تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 795|ئىنكاس: 4

مەڭ كۆپ بولسا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش خەۋىپى يۇقىرى بۇلىدۇ(...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 22:58:44
مەڭ كۆپ بولسا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش خەۋىپى يۇقىرى بۇلىدۇ(يېڭى بايقاش)

(ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى  2014-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى)

مەڭنىڭ كۆپ بۇلۇشى ئىھتىمال سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.ئامرىكىنىڭ “تۇرمۇش ئىلمى”تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،ئامرىكا ھىندىئاننا ئونۋىرسىتىتىنىڭ ئېپىدېمىئولوگىيە ئالىمى ۋە راك تەتقىقات مۇتەخەسىسى ئېلىپ بارغان ئىككى تۈرلۈك كەڭ دائىرىلىك ئۇزاق مۇددەتلىك تەتقىقاتىدا ئاياللارنىڭ تېرىسىدىكى مەڭنىڭ سانى ۋە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش خەۋىپىنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقىغان.

بىرىنچى تۈرلۈك تەتقىقاتتا،تەتقىقاتچى خادىم ئامرىكىدىكى  يېشى 40تىن 65كىچە بولغان 75مىڭ ئاياللارغا قارىتا قەرەلى 24يىللىق داۋالىنىشتىن كىيىنكى زىيارەت ئېلىپ بېرىپ،ھەر بىر ئايال سول بىلىكىدە پەيدا بولغان دىئامىتىرى 3مىللىمىتىردىن يۇقىرى مەڭنىڭ سانىنى خاتىرىلىگەن.سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باشقا خەتەرلىك ئامىللار (تۇنجى قېتىم ھەيىز كۆرگەن ۋاقىت ۋە تۇنجى قېتىم ھامىلدار بولغان يېشى،كىلىماكتىرىيە يېشى)نى كونتىرول قىلغاندىن كىيىن، تەتقىقاتچى مېڭى بولمىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا مەڭ سانى ئەڭ كۆپ (15تال ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ) بولغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقى %35 تىن ئېشىپ كىتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئىككىنچى تۈرلۈك تەتقىقاتتا،يېشى 39دىن 66كىچە بولغان 90مىڭغا يېقىن فىرانسىيە ئاياللىرىغا قارىتا قەرەلى 18يىللىق داۋالىنىشتىن كىيىنكى ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىپ ئېلىپ بارغان،ھەمدە ئۇلاردىن“يوق،ناھايىتى ئاز،كۆپ ۋە ئىنتايىن كۆپ”قاتارلىق سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېرىسىدە پەيدا بولغان مەڭنىڭ سانىنى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلغان.تەھلىل قىلىش نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە،ئۇ دوكلاتتا ئىنتايىن كۆپ مېڭى بولغان ئاياللارنىڭ مېڭى يوق ئاياللارغا قارىغاندا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش ئىھتىماللىقى %13تىن ئېشىپ كەتكەن؛تەتقىقاتچى خادىملار يەنە مەخسۇس ھەيىز ئاياقلاشقان ئاياللارنى كۈزەتكەن بۇلۇپ،نەتىجىدە ئىنتايىن كۆپ مېڭى بولغان ئاياللارنىڭ مېڭى يوق ئاياللارغا قارىغاندا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش ئىھتىماللىقى %34تىن ئېشىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

«ئاممىۋى ئىلىم-پەن كۈتۈپخانىسى قەرەللىك ژورنىلى—تىببى پەن قىسمى»دە ئېلان قىلىنغان بۇ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە،مەڭ ئىھتىمال سۈت بېزى راكى خەۋىپىنىڭ بىر بەلگىسى بۇلۇشى مۇمكىنلىقى،بۇنىڭ مەڭنىڭ سانى بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى جىنسى ھورمۇن تەركىبىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغانلىق سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى،مەڭنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئانىلىق ھورمۇن ۋە ئاتىلىق ھورمۇن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بۇلۇپ،ئاسانلا ھورمۇن ئاجىرىتىپ چىقىرىش تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ راك پەيدا قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

0

تېما

3

ئەگەشكۈچى

711

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
164
مۇنبەر پۇلى
445
ئىشەنىچ
164
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 10:00:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي توۋا ئاڭلاپمۇ باقمىغان گەپتىن بىرسى چىقتا ئەمدى

2

تېما

1

ئەگەشكۈچى

50

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
9
مۇنبەر پۇلى
36
ئىشەنىچ
9
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 12:36:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەڭلىسا يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 10:00
ۋاي توۋا ئاڭلاپمۇ باقمىغان گەپتىن بىرسى چىقتا ئەمدى

‹‹مەڭلىسا ›› ئىسمىڭىزدىن قارىغاندا سىز مەڭلىك ئوخشىمامسىز.  ئاللاھ ھەممىمىزگە ساغلاملىق ئاتا قىلغاي. بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمەي خاتىرجەم خوشال خورام يۈرېۋېرىڭ. بۇ يەردە پەقەت نىسبەت سانىلا چىقىرىلغان  ھەممىسى ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلىقىمۇ ئۈنۈملىك تېزگىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە.
www.aldost.com

0

تېما

3

ئەگەشكۈچى

711

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
164
مۇنبەر پۇلى
445
ئىشەنىچ
164
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 16:52:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aldost يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 12:36
‹‹مەڭلىسا ›› ئىسمىڭىزدىن قارىغاندا سىز مەڭلىك ئوخشىم ...

راست دەيسىز مەڭ جىقراق ئىدى ئاپام شۇڭا  ئىسمىمنى مەڭلىسا قويۇپتىكەن  ئەمەسمۇ ، لىكىن سىزنىڭ رىغبەتلەندۈرگەنلىكىڭىزدىن ناھايتى خوش بولدۇم  رەھمەت سىزگە .

39

تېما

15

ئەگەشكۈچى

3650

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
Jackie
تۆھپە
1553
مۇنبەر پۇلى
1808
ئىشەنىچ
1553
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەردە مەڭ كۆپ بولسا نېمە كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كېتەر ئەمدى؟!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-7-3 14:47, Processed in 0.103160 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش