- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-2
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 408
- نادىر
- 0
- يازما
- 90
 
- تۆھپە
- 176
- مۇنبەر پۇلى
- 218
- ئىشەنىچ
- 176
| مەۋجۇت يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 19:02  قەدىرلەيلى ئاننى دوستلار ، ئانا بىزگە ئاپپاق سۈت بەرگە ...
جاپاكەش ئانام ئۈچ توققۇزنى تەستە توشقۇزدىڭ ئانا تولغۇنۇپ ، سۈبھىدە ئىللىق مېھىرڭگە قۇچاق ئاچتىم ،ھۈزۇرلۇنۇپ. قىينالدىڭ ،تەۋەلىت جاپاسدا كۆزىڭ جامدەك ، ئاي -يىللار ئۆتىۋەردى نۆۋەتلىشىپ ،دەقىقىدەك.
ئاھ ئانا ، جانىم ئانا ئىنسان ئەمەس پەرشتىسەن ، باللىرڭنى تەڭدىشى يوق ئېسىل مىھىمان چاغلايدىغان. ئاتا بولدىڭ ئانا بولدىڭ بېشىڭغا كەلسمۇ ئېغىر كۈلپەت، مۇشكۈل ئىشتا تەدبىرلىكسەن،بولمىدىڭ يامانغا ئۈلپەت.
باقتىڭ ئانا پۈركەپ مېنى ئەدەپ -ئەخلاق لىباسىغا ، چۆمۇلدۇردىڭ ،نۇرلاندۇرۇپ ئەقىل- ئىدىرى دەرياسىغا. ئەجىرڭنى قايتۇرغۇم بار جانىم ئانا ھەسسە -ھەسسىلەپ. قالماس ھۆرمىتىڭ ھەرگىز، قېرغىنىڭدا دىلىمدا پەسلەپ .
يۇلتۇزلار ئاراسدا چاقناپ تۇرغان تولۇن ئايسەن ، بۇلۇتلار كەينىگە يوشۇرۇنسا ئاي،چىراق بولدىڭ ئۆچمەيدىغان. سەۋىر -تاقەتتىن مول نىغمەتلىك ئېسىل داستىخان راسلىدىڭ، يوقچىلىق ئازاۋىدا ،قانائەت يامغۇردا ئالتۇندەك چاقنىدىڭ.
ئاپارساممۇ ئۆشنەمگە ئارتىپ ھەرەمگە دال بولالماس ، قايتۇرۇپ بولالماسمەن گۆھەر قىمىمىتىن ئىھتىمال . قىشتا سوغدا دۇگدىرەپ ،يازدا ئىسسىقتا قاغجىراپ، باققىنىڭغا ھەر كېچە ئۇزۇن تۈنلەردە پەپىلەپ .
ھەقىقەت ،كامالەت گۆھەرلىرى بىلەن تولغان ئانا خەزىنىسى، ھۆرمىتىڭنى قىلىپ دۇنيا «ئۇلۇغ ئانا » دەپ تەرىپلشەر ھەممىسى. ئورنىڭ ئىگىز ،تەپتىڭ قۇياش ،قىممىتىڭنىڭ يوق باھاسى ، سېنىڭ ئورنۇڭ ئالەمدە كەم مەدھىيە ئوقۇيدۇ ھەممىسى.
ئاھ ئانا ،جانىم ئانا ھايات بېغىمدا سىز ساھىپجامال ، ئالدىڭىزدا مەن سەبىي سىز گۈلستاندىكى بۇلبۇل . مېنىڭ باشقا غېمىم يوق سىز سالامەت بولسىڭىز ، بۇ پۈرسەت ماڭا غەنىيمەت گۈلدەك ياشناپ تۇرسىڭىز.
ھاياتىمدىكى ئەينىگىم سىلەر
ئاپام بەردى ئايدەك ھۆسنىنى ، دادام ماڭا دەيدۇ ھېمىشەم ، جاپا كەينىدە ھۇزۇر- ھالاۋەت. دادام ماڭا قاۋىل بەستىنى . ئاچچىققا ھاي بەرگەندىلا، كەڭ قۇرساق ھەم سەۋىر چانلىقنى، كېلىدۇ ساڭا بەخىت -سائادەت. ئۇگەتتى ئانام مېھىربانلىقنى .
ئاپام ماڭا تاپلاپ تۇرار ، دادام ماڭا ئۇگىتەر دايىم ، ئويلىمىغىن ھاۋايى -ھەۋەس . مەنىسىز،ئىزسىز ياشىما ھەرگىز. ئۇلۇغ ئىرادە بىباھا گۆھەر ، ئەڭ پاك ،ئەڭ گۆ زەل سۆيگۈ بولمىسا ، ئىلىم مەرپەتتىن ئالغىن پاك نەپەس. ھايات ئۆتەر ناپاك مەنىسىز .
ئاپام باڭا بېغىشلار دايىم ، دادام ماڭا جېكىپ تۇردۇ ، قەدىر -قىممەت ،ئېسىل تەبىئەت. باشقىنىڭ ھەقىغە قىلما خىيانەت، ياشلىغىڭنى ئۆتكۈزمە بىھۇدە ، ۋىجدانىڭ، غورۇرىڭ بۇلغانمىسۇن،
قايتا كەلمەس ئىككىنچى پۈرسەت. ئۆتكىزمىگىن ئىپلاس جىنايەت .
دادام ئالتۇندەك چاقناپ تۇردۇ، ھاياتىمدا بىر جۈپ قەدىردان ، ئاپام ئالتۇننىڭ ياقۇت كۆزى . مېنى ئالغا ئۈندەپ تۇرۇدۇ. ئۇلارغا يۈكسەك ھۆرمىتىم ئاشار، قەلبىمدىكى ياۋا ئوتلارنى، ھاياتتا ماڭا ئۈلگىدۇر ئۆزى . كۈندە دېگىدەك پۇتاپ تۇردۇ .
مېھىربان ئانام
تۇنجى قېتىم يازاي دېدىم ئانامنى ، ئۈيۈمىزنىڭ خادا تېشى ، تۈۋىرىگى . باللىرنىڭ چۈچۈلا بولۇپ ئوتىدا ، كۈيۈپ- كۈيۈپ قالماپتىكەن يۈرىگى.
ئانىغا مۇھتاج ھەممە ھاياتلىق، ئانىسىز ئۆيلەر قاراڭغۇ ئۈڭكۈر . ئانىنىڭ ھىدى ئۆيۈڭدىن ئۆچسە، بولدۇ سۈبھىسىز قاراڭغۇ كۆر .
ئەقىل -پاراسەت ،قەدىر-قىممەتتىن ، سۇغۇرار كۆچەتنى بىر ئۆمىر باپلاپ. ھاياتلىق دۇنياسدا ئانا سەۋىرچان، شۇڭا دۇنيادا شان-شەرەپ قۇچقان .
ئانا جاھان ئەينىگى كۆرۈپ تۇرۇدۇ، پەرزەنىتلەردە بىخ ئۇرغان ياۋا نوتىنى . ئوغلى ئادىمىيلىكتىن يىلىنجاپ تۇرسا ، قىزىنى دىيانەت سۈيىدە يۇيار ھەر كۈنى.
ئۇھ دەپ ھاردۇغى چىقىپ قالىدۇ ، پەرزەنىتلىرى بەرسە مەي باغلاپ مىيۋە. ھەممە بالىغا تەخسىمات ئادىل ، كەم -ئارتۇق بولۇپ قالماس نېسيۋە.
مىھنىتى مىننەتسىز ،ئەجىرى ھەقسىز ، ۋايسىماس،پەرزەنتىگەتىلەيدۇ بەخىت . سۆيگۈ مېھىرى ئوقچۇغان بۇلاق ، كامالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان تەخىت.
ئانا ئەجىرى ئېتىلمەس بۇلاق ، بالا قەرزنى قايتۇرۇپ بولالماس بىراق- ساداقەتتىن بېغىڭدا ئېچىلدۇرغىن گۈل، ۋاپادارلىقتىن سايىراتقىن بۇلبۇل . مەنبە؛ غۇرۇر.
خاتىمە
ئانا شۇنداق ئۇلۇغ ئىنسان دۇنيادا ، ئۇنى مەھكەم باغلىۋەتكەن پەرزەنىتلەر سىھىرى. شۇم ئەجەل ئېلىپ كەتكىچە تۈگۈمەس پەقەت، باللىرغا چاكسىز مۇھەببىتى ،مېھىرى . |
|