تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1278|ئىنكاس: 4

مۇزلىغان يۈرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

1

ئەگەشكۈچى

481

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
171
مۇنبەر پۇلى
286
ئىشەنىچ
171
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 06:18:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەسلار ئادەم ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق سوغۇقلارنى بىشىدىن،ئۆتكۈزىدۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە يىتىمچىلىك،مۇھەببەت،بايلىق،يوقسۇزلۇق،دىگەندەك كۆپلىگەن ئامللاربار بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ نازۇك بىرى باربولۇپ ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەت،مانا مىنىڭ يازماقچى بولغان ئەسىرىممۇ دەل ئاشۇ مۇھاببەتنىڭ ئىگىز پەس داۋدانلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بىر،مىسكىن يۈرەكنىڭ شاتلىق ۋە قاۇغۇلىرى.....


بىزنىڭ مەھەللىدە بىرنەچچە باللار باربولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە مەن ئوتتۇرانجىسى ئىدىم،بىزنىڭ مەھەللىمىز تولىمۇ ئاۋات ئادەملىرى مىھمان دوس،مەنزىرلىك تولىمۇ چىراقلىق ئىدى كەچ ۋاختلىرى بولسا مەھەللىمىزدىكى بالىلار بىر بولۇپ ئەتىراپنى بىشىمىزغا كىيەتتۇقتە،ئىشىك ئالدىغا شامالدىغىلى چىققان چوڭلار بولسا ۋوي پالانى(تاز) بوش ۋاقىرە ئادەمنىڭ بىشىنى ئاغىرتمايدىسە يەنە بىرلىرى ھەي بالام پۇستانى گۈل قىزىم ماياققا ئۆتىڭە،يىلى بىكا يىغلايسىز دىگەندەك بىرنەچچە ئىغىز ۋاقىراپ قويۇپلا يەنە ئوزلىرىنىڭ پاراڭلىرى ئۆستىدە مۇنازىرلىشەتتى،بىزبولساق چوڭلار توسقاندا ئانچە مۇنچە توختاپ قويۇپلا يەنە ئۆزىمىزنىڭ ئوينىنى ئويناۋىرەتتۇق،مانامۇشۇ ئىللىق مىھرى ئىسسىق بىزنى ئۆزقوينىدا ئەركىلىتىپ بىقىپ چوڭ قىلغان مەھەللىمىزدە يەنە مەن بىلەن بىرياشتا زورەم ئىسىملىك بۇقىزمۇ مەھەللىمىزنىڭ بىردىن بىر غۇنچىسى بولۇپ چوڭ بولىۋاتاتتى ،كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن مانا ھەش-پەش دىگۈچە مەنمۇ مەكتەپ يىشىغا بىرىپ قالدىم،ئەتىرەت باشلىقى ۋە مەھەللە كادىرلىرىنىڭ،يىتەكلىشىدە بىزمۇ مەكتەپكە باردۇق،مەن بىلەن تەڭ ياشتىكى ۋە چوڭ كىچىك ئاساسى مەكتەپ يىشىدىكى باللىلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى،مانا شۇنىڭ بىلەن بۇ گۈزەل مەھەللىدىكى ۋاراڭ چۇرۇڭلارمۇ بىرمەھەل پەس كويغا چۈشۈپ قالدى،مەن چۈشلۈك دەم ئىلىشتا ئۆيگە قايتقىنىمدا بولسا ئەتىراپتىكى چوڭلارنىڭ بىرسى ۋوي تاز مەكتەپتىن قايتتىڭما دىسە بەزىلىرى،ھە بالام دەم ئىلىش قىلغان ئوخشىمامسەن جۈرە ئۆيگە كىرىپ ئۇسۇزلۇق ئىچىۋال دەيتتى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە (ھەسەن)كاسكىمۇ ئەنچە مۇنچە چاقچاق قىلىپ ۋوي مەكتەپ مايمۇنى تۇرۋاخۇن ئاكامنىڭ كىچىك تىزى كەلدىڭما،سەن تاز يوقزە قۇلاقمۇ خىلى تىنجىپ قالدىجۇما ھى ھى ھى ھى چاقچاق ھە بالام،ماڭە ئاۋۇ ئۈجمىدىن ئىلىپ بىراي دەيتتى،مەن رەخمەت ئاكا ئۆيگە قايتمىسام بولمايدۇ چۈشلۈك تاپشۇرقۇم بار دىگەن پىتىم كىتىپ قالاتتىم،ھەسەنكام بولسا كۈلۈپ قويۇپ ئاچچىق موخۇركىسىنى گىزىتنىڭ پارچىسىغا ئوراپ ئوتتۇتاشتۇرۇپ ئىغىر ئىغىر شورغىنىچە تۇرۇپ قالاتتى،دادامنىڭ ئىيىتىپ بىرىشچە بۇ ھەسەن كاسكى ھەسەنكام باشقا يۇرتلۇق بولۇپ ئازاتلىقتىن كىيىن،ئوتۇن باسقان تۆت ئاتلىق ھارۋا بىلەن مۇشۇ مەھەللىگە پەيدابولغانچە مۇشۇيەردە تۇرۇپ قالغان ئىكەن ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ھەسەن يىلىم بولۇپ،تولا گەپ قىلىپ يۈرگەچكە كىشىلەر ئۇنى ھەسەن كاسكى دەپ ئاتىشاتتى،ئۇ ئۆزى ئۇنداق كاسكى بولغانبىلەن مەھەللىمىزدە كىشىلەرنىڭ سۈيىنى توشۇپ مىلىنى بىقىپ،دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ مەھەللىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپقالغان ئىدى،بەزىدا دادامبىلەن ھىسەنكام ئۇزىندىن ئۇزۇڭغا مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى،ئۇلارنىڭ ۋوي تۇراپ ئاخۇن ئاڭلىدىلىما ما يىقىندا ئەمىركىدا،«ئامېركا دىمەكچى»بىرنەرسە پەيدابولۇپتۇ ئۇنىڭغائادەم چىقىرىپ ماڭامىش،دىسە دادام ياقىسىنى چىشلىگىنىچە ياۋ  توۋا مۇشۇ چەتەللىك دىگەننى ئاشۇ،ھە ھەسىناخۇن سىلىمۇ بىلىلىغۇ جاڭجىشىمۇ ئاشۇنداق بى نەرسە بىلەن،يىلىقى تايۋان دەمدۇ بىريەرگە قىچىپ كىتىپتىغۇ«تەيۋەن»دىمەكچى:
دىگەندەك مۇشۇنداق پاراڭلارنى سىلىشىپ ئولتۇراتتى،مەن بولسام بۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى گەرچە چۈشەنمىسەممۇ بىرە خوشنىمىزنىڭ بالىسى سىرتقا چىققۇچە ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ كەتسەم،بەزىدە مىھرىبان سۆيۈملىق دادامنىڭ يوتىسىغا بىشىمنى قويغۇنۇمچە مىلىق مىلىق ئۇيقۇغا غەرىق بولاتتىم،شىرىن ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقىنىمدا دادام تولىمۇ يىقىملىق ئاۋازدا بالام ئاندۇسوپۇر دىدىدە يۈزلۈرۈمنى سىلىغاچ مەن كۆزۈمنى مىڭبىر تەستە ئىچىپ دادامغا قاردىم،دادام تۇرە بالام ئاۋۇ ئادىشىڭ ئوينىغىلى چىقىپتۇ سىنى چاقىرۋاتىدۇدىدى،مەن چالا ئۇيقۇلۇق چاپاق كۆزلىرىمنى ئىچىپ قارغىنىمدا مىنىڭ جانجىگەر دوستۇم مۇھەممەت ئىلى مىنى ساقلاپ قاراپ تۇراتتى،مەن ئۇنى كۆرۈپلا ئورنۇمدىن چاچچاپ تۇردۇم ھەمدە دادا ئۇماق دادا مەن ئويناپكىلەيچۇ دىدم دادامنىڭ بوينىغا ئىسىلىپ دادام بولىدۇ باغىن بالام بىرىپ ئوينا لىكىن يىراققا كەتمە جۇمۇ دىدى مەندىن ئەنسىرگەندەك قىلىپ مەن ماقۇل دىگىنىمچە يۈگۈرۈپ ماڭدىم،دادام ۋوي تاز قوسقۇڭنى تويغۇزىۋال راس دىدى مەن بولدى قوسقۇم توق دىگنمچە دوستۇمنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۈگۈرۈپ كىتىپ قالدىم بىز ئاززىراق ماڭغاندىن كىيىن كونا ئادىتىمىز بويچە مەھەللىمىزدىكى قىرى ئۈجمىنىڭ تۈۋىگە يىغىلدۇق بۇباھار ئايلىرىنىڭ خىلى ئىللىپ قالغان  كۈنى بولغاچقا بىز ھەممىمىز ئۇچىمىزدىكى ئىغىر قولايسىز قىشلىق كىيىملەرنى سىلىپ تاشلاپ يەڭگىل ئەركىن ئازادە،ئويناش ئۈچۈن تەمشەلدۇق  ،شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ھەربى دۈشمەن ئويىنىمىز باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى مەن يەنىلا باش قوماندان سالاھىيىتىم بىلەن ئۆزۈم ياسىۋالغان ياغاچ مىلتىقنى دولامغائىسىپ يەنە قوناقنىڭ شىخدا چىرايلىق ھەم راۋرۇس ئوخشۇتۇپ ياسىۋالغان،يان تاپانچامنى بىلىمغا قىستۇرۇپ گىدىيىپ قاراپ تۇراتتىم،ئالدىمدابولسا قولئاستىمدىكى بالا ئەسكەرلەر تىزىلىپ  مىنىڭ بۇرۇق بىرىشمنى ساقلاپ تۇرماقتا ئىدى بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇچىسىغا ھاۋارەڭ كۆينەك بىشىغا  كاتەكچە گۈللۈك ياغلىقنى چىرايلىق ياراشتۇرۇپ ئارتىۋالغان زورەممۇ،بارئىدى ئۇ بىلىكىگە ئۆزىمىز قىزىل رەڭدە ئاق خەسىگە دوختۇر بەلگىسى سىزىپ ياسىۋالغان يەڭ بەلگىسىنى تاقاپ ياغاچتىن يارالغان ئۇكۇل ۋە باشقا داۋالاش سايمانلىرىنى پوپكىسىغا سىلىپ قاراپ تۇراتتى  ئۇ قىسمىمىزدىكى بىردىن بىر ئايال ئەسكەر بولۇپ ياردارلارنى داۋالاشقا مەسئۇل ئىدى،مەن ئەسكەرلەرنى بىرقۇر كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كىيىن قانداق جەڭ قىلىش توغۇرسىدا بۇيرۇق بەرگەچ جەڭ بولىدىغان ئورۇننى بەلگىلەپ بەردىم،بىزنىڭ جەڭ مەيدانىمىز بولسا،مەھەللىمىزدىكى خىش زاۋۇتى بولۇپ بىزنىڭ چۈشمەنلىرمىز بىزبىلەن قارشى مەھەللىدىكى بالىلار ئىدى،بىز 14 بالا ئىككىگە بۆلۈنۈپ بىرتەرەپ دۈشمەن يەنە بىرتەرەپ ھەربى بولۇشاتتۇق،شۇنداق قىلىپ بۇ بىرمەيدان جەڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى،مەن بىلىمدىكى تاپانچمنى چىقاردىمدە ئاسمانغا قارتىم ئىغىزىمدا پاڭ قىلىپلا بىرپاي ئوق ئاتتىم ھەمدە ۋۇررا دىگىنىمچە يۈگۈردۈم شۇنداق قىلىپ بۇ شىددەتلىك جەڭ باشلاندى تاتاتاتات ،چۇ چۇ چۇ،پاڭپاڭپاڭ،بوڭ،دىگەندەك ئاۋازلارنى چىقىرشىپ دۈشمەنلەرگە بەربە بىرۋاتاتتۇق ئاردىن {ئا} دىگەن ئاۋاز بىلەن بىرى يىقىلدى مەن چىئۇ چىئۇ قىلىپ ئىككى پاي ئوق ئىتىۋاتقاندىن كىيىن،دوختۇر،دوختۇر تىز تىز بۇل خەتەرلىك دەپ تولىدىم شىددەت بىلەن ئىتىلىۋاتقان ماياقچە چوڭلۇقتىكى چالما ئوقلار ئارسىدىن دوختۇرقىز زورەم كىلىپ كەلدىدە پوپكىسىنى ئىچىپ ياردارنى داۋالاشقا باشلىدى،مەن ئىككى ئەسكەرنى ياردارنى دەرھال يۆتكەشنى بۇيرىغاندىن كىيىن دولامدىكى ياغاچ پىلىمۇتۇمنى قولۇمغا ئىلىپ چاچچاراپ چىقىپ دۈشمەنلەرگە زەربە بەردىم تاتاتاتاتاتات دىگەن ئاۋاز بىلەن كەينى كەينىدىن ئا    ئا   ئا دىگىنچە ئۈچ دۈشمەن يىقىلدى، قىرىشقاندەك مۇشۇنداق چاغدا قوقۇمنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن دۈشمەنلەردىن بىرى خاخا ئۇنىڭ ئوقى تۈگىدى،ئۇنى تۇتايلى دىگىنچە يۈگۈرۈپ كەلدى مەن بىلىمدىكى ياغاچ پىچىقىمى چىقىرىپ ئۇلاربىلەن ئىلىشتىم،ئاردىن پاڭ قىلغان ئاۋازبىلەن يەرگە  يىقىلدىمدە كەينىمگە قارسام دۈشمەنلەرنىڭ باش قوماندانى ماڭاقاراپ تۇراتتى ئۇ ماڭا قاراپ تەسلىم بول بولمىسا ئىتىۋىتىمەن دىدىدە قولىدىكى سۈپۈرگىنىڭ سىپىدە ياسىۋالغان مىلتىقىنى ماڭا تەڭلەپ تۇرۇپ،مەن ئاتە قىنى مەن تەسلىم بولمايمەن دىيىشىمگىلا ئۇ پاڭ قىلىپلا يەنە بىرپاي ئوق ئاتتى بۇ ئوق مىنىڭ پۇتۇمغا تەگدى،ئاردىن چىئۇ قىلغان ئاۋازبىلەن بۇ باشقۇماندانمۇ يىقىلدىدە ئورنىدىن تۇرالمىدى،بۇ ئوقنى بىزنىڭ سويۈملۇك دوختۇر قىزىمىز زورەم ئاتقان بولۇپ ئۇنىڭ تۇنجى قىتىم قورال ئىتىشى ئىدى، ئۇ يۈگۈرۈپ كىلىپ باشلىق يارلىنىپسىز دىدىدە يىنىدىكى داۋالاش سايمانلىرىنى چىقىرىپ پۇتۇمنى تاڭنى ھەمدە ناننىڭ ئۇۋۇقىدا ياسىۋالغان دورسىدىن ئىككىتالنى ماڭا ئىچۆۈزدى،كەچنىڭ كىرىشى بىلەن بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ جىڭىمىز مۇشۇيەرگىچە بولدى ھەمدە ھەممىمىز توپىلىرمىزنى قىقىشىپ،ئۆيلەرمىزگە قايتىدىغان بولدۇق.
مانا مۇشۇنداق سەبى بالىلىق چاغلىرىم ئاياغلىشىپ بىشىمدا ئەقىل ئىدىراك قۇشلىرى ئەگىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىردە،بىز،بۇ بىزنى ئۆزقوينىدا يىتەكلەپ كىلىۋاتقان مەكتىۋىمىزدىن ئايرىلىپ،ئولۇقسىزغا كۆچىدىغان بولدۇق،بۇيىڭى مەكتەپ مۇھىتى بىزنى ئانچە قىزىىقتۇرالمىغىنى بىلەن يىڭى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىللىقلىقى،ۋە ئۇلانىڭ مىھرىبانلىقى ئاستىدابىزمۇ بۇمەكتەپكە كۆنۇپ قالدۇق،مىنىڭ ئاياتتىكى مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىممۇ مۇشۇ مەكتەپتىن باشلاندى،بىزنىڭ سىنىپتا كوناساۋاغ داشلىرىمدىن باشقا يەنە بىرنەچچە يىڭى باللارمۇ بارئىدى،شۇڭا بىز مۇھەللىمگە يالئۇرۇپ يۈرۈپ كونا ساۋاغداشلارنىڭ بىرپارتىدا ئولتۇرشىمىزغا روخسەت قىلىشنى قولغا كەلتۈردۇق،مەن ئوتتۇردىكى پارتىدا ئولتۇردىغان بولۇپ مەن بىلەن بىرگە يەنە ئىككى ساۋاغدىشىم بىللە ئىدۇق،بۇلارنىڭ بىرسى بولسا ئاشۇ مەھەللىمىزنىڭ گۈلى زورەم ئىدى،مەن ئوڭياندا ئۇ بولسا سولياندا ئولتۇردىغان بولۇپ ئوتتۇرمىزدا ئەكبەرجان ئىسىملىك بىر ساۋاغدىشىمىز ئولتۇراتتى،بىزئۈچىمىز ئانچە مۇنچە قارشىپ قويغاچ يەنە ئۆزىمىزنىڭ دەرسى بىلەن بولاتتۇق،مەن قىززىقىپ تاپشۇرۇق يىزىۋاتاتتىم تۇيۇقسىز {ئابدۇسوپۇر}ئۇنىڭ مىنى تۇنجى قىتىم چاقىرشى ئىدى ئۇنىڭ بۇ يىقىملىق سىپايە تەبى ئاۋازى ھىلىھەم ئىسىمدە،مەن بىشىمنى كۆتۈرۈپ قاردىمدە قەلەمنى ئىككى بارمىقىم بىلەن چىڭ قىسىپ تۇرۇپ ئۇماڭا تولىمۇ ئىللىق چىرايبىلەن قاراپ تۇرۇپ
---- ئۆچۈرگۈچىڭىزنى  بىرىپتۇرڭەدىدى،مەن كۈلۈمسىگىنىمچە ئۇنڭغا ئۆچۈرگۈچنى سۇندۇم،ئۇنىڭ يۈزىگەقارغان ۋاختىمدا چىرايىم ئوت بولۇپ يىنىپ كەتكەندەكلا بولۇپ كىتىۋاتاتتىم،چۈكى مەھەللىمىزدىكى ھەرقانداق بىرە قىزماڭاگەپ قىلسا ياكى چاقىرسا خىجىللىقنىڭ دەدىدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولاتتىم،ئۇئۆچۈرگۈچنى ئىشلىتىپ بولۇپلا ماڭاقايتۇردى
----رەھمەتسىزگە دىدىدە ماڭا ئۆچۈرگۈچنى سۇنغاچ،مەن ئالدىمدىكى دەپتاردىن بىشىمنى كۆتۈرمەيلا بولدى سىز ئىشلىتىڭ مەندە يەنە باردىدىم،ئۇمۇ گەپ قىلمايلا ئوقۇشقا كىرشىپ كەتتى،مانابۇ كۈن مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغىسىز بىركۈن بولدى.
داۋامى بار

8

تېما

1

ئەگەشكۈچى

481

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
171
مۇنبەر پۇلى
286
ئىشەنىچ
171
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 15:26:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇقام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-17 04:55  

شۇنداق قىلىپ ئارمىزنى بەشمىنۇتچە جىمجىتلىق قاپلىدى،مەن تاپشۇرقۇمنى ئۇنىڭدىن بىرە مىنۇتچە بۇرۇن يىزىپ بولغانئىدىم،مۇشۇ ئارلىقتا ئۇنىڭ يانتەرپىدىن قاردىم ئۇنىڭغا قارغىنىمدا ئۇ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن تاپشۇرۇق يىزىۋاتقان بولوپ ئۇنىڭ بىرجۈپ قۇي كۆزلىرى ئالدىدىكى پارتا ئۈستىدە قويۇلغان دەپتەردىن ئۈزۈلمەيتتى، مەن ئۇنڭغا قارغانسىرى خىياللىرىم مىنى بىرياقلارغا باشلاپ ماڭاتتى تۇيۇقسىز خيالىمغا بۇندىن نەچچە يىل ئىلگىرى يۈزبەرگەن بىرئىش كەلدىدە خيال دىڭىزىغا غەرىق بولۇپ ئاقماقتا ئىدىم.خىلى كىچىك ۋاختىم ئىدى بىركۈنى بىز مەكتەپتىن قايتتۇق ھامدە تاپشۇرۇقلىرمىزنى بىللە ئىشلىشىپ،بىللە ئوينىماقچى بولۇپ ھەممىمىز قىرى ئۈجمە تۈۋگە يىغىلدۇق ئارمىزدا پەقەت زورەملا يوق ئىدى،مەن باللادىن سوردۇم باللار ئۇنىڭ ئاغرىمقالغانلىقىنى ئىيىتقانىدنكىيىن،مەن ئۇنى يوقلاپ چىقىش قارارىغا كەلدىم،تۇيۇقسىز چوڭلارنىڭ كىسەل يوقلىغاندا يەليىمىش دىگەندەك نەردىلەرنى ئىلىپ كىرىپ كىسەل يوقلايدىغانلىقى ئىسىمگە كىلىپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن مەن مەھەللىمىزدىكى بىرباغقا ئوغۇرلۇقچە چۈشتۈم چۈشۈپ بىرنەچچە تال ئالما ۋە نەشپۈت ئىلىپ چىقتىمدە زورەمنى يوقلاپ چىقتىم،ئاردىن نەچچە ئاي ئۆتتى بىركۈنى زورەم مىنى بىغىغا كىرىپ ئويناشقا تەكلىپ قىلدى مەن ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ بىغىغا كىردىم لىكىن كىرىپ شۇنداق كۈلۈپكەتكەن ئىدىم ئۇ باغ دەل مەن ئالما ۋە نەشپۈت ئوغۇرلاپ ئۇنىڭ كىسىلىنى يوقلاپ چىققان باغ بولۇپ بۇ باغ ئەسلى ئۇنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ بىغىئىدى،شۇنداق خىياللاربىلەن ئولتۇرغىنىمدا تۇيۇقسىزچىلىنغان مەكتەپ قوڭغىرقىنىڭ ئاۋازى خىياللىرىمنى ئاللا قاياقلارغا ئۇچۇرۋەتتى،ئەسلىمگە كىلىپ ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ دەپتەرقەلەملىرىمنى رەتلەپ يىغۇشتۇردۇم،ھەمدە سىنىپتىن چىقىشقاتەمشەلدىم ھەممىمىز مۇئەللىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بويچە مەكتەپ ئىچىنى سۈپۈرۈپ سۇچىچىپ تاشلاشقا باشلىدۇق ئۇغۇللار سۇ ئەكىرىشكە قىزلار سۈپۈرۈشكە مەسئۇل بولغان ئىدۇق لىكىن سۈپۈرگە يەتمەسلىك سەۋەبىدىن بىرنەچچە قىزلارمۇ بىزبىلەن بىرگە سۇئەكىرمەكچى بولۇپ سۇغا چىقتۇق،بىز سۇئالىدىغان كۆلچەك بەكلا چوڭ بولغاچقاكىچىك باللارنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن  ئەتىراپى  چىتلىۋىتىلگەن ئىدى،پەقەت بىرلا ئىغىزى باربولۇپ ئادەتتە كىچىك بالىلار ياكى قىزلار سۇ ئالامايتتى شۇڭا چوقۇم بىرەسىمىز سۇغا كىرىپ تۇرۇپ كۆلنىڭ قىرغىقىدىكىلەرگە سۇئىلىپ بىرشىمىز كىرەك ئىدى،شۇڭامەن ئىشتىنىمنى تۈرۋىتىپ سۇغا كىرىدىمدە باللارغا سۇ ئىلىپبىرىشكە باشلىدىم،باللار بىرنەچچە چىلەك سۇنى ئىلىپ كىتىشكەندىن كىيىن كۆلنىڭ تىگى يۇمشاپ پىتىپ قىلىشقا باشلىدىم شۇڭا ئورنۇمنى يۈتكەش ئۇچۇن ئوڭ پۇتۇمنى شۇنداقلا بىر يۆتكۈگۈنىم بىلەن پۇتۇمىڭ ئالىقىنى شۇنداق ئىچىشىپ كەتتى،پۇتۇمنى بىرنەرسىنىڭ كىسىۋەتكەنلىكىنى بىلدىميۇ لىكىن نىمە كەسكەنلىكىنى بىلەلمىدىم،ۋاي ئاللا پۇتۇم دىدىمدە كۆلنىڭ لىۋىگە يىقىنلاشتىم تۇرغان يىرىمدىكى بىرپارچە كىگىزنىڭ ئورنىدەك يەرنىڭ سۈيى قانغا بويالغان ئىدى،بۇنى كۆرگەن بەزى باللار قوققىنىدىن قىچىپ كىتىشتى،بەزىلىرى بولسا ئاللا ئەمدى قانداق قىلىمىز دىيىشىتى،بەزلىرى مۇئەللىمگە خەۋەرقىلغىلى ماڭدى،بۇئارلىقتا مەنمۇ قاشقا چىقىپ قارسام پۇتۇمنىڭ ئالىقىنى بەكلا چوڭ كىسىلىپ كەتكەن بولۇپ خۇددى بىر چوڭ بىلىق ئاغزىنى ئىچىپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى،مەن قانچىققان يەرنى چىڭ بىسىپ تۇرۇپ بىرەسىدىن لاتا پىتىم كىلىشنى دىدىم،بۇئارلىقتا زورەممۇ كەلدى،كىلىپلا پۇتۇمنى كۆرۈپ قولىدىكى چىلەكنى تاشلىۋىتىپ ئۇچىستىكى چىكەن گۈللۈك ئۆزىگە شۇنداق ياراشقان كۆينىكىنىڭ يىڭىنى يىرتتى ھەمدە پۇتۇمنى تىنىپ قوينى ۋە چاقچاق قىلىپ -ئاغىرۋاتامدۇ باشلىق :دىدى بۇ ئۇبىڭ كىچىك چاغلىرىدىكى ھەربى دۈشمەن ئوينىغان چاغلىرمىزدا يالغاندىن يارداربولسام ئۇمۇ يالغاندىن داۋالا ۋىتىپ دەيدىغان گىپى ئىدى،مانائاشۇ بالىلىقتا يالغان يارداربولغان چاغلىرىمدا يالغاندىن يارامنى تاڭغان نازۇك ئۇماق قوللىرى بىلەن بۇقىتىم راس يارامنى تاڭغاندى،
-ۋاي ئاللا نىمە بولدى:بۇدەل بىزنىڭ بەن جۈرۈن مۇئەللىمنىڭ  ئاۋازى ئىدى.
يىچ يىچنىمە بولمۇدۇم شۇ ئاززىراقلا كىسىۋەتتى:دىدىمدە يارامنى يۇشۇرۇپ
-قىنى مەن كۆرۈپ باقاي.
بولدى يىچقىسىيوق.
-شۇنداقتىمۇ مەن كۆرۈپ باقاي.
بۇ مىھرى ئىسسىق ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ قايتا قايتا سورشى ئاستىدا پۇتۇمنى يەڭگىل سۇنۇپ كۆرسەتتىم،مۇئەللىم كۆرۈپ ،بۇ
-ئاپلا يارا بەكلاچوڭ ئىكەن مەن سىنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قوياي:دىدىدە مىنى يۈلىگەچ مەن خىيالىمدا مۇئاللىمنىڭ تىزراق كىتىشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم چۈنكى مۇئەللىم كەتسە زورەم قىشىمدا قالاتتى،ھەمدى مىنى يۈلەپ ئۆيۈمگە ئەكىلىپ قوياتتى،شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىرئامال قىلىپ مۇئەللىمنى كەتكۈزىۋىتىشنى ئويلۇدۇم ھەمدە ئورنۇمدىن دەسلا تۇرۇپ،بولدى: مۇئەللىم مانائۆزلىرمۇ كۆدىلە مەن يىچنىمە بولمۇدۇم مەن ئۆزۈم كىتەلەيمەن دىدم،مۇئەللىممۇ باشقا گەپ قىلمىدى ھەمدە
-بوپتۇ ئەمىسە ئاۋايلاپ ماڭارسەن:
مەن بولىدۇ مۇئەللىم دىدىم ھەم تىز تىز مىڭىپ كىتىپ قالدىم ئۇماللىمدىن نەچچە چاقىرىم يىراقلاشقاندىن كىيىن ماڭغان ئىزىمنىڭ قانغا بويلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم ھەمدە قەپەتلا ماڭالمىدىم،ئارقىمدىن زورەممۇ بىرنەچچە ساۋاقداشلار بىلەن كەلدى مىنى كۆرۈپ يەنە چاقچاق قىلىپ،
-ۋاي باشلىق ماڭال مىدىڭىزما دىدى :ھەمدە مىنى يۈلۈگەچ،مەنمۇ چاقچاق ئارلاش قىلىپ:ھە نىمانچە كىچىكىسىز سىزنى ھەمدى ھەربى جازاغا تارتمايدىغان بولسام دىدم مەن بالىلىق چاغلىرمىزدىكى ھەربى دۈشمەن ئوينىغان چاغلىرىمىزدىكى كۈنلەرنى ئىسىمگە ئىلىپ،ئۇمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ
-قىنى شۇنداق قىلىپ بىقىڭە سىزنى مۇشۇ يەردە تاشلاپ قويىمەن تازا،ئۇچاغدا مىنى جازالىيالمايسىز ھى... ھى...:دىدىدە ئوڭ قولۇمنى مۆرىسىگە ئالغاچ ئۇ مىنى يۈلەپ مىڭىپ نەچچە مىنىۇتتىن كىيىنلا يىقىلدىم ۋە شۇ يىقىلغىنىمچە ۋۇشۇمدىن كەتتىم،

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

408

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
176
مۇنبەر پۇلى
218
ئىشەنىچ
176
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 19:43:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  داۋامغا  تەشنا بىز،    ئىنكاسنى داۋامنى ئوقۇپ  ئاندىن يازاي.

8

تېما

1

ئەگەشكۈچى

481

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
171
مۇنبەر پۇلى
286
ئىشەنىچ
171
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 04:59:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانچىلىكياتتىم بىلمەيمەن بىرچاغدا كۆزۈمنى ئاچسان دوختۇركارۋىتىدا يىتىپتىمەن،مىھرىباندادامبولسا بىشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ زورەم ۋە بىرنەچچە ساۋاقداشلارمۇبارئىدى،دادامغا دوختۇرنىڭ دىيىشچە مەندىن قان كۆپ چىقىپكەتكەنلىكى ئۈچۈن ھۇشۇمدىنكىتىپتىمەن،


-سەسسالامۇئەلەيكۇم:بۇ بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىمىز پاشاگۈل مۇئەللىم ئىدى،مەن مۇئەللىمنىڭ ئاۋازىنىئاڭلىغانىدن كىيىن ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دىدىم ھەمدە ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تىرىشتىميۇلىكىن تۇرالمىدىم بىشىم قىيىپ كۆزلىرىم ئىلىشىپ كىتىۋاتاتتى مۇئەللىم قىشىمغاكىلىپ:


-قانداقراقتۇرسەن دىدى ھەم قولىدىكى نەرسىلەرنى بىشىمدا قويۇپ قويغاچ


-خىلى  ياخشىسىلىنى ئەۋارە قىلىپ قويۇپتىمەن دىدىم خىجىل بولۇپ،


-ھىچقىسىيوق مەن مەكتەپ رەھبەرلىكى بىلەن كۆرشۈپ قويدۇم سەن خاتىرجەپ داۋالانغىن،ساڭانەچچە كۈنلۈك روخسەت قىلىپ قويدۇم شۇڭا دەرىستىن ئەنسىرمەي ياخشى داۋالانجۇمۇقوزام دىدى كۈلۈپ تۇرۇپ،ئادەتتە مۇئەللىم مىنى خىلى چوڭ كۆرەتتى شۇڭا بەزىدەچاقچاق قىلىپ قۇزام مايمۇنۇم دىگەندەك ئەكىلەتمە سۆزلەربىلەن چاقچاق قىلىپقوياتتى،مەن مۇئەللىمنىڭ گەپلىرنى ئاڭلىغانىدىن كىيىن پۇتۇمنىڭ كىسىلىپ كەتكەنلىكىدىن تولۇمۇ خوش بولدۇم چۈنكى زورەم كۈندە دىگۈدەك كىلىدۇ بۇيەردە بىزنىڭسۆزىمىزگە ئارلىشىۋالىدىغان ساۋاق داشلارمۇ يوق شۇڭا بىزمۇ ئەركىن پاراڭلىشالايمىزدىگەنلەرنى ئويلاپ ئىچ ئىچىمدىن خوش بولىۋاتاتتىم تۇيۇقسىز،


-بالامدىدى دادام .


خوش دادا دىدمدە دادام تەرەپكە قاراپ.


-مىنىڭبىرئاز ئىشىم بارئىدى بىرىپ قىلىپ ۋىلىپ كىلەي قىشىڭدا زورەمگۈل قىزىممۇبولغاندىكىن يالغۇز قالمايسەن:دىدى


مەن بۇلارنى ئاڭلاپ تىخىمۇ خوش بولۇپ كاتتىم چۈنكىدادام چىقىپ كەتسە دىمەك زورەم بىلەن ئىككىمىزلاقالىمىز  خوشاللىقئۈستىگە  بولىۋاتقان خوش خوشاللىقىمدىن پۇتۇمنىڭ ئاغىرقىنى سەزمەيلاكىتىپتىمەن،تۇيۇقسىز ۋاي......ھەجەپ دىدىمدە گىپىمنىڭ ئاخىرنى يۇتۇۋەتتىم،


-نىمەبولدىڭىز:سوردىزورەم ھىچ ھىچنىمە بولمۇدۇم شۇ پۇتۇم بىنەرسىگە ئۇرلۇپ كەتكەنتى.....


-ھەمۇنداق دەڭ بىشىڭىزنى ئىگىزراق قىلىپ يىتىڭ دىدى،مەن قەستەنگە شۇمىدىرلىيالمايۋاتىمەن دىدىممەن ئۇنىڭ ياردەم قىلىشىنى قەستەن قولغا كەلتۈرۈشئۈچۈن،


-ۋايئۆلەك ئۇغۇل بالىمۇ سىزدەك جىنى يوق بولامدۇ ھى... ھى... ھى...مەن جىنىمدەبىريىرىم ئاغىرسىمۇ سىزدەك ۋايسىمايمەن لىكىن  بەكلا لەقۋاكەنسىز خى خىخى:ئۇنىڭ مانا مۇشۇ تاتلىق كۈلكىلىرنى ئاڭلىغانسىرى بۇ دوختۇرخانىدىن زادى چىقىپ كەتكۈپكەلمەي ۋاتاتتى،ماڭاخۇددى بۇيەردىن چىقىپ كەتسەملا ئۇنى قايتا كۆرەلمەيدىغاندەكئۇنىڭدىن يىراقلاپ كىتىدىغابدەكلا قىلاتتىم،ئۆزەمچە بۇيەردىن چىقىپ كەتمەسلىكنىڭئامالىنى ئىزدەيتتىم ئويلا-ئويلائاخرى پۇتۇمنى پات ساقايتماسلىق قارارىغا كەلدىمدەزورەمگە قاراپ دىدىم،ھەي مىنى يۈيۈلەپ ئاچىقىڭە،


-نەگە؟نەگەئاچىقىمەن؟


شۇدىيىشتىن خىجىل بولىدىگەنمەن ئاچىقسىڭىزلابولاتتى دىدىم ئۇنىڭ ئاڭا ياردەم قىلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ،


-توۋاشۇ دىمەمسىز نەگەئاچىقىمەن ھە بولىڭە دەڭە.


شۇ ئىشۇ يەرگە يىلىقى....


ئەدەپە دەڭە ھى ھى بۇرۇنراق ئوچوق دىسىڭىزبولمامدۇ،سىزنىڭ مۇشۇ تارتىنچاقلىقىڭىززە ئابدۇسوپۇر،مۇشۇنداق قىلسىڭىز كىيىن بىرەقىزبالا بىلەن تونۇيشۇپ تويمۇ قىلالمايسىز تازا ۋۇ لەقۋا خى... خى... خى...:دىدىدەئۇماققىنە سادداكۈلۈپ ھەمدە مىنى يۈلىگەچ،نىمە دىدىڭىزئەسكى سىزتۇرسىڭىز نىمە قىلىمەنباشقا قىزلاربىلەن تونۇيشۇپ،دىيىشىمگىلا ماڭاشۇنداق ئىللىق چىرايلىق بىلەن قاردىكىئۇنىڭ بۈگۈنكى بۇقاراشلىرنى تىلىم بىلەن تەسۋىرلەپ بىرىشكە تولىمۇ ئاجىزقىلىمەن،ئۇمانا مۇشۇنداق قارىغاچ


-نىمە؟نىمەدىدىڭىزئابدۇسوپۇر


يىچنىمە يىچنىمە دىمىدىم دىدىم كۆزۈمنى باشقا ياققايۈگۈرتكەچ،ئۇيەنە شۇنداق سىلىق سىپايلىق بىلەن


-ماڭاقارىڭائابدۇسوپۇر ماڭاقاراپ دەڭ


مەنشۇ شۇ،ئۇنىڭغىچە بىزئوبۇرنىنىڭ ئالدىغا كىلىپمۇقالدۇق،مەن ئوبۇرنىغا كىرىپ پۇتۇمدىكى تىنىڭنى يىشىۋىتىپ دورا يۇقىلىرنى پاكىزيۇيۋىتىپ پۇتۇمنى قەستەنگە قانىتىۋالدىم،توۋا ئادەمدىگەن غەلىتىلا بىرنەرسەئىكەنمىز،بەزى ئىشلار ئۈچۈن جىنىمىزنى شۇنداق ئايايدىگەنمىز،يەنە بەزى ئىشلارئۈچۈن جىنىمىزنى قىيىنايدىگەنمىز،مەن شۇنداق پۇتۇمدىن قان ئاققۇزۇپ دىڭگوسلاپچىقىشىمغىلا ئۇ مىنى كۆرۈپ


-ئاللائاللا نىمەبولدىڭىز پۇتىڭىز يەنە قاناپتىغۇ تىڭىقنى نىمەدەپ ئىلىۋەتتىڭىز:دىدىمىنىي يۈلەپ ماڭغاچ،ياق مەن ئىلىۋەتمىدىم شۇ كىرىپ بولغۇچە يىشىلىپ كەتتىشۇ دىدىمخۇددى يالغان سۆزلەۋاتقىنىمنى ئۇ بىلىپ قالغاندەك بىرخىل خىقىلچىلىق ھىس قىلىپ ئۇماڭابىر قارىۋەتكەندىنكىيىن


-ھەھەجەپ تىڭىقكەن ھە ئۇ بىكالايىشىلىپ كىتىدىغان ھى...ھى...قارسام تىڭىق سىگە ئىچىئاغىرىپ ئۆزى يىشىلىپ كەتكەندەك قىلىدۇ:دىدىدە مەنىلىك قىلىپ،مەمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.


بىزمانامۇشۇنداق پاراڭلاشقاچ ياتىقىمنىڭ ئالدىغا كەلدۇق ھەمدە سىسىتىرا قىز پۇتۇمنىقايتىدىن تىڭىپ قويدى،كۈنلەر نىمەدىگەن تىز ئۆتكەن ھە!مىنىڭ دوختۇردا ياتقىنىمغىمۇبىردەمدىلا ئون كۈن بولۇپ قاپتۇ پۇتۇممۇ ساقىيىپ خىلى تىز-تىز ماڭغىدەكبولدۇم،لىكىن مىنى قاتتىق غەم بىسىپ كىتىپ باراتتى ئۆز-ئۆزەمگە شۇنداق دەيتتىم ۋايبۇ پۇتۇمنىڭ شۇنداق تىز ساقىيىپ كەتكىننى يەنە بىر نەچچە كۈن ياتسامچۇ،زورەممىنىيەنە بىرنەچچە كۈن يىتىلەپ يۈرگەن بولسا قىرىشقاندەك بۇ ئۆلگۈر پۇتۇم ساقىيىپكەتتى دىسە،مۇمكىن بولسا پۇتۇمنى يانا ئاززىراق زەخمە قىلغىلى بولغان بولسا نىمەدىگەن ياخشى بولاتتى،مانا مۇشۇنداق گالدىرماچ خىياللارنى قىلىپ ياتسام ياتاقنىڭئىشىگى يەڭگىل ئىچىلدى ھەمدە دادام بىلەن زورەم كىرىپ كەلدى ۋە دادام


-بۈگۈندوختۇردىن چىقساڭ بولىدىگەن بالام مەن رەسمىيەتلەرنى بىجىرۋىتىپ كىرەي سەن زورەمقىزىم بىلەن نەرسىلەرنى يىغۇشتۇرغىن دىدى سىرتقا ماڭغاچ


دادامنىڭ بۇگىپىنى ئاڭلاپ خوش بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇنشۇنداق ئاچچىقىم كەلدى،ئىچىمدە بۇ دادام مىنى يەنە نەچچە كۈن ياتقۇزساچۇ


-نىمەدىدىڭىز:سوردى زورەم


تۇيۇقسىز ئاۋازىمنىڭ تىشىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇسەزمەي قاپتىمەن


-ھەيىچ يىچنىمە يىچنىمە دىمىدىم


-ئۆزىڭىزچەبىرنىمىلەرنى دەپ غۇدۇلاپ يۈرسىزغۇ نەچچە كۈن دوختۇردا يىتىپ جىنچاپلىشىۋالمىغاندۇ،ئەگەر راھسلا ئىلىشىپ قالسىڭىز مەنسىزگە.....ھى... ھى..ھى:دىدىدە ئۇماققىنا كۈلۈپ


-ھەنىمە؟ئىلىشىپ قالسام سىز؟ئايىغىنى دىمەمسىز؟


-ياقدىمەيمەنغۇ تازا


-نىمەدىمەي بىقىڭە قىنى ۋۇئەسكى دىگىنىمچە ئۇنىڭ مۆرسىدىن تۇتۇپلا ئۇنى يەڭگىلئىتتىردىم ئۇ يىقىلغىلى ئازلا قالغانتى مەن تىزلىك بىلەن ئۇنى ئۆزەمگە تارتتىمئۇمىنى يەڭگىل قۇچاقلاپ سالغانئىدى،ئۇنىڭ ئەمدىلا تۇلغان ئۆزىگە چىرايلىق ياراشقانكۆكسى مەيدەمگە يەڭگىل تىگىشى بىلەن پۇتۇن بەدىنىم تىتىرەپ يۈزۈم ئوتتەك قىززىرىپكەتتى پۇت قولۇمدا جان قالماي جايىمدا مىدىرلىيالماي تۇرۇپلاقالدىم زورەم بولسا:


-ئەسكى!: دەپ مەيدەمگە يەڭگىل بىرنىئۇردىدە يۈزىنى تۇتۇپ ئولتۇرۋالدى بىردەم داڭ قىتىپ تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ئاستاكارۋاتقا كىلىپ ئۇف دىگىنىمچە ئولتۇرۇپ قاپتىمەن،ئاردىن نەچچە نىمۇت ئۆتتى بۇنىمۇبىلمەيمەن،دادام كىرىپ كەلدى ھەمدە


-ھەباللىرىم ئوۋ نىمە بولۇشتۇڭلار ساڭانىمە بولدى بالام يۈزۈڭ قىززىرىپ ئانارنىڭدانىسىدەك بولۇپ قاپتۇغۇ،قىزىم سىزگىچۇ ئەمدى نىمە ئولتۇرسىز؟


مىنىڭ ئاغزىم گەپكىمۇ كەلمەيتتى پۇتقولۇم لاغىلداپپۈتۈن ئەزايىم ئوت بولۇپ كىتىۋاتاتتى،دادامنىڭ گىپىگە مەن جاۋاپ بىرەلمەيتۇرغىنىمدا زورەم


-يىچنىمەبولمىدى تاغا شۇ ئىككىمىز نەرسىلەرنى رەتلەۋاتاتتۇق قولىمىز تىگىشىپ كەتتى شۇ شۇڭائىككىلىيىمىز خىجىل بولۇپقالدۇق دىدى ئورنىدىن تۇرغاچ،بۇچاغدا دادام شاپبۇرۇتلىرىنى تولغۇغاچ،


-ھاھا ھا ۋاي باللىرىم مۇشۇ ئىشمىدى مەنـتىخى نىمە بولغاندۇ دەپتىمەن مىنىڭ ئۇماققىزىم كەلگۈسىدىكى كىلىنىم سىز ھامىنى بۇ سەت تازنىڭ بولىدىغان تۇرسىڭىز نىمىگەخىجىل بولاتتىڭىز: دىدى ئۇنى تىرىكتۈرۈپ مەن لامجىم دىمەي خىقىللىقتا تۇراتتىمدادام يەنە ماڭا قاراپ


-ھەيتازتۇرىۋەرمەي ماڭمامسەن مىنىڭ ئەركەم بولە بالام :دىدى زورەم بولسا


-ئۇجۇنتاغا ئۇنداق دىمەڭچۇ ھەجەپ قىلىن كەنسىز مەنچۇ سىزنىڭ بو بالىڭىزغا ھەرگىزتەگمەيمەن تازا: دىدى مىنىڭ نەرسىلىرىمنى كۆتۈرشۈپ بەرگەچ،بىزمانا مۇشۇنداق خوشالخۇرام پاراڭلاشقاچ دوختۇرخانىدىن چىقتۇق ۋە ئاززىراق ماڭغاندىنكىيىن دادام


-ھەباللىرىم قوسۇغۇڭلارمۇ ئاچتىغۇ دەيمەن؟جۈرۈڭلار تاماق يەيمىز:دىدى يىقىندىكىبىرئاشخانىغا ماڭغاچ بىزئاشخانىغا كىرىپ تاماقنى يەپ بولغاندىنكىيىن بازارئايلاندۇق دادام قانداقتۇر بىرنەرسە ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى مەن بولسام ئىچىمدە بۇدادام نىمانداق قىلىدىغاندۇ،مەن مۇشۇنداق دىڭگوسلاپ ئاقساپ مىڭىۋاتسام ئادەمنىئايلاندۇرۋىردىگىنا يابىرنەرسە ئالمىدى،ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇيەردە ساپلا قىزلارنىڭنەرسىلىرى تۇرسا بۇيەردە نىمە قىلىدىغاندۇدەپ ئىچىمدە مۇشۇنداق غۇدۇلاپ كىتىۋاتسامتۇيۇقسىز دادام چىرايلىق بىرشارپىنى ئالدىدە ھەمدەماڭاقاراپ يىنىك بىرنى كۈلدى ھەمشارپىنى ماڭابىرىپ


-قانداققىلىشنى بىلىدىغانسەن ئوغلۇم: دىدى مەنىلىك قىلىپ مەن ھەئە دادا بىلىمەن دىدىمخوشال بولۇپ دادام يەنە يىنىدىن 10 سوم پۇلنى چىقىرىپ


-مەبالام ھا ھا ھا..............


ئۇچاغلاردىكى 10 سوم پۇلنىڭ كۈچى ھازىرقى 100 سومغاتەڭ بولۇپ 10 سومغا خىلى جق نەرسىلەرنى ئالغىلى بولاتتى،


بىزئاززىراق ماڭغاندىن كىيىن دادام داۋاملىقكىردىغان چايخانىنىڭ ئالدىغا كەلدى بىزمۇ چايخانىغا كىرەيلى دىيىشىمىزگە دادام


-ۋويباللىرىم بۇيەردە نىمەبا؟سىلەرگە بۇيەردە ساپلاچوڭلار بار سىلەرچۇ بىرىپئىشىڭلارنى قىلىڭلار مىڭىڭلار باللىرىم ھە:دىددە چايخانىغا كىرىپ كەتتى،مەندادامدىن شۇندق خوش بولدۇمكى ئارقىسىدىن كىرىپ چوپ چوڭ بوپقالغانغاقارىمايدادامنىڭ بوينىغا ئىسىلىپ چوكۇل دىدتىپ نەچچىنى سۆيۋەتتىم،دادام بولسا


-ۋويتاز ۋوي خەخەخە نىمەبولدى ماڭ تازماڭ چوپ چوڭ بولغاندا قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى مانىڭھى ھى ھى:دىدى ھەمدە بىربوش ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇرغاچ،مەن ھى ھى ھى ھى شۇ سىزدىنخوش بولۇپ جىنىم دادا ئۇماق دادا يەنە بىرنى سۆيۋالايچۇ دىيىشىمگە دادام


-ۋويماڭ چىق تالاغا:دىدى مەيدەمدىن يەڭگىل ئەركىلىتىپ ئىتتىرگەچ مەن ماقۇل دادا ئەمىسەمەن چىقىپ كەتتەم ھە،ھى ھى ھى...


بۇچاغدازورەم ماڭاساقلاپ يولبويىدىكى سۆگەتنىڭ سايسىداقاراپ تۇراتتى،مەن ئۇنىڭ قىشىغاكەلدىم ھەمدە نەگەبارمىزدىدىممەن ئۇنىڭغا قاراپ


-نەگەبولسامەيلى


-دەڭەسىزنەگەبارلى دىسىڭىز بىزشۇيەرگەبارايلى دىدىم ئۇنىڭ ئختىيارىغا قويۇپ


-ئەمىسەبىرە يەردە لەڭپۇڭ بولسا شۇيەرگەبارايلى:دىدى


مەن بولىدۇ ئەمىسە دىدىم بىزبىرئاز ماڭغاندىنكىيىنبىرلەڭپۇڭ دۇكىنىغا كەلدۇق ئىككىمىز بىرتەخسىدىن لەڭپۇڭ بۇيرۇتتۇق لەڭپۇڭ چىقىشىغائۇنىڭغا چوكائىلىپ بىرىش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزاتتىم بۇچاغدا ئۇمۇ دەل قىلىنى ئۇزاتقانئىدى،ئۇنىڭ قولى مىنىڭ قولۇمنىڭ دۈمبىسىگە تىگىپ كەتتى،ئۇتىزلىك بىلەن قولىنىتارتىۋالدى مەنمۇ خىجىللىق يىسقىلىپ يەرگەقاردىم ئۇ يەرتىگىدىن ماڭا يەڭگىلقارىۋاتقاندىنكىيىن چوكىدىن بىرنى ئىلىپ لەڭپۇڭنى يىيىشكە باشلىدى،بىزلەڭپۇڭنى يەپبولغاندىنكىيىن ئۆيگە قايتماقچى بولدۇق،تۇيۇقسىز ئۇماڭا قاراپ


-ئابدۇسوپۇرئۆيگە قايتقاچ يىلىقى قىرى ئۈجمىنىڭ قىشىغا بارايلىچۇ:دىدى


مەن ۋوي  كىچىك چاغلىرڭىزنى ئەسلەپ قاپسىزدەبولىدۇ يۈرىڭە ئەمىسە بىزمانامۇشۇنداق قىزغىن ھالدا قىرى ئۈجمىنىڭ قىشىغاماڭدۇقئاردايىرىم سائەت ماڭغاندىنكىيىن قىرى ئۈجمە كۆرۈندى قىرى ئۈجمە بولسا بىزنى كۆرۈپخۇددى خوشال بولغاندەكلا شاخلىرىنى پۇلاڭڭىشتىپ يۇپۇرماڭلىرى بولسا رىتىملىقشىلدىرلاپ كىلىڭلاباللىرىم كىلىڭلا ئۇزۇن بوپتۇ سىلەركەلمىگىلى،بىرچاغلاردا سىلەربالائىدىڭلار شاخلىرىمغا ئىسىلىپ ئوينايتتىڭلار،ئۇيقۇڭلار كەلگەندە سايەمدە يىتىپئۇخلايتتىڭلار قوسۇغۇڭلارئاچسا مىنىڭ مىۋەمدىن ئىلىپ يەيتتىڭلار، مانائەمدىسىلەرمۇ چوڭ بوپسىلەر قارىغاندا مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئوخشايسىلەر:دەپ بىزنى قارشىئىلىۋاتاتتى،بىزئۈجمىنىڭ تۈۋىگە كەلدۇق لىكىپ بىرھازاتۇرغاندىن كىيىن بىرسىبىرسىمىزگە قاراپ كۈلۈشۈپلا كەتتۇق زورەم ماڭا


-نىمەئويلاۋاتىسىز:دىدىكۆزلىرىنى ئۈجمىنىڭ ئۇستىگە تىككەچ،


-سىزنىئويلاۋاتىمەن.


-نىمە؟مەنيىنىڭىزداتۇرسام.


-شۇنداقلىكىن بەرىبىركىتىسىزدە ھىلى كەچ بولسا.


-شۇكەچبولسا كىتىمەندە كەتمەي سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بىرۋالسام بولامتى ئەمىسە ھى ھى.


-بولساشۇنداق قىلسىڭىزغۇ ياخشى بولاتتى،ھەمىنىغۇ سىزبەربىر............


-ھەنىمە نىمە ۋۇي يۈزى قىلىن ئەسكى.


-ھاھا دەدەم ئەتىن دىدىغۇ سىزنى كىلىنىم دەپ شۇڭادەيمەنغۇ.


-ۋۇكالۋائۇخلىماي چۈش كۆرۈپسىز تاغام ئۇنداق دىگەن بىلەنچۇ مەن ھەرگىز.


-نىمەخەپ جۇمۇ سىزنى توختىڭە.


-ھىھى ھى ھى ئەسكى ئەسكى تازا تۇتالمايسىز تۇتىڭە قىنى.


مانا مۇشۇنداق رومانتىك پاراڭلاشقاچقوغلاشتۇق،مىنىڭ پۇتۇم تىخى تولۇق ساقايمىغانلىقى ئۈچۈن مەن ئاقساپ يۈگۈرۈپ ئۇنىزادىلا تۇتالمايۋاتاتتىم،ئۇ ۋىلىقلاپ كۈلگۈنىچە


-بولدىبولدى بەربىرتۇتالمايسىز پۇتىڭىز ساق بولغان بولسا ئاندىن تۇتالايتتىڭىز ھى ھى ھىئەمدى ئوغلاشمايلى كىلىڭە ئولتۇرمىز:دىدى بىر ئوتلۇق ئىگىزقىرغا كىلىپ ئولتۇرغاچمەنمۇ ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم ئارلىقتا ئۇمۇ مەنمۇ بالىلىق چاغلىرمىزدائوينىغان يەرلەرگەكۆز يۈگۈرتۈپ ئولتۇردۇق ئارمىزنى جىمجىتلىق ئاپلىدى،بىرچاغدا ئۇتۇيۇقسىز


-ۋايجانئاپا:دەپ تولىدى مەن چۈچۈپلا ئۇنىڭغا قارىدىم ئۇ


-مىنىبىرنەرسە چىقىۋالدى بىقىنىمنى ۋايجان ئاپا بەكلا ئاغرىپ كەتتى:دەپ يىغلاپ كەتتى


مەن دەرھال ئۇنىڭ بىقىنىغا قاردىم ھەمدە ئۆزۈممۇقورقۇپ كەتتىم،ئۇنى يوغان بىرچايان «سىرىغ ئىشەك»چىقىۋالغان بولۇپ ئۇنىڭ بىقىنىغاچاپلىشىپ تۇراتتى،مەن دەرھال ئۇنى ئۆزۈمگە تارتتىمدە يەڭگىل قۇچاقلاپ تۇرۇپبىقىنىدىن چاياننى ئاجىراتتىم ھەمدە يىراققا كۈچەپ ئاتتىم چايان ئۆلدىمۇ ئۆلمىدىمۇبىلمىدىم لىكىن زورەمنىڭ يىغىسى ئالەمنى بىر ئالاتتى،تۇيۇقسىز دادامنىڭ بىرچاغدايىلان چىقىۋالغان بىر ئاغىنىسىنىڭ بەلىكىنى شورغانلىقى ئىسىمگە كەلدىدە ئۇنىڭكۆينىكىنى يىرتىپ بىقىننى ئاچتىم،ئاغرىق ئازابىدا ئۇمۇ يىچقانداق قارشىلىقكۆرسەتمىدى مەن ئۇنىڭ بىقىننى كۈچەپ قايتاقايتا شوردۇم ئۇنىڭ بىقىندىن قاپقارائۇيۇپقالغان كالا قىنىدەك بىرنەرسىلەر چىققان بولۇپ ئۇ ئىنىق چاياننىڭ زەھرىئىدى،چوڭلاردىن چايان چاققان ئادەم ئۆلۈپ كىتەرمىش دىگەن گىپىنى ئاڭلىغان بولغاچقائۇنىڭدىن بەكلائەنسىرەپ كىتىۋاتاتتىم بارئاماللارنى ئىشلىتىپ ئۇنى قۇتقۇزۇشنىلائويلايتتىم،مۇشۇ ئارلىقتا كاللامدا چايان چىقىۋالغان ئادەم ئۆلۈپ كىتىدۇ دىگەنگەپلا بارئىدى،شۇڭا ئۇنىڭدىن ئەنسىرگەنسىرى ئۇنىڭ چىرايى قارداپ ۋۇشسىزلىنىپ قۇيكۆزلىرى خىرەلىشىپ كىتىۋاتاتتى.
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ

8

تېما

1

ئەگەشكۈچى

481

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
171
مۇنبەر پۇلى
286
ئىشەنىچ
171
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 19:49:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا تىمامنىڭ داۋامىنى يوللىسام يوققۇ ئەمدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-5 02:37, Processed in 0.109593 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش