تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1068|ئىنكاس: 9

مېنى جېنىم دىمىگىن !(تاتلىق خىيال)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

89

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
21
مۇنبەر پۇلى
65
ئىشەنىچ
21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 11:42:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا    tatlik-hiyal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 12:12  

مېنى  جېنىم  دىمىگىن !

تاتلىق خىيال

سەن بىلەن تۇنجى قېتىم ئاۋازلىق چايخانىدا تونۇشقان ئىدىم.ئېسىڭدە بولسا شۇ كۈنى   چايخانىدا مەن باشقۇرۇش ھالىتىدە ئىدىم تۇيۇقسىزلا سەن  ماڭا ئۇچۇر يوللاپ قالدىڭ
ــــ ئىسمىڭىز گۈلنىڭ غۇنچىسى دىگەن  مەنىدىمۇ؟
ـــ ھە؛شۇنداق نېمە بولدى؟
ـــ نىمانچە  تەس  ئىسىمنى  قويىۋالدىڭىز؟ تەلەپپۇز  قىلماقمۇ  ئەجەپ  تەس  كەلدى  ماڭا  ،ئۇنىڭ  ئورنىغا   غۇنچەم،  غۇنچىگۈل  دىسىڭىز يا قىزىل، يېشىل سېرىق بولامدۇ ئىشقىلىپ قايسىلا  رەڭدىكى  بولسا  يۇپۇرماقلا   دىسىڭىزمۇ  بوپتىكەن؟ مېنىڭ ئالدىراپ بىر ئىشلارغا ئاچىقلانمايدىغان بۇ مىجەزىمدە سېىنىڭ بۇ سوزلىرىڭگىمۇ  رەنجىپ كەتمىدىم  ھەم بۇ  سوئاللىرىڭنى  جاۋاپسىز  قويغان ئىدىم  بىردەمدىن كىيىن ساڭا نوۋەت  كىلىپ  ئاۋاز  قوشقاندىلا ئاندىن بۇ  سوئاللىرىڭغا  جاۋاپ  تاپقاندەك بولدۇم  سەن ئىسمىمنى  تەستە  ئوقۇغانلىقىڭنى  مەزمۇن قىلىپ  ئۆزۈڭ ئاۋاز  بىرى  ئوخشىمىغان  ئوبرازلارنى يارىتىپ  قىسقا  بىر سۈرەتلىك فىلىم ئىشلەپ چايخانىدا قويۇپ  بەردىڭ شۇ  كۈندىكى مەنزىرە  پەقەتلا ئىسىمدىن  چىقمايدۇ  ئاشۇ  كۈنى  چايخانىنى  شۇنداق   قىزىتىپ  ھەممىمىزنى  كۈلدۈرۋەتكەن  ئىدىڭ  سىنىڭ  ناھىيىتى  قىزىقچى  ھەم  يۇمۇرلۇق بۇ  تەرىپىڭ  ھەمىمىزنى  ھەيران قالدۇردى  ھەممىدىن  ھەيران قالدۇرغىنى  چايخانىدىكى  بەزى  ئەر-ئايال  تورداشلىرىمنىڭ  ‹‹  ئەجەپ   قىزىقچى  كۈلدۈرگە  ئارتىسلىرىدەك  توردىشىڭىز  باركىنا  سىزنىڭ؟  سىزگە  ھەسەت  قىلىۋاتىمىز  جۇمۇ  بىز  ›› دىيىشلىرى  بولدى  چۈنكى  سەن  ئۇ  كۈنى ھەممە  قىزىقچىلىقلىرىڭغا  باشتىن  ئاخىر  مىنىلا  قوشۇپ  چاخچاق قىلغان ئىدىڭ
شۇنداق  قىلىپ  بىز  تونۇشۇپ  قالدۇق  سەن  چايخانىغا  ئانچە  جىق  كىرمەيتتىڭ ، لىكىن  سەن  ھەر  قېتىم  چايخانىغا  كىرگىنىڭدە  ئالدىن  ماڭا  تونۇشلۇق  بىرەتتىڭ  ‹‹  غۇنچىگۈل  تىچلىقمۇ؟  ھەي   يۇپۇرماق!   ›،  مانا  بۇ  سەن ىدىڭ سېنىڭ  ئاشۇنداق  چاقىرىشلىرىڭغا  مەنمۇ  كۆنۈپ  قالغان ئىدىم شۇڭا   سىەن  ئىسىم  ئۆزگەرتىپ  كىرسەڭمۇ  ئاشۇ   چاقىرىشلىرىڭدىن  ئوڭايلا  تونىۋالاتتىم     شۇنداق  قىلىپ  بىزنىڭ  سوھبىتىمىز  كۈندىن  كۈنگە  كۆپەيدى
ــــ ھەي  غۇنچىخان  ؟دىدىڭ  بىر كۈنى  يەنە  چايخانىدا؛ـــــ  ھە  نىمە؟ دىدىم  سىزگە  ياندۇرۇپلا  
نەچچە  كۈندىن  قانداق  قىلاكىن  دىسەم  چ چ  رىڭىزنى  دەپ  بىرەيمۇ  دىمەيسىزيا؟
ـــ  سىز   دەپ  بەرسىڭىز  يامان  بولامدىكەن؟  -  دىدىم  مەن  جابابەن  شۇ  كۈندىن  باشلاپ   بىز   توردا  بارلا  بوپ  قالساق  چ چ  دا  پاراڭلىشىدىغان  بولدۇق  سەن  راستىنلا  بەكلا  قىزىقچى  ئىدىڭ  سىنىڭ  چايخانىدا  ئاۋاز  قوشۇش  ئۇسۇلۇڭمۇ  ھىچكىمنىڭكىەە  ئوخشىمايتتى بەلكىم  بۇ  كەسپىڭەە  مۇناسىۋەتلىك  بولغانلىقتىندۇر ،سەن  يۇمۇرچىلا  ئەمەس  ناھىيىتى  سەمىمى  پەزىلەتلىك   ئىدىڭ ( مىنىڭ  نەزىرىمدە ) بىز  بۇرغۇن  قېتىم  پاراڭلىشىش  سېردىشىش  جەريانىدا  ئورتاق  چۈشەنچە  ھاسىل  قىلىپ  ئاخىرى  ياخشى  دوسلاردىن  بولۇپ  قالغان  ئىدۇق  سىنىڭ  ھەر  بىر  سۆزلىرىڭ  ناھىيىتى  ساغلام  ئىدى   بۇ  تەرىپىڭ  مىنى  خاتىرجەم   قىلاتتى   سەن  بىلەن  پاراڭلاشقان  چاغلىرىمدا  ئۆزۇمنى  شۇنداق ئەركىن  ئازادە  بىخەتەر  ھېس  قىلاتتىم  چۈنكى  سەن  پەقەتلا  قالايمىقان  چاخچاقلارنى  قىلمايتتىڭ  بەزى  چاغلاردا  سەن  ماڭا  تەسەللى  ئىدىڭ  بىلەمسەن  شۇنداق   چاغلاردا  سەن  خۇددى     بىر  تۇققان سىڭلىسىغا  تەسسەلى  بىرىۋاتقان  ئاكامدەك  تۇيۇلاتتىڭ   ھېلىمۇ  ئىسىمدە بىر  قېتىم    ئاياللار   بايرىمى  كۈنى  سەھەردە  ئىشقا  كىلىپلا  چ چ  نى  ئاچتىم  سەندىن  ئۇچۇر  كەلگەن   ئىدى   ‹‹  غۇنچەم   بۈگۈنكى  بايرىمىڭىزغا  مۇبارەك  ھازىر  ئەڭ  ئاز  بولغاندىمۇ  سىزنى  يەتتە  قېتىم  كۈلدۈرەلەيدىغىنىمغا  ئىشىنىمەن  ،ئەمىسە  كۈلۈشنى باشلاڭ  ھە  ››   سەن  ھېلىقى قايسى  بىر  فانتازىيەلىك  فىلىمدىكى    يەتتە  پاپىنغا  ئوخشىمىغاب  ئاۋاز  بىرىپ  ئوخشىمىغان  ئوبرازلارنى  يارىتىپ  شۇنداك  كۈلكىلىك  بىر قىسقا  فىلىمنى  ئەۋەتىپتىكەنسەن  كۈلمەي  مۈمكىنمۇ  ئىسىمگە   كەلسە  ھازىرمۇ  كۈلىمەن   
ئەنە  شۇنداق  قىلىپ  بىزنىڭ  دوسلىقىمىز  3-  يىلغا  قەدەم  قويغاندا  سەن  ئۆزگەردىڭ  تۇيۇقسىزلا  مىنىڭ  بۇرۇنقى  ئۆزۈڭ  قويۇپ  بەرگەن   ئىسىملارنىڭ  ئورنىنى  ھىچقانداق  ھىيىقمايلا  ‹‹  جېنىم ››  دىگەن  سۆز  ئىگەللىۋالدى   دەسلەپ  شۇنداق  چاقىرغىنىڭدا  چاخچاق  قىلىۋاتسا  كىرەك  دەپ  ئويلىغان بولساممۇ  لېكىن  داۋاملىقلا  بۇرۇنقى  ‹‹  غۇنچەم،  غۇنچىگۈل  يۇپۇرماڭ  ،غۇنچىخان ››  دىگەن   ئىسىمنىڭ  ئورنىنى  ئەمدى  جېنىم  ئىگەللىۋالغانلىقىدىن  كۆڭلۈم  شۇ  قەدەر  يېرىم  بولىۋاتقانلىقىنى  سەن  بىلمىدىڭ! ھەم  سىنى  بارا-  بارا  دوسلۇق  ئەلبومۇمدىن  يۇقۇتۇپ  قويىۋاتقىنىمنى  تېخىمۇ  بىلمىدىڭ! سەن ئۆغڭگە    ھىچ  ئوخشىماي  قىلىۋاتقاندەكلا  تۇيۇلىدىغان   بولۇپ  قالدىڭ   ئەسلى  بىلسەڭ  ئۇ  پاك  قەلىبلەردىن  ئورۇن  ئالغان  چىن  دوسلۇقىمىز  بولسا  ئەر-ئاياللار  ئوتتۇرىسىدىكى   پاك   سەمىمى  ھەقىقى  دوسلۇقنىڭ  مەۋجۇت  بولىدىغانلىقىنىڭ  تىپىك  دەللىلى  ئىدىغۇ ؟   سەن  ئۇنى  يۇقۇتۇپ  قويدۇڭ،كەچۈرگىن  مەن  سىنىڭ  جېنىڭ  بولالمايمەن   مەن  قانداقمۇ   سىنىڭ  جېنىڭ  بولاي؟  ئئىككىمىزنىڭ  ئوتتۇرىسىدا   تەبىلا  ئىتىۋىتىلگەن  نۇرغۇن  توساقلار  بار  سەن  ئۆزۈڭنىڭ     مەن  ياختۇرىدىغان ،مەن  ھۆرمەتلەيدىغان  سەندەك  بىر  دوستۇمنىڭ  بولغىنىدىن  شۇنچىلىك  سۆيۈنىدىغان  ئەسلىدىكى  ھالىتىڭنى  ساقلاپ  قال!
سەندىن  بىرلا   ئۆتۈنۈشۈپ   بار  مىنى  جېنىم   دىمىگىن!  خىرۇستالدەك  سۈپ-سۈزۈك  دوسلىقىمىز  خىرەلىشىپ  خاسلىقىنى  يوقۇتۇپ  قويمىسۇن! ئاشۇ  پاكىز  قەلبلەر     كۆرۈنمەس  تۇمان  ئىچىدە  قالمىسۇن!
مىنى جېنىم دىمىگىن!  سەھەردىكى   ھەبنەمدەك  پاك  بىغۇبار  دوسلۇقىمىز   ئېغىر جۇدالىقتىن  ئېڭىراپ   قىينالمىسۇن  !
مىنى جېنىم دىمىگىن !

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

89

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
21
مۇنبەر پۇلى
65
ئىشەنىچ
21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 12:15:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى خەتلەرنىڭ ئارىلىقى نىمىشقا ئۇنداق يىراق بولۇپ قالغاندۇ؟مەن تەھرىردىن كىرىپ ئوڭشاپ قوياي دىسەم ،ئارىلىق ئۇنداق يىراق ئەمەس .مۇنبەر يۈزىدىن تېمىنى ئېچىپ قارىسام بەزى سۆزلەرنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق ئۇزۇراپ كۆرىنىۋاتىدۇ

1

تېما

2

ئەگەشكۈچى

363

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
76
مۇنبەر پۇلى
285
ئىشەنىچ
76
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 19:55:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tatlik-hiyal يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 12:15
بەزى خەتلەرنىڭ ئارىلىقى نىمىشقا ئۇنداق يىراق بولۇپ قا ...

   بۇ نەسىرلىرىدە بىر پاك قەلبنىڭ سەمىمىي ھېس-تۇيغۇلىرى ئوبرازلىق تىل ئارقىلىق راۋان ھەم تەسىرلىك ئىزھار قىلىنىپتۇ. قەلەملىرىگە دات، قەغەزلىرىگە چاڭ يۇقمىغاي-ئىلاھىم!
   ھەرقايسى مۇنبەرنىڭ تەھرىرلىك مەشغۇلات سىستېمىسى پەرقلىق بولسا كېرەك؟ بىر ئابزاس ئاخىرلىشىپ، يېڭى ئابزاسقا كۆچىدىغاندا بوش ئورۇن كونۇپكىسىنى ئىشلەتمەي، ئالدى بىلەن enter كونۇپكىسىنى بىر بېسىپ باش قۇرغا كۆچۈپ، ئاندىن بوش ئورۇن كونۇپكىسىنى 2،3قېتىم بېسىۋەتكەندىن كېيىن يازما يېزىشنى باشلىسىللىرى ئۇنداق بولماسمىكىن دەيمەن. ھە-راست، سۆز-جۈملىلەر ئاخىرىغا چىكىت، ياكى پەش قويۇشتىن، قوش تىرناق ۋە يالاڭ تىرناقلارنى يېپىشتىن ئاۋال بوش ئورۇن قويماسلىق كېرەككەن. بوش ئورۇننى چىكىت، پەشلەردىن ياكى تىرناقنى ياپقاندىن كېيىن قويۇشىمىز لازىمكەن.
چىرىقىڭ قانچە، سايەڭمۇ شۇنچە.

2

تېما

1

ئەگەشكۈچى

105

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
42
مۇنبەر پۇلى
59
ئىشەنىچ
42
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 16:54:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار منى جېنىم دىمەڭلار

36

تېما

52

ئەگەشكۈچى

5587

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
مەخپى
تۆھپە
2682
مۇنبەر پۇلى
2727
ئىشەنىچ
2682
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 17:10:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار مىنى جېنىم دېمەڭلار
مىنى ئويلاپ خىيال سۇرمەڭلار   
بىر مىنىڭ دەپ غىمىم يىمەڭلار
ئۇچۇر يوللاپ تېرىكتۈرمەڭلار


نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 22:06:24
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،بەكمۇ ياقتۇردۇم.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 22:09:14
ياخشىكەن
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 22:16:21
بەك ياخشىكەن

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 23:17:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىدىگەن ياخشى يىزىلغان تىما بۇ

3

تېما

0

ئەگەشكۈچى

261

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
112
مۇنبەر پۇلى
141
ئىشەنىچ
112
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 11:10:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانگۈل يوللىغان ۋاقتى  2014-6-20 23:17
نېمىدىگەن ياخشى يىزىلغان تىما بۇ

مېنى  جېنىم  دېمىگىن بەك  ئالدىراپ،
  ئالدىمىزدا ئويمان،چۇڭقۇر ،تاغلار بار.
  ساقليالساڭ سۆيگۈڭنى پاك خەسىدەك،
ساداقىتىم بولار ساڭا مەڭگۈ  يار.
                         تورداشلارنىڭ  داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۇمىد  قىلمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-7-3 14:12, Processed in 0.111443 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش