- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-2
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 261
- نادىر
- 0
- يازما
- 57
 
- تۆھپە
- 112
- مۇنبەر پۇلى
- 141
- ئىشەنىچ
- 112
| سۆيدۇم دېسەڭ ئۆلەمسەن كۆزلىرڭدىن ئوت چاقنايدۇ يۇلتۇزدەك، يۈرەكلىرىم تىتېرەر مېنىڭ ياپىراقتەك. بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسلىككە سالمىغىن، قىيناپ مېنى ئوق تەككەن كىيىكتەك .
كۆزلىرىنىڭ يالقۇندىن ،ئوت تۇتۇشۇپ يۈرەككە، تولا كۈيۈپ چۇچۇلابولۇپ كەتتى يۈرەك بىلەمسەن؟ ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرسەن،ۋىسالىڭغا يەتكۈزمەي، ئىخ،بىۋاپا سۆيدۇم دېسەڭ ئۆلەمسەن ؟
نازلىق قىيا باقىسەن ھەر كۆرسەم سېنى ، كۆزلىرڭگە يوشۇرۇنغان پىنھان مۇھەببەت. مەن سېنى سۆيىمەن ،سەنمۇ ھەم مېنى ، قېيىنىلىپ يۈرمەك ئەمدى نېمە ھاجەت ؟
ئەسلەيمەن پەقەت ئەسلىدىم سېنى خاتا قىلدىم دەپ ، مەنمۇ سەندەك پىنھان كۆيگەندە. پۈرسەت كەتتى ئۆمىر ئۆتتى چارە يوق، سەنمۇ مەندەك يات بىرنى سۆيگەندە.
قەلبىم كۆلنىڭ سۇلىرى تىمتاس، چايقىلىپ قىرغاقلارنى سۆيمەيدۇ ئەسلا. تەلۋىلىك بىلەن قۇتۇرغان ياشلىق، قايتماس، كەينىگە ئەمدى پەقەتلا .
خۇش ئەمدى ئۆمىرنىڭ جۇلالىق پەيىتى، ئېچىلالماي گۈلدەك، تۇنجۇققان مۇھەببەت. ئۆكسىيمەن دىلىمغا تولغان ھەسىرەت، قەلبىمدە پۇشايمان قالدىغۇ پەقەت .
مۇھەببەت بايلىق مۇھەببەتتۇر تۆگىمەس بايلىق ، خەجلىگەنچە ئامبىرى تولار ھەر كىچە. تۈۋىرگىنى ۋىجداندىن قالساڭ مەزمۇت، يۈرەك ياشىرىپ كېتەر ئۆزگىچە.
ئېسىڭدە چىڭ تۇت ،ئۇنتۇما ھەرگىز، مۇھەببەت خەزىنىسىنى ئالدىراپ ئاچما. ياشلىغىڭ گۈلدەك توزۇپ كېتىدۇ ، بېساتىڭنى ئورۇنسىز چاچما .
ئەمما، بىزگە ياتتۇر ئۇنداق مۇھەببەت، كۆڭۈلىمزدە مەۋىج ئۇرار شاتلىق. ئۆتكۈزدۇققۇ ئۇيقۇسىز تالاي كېچىنى ، مۇھەببەت تاتلىق ، مۇھەببەت بايلىق.
مۇھەببەت مۇھەببەتنىڭ ئۇلىنى تىزدىم ، شاتلىق بىلەن ھەسىرەتتە. تىكىنى ئاچچىق گۈلى خۇشبۇي، يىلدىزى ئۇنىڭ يۈرەكتە.
مەن سېنى سۆيگەندەك ،سەنمۇ سۆي مېنى. مۇھەببەت ياشلىقنىڭ ھاياتى ، جېنى . ئالدىشىپ يۈرمەيلى ئۆز- ئۆزىمىزنى ، بەرگەن شۇ ئۆمىرلىك ۋەدىلەر قېنى؟
سۆيىمەن ھەم تەلپۈنۈپ ھەم ئەيمۈنۈپ، ساڭا تەشنا يۈرۈگۈم. تىلى تاتلىق دىلى ئاچچىق ، بولۇپ قالما ئامىرىغم .
ھەم تارتىنىپ ھەم ئەيمىنۇپ، كۆڭۈلۈم ساڭا مەھلىيا . پاكلىق، ھالاللىق مېنىڭ نىزامىم، سەن ئۈچۈن بولاي بۇلبۇلگويا .
ئۆتتى تالاي مۇشەققەت كۈن ، يۈرەكلىرىم بولدى يارا. يىتەلمىسەم مېھىرڭگە ، يۈرەك بولدۇ پارە .
سېغىنىپ كۈتتىم تاقەتسىزلىنىپ، يېرلىپ كەتمىدى يۈرەك . ساڭا قولۇم يەتسە گەر ، چىدىماي قالارمىكىن- يۈرەككە سالمىسا تىرەك. ئۆز قەلەم . |
|