دېھقانى رۇبائىيلىرىدىن(1)
(ھاياتلىق،ئادەمىيلىك ۋەئەخلاق-پەزىلەت ھەققىدە)
(1) ئۈمىدلىك ياشىغىن، بولما دىل ئۈزۈك تەپەككۇر ئەيلىگىن، تازا ھەم سۈزۈك، ئۈمىدلىك ياشىساڭ، دۇنيا بەك گۈزەل ئۈمىدسىز، شەيتانغا ئەل بولغان تۈزۈك! (2) ھاياتلىق توختىماس، كۈندۈز-كېچىدە، ھەرئادەم بىر تاۋلىنار ئۇنىڭ پېچىدە. جاپاغا چىداشلىق ھەقىقى ئەركەك تاۋلىنىپ چىقىدۇ مېھنەت كۈچىدە!.. (3) ھاياتنىڭ مەنىسى مېھنەتتە-تەردە، تاپىدۇ ئۇ قىممەت، ھەقىقىي ئەردە.. چىدىساڭ ۋاقىتلىق رەنجى-جاپاغا، تەرىڭدىن گۈل ئۈنەر قاقاسلىق يەردە! (4) ھەركىمنىڭ ئۆزگىچە خۇلقى-خۇيى بار، تىلسىزنىڭ نى ئالىي تىلەك-ئويى بار، بۇ جاھان بەئەينى قايناق بازاردۇر، ھەركىمنىڭ ھاياتتا تۇتقان يولى بار. (5) ياش چېغىڭ، ئوينايسەن، قىلچە غېمىڭ يوق ئائىلەڭ يۈلەكتۇر، ئەسلا كېمىڭ يوق. ئەر يېتىپ،تۇرمۇشلۇق بولدۇڭ سەن قاچان غەم تېغى باسىدۇ، غەمسىز چېغىڭ يوق... (6) ئىش قىلساڭ قىل خالىس، بولما مىننەتلىك، جاپاغا چىداپ ئۆت، بولغىن ھىممەتلىك، كۆر ئەنە، كىچىك بىر مەخلۇق چۈمۈلە، ئىشى ئاز، رىغبىتى- روھى قىممەتلىك! (7) مەنمەنلىك يۈزۈڭنى چۈشۈرەر شەكسىز، كەمتەرلىك ئادەمنىڭ زىننىتى، شەرتسىز! ماختار ئەل ئالمىنى مېۋىسى بىلەن- تۇرسىمۇ قامىتى كۈرۈمسىز- ئەپسىز! (8) ھاياتلىق بىر ئېقىن، يانماس كەينىگە باقمايدۇ ئادەمنىڭ خۇلقى-پەيلىگە. شەيتانغا ئۇر كاچات، ۋاقتىڭنى چىڭ تۇت بۇ بەڭۋاش كۆڭۈلنى قويما مەيلىگە! (9) قۇياش ئۇ يورۇق، نۇر- زىياسى بىلەن،، قەدىرلىك تۇپراقمۇ گىياسى بىلەن، ئادەممۇ قەدىرلىك، ھاياتتا ئۆتكەن- ئۇنتۇلماس تۆھپىسى-ئىزناسى بىلەن! (10) خام خىيال سۈرمىگىن، چىقماس ئايىقى بولساڭمۇ بول مەيلى، قويچى تايىقى زەررىچە بولسىمۇ،ئىش قىل ئەمەلىي، ئاق پېتى كەتكىچە ئۆمرۈڭ ۋارىقى...! (11) دەرەخمۇ ماختىنار سايىسى بىلەن، ئادەمچۇ، ئېتىقاد-غايىسى بىلەن، مۇددىئا بولمىسا دۇرۇس، پەرقى يوق- دۇتتارنىڭ ئۈزۈلگەن تارىسى بىلەن... (12) دادلىما بالاڭدىن، ئەي دىتسىز ئىنسان ئەجەبا يوقمىدۇ سەن ھىچ نۇقسان؟ يادىڭدا، داداڭنى قىلغىنىڭ خاپا- كۆرسىتەر بالاڭمۇ، بىرنى قىپ توقسان!.. (13) تىلەمچى باي بولماس يىغقاچ تىيىنلاپ، بارغانچە قاچىسى قالار يېرىملاپ، مېھنەتسىز ياشاشنى قىلساڭ ئىختىيار، زىغىرچە ئىشلارمۇ بارار قىيىنلاپ. (14) تەپەككۇر قىل ئىنسان، يارالدىڭ نىچۈن، دۇنياغا بىر تەكشى تارالدىڭ نىچۈن... سورايچۇ،ئەجرىڭدىن باغ بىنا قىلماي- ئەشۇ تار ئۆيۈڭگە قامالدىڭ نىچۈن! (15) بەزىلەر يېتىدۇ مەنزىلگە ئويدا ۋەلېكىن يۈرىدۇ باشقا ئىش-كويدا. قاقشالنى كۆكلىتىش خام خىيال ،دېمەك سەۋەبسىز سۇ تۇرماس،غەلۋىر-چويلىدا! (16) ئەقلىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ لەۋزىڭ، ئەمەل قىل ۋەدەڭگە بۇزمىغىن ئەھدىڭ راستچىللىق ئەڭگۈشتەر،ساڭا ئۆمۈرلۈك دىيانەت نۇرىغا چۆمۈلسۇن قەلبىڭ... (17) مېۋىلىك كۆچەتكە چۇشىدۇ قۇرت، بولغانچە مېۋىسى شېرىن ۋە بولۇق.، تۆھپىكار بار يەردە ھەسەتخور بىللە، تۆھپىگە كۆز يۇمۇپ قىلىدۇ شۇملۇق. (18) ئىزدىسە گەر بىراۋ سېنىڭدىن ئىۋەن. ئاچچىقلاپ ھەرگىزمۇ كۆپتۈرمە گۈرەن. ئۇيالدۇر ياخشى خۇي-ئەخلاقتا ئۇنى، كۆر، شۇچاغ تىك بېشى بولغۇسى تۆۋەن. (19) ئىلىمىڭدىن گەر ئۈستۇن تۇرسا پەزىلەت ، خۇلقۇڭدىن نامايان بولسا ھەقىقەت، قوشۇلسا ئەقىل ۋە تەننىڭ ساقلىقى، بەختىيار ئىنسانسەن دۇنيادا ئەبەت! (20) جار سالىدۇ ھورۇن:جاھان بەك ئۇزاق، كۈن ئۆتكۈزمەك بىلىنىدۇ بىر دوزاق. «ۋاقىت گويا ئاتقان ئوق»تۇر ئاقىلغا، بىلىنىدۇ بىر يىل گويا بىر ساناق! (21) ئىشقى يوققا جانان ئەمەس، جان كېرەك، شۆھرەتخورغا سۈپەت ئەمەس، سان كېرەك. ھەركاللىدا ھەر خىيال بار جاھان بۇ، ئىتقا سۆڭەك، توخۇلارغا دان كېرەك... (22) كۈلۈپ باقساڭ، جاھان گۈلدەك كۆرۈنەر، بەختىيارلىق جىسمىڭ قۇچار-سۆيۈنەر، غەمكىن بولدۇڭ،كەڭرى ئالەم بىر زۇلمەت، دىمەك كۆزۈڭ–دىل كۆزۈڭدىن ئۈگۈنەر! (23) مەردنىڭ خۇيى ياخشىلىق قىپ، ئۇنۇتماق، نامەرد قەستى قىزىلگۈلنى قۇرۇتماق. نادان ئىشى يۇرت بۇزارنى-نامەرتنى، ھالال تاپقان نېئمىتىگە يولاتماق! (24) تۈزۈمى بار ھەر سورۇننىڭ-بەيگىنىڭ، ئىگىسى بار ھەربىر جاننىڭ-شەيئىنىڭ، ئايلىنارمىش جاھانمۇ ئۆز ئوقىدا، دىمەك، ھەممە ئىگىمىزنىڭ-تەڭرىنىڭ! (25) ئاقىللار ئەل ئۈچۈن دائىم غەم يۇتار، غاپىللار دىلى شاد، قىلىدۇ شىكار، ھەقىقەت ئۇ ھامان تەقىپ ئىچىدە، قەپەزدە شىر،ئەمما تۈلكە بوش بىكار! (26) سەيلى قىل،جاھان كۆر پۇرسەت كەلگەندە، تەپەككۇر قىل، ئەقلىڭ ئىلھام بەرگەندە. كۆر، دەريا شۇنچىلىك ئاقىدۇ جۇشقۇن ، تېز سېسار سۇمۇ گەر تۇرىۋەرگەندە. (27) ھەركىمنى قانائەت قىلغۇسىدۇر باي، قىلىدۇ ئاچكۆزلۈك روھىڭنى مالاي، مىڭ ياخشى،تويمىغۇر-دۇنياپەرەستىن، ئىنساپنى يار قىلىپ ياشىغان گاداي!
مەنبە: ئىجادىيىتىم.
|