تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1256|ئىنكاس: 3

ئىككى پارچە تەپسىلى خەۋەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

ئەگەشكۈچى

510

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
98
مۇنبەر پۇلى
336
ئىشەنىچ
98
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 10:35:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ياخشى خوشنىسى- يۈ بىفا
تۇرغۇن مىجىت، نۇرئەخمەت سەمەت
   ئادەمنىڭ قەدىر قىممىتى-ئۇنىڭ قانچىلىك ياشىغانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى، شۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا خەلق ئۈچۈن قانچىلىك ياخشى ئىش قىلغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ ئەلۋەتتە.«سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇلماسلىق»، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى سۆزلىگەندە، مىللەتلەر ئارا قان-قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتكەن مەنىلىك ھاياتنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. ئادەملەرمۇ گۈل-گىياھلارغا ئوخشاش قۇياشنىڭ ئاپتىپىدا ياشنايدۇ، ئىتتىپاقلىقمۇ ئىنسانلارنىڭ مىھرى-مۇھابىتى، ئىللىقلىقى ۋە بىر بىرىگە بولغان كۆيۈنىشى بىلەن نۇرلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ مىھرى-مۇھابىتى، ئىللىقلىقى بىلەن خولۇم-خوشنىلىرىغا قۇياش كەبى ئىللىقلىق يەتكۈزگەن بۇ كىشى كىم؟
   ئۇ تاغنى تالقان قىلىپ، چۆلنى بوستەن قىلغۇدەك كۈچ-قۇۋەتكە تولغان قەھرىمان ئەمەس، ھالال تەرى بىلەن غايەت زور پۇل تېپىپ مىليادىر بولغان پۇلدار ساخاۋەتچىمۇ ئەمەس، بەلكى ئازغىنە يەر بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ، تاپقانلىرىنى خولۇم-خوشنىلىرىنىڭ بېيىشى، تۇرمۇشىنى قامدىشىغا ئىزچىل ياردەم بىرىپ كېلىۋاتقان ئاددى دېھقان كومپارتىيە ئەزاسى-ئاۋات ناھىيە دولان يېزا كىچىك بېشئېرىق كەنتىدىكى يۈ بىفا.
   يۈ بىفا ئەر، خەنزۇ چۇڭچىڭ فۇلىڭ رايۇنىدىن، 1953-يىلى توغۇلغان، 1975-يىلى خېيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىگە بېرىپ ئازاتلىق ئارمىيەگە قاتناشقان. جۇڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى مەلۇم قىسىم 44-تارماق ئەتىرەت پىلىمۇتچىلار لىيەنىنىڭ جەڭچىسى، 3-بەننىڭ بەنجاڭى بولغان. قىسىمدا ھەربىي مەجبۇريەت ئۆتەش جەريانىدا ئۇ تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، تېخنىكىنى پىششىق ئىگەنلىگەن، كۆپ قېتىم لىيەن بويىچە مۇكاپاتلانغان، 1979-يىلى جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن، 1980-يىلى ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كىيىن ئۆز يۇرتىدا گورۇپپا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، ئۇ كۆڭلىدە« مەن ھەربىيلىككە قەتناشقان، شۇڭا پارتىيە مېنى بېقىشى كېرەك دەپ قاراپ تۇرماي، ئۆز-ئۆزەمنى بېقىشىم، ھاللانغاندا باشقىلارغا ياردەم بىرىشىم كېرەك...» دەپ، يۇرتىدىكى ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇشتەك ئەمەلى ئەھۋالغا ئاساسەن يۇرتداشلىرىنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ئاقسۇ ۋىلايەت ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان يېزىسى كىچىك بېشئېرىق كەنتىگە كېلىپ ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىپ، ئىشلەمچىلىك بىلەن تۇرمۇش قامدايدۇ. 1983-يىلى يۈ بىفا شۇ كەنتنىڭ نوپۇسىغا كىرىپ، كەنتتە بىردىن-بىر خەنزۇ پارتىيە ئەزاسى بولۇپ قالىدۇ.   
    «خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر مەڭگۈ بىر ئائىلە»- مانا بۇ يۈ بىفانىڭ 31 يىللىق ھاياتىدىكى(ئاۋاتقا كەلگەندىن كىيىنكى) دائىملىق ئادىتىگە ئايلانغان يۈرەك سۆزى. 31 يىلنىڭ ئالدىدا كەنىتتە ئازسانلىق مىللەت ئاممىسى جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئاممىسى ئولتۇراتتى، 1981-يىلى بۇكەنتكە ئالاھىدە كەنت ئائىلىسى يۈ بىفا كۆچۈپ كەلدى. شۇ چاغدا ئەتىراپتىكى ئاھالىلار كۇسۇلدىشىپ «بۇ خەنزۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى بىلمەيدىكەن، ئۇ قانداق بىز بىلەن ياشىيالايدۇ!؟» دېيىشتى، يۈ بىفا كەنت ئاھالىسىنىڭ بۇ غۇلغۇلىسىنى ئاڭلاپ ھىچنىمە دېمىدى، بىراق شۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشتا مەيلى ئېتىز-ئېرىق بېشىدا بولسۇن ياكى كەنىتتە بولسۇن ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇرلارغا يېقىنلاشتى، كەمتەرلىك بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى چۈشەندى، بەزىدە ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى تەلەپپۇز قىلىشتا بىر تاۋۇشنى زىرىكمەستىن نەچچە ئون قېتىم، ھەتتا 100 نەچچە قېتىم  مەشىق قىلدى،  ئەتىراپتىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئۇنى مەسخىرە قىلىپ «بولدىلا، سىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنداق ئاسان ئۆگۈنەلمەيسىز، ئۆگەنمەڭ!»دېدى. بارا-بارا ئۇنىڭ بۇنداق تىل ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقى يۇرتداشلىرىنى تەسىرلەندۈردى. يۇرتداشلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەمگەك قىلىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىدىغان، ئۇنىڭغا تىل ئۆگۈتىدىغان بولدى.
ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى تىرشىپ ئۉگۈنۈپ قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئاستا-ئاستا كۆزىتىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ كىمنىڭ قىيىنچىلىقى بار، كىمنىڭ ئۉيىدە زىدىيەت-ماجىرا توغۇلدى، دېگەنلەرنى ئنىق ئىگەنلىدى، بۇنىڭ بىلەن كەنت ئائىلىسى ئوسماننىڭ ئەسلىدە يەر ئاز، بالىلىرى كۆپ، ئانىسى ئۇزۇن مۇددەت ئورۇن تۇتۇپ يتىپ قالغاچقا تۇرمۇشى ھەقىقەتەن  بىر قەدەر قىيىن ئىدى، يۈ بىفا بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن ئۇلارغا كۆڭۈل بىلىپ، دائىم ئۇن، گۈرۈچ، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى ئاپىرىپ بىرىپ، قەرەرلىك ھالدا ئوسماننىڭ ئاپىسىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كسىلىنى تەكشۈرتتى. بۇ ئانا ھازىر كۆرگەنلا ئادەمگە «يۈ بىفا منىڭ ئۆز ئوغلۇم!» دەيدۇ.
يۈ بىفا ھەر يىلى ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمىدا ئوسماننىڭ بالىلىرىغا ئوقۇش قوراللىرىنى ئېلىپ بەردى، بالىلار سەمىمى ھالدا ئۇنى «دادا» دەپ چاقىردى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە ئۇ ئوسماننىڭ ئائىلىسىدە ئىشلەپچىقىرىش ماتىرياللىرى سېتىۋېلىشقا پۇلى يوقلىغىنى بىلىپ،دەرھال ئۆزىنىڭ سېتىۋالغان ئۇرۇق، سۇلياۋ يۇپۇقىنى ئوسماننىڭ ئائىلىسىگە ئاپىرىپ بەردى .ئوسمان يۈ بىفانىڭمۇ  ئانچە باي ئەمەسلىكىنى بىلگەچكە ، بۇ نەرسىلەرنى ئالمىغاندا  يۈ بىفا سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنى ئېلىپ قېلىشقا ئۇندىدى، ئوسمان نائىلاج ئالدى . يۇ بىفا ئوسماننىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرىدا تېخنىكىسى يىتەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېۋەز تېرىش، مىۋىلىك دەرەخ يىتىشتۇرۇش تېخنىكىسىنى بىلەن ئۇنى تەمىلىدى . ئوسمان تەسىرلەنگەن ھالدا «سىز مىنىڭ تۇغقۇنۇم »دەيدۇ . يۈ بىفا كەنتتىكى مېيىپ يىتىم- يىسىر ،قېرى- چۆرىلەرنى دائىم ئەسلەپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنۋى ھېيىت بايراملىرىدا يۇ بىفا ئائىلىسىدە ئېشىنچىسى بولمىسىمۇ، 2000 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ ئۇن ، گۆش،يۇڭ ئەدىيال قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ،ئۇلاردىن بايراملىق ھال سورايدۇ. بۇ ئۇنىڭ مۇشۇ كەنتكە كەلگەندىن بويان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئادىتى . كەنتتىكى ئىبرايىمنىڭ ئىككى پۇتى مېيىپ بۇلۇپ ، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايتتى. شۇڭا ئىبراھىمنىڭ تۇرمۇشىمۇ بىر كۈن توق، بىر كۈن ئاچ ئۆتەتتى . يۈ بىفا ئىبراھىمنى بىر تۇققان قېرىندىشىدەك كۆرۈپ،  دائىم ئۇنى يوقلاپ، يىمەك –ئىچمەك ئەكىلىپ بەردى . ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ماڭدۇردى، شۇڭا كەنت ئاھاللىرى :«يۈ بىفا بولمىغان بولسا ئىبراھىم ھازىرغىچە ياشىيالمايتتى »دىيشىدۇ .
    يۈ بىفا بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا،ئۇ «ئىناقلىق»،«رەھمەت» دىگەن سۆزنى ئەڭ كۆپ قىلدى. «نىمە ئۈچۈن ئۆز يېنىڭىزدىن پۇل چىقىرىپ ئۇيغۇر يۇرتداشنى يوقلىدىڭىز» دىگىنىمىزدە،يۈ بىفا «كۆپچىلىك ھەممىمىز بەك ئىناق،  خوشنىلار بىرگە ياشايمىز» دەيدۇ. يۈ بىفانىڭ يەرلىكتىكى ئۇيغۇر يۇرتداشلارغا بولغان مۇھەببىتى ئۈستىدە توختالغاندا، گەپنى يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ياردىمىدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ. ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر ئىش ئۇ ئەمدىلا كەنتكە كەلگەندە تېراكتۇر ھەيدەشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى . ئۇ بىر باش باھار كۈنلىرى يەر ھەيدەش ئۈچۈن ئۇ بىر دېھقاننىڭ تېراكتۇرنى ئارىيەتكە ئېلىپ ھەيدىدى. گۇگۇم چۈشۈپ تېراكتۇرنى ھەيدەپ ئۆيگە ماڭغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن چوڭ ئۆستەڭ قىرغىقىغا كېلىپ قالدى . ئالدىغا سەل سىلجىسا چوڭ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتەتتى . چوڭ ئۆستەڭ قىرى بوش بولۇپ، تىراكتۇرنىڭ چاقى ئاستا-ئاستا سىرىلىپ چۈشمەكتە ئىدى . ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى . يۈ بىغا قورققىنىدىن نىمە قىلارنى بىلەلمەي قالغاندا، بەختكە يارىشا كەنىت شۇجىسى يىتپ كېلىپ، ئالدى بىلەن ئۇنى قۇتقۇزىۋالدى، ئاندىن كەنت ئاھاللىرىنى چاقىرىپ، تىراكتۇرنى تارتىپ چىقتى . چوڭقۇرلىقى  ئىككى يېرىم مېتىر كېلدىغان ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندە يۈ بىفا قورقۇپ «بۇ ئىش ھەقىقەتەن بەك قورقۇنۇشلۇق ئىش بولدى، شۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بولمىغان بولسا نىمە بولۇپ كېتىشىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن، مەن بىر نىمە بولسام ئۆلمىسەملا ساقىيار ئىدىم، لېكىن تەرەكتۇر بىر نەرسە بولۇپ قالسا سوراپ ئاچىققان تۇرسام»دەيدۇ. يەنە بىرسى 1981-يىلى بۇ يەرگە كەلگەندە تۇرمۇشتا قىيلىنىپ ئۈچ كۈن تاماق يىمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيىدە يىگۈدەك، ساتقۇدەك بىرەر نەرسە بولمىغاچقا ئامالسىز ئىدى، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى خوشنىسى ساۋۇت بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن ھەر كۈنى بىر قاچا تاماقنى ئاچىقىپ بىرىپ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. يۇرتداشلار يۈ بىفانىڭ تېرىقچىلىق قىلىشىغا تېرىقچىلىق سايمانلىرى بولمىغاچقا ياردەم بىرىپ كەلدى. يۈ بىفا يۇرتداشلارنىڭ بۇ ياخشىلىقنى ئۆمۈرۋايەت ئونۇتمايدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ يۈ بىفا يەرلىك ئۇيغۇر يورتداشلاردىن مىننەتدار بولۇپ رەھمتىنى ئېيتتى . كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇ ئۇيغۇر يۇرتداشلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، قىزىرشىپ قالمىدى . ئۇ سەي تېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ . دائىم ئۆزنىڭ ئېتىزىدا تېرىغان سەيلەرنى ئەتراپتىكى يۇرتداشلارغا يىيىشكە ئاپىرىپ بىرىدۇ . كەنتتە كىمنىڭ ئائىلىسىدە توي-تۆكۈن نەزر- چىراغ ئىشلىرى بولسا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ قاتنىشدۇ . يۇرتداشلارنىڭ ھېيىت-بايرام كۈنلىردە ئۇلارغا گۆش، قەن-گىزەك ئاپىرىپ بىرىدۇ . بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان مىللەتتىن ھالقىغان، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى .
2005-يىلى 5-ئايدا يېزا بويىچە دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى كەنتلەردە چىلان تېرىش تېخنىكسى كېڭەيتىلدى . چىلان تېرىشقا مەبلەغ كۆپ كېتىدۇ، ئۈنۈمى ئاستا، كەنت ئاھاللىرى بۇنى چۈشەنمەي، چىلان تېرىشقا قىزىقمايدۇ . كەنىتتە چىلان تېرىش بىر مەھەل توختاپ قالىدۇ . يۈ بىفا ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنتنىڭ شۇجىسىدىن ئۆزىنىڭ 15 مو ئۆزلەشكەن يېرىگە چىلاننى تەجىرىبە قىلىپ تېرىپ،ئاندىن كەنت بويىچە كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئۇ چىلاننى ياخشى تېرىش ئۈچۈن قوشنا يېزا، بازارلارغا بېرىپ، چىلان تېرىش تېخنىكىسنى ئۆگۈنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىلىق ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ تېخنىك خادىملىردىن چىلان تېرىش تېخنىكسى ۋە باشقۇرۇشنى ئۆگۈنىدۇ . تېخنىك خادىملارنى ئۆزىنىڭ يېرىگە كېلىپ يىتەكلەشكە تەكلىپ قىلىدۇ . يۈ بىفانىڭ تىرىشچانلىق كۆرستىشى ئارقىسىدا، بىرىنچى يىلى ئۇ تېرىغان چىلاننىڭ كۆكلەش نىسپىتى %95 دىن يۇقىرى بولۇپ، يۇرتداشلار ئۇنىڭ چىلانلىرىنىڭ كۆكلىگەنلىكنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ تېخنىكىسىغا قايىل بۇلىشىدۇ.  ئىككىنچى يىلى ئۇ يۇرتدارشلارغا ياردەملىشىپ،  بىر تۈركۈم چىلان كۆچىتى يىتشتۈرۈپ چىقىپ، ھەقسىز نامرات ئائىلللەرگە يەتكۈزۈپ بىرىدۇ . يۇرتداشلار خىجىل بولۇپ ئالغىلى ئۇنمىغاندا، ئۇ «مەن بىر ئادەم بېيىسام بولمايدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە بېيىساق ئاندىن بولىدۇ» دەيدۇ . يۈ بىفا چىلان كۆچىتىنى ئاسراش تېخنىكسى جەھەتتە خالىس تەشۋىقاتچى ، تېخنىك بولىدى  ۋە كەنىت ئاھاللىرىغا چىلان تېرىشنىڭ ئىقتسادى ئۈنۈمىنى تەشۋىق قىلىپ، ئېتىز بېشىغا بېرىپ، چىلان تېرىشنىڭ تېخنىكا تەدبىرلىرنى سۆزلەپ چۈشەندۈردى . چىلاننى تىكىش، ئوغۇتلاش، دورا بىرىش قاتارلىق ھالقىلارغىچە دېھقانلارغا بىر-بىرلەپ يىتەكچىلىك قىلدى . نەتىجىدە  2-گۇرۇپپىغا  تىكىلگەن  300 مو چىلان ئىككنچى يىلى ئۇلىنىپ، ئىقتسادى ئۈنۈم كۆرۈلدى . يۈ بىفانىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن كەنىت ئاھالىسى مەمەت ئوسمان مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ تىز بېيىشى ئۈچۈن، لاۋيۈ دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە،ئۆزنىڭ يېرىگە يىتىشەلمىسمۇ، ھامان باشقا يۇرتداشلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق بېشىغا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ چىلان ۋە كېۋەزلىرىنى ياخشى تېرىشقا بىۋاستە يىتەكچىلىك قىلدى» .
    ھازىر يۇرتداشلار چىلان كۆچىتى تىكىش، باغ-ئورمانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىش، كېۋەز تېرىش تېخنىكسىنى  ئىگىلەپ، يۈ بىفا كۆرسەتكەن يولدا ماڭدى . يۈ بىفا قانداق كېۋەز سورتنى سېتىۋالسا،يۇرتداشلارمۇ شۇنداق سورتنى سېتىۋالدى . يۈ بىفا ئۇغۇت بىرىش، كۆچەتنىڭ شاخلىرىنى چاتاش،دورا چېچىش ئىشلىرىنى قىلسا،يۇرتداشلارمۇ شۇ بويىچە قىلدى. ھازىر يۈ بىفانىڭ ياردىمىدە 2-مەھەللىدىكى  باغ-ئورمانچىلىق كۆلىمى 1500 موغا يېتىپ، مو بېشى پايدىسى 1500 يۈەن ئەتراپىدا بولدى . پەقەت چىلانچىلىقتىن بولغان كىرىم 800 يۈەنگە يەتتى .
    2008-يىلى يېزا مۇشۇ كەنتتىكى 50 ئائىلىگە دۆلەتنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش تۇلۇقلىما مەبلىغى ئاجىرىتىپ بەردى. كەنت ئاھاللىرى بەس-بەستە ئۆي سېلىش كۆرسەتكۈچى ئالدى . كەنىت كومىتېتى كەنتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر گۇرۇپپىنىڭ ئۆيلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر تۇتاش پىلانلىدى . يۈ بىفانىڭ كونا ئۆيى بۇ قېتىمقى پىلانغا كىرگۈزۈلدى . ئۇنىڭ كونا ئۆيى دولان يېزىغا كېلىپ، ئىككىنچى يىلى يېزىلىق تەمىنلەش سودا كوپراتىۋىدىن سېتىۋالغان 80-يىللاردىكى كېسەك تام بولۇپ، 30 نەچچە يىل بولغان، ئادەتتە ئۇ ئىقتساد قىلغان پۇلنى باشقىلارنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلەتتى . ئۆزى يېڭى ئۆي سالمىدى . بۇ قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى يىتىپ كەلگەندە، يېڭى ئۆي سېلىش بۇ بىر ياخشى ئىش بولۇپ ھېسابلىناتتى . لېكىن يۈ بىفا كۆڭلىدە باشتىن-ئاخىر قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئويلىغاچقا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنىت كادىرىنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۆزىگە كەلگەن تۇلۇقلىمىنى پۇل چىقرالمايدىغان نامرات ئاممىغا ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولدى . شۇ چاغدىكى كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ئەخمەت ھېلەك بۇنىڭغا قوشۇلماي، «سىزنىڭ كونا ئۆيىڭىزنى قايتا سېلىشقا توغرا كېلىدۇ، سىز كەنتتە پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئاۋال ئۆي سېلىشڭىز كېرەك» دەيدۇ . يۈ بىفا چۈشەندۈرۈپ،«كەنتتە مېنىڭدىنمۇ بەكرەك ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشلەر كۆپ» دەيدۇ .  يۈ بىفا شۇنداق قىلىپ، بۇنداق ياخشى ئىشنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەردى. ئۇ كومپارتىيە ئەزالىرىغا خاس خالىس ياخشى ئىش قىلدى .
     2009-يىلى كەنتكە سىرتتىن بىر قانچە ئائىللىك خەنزۇ ئىشلەمچى كەلدى . يۈ بىفا ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ، ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى . ئۇلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سۆزلەپ چۈشەندۈردى . ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا سىراجىدىن دەيدىغان ئۇيغۇر دېھقان بىلەن خەنزۇ ئىشلەمچى ۋاڭجەن كېۋەز يېرىگە سۇ قويۇش جەريانىدا ئۇرۇشۇپ قالىدۇ. يۈ بىفا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئالدى بىلەن ۋاڭجەننى يېنىغا چاقىرىتىپ، «مەن ئادەتتە سىزگە نىمە دىگەن، ئۇلار بىزنىڭ ياخشى قېرىندىشىمىز، ئۆز-ئارا يول قويۇشىمىز كېرەك، ئۇنچىۋىلا ھېسابلىشىپ كەتمەيلى، مىللەتلەر ئىتتپاقىلىقىغا تەسىر يەتسە، بۇنىڭدىن كېيىن، قانداق بىرگە ياشىيالايمىز... » دەيدۇ . ئارقىدىن يۈ بىفا سىراجىدىننىڭ يېنىغا كېلىپ ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى بۇ زىددىيەتنى ئۆز-ۋاقتىدا تۈگىتىدۇ . سىراجىدىن بىلەن ۋاڭجەن بىر-بىرىگە ياردەم بىرىپ كېۋەز يېرىگە سۇ قويىدۇ . كىيىن ئۇلار ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ .
    «5-ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بەرگەندە يۈ بىفا بۇ زوراۋانلارنىڭ قىلمىشىغا ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، بۆلگۈنچى ئونسۇرلارنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرسىنى چوڭقۇر پاش قىلدى . «كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقى ماھىيتنى ئېنىق تۇنۇپ، بۆلگۈنچى ئونسۇرلار بىلەن چەك-چىگرىنى ئېنىق ئايرىپ، ئىلگىرىكىدەك مىللەتلەر ئىتتپاقلىقنى ياخشى يولغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلىنى مەڭگۈ ئېچىلدۈرىمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈردى . «5-ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بىرىپ، 2-كۈنى ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە 2000 يۈەن پۇل  ئاپىرىپ، «يېزا مېنىڭ بۇ 2000 يۈەن پۇلۇمنى ئاپەتكە ئۇچۇرغان ئاممىغا ئىئانە قىلىپ بىرىڭلار، ئۇلار زىيانغا ئۇچۇرغان بىگۇناھ ئامما، بۇ مېنىڭ ئۇلارغا بىلدۈرگەن كۆڭلۈم » دىدى . يۈ بىفا كەنىتتىكى كەڭ ئاممىغا ۋەقەنىڭ ھەقىقى ماھىيتنى ئۆز ۋاقتىدا بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئاكتىپلىق بىلەن كەنتتىكى باشقا بىر نەچچە پىقشەدەم پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلشىپ، تەشۋىقات گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئۆزنڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق «5-ئىيۇل» ۋەقەسنىڭ ھەقىقى ماھىيتنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ، مىللى بۆلگۈنچىلەرنىڭ جىنايىتنى چوڭقۇر پاش قىلدى ،نەتىجىدە كەنتتە بىرمۇ ئادەم «5-ئىيۇل» ۋەقەسنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرمىدى .     
    ئۇ 2008-يىلى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋىنچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە 2000 يۈەن ئىئانە قىلدى؛ 2009-يىلى مېيىپ، كەمبىغەل ۋە تۆت پىشقەدەملەرگە 2000 يۈەنلىك گۆش ئېلىپ بەردى؛ يەنە شۇ يىلى كەنت ئائىلىسى مۇختەرنىڭ ئۆي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېرىلغۇ يېرىدىن بىر كىشلىك ئۆي زىمىنلىق يەر ئايرىپ بەردى؛ 2010-يلى قۇربان ھېيىتتا 2000 يۈەن چىقىرىپ يېزا تەۋەسىدىكى قىيىنچىلىقى بار 20 ئائىللىكنىڭ ھەر بىرىگە ىىر دانىدىن كىگىز ئېلىپ بەردى؛ 2011-يلى قۇربان ھېيىتتا يېزىدى نامرات، مېيىپلارغا 2000 يۈەن چىقىرىپ ئون، ياغ، گۈرۈچ ۋە نامرات قوشنىسىنىڭ بالىسىغا بىر قۇر ھېيىتلىق كىيىم-كېچەك ئېلىپ بەردى؛ يەنە شۇ يلى سانتۇريەدىكى  قېرى-ئاجىز، مېيىپلارغا 2000 يۈەن چىقىرىپ ئۇن، ياغ، گۈرۈچ، ياغ ئېلىپ بەردى؛ يەنە شۇ يىلى شۇ 3-كەنت 2-گورۇپپىدىكى ئەما قىز ئادالەت بىلەن گاس قىزنازاكەتكە 2000 يۈەن ياردەم قىلدى؛ 2012-يلى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ 2000 يۈەن چىقىرىپ نامرات قىيىنچىلىقى ئېغىر 20 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش ماتىرياللىرى ئېلىپ بەردى؛ 2013-يلى سانتۇريەدىكى  49 نەپەر قېرى-ئاجىز، مېيىپلارغا 2000 يۈەن چىقىرىپ ئۇزۇق تولۇقلاش دورىسى ئېلىپ بەردى.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يۈ بىفا ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلىۋالدى . ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قائىدىسى بويىچە، يۇرتداشلار بىلەن سالاملىشىدۇ، چاقچاقلىشىدۇ. ئۆز ھەركىتى ئارقىلىق ئەتىراپىدىكى ھەر بىر دېھقانغا كۆڭۈل بۈلۈپ كەلدى، ھەقىقى تۈردە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ياخشى خوشنا  بۇلۇپ قالدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار ئۈستىدە توختالغاندا،يۈ بىفا ئۆز پىلانىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ:« مەن ھەر يىلى كەم دىگەندە 2000 يۇەن پۇل چىقىرىپ، يېزىدىكى نامراتلار ، يىتىم-يېسىرلاردىن  ۋە ياشانغانلاردىن  ھال سورايمەن» دەيدۇ.
ئۇ ياقارقىدەك بىر قاتار ئەمىلى ھەركەتلىرى ئارقىلىق 2008-يىلىدىن ھازىرغىچە «2012-يىللىق ياخشى ئادەم»، «مۇناۋەر كومپارتىيە ئەزاسى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخىس» دىگەندەك ناملار بىلەن 17 قېتىم ۋىلايەتلىك مەنىۋى- مەدەنىيلىك قۇرۇلۇش كومتېتى، ناھىيەلىك ۋە يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكىمىتى تەرپىدىن مۇكاپاتلاندى.

  بۇرۇنقى «سەكسەن تام» يېڭىلاشتى، بەرپا بولۇپ بازار ئاۋاتلاشتى
تۇرغۇن مىجىت، گۈلزار دۆلەت
      بىز 16-ئىيۇن كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئاۋات ناھىيە جىنشۇ ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمىزدە بۇ بازارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدا توختاپ كەتكەن بىرەر يۈزگە يېقىن تۇرمۇش ماشىنىلىرىغا قاراپ ئاۋاتتىكى كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بېيىغانلىقىدىن دىلىمىز سۆيۈنۈپ، بۇ بازارغا قىزىقىشىمقىز  ھەسسىلەپ ئېشىپ، بۇ بازارنى ئايلاندۇق. چوڭلارنىڭ، كىچىك بالىلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى؛ ئۈچەي كاۋاپ، قېرىن كاۋاپ، يۈرەك كاۋاپ، تومۇر كاۋاپ، پاقلان گۆشى كاۋاپ، توخۇ كاۋاپ، ئۆدەك كاۋاپلار؛ دوغاپ، سۇدا پۇشۇرۇلغان كاللا-پاچاقلار، ئۆپكە-ھېسىپلار؛ توخۇ-بېلىقلار؛ ھازىرلا باغدىن ئۈزۈپ چىققاندەك ئالما، نەشپىت، شاپتول، قوغۇن-تاۋۇزلار؛ ئاشپىزۇل- ناۋايلار...بۇ بازاردىكى سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىندىغانلارنىڭ خېرىدار چاقىرىپ توۋلاشلىرى بۇ بازارنى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈپ بىزنى ھەيران قالدۇردى.
   بۇ ئەسلى 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا كونا كەپىلىك ئۆيلەر بولۇپ، بۇ يەردە تۇرمىشىمىزدا لازىملىق بولغان رەخ، كىيىم-كېچەكتىن تارتىپ توخۇ، كەپتەر، تۇخۇمغىچە، ئاشپىزۇل ناۋايغىچە، كاۋاپتىن تارتىپ دوغاپقىچە تېپىلىدىغان تۇپىلاڭ كونا بازار بولۇپ، بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەر ئارىسىدا «سەكسەن تام»دەپ ئاتىلاتتى. 2011-يىلى بۇ كەپىلىك ئۆيلەرنى چېقىپ، 21 يۈرۈش تاۋار ئۆي ۋە تۈۋەن ئىجارىلىك ئۆي سېلىپ، 1141 ئائىللىكنى بۇ بىنالارغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ بىرقانچە يىلدىن بويان بۇ بىنانىڭ ئاستىدىكى  يول بويلىرىغا جايلاشقان 174 يۈرۈش تىجارەت ئۆيلىرىدە تاللار بازارلىرى، ئاشپۇزۇللار، ناۋايلار، ساتىراچخانىلار، ساماۋەر شورپىخانىلىرى ۋە تۈرلۈك سودا دۇكانلىرى ئېچىلىپ بازار دىگەندەك قۇيۇلمىغاندى. بۇ يىل ئافىرىل ئايلىرىدىن باشلاپ، بازار باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە بۇ يەرگە مەبلەغ سالغۇچىلار پىلانلاپ مەبلەق سېلىش ئارقىلىق مەخسۇس بازار قىلىشقا ئايرىپ قويغان، توك تارتىلغان كەڭ مەيدانغا شەھەر ۋە يېزا نوپۇسىدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەرگە 150 كىشلىك ئورۇن كىسىپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ تۈرلىك ھالال كەسىپلەر بىلەن شوغۇللۇنۇپ، تۇرمۇشىنى قامدىشىغا ئاسانلىق يارتىپ بېرىپتۇ.
   بىز بۇ قايناق بازارنى ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ مەۋلانجان ئۇستامنىڭ پۇشۇرۇلغان توخۇ گۆشلىرى، ئامبار بېلىقىنى تېتىغاچ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتۇق، ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ھۆل-يېغىن ۋە شاماللار كۆپ بولۇپ ھاۋا تازا قىزىمىدى، قىزىغاندا بىنادىكى كىشلەرنىڭ ھەممىسى ھاۋالانغىلى پەسكە چۈشۈپ ھاۋالانغاچ ئۇنى-بۇنى يەيدۇ، ھەمدە دېھقانلىرىمىز ۋە شەھەر ئائىللىرى بۇ بازار يېڭى ئېچىلغاچ دېگەندەك بىلىپ كەتمەيدۇ، ھازىر توخۇ، بېلىق گۆشلىرى، ئۈگىرە، يومدان قاتارلىق يىمەكلىكلەر تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، شۇنداقتىمۇ كۈنلۈك تىجارىتىم مىڭ يۈەندىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
   «نىئىمەت ئۈگىرە شاھى»نىڭ خۇجايىنى بىزگە مۇنداق دېدى: بۇ بىر ئاي ئىچىدىلا تىجارەتچىلەر، تاۋارلارنىڭ تۈرلىرى كۆپىيىپ، توخۇ سۈتىدىن باشقىنى تاپقىدەك ھالغا يەتتى، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشىمىز بەكمۇ قولايلاشتى. مەن پەقەت ئۈگىرە، چۆچۈرە، تۈگۈر ۋە سامسا ئېتىپ ساتىمەن، كۈنلىك تىجارىتىم 4500 (تۆتمىڭ بەشيۈز) يۈەندىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ، تىجارىتىم ھەر ھالدا يامان ئەمەس» دېدى. بىز بۇ يېڭىدىن بەرپا بولغان قايناق بازاردىكى جۇشقۇن كەيپىياتتىن دېلىمىز سۈيۈنگەن ھالدا ئۆيلىرىمىزگە قايتتۇق.

1

تېما

1

ئەگەشكۈچى

731

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
324
مۇنبەر پۇلى
389
ئىشەنىچ
324
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 00:06:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
80-يىللىرى پويىزغا ئىسىلىپ كەلگەن بايقۇش ئىككەن.

11

تېما

26

ئەگەشكۈچى

5817

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2178
مۇنبەر پۇلى
3084
ئىشەنىچ
2178
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 23:17:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى تەپسىلى خەۋىرىڭىز خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغانمۇ-قانداق؟ خەۋەرنىڭ تىلىغا قاراپ
مەن شۇنداق ھېس قىلىپ قالدىم.

باھا سۆز

غۇرۇر دۇنيادا مۇشۇنداق ئالى جاناپ ئىنسانلارمۇ بار.بەندىلىرڭگەئىنساپ تىلەيمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 12:13

5

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1782

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1185
مۇنبەر پۇلى
654
ئىشەنىچ
1185
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 16:01:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يولداش ئىكەن، ئۇلار بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-5 13:44, Processed in 0.110655 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش