تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 586|ئىنكاس: 0

مەھسۇلات سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىشقا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

1

ئەگەشكۈچى

416

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
87
مۇنبەر پۇلى
298
ئىشەنىچ
87
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 17:02:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھسۇلات سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
   كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسىشىگە ئەگىشىپ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار نۆۋەتتە مۇھىم ئىستىمال بۇيۇمىغا ئايلاندى. لېكىن بازاردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى كۆپ، باھاسى ھەرخىل بولغاچقا، ھەقىقى سۈپەتلىك مەھسۇلات سېتىۋېلىش باش قاتتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. ئەمما تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا دىققەت قىلغاندا ھەقىقى ئىشەنچىلىك، سۈپەتلىك مەھسۇلات سېتىۋېلىپلا قالماي، يەنە مەھسۇلات سۈپىتىدىكى «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» مەزگىلىدىكى نۇرغۇن ئاۋارىگەرچىلىكلەردىن خالى بولغىلى بولىدۇ.
   1. ئېلانغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىك، بەزى سودا-سارايلىرى ۋە تىجارەتچىلەر سېتىشنى تىزلىتىش ۋە كۆپ پايدىغا ئېرىشىشنى كۆزلەپ، ناتوغرا رىقابەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ، كۆپتۈرۈلگەن، ساختا ئېلانلار بىلەن ئىستىمالچىلارنى ئالدايدۇ، ھەتتا كاللا كۆرسىتىپ، قۇيرۇق سېتىش بىلەن شۇغۇللىندۇ. شۇڭا ئىسىتمالچىلار ئېلانغا ئالدىنىپ كەتمەي، ئېلاندىكى مەزمۇنلار بىلەن مەھسۇلاتنىڭ ئەمىلى ئىقتىدارىنى سېلىشتۇرۇش، ئەگەر ئېلاندا دىيىلگەندەك بولمىسا قەتئى سېتىۋالماسلىق كېرەك.
   2. سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتقا ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆپرەك ئىگەللەش، شۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ باققانلاردىن كۆپرەك مەسلىھەت سوراش، ئىمكانىيەت يار بەرسە توردىن شۇ مەھسۇلات، شۇ كارخانىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كۆپرەك ئىگەللەش، ئالدىراپ مال سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
   3. كۆپرەك بازار ئارىلاش، ھەرخىل ماركىدىكى، ھەرخىل باھادىكى مەھسۇلاتلارنى كۆپ كۆرۈپ، كۆپ سوراش، ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ، كۆڭۈلدە سان تۇرغۇزۇش، ئەڭ مۇھىمى سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى كاپالەتكە ئىگە بولغان ئىشەنچىلىك سودا دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىشى لازىم.
   4. مال سېتىۋالغاندا چوقۇم مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشنامىسىنى ئەستايىدىل كۆرۈش، ئۆزى تونۇمايدىغان يېزىقتىكى مەھسۇلات بولسا، دۇكاندىكى مال ساتقۇچىدىن تەپسىلىي سوراش،مەشغۇلاتئۇسۇلى، بىخەتەرلىككە چېتىلىدىغان زۆرۈر مەزمۇنلىرىنى خاتىرلىۋېلىشى كېرەك.
   5. سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتتا مەھسۇلات نامى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت نامى، ئادېرىسى، تېلېفۇن نومۇرى، ئۆلچەم تىپى، ئىشلەپچىقىرىش تۈركۈم نومۇرى، ئۆلچەم ئىجرا نومۇرى، CCC بەلگىسى، زاۋۇتتىن چىققان ۋاقتى، تەكشۈرۈش لاياقەتنامىسى قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلىقىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش،چۈشەنمىگەن تەرەپلەرنى مال ساتقۇچىدىن ئىنىق سوراپ بىلىۋېلىش، ئەگەر مال ساتقۇچىمۇ بىلمەيدىغان بولسا ياكى مەھسۇلاتتا ئىپادە قىلىنىشقا تىگىشلىك يۇقىرى تەلەپلەر ئىنىق ئىپادە قىلىنمىغان ياكى كەم ئىپادە قىلىنغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى مۇنداق مەھسۇلاتتىن نېرى تۇرۇش كېرەك.
   6. مال سېتىۋالغاندا چوقۇم مال سېتىۋېلىش تالۇنىنى (مال سېتىۋېلىش تالۇنىغا چوقۇم سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ نامى، ئۆلچەم تىپى، سېتىۋالغان ۋاقتى، دۇكان ئادېرىسى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلغان بولىشى شەرت) ۋە «ئۈچكە ھۆددىگەرلىك قىلىش» تالۇنىنى يازدۇرۇپ ئېلىۋېلىش ۋە ئوبدان ساقلاش لازىم. يۇقىرىقى تالۇنلارنى يېزىپ بىرىشنى كەينىگە سۆرىگەن ۋە رەت قىلغان دۇكانلاردىن قەتئى مال سېتىۋالماسلىق كېرەك.
   7. مەھسۇلات سېتىۋېلىش ۋە «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» مەزگىلىدە تالاش-تارتىش يۈز بەرگەندە، مال سېتىۋالغۇچى ئېغىر بسىق بولۇپ، جىدەل-ماجرا تېرىشتىن ساقلىنىش، ھېسىياتقا تايانماي، قانۇنغا تايىنىپ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىشى لازىم.
خوتەن ۋىلايەتلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن : تۇرغۇن مەتتۇرسۇن
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى خۇتەن ۋىلايەتلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىكى دوستۇم
تۇرغۇن مەتتۇرسۇننىڭ ھاۋالىسىغا ئاساسەن تورغا يوللاپ قويدۇم ،تورداشلارغا پايدىسى تېگىپ قالار، دېگەن ئۈمىتتىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-7-3 14:52, Processed in 0.096842 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش