تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 859|ئىنكاس: 6

ئوغرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

ئەگەشكۈچى

507

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
98
مۇنبەر پۇلى
333
ئىشەنىچ
98
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 19:26:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغرى(ھېكايە)

تۇرغۇن مىجىت قادىرى
   بۈگۈن ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولغاچقىمۇ دۇكانغا كېلىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي، بىرسى قۇلىقىغا ھالقا ئالسا، بىرسى بوينىغا زەنجىر ئالاتتى، يەنە بىرسى قولىغا ئۈزۈك، ياكى بىلەيزىك ئېلىپ بىرقانچە سائەت ئىچىدىلا غەللە ساندۇقۇمنى توشقۇزۇپ ئاغزىمنى قۇلىقىمغا يەتكۈزگەندى. چۈنكى بەزى كۈنلىرى كۈن چىقادىن كۈن پاتاغىچە بىر سەر نەرسە ساتالماي، چىۋىن قورۇپ، مۈگدەپ ئولتۇردىغان كۈنلىرىمىزمۇ نۇرغۇن بولغان، بۇ ئەتىگەن دۇكانغا مېڭىش ئالدىدا ئانام سۈپكۈشلەپ ئوقۇپ قويغان «دۇرۇد مۇئەززەم»نىڭ پايدىسى دەڭە.

   ئۈمۈد-ئادەمنى ھاياتلىققا، تىرىكچىلىككە ئۈندىگەن بولغاچقا شۈكرى قىلماي، يەنىلا زور ئۈمۈد ئىچىدە ئولتۇراتتىم، يۈزلىرىنى قاپ-قارا رومال بىلەن ئورىۋالغان، بېشىدىن تاكى پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە قاپ-قارا كىيىم كىيىۋالغان بىر قاراشتىنلا تەقۋادار مۇسۇلمانلىقى چىقىپ تۇردىغان 23-24 ياشلار چامىسىدىكى بىر چوكان زاكىلانغان بوۋاقنى كۆتەرگەن ھالدا دوكانغا كىردى ۋە ئەينەك پوكەينى ئايلىنىپ بىر ھازا ئالتۇنلارنى كۆرۈپ، ئاخىرى 21 گىراملىق بىر زەنجىرنى تاللىدى. مەن زەنجىرنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزغاچ:
گىرىمىنى 290 يۈەندىن سېتىۋاتىمىز، ئاللاھنىڭ مۆئىمىن بەندىسى ئىكەنلىكىڭىز يۈرۈش-تۇرۇش ۋە كىيىم-كېچىكىڭىزدىن چىقىپ تۇرىدۇ، سىزگە مۇئاپىق باھادا بىرەي، ئېلىپ بوينىڭىزغا ئېسىپ قېلىڭ!- دېدىم.

ئۇنىڭ بىلەن جىق تالاش- تارتىش قىلىشماي باھادا كېلىشتۇق. يەنى گىرامىنى 270 يۈەندىن دىيىشىپ، بۇ زەنجىرگە 5670 يۈەن بىرىدىغان بولدى. ئۇ چوكان پۇل سانايدىغاندا:
_زەگا ئۇستام، بالام پوكەي ئۈستىدە تۇرۇپ تۇرسۇن، ئېرىم ئالتۇننى كۆرۈپ دىيىشىپ باھادا پۈتۈشكەندىن كىيىن سىرتقا چىقىڭلار مەن پۇلنى بىرەي، دەپ ئىشىك تۈۋىدە قالغانتى، زەنجىرنى كۆرسىتىپ پۇلنى ئېلىپ كىرەي بولامدۇ؟

   دېمىسىمۇ بۇنداق ئادەم جىق بازاردا بىر قولىدا زاكا، يەنە بىر قولىدا سومكا ۋە باشقا بالىغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى كۆتەرگەن يېزا ئاياللىرىغا 5-6 مىڭ يۈەن پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇشمۇ ئاقىلانىلىق ئەمەستە، ھەمدە ئۇنىڭ مۇشۇ تۇرقىدىنلا مۆئىمىن بەندىلىكى چىقىپ تۇرسا قانداقمۇ ياق دېگىلى بولسۇن
-بولىدۇ، ئىتتىكرەك كىرەرسىز،-دەپ زاكىلانغان بوۋاققا بىر قارىۋېتىپ ئۆز ئىشىم بىلەن مەشخۇل بولدۇم
   ئۇ چوكان يۈزىنى قارا ياغلىق بىلەن ياپقان بوۋاق بالىسىنى ئەينەكلىك پوكەينىڭ ئۈستىگە ئاۋايلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
مەن يەنە بىرنەچچە خېرىدارغا ئۈزۈك،ھالقا، زەنجىر ساتتىم. سائەتكە قارىسام بىرەر سائەتتىن ئېشىپتۇ، لېكىن ئۇ چوكاننىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. سەل جىددىلىشىشكە باشلىدىم ۋە ئۆز-ئۆزۈمگە «ھە...ي، ماۋۇ چوكان مېنىڭ بۆكۈمگە جىگدە سالمىغاندۇ-ھە!»دەپ تۇرۇپ قالدىم، يەنە ئۆز-ئۆزۈمگە « كونىلار ‹گومان ئىماننى قاچۇرار› دەپتىكەن،  ياخشى نىيەتلىك ئادەملەرگە ئۇۋال قىلماي يەنە، ئويۇمدىكىدەك بولساچۇ؟! ياق، ھەرگىز ئۇنداق بولمىغاي ئىلاھىم، ئۇنداق تەقۋادار، مۆئىمىن مۇسۇلمانلار كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەۋىلىشتىن، ئېلىۋېلىشتىن قورقۇدۇ، چوقۇم ئېرىنىڭ يېنىدا پۇل ئاز بولۇپ قالسا بانكىغا كەتكەن بولىشى مۇمكىن» دەپ ئۆز ئىشىم بىلەن بولدۇم، لېكىن قولۇم ئىشقا بارماي كۆزۈم ئىشىكتە ئىدى...
   يەنە يېرىم سائەتتىن جىقراق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، بوينۇممۇ ئىشىككە تولا تەلمۇرۇپ زىراپىنىڭ بوينىدەك ئۇزۇراپ كەتكەندى. شۇ ئەسنادا كۆز ئالدىمدىكى زاكىلانغان بوۋاققا كۆزۈم چۈشتى، زەڭ سالدىم. بوۋاقنىڭ يا مىدىرلىشى، ياكى تېنىشىمۇ بولمىغاندىن كىيىن يۈرىكىم ھازىرلا قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى. زاكىدىكى بوۋاقنىنىڭ يۈزىنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىش خىيالىمغا كەلدى-دە، بوۋاقنىڭ يېنىغا بېرىپ يۈزىگە يېپىقلىق ياغلىقنى ئېلىپلا كەينىمگە تىرىڭڭىدە چۈشۈپ كەتكىلى تاس-تاس قالدىم.
   ئەينەك پوكەينىڭ ئۈستىگە زاكىلاپ ياتقۇزۇپ قويغىنى ھەقىقى بوۋاق بولماستىن بەلكى دوكانلاردا سېتىلدىغان، ئۇششاق بالىلار ئوينايدىغان ئويۇنچۇق سۇلىياۋ قونچاقنى بوۋاقتەك ياساپ زاكىلاپ، يۈزىنى يېپىپ مېنىڭ كۆزۈمنى بويىغاندى. مەن ئىسىمنى يىغىپ 110 غا دىلو مەلۇم قىلىش ئۈچۈن تېلىفون تېروپكىسىنى قولۇمغا ئالدىم.

2014-يىل 9-ئىيون

36

تېما

53

ئەگەشكۈچى

5677

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2732
مۇنبەر پۇلى
2777
ئىشەنىچ
2732
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 00:15:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغرېلىمۇ ئەقىللىق بولۇپ كەتتى ھە  ھازېر  

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

170

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
60
مۇنبەر پۇلى
110
ئىشەنىچ
60
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 00:24:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مۇشۇنداق جىلىباپ سەۋەپلىك ئالامەت ئىشلا بولاۋاتمامدا.
   يەنە بىر گەپ،ھىكايە سەل تومتاق بوپ قاپتۇ،بىرە سائەتتىن ئوشۇق يىغلىمىغان بالىنى سەزمىگەندىكىن ئالتۇنچى دۇكاندارغىمۇ ئاز.

39

تېما

15

ئەگەشكۈچى

3665

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
Jackie
تۆھپە
1561
مۇنبەر پۇلى
1815
ئىشەنىچ
1561
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 12:12:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشنى شەھىرىمىزنىڭ ۋاڭسەن كوچىسىدىكى بىر زەرگا دۇكىنىدا ھەقىقى يۈز بېرىپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.

8

تېما

0

ئەگەشكۈچى

507

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
98
مۇنبەر پۇلى
333
ئىشەنىچ
98
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 19:05:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈزەتمە بەرگىنىڭىزگە رەخمەت! لىكىن ...ئە...ي...

43

تېما

18

ئەگەشكۈچى

2728

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1078
مۇنبەر پۇلى
1474
ئىشەنىچ
1078
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 15:05:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Jackie يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 12:12
بۇ ئىشنى شەھىرىمىزنىڭ ۋاڭسەن كوچىسىدىكى بىر زەرگا دۇك ...

ئېھتىمال تۇرغۇن مىجىت ئاكىمۇ بۇنى ئاڭلىغان بولۇشى مۈمكىن.... ھېكايە دېگەن رېئاللىقتىن كېلىدۇ ئەمەسمۇئ

6

تېما

17

ئەگەشكۈچى

1010

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەلىكە مەتتوختى
تۆھپە
327
مۇنبەر پۇلى
548
ئىشەنىچ
327
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 12:27:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر قى جەميەتكە  ، كىشىلەرگە ھىچ نىمە دەپ  بولغىلى  بولمايدۇ، بۇ جاھان ھىلە  مىكىر بىلەن تۇشۇپ  كەتىغۇ  تاڭ
سۈرەتتىكى دۇنيا ئەڭ گۈزەل دۇنيا...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-4 11:49, Processed in 0.107578 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش