزغۇ!
-مەن سىزگە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمەن!سىز شۇنداق دەپلا كەينىڭڭىزگە ئۆرۈلۈپ كىتىپ قالدىڭڭىز.مەن كۆزلۈرۈمنى چەكچەيىتكىنىمچە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم ئەمما كەينىڭڭىزدىن ئەسلا قوغلۇمىدۇم، كۆزلۈرۈمدىن ئەنە شۇ يەردە سىزدىن ئازار يەپ ئەڭ تۇنجى ئەڭ تۇنجى قېتىملىق ياش سىرغىدى....سىزنى يېڭى شەھەرباغچىسىغا ئېلىپ كىرگەن كۈنۇممۇ، سىز ئەنە شۇنداق تىلفۇننى بېسىۋەتكەن ،بىز جىنپەيلى دە پىسا قاتلىمىسى يەپ ئولتۇرغاندىمۇ سىز ئەنە شۇنداق تىلفۇننى بېسىۋەتكەن،بىز كۆچا ئاپتۇبۇسىدا كىتىۋاتقاندىمۇ سىز تىلىفۇننى بېسىۋەتكەن بىز سۇئۈستى باغچىسىدا ئويناۋاتقاندىمۇ سىز تىلفۇننى بېسىۋەتكەن............نىمىدىگەن كۆپ بېسىۋىتىشلەر بۇ................سىز ئارقىڭڭىزغىمۇ قاراپ قويماستىن مېڭىپ كەتىڭڭىز، مەن يامغۇردەك تۆتۈلىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى پىنھان جايدىكى تىنىچ كۆل سۈيىگە ئېقىتىپ ئولتۇرغان مىسكىن مىنۇتلىرىمدا، سىز كەينىمدىن كىلىپ مىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىڭڭىز، ئەگەر سىز كەينىڭڭىزگە يېنىپ كەلمىگەن بولسىڭڭىز، مىنىڭ بونىڭدىن كىيىن سىزنى ئىزدىشىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى مەن منىنىڭ ئالدىمدا بىر نۆۋەت يالغانچىلىق قىلغان ئادەمنى ئىككىنىچى نۆۋەت ئەسلا كەچۈرمەيتىم ، مىجەزىم بەكلا جايىل بولغاچقا،تالايلار مىنى سىنىڭ جايىللىقىڭ قېرىنداش مىلەتنىمۇ بېسىپ چۈشۈىدۇ دىيشەتتى،مەن سىزنى ئارقامغا ئۆرۈلۈپ قۇچاقلىدىم، سىزمۇ يىغلاپسىز،مىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىم كۆز يېشى ئالدىدا تىز پۈكۈش ئىكەنلكىنى بىلەتتىم ،مەن سىزنىڭ كۆز ياشلىرىڭڭىزنى سۈرۈتتۈم،ئەمما سىزنىڭ ئالدىڭڭىزدا كۆز يېشى قىلمىدى.
-نىمىشقا ماڭا يالغان سۆزلەيسىز؟
-مەن يالغان سۆزلۈمىدۈم...
-بۇ سىزنىڭ مىنى تۇنجى قېتىم ئالدىشىڭڭىز ئەمەس، بىلەمسىز؟!
-مەن سىزنى ئالدىمىدىم!خەخ تىلفۇننى خاتا ئۇرۇپ قاپتۇ...
-ئەكىلىڭە شۇ خاتا ئۇرۇلغان تىلىفۇنغا مەن بىر قايتۇرۇپ باقاي.
-نۇمرىنى يۇيۋىتىپ قاپتىمەن....يۈزۈڭڭىزگە شالاققىدە تۈكۈرۈپ قويۇپ ئالدى ئارقامغا قارىماي كىتەي دەپ ئويلىغان بولساممۇ سىزنى ياخشى كۆرۈشۈم ئالدىدا يەنىلا سىزنى كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم
كۈتۈش ئۈچۈن يارالغانمىدىم...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 20:32, Processed in 0.275958 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش