تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 671|ئىنكاس: 1

تەنقىد سەنئىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

207

تېما

5

ئەگەشكۈچى

2114

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
291
مۇنبەر پۇلى
1206
ئىشەنىچ
291
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 12:57:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەنقىد قىلغاندا تەنقىد سەنئىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
ئازادجان ئىبراھىم
   بالىنى تەنقىد قىلىشتىكى مەقسەت -بالىنى ئەيىپلەپ،ئەدىپىنى بېرىش،كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىش  بولماستىن بەلكى ئۈنۈملۈك تەنقىد ئارقىلىق ئۇلاردىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ئۆزگەرتىپ  ،ئائىلىدە ياخشى پەرزەنت،مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى ،جەمىئىيەتتە ياخشى پۇقىرا بولۇشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈشكە پۇقتا ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت.  شۇڭا ئاتا-ئانىلار  بالىلارنى تەنقىدلىگەندە تەنقىد سەنئىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ،بالىلاردا ساغلام بولغان مىجەز خۇلۇق ۋە ياخشى  ئادەت يىتىلدۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش كېرەك.بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نوقتىلار غا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك:
1.  ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەش كېرەك.  بالا ئاتا-ئانىلارنى خاپا قىلغاندا،ياكى خاتالىق سادىر قىلغاندا ،ئاتا-ئانىلار ئالدىراپ تىنەپ ،بالىنى تەنقىدلەشكە ئورۇنماستىن ،سەۋرىچانلىق بىلەن ،سوغاق قانلىق بىلەن شۇتاپتىكى ئۆزىنىڭ غەزەپ-نەپىرىتىنى بېسىۋېلىپ،بالىنىڭ شۇتاپتىكى روھى كەيپىياتى ياكى پوزۇتسىيىسىگە قاراپ،بالامنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا تەنقىدىمنى قوبۇل قىلامدۇ –يوق،دېگنلەرنى ئويلىشىپ،ئاندىن بالىغا ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ،قايىلقىلارلىق سۆزلەر بىلەن تەنقىدىي تەربىيە بېرىپ خاتالىقىنى ،يىتەرسىزلىكىنى ياكى ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئىلھام بىرىش كېرەك.بالا يولسىزلىق قىلىپ،ئاتا-ئانا بىلەن قاتتىق تىركىشىپ تۇرىۋالغان ئەھۋالدا ،ئۇنى تەنقىد قىلسا ،بالا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ،جىممىدە تۇرىۋالغان بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە كۆڭلىدە كۈچلۈك  قارشىلىق قىلىدۇ.بۇ چاغدىكى تەنقىدنىڭ  ئۈنىمى بولمايدۇ. شۇڭا بالىنى ئاتا-ئانا ئېغىر بېسىق،مۇلايىم كەيپىياتتا بولغاندا تەنقىدلەش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا، بالىنىڭ ئۆزخاتالىقىنى تونۇپ،ئېسىل پەزىلەت يىتىلدۈرىشىگە پۇقتا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
2.  تەنقىد قىلىدىغان ۋاقىتنى ياخشى تاللاش لازىم. بەزى تەجىربىلىك ئاتا-ئانىلار  بالىلارنى تەنقىد قىلغاندا  ۋاقىتنى مۇۋاپىق تاللاپ،بالىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ روھى كەيپىياتى نورماللاشقاندا،بالا خوشال –خۇرام يۈرگەندە تەنقىد قىلىشقا ماھىر بولىدۇ،بۇچاغدىكى تەنقىدنىڭ ئۈنىمى ھەقىقەتەن زور بولىدۇ.ھەرقانداق بالا كۆڭۈلسزلىكنى ،خاپىلىقنى ،باشقىلاردىن تىل ئاھانەت  ئاڭلاشنى،باشقىلارتەرىپىدىن زەربىگە ئۇچۇراشنى تېخىمۇ  خالىمايدۇ. بەزى ئائىلىلەردە مۇۋاپىق بولمىغان ئەھۋالدا ،ئاچچىغى يانمىغان ،ئەلپازى بۇزۇلغاندا ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ئەيىپلەشكە باشلايدۇ،نەتجىدە ئائىلىدە كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولۇپ، تەربىيىنىڭمۇ ئۈنىمى بولمايدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەم بالىنىڭ كەيپىياتى تۇرقلاشقاندا ،مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاپ ئاندىن بالىغا قانداق تەربىيە بېرىشنى ئويلىغان ياخشى.بۇ تەلىم-تەربىيەنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.
3.  بالىنى مىھمانلارنىڭ تاكى بالىنىڭ ئاداشلىرىنىڭ ئالدىدا تەنقىد قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. كۆپساندىكى ئاتا-ئانىلار ئۆيگە كەلگەن مىھمانلارغا ،بالىسىنىڭ ئاداشلىرىغا بالىسىنىڭ ياخشى ئىش ھەركەتلىرىنى پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بېرىدۇ.ھەر گىز بالسىنىڭ  يىتەرسىزلىكىنى ،يامان گېپىنى ياكى غەيۋىتىنى قىلىپ،تەنقىدلىمەيدۇ.بەزى ئاتا-ئانىلار بولسا  بالىنى مىھمانلارنىڭ يكى بالىنىڭ ئاداشلىرىنىڭ ئالدىدا تەنقىد قىلىشقا ئامراق.بۇ بالىنى تەنقىد قىلشتىكى ياخشى ئۇسۇل ئەمەس.چۈنكى  بالا كىچىك بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭمۇ غورۇرى بار،ئەسلىدە قوبۇل قىلالايدىغان نەسىھەتنىمۇ بۇ خىل ئوڭايسىز شارائىتتا قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ ھەم بالىنىڭ قارشىلىشىش كەيپىياتىنى ئۇلغايتىپ قويىدۇ.ئەگەر بالىنى كۆپ قېتم مۇشۇنداق خىجىلچىلىقتا قالدۇرغاندا ،بالا بۇخىل ئەھۋالغا پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ قېلىشى ،غورۇرى زەربە يەپ،چۈشكىنلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.بالىنى تەنقىد قىلىش ئارقىلىق چۆچۈتىپ،ساغلام تەربىيىگە ئىگە قىلىش پىلانىمۇ يوققا چىقىشى مۇمكىن.
4. بالىنى تەنقىدلىگەندە  كونا ئىشلارنى تەگىمەسلىك كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىنى تەنقىدلىگەندە ئەپۇچان بولۇپ، نىمە بولسا شۇنى دېيىش،بۇرۇنقى ئىشلارنى سۈرۈشتۇرۇپ تەگەپ كەتمەسلىك كېرەك.بەزى ئانىلار كىچىككىنە بىر ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر تالاي نەرسىلەرنى كۆتىرىپ چىقىدۇ،ئانا ھامان توختىماي ،ئەزۋەيلەۋەرسە ،بالا چىدىيالمايدۇ،نەتىجىدە بالا تەنقىدكە قايىل بولمايدۇ،تەنقىدىنى قوبۇل قىلمايدۇ،ئۆزگەرتىشكىمۇ تىرىشمايدۇ.بۇ چاغدىكى تەنقىد ھامان مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.شۇڭا تەنقىدنى ئىش ئۆتۈپ ۋاقىت ئۇزىراپ كەتكەندىن كىيىن  قىلماسلىق كېرەك،ئەگەر ئىش ئۆتۈپ بالا بۇ ئىشنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كەتكەندە ئۇنى قايتىدىن تەگەپ ،تەنقىد قىلسا ،ئىھتىمال بۇنىڭ ئۈنۈم بىرىشى تېخىمۇ  قىيىن بولىشى مۇمكىن.بالا ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشال خۇرام سەيلە قىلىپ،سۆزلىشىپ كېتىۋاتاقاندا ،سۆزلىنۋاتقان تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلارنى بالا چۈشۈنەلەيدىغان داۋلىلار ئۈستىگە يۆتكەپ،خاتالىقنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلغاندا ، بالىنىڭ قوبۇل قىلىشى كۆپ ئاسان بولىشى مۇمكىن. دېمەك ،ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەنقىد قىلغاندا يوقىرىدىكى نوقتىلارغا دېققەت قىلغاندا تەنقىد سەنئىتىنى ياخشىلاپ،بالىلارنىڭ ساغلام تەربىيەگە ئىگە  قىلىش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 11:44:21
ھەقىقەتەن ياخشى ئەتراپلىق يېزلىپتۇ،بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتلىشى بۇلماق،قۇۋۋەتلىق يېمەكلىك بىلەنلا ئەمەس،بەلكى ئۇلارغا بەرگەن تەربىيە بىلەندۇر،بولۇپمۇ بالىلارغا تەنقىد بېرشتە ئۇسۇلغا بەك دىققەت قىلىش كېرەك.بۇ تېمنى ياختۇرۇپ قېلشمدىكى يەنە بىر سەۋەب مەن كۆرگەن بىر ئىش مەندە مۇشۇ ھەقتە بىر نەرسە يېزش ئوينى پەيدا قىلغان، يەنى غۇلجدىدىن يۇرۇتقا قايتىش سەپىرىدە يولۇچىلار ئاپتۇۋۇزىدا بىر ئايال 7 ياشلار چامسدىكى بالىسنى تۇرۇپلا تەنقىدلەپ كەتتى،مەن ئۇلارغا يېقىنلا رەتتكى ئورۇندا ئولتۇرغان بولغاچقا ئۇ ئانىنىڭ گېپىنى ئېنىق ئاڭلاپ تۇردۇم ئۇ ئايال 3 يۈەن پۇل ئۈچۈن بالىغا ئازار بەرمەكتە ئىدى:
__ ئاشقان پۇل قېىنى مەن ساڭا 10 يۈەن بەرگەن تۇرسام،3 يۈەننى قايسى يانچۇققا سالغانلىقىڭنى بىلمەمسەن؟
بالا__ سالغانتىم ،مۇشۇ يانچۇققا بالا بەك جىددىلىشپ كېتىپ باراتتى،
__داداڭنىڭ پۇلنى قانچلىك جاپادا تاپدىغانلىقىنى بىلىسەنغۇ،مەن سېنى يېمەي يېگۈزۈپ ،نېمە دېسەڭ شۇنى ئېلىپ بېرۋاتىمەن( ئائىلە ئىقتسادى ناچار شەھەرلىك ئاھالىدەك قىلاتتى لىكىن نېمە دېسە شۇنى ئېلىپ بېرەلگۈدەك ئەمەسلىكىنى جەزىم قىلاتتىم) ئانا توختماستىن بالىنى باققانلىقى ئۈچۈن مېننەت قىلىپ كېتىپ باراتتى.بالا شۇنداق بىر ئوسال ئەھۋالدا ئىدى.بۇنداق تۇيغۇنى ھېس قىلىش ئادەم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئازابلىق ئىدى.مەن ئادەتتەبۇنداق تاقەت قىلالمايمەن،شۇڭلاشقا كەينمگە بۇرۇلۇپ ،،بولدى قىلىسچۇ 3 سوم پۇل ئۈچۈن بالىسنى يىغلاتقۇچىە دەپ ئاڭلىغۇدەك غودۇڭشۇپ قويدۇم. ئايالنىڭ ماڭا بىر نېمە دېيشگىمۇ تەييارلىق قىلىپ ئولتۇردۇم.بۇ چاغدا ئايال مەن تەرەپكە قارىدى.،مەن ئەيپلەش نەزىردە ئايالغا قاراپ قويدۇم.شۇنىڭ بىلەن يەنە بىردەم سۆزلەپ : سەن پۇل تېىپىپ باقە،پۇل تاپماق قانداق تەس بىلەمسەن؟
دەپ كەتتى، ئۇ ياشتىكى بالىنىڭ 3 يۈەن پۇلنى يۇتتۇرۇپ قويۇشى پەقەتلا ئازغىنا تەنقىد بەرسلا ياكى ئۆيگە بارغاندا دېسمۇبولدىغان ئىش،ئاپتۇۋۇزدا بالىنىڭ غوروىنى دەپسەندە قىلىش ھەقىقەتەن ئېغىر خاتالىق ئىدى.
ھەي بالىسىغا ئەتىر ئېلىپ بالىنى چىرايلىق ياساندۇرغىنى بىلەن روھىغا ئازار بەرسە بۇنىڭ نېمە رولى؟
ئوغۇل بالىغا ئەتىر ئېلىپ چاچقاننىڭ ئۆزى ،ئېتىم ماجانگۈل ئۈستىمدە كيىم يوقتەك بىر خىل تەسىرات بەردى.
3 يۈەن پۇل ۋە ئېغىر ئاھانەت ،بالىغا ئېلىپ بەرگەن 7 يۈەنلىك ئەتىر،،.ئاشۇ بالا پۇل تېپىپ ئۆزەمنى كۆرستىپ قويمەن دەپ باشقا يوللارغا كىرىپ كەتمسۇن ئېلاھىم دەپ ئىچىدە تىلەپ ئولتۇردۇم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-5 08:54, Processed in 0.097638 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش