- تىزىملاتقان
- 2013-1-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-30
- ھوقۇقى
- 90
- جۇغلانما
- 3650
- نادىر
- 0
- يازما
- 882
 
- 真实姓名
- Jackie
- تۆھپە
- 1553
- مۇنبەر پۇلى
- 1808
- ئىشەنىچ
- 1553
| بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا مەلۇم بىر قوشۇن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بايغا كېلىپ سايرام ئەتىراپىغا چۈشكۈن قىلىپتۇ. ئۇلار سايرام قېتىقىنىڭ داڭقىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بولغاچقا ھەر كۈنى ئاھالىگە قېتىق ئالۋىڭى سېلىپ بەكلا تويغۇزىۋېتىپتۇ، خەلىق بۇ قوشۇننىڭ قېتىق ئالۋېڭىدىن بەكمۇ زېرىكىپتۇ. بىر كۈنى بىر ئەقىللىق ئايال بىر ئامال ئويلاپ تېپىپتۇ ۋە بۇ ئامالنى ئۆيىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈپتۇ. ئەتىسى قېتىق يىغىشقا مەسئۇل لەشكەرلەر ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئايال نان، چاي قېتىق بىلەن ياخشى كۈتىۋاپتۇ، لەشكەرلەر قېتىق ئىچىپ ئولتۇرسا ئۇ ئايالنىڭ كىچىك ئوغلى يۈگۈرۈپ كىرىپ: _ئاپا چاتاق بولدى، تەخەي ئانىسىنى ئېمىۋالدى-دەپتۇ، ئۇ ئايال يالغاندىن ئاچچىقلاپ: _ھۇ بەدبەخ، مەن ساڭا تەخەينى ياخشى باغلا دېگەنغۇ، ئەمدى تەخەي ئانىسىنى ئېمىۋالغان بولسا مەن قايسسى سۈتنى سېغىپ قېتىق ئۇيۇتىمەن-دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان لەشكەرلەر ئايالدىن: _بۇ نېمە گەپ-دەپ سورىسا، ئۇ ئايال لەشكەرلەرگە: _بەگلىرىم، ئۆيىمىزدە سېغىن كالا يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېغىن كالا بولسۇن بولمىسۇن چوقۇم سىلەرگە قېتىق ئۇيۇتۇپ بەرمىسەك بولمايدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۆيىمىزدىكى ئىشەك تەخەيلىدى، شۇڭا ئامال يوق......-دەپ يەرگە قاراپ تۇرۇپتۇ. لەشكەرلەر بولسا: _ساڭا لەنەتلەر بولسۇن- دەپ تىللىغىنىچە چىنە-تاۋاقلارنى سۇندۇرۇپ چىقىپ كېتىپتۇ، باي خەلقىمۇ قېتىق ئالۋىڭىدىن قۇتۇلۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بايغا ‹ئىشەك قېتىقى› دېگەن لەقەم سىڭىپ قالغانكەن. مەنمۇ بايغا بېرىپ قالسا سورۇنغا چىققان قېتىقنى ‹كالىنىڭ قېتىقىدۇ-ھە؟!› (چاقچاق قىلىپ) دەپ قويىمەن، ئاغىينىلىرىممۇ جاۋابەن ‹ھازىر بايدا سېغىن كالا قالمىدى ئاداش، سورىماي ئىچىۋەرگىن› دەپ چاقچاقلىشىپ قويىمىز. _ |
|