تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1227|ئىنكاس: 7

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئەدىبەلەر ئەنجۈمەنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

12

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
3
مۇنبەر پۇلى
6
ئىشەنىچ
3
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 12:34:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   2014-يىلى 6-ئاينىڭ 8- كۈنى ئاقسۇ شەھىرى بىر توپ ئەتلەس كۆينەك ۋە چىمەن دوپپا كىيگەن خانىم –قىزلارنىڭ شوخ جۇلاسى بىلەن ئاجايىپ گۈزەللىشىپ كەتكەن ئىدى.ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئەدىبەلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىكى ئايال قەلەمكەشلەردىن ئامانگۈل نىياز (ئىگەچى مەركىزىي قوش تىل بالىلار يەسلىسىدىن) نىڭ بىۋاستە تەشكىللىشى ۋە بىر قانچە كۈن تەرتىپكە بۆلۈپ  ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن گۈلئايىم ئەزىز خانىم( ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ پىنسىيونىرى)،راھىلە ئابدۇراھمان («ئاقسۇ ئەدەبياتى»ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىن)،باھارگۈل مەمتىمىن سەرۋى(كارخانىچى)، پاتىگۈل قاسىم تۆرىبەگ قاتارلىقلارنىڭ ساھىپخانلىقىدا توققۇز ناھىيەنىڭ ئايال ئەدىبلىرى ئاقسۇ شەھرىنىڭ چېتىگە جايلاشقان «دولانلىقلار ئائىلىسى» ساياھەت ئارامگاھىدا جەم بولۇشتى، ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بىر ئوتنىڭ تەپتىدە يالقۇنجاۋاتقان  ۋۇجۇدلاردىن  سەپەر ھارغىنلىقى ياكى يېتىرقاشلار  يىراققا قاچقان،ئوخشاش بىر مەقسەت،ئوخشاش بىر مۇھەببەت، ئوخشاش بىر ئىستەك !!! قەلب تىۋىشلىرى ئارقىلىق  ئاللىقاچان تونۇشۇپ بولغان ئەدىبەلەرنىڭ كۆزلىرىدىن چاقنىغان ھاياجانلىق ياش قەترىلىرى،يېنىشلاپ قۇچاقلىشىشلار،تويماي قاراشلار، قەدىناس دوستلاردەك مۇڭدىشىشلار داۋام ئېتىۋاتقان شۇ پەيتتە ئۈرۈمچىدە ئاپىسىنى داۋالىتىۋاتقان رۇقىيە ئابدۇللا(«كۆسەن مەدەنىيىتى»ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىن)نىڭ تېلىفۇندىكى يىغا ئارىلاش سېغىنىشلىق سالامى يۈرەكلەرنى تىترەتتى ...باش ساھىپخان ئامانگۈل نىياز بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىۋى،پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى،بۇندىن كېيىنكى يۆنىلىشى ئۈستىدە سۆز قىلغاندىن كېيىن،مول نازۇ-نېمەتلەر بىلەن تەييارلانغان شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقان ھەر ساھە-ھەر كەسپتىن كەلگەن ئەدىبەلەر بىرمۇ- بىر ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى تۇنۇشتۇرغاچ قەلب سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىشتى،ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە  تەكلىپكە بىنائەن 68 ياشقا كىرىپمۇ يېزىقچىلىقنى تاشلىمىغان،90- يىللاردا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن،مول تۇرمۇش ۋە يېزىقچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە  گۈلئايىم ئەزىز خانىم «ئايال ئاپتورلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە نۇقتىلار» ئۈستىدە سۆز قىلدى ،«كۆسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى،تالانتلىق يازغۇچى پاتىگۈل نىياز «يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات ئايال يازغۇچىلاردىن نىمىلەرنى كۈتىدۇ»دېگەن تېما ئۈستىدە توختالدى.ئارقىدىن راھىلە توختى (توقسۇ ناھىيىسىدىن)،گۈزەلنۇر ئەمەت(ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىن) رۇشەنگۈل تۇنياز(باي ناھىيىسىدىن)زۆھرەگۈل ھامۇت(شايار ناھىيىسىدىن)پاتىگۈل قاسىم(ئاقسۇ شەھرىدىن)پاشاگۈل ئىسمائىل(كۇچا ناھىيىسىدىن) بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن شېئىرلىرىنى جاراڭلىق دىكلاماتسىيە قىلدى ،ھەر-بىر ئەدىبەنىڭ سۆزى ۋە دىكلاماتسىيەسى ئاياقلاشقاندا ھاياجانغا تولغان   قىزغىن چاۋاكلار زالنى بىر ئالاتتى !   
بىر سائەت ئەتراپىدا باغنى ساياھەت قىلىش،سىردىشش،خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاقسۇ شەھرىدىكى تۆت نەپەر ئەدىبەلەر كۆمۈشرەڭ چاچلىرى ھۆسنىگە تولىمۇ ياراشقان گۈل ئايىم ئەزىز خانىمغا گۈلدەستە تەقدىم قىلغاندا گۈلدىراس ئالقىشلار ئۇزۇنغىچە توختىمىدى،خانىمنىڭ كۆزىدىكى ھاياجانلىق ياشلىرى ھەممىنىڭ يۈرىكىنى ئېرىتىۋەتتى.... شىنجاڭ ۋاقتى سائەت  ئون بىردىن بەشكىچە ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەت نۆۋەتتە ئەدىبەلەرنىڭ قانچىلىك ئىزدىنىپ ،قانداق روھ بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى،يېزىقچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇئاييەن ئاساس ھازىرلىدى.شۇنداق قىلىپ  پائالىيەت خۇلاسە قىلىندى،باش ساھىپخان ئامانگۈل نىياز ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ماشىنىلار خوشلىشىش جەريانىدىكى تەسىرلىك مىنۇتلارغا شاھىد سۈپىتىدە نۇرغۇن گۈزەل ئارمانلارنى ئېلىپ ئاستا قوزغالدى.

   

  

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

12

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
3
مۇنبەر پۇلى
6
ئىشەنىچ
3
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 12:38:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم  دىيارىم ئەزىزلىرى !!  رەسىملەر بەك ياخشى چىقىپتىكەن ، ئەپسۇس كۆرۈنمەي تۇرۋالدى ، ئۆزرە !!

95

تېما

34

ئەگەشكۈچى

8710

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3204
مۇنبەر پۇلى
3990
ئىشەنىچ
3204
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 16:50:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇرەتلەر كۆرۇنمەيدىغۇ؟

4

تېما

0

ئەگەشكۈچى

125

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
34
مۇنبەر پۇلى
79
ئىشەنىچ
34
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 12:15:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇپائاليەتتىن تولىمۇ سۆيۈندىم !

11

تېما

26

ئەگەشكۈچى

5817

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2178
مۇنبەر پۇلى
3084
ئىشەنىچ
2178
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 20:07:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەتلەرمۇ بىللە چىققان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى!

2

تېما

4

ئەگەشكۈچى

384

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
ئابدۇرېھىمجان
تۆھپە
93
مۇنبەر پۇلى
272
ئىشەنىچ
93
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 10:42:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇرەتلەر كۆرۇنمەيدىغۇ؟
كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 22:02:32
مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئاقسۇ دىيارىمىزدىكى ئايال يازغۇچىلارنىڭ  روھىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-5 13:00, Processed in 0.107376 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش