پەردە ئارقىسىدىكى تۆھپىكارلارغا ئاپىرىن
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تور بەت يۈزىنىڭ ئۆزگىچە لايىھەسى، مەزمۇنىنىڭ مول، سەرخىللىقى، شۇنداقلا مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن كەڭ تورداشلارنى ئۆز تىلىدا رايونىمىز، مەملىكىتىمىز شۇنداقلا پۈتكۈل جاھاندا يۈز بەرگەن چوڭ-كىچىك ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئەدەبىيات، قانۇن، تەنتەربىيە، ساياھەتكە ئائىت ئۇچۇر ۋە بىلىم بىلەن تەمىنلەپ، تورداشلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى ھەقىقىي تۈردە بېيىتتى. بۇ تور بېتى مۇشۇ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن رايونىمىزدىكى مىللىي تىل يېزىقتىكى چوڭ ئونۋېرسال تور بەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، مىللىي تىل-يېزىقتىكى تور بەتلىرىنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ بەردى. «تەڭرىتاغ تورى» دىكى مەزمۇنلار ناھايىتى مول، رەڭدار ھەم يېڭى بولۇپ، خۇددى تاللا بازىرىدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئوخشاش تىزىلغان، تورداشلارغا جاھاننىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدىكى، ھەرقايسى ساھەدىكى ئىشلارنى بىمالال تاللاپ كۆرىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. تور بەتتىكى مەزمۇنلار خەۋەرلەر، ئەدەبىيات، ساياھەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش، قانۇن قاتارلىق ئالتە چوڭ تۈرگە ئايرىلغان، بۇلار يەنە ئۆز ئىچىدىن مەملىكەت خەۋەرلىرى، شىنجاڭ خەۋەرلىرى، ۋىلايەت خەۋەرلىرى، تەرمىلەر، ئەسەر، ھېكمەت، شېئىرىيەت، سەيلىگاھ، جۇغراپىيە، تەبىئىي بايلىق، پۇتبول، ۋاسكېتبول، شىنجاڭ تەنتەربىيىسى، ئېكران، رادىيو، كىنو-فىلىم، نىزام، ئۇچۇر، دېلو تەھلىلى قاتارلىق كىچىك تۈرلەرگە ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھەرساھە تورداشلارنىڭ بۇ «تاللا بازىرى» دىن ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەزمۇنلارنى تېز سۈرئەتتە تېپىپ كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا نادىر سۈرەتلەر، كۆرۈنمە چاستوتىلىرى بىلەن تورداشلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتتى. بۇ ئارقىلىق ھەرساھە تورداشلارنى جاھان ئىشلىرىدىن خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشىگە شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بەردى، بۇ تور بەت ئۇچۇر سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، مەزمۇنىنىڭ رەڭدارلىقى ۋە يېڭىلىقى، قولايلىقلىقى بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. نۇرغۇن تورداشلار بۇ تور بەت ئارقىلىق جاھان يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كەڭەيتسە، يەنە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۈتۈپخانىغا بارماي تۇرۇپ كۆرەلەيدىغان، ساياھەت ئۇچۇرلىرىنى بىلەلەيدىغان، تەنتەربىيە خەۋەلىرىنى كۆرەلەيدىغان بولدى، يەنە نۇرغۇنلىرى پايدىلىق سىياسەت- ئۇچۇرلىرىدىن، دۆلەتنىڭ يېڭى قانۇن-تۈزۈملىرىدىن خەۋەردار بولدى، دېلو تەھلىللىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇن سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈردى، جۈملىدىن بىزمۇ ھەم شۇنداق. بىز شەخسىي تۇرمۇشۇمدا بۇ تور بەتتىن مەنىۋى ئوزۇق ئالساق، خەۋەر، ئۇچۇرلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزۈمىزنىڭ ئاخباراتچىلىق خىزمىتىمىزگە تەجىرىبە توپلايمىز، خەۋەرلەرنى جىددى تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىمزىدا مۇشۇ تور بەتتىن پايدىلىنىۋاتىمىز. ئۆزۈمىز يازغان ماقالە-ئەسەرلەرنى يوللاپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ۋاقتىمىزدا مۇشۇنداق بىر ئانا تىلىمىزدىكى تور بەتنىڭ بولغانلىقدىن تولىمۇ سۆيۈنىمىز. «تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى» دا ئىشلەپ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، بىلىم ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قان-تەر تۆكۈۋاتقانلار پەردە ئارقىسىدىكى دوستلار، رەخمەت سىلەرگە، بىز «خوتەن گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدىكى خىزمەتچى-خادىملار سىلەرگە دوستانە رەخمىتىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە سىلەرگە تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى سۇندۇق: بىرىنچىدىن، تور بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى باشقا يېزىقلاردىكى تور بەتلەرگە قارىغاندا ئاستا، شۇڭا تور بېتىڭلارنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرسەڭلار. ئىككىنچىدىن، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشقۇرۇۋاتقان بۇ تور بېتىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتۈرسەڭلار. ئۈچىنچىدىن، يېڭىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرۈدىغان ئىستون ئاچساڭلار. تۆتىچىدىن، باشقا ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، بەت يۈزىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى» نى ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى تور بەتلەرنىڭ گۈل تاجىغا ئايلاندۇرساڭلار. بىز سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار، جاپالىق ئەمگىكىڭلار ئارقىلىق «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خۇددىي تەڭرى تېغىدەك ئوبراز تىكلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز! «خوتەن گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىكى بارلىق خادىملاردىن |