قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
شەپەرەڭ يورۇقتىن يۇمار كۆزىنى، پەرۋانە يالقۇنغا ئاتار ئۆزىنى. ئىۋەنسىز دۇنيادا ھىچ نەرسە بولماس، داغ باسقان شۇڭلاشقا ئاينىڭ يۈزىنى.
پەرۋانە،شەپەرەڭ قاناتلىق ئەسلى، ماھىيەت ئوخشىماس ئوخشىسا شەكلى. ئىنسانمۇ ئەسلىدە شۇنداق يارالغان، ئوخشىماس ھەرگىزمۇ نىيەت خۇي-پەيلى.
بەزىلەر مىسالى خۇددى شەپەرەڭ، ھۆسنىگە بېرىدۇ ياڭزا-ياڭزا رەڭ. ئىجادكار ئەجرىدىن ياراتسا ئۇچقۇن، كۆرەلمەي چىرايى بولار زەپىرەڭ.
بەزىلەر مىسالى پەرۋانىگە تەڭ، بىلسىڭىز ئۇلارنىڭ كۆكسى-قارنى كەڭ. ھەرقانداق يانغىنغا ئاتار ئۆزىنى، تىرمىشىپ ماڭىدۇ ۋاقىت بىلەن تەڭ.
2014-5-30 قاراماي
|