خوشلۇشۇش ناخشىسى
چاڭقىغاندا ئىشلىتەي ، لەۋلىرىڭنى قويۇپ كەت. بوشاپ قالدى تەنلىرىم، بەللىرىڭنى قويۇپ كەت. بالىلىقنى ئەسلەيمەن، چاچلىرىڭنى قويۇپ كەت. ياشلىغىمنى ئەسلەيمەن ، قاشلىرىڭنى قويۇپ كەت. قۇرۇپ قالدى گۈلزارىم، يۈزلىرىڭنى قويۇپ كەت. زۇلمەت باستى قەلبىمنى، كۆزلىرىڭنى قويۇپ كەت. جاندىن ئۆتتى مەسخىرە، كىرپىگىڭنى قويۇپ كەت. يالغۇز ،سەرسان يۈرىگىم، يۈرىگىڭنى قويۇپ كەت. بىزگە چۈشكەن ھىجراننى، بىر ماڭىلا قويۇپ كەت. چىدىمىساڭ ئازاپقا، ئۆزۈڭنىلا قويۇپ كەت. ياق !ئېلىپ كەت ھەممىنى، سۈرىتىڭنى قويۇپ كەت. ئۆلۈپ يەنە تىرىلدىم، گۈللىگەندە كۆرۈپ كەت.
-مەنبە:ئۆز ئەسىرىم.
|