ئۈرۈمچىدە يۈزبەرگەن ‹‹22-ماي ›› ئېغىر زوراۋانلىق، تېرورلۇق دېلوسىنى پاش قىلىش، ئەيىپلەش زور يىغىنى ئاچتى يېقىندا كۈنەس ناھىيىلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ 22-ماي ئۈرۈمچى شەھرى سايباغ رايۇنى باغچا شىمالىي كوچىسىدىكى ئەتتىگەنلىك بازاردا يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق ، تېرورلۇق دېلوسىنى پاش قىلىش ، ئەيىپلەش زور يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتىمقى پاش قىلىش ، ئەيىپلەش يىغىنىغا كۈنەس ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى شەھەر جەنۇبى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى كۈنەس ناھىيىلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قانۇنغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى ئەخمەتجان ،كۈنەس ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يولداش نۇرتاي ۋە مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلاردىن بولۇپ 600دىن ئارتۇق ئادەم قاناشتى. كۈنەس ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى شەھەر جەنۇبى ساخچىخانىسىنىڭ ساخچىسى كۈنەس ناھىيىلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قانۇنغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى ئەخمەتجان قانۇن تۈزۈم توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ،ئۈرۈمچىدە يۈزبەرگەن ‹‹22-ماي ›› ئېغىر زوراۋانلىق ،تېرورلۇق دېلوسىنى ،زوراۋان تېرورچىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان ،ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىپلىدى. خەۋەرنى يازغان: ئازادجان ئىبراھىم 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى |