تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 565|ئىنكاس: 1

ئىدىيە-ئەخلاق دەرىسىنى ئوقۇتۇشتا نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

207

تېما

5

ئەگەشكۈچى

2114

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
291
مۇنبەر پۇلى
1206
ئىشەنىچ
291
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-29 12:24:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدىيە-ئەخلاق دەرىسىنى ئوقۇتۇشتا نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك
ئازادجان ئىبراھىم
ئىدىيە-ئەخلاق دەرىسى -ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى بىلەن ئەمەلىي ھەركىتىنىڭ كونكىرىتلىششى بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا غايىلىك،ئەخلاقلىق ،مەدىنىيەتلىك ،ئىنتىزامچان قىلىپ تەربىيىلەيدىغان ئېسىل دەرەسلىك.تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ‹‹ئىدىيە-ئەخلاق دەرىسى››مائارىپ مىنىستىرلىكى 2003-يىلى 5-ئايدا بېسىپ تارقاتان مەجبۇرىيە مائارىپى بويىچە ‹‹ئىدىيە -ئەخلاق دەرسلىك ئۆلچىمى››گە ئاساسەن تۈزۈلگەن  مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىس ئۆلچىمى تەجىربە دەرىسلىكى بولۇپ،تولۇقسىز 7-يىللىقلار ئۈچۈن  1-قىسىم ئىدىيە-ئەخلاق  دەرىسلىكىگە يېڭى تۇرمۇشنى خوشال-خۇرام كۈتىۋالايلى ،يېڭى ئۆزلۈك بىلەن تونۇشايلى ،قىزىقارلىق تۇرمۇش كەچۈرەيلى ،ساغلام بىخەتەر تۇرمۇشكەچۈرەيلى دېگەن بۆلەكلەر ،تولۇقسىز 7-يىللىق 2-قىسىم ئىدىيە-ئەخلاق دەرىسلىكىگە ئۆزىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ساقلايدىغان ،ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم بولايلى،ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدىرەت تاپقۇزىدىغان كىشىلەر دىن بولايلى،قەيسەر ئىرادىلىك كىشىلەردىن بولايلى ،قانۇننى ئۆگىنىدىغان ،قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان ،قانۇنغا بويسۇنىدىغان ،قانۇننى ئىشلىتىدىغان ئادەم بولايلى،دېگەن بۆلەكلەر ،تولۇقسىز 8-يىللىق 1-قىسىمئىدىيە-ئەخلاق دەرىسلىكىگە ئېناق بىر ئائىلە كىشىلىرى ،ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ھەمسەپەر بولۇش ،دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە دوستلىرىمىز بار ،ئالاقە سەنئىتىدىكى يېڭى تەپەككۇر قاتارلىق بۆلەكلەر ،تولۇقسىز 8-يىللىق 2-قىسىم ئىدىيە-ئەخلاق  دەرىسلىكىگە ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بىزگە ھەمراھ ،جىسمانىي ھۇقۇقىمىز،بىزنىڭ مەدىنىيەت ھۇقۇقىمىز ۋە ئىقتىسادىي ھۇقىقىمىز،مال-مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھۇقۇقى،ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قەدىرلەيلى،قاتارلىق بۆلەكلەر ،تولۇقسىز9-يىللىقلار ئۈچۈن (پۇتۇن يىللىق )تۈزۈلگەن ئىدىيە-ئەخلاق دەرىسلىكىگە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ،جەمىئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى،ۋەتىنىمىزنى چۈشۈنىپ جۇڭخۇانى سۆيەيلى،جەمىئىيەتكە چوقۇر چۆكۈپ،بۇرچىمىزنى ئاداقىلايلى ،تولۇپتاشقان ئۈمۈت بىلەن ئەتىمىزنى كۈتىۋالايلى دېگەن بۆلەكلەر كىرگۈزۈلگەن.ئوقۇتقۇچى ئىدىيە-ئەخلاق دەرىسىنى ئوقۇتۇشتا پەقەت ئۇنى يادلىۋېلىپ ئېيىتىپ بەرمەستىن بەلكى دەرىسنىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش-ھەركىتى بىلەن ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى كونكىرىت ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك‹‹ئەخلاقتا ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ بەرپاقىلىش››،‹‹ئەخلاقتا ئۈلگۈلۈك مەكتەپ ››بەرپاقىلىش،‹‹قانۇن ئارقىلىق مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئۈلگۈلۈك مەكتەپ››بەرپاقىلىش  تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتان بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپلەر  ئىدىيە-ئەخلاق دەرىسنى ئوقۇتۇشقا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ،ئىدىيە-ئەخلاق دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى سەرخىللەشتۈپ، ئوقۇتۇش ئۆنىمىنى ئاشۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ سۈپىتىنى تىرىشىپ يوقىرى كۆتىرىش كېرەك.نۆۋەتتە بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار  ئىدىيە-ئەخلاق دەرىسىنى ئوقۇتۇش جەريانىدا تۈرلۈك ئۇسۇل-چارىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىدىيە-ئەخلاق  دەرىسىنىڭ دەرىسخانا ئوقۇتۇش ئۈنىمىنى يوقىرى كۆتىرىشنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويغان بولسىمۇ،ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشنىڭ تەسىرىدىن  ئوقۇتقۇچى دەرىس مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يادلاپ ئېلىشىنى تەكىتلەش،ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئىتىبارسىز قالدۇرۇش،ئىدىيە-ئەخلاق دەرىسىنى سېستىمىلىق ئۆتمەسلىك، دەرىسى مەزمۇنىنى تولۇق يەتكۈزمەسلىك ،دەرىسنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرماسلىىقتىن ئىبارەت بەزى نوقسانلار يەنىلا ساقلانماقتا. بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار دەرىس ئۆتۈش جەريانىدا ئا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامى ناچار،دەرىس ئۇقمايدۇ،بۇ سىنىپقا دەرسى ئۆتكىلى كىرسەڭ سۆسلىشىپ ئولتۇرىدۇ،ئۇششاق ھەركەتلىرى كۆپ ،دەرىسكە دېققىتىنى مەركەزلەشتۇرەلمايدۇ،دەرىس ئۆتۈشتىن ئاۋۋال ساراڭ بولىدىغان بولدۇم دەپ،ئوقۇغۇچىلار ئۇستىدىن شىكايەت قىلىدۇ ۋەئەيىپلايدۇ.ئەمەلىيەتتە بولسا دەرىس ئوقمايدىغان ئوقۇغۇچى بولمايدۇ،دەرىس ئۇقتىرالمايدىغان ئوقۇتقۇچى بولىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبىگە تەھلىل يۈرگىزىدىغان بولساق، قىسمەن ئوقۇتقۇچىلاردا كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيلەشتە پەقەت كىتاپ ئوقۇتۇشنىلا  تۇتۇپ،ئادەم تەربىيىلەشكە سەل قارايدۇ.ياكى ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ.ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنى دائىم نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ،مەيلى قانداق ئوقۇتقۇچى بولسۇن سۆزلىگەن سۆزى ،ئىش-ھەركىتى،تۇرمۇش ئادىتى،ئادەملەرگە بولغان مۇئامىلىسى جەھەتلەردە ئوقۇغۇچىلارغا ئىجابىي تەسىر بەرگەندىلا،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۆز ئىناۋىتىنى تىكلىيەلەيدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ ئاۋۋال ئىدىيە-ئەخلاق دەرىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىنىغا پىششىق بولۇش بىلەن بىللە ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئۈلگۈلۈك رولىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىش كېرەك.تەجىربىلىك پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار،دەرس ئۆتكەندە دەرىس تىكىستىنى ئوقۇپ بىرىش بىلەن بىللە سىنىپتا مۇزاكىرە  ئېلىپ بېرىپ،مۇشۇ دەرىستىكى نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ،دەرىسنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن قانداق تەپلەپ كۈتىدىغانلىقنى چۈشەندۈرۈپ،ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ئايرىم –ئايرىم دەرىستىن ئالغان تەسىراتىنى سۆزلەشكە تەشكىللەيدۇ.بۇنىڭ ئۈنىمى بەكمۇ ياخشى بولىدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئىدىيە-ئەخلاق دەرىسىنى ئوقۇتۇشتا دەرسكە پۇقتا تەييارلىق كۆرۈپ،دەرىس مەزمۇنىنى پۇقتا ئۆزلەشتۇرۇپ،تولۇپتاشقان قىزغىنلىق بىلەن زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى ۋە ئۈنۈملۈك بولغان سەرخىل ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،دەرىس مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارغا قىزىقارلىق ،چۈشۈنىشلىك ،ئاممىباپ قىلىپ چۈشەندۈرۈش بىلەن بىللە ئەڭ مۇھىمى ھەر بىر دەرىستە قانداق بىر ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق ئۇقتۇرۇپ،شۇ مەزمۇن ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا ،ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ،ئىدىيە-ئەخلاق دەرىسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ،ئەخلاقىي، ئەقلىي،جىسمانىي ،گۈزەللىك ،ئەمەگەك قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق يىتىلگەن كەلگۈسىنىڭ ياراملىق ئىزباسارلىرىنى يىتىشتىرىپ چىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-5 09:25, Processed in 0.099424 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش