- تىزىملاتقان
- 2013-7-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-2
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2036
- نادىر
- 0
- يازما
- 243
 
- 真实姓名
- ئازادجان ئىبراھىم
- تۆھپە
- 287
- مۇنبەر پۇلى
- 1144
- ئىشەنىچ
- 287
| مەكتەپ مۇدىرى نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك ئازادجان ئىبراھىم ياخشى مۇدىر ياخشى مەكتەپ بىلەن باراۋەر .بىر مەكتەپنىڭ ياخشى –يامان بولۇشى شۇ مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرىغا باغلىق. شۇڭا مەكتەپ مۇدىرى بىر مەكتەپكە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتىنى تولۇق ھازىرلاش بىلەن بىللە مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇپ،مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيىە ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشتە ئۆزىنىڭ چاكارلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،ئامما ئىچىدىكى ئىناۋىتىنى يوقىرى كۆتىرىش كېرەك.بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك: 1.مەكتەپ مۇدىرى يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە بولۇش كېرەك. مەكتەپ مۇدىرلىرى رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئاڭلاشقا ۋە پايدىلىق تەجىربە ساۋاقلارنى،پاكىتلارنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولىشى،يېڭى شەئىلەرگە سەزگۈر بولۇشى،تەسەۋۇر قابىلىيىتى مول بولىشى،پىكىرى ئوچۇق بولىشى،يېڭى پەرەز ۋە لايھەلەرنى قويۇپ تۇرۇشقا ماھىر بولۇشى،ھەر يىللىق تەلىم-تەربىيە ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا يېڭى كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئۇنى يېڭى مەزمۇن بىلەن بېيىتىپ،مەكتەپتىكى خادىملارنىڭ ئالدىغا دائىم يېڭى مۇسابىقىگە چاقىرىش خارەكتىرىنى ئالغان ۋەزىپىلەرنى قويۇپ تۇرىشى لازىم.كۆپلىگەن مەكتەپ مۇدىرلىرى يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ،مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيى ئىشلىرىدا كۆرنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ،كۆپچىلىك ئالقىشىغا ئېشىكەن بولسىمۇ لېكىن بىر قىسىم ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش دېسە بېشى ئاغرىيدىغان ،مەكتەپنىڭ ئىقتىسادىنى قايسى يول بىلەن قاقتى- سوقتى قىلىپ،ئەپچىل ئۇسۇل-چارىلەر بىلەن ئىزقالدۇرماي يەيمەن دىگەنلەرگە بەكرەك باش قاتۇرىدىغانلاريەنىلا مەۋجۇت.بۇ ياخشى ئىستىل ئەمەس.بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى مەكتەپنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىگە خاس ھۇقۇقنى توغرا يۇرگۈزمەيۋاتىدۇ.ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش،مەكتەپ شەرت –شارئىتىنى ياخشىلاش،مەكتەپ ھويلائارام قۇرۇلىشىنى ياخشىلاش،ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش ۋە تولۇقلاش،ئىلغار تەجىربە ساۋاقلارنى توپلاش،ۋە قوبۇل قىلىش،ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرلىشىنى كۈچەيتىش ۋە ئوقۇغۇچى مەنبىينى كۆپەيتىش،ئوقۇ-ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيىە ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئىزدىنىش دىگەنلەرنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمايدۇ.تۈرلۈك ۋاستە،ھىلە-مىكىرلەر بىلەن يوقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى ئالداپ،ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرىۋالغاندىن كېيىن مەكتەپنىڭ ئىقتىسادىنى بىر قوللۇق بىر تەرەپ قىلىپ،ھېساپاتتىكى نۇقسانلارنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىكوم ،خەلق ھۈكۈمەتلىرى ۋە مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ،بۇخىل ناچار ئىللەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغان بولسىمۇ،يەنىلا بەزى مەسىلىلەر ئىزچىل ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.بىرقىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ خۇددى ئۆردەككە سۇيۇقمىغاندەك ئۆزلىرىگە ھېچ نەرسە يۇقتۇرماي كىلىۋاتقان ئەھۋاللار ھىلىمۇ ھەم مەۋجۇت.مەكتەپ مالىيەسىمۇ مالىيە قائىدىسى بويىچە باشقۇرۇلماي،قائىدىگە ئەمەل قىلىنماي كىلىۋاتىدۇ.ئالايلۇق بىر قىسىم مەكتەپلەردە مەكتەپكە كىرىم كىرسە كىرىم تالۇن يېزىلمايدىغان،ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن.كىرىم تالۇن يېزىلمىغان نەخپۇل نەگە بارىدۇ؟ئۇ ئېنىقكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ چۆنتىگە كىرىدۇ.بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى مانا مۇشۇنداق ھارام پايدا ئېلىش كويىدا بولغاچقا ،يېڭىلىق يارىتىش دېگەنلەر زادى ئىدىيىسىدىن ئۆتمەيدۇ.شۇڭا مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۆز ئورنىنى توغرا تونۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ،ئۆزىنىڭ ئىنىۋىتىنى تىكلەشكە،پارتىيىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا تېگەشلىك ھسسە قوشۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا،بۇنداق مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ھەممە ئادەم ئالقىشلايدۇ.ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ.
2.مەكتەپ مۇدىرى ئۆزىدە ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت يىتىلدۈرۈش كېرەك. مەكتەپ مۇدىرى چېقىمچىلىق ،كۆزى كىچىكلىك ۋە ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت قەبىھ ئىللەتلەردىن قەتئىي ساقلىنىپ،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ،تىرىشىپ ئۆگىنىپ ،ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يوقىرى كۆتىرىش بىلەن بىللە توغرا ئىنسانىي خىسلەت،توغرا رەھبەرلىك ئىستىلى ۋە ئىسىل ئەخلاقىي پەزىلەت يىتىلدۈرۈش كېرەك. مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇپ،ئۇنى ھەقىقىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ،ھەممىگە ئوخشاش،بارا ۋەر مۇئامىلە قىلىپ،ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مىھرىنى بىرىشى ،ئۇلار بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ،ئۇلارنىڭ دەردى ھالىغا يىتىپ،ئۇلارنىڭ خوشاللىقىغا خوشال بولۇپ،قايغۇسىغا قايغۇرۇپ،ئۇلار بىلەن ھەمنەپەس ،سىرداش،تەغدىرداش بولۇپ،خوشال خۇرام خىزمەت ئىشلىشىگە مەدەت بىرىپ،تۇرىشى كېرەك.ئوقۇتقۇچى،ئىشچى،خىزمەتچىلەرگە يامانلىق ئويلىماسلىقى ،باشقىلارغا ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ،ياخشىلىقىنى كۆپرەك تەرىپلەپ،ئۇلارنىڭ نەتىجىسى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ئىسىل خىسلەتنى يىتىلدۈرىشى كېرەك.ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ھۇقۇقىدىن پايدىلىنىپ،باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى يوققا چىقىرىدىغان ،يوق يەردىن نۇقسان ئىزدەپ،تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ،يالغان ماتىرىيال توپلاپ،يوقرىغا چاقىدىغان ،ئىچىتارلىق قىلىدىغان،ئاچ كۆزلىك قىلىدىغان،باشقىلارنىڭ شان-شەرىپىگە ھەسەت قىلىپ،كەينىدىن گەپ تېپىپ،زىيانكەشلىك قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.نۆۋەتتە جەمىئىيەتتە ‹‹ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى،مۇدىر بولساڭ خانىم سېنىڭكى››دېگەندەك گەپلەرمۇ تارقىلىپ يۇرىدۇ.بۇنى ئاساسى يوق قۇرۇق گەپ دىيىشكىمۇ بولمايدۇ ئەلۋەتتە.مانا مۇشۇنداق بىر قىسىم چاكىنا مەكتەپ مۇدىرلىرىكەڭ مائارىپچىلارنىڭ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئوبىرازىغا داغ كەلتۈرىۋاتىدۇ.جەمىئىيەتتە ناھىيىتى يامان تەسىر پەيدا قىلىۋاتىدۇ.شۇڭا مەكتەپ مۇدىرى ئالدى بىلەن پەزىلەتلىك بولىشى كېرەك.كۆپلىگەن مەكتەپ مۇدىرلىرى ئامما بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ،بىر مەقسەت بىر نىيەتتە مەكتەپنى ئورتاق باشقۇرۇپ كۆرنەرلىك نەتىجىلەرنى ۋە ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتقان بولسىمۇ ،ناھىيىتى ئاز ساندىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى چاكىنا،قەبىھ يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، يولداشلار ئارا ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن بىللە يەنە جەمىئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلماقتا.شۇڭا مەكتەپ مۇدىرلىرى ئەپۇچان ،پەزىلەتلىك،كەڭ قۇرساق ،سەۋرىچان بولۇپ،ئاممىنىڭ جانىجان مەنپىئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تولىمۇ مەردانىلىق بىلەن ھېسداشلىق قىلىش پۇزۇتسىيىسىدە تۇرۇپ ھەل قىلىپ،ۋەزىيەتنىڭ ئىزچىل ،تېز ياخشىلىنىشىغا كۈچ چىقىرىش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا،ئوقۇتقۇچىلار مۇدىردىن رازى بولۇپ،خىزمەتنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاكتىپ ئىشلەيدۇ.مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش،تەلىمتەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلايدۇ.مەكتەپ مۇدىرى ئۆزىدە بۇ خىل روھنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. 3.مەكتەپ مۇدىرى كۆيۈمچان بولۇش كېرەك. مەكتەپ مۇدىرى بىرمەكتەپنىڭ ئوبىرازىغا ۋەكىللىك قىلىش سالاھىتىنى ھازىرلاشتا مۇدىرلىق ئورنىغا چىققاندىن كېيىن مەكتەپنى خۇددى ئۆز ئۆيىدەك بىلىپ،مەكتەپنىڭ ئومۇمى ئىشلىرىغا كۆيىنىپ،تىرىشىپ مەكتەپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كويىدا بولۇپ،مەكتەپنىڭ ئۆي ئىمارەتلىرى،ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى،تەجىربەخانا سايمانلىرى،تەنتەربىيە سايمانلىرى،گىگىنا ساقلىقنى ساقلاش سايمانلىرى ۋە ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرىنى سەرخىللەشتۈرۈپ،مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ،تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى،سەمىمىي كۆيۈمچان بولۇش كېرەك.كۆپلىگەن مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۆز بۈرچىنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئادا قىلىپ،يوقىرى ئىناۋەت تىكلىگەن بولسىمۇ ،لېكىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى مەكتەپنى گۈللەندۈرۈش ئەمەس بەلكى بۇرۇنقى نەچچە ئەۋلات مەكتەپ مۇدىرلىرى بەرپاقىلغان ئىگىلىكنى يەنى قۇرلۇىش،ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرى ،ئوقۇتۇش قۇراللىرى،دەل-دەرەخ،تەنتەربىيە،گۈزەل-سەنئەت،تەقىربىخانا،كۈتۈپىانا،ماتىرىياللىرىنى ئاسىرىماستىن ۋەيران قىلىپ،پۇرسەت تېپىپ قاقتى سوقتى قىلىپ،مەكتەپنى قاق سەنەم قىلىپ قويىۋاتقان ئەھۋاللارمۇ ھىلىھەم مەۋجۇت. بولۇپمۇ بۇرۇنقىلار نەچچە ئون يىل جاپالىق ئىشلەپ،ھۇجۇتقا كەلتۇرگەن مەكتەپنىڭ دەل-دەرەخلىرى ئاران تولۇقلاپ ئوقۇتۇشقا كىرىشتۇرۇلگەن تەجىربەخانا،تەنتەربىيە ،گۈزەل-سەنئەت ماتىرىياللىرى ۋە ئارخىپ ماتىرىياللىرىنىڭ ئاسىرالماي ،بىر قىسىم كۆيۈمسىز مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ قولىدا ناپۇت قىلىنىشى كىشىنى ئېچىندىرىدۇ. مەكتەپتە مۇدىرنىڭ دېگىنى ھېساپ،مۇدىر ئاق دېسە ئاق،قارا دېسە قارا ،كۆكدېسە كۆك بولىشى ئەمەلىيەت.مەكتەپ مۇدىرى تىجەشچان،كۈيۈمچان بولسا،مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى تېز بولىدۇ.شۇڭا مەكتەپ مۇدىرلىرى مەكتەپنى لاياقەتلىك بىلىم بۆشۈكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ ئۆي ئىمارەت ،گۈزەل-سەنئەت،تەنتەربىيە ،ئوقۇتۇش ئەسۋاپلىرى ۋە ھەر بىر گۈل گىياھ،دەل-دەرخلەرگە كۈيىنىپ،ئۇنى ئاسىراش كېرەك. مەكتەپنىڭ ھەرقانداق مۈلكىنى ئاسىرىشى ۋە كۆيىنىشى كېرەك.مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ،خىزمەتچىلەرنى ،كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ مۈلكىنى ئاسىراش،قوغداشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.مەكتەپ مۈلكىنى ئاسىراش،قوغداش،كۈيۈنىش شەرەپ،مەكتەپ مۈلكىنى ئاسىرىماسلىق ،قوغدىماسلىق كۈيۈنمەسلىك نۇمۇس دەيدىغان قاراشنى تۇرغۇزۇپ،مەكتەپنىڭ مال مۈلكىنىڭ،ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش،ئۆزى باشتىن ئاخىر باشلامچىى بولىشى كېرەك.شۇندق بولكغاندىلا،مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ،ياراملىق ئىزباسارلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 4.مەكتەپ مۇدىرى شەخسىيەتچىلىكتىن خالىي بولۇش كېرەك. ناھىيىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپىئەتىنىلا ئويلاپ باشقىلار بىلەن كارى بولمايدۇ.ھەممە ئىشتا پايدا مەنپىئەت ماڭا بولسا دەپ ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدۇ.بولۇپمۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى ئېلىش،ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنى تەيىنلەش،ئۈنىۋان ئېلىش،ئىلغار سايلاش،ئۆگىنىشكە،ساياھەتكە بېرىش ئىشلىرىدا ئۆزىنى ،ئاندىن ئۆزىنىڭ ئۇرۇق تۇققان،دوست-بۇرادەرلىرىنى ئويلايدۇ.باشقىلارغا يول قويۇشنى ،باشقىلارنىڭ مەنپىئەتىنى ،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ.ھەمىشە باشقىلار بىلەن مەنپىئەت تالىشىدۇ.ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىدۇ.شۇنداق چاغلاردا ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ.مېنىڭ دېگىنىم ھېساپ دەپ باشقىلارنىڭ پىكىرىگە ،ئەمگەك مىۋىسىگە ھۆرمەت قىلماي،يولسىزلىق قىلىدۇ.تېخى بېسىم ئىشلىتپ زىيانكەشلىك قىلىدۇ.نۇمۇس قىلماستىن باشقىلار ئېرىشكەن شان-شەرەپ نەتىجلەرنى كۆرەلمەي،باشقىلارنىڭ ئېشىغا توپا سالىدۇ.مەكتەپتىن بەھرىمان بولىدىغان ئىشلاردىمۇ باشقىلارغا نەپ بەرمەي ئۆزى ۋە ئۆز يېقىنلىرىنى بەھرىمان قىلىدۇ.بۇ نەرسىلەر پەقەت ماڭا تەئەللۇق ،ئۆزەملا ئىشلەتسەم بولىدۇ دەپ قارايدۇ.پۇرسەت تېپىپ مەكتەپنىڭ مۈلكىنى ئىز دېرەكسىز يوقىتىۋېتىدۇ.بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرىدىكى بۇ خىل شەخسىيەچىلىك ئىدىيىسى ئوقۇتقۇچى،ئىشچى ،خىزمەتچىلەرنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈش بىلەن بىللە يەنە ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ،ئاكتىپچانلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ،مۇدىرگە بولغان غەزەپ-نەپىرىتىنى قوزغايدۇ.شۇڭا بىز دائىم مۇدىر ئالمىشىدىغاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ‹‹يېڭى كەلگەن مۇدىر قانداقتۇ؟قول ئىلكىدە بار،كەڭ قورساق،ئوقۇتقۇچى،خىزمەتچىلەرگە ،ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇدىرمىدۇ؟يىمىخور،نەپسى يامان بولسىغۇ بىر ئاپەتكە يولۇققىنىمىز شۇ ،مەكتەپنى شىلىپ يەيمەن دەپ ھېچ نەرسى بىلەن كارى بولمايدۇ››دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز.بۇ ئاچ كۆز،شەخسىيەچى،يىمىخور،يەپسى يامان مۈدىرنى كۆپچىلىكنىڭ يامان كۆرىدىغانلىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.ئەگەر مەكتەپ مۇدىرى ناباپ بولسا ،مەكتەپتە ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكىزىدىغان ،قول ئۇچىدا خىزمەت قىلىدىغان ،تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمايدىغان ،قېتىرقىنىپ دەرىس ئۆتمەيدىغان،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىنتىزامى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئەھۋالى بىلەن كارى بولمايدىغان،خوشامەتچىلىك،تەشكىلسىزلىك،ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىمۇ تۇرغان گەپ.شۇڭا مەكتەپ مۇدىرلىرى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى،ئاممىنىڭ تۈپ مەنپىئەتىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇشنى شەرەپ دەپ بىلىپ،خەلق بەرگەن ھۇقۇقنى خەلىقنىڭ جانىجان مەنپىئەتى ئۈچۈن ،ئىشلىتىش،ئاچ كۆزلۈك،چاكىنىلىق ،شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا،مەكتەپ مۇدىرى ئۆزىنىڭ ئامما ئىچىدىكى ئىناۋىتىنى يوقىرى كۆتىرىپ،كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. |
|