تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 399|ئىنكاس: 1

شىنجاڭدا كان ئېچىش بىلەن موھىت ئاسىراشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

53

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1365

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
بەشبالىق@
تۆھپە
319
مۇنبەر پۇلى
829
ئىشەنىچ
319
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 17:38:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كان بايلىقى مول، لېكىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ناھايىتى ئاجىز، يېشىللىق، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئاران %14.95 كېلىدۇ. بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى. جىددىي تەرەققىيات ئارزۇسى بىلەن ئاجىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش-شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئەمىنلىكى دۇچ كەلگەن بىر قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى.

  ئۇزۇندىن بۇيان يىرىك ئېچىش ئەندىزىسى پەيدا قىلغان شىنجاڭنىڭ كان بايلىقىنى ئېچىشتا مۇھىت بۇلغاش، ئىسراپچىلىق ئېغىر بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ئالدىن بۇلغاش، ئارقىدىن تۈزەشتەك كونا يولدا قەتئىي ماڭمايمىز، ئەمەلىي كۈچى بار چوڭ كارخانىلارنى جەلپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار قېزىش تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش قارىشىنى قوللىنىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىشى ئېغىر تۈرلەرنىڭ ئىجازەتلىك كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش كۈچىنى كۈچەيتىمىز دېدى.

  شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېشىل كانلارنى يەنىمۇ قۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل 5-ئايدا شىنجاڭدىكى 27 كانچىلىق كارخانىسى شىنجاڭ يېشىل كان قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنى بىرلىكتە قۇرۇدى. شىنجاڭ كانچىلىق بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى جاڭ جىمىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، جايلارنىڭ تەبىئىي مۇھىت پەرقى بەك چوڭ، بۇندىن كېيىن، شىنجاڭ يېشىل كان قۇرۇشتا، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىناق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

       مەنبە:خەلق تورى

53

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1365

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
بەشبالىق@
تۆھپە
319
مۇنبەر پۇلى
829
ئىشەنىچ
319
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 17:56:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدا يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ زىيادە كۆپ ئېچىلىشى،قارغۇلارچە بۇغۇنچىلىق خاراكتىنى ئالغان كان ئېچىشلار بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئەۋىج ئېلىپ كەتتى.بۇ خىل قىلمىشلار ئاتمۇسفىرانىڭ زىيادە بولغىنىشىنى كەلتۈرۈپ،ئېكۇلوگىيىلىك سېستىمىنى بۇزۇپ،.ئاخىرىدا ئېكۇلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى كەلتۈرىۋاتىدۇ. بۇ خىل قىمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قاتتىق بولغان قانۇن-تۈزۈم ئورنىتىشى كېرەك. كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئازاراق بولسىمۇ بايلىقلار قالسۇن................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-5 09:31, Processed in 0.097699 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش