تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2552|ئىنكاس: 6

ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان كىتاب ـــ ‹‹مىراس ئەدەپلەر››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

41

تېما

14

ئەگەشكۈچى

980

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىدائىي
تۆھپە
111
مۇنبەر پۇلى
713
ئىشەنىچ
111
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 18:06:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەلى كېرىم كۆكئالىپنىڭ ‹‹مىراس ئەدەپلەر›› ناملىق كىتابى يېقىندا شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى



   
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقىمىزنىڭ روھىيىتى ۋە ھايات تەرزىگە تىندۇرما بولغان مىللىي خاراكتېرى، ئىشەنچ-ئېتىقادى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەت، ئەدەپ، ئەخلاق ۋە پەزىلەت يوسۇنلىرىنى تەتقىق قىلىپ، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ئىنچىكە ھالقىلىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، خەلقىمىزنىڭ ھايات پائالىيىتىگە ئەڭ باب كېلىدىغان ئەدەپ-ئەخلاق نورمىسىنى بېكىتىش ۋە ئۇنى كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىغا ئومۇملاشتۇرۇش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان ئىجتىھاتلىق قەلەمكەش ۋەلى كېرىم كۆكئالىپنىڭ «مىراس ئەدەپلەر» ناملىق يېڭى كىتابى يېقىندا شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىپ تارقىتىلدى.
    مەزكۇر ئەسەرنىڭ مەزمۇنى خەلقىمىز ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئەدەپ ۋە پەزىلەت يوسۇنلىرى، ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى، ياسىنىش ۋە يۈرۈش-تۇرۇش، يېمەك-ئىچمەك، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، گەپ-سۆز، مېھماندارچىلىق، يوقلاش، سودا-تىجارەت،پاكىزلىق ۋە كۈندىلىك ئىش-پائالىيەتلەردىكى ھەرقايسى ئىنچىكە ھالقىلارغىچەچېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە شەخسنىڭ روھىي قىياپىتى، مەدەنىيەت ساپاسى ۋە مىجەز-خاراكتېرى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئېتىدۇ.كىشىلىك ئەخلاقنى كۈچەيتىشتە ئەدەپ ۋە پەزىلەت يوسۇنلىرىغا دىققەت قىلىش، «باشقىلارنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىنى تىزگىنلەش، لايىقىدا بولۇش، سەمىمىي بولۇش» پىرىنسىپى ئاساسىدا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىش، ئەدەپسىز قىلىقلاردىن قەتئىي ساقلىنىش كۈچەپ تەكىتلىنىدۇ.
    مەلۇمكى، ئادەم تۇغۇلغاندىن تارتىپ تۈرلۈك ئەدەپ ۋە قائىدە-يۇسۇنلارنى ئۆگىنىدۇ. شەخس نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەدەپ ۋەپەزىلەت يوسۇنلىرى كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش ۋە ئەخلاقىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تاكامۇللاشتۇرۇش، تۇرمۇشىنى خاتىرجەم ۋە بەختلىك قىلىش، كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ساپلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
    «مىراس ئەدەپلەر» ناملىق بۇ ئەسەر سىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان ئەدەپ ۋە پەزىلەت يوسۇنلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىڭىزگە، پەرزەنتلىرىڭىزنى سۈپەتلىك تەربىيەلىشىڭىزگە كۈچلۈك ياردەمچى بولالايدۇ. شۇنداقلا سىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز، ئەڭ يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگە ھەدىيە قىلىشتىكى ئەھمىيەتلىك سوۋغا بولالايدۇ. سىز بۇ كىتابتىن ئۆزىڭىز يوقىتىپ قويۇۋاتقان، سەل قاراپ كېلىۋاتقان ياكى سىزدە بولسىمۇ دادىل نامايان قىلالمايۋاتقان نۇرغۇن ئەدەپ، ئەخلاق، قائىدە-يوسۇنلار ۋە ئۇلارنى قانداق يوسۇندا ئېلىپ بېرىش، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە قىممەتلىك ساۋاتلارغا، ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز.





*

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

12

تېما

4

ئەگەشكۈچى

532

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
156
مۇنبەر پۇلى
338
ئىشەنىچ
156
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 21:18:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەدەب-ئەخلاق، شەرمى-ھايا بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى تولىمۇ خاسىيەتلىك ئىش بوپتۇ، مەن بۇ كىتابنى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە قىممەتلىك بۇيۇم سۈپىتىدە ساقلاشقا ۋە كۈندە زىكرى قىلىپ تۇرۇشقا تېگىشلىك دەپ قارايمەن. ئاپتورنىڭ ئەجرىگە مىڭلارچە تەشەككۈر، بىر ۋاقلىق تۇرمۇش مەئىشىتىنىڭ مەرىدىن كېچىپ بۇ كىتابنى سېتىۋالىدىغان قېرىندىشىمىز قانچىلىك چىقاركىن قېنى؟  

95

تېما

34

ئەگەشكۈچى

8713

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3204
مۇنبەر پۇلى
3993
ئىشەنىچ
3204
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 22:47:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كىتاپكەن، چۇقۇم ئوقۇيمەن.

10

تېما

0

ئەگەشكۈچى

275

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد
تۆھپە
42
مۇنبەر پۇلى
203
ئىشەنىچ
42
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 22:31:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكئالىپ ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر،بۇ كىتاپنى سېتىۋىلىپ قىممەتلىك بايلىق سۈپىتىدە ساقلايمەن.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 13:54:11
ياخشئ كئتاپ ظئكەن

باھا سۆز

ئىسىل: 0.0
غۇرۇر ئىسىل: 0
مەن باي بولسام كىتاب سېتىۋالاتتىم. ماكسىم گوركى. ئەلۋەتتە ئوقۇيمىز.  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 19:03

2

تېما

0

ئەگەشكۈچى

374

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
36
مۇنبەر پۇلى
326
ئىشەنىچ
36
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 21:16:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كىتاپتەك قىلىدۇ.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-5 20:37, Processed in 0.119659 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش