ھەرقاچان بىلىپ ياشا كىملىكىڭنى ئازادجان ئىبراھىم ئىشلىرىڭ بولسۇن سېنىڭ ئەھمىيەتلىك، ئۆزگىگە قىلما ھەرگىز بەدنىيەتلىك. كەڭ ئاۋام سېنى مەڭگۈ ئەزىزلەيدۇ، بولساڭلا ھەر قاچان دىيانەتلىك. مال،دۇنيا ،بايلىق ھامان قالىدىكەن، ئاچكۆزلۈك ھەر كويلارغا سالىدىكەن. ساختىپەز ئالدامچىنىڭ ئىش-ھەركىتى، ھەقىقەت ئالدىدا سەت چانىدىكەن. روھىڭنى ئۇرغۇتىدۇ جەڭگىۋارلىق، ياشنىتار ئادەملەرنى ئۈمۈتۋارلىق. بولىدۇھەر قاچان يولۇڭ راۋان ، قالدۇرساڭ ئۆزۈڭگە ئىھتىماللىق. تۈزەتىسەڭ گۈللىنىسەن ئىللىتىڭنى، ناباپلىق يوقىتىدۇ قىممىتىڭنى. ئالدىنىپ ئەگەشمىگىن يامانلارغا، ھەرقاچان بىلىپ ياشا كىملىكىڭنى. 2014-يىلى 25-ئىيۇن كۈنەس |