تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1163|ئىنكاس: 6

مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2

ئەگەشكۈچى

273

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
116
مۇنبەر پۇلى
131
ئىشەنىچ
116
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 12:09:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1989514637 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-10 01:45  

      مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئورۇنلار قانداق مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ؟
    ھەمىمىزگە مەلۇم،بۇ يىل 5-ئاي بولسا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ 32-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيە  پائالىيىتى ئېيى بولۇپ، بۇ تەربىيەنى ئېلىپ بېرىشتىن مەقسەت-پۇخرالارغا قارىتىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى يادىرو قىلپ،پارتىيەنىڭ مىللەت نەزىريەسى ،مىللىي سىياسەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۈگۈنىش ۋە ئىگىلەش،بىر-بىرىنى چەتككە قاقماي، كەمسىتمەي، «مىللەت»نىڭ ئۇقۇمى، ئالاھىدىلىكلىرىگە بولغان چۈشەنچىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۈتۈرۈپ،ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە چۈشۈنۈشنى تەشەببۇس قىلىش،نىمە مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا ھەقىقى كۈچەپ،زىدىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۋەتمەي، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى قوغداش جاۋاپكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ،دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىشنى – مۇقۇملۇق، ئۇزاق ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىردىن –بىر ۋاستىسى قىلىش،  زەربە بىرىشتە «جوڭخۇا خەلق جومھىريىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇش،خاس پىرىنسىپلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، « ئۈچتىن ئايرىلالماسلىق» ئىدىيىسىنى بارلىق مىللەت ۋە پۇقرانىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى ھەر  مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇش ئىبارەت .
     بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش-پەقەت تەشۋىقات،ئاخبارات،مائارىپ تارمالىرى ھەم مەلۇم بىر مىللەت ياكى پوقرانىڭ ئىشى بولماستىن،بەلكى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئىشى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى»نىڭ ئالاقىدار بەلگۈلمىللىرىگە ئاساسلانغاندا،بۇ تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا،ئۇرۇنلار تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك:
  (1)دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز ئورنى، تارمىقى،سېستىمىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ؛
  (2)كارخانا،كەسپىي ئورۇنلار ئۆز ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسىنى جانلىق،كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن قانات يايدۇرىشى كېرەك؛
  (3)يېزا(بازار)كوچا،كەنت(شەھەر) ئاھالە كومتېتلىرى ۋە مەھەللىلەر ئەمىلىيەتنى ئاساس قىلىپ،قارمىقىدىكى كەنت(شەھەر) ئاھالىسى ۋە  كۆچمە ئاھالىلەرگە مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىپ،شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە مەھەللىلەرنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ھەممە ئائىلەرگىچە قانات يايدۇرىشى كېرەك؛
  (4)مائارىپ مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى مائارىپ يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ،ئالىي مەكتەپلەر،تېخنۇكوملار،ئوتىتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر  مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى دەرىسلىكىنى تۈزۈشى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە تەربىيەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسىدىكى جاۋاپكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ،مەكتەپلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىك،ئۈلگىلىك ۋە نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىشى كېرەك؛
  (5)مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتىلغان مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ھەمدە مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىلانىغا،خەلق مائارىپىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ،پارتىيەنىڭ مىللەت نەزىرىيەسى،مىللىي سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى دەرىسخانىغا،دەرىسلىككە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولىشى كېرەك؛
  (6)بالىلار باغچىلىرى،يەسلىلەر ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا كىچىگىدىن باشلاپ،ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسىنى بېرىشى كېرەك؛
  (7)مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مەدىيەت بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،مەدىيەت-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ئورۇنلاش،مۇزېيدا مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە غەيرىي ماددىي مەدىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش،ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش،كىتاپ ئوقۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى ئاساس قىلىنغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرىشى كېرەك؛
  (8)ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتلىرى،مەكتەپلەر دەۋىر روھى ئەكىس ئەتكۈزۈلگەن،مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا ئتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى،ئىناق ئۈتۈشى،ئورتاق تەرەققىي قىلىشى نامايەن قىلىنغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجات قىلىشى كېرەك؛
  (9)ئاخبارات-نەشىرىيات مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك كىتاپ،ژورناللارنى تەكشۈرۈپ بىكىتىشى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئەكىس ئەتكۈزۈلگەن نادىر نەشىر بويۇملىرىنى ئۆزلۈكسىز نەشىر قىلىشى، كىتاپ-ژورناللارنى تەھرىرلەش،بېسىش،نەشىر قىلىش،تارقىتىش،ئۇن-سىن ئېلېكتىرون نەشىر بۇيۇملىرىنى تەييارلاش،تۈر نەشىر بۇيۇملىرى ۋە نەشىر بۇيۇمى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك؛
  (10)ئەدىلىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسىگە دائىر قانۇن-نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،ئاساسىي قانۇن،مىللىي تېرتۇرىيەلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنى ۋە مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا دائىر قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پىلانغا كىرگۈزۈپ،ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ،ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەپەتىنى قانۇن ئارقىلىق كوغداشنى ئۈگىنىۋېلىپ،قانۇننى بىلىدىغان،قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پوقرا قىلىپ تەربىيەلەپ،دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ،مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقۇملۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان،مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك؛
  (11)ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقىلىرى  ئالاقىدار ساھە مەسئۇل تارماقىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە،داۋاملىق تەربىيە،كەسپىي تەربىيە ۋە ئىلەمچىلەرنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى لازىم،تەربىيەلەش پىلانىدا مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا دائىر مەزمۇنلار بولىشى كېرەك؛
  (12)مىللەت-دىن ئىشلىرى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقىلىرى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە ئىلغار نەمۇنىچىلەرنى يارىتىش،تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ،تىپلارنى بايقاپ،خۇلاسىلاپ ۋە تەشۋىق قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ،تىپلارنىڭ رۇلىنى جارىي قىلدۇرۇپ،ئاممىنى ئەتراپىدىكى ئادەم ۋە ئىشلار ئارقىلىق تەربىيەلىشى،دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىغا بولغان مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى دىنىي سورۇنلاردا،دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدا قانات يايدۇۇشى كېرەك؛
  (13) سودا- سانائەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقىلىرى كارخانا ۋە يەككە سودا- سانائەتچىلەرگە بولغان مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، تىزىملاتقان نام، ئەنگە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى، ئېلان پائالىيىتى ۋە باشقا سودا پائالىيەتلىرىدە مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا پايدىسىز مەزمۇنلارنىڭ بولىشىغا يول قويماسلىق كېرەك؛
  (14)ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،ئۇلارغا مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى بېرىشى كېرەك؛
  (15)كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ،ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى قىزىقارلىق ئۆتكۈزۈشى كېرەك؛
  (16)ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ جەمىئيەت ۋە ئائىلىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللار ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى بېرىشى كېرەك؛
  (17)گېزىت،رادىيو،كىنو،تىلىۋىزىيە،ئىختىزاد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسئۇل تارماقىلار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكىرىنى يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ،ئالاقە تورى،يان تىلېفون قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىگە دائىر قانۇن-نىزام،چوڭ-چوڭ پائالىيەتلەر،ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى مەزمۇنىدىكى مەخسۇس خەۋەرلىرى،رادىيو-تىلىۋىزىيە پىروگىراممىلىرى، ئۇچۇر تورى ئۈن-سىن پىروگىراممىلىرىنى ئىشلەپ،جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانلىرىنى بېرىپ،ياخشى جامائەت پىكىرى كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك؛
  (18)تۆمۈر يول، تاشيول، خەلق ئاۋياتسىيەسى، سەھيە، ساياھەتچىلىك، سودا قاتارلىق تارماقلار مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، بېكەت، سودا-ساراي، دوختۇرخانا، كوچا، مەيدان، ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق كۆزنەك ساھەلەر ۋە جامائەت سورۇنلىرىغىچە قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك؛
  (19)پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن-مائارىپ تەتقىقات ئاپىراتلىرى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى نەزەرىيەسى ۋە چوڭ-چوڭ ئەمىلىي نەتىجىلەر تەتقىقاتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى ۋە مەدىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
  (20)ھەر قانداق ئورۇن(كىشى)نىڭ بۇ «نىزام»غا خىلاپلىق قىلىپ، دەرىس،سۆز مۇنبەرلىرى،تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاستىلىرى،ئاممىۋىي يىغىلىش،كۆڭۈل ئېچىش ياكى سەئەت كېچىلىگى،مەدىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە باشقا ئۇسۇللاردىن پايدىلىنپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇقۇملىققا پايدىسىز گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. مىللەتلەر ئىتىپاقلىققا، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان، جامائەتنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدىغان پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان، قۇتراتقۇلۇق قىلغان، باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتكەن، چەتكە قاققانلار ئېلىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
خۇتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن مەمەتئېيسا سۇلايمان

0

تېما

2

ئەگەشكۈچى

809

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
ئۇيغۇر ئوغلى
تۆھپە
284
مۇنبەر پۇلى
519
ئىشەنىچ
284
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 01:13:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولۇپمۇ 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلارغا، قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك. جەمىيىتىمىز تىنچ-ئامان بولسا، دۆلىتىمىزمۇ تەرەققىي قىلىدۇ، خەلقمۇ خاتىرجەم بولىدۇ.
ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى!

باھا سۆز

anatil8 ئەخلەت ئىنكاس.  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 14:11
anatil8 سىزمۇ مۇقۇملۇق خىزمىتىگە مەسئۇلما؟قىزىل پاچاق بىرسىكەنسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 14:10

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

27

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
17
مۇنبەر پۇلى
11
ئىشەنىچ
17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 14:11:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا خۇدايىم،

ما ھۆكۈمراننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيرانلا قاپتىمەن.

14

تېما

2

ئەگەشكۈچى

273

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
116
مۇنبەر پۇلى
131
ئىشەنىچ
116
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 11:17:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 01:13
بولۇپمۇ 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلارغا، قانۇن-تۈزۈ ...

سىزمۇ مەقسەت-مۇددانى چۈشەنمەيدىغان،ئاق-قارىنى پەرىق ئەتمەيدىغان كالۋا ئكەنسڭز،ۋاقىت چىقىرىپ جىنايى ئىشلار قانۇنىڭ خاس پىرىنسىپلىرىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ قۇيۇڭ،بىرەر ئىشنى قانۇن بويىچە قىلغان ياخشىمۇ ياكى سىياسەت ۋە ياكى بىرەر ئادەمنىڭ ئىرادىسى بويىچە بىجىرگەن ياخشىمۇ؟؟؟!!!!

2

تېما

1

ئەگەشكۈچى

105

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
42
مۇنبەر پۇلى
59
ئىشەنىچ
42
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 10:17:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىېما ئىكەن ،تىېما ئگىسگە رەخمەت .

14

تېما

2

ئەگەشكۈچى

273

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
116
مۇنبەر پۇلى
131
ئىشەنىچ
116
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 12:59:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋجۇت يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 10:17
ياخشى تىېما ئىكەن ،تىېما ئگىسگە رەخمەت .

kungul bolginingizga kop rahmat    mawjutlikingizni  hakiyki his kildurdingiz

14

تېما

2

ئەگەشكۈچى

273

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
116
مۇنبەر پۇلى
131
ئىشەنىچ
116
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 13:00:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋجۇت يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 10:17
ياخشى تىېما ئىكەن ،تىېما ئگىسگە رەخمەت .

kungul bolginingizga kop rahmat    mawjutlikingizni  hakiyki his kildurdingiz
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-7-3 11:35, Processed in 0.107856 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش