- تىزىملاتقان
- 2014-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-2
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 86
- نادىر
- 0
- يازما
- 13

- تۆھپە
- 24
- مۇنبەر پۇلى
- 56
- ئىشەنىچ
- 24
| | ( 9 ) بىر قاغا بىر پارچە گۆشنى ئۇغۇرلاپ كىلىپ بىر دەرەخكە كېلىپ قۇنۇپ تۇرسا، بىر تۈلكە بۇنى كۆرۈپ قېلىپ كۆڭلىدە قاغا دىگەن دۆت نىمە، ئىككى-ئۈچ ئېغىز ماختاپ قۇيسام ئۆزىنى بىلمەي قاقىلدايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاغزىدىكى گۆش چۈش كەتسە يەۋالمايمۇ دەپ ئۇيلاپ قاغىغا: -ھەي قاغا ،-دەپتۇ، قاغا پىسەنت قىلماپتۇ،تۈلكە يەنە : -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۆيۈملۈك قاغا، سەن بەك چىرايلىق جۇما،--دەپتۇ. قاغا يەنە پىسەنت قىلماپتۇ، تۈلكە يەنە نۇرغۇن شىرىن-شىكەر گەپلەرنى قىلغان بولسىمۇ قاغا يەنىلا جىم تۇرۇۋاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تۈلكە جىلە بولۇپ: -ھەي قاغا نەدىن سەن؟-دىسە، ھېلىقى قاغا ئاغزىدىكى گۆشنى پۇتىدا چىڭ قىسىۋېلىپ تۇرۇپ: -مەن ئاتۇشتىن،-دىگۈدەك. ( 10 ) ساراڭلار ساناتورىيەسىدە دوختۇر ئىككى ساراڭنىڭ ساقايغان-ساقايمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئورۇندۇق ياساشنى بۇيرۇپتۇ، ئۇلار ياساپ بولغاندىن كېيىن ياسىغان ئورۇندۇقلىرىنى سىرلاشنى بۇيرۇپتۇ، سىرلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا يېڭى سىرلىغان ئورۇندۇقلىرىدا ئولتۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ. ئۇ ئىككى ساراڭنىڭ ئىچىدىكى بىرى بېرىپلا ئولتۇرۇپتۇ، يەنە بىرى گېزىت قويۇپ ئولتۇرۇپتۇ. دوختۇر كۆڭلىدە ماۋۇ ساراڭ ساقايغان ئوخشايدۇ دوپ ئويلاپ، ئۇنىڭدىن: - ھەي، سەن نېمىشقا ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە گېزىت قويۇپ ئولتۇرىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى ساراڭ: - ماۋۇ ساراڭدىن ئېگىزرەك ئولتۇراي دېدىم. - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
( 11 ) قىممەت ئۆي يېڭى توي قىلىپ ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۋاتقان ياش ئەر-ئايال پاراڭلىشىپتۇ؛ ئايال؛بىزمۇ قاچان باشقىلارغا ئوخشاش قىممەت باھالىق ،ئېسىل ئۆيدە ئولتۇرامىز،بۇ ئەسكى ئۆيدىن جاق تويدۇم! تاپا-تەنىدىن زېرككەن ئەر خۇرسىنغان ھالدا دەپتۇ؛ -كېلەر ئايدىن باشلاپ قىممەت ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولدۇق. -نېمە،يېڭى ئۆي ئالىمىزما! -ياق،بايا ئۆي ئىگىسى تېلېفون قىلىپتۇ،كېلەر ئايدىن باشلاپ ئۆينىڭ ئىجارسنى بىر ھەسسە ئۆستۈرىدكەن. ( 12 ) ئۇچ پوچى ئۇچ پوچى تازا ئىچىپ قىزىغاندىن كېيىن خوتۇنلىرنىڭ ئەۋرشىملىكىنى ماختاپ پو ئېتىشقا باشلاپتۇ؛ بىرنچى پوچى؛مېنىڭ خوتۇنۇم شۇنداق ئەۋرشىمكى بوينىغا يۆگەيدىغان شارپىنى كىيىم ئورنىدا كىيەلەيدۇ. ئىككنىچى پوچى؛مېنىڭ خوتۇنۇم شۇنداق ئەۋرشىمكى،ئالدىنقى كۈنى ئۆيدە مۇنچىغا چۇشمەن دەپ،ئىككى پۇتى سۇ چۈشۈرۈش تۇرۇبىسغا كىرىپ كېتىپتىكەن ئاران تەستە تارتىپ چىقىرىۋالدىم. ئۈچىنچى پوچى؛ سىلەرنىڭ خوتۇنۇڭلار ئانچە ئەۋرشىم ئەمەسكەن ،مېنىڭ خوتۇنۇم ئالدىنقى كۈنى شاپتۇل يەپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇرۇقچىسىنى يۇتۇۋالغان ئىدى،سىرتقا چىقسا قوشنىلار قورسقىڭىزدىكى بوۋاق قانچە ئايلىق بولدى دەپ سۇراپتۇ. ( 13 ) مۇمكىن ئەمەس ۋىجىك بىر ئادەم قىقاس-چۇقانغا تولغان قاۋاققا كىرىپ توۋلاپتۇ؛ -سىرتتكى تېبەت ئىتى كىمنىڭكى؟ ناھايىتى بەستىلىك كەلگەن بىرسى دېۋەيلەپ كېلىپ دەپتۇ؛ -مېنىڭكى،نېمە بولدى؟ ئۇنىڭ ئەلپازىدىن قورققان ۋىجىك ئادەم دەرھال مۇلايىملىشىپتۇ؛ - كەچۈرۈڭ ئەپەندى، ئىتىڭىزنى كۈچۈكۈم ئۆلتۈرۈپ قويدى. بەستىلىك كىشى مەسخىرىلىك كۈلۈۋەتكەندىن كېيىن دەپتۇ؛ -بۇ پەقەتلا مۈمكىن ئەمەس!قېنى ئېيتە ،مېنىڭ ئىتىم شۇنداق يوغان ھەم ياۋۇز تۇرسا ،سېنىڭ كۈچۈكۈڭ قانداق ئۆلتۇرۇپ قويدى؟ -كۈچۈكۈم ئىتىڭىزنىڭ گېلغا تۇرۇپ قېلىپ ئۆلتۇرۇپ قويدى... ( 14 ) بىر يىگىت يولدا كېتىۋېتىپ بىر پالچىغا ئۇچراپ قاپتۇ ۋە پال ئاچقۇزماقچى بوپتۇ. پالچى: - ئوغلۇم، سەن ھاياتىڭدا ئۈچ قېتىم ئۆيلىنىدىكەنسەن، كېيىن بىر سەۋەب بىلەن قارىلىنىپ 10 يىل تۈرمىدە ياتىدىكەنسەن، ئۇنىڭدىن كېيىن خىزمىتىڭ ئەسلىگە كېلىپ ئۆسۈپ چوڭ ئەمەلدار بولىدىكەنسەن؛ ھاياتىڭنىڭ ئاخىرىدا پىچاق يەپ ئۆلىدىكەنسەن. - دەپتۇ. يىگىت ئۇنىڭغا ئىشەنمەي پۇلمۇ بەرمەي كېتىپ قاپتۇ. كېيىن پالچى دېگەندەك ئۈچ قېتىم ئۆيلىنىپتۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلىنىپ كېتىپ 10 يىل تۈرمىدە يېتىپتۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئاقلىنىپ چىقىپ كاتتا ئەمەلدار بوپتۇ. بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى پالچى ئېسىگە كېلىپ ئويلاپ باقسا پالچىنىڭ ھەممە گېپى توغرا چىققان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بەكلا قورقۇپ كېتىپ پېنسىيەگە چىقىۋېلىپ ئۆيىگە بېكىنىۋاپتۇ. تالا-تۈزگە چىقىپ قالسىمۇ «پىچاق يەپ كېتىش» تىن قورقۇپ تام ياقىلاپ بېرىپ تام ياقىلاپ قايتىپ كېلىدىكەن، ھېچكىم بىلەنمۇ ئارىلاشماپتۇ. ئاخىرى قانداق بوپتۇ دېمەمسىلەر، جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە جان ئۈزۈپتۇ. ( 15 ) تۇغۇت بۆلۈمىگە يېڭىدىن تەقسىم قىلىپ كەلگەن سىستېرا قىز بىر دوختۇردىن سوراپتۇ : - دوختۇر، دىققەت قىلدىڭىزمۇ بىلمىدىم. يېقىدىن بۇيان تۇغۇت بۆلىمىمىزگە كىرگەن ئاياللارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغىۋاتىدۇ، بۇنڭىدىكى سەۋەپ زادى نىمە ؟ دوختۇر پەرۋاسىزلا مۇنداق دەپتۇ: - ھازىر جەمىيەت ئامانلىقى بارغانسىرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنداق شارائىتتا كىممۇ سىرتقا يالغۇز چىقىشقا پېتىنالايدۇ؟ ( 16 ) بىر ئايال ئۆيىنى سىرلىتىش ئۈچۈن سىرچى ياللاپتۇ، ھېلىقى سىرچى كەچ كىرگۈچە ياتاق ئۆينى ئاران سىرلاپ تۈگىتىپتۇ ۋە قالغان ئىشنى ئەتىسى كېلىپ قىلىدىغانغا دېيىشىپ قايتىپ كېتىپتۇ. كەچتە ھېلىقى ئايالنىڭ يولدىشى قايتىپ كېلىپ، چىراقنى ياندۇرماقچى بولۇپ قۇرۇمىغان تامنى تۇتۇۋېلىپتۇ، بەش قولىنىڭ ئىزى تامغا چىقىپ قاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە سىرچى يەنە ئىشلىگىلى كەپتۇ، ھېلىقى ئايال سىرچىغا: - ياتاق ئۆيگە كىرىڭە، مەن سىزگە ئاخشام يولدىشىم تۇتقان يەرنى كۆرسىتىپ قوياي - دەپتۇ. سىرچى ناھايىتى ئوڭايسىزلانغان ھالدا: - كەچۈرۈڭ خانىم، مەن گەرچە نامرات بولساممۇ دىيانەتلىك، پاك ئادەممەن؛ ناشايان ئىشلارنى قىلمايمەن- دەپتۇ. ( 17 ) بىر ئايال بىر كوزىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. كوزىنىڭ ئىچىدىن دىۋىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ: -ئەگەر مېنى مۇشۇ كوزىنىڭ ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويسىڭىز ئۈچ تىلىكىڭىزنى ئورۇنلاپ بېرەتتىم. ئايال دىۋىنى قۇتۇلدۇرۇۋاپتۇ، دىۋە ئايالغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ ۋە: - رەھمەت سىزگە، بايام سىزگە دېيىشنى ئۇنتۇپتىمەن، ھەرقانداق تىلىكىڭىزنىڭ قوشۇمچە شەرتى بار. ئۇ بولسىمۇ سىز نېمىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئېرىڭىز شۇنىڭ 10ھەسسىسىگە ئېرىشىدۇ-دەپتۇ. ئايال بۇنى ئاڭلاپ: - كېرەك يوق، بىرىنچى تىلىكىم دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال بولغۇم بار-دەپتۇ. دىۋە ئەسكەرتىپ: بۇ تىلىكىڭىز ئېرىڭىزنى سىزدىن 10ھەسسە كېلىشكەن قىلىۋېتىدۇ، بارلىق ئاياللار ئۇنى قوغلىشىدۇ-دەپتۇ. - كېرەك يوق، چۈنكى مەن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال شۇڭا ئۇنىڭ نەزىرىدە مەن ئەڭ چىرايلىق-دەپتۇ ئايال. دىۋە بىر ئەپسۇن ئوقۇپتىكەن، ئايالنىڭ تىلىكى ئەمەلگە ئېشىپتۇ. -ئىككىنچى تىلىكىم دۇنيادىكى ئەڭ باي ئايال بولۇش-دەپتۇ ئايال. دىۋە يەنە ئەسكەرتىپتۇ: -بۇ تىلىكىڭىزمۇ ئېرىڭىزنى دۇنيادىكى ئەڭ باي ئەر قىلىۋېتىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ بايلىقى سىزنىڭكىدىن 10ھەسسە كۆپ بولىدۇ. -كېرەك يوق ئۇنىڭ بايلىقى مېنىڭ بايلىقىم ، مېنىڭ بايلىقىم ئۇنىڭ بايلىقى- دەپتۇ ئايال. دىۋە بىر نەچچە ئېغىز ئەپسۇن ئوقۇشى بىلەنلا ئىككىنچى تىلىكىمۇ ئەمەلگە ئېشىپتۇ. دىۋە ئايالدىن ئاخىرقى تىلىكىنى سوراپتۇ. ئايال بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: -مېنىڭ يېنىك دەرىجىدە يۈرەك كېسىلى بولغۇم بار-دەپتۇ. ( 18 ) چامباشچىلىق گۇمپىسى ئۆگەنگەن بىر شاكىچىك بىر كۈنى مەھەللىدىكى يەنە بىر شاكىچىكتىن تاياق يەپ ئۆيىگە يىغلاپ كىرىپتۇ، بۇنىڭدىن بەكمۇ نومۇس ھېس قىلغان دادىسى ئوغلىنى نوقۇشلاپ تۇرۇپ : _ ھۇ يارىماس! سەن ئىككى يىل گۇمپا ئۆگەنگەن تۇرۇقلۇق، مەھەللىنىڭ چۇپرەندە لۈكچەكلىرىگىمۇ تېتىيالمىدىڭمۇ ؟ - دەپ ئاچچىقلاپتىكەن، ئوغلى ئېسەدەپ يىغلىغىنىچە : _ ئۇ لۈكچەك چىدىماسلىق قىلدى ... – دەپتۇ . بۇ گەپنى ئاڭلىغان دادىسى ئاچچىقتىن لاغ-لاغ تىتىرەپ تۈرۈپ : _ ئېيتە، ئۇ قانداق چىدىماسلىق قىلدى؟ - دىسە، ئوغلى شاپپىدە يىغىسىنى توختۇتۇپ : _ ئۇ لۈكچەك چامباشچىلىقنىڭ قائىدىسى بويىچە مۇشتلاشمايدىكەن ... – دېگۈدەك. ( 19 ) بىر كۈنى ئانىسى 16-17 ياشلارغا كىرگەن بالىسىغا ئۆيىدىكى خورازنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋېتىپ كېلىشىنى بۇيرۇپتۇ ۋە 30يۈەندىن كەم ساتماسلىقنى تاپىلاپ يولغا ساپتۇ؛ بۇ بالا يولدا ماڭغاچ كۆپرەك پۇلغا سېتىپ ئاشقىنىنى خەجلەشنى ئويلاپ بازارغا كىرىپتۇ. بىر ئادەم كېلىپ سوراپتۇ: - خوراز قانچە پۇل؟ - 60 كوي. - 30 كويغا بېرەمسەن؟ - ياق كەم بولا - دەپ بەرمەپتۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن بىر ئايال كېلىپ خورازنى ئۆيىگە ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈپ بېرىشكە 50يۈەنگە كېلىشىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بالا ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، توخۇنى ئەمدى بوغۇزلاي دەپ تۇرۇشىغا ئىشىكنى بىرسى چېكىپتۇ، ئايال جىددىيلىشىپ ئۇ بالىغا: -يولدىشىم خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن، سىزنى مۆكتۈرۈپ قوياي - دەپلا بالىنى توخۇ بىلەن قوشۇپ ئىشكاپقا سولاپ قويۇپ، بېرىپ ئىشىكنى ئاچسا بۇ ئايالنىڭ ئاشنىسى ئىكەن، بۇ ئايال چاندۇرماي ئۆيگە باشلاپ، چاي قۇيۇپ بېرىپ بىرگە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، توخۇنىڭ گېپىنى دەي دەپ تۇرۇشىغا يەنە ئىشىك چېكىلىپتۇ، ئايال دەرھاللا ئۇنىمۇ ھېلىقى ئىشكاپقا سولىۋېتىپ، ئىشىكنى ئاچسا بۇ قىتىم ئېرى راستىنلا كېلىپ قالىدىكەن. ئايال ئامالسىز قېلىپ تاماق ئېتىپ يەپ، ئەندىشە ئىچىدە يېتىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىشكاپتىكىلەر چىقالماي ئىشكاپتا تۈنەيدىكەن، يېرىم كېچە بولغاندا بالىنىڭ ئىچى پۇشۇپ ھېلىقى ئادەمگە: - ئاكا توخۇ ئالامسىز؟ - دەپتۇ. بۇ ئادەم بۇ گەپتىن تېرىكىپ ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ: - كېچىدە ئاز گەپ قىل شۇمتەك - دېسە، بالا: - ئالمىسىڭىز ۋاقىرايمەن، - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇپ: - قانچىگە ساتىسەن؟ - 100كوي. - 30 كويغا ئالاي. - 100 كويغا ئالمىسڭىز ۋارقىرايمەن - دەپتۇ، بۇ ئادەم ئامالسىز توخۇنى ئاپتۇ، يەنە بىردەمدىن كېيىن بالا: - ئاكا توخۇنى 20 كويغا ماڭا سېتىپ بېرىڭ - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئادەمنىڭ ئاچچىقى كېلىپ: - مېنى ساراڭ كۆرمە، ھېلى بېكار بوغۇۋېتىمەن - دېسە، بالا: - ئەگەر ساتماي بوغىمەن دېسىڭىز ئىشكاپنى تېپىپ ۋارقىرايمەن، - دەپتۇ. ئۇ ئادەم ئامالسىز توخۇنى بېرىپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ بالا كېچىچە توخۇ ئېلىپ - سېتىپ 500 يۈەن تېپىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ھېلىقى ئايال ئاشنىسىنى ئاۋۋال چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن بالىغا50يۈەن بېرىپ توخۇنى ئېلىپ قېلىپ ئۆيدىن چىقىرىۋېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ بالا خۇشال ھالدا قايتىپ، ئۆيگە كىرسە ئانىسى ئاچچىقلاپ ئاخشام نېمىشقا ئۆيگە كەلمىگەنلىكىنى سوراپ بولغۇچە، دادىسى كېلىپ بالىنىڭ قولىدىن تارتىپلا سىرتقا ئېلىپ چىقىپ: - يانچۇقىڭدىكى 500 كوينى چىقىرە، شۇمتەك - دېگۈدەك. ( 20 ) بىر قىزغا بىر باينىڭ ئوغلى ئەلچى ئەۋەتىپتۇ، قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر قىزىنى بەرمەي دېسە ئەلچىگە يۈز كېلەلمەپتۇ، بېرەي دېسە كۆڭلى ئۇنىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سالىدىغان سېلىقنىڭ ھەممىسىنى سېلىپ ئاخىرىغا «كۈيۈئوغۇل 80 كىلو كەلمىسە بولمايدۇ» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. لېكىن يىگىت ئاران 55 كىلو كېلىدىكەن. قانداق قىلىش كېرەك؟ يىگىت ئەلچى ئارقىلىق توينى 2 ئاي كېچىكتۈرۈپ، يەپ سەمىرىشنى قارار قىپتۇ. ئىككى ئاي ئۆتكەندە سەمىرىپ ئولتۇرسا قوپالمىغۇدەك دەرىجىگە كەپتۇ-يۇ، لېكىن ئاران 70 كىلو چىقىپتۇ. توي كۈنى يىگىتنىڭ دادىسى يىگىتنىڭ دۈمبىسىگە 10 كىلولۇق ياپىلاق تاشتىن بىرنى تېڭىپ، يوغان كاستيۇمدىن بىرنى كىيدۈرۈپ نىكاھقا ئاپىرىپتۇ. ئەمما قىز تەرەپمۇ نەچچە قىزىنى ياتلىق قىلىش جەريانىدا تەجرىبە توپلىغان كىشىلەر بولغاچقا ئۇنداق ئاسان قويۇپ كەتكىلى بولمايدىكەن. يىگىت ئۆيگە كىرىشىگە بىرىنىڭ: - يىگىتنى تەكشۈرۈڭلار!!! - دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. شۇنداق قارىسا دېگەندەك ئىشىكنىڭ ئالدىدا بىر كۆزى قىيسىق بىر ئادەم تارازا قويۇپ يىگىتنى تارازىغا زورلاپ چىقىرىپتۇ. ھېلىقى ياپىلاق تاشنىڭ خاسىيىتى بىلەن يىگىت 80 كىلو كېلىپ نىكاھ، توي مەرىكىسى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈلۈپ، قىزنى كۆچۈرۈپ كەپتۇ. كەچتە يىگىت باشقا ئۆيگە چىقىپ ھېلىقى ياپىلاق تاشنى دۈمبىسىدىن ئېلىۋېتىپ، ھۇجرىغا كىرىپ كارىۋاتقا چىقىپ «ئۇھـــــ» دەپ قىزنىڭ يېنىدا ئەمدى يېتىشىغا، قىز ۋارقىراپ كېتىپتۇ: - ھوي، سىز كىم؟ چىقىڭ بۇ ئۆيدىن!!! - ھەي، نېمە دەۋاتىسەن، مەن سېنىڭ ئېرىڭ! - سىز مېنىڭ ئېرىم ئەمەس، سىز 80 كىلو كەلمەيسىز، چىقىڭ ئۆيدىن، ھېلى ۋارقىرايمەن!! - ئۇنداق كۇپۇرلۇق گەپ قىلما، مەن سېنىڭ ئېرىڭ. مەن 80 كىلو كەلگەچكە سېنى ئالدىم! - سىز 80 كىلو كەلمەيسىز! قىز شۇنداق دەپ كۆرپىنى شۇنداق قايرىپتىكەن، يىگىت قارىسا كۆرپىنىڭ تېگىدە بىر تارازا تۇرغۇدەك. ( 21 ) بىر قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە سېلىقنى شۇنداق كۆپ سېلىپتۇكى، يىگىت چىشىنى چىشلەپ ھەممىنى بەجا كەلتۈرۈپتۇ. لېكىن تويدا قۇدا تەرەپ سويىدىغان مالغا كەلگەندە يىگىتنىڭ ئىقتىسادى پەقەتلا يار بەرمەپتۇ، ھەتتا ئۆتنە يېرىم قىلغۇدەكمۇ يۈز قالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يىگىت 4 ئاغىنىسى بىلەن مال بازىرىغا چىقىپ ئەرزان باھادا ئورۇقتىن ئورۇق، يۆلەپ تۇرمىسا يىقىلىپ چۈشكۈدەك كالىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئىككىسى سۆرەپ، ئىككىسى ئىتتىرىپ دېگەندەك قىزنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپتۇ. قارىسا ھويلىدا بىرنەچچە موماي پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇپتىكەن، كالىنى كۆرۈپلا ئولىشىۋاپتۇ: - ھەي، كالىما مۇشۇ، نەرىنى يەيدۇ بۇنىڭ؟؟؟؟؟؟؟ شۇنداق قىلىپ ھېلىقى كالىنى سىلكىشلەپ مەسلىھەتىنىمۇ قويماپتۇ. يىگىتلەر خىجىلچىلىقتا كالىنى باغقا ئەكىرىپ سويۇۋېتىپ كېتىپ قاپتۇ. ئەتىسى نىكاھ كۈنىسى يىگىتلەر ھويلىغا كىرىشىگە بىر موماي توۋلاپ قاپتۇ: - ھـــــەي رېھىمبۈۋى، مەيەگە كېلە، ماۋۇ سويمىلار بىلەن ھېسابلىشىمىز. ھــــــي نومۇس قىلماي ئاشۇ كالىنى ئەكەلگەن قايسىڭ؟ گەپ قىلىشە، يىگىت كىم؟ - دېيىشىگە، يىگىتلەرنىڭ كەينىدىن 180 كىلوگىرام كەلگۈدەك، بەستىلىك بىرى چىقىپ: - مەن ھەدە، گەپ باما؟ - دەپتىكەن، ھېلىقى موماي: - ۋىيەي، سويىدىغان مال بىلەن ئالمىشىپ قالغان نېمىكەن بۇ! - دېگۈدەك. ( 22 ) شىركەت خوجايىنى بىر خزمەتچى خادىم يالىماقچى بولغاندا، بىر ياش خىزمەت ئىزدەپ كەلگەنىكەن. خوجايىن ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ تازا جايىدا ئەمەسلىكىنى ئاڭلاپ ،ئۇنىڭدىن بىر قانچە سوئال سوراپتۇ: _ دادىڭىز ھاياتمۇ ؟ _ ياق ،ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن. _ قانداق ئۆلۈپ كەتكەن؟ _ دادام ئىرۇسالىمغا بارغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن ۋە شۇ يەردە دەپنە قىلىنغان . _ دادىڭىز ئىرۇسالىمغا نەچچە قېتىم بارغان ؟ _ ئىككى قېتىم . خوجايىن بۇنى ئاڭلاپ، يىگىتنىڭ كاللىسىنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، ناھايىتى خوشال بولغان ھالدا يەنە ئۇنىڭدىن سوراپتۇ : _ دادىڭىز ئىروسالىمغا قانچىنچى قېتىم بارغاندا ئۆلۈپ كەتكەن؟ يىگىت سەل ئىڭىشىپ تۇرۇپ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن : _تازا ئېسىمدە قالماپتۇ_ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ( 23 ) بىر ئادەم يېڭى كۆچكەن ئۆيىنىڭ بالكونىنى تازىلاۋېتىپ كونا كوزىدىن بىرنى تېپىۋاپتۇ، كوزىنى ئەمدى سۈرتۈپ تۇرۇشىغا ئىچىدىن بىر دىۋە سەكرەپ چىقىپ: -ھەي ئادەم، مېنى قۇتقۇزغانلىغىڭ ئۈچۈن بىر تەلىپىڭنى ئورۇندايمەن، قېنى ئېيتقىن-دەپتۇ. ھېلىقى ئادەم تۇرۇپ كېتىپ: -كوزىنىڭ ئىچىدىن چىققان باشقا دىۋىلەر ئۈچ تەلەپنى ئورۇندايدىكەندۇق، سىز بىرنىلا دەيسىزغۇ - دېيىشىگە دىۋە: -مەن دىگەن ئاتۇشلۇق دىۋە، بولە چاققان تەلىۋىڭنى دە-دەپتۇ. ھىلىقى ئادەم ئويلىنىۋېلىپ: -مۇشۇ مۈشۈكنىڭ توققۇز جېنى بولىدىكەن، مېنىڭمۇ توققۇز جېنىم بولسا-دەپتۇ ، دىۋە ”تەلىپىڭ ئىجاۋەت “ دەپلايوقاپ كېتىپتۇ . كۈنلەر ئۆتۈپ ھىلىقى ئادەم زېرىكىپ بىر قېتىم ئۆلۈپ باقماقچى بولۇپتۇ، ئويان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ پويىز چاقىدا ئۆلۈپ باقماقچى بوپتۇ-دە، رېلىستا يېتىۋاپتۇ. ئەپسۇس، بۇ ئادەم شۇ پېتى بىراقلا ئۆلۈپ قاپتۇ. نېمە ؟دىۋىنى يالغانچىكەن دەمسىز ؟ ياق، ياق، ئۇ كۈنكى پويىز نەق ئون ۋاگونلۇق ئىكەن. ( 24 ) يېزىلىق ساقچىخانىغا بىر موزاي ئۇقۇشماي كىرىپ قېلىپ، ساقچىخانىنىڭ كۆكتاتلىقىنى بىزەپ قىلىۋېتىپتۇ. ساقچىخانا باشلىقى ئىككى ساقچىغا موزاينى تۇتۇپ سولاپ قويۇشقا بۇيرۇپ، باشقا ساقچىلارغا موزاينىڭ ئىگىسىنى ئىزلەپ تېپىپ، زىياننى تۆلىتىۋېلىڭلار دەپ تاپشۇرۇپتۇ. بىر كۈن ئۆتۈپ كېتىپتۇ، موزاينىڭ ئىگىسى تېپىلماپتۇ، موزاينىڭ ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ساقچىخانا باشلىقى يەم - خەشەك سېتىۋېلىپ موزاينى بېقىپ قويۇشقا ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ موزاينىڭ ئىگىسى تېپىلماي، ساقچىخانىدا بىر يىلغا يېقىن تۇرۇپ قاپتۇ، موزاي ھەم يوغان ھەم سېمىز كالا بولۇپ يېتىلىپتۇ، بېقىشمۇ تەسكە چۈشۈپتۇ. چاغاندا ساقچىخانا باشلىقى كالىنى سويۇپ پارچىلاپ، گۆشىنى ساقچىخانىدىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىشنى قارار قىلىپتۇ. كالىنى ئەمدىلا ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى تەقسىم قىلاي دەپ تۇرۇشىغا ساقچىخانا بىلەن تام قوشنا ئولتۇرىدىغان دېھقان ساقچىخانا باشلىقىنى ئىزلەپ كېلىپ: - مېنىڭ كالام خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويدى، سىلەر ئۇنى تۇتۇپ سولاپ قويدۇڭلار، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئىجرامۇ قىلىپ بولدۇڭلار، ئەمدى ھېچ بولمىغاندا بىچارە كالىنىڭ جەسىتىنى بولسىمۇ ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلاي.- دەپتۇ. ( 25 ) دوختۇرخانىنىڭ لابۇراتورىيە بۆلۈمىدە تازىلىق قىلىدىغان تام ئۆيىگە قايتقاچ "كومپيۇتېر ھەرقانچە ئەقىللىق بولسىمۇ ئادەمگە يەتمەيدۇ، ئۇنى بىر ئەخمەق قىلىپ باقايچۇ "ئويلاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە تام بىر كىچىك قاچىغا ئۆيىدىكى تۇرۇببا سۈيىدىن ئازىراق قاچىلاپتۇ، ئاندىن ئىتىنىڭ سۈيدۈكىدىن ئازراق تۆكۈپتۇ، يەنە قىزى بىلەن ئايالىنىڭ سۈيدۈكىدىن ئازراقتىن تۆكۈپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بېرىپ، باش لابىرانتقا بېرىپتۇ. 30 سىكونتتىن كېيىن كومپيۇتېر تۆۋەندىكى جاۋاپنى چىقىرىپ بېرىپتۇ: 1. ئۆيىڭىزدىكى تۇرۇببا سۈيى ياخشى دېزىنفىكسىيە قىلىنمىغان ئىكەن، قايناتقاندىن كېيىن ئاندىن ئىستىمال قىلىڭ. 2. ئىتىڭىز تەمرەتكە بولۇپ قاپتۇ، باكتىرىيىگە قارشى سوپۇن بىلەن يۇيۇپ قويۇڭ؛ 3. قىزىڭىز زەھەر چېكىدىكەن، ئۇنىڭغا زەھەرنى تاشلاتقۇزۇڭ؛ 4. ئايالىڭىزنىڭ بۇيىدا بار ئىكەن، قوش كىزەك، ئىككىلىسىلا قىز، بىراق بالا سىزنىڭ ئەمەس. ( 26 ) - گەپ ئاڭلامسەن - يوق ؟ - دەپتۇ دادىسى ئوغلىغا كايىپ، - قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۇرما دەپ تالاي قېتىم نەسىھەت قىلدىم. بۈگۈن يەنە بىر بالىنى ئۇرۇپسەن. نېمىشقا خەقنىڭ بالىسىنى ئۇرىسەن ؟ - قولۇم قىچىشسا، خەقنىڭ بالىسىنى ئۇرماي ئۇكامنى ئۇرامتىم؟ - دەپتۇ بالسىمۇ بوش كەلمەي
|
|
|