تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 546|ئىنكاس: 1

بىۋاستە كۆزىتىش توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

89

تېما

10

ئەگەشكۈچى

1993

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
271
مۇنبەر پۇلى
1373
ئىشەنىچ
271
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 14:45:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 21:03  

ھېسسىي بىلىشتىكى ئاساسى  ئۇقۇملاردىن بىرى _
بىۋاستە كۆزىتىش توغرىسىدا
دېڭ شىياۋماڭ

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار  تەرجىمىسى

كانت ھېسسىيلىقنى ھېسسىي بىۋاستە كۆزىتىش دەپ ئاتاپ «ئۇبيېكت بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىشىدۇ» دەپ قارىغان.ئۇنىڭ قارىشىچە بىۋاستە كۆزىتىش _ ئۇبيېكتىنى نىشان دەپ قاراشتا قوللانغان بارلىق تەپەككۇر ۋاستىلىرىدۇر. ئىلگىرىكى كىلاسسىك ئېنىقلىمىلار بويىچە، ئاتالمىش بىلىش- چۈشەنچە  ياكى ھېسسى ئوبرازنىڭ ئۇبيېكىت بىلەن ماس كېلىشى. «بىۋاستە كۆزىتىش»سۆزى نېمىسچىدە خەت مەنىسىدىن «يېقىنلاپ كۆرۈش»دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇبيېكىت بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بىلىش -مەزمۇن ۋە شەكىلدىن تەشكىل تاپىدۇ. بارلىق بىلىش مەزمۇنى بىۋاستە كۆزىتىشتىن كېلىدۇ. بىۋاستە كۆزىتىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ شەكلى بولۇپ،بۇلار زامان ۋە ماكاندۇر. ھېسسىي بىلىش بارلىق بىلىشنىڭ مەزمۇنى ياكى ماتېرىيالى، چىڭىغا چىقىرىپ ئېيتقاندا ئۇ ھەقىقىي بىلىش ئەمەس،بەلكى بەزىبىر ھېسسىي تەجرىبىلەردۇر. بىلىشكە يېتىش ئۈچۈن پەننى بىلىملەرگە يېتىش ۋە يۈكسىلىش زۆرۈر. ئەمما،مەزمۇن،ماتېرىيال،ئۇبيېكىت بولغان ئىكەن بىۋاستە كۆزىتىشنى بارلىق بىلىش ماتېرىياللىرى ۋە مەزمۇنىنىڭ بىردىنبىر كېلىش مەنبىيى دېيەلەيمىز. بۇ نۇقتىنى كانت تەجرىبىچىلەردىن قۇبۇل قىلغان. دەرۋەقە، بارلىق   بىلىم تەجرىبىدىن باشلىنىدۇ، بىۋاستە كۆزىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. بىۋاستە كۆزىتىشى بولمىغان بىلىم  قۇرۇق،يالغان،ساختا پەندۇر.  
كانتنىڭ ئېنىقلىمىسدا بىۋاستە كۆزىتىش-ئۇبيىكىت بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك،ئۇبيېكىتنىڭ نېمىلىكى ئۈستىدە توختالمايدۇ. كانتنىڭ «ئۇبيېكت»تى مۇنداق ئىككى خىل: بىرى،ھېسسىيلىق ئىچىدە تۇرغۇزۇلغان ئۇبيېكىت.يەنە بىرى،ھېسسيىلىق سىرتىدا تۇرغۇزۇلغان ئۇبيېكىت(تەبئىي مەۋجۇدىيەت).شۇڭا،بىۋاستە كۆزىتىشمۇ مۇنداق ئىككى خىل: ھېسسى بىۋاستە كۆزىتىش ۋە ئەقلىي بىۋاستە كۆزىتىش. ھېسسىي بىلىشتە ھېسسىي بىۋاستە كۆزىتىش،ئەقلىي بىلىشتە ئەقلىي بىۋاستە كۆزىتىش بولىدۇ. ئەمما،كانتنىڭ قارىشىچە،ئىنسانلار ئەقلىي بىۋاستە كۆزىتىش ئىقتىدارى ھازىرلىمىغان. سەزگۈ ئورگانلىرىمىز ۋە ماددا-ماكان شەكلىدە بىز پەقەت ھېسسىي بىۋاستە كۆزىتىشكىلا ئىگىمىز. تەبئىي مەۋجۇدىيەتكە يېتىشكە قادىر ئەمەسمىز. ئۇ ئارقىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ،ھادىسىلەر پەردىسىنى قايرىپ ئۇنىڭغا يېتىشكە ئىلاجسىزمىز. خۇدا مەۋجۇت دەپ قارالغاندا، پەقەت خۇدالا ھېسسىيلىقتىن ئاتلاپ ئۇبيېكىتنى بىۋاستە كۆزىتەلەيدۇ. شۇنداقلا،خۇدا مەلۇم ئۇبيېكىتنى بىۋاستە كۆزەتكەندە شۇ ئوبيېكىت مەيدانغا كېلىدۇ.  بۇ خۇددى مۇقەددەس كىتابلاردا ئېيتلىغان «خۇدا نۇر يارىتىشنى ئىرادە قىلىۋىدى نۇر پەيدا بولدى» نىڭ مىسالى.

مەنبە:دېڭ شىياۋماڭنىڭ(«ساپ ئەقلىيلىك تەنقىدى»نۇتۇق خاتىرىسى)ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=58782&page=1&extra=#pid373854
بەخىت_ ئەقلىيلىك ۋە قىزغىنلىقنىڭ قوشۇلۇشىدىن كېلىدۇ.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-5 09:13, Processed in 0.099630 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش