تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 733|ئىنكاس: 3

بۇغداي ئورمىسىدىن دېھقانلارغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1052

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
131
مۇنبەر پۇلى
914
ئىشەنىچ
131
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 19:53:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغداي ئورمىسىدىن دېھقانلارغا نەزەر

بۇيىلقى بۇغداي ئورمىسى ۋە ھاۋارايى مىنى دېھقانلار ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. بۇيىل سۇنىڭ قىس بۇلىشى بىلەن بۇغدايلار ئاران تۆت قىتىم سۇ ئىچتى، ھاۋا رايىمۇ تازا قىزىق، يىل بىشىدىن بۇغداي پىشقىچە بولغان ئارلىقتا بىرتىمىمۇ يامغۇر ياغمىدى. ئەمما كەڭ قۇرساق دېھقانلارھىلىھەم خۇشال ئىدى. چۈنكى ئوتكەن يىلى ئازساندىكى دېھقانلار سىتىۋالغان كىچىك تىپتىكى بۇغداي بۇغداي ئۇرۇش ماشنىسى ئۇلارنى ئەجداد لاردىن باشلاپ قىلىپ كەلگەن ئەڭ ئىغىر ئەمگەك جاپاسىدىن خالاس قىلدى، ئىلگىرىكى بۇغداي ئۇرمىسىدابىرئائىلىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن تاڭ يۇرۇماستا چىقىپ بۇغداي ئۇرايدىغان  ,30نەچچە گىرادۇس ئىسسقتا ئىتىزدىن كىرمەيدىغان ھالەتتىن 950يۈەن قىممىتىدىكى ماشىنابولسا (ھەربىرمۇ يەرگە بىريىرىم كىلو ئەتىراپىدا ماي قۇيسىلا) شۇئائىلىدىكى بىرئادەم ماشىنا ئارقىلىق ئىشنى تۈگىتىدىغان بولغان ئىدى، شۇڭا بۇيىلى زوركوپ ساندىكى دېھقانلار بۇماشىنىنى سىتىۋالدى.
چۈنكى بۇكىچىك تىپتىكى بۇغداي ئۇرۇش ماشىنىسىنىڭ ئېتىزدا پەيدا بۇلىشى بۇغداي ئۇرۇشنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان تۇنجى قىتىم قولدىن ماشىنا ئارقىلىق ئۇراشقا ئالمىشىشى ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇيىلقى بۇغداي ئورمىسى خۇشاللىق جىلۋىلىرى ئىچىدە باشلاندى، بۇغدايلار ماشىنا ئارقىلىق ئۇرالغاندىن كىيىن ھەممىدىن بەكرەك خۇشال بولغىنى ئاياللار بولدى. چۈنكى ئورما مەزگىلدەئائىلە ئاياللىرىنىڭ يۈكى ناھايىتى ئىغىر بۇلىدۇ، ئۇلار ئىتىزدا بىركىشلىك بۇغداي ئورغاندىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تامىقىنى تەييارلايدۇ، بالىلاردىن خەۋەر ئالىدۇ، باشقىلاردىن كوپرەك جاپا تارتىدۇ. بۇجەريانىدا مەن بىرياش ئاننىڭ ئىغىزىدىن ‹‹مۇشۇنداق پەن-تىخنىكىغا رەھمەت›› دىگىنىنى ئاڭلىدىم.
ئەپسۇس، بۇخۇشاللىقلار ئۇزۇنغا بارمىدى، كوپ قىسىم بۇغدايلار ئۇرۇلۇپ ئەمدى يۇمشۇتۇش باشلانغاندا16-كۈنى كەچتىن باشلاپ چاقماق چىقىپ ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ يامغۇر يىغىشقا باشلىدى. بۇيامغۇر ئەمەس دېھقاننىڭ بىشىغا چۈشۈۋاتقان تاش –توخماق ئىدى. بۇگۇن توختار، ئەتە توختاردەپ كۈنلەر بىر-بىرىنىڭ كەىينىدىن ئۈتىۋەردى، دېھقانلارنىڭ كۈزى ئاسماندالەيلىشىپ تۇرغان قارا بۇلۇتلاردا،كۈزىى ئۇيقۇغا، قۇلى ئىشقا بارمىدى. ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەس-يادى بىرنەچچە ئاي تەرئاققۇزغان، نۇرغۇن مەبلەغ سالغان ئەمگەك مىۋىسىنىڭ غىمىدە ئىدى. چۈنكى بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدىمۇ مۇشۇنداق بىر يىل بۇلۇپ يامغۇردا قالغان بۇغدايلارنىڭ رەڭگى ئوزگىرىپ كەتكەنلىكتىن بۇغدايلارنىڭ بازاردىكى باھاسى چۈشۈپ كەتكەن، شۇيىلقى بۇغدايلاردا لەڭمەن ئەتكىلى بولمايدىغان يەنى خىمىرسىنىڭ رىزى يوق، ئۈزۈلۈپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالغان. شۇ قىتىمدىمۇ دېھقانلار نۇرغۇن زىيان تارتىپ ئۇلارنىڭ يۈركىدە ئاچچىق سىزىم قالدۇرغان ئىدى.
ئاخىرى بۇرەھىمسىز يامغۇر25-كۈنىگىچمۇ توختىمىدى، ئۇرۇلغىلى 10كۈن بولغان بۇغداي ئەنجۈلىرى قارىداشقاباشلىدى، بۇرۇنراق ئۇرۇلغان بىرقىسىم بۇغدايلار ئۈندۈرمە بۇلۇپ كەتتى، بۇغداي ئارىسىغا تىكىلگەن قۇناقلائەنجۈلەرئاستىدا بىسىلىپ سارغىيىپ تۇردى. چۈنكى بۇيامغۇرنىڭ زىيىنى دىھقان ئۇچۈن مولچەرلىگۈسىز بۇلۇپ بىرىنجىدىن، قۇناق ۋاقتىدا باشقۇرۇلماي كۈزدە پىشماي مەھسۇلاتقا تەسىر كورسىتىدۇ، ئىككىنجىدىن، ئۈندۈرمە بۇلۇپ كەتكەن بۇغدايلارنىڭ مەھسۇلاتىنى بىرنىمە دىگىلى بولمايدۇ، ئۈچۈنجىدىن، بۇغداي يامغۇردا ئۇزۇن تۇرۇپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭ رەڭگى، تەمى ئوزگىرىپ كىتىدۇ.باھاسى تۈەنلەيدۇ. توتىنجىدىن، ساماننىڭ رەڭگى ئوزگىرىپ كەتكەنلىكتىن چارۋا ماللار بوش يەيدۇ. ساتاي دىسىمۇ باھاسى تۈەن بۇلۇدىغان گەپ.
26- كۈنىدىن كىيىن ھاۋائىچلغان بولسىمۇ كەچتە يەنە چاقماق چىقىپ يامغۇر ياغدى. شۇنىڭ بىلەن نەچچە كۈندىن بۇيان تىت-تىت بۇلىۋاتقان دېھقانلار سانى چەكلىك بولغان بۇغداي ئۇرۇش ماشىنلىرىغا يۇپۇرلۇپ ئۇچرەت بۇلۇپ كەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن سۇقۇش نۆۋىتى كۈندۈزدە كەلسە كۈندۈزى، كىچىسى كەلسە كىچىسى ، قانداق ۋاقىتتا كەلسە شۇ ۋاقىتتاسۇقۇشقا توغرا كەلدى.چۈنكى يەنە ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايتتى.(ماشىنلارنىڭ سائەتلىك سۇقۇش ھەققى 150-180يۈەنگىچە، تەييارلىقى پۇختا، ياخشىراق قۇرىغان ئەنجۈلەر بولسا يىرىىم سائەتتە بىرمۇنىڭ،  بولمىسابىرموغا بىرسائەت ۋاقىت كىتىدىغان ئەھۋاللارمۇكۈرۈلۈپ تۇرىدۇ) شۇڭا بۇغداي سۇقۇش ماشىنىلىرى 24سائەت توختىماي مىڭىۋاتىدۇ، مىنڭ قوشنىلىرىم كەچتە باشلىغانچە جامائەت مەسچىتت ىن تارقايدىغان چاغدا ئاران سۇقۇپ بولدى. يىقىن قوشنامنىڭ ئۈچ مو بۇغدىيى بۇلۇپ كىچىدە شەبنەم چۈشكە چكە ئۈچ سائەتكە يىقىن ۋاقىت كىتىپ ماشىنا ئىگىسىگە 400 يۈەن پۇل بىرىپتۇ. چىققان بۇغدىيى19خالتا، ئادەتتە بىرخالتىسى100 جىڭ ھىساپلىنىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندابۇ105چارەك بۇلۇپ ھازىرقى بازاردىكى20-25 يۈەنگىچەبولغان باھا بۇيچە ھىساپلىغاندا بۇبۇغداي 2مىڭ 500يۈەن ئەتىراپىدا پۇل بۇلىدۇ، قالغىننى دىمەي تۇراي. قاپ-قاراڭغۇ كىچىدىكى مۇشۇ مىنۇتلاردا دېھقانلارئەمەلدار بولسۇن ، پۇقرابولسۇن ، تىجارەتچى بولسۇن ، ئەسكەر بولسۇن، ساقچى بولسۇن ئىشقىلىپ ھەرقانداق ئادەملەر كۈنىگە ئۈچ ۋاخ ئايرىلسابولمايدىغان ھىلىقى بۇغداينى تەييارلاۋاتىدۇ، بۇغداي دىگەننىڭ قانداق جاپالار بىلەن دەستىخانغا كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان كۈرمىڭلىغان كىشىلەر خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقاندۇ.
كىچىدە تەرەپ- تەرەپتە گۈرۈلدەپ مىڭىۋاتقان بۇغداي سۇقۇش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ، بۇغداي ئۇرۇش ماشىنىلىرىدىن كۈتىرلگەن چاڭ-تۇزاڭ ،قاڭسىق پۇراق يېزىنىڭ كىچە ئاسمىنىنى بىرئالغان ئىدى.
مەن كىچىچە مەھەللىدىكى تىراكتۇرلارنىڭ ئاۋازىدىن كىرپىك قاقماي چىقتىم، چۈنكى مەنمۇ ئەشۇ بۇغداي ئۇرۇپ خامان ئالىدىغان دېھقاننىڭ ئائىلىسىدە بولغانلىقىم ئۈچۈن نەچچەكۈندىن بۇيانقى دىھقاننىڭ رىيازەتلىرى كوز ئالدىمدىلا يۈزبىرىپ تۇراتتى.كىچە كۈڭۈل ئىكرانىمدىن نۇرغۇن ئىشلار ئۈتۈشكە باشلىدى.
مۇشۇتاپتا رىستۇرانلاردا توڭلارغا تۈكۈلۈپ ئىسراپ بۇلىۋاتقان مۇشۇبۇغداينىڭ تاماقلىرى، مەكتەپنىڭ سۇ يىغىلىپ قالغان ئىرىقلىدىكى سۇدا بوردىلىپ كەتكەن ھور نانلار، بۇغداينىڭ مايسىسىنىڭ قانداق بۇلىدىغا نلىقىنى، قانداق جاپالار بىلەن دەستىخانغا كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان، دىھقانغا ئىچ ئاغىرىتمايدىغان، دېھقاننى بوزەك قىلىدىغان، كوزگە ئىلمايدىغان ، ئەمما شۇدېھقان قار-يامغۇرلۇق، بۇرانلىق كىچىلەردە سۇتۇتۇپ، كىچىدە كىرپىك قاقماي سۇقۇپ تەييارلىغان ئاشۇ بۇغداي نىنى يەيدىغان تۇزكوركىشىلەر ، ئۇزۇندىن بىر دېھقاننىڭ رىسىقىغا سۇغۇق قول تەككۈزۈش ھىساۋىغا قان بىقىۋاتقان مىتە قۇرتلار، ئىدارە، ئورگان، پونكىت، سولارنىڭ ئالدىدا گىپىنى ئاڭلايدىغان ئادىمىنى تاپالماي يۈرگەن دىلى سۇنۇق دېھقان كوزئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئوتتى.
شۇتاپتا كۈڭۈل قۇشلىرىىم سەلتەنەت تەخىتنى كۈتۈرۈپ تۇرىدىغان دىڭىز دەپ سۈپەتلىنىدىغان ئەشۇكوپ سانلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ جۇڭگۇنىڭ تارىخ بەتلىرى ئۈستىدە قانات قىقىۋاتاتتى. دېھقانلار پۈتۈن ئاھالىنىڭ 70-80%نى ئىگىلەيدىغان ئاساسى گەۋدە بولغاچقا جۇڭگۇ كۇمۇنىستىك پارتىيسى قۇرۇلغاندىن كىيىن جۇڭگۇ ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يولداش ماۋزىدۇڭ بۇئاساسى گەۋدىنىڭ ئورنى ۋە رۇلىنى تۇنۇپ يەتكەنلىكتىن يېزىلارئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاشتىن ئىبارەت تەدبىرىنى يولغا قۇيۇپ مۇۋاپىقيەت قازانغان ئىدى.
30يىل ئىلگىركى يولغا قۇيۇلغان جۇڭگۇنىڭ ئىسلاھات،ئىچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قۇيۇلغان چاغدا يولداش دىڭ شاۋفىڭ دانالىق بىلەن بۇ سىياسەتىنىڭ مۇۋاپقيەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى ئولچەشتكى ئۈچ ئولچەمنىڭ بىرسىگە ئەڭ زوركوپ ساندىكى خەلىق ئاممىسىنىڭ رازى بولغان-بولمىغانلىقىىغاقاراش كىرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
يىقىنقى يىللاردايولداش جىياڭ زىمىن پۈتۈن پارتىينىڭ ھەركەت مىزانى سۈپىتىدە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› ئىدديسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇنىڭ بىرسىمۇ ئەڭ كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئەڭ تۈپ مەنپە تىگە ۋەكىللىك قىلىشتىن ئىبارەت بولدى.بۇلارنىڭ ھەممىسى كۇمۇنىستىك پارتىينىڭ دېھقانلاردىن ئىبارەت ئاساسى گەۋدىنىڭ رۇلىغا ھەرگىز سەل قارىمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ئوزلىرىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە تۇنۇيدىغانلىقىنى ھەقىقى تۈردە ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا ھەر نۆەتلىك پارتىيە مەركىزى كۇمتىتى يېزا، يىزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلارمەسىلىسىنى ئوزلىرىنىڭ دائىملىق مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىۋىگە كىرگۈزۇپ ھەريىللىق مەركەزنىڭ بىرىنجى نۇمۇرلۇق ھوججىتىنى مەخسۇس يېزا، يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلارمەسىلىسى توغىرسىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى بەلگىلەپ ئىزچىللاشتۇررشقا قاراتتى..
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيدىن كىيىن يولداش شى جىنپىڭ باشچىلىغىدىكى پارتىيە مەركىزى كۇمتىتىمۇ بۇئاساسى گەۋدىنىڭ رۇلىنى ئىنىق تۇنۇپ ۋە ئۇلارنىڭ تۈپ مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش، چىر ىككە قارشى تۇرۇش، بىيۇگىراتلىق، شەكىلۋازلىق قاتارلىق ھادىسلىرىگە قارشى تۇرۇشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەر تىۋىگە قويدى. بۇتەدبىرلەر ئەڭ كەڭ ھەرمىللەت خەلىق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ھىمايە قىلىشىغا ئىرىشتى. بۇلۇپمۇ ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتىرلىق ئاممىۋىي ھەركەت كەڭ دېھقانلارنىڭ ھىسسىيا تىغا، ئەمگىگگە ھەقىقى تۈردە ھورمەت قىلغانلىق، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نۇپۇزىغا ھورمەت قىلىنغان ئاقىلانە تەدبىر بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
دىمەك  كۇمۇنىستىك پارتىيە دېھقانلارنىڭ ئورنىغا ئەزەلدىن يۇقىرى باھابىرىپ دېھقانلارنىڭ مەنپەتىنى پۈتۈن پارتىيە خىزمەتلىرىنىڭ چىقىش نوقتىسى قىلىپ كەلدى.بولۇپمۇ يىقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان مەركەز ، گوۋيۈەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن يۈلەيدىغان ، ئىتىۋاربىرىدىغان بىرقاتارئەمەلى سىياسەت ، تەدبىرلەر ئارقىلىق دىھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈپ دىھقانلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى ھەقىقى قوغدا     ۋاتىدۇ. يېزىلاردىكى تۈەن كىرىملىك دېھقان ئائىلىلەرگە ئىقتىسادى جەھەتتە يار-يۈلەك بولدى.يېزىلارنىڭ تۈرلۈ ك ئەسلىھە قۇرۇلىشى، دېھقانلارنىڭ ئولتۇراق ئوي شارائىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلىىدى.
لىكىن مۇشۇ پايدىلىق شارائىتلارغا ئەگىشىپ يىقىنقى يىللاردىن بۇيان تەبئى ئاپەتلەرنىڭ يىزا ئىگىلىگى ۋە دىھقانلارغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى يىلدىن-يىلغا ئىغىرلىشىۋاتىدۇ. دىھقانلارنىڭ بىشىغا بۇيىلقى بۇغداي ئور  مىسىدىكىدەك كۈن كەلسە بۇنى دەيدىغان يەر يوق . مەن بۇيازمامدا ھىلىقى قوشنامنىڭ ئۈچ مو بۇغدىينىڭ تەننەرقىنى ھىساپلاپ كورۇپ بىرھازا ئولتۇرۇپ كەتتىم. قىممەت باھادا سىتىۋالغان ئۇرۇغ، 50-60يۈەنگىچە بولغان سۇراسقۇتى، ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق سىلىش ھەققى، ئۇرۇق بىلەن، 1-2-سۈيىدە چىچىلىدىغان خمىيىۋىي ئۇغۇت پۇلى، بۇغداي سۇقۇش ھەققى، بۇغداي پىشقىچە بولغان ئارلىقتىكى ئەمگەك كۈچى قاتارلىق چىقىملارنى، ئاخىردا چىققان بۇغداي قاتارلىقلارنى ھىساپلاپ كورسەم كوڭلۈم بىرقىسما بۇلۇپ قىلىپ بۇيازمامغا كىرگۈزۈشنى خالىمىدىم. قىسقىسى دىھقانلارنىڭ ئاخىردا ئىرشىدىغىنى يەنلا ئىنتايىن ئاز بۇلىۋاتىدۇ.بۇلارنى ئويلاپ دىھقاننىڭ ئۇلۇغلىقى دىھقاننىڭ مانا مۇشۇنداق تارتقان جاپالىرىغا  مىننەت قىلمايدىغان،بىغۇبار، تەمەسىز،كەڭ قۇرساق   يەرلىرىدە بولسا كىرەك دەپ قالدىم!
يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن خەلىق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى، ئاشلىق ئاساسنىڭ ئاساسى، ئەگەر ئاشلىقتىن مەسىلە چىقىدىكەن ئۇنىڭ سالمىقىنىڭ ئىغىرلىقى ئالدىدا ھازىرقى ئىجتىمائى جەھەتتىكى مۇقىملىقنى تۇتۇش ، مۇقىمسىزلىق ئىشلىرىمۇ ھىچنىمىگەئەرزىمەيدۇ. ئۇچاغدا ئەھۋال باشقىچە بۇلىدۇ. شۇڭا مىنڭچە يەرلىك رەھبەرلىك ئۇرۇنلىرى ۋە ھۇقۇق ئىگىلىرى مەركەزنىڭ دىھقانلارغا قاراتقان تۈرلۈك ئىتىۋار بىرىش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىلەشتۈرشى،  ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى قىلچىمۇ بۇشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇشى، ھازىرقى بىخۇتلۇق ھادىسىلىرىدىن قاتتىق ھۇشياربۇلۇشى كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن دىھقانلارنىڭ ئجتىمائى ئورنى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى رۇلىنى تۇلۇق تۇنۇشى،  دىھقانلارنىڭ ھەققىگە قاراسانايدىغان ئىشلارنى قەتئى چەكلىشى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىۋىلىشىغا يىقىندىن ياردەم بىرىشى،بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇلارنىڭ كوڭلىگە بىر خىل ئىللق تۇيغۇ ھىس قىلدۇرشى، تۇرلۈك ئىشلاردا ئۇلارغا كۈچلۈك ئارقا تىرەك بۇلىشى كىرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، دىھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىغا ئىلھام بەرگىلى، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتى پلىقىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالغىلى، شۇندىلا ئۇزاققىچە ئەمنلىككە ئىگە بۇلغان ھەقىقى تۈردىكى ئىناق،گۈزەل جەمئىيەت بەرپا قىلغىلى بۇلىدۇ.
قىسقىسى، دېھقانلارنىڭ كوڭلى توق، خۇشال بولغان ۋاقتى ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئىزىغا چۈشكەن ، مۇۋاپىقيەتكە ھامىلداربولغان ۋاقتى بۇلىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئىشلاربىر كۈنى ئۇنىڭ ئەكسىچە بۇلىدۇ. (سەۋەبى ئۇلار بەك كوپ بولغاچقا) چۈنكى كوڭلى تۈز، نىيتى دۇرۇس، جاپاسى يامان بولغانلارنىڭ نەپسى ئوت بۇلىدۇ!

2014.6.29

8

تېما

15

ئەگەشكۈچى

3368

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1029
مۇنبەر پۇلى
2154
ئىشەنىچ
1029
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 19:23:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل بىزنىڭ مەھەللىدە بۇغداي ئابدان ئوخشىدى، بۇغداي ئورمىسىغىچە ھاۋا رايى ئىزچىل سالقىن بۇلۇپ بۇغداينىڭ ئۆسىشىگە پايدىلىق بولدى. ئورما باشلانغاندا باشتا ئىسسىق ھاۋارايى كىيىن يامغۇرلۇق ھاۋارايى بۇلۇپ خامان ئىلىشقا نەچچە كۈن  تەسىر كۆرسەتتى.
قۇملۇقتەك جىمجىت تۇرماي دېڭىزدەك ئۆركەشلەپ تۇرساق بولاتتى.

36

تېما

53

ئەگەشكۈچى

5677

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2732
مۇنبەر پۇلى
2777
ئىشەنىچ
2732
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 15:07:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغداي ئۆرېماق بەك تەس  جىمۇ   !!!  ئەتىگەن سالقىندا ئورۇي دىسە شەبنەم چۈشتە ئورىسا شۇنداق ئىسسىق ،ئورېماي دىسە پىشىپ باشاقلار تۆكۈلۈپ كىتىپ بارغان، كومبايىن سالاي دىسە ئېتىزلار كىچىك !!1 ئالقاندەك ئىتېزلارغا كومبايىن پاتمىغان!!!!!  دۇنيادا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس !!! رەھمەتلىك دادام ئوراپ قوياتتى بۇغداي دىگەننى  ياتقان يىرې جەننەتتە  بولسۇن  

3

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1277

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
583
مۇنبەر پۇلى
685
ئىشەنىچ
583
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 21:47:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغداي ئورۈش تەس بولغان بىلەن ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق راھىتى ھوزۇرى بار بۇنى دېھقانلاردىن باشقىلار تولوق چۈشەنمىسە كىرەك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-5 08:50, Processed in 0.103619 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش