تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 494|ئىنكاس: 0

[قانۇن]ئىقتىسادى قانۇن سۇئاللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

ئەگەشكۈچى

62

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
3
مۇنبەر پۇلى
54
ئىشەنىچ
3
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 12:29:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەلۇم ناھىيەدىكى «سىكرىتار رىستۇرانى»نىڭ نامى يىراق-يېقىنغا مەشھۇر بولۇپ، چوڭ-كىچىك ھەممە بىلىدىغان، كۈتكۈچىلىرى كونا ئۇيغۇر پاسونىدا كىيىملەرنى كىيىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان، قەدىمقى ئۇيغۇر ناخشىلىرى قويۇلىدىكەن ، جۈملىدىن ئاشخانا ئىچىنى بىزەشتىن تارتىپ ، تاماقلارنىڭ نامى قاتارلىقلارغىچە ھەممىسى قەدىمى يوسۇندىكى ئۇسلۇپ قوللىنىلغان ئىكەن. «قۇياش ئارامگاھى»دېگەن يەنە بىر ئاشخانا بۇنى كۆرۈپ، ئاشخانىسىنىڭ نامىنى «قەدىمى تۈرك تائاملىرى» دەپ ئۆزگەرتىپ كىيىم-كىچەك، بىزەكچىلىك قاتارلىقلار ھەممىنى بىرمۇ-بىر ئوخشاش دوراپ كۆچۈرۈپ كەپتۇ. بۇ《ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى》نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ، تۆۋەندىكى قايسى خىل قىلمىشقا كىرىدۇ؟
1.   توغرا رىقابەت قىلمىشى؛
2.  سودا مەخپىيىتىگە دەخلى قىلغان قىلمىش؛
3. ئارلاشتۇرۇۋېتىش قىلمىشى؛
4. يالغان تەشۋىق قىلىش قىلمىشى؛

توغرا جاۋابى:3

[يىشىم] 《ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى》نىڭ 5-ماددىسىدا،تىجارەتچىلەر تۆۋەندىكى ناتوغرا رىقابەت ۋاستىللىرىنى قوللىنىپ رەقىبىگە زىيان سېلىشقا بولمايدۇ: “(1)باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى سۈيىستىمال قىلىش؛(2)داڭلىق ماركىسىنىڭ نامى، بىزەكلىرى ياكى ئۇنىڭغا يېقىن كىلىدىغان نام، بىزەك ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ داڭلىق ماركىسى بىلەن ئارلاشتۇرىۋېتىپ ، سېتىۋالغۇچىغا مۇشۇ داڭلىق ماركىنىڭ تاۋىرىكەن دىگەن خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويۇش؛(3)باشقىلارنىڭ كارخانا نامى ياكى ئىسمىنى ئۆزى خالىغانچە ئىشلىتىپ،باشقىلارنىڭ تاۋىرى ئىكەن دىگەن خاتا چۈشەنچە بېرىپ قۇيۇش؛ (4)تاۋارغا  يالغاندىن ياسالغان ياكى ئىتىراپ قىلىنغان ماركا، داڭلىق ماركا قاتارلىقلارنى سۇيئىستىمال قىلىپ،ئىشلەپچىقىرىش ئورنى، تاۋارنىڭ سۈپىتىگە نىسپەتەن كىشىلەرنى خاتا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويۇش.”دەپ بەلگىلەنگەن . بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، باشقىلارنىڭ كىيىمى-كىچىگى، قويغان ناخشىسى، بىزىگى تاماق نامى قاتارلىقلارنى بىرمۇ-بىر كۆچۈرۈپ ئەكىلىش مۇشۇ قانۇن بەلگۈلمىسىدىكى ئارلاشتۇرىۋېتىش قىلمىشى بولۇپ ،ناتوغرا رىقابەت ۋاستىسى قوللىنىپ تىجارەت قىلىش ھىساپلىنىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-7-3 15:38, Processed in 0.099047 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش