«جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ ئاساسى قانۇنى»نىڭ 13-ماددىسىدا «پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق خۇسۇسى مال-مۈلكىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ، دۆلەت پۇقرالارنىڭ خۇسۇسى مال-مۈلۈك ھۇقۇقى ۋە ۋارىسلىق ھۇقۇقىنى قوغدايدۇ، ئەگەر دۆلەت جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجى بىلەن پۇقرالارنىڭ مال-مۈلكىنى ئالسا ياكى ئىشلەتسە تۇلۇقلىما بىرىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 92-ماددىسىدا خۇسۇسى مال-مۈلۈكنىڭ دائىرىسى ئىنىق كۆرسىتىلگەن. «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 59-ماددىسىدا« مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جىنايەتچىنىڭ ئۆزىگە تەئۇللۇق مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، مال-مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىشقا توغا كەلگەن جىنايەتچىنىڭ ئۆزى ۋە ئۇ باقىدىغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن زۈرۈر تۇرمۇش خىراجىتى قالدۇرۇلىدۇ، جىنايەتچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەئۇللۇق ياكى تېگىشلىك مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىشقا بولمايدۇ »دەپ بەلگىلەنگەن بۇلۇپ،مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش - جىنايەتچىنىڭ ئۆزىگە تەئۇللۇق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ جىنايەتچىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ تاپقان تاپاۋىتىنى ۋە ئۈزىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە ئىشلەتكەن پۇل-مالنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇ پۇل-ماللار بىردەك يىغىۋېلىنىپ دۆلەت خەزنىسىگە تاپشۇرۇلىشى كېرەك. دىلو بىجىرگەن ياكى قارار قىلغان ئۇرۇن ئۆز ئالدىغا ئىگەنلىۋېلىشىغا،خالىغانچە بىرتەرەپ قىلىشىغا،ئۇنى جىنايەتچىنىڭ ئۆزىگە تەئۇللۇق مال-مۈلكى قاتارىدا مۇسادىرە قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان جىنايەتچىنىڭ ئۆزىگە تەئۇللۇق مال-مۈلۈك - جىنايەتچىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى قانۇنلۇق مال-مۈلكى،جۈملىدىن بارلىق كۆچمە ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى، مەسىلەن ئامانەت قويغان نەق پۇل، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملار، ئاكسىيە، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى ۋە ئۆي-ئىمارەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ماددىدىكى بەلگۈلىمىگە ئاساسلانغاندا، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ئاشۇ مال-مۈلۈكنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بىر قىسمى ياكى ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىش،قايسى قىسمىنى،قايسى مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىشنى پەقەت خەلق سوت مەھكىمىسى دىلونىڭ كونكىرىتنى ئەھۋالىغا ئاساسەن بىكىتىپ قارار قىلىدۇ. مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغاندا، جىنايەتچىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۇ باقىدىغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن زۈرۈر بولغان تۇرمۇش خىراجىتى قالدۇرۇشقا دىققەت قىلىش،يەنى دۆلىتىمىزنىڭ جازانى تەدبىقلاشتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بۇ يەردە ئېيتىلۋاتقان «ئۇ باقىدىغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى»-تۇرمۇش مەنبەسى بولمىغان ياكى ئەمگەك ئىقتىدارى يوق ئاتا-ئانىسى، جۆرىسى ۋە قورامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. جىنايەتچىگە مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەرگەندە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلۈك ھۇقۇقىنى قوغداش كېرەك،يەنى ئورتاق مال-مۈلۈكنى جىنايەتچىنىڭ مال-مۈلكى قاتارىدا مۇسادىرە قىلىشقا بولمايدۇ،پەقەت ئۈزىگە تەئۇللۇق ياكى ئېرىشىشكە تېگىشلىك قىسمىنىلا مۇسادىرە قىلىشقا بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ« نىكاھ قانۇنى» ۋە « ھەق-تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»دا نىمىنىڭ ئورتاق مال-مۈلۈك ئىكەنلىكى توغرۇسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەر-خۇتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلغاندا،جىنايەتچىگە تەئۇللۇق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىش،ئايالىغا تەۋە قىسمىنى قالدۇرۇپ قۇيۇش كېرەك. ئۇندىن باشقا جىنايەتچى بېقىۋاتقان ياكى يار-يۈلەكتە بولىۋاتقان كىشىلەرنىڭ مەنپەتىنى ئويلىشىش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك زۆرۈر بولغان مال-مۈلۈك قالدۇرۇش، ئومۇمەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى پەرزەنتلىرىگە چېتىپ قويماسلىق، جەمىئەتنىڭ مۇقۇملىقىغا پايدىلىق بولۇش، باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا چېقىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، يەنى قانۇنىي ئۈنۈم بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە تەڭ ئىتىبار بىرىش ، بىر تال خەمەكنى دەپ،بىر تۈپ پېلەكنى يۇلىۋاتماسلىق، شۇنداقلا جىنايەتچىنىڭ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئۇرۇنلۇق قەرزىنى مۇسادىرە قىلىنىدىغان مال-مۈلۈك ئىچىدىن قايتۇرۇشقا توغرا كەلسە«جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 60-ماددىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم.
خوتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن: مەمەتئېيسا سۇلايمان |