(دۇنياۋىي مەشھۇر ئىپوس «ماناس»نى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئېيتىپ پۇتۇن دۇنياغا تۇنۇلغان ئاتاقلىق ماناسچى ، دۇنيادىكى قىرغىز قېرىنداشلارنىڭ ھۆرمەتكە ئىگە سەننەتكارى يۇسۇپ ماماينىڭ ۋاپاتىنى ئاڭلاپ بەكمو قايغۇردۇم ، .... نە ئامال .... قايغۇرۇپ ئولتورۇپ بو قۇرلارنى پۇتتۇم )
سىزنى كېتىپ قالدى دەپ، كەلگىنىدە شۇم خەۋەر. سانجىلغاندەك بىلىندى، يۇرىگىمگە قوش خەنجەر.
ئۆتكۇر ئىدى ئەجەپمو ، ياشلاردەكلا زېھنىڭىز. ئويلىماپتۇق بو كۇننى، ‹‹ماناس››ئېيتىپ يۇرسىڭىز.
ھازا ئاچتى سىز ئۇچۇن، ئالمىتانىڭ باغلىرى. مۇڭغا چۇمدى ئەلەملىك، پامىرىمنىڭ تاغلىرى.
دەرتلىك تىندى قىزىلسۇ، ‹‹ماناس››چىدىن ئايرىلىپ. قان يىغلىدى قىرغىزلار، قاناتلىرى قايرىلىپ.
شاگىرتىڭىز كۆپ بولغاچ، كۆمۇلمەيو ئىزىڭىز. ئۇلاپ ئېيتۇر ئىپوسنى، ئاقىل ئوغۇل-قىزىڭىز.
كەتكەن بىلەن جىسمىڭىز، قالدى ياخشى نامىڭىز. دۇئا قىلاي سىز ئۇچۇن، جەننەت بولغاي جايىڭىز.
2014- 6-1 ئاقتۇ
|