يۇقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئويغۇرلارنىڭ تائاملىرىدىن سۇمۇلەك
سۇمۇلەك ئويغۇرلانىڭ ئەنەنىۋى تائاملىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، كۈپۈنچە ئەتىياز پەسىلدە ئىتىلىدۇ،نۇرمال شاراىتتا 7كۈن ساقلاپ ئىچىشكە بۇلىدۇساقلىغاندا ئىچى قۇرۇق ئاغىزى ھىم قاچىدا ساقلاش كىرەك. .1 سۈمۈلەك تەيارلاشتا بۇغداي خام ئەشىيا قىلىنىدۇ، بۇغداينىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن% 70 كىراخمال بار . بۇغداي تەركىبىدىكى كىراخمال بولساH,O, C, دىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئېلىمىتتىن تەركىپ تاپقان يۇقۇرى مالۇكۇلالىق بىرىكمە. 2.بۇغداي ئۈۈندۈرمە قىلىنىدۇ،ئۈندۈرمە بولغان بۇغدايدا كۆپ مىقداردا مالتۇزا بار . 3. بۇغداي ئۈندۈرمىسىنى يەنچىگەندە مالتۇزا پارچىلىنىپ دەسلەپ قەدەمدە سۈمۈرۈشكە بۇلىدىغان تەركىپ، گىلىكوزىغا ئا يلىنىدۇ. 4.سۈمۈلەك پىشقاندىن كىيىن ئىستىمال قىلىنغاندا ،بەدەندە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ .مالتۇزانىڭ بەدەندىكى ئۈزگىرىش ئەھۋالى تۈۋەندىكىچە ؛ (ئىنزىم ) C12H22O 11 + H2O = 2 C6H12 O11 (گىلىكوزا) (مالتۇزا ) ئادەتتە قان شىكىرىنىڭ قۇيۇقلۇقى %0.1 ئەتراپىدا ساقلىنىدۇ . قان شىكىرىنىڭ قۇيۇقلۇقى سەرپ بۇلۇپ تەدرىجى تۈۋەنلىگەندە جىگەردە ساقلىنىپ قالغان گىلىكوگىن يەنە گىلىكۇزىغا ئايلىنىپ ئۈزلۈكسىز قانغا قۇيۇلۇپ ھەر خىل تۇقۇلمىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ قەنىتلەر مېتابولىزىمنىڭ نورمال بۇلۇشنى ساقلاپ تۇرىدۇ . تەبىيىتى سوغاق، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى بولغان بۇ خىل تائام بەدەندە ھاسىل بولغان ياغلارنىڭ پارچىلىنىشىدا بەلگىلىك رولى بار. .5سۇمۇلەك تەييارلاشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى 1)ئىزىلىپ كەتمىگەن پۈتۈن ئۈنۈش ئىقتىدارى باربۇغداي دېنى تەييارلىنىدۇ. 2) بىر كېچە-كۈندۈز سوغۇق سۇغا چىلىنىدۇ. 3) تەكشى تاختاي ئۈستىگە تەكتى تەكشى پەتنۇس، لىگەن ياكى سۇلىياۋ يۇپۇق ئۈستىگە يېيىتىلىپ، ئۈندۈرمە قىلىنىدۇ، ئۈستىگە ھاۋا ئۆتۈشىدىغان داكا يېپىلىدۇ . 5-10 كۈن ئەتراپىدا تۇرىدۇ، ھەر كۈنى ئۈستىگە سۇ سېپىلىپ نەملىكى مۇۋاپىق ساقلىنىدۇ. 4) بۇغداي مايسا ھالەتكە يەنى بىردىن ئىككى سانتېمىتىر ئەتراپىدا كەلگۈچە ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن سۇمۇلەك ئىشلەش باشلىندۇ. 5) مايسا داكا ئىچىگە ئېلىنىپ، قاتتىق نەرسىلەر ئارقىلىق يەنجىلىپ سۈيى سقىپ چىقىرىلىدۇ. 6) سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى سۇس ئوتتا 6-12 سائەت ئەتراپىدا قاينىتىلىدۇ سۈمۈلەكنىڭ تەكتى كۈيۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن قازاننىڭ تەكتىگە 1كىلو ئغىرلىقتا تاش سېلىپ قاينىتىمىز تاشنى قوزغىېىتىشكە بولمايدۇ، تاش سۈمۈلەكنىڭ كۈيۈپ كىتىپ ئىس بۇراپ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، تاشنى قوزغۇۋەتسەك سۈمۈلەك ئىس بۇراپ قالىدۇ ،سۈمۈلەك سۈيى قاينىغاندا مەلۇم مىقتاردا بۇغداي ئۇنى ئارلاشتۇرۇلىدۇ. 7) پىشقاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىشقابۇلىدۇ.تەمى تاتلىق ئىچىشلىك بۇلىدۇ.
|