مەن شۇنداق ئوغۇل بالىمەن ساتىرا (مەرھۇم شائىر تىيىپجان ئېليۇفنىڭ شۇ ناملىق شېئىرىغا يانداش) مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
مەن شۇنداق سۈپەتلىك ئوغۇل بالىمەن، ھەريەردە ھەرياڭزا بولۇۋالىمەن. كىم ئالقىش ئالسا سېسىتىپ دالدىدا ئەللىك بەش تىراكتۇردەك ئوت ئالىمەن.
تاق دېسەڭ تاغنىڭ تېگىدە بىر ئۇچى، مېنى چوڭ سۆزلەتكىنى ناننىڭ كۈچى. ئۆزۈمنى قىلمايمەن ھېچكىمگە تەڭ، تاغچىنى ئانىي تېپىشتا مەن نوچى.
سازچىسى چالغاندا سازنى بۇزىمەن، «كۈيچى» بۇپ ياققان ئاۋازنى بۇزىمەن. ئاق ئۈژمىگە پېقىر ئۆچ، يازنىڭ كۈنى، خەق يىمىسۇن سىلكىپ يازنى بۇزىمەن.
كىمگە ئالقىش ياغسا ئەتە مەن شۇ كىم، ئەگەر شۇ كىم بولالمىسام جىق گېپىم. مېۋە بەرگەن شاخ قۇرۇسا بايرىمىم، مەن بىر لەگلەك شەيتان قولىدا يىپىم.
كۆركى يوق كۈزلۈك بېدە -ئەھلى ئىلىم، بولسىلا ئورغاققا ئوخشاش بۇ تىلىم. تەپەككۇرغا نۇرغا ئۆچ شەپەرەڭمەن، شۇڭا چىقمايدۇ ئەلدىن سەركە-ئالىم!
يەتمەيدۇ ئاق-قارىنى ئىلغاشقا كۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس شۇڭا ئەقىلدىن سۆز. پىتنە-پاسات تارقىتىمەن پاشىدەك، قىچىشىدۇ بىردەمدە مەن قونغان يۈز.
ئەسلى گۈل ھاياتنى كۈل قىلغانمۇ مەن، ۋىجداننى پىچاق بولۇپ تىلغانمۇ مەن. «چامغۇر يۇلۇش»مەسەلى مەن ياندا بار تۆھپە مېنىڭ! چامغۇرنى يۇلغانمۇ مەن!
كىم دېسەڭ،كۈندۈزدە كۈن، كەچلەردە ئاي «قارا قورساق،نادان» دېمە كىم بولاي! ئىناق ئۆتمەي چىشلەش،تالاش خالايىق پادىنى بۇزغىنى مەن شاتراق موزاي.
كىم مېنى موزاي دېسە ئۆزى موزاي، تۈلكە بولۇپ شۇ موزايغا گۆر قازاي. بىرگە ھەم توققۇزنى قوشسام ئىش پۈتۈر، «ئۇي»دېدىڭ - قازى كالانغا ئەرز يازاي.
ئىزاھ: ئۇي ـــ پىچىۋېتىلگەن كالا.
|