تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1095|ئىنكاس: 3

مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەمگۈزارى بولۇش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

203

تېما

5

ئەگەشكۈچى

2036

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
287
مۇنبەر پۇلى
1144
ئىشەنىچ
287
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 17:11:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەمگۈزارى بولۇش كېرەك
ئازادجان ئىبراھىم
لاياقەتلىك مەكتەپ مۇدىرى بولۇش ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەمگۈزارى بولۇش شەرەپلىك ئىش. ئەتىراپىمىزدا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ،باشقۇرۇش قابىلىيىتى ،ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى،ئىشچى،خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا   ئۈلگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى پارتىيىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ،كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ،يۈكسەك ئىناۋەت تىكلەپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ،تەلىم تەربىيە ئىشلىرىدا كۆرنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالقىشلىنىپ كېلىۋتقان مۈنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرلىرى ئاز ئەمەس.لېكىن پارتىيە ۋە ھۈكۈمەت بەرگەن ھۇقۇقىنى جايىدا ئىشلەتمەي ،ئاممىنىڭ لەنىتىگە ئۇچىراپ،يۈرگەن ئاز ساندىكى كام ئەقىل،شەخسىيەتچى ،لاياقەتسىز مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ يوق ئەمەس.ئۇلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئاداقىلماي ،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارغا كۈيۈنمەي ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتىش، گۇرۇھۋازلىق قىلىش،ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى چەتكە قېقىپ،يارامسىز ،خوشامەتچى ئوقۇتقۇچىلارنى ئەتىراپىغا توپلاپ،باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ، ئۆزى بىلەن بىر پىكىردە بولمىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆچ ئېلىشتەك قەبىھ يامان ئىشلار بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتىدۇ.بۇ ياخشى ئىش ئەمەس ۋە ياخشى ئىستىل ئەمەس.ئەگەر بۇنداق ئىشلىرى بار مەكتەپ مۇدىرلىرى بولسا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ كۆرۈپ ،ئۇلارغا ۋاقتىدا تەربىيە بىرىپ،تۈزۈتۈشكە دەۋەت قىلىش كېرەك.قىلمىشى ئېغىر، ئىپادىسى ناچارلارغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنىڭ روھى بويىچە تەنقىد تەربىيىە بېرىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىش كېرەك.
‹جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنىدا‹‹ قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر ››دەپ بەلگىلەنگەن.شۇڭا مەكتەپ مۇدىرى قانۇن ،نىزاملارنى ئىجىرا قىلىش باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك،ھەرقاچان باراۋەرلىكنى تەكىتلەپ،ئامما بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرىشى ئالاھىدە شەخىس بولىۋالماسلىقى،ئۆزىنىڭ چاكارلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىشى كېرەك.
مەكتەپ مۇدىرى ئامما بىلەن زىچ ئىتتپاقلىشپ،كەڭ ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى،خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قولغا كەلتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ سىياسىي ئاتموسفىراسىنى تەڭشەپ،ياش-ئۆسمۈرلەرنى،ئىلىپ-پەن ئۆگىنىپ،كەلگۈسىدە ياراملىق ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ يىتىشپ چىقىشىغا ئىلھام بىرىشى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىغا مەكتەپنى قىزغىن سۆيۈش،كۆللېكتىۋىزىملىق كۆزقاراشنى ئورنىتىش،كەمتەر ،سەمىمىي بولۇش،ئېغىر –بېسق بولۇش،دۆلەتنىڭ قانۇن،نىزاملىرىغا بويسۇنىش توغرىسىدا تەربىيە بىرىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مەكتەپ مۇدىرى باشقىلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ، خىزمەتلەرگە يىتەكچىلىك قىلىپ، نازارەتچىلىك  قىلىپ ھەم دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىغا ئاساسەن مەكتەپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ،ئۇنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۇرۇش جەھەتتە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.  
ھەممىمىزگەمەلۇم  مەكتەپ مۇدىرى ئادەتتتىكى ئىشخانا خادىمى بولماستىن ،بەلكى ۋەزىپىسى تولىمۇ ئېغىر ،خىزمىتى تېخىمۇ جاپالىق مۇھىم خادىم.شۇڭا مەكتەپ مۇدىرى بەلگۈلۈك مەكتەپ باشقۇرۇش بىلىمىگە ئىگە،ئالدىن كۆرەر ،دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ،مائارىپ قانۇنىنى چوڭقۇر ۋە تەپسىلى چۈشىنىدىغان ،ئىجىرا قىلىدىغان،بارلىق پەندىن خەۋىرى بار ،شۇنداقلا،بەلگۈلۈك پىداگوگىكا ۋە پىسخولوگىيە بىلىملىرىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىللە ئەڭ مۇھىمى شەخسىي مەنپىئەتنىلا كۆزلىمەي،كەڭ ئوقۇتقۇچى،ئىشچى،خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىشتەك ئىسىل پەزىلەتنى يىتىلدۈرىشى كېرەك.
مەكتەپ بىر ئائىلىگە ئوخشايدۇ، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلار شۇ ئائىلىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى مەكتەپ مۇدىرى بولسا شۇئائىلىنىڭ مەسئۇلى،شۇڭا مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇشى،بارلىق ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى ،خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي كۆيىنىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ئۇلارنىڭ  نورمال خىزمەت قىلىشىغا ئەۋزەل شارائىتلار يارىتىپ بىرىشكە ماھىر بولىشى كېرەك.ھېيىت ،بايرام مەزگىللىرىدە دەم ئېلىشقا چىققان پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن ھال سوراش ئىشلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشى ،پشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋالىنىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشى ،ئوقۇتقۇچىلار بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىپ ،ئۇلارنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلىرى بارلىقىنى ،قانداق تەكلىپ پىكىرلىرى بارلىقىنى بىلىپ تۇرشى، ئۇلار خىزمەتتە ،ئائىلىدە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىۋاتىدۇ بۇلارنى بىلىپ ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشى ،ئۇلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى يوقىرىغا يەتكۈزۈپ،ئۇلارنىڭ  ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك.
مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش ،توي-تۆكۈن،ئۆلۈم –يىتىم،نەزىر چىراق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ،ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ تۇرىشى، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي سەۋيىسىگە ،بىلىم ئىقتىدارىغا قاراپ ئىشلىتىشكە،تۈرلۈك باشقۇرۇش قائىدىلىرىنى ئۆگىنىشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ،مەكتەپنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۇرۇپ،ئەتىراپلىق تەتقىقات يۈرگۈزۈش ،نەزىرىە بىلەم ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك.
مەكتەپ مۇدىرى شەكىلۋازلىق،بىيۇرۇگراتلىق ،راھەتپەرەسلىك  ۋە ئىسراپخورلۇقتىن ئىبارەت ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››دىن خالىي بولۇپ،ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق ،نەمۇنىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،مەكتەپتىكى ،ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى ،خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا توغرا رەھبەرلىك قىلىش كېرەك.مەسىلە بايقالغاندا ئۆزۋاختىدا ئۇنى توغرا،ئادىل بىرتەرەپ قىلىپ،زىددىيەتنىڭ ئۇلغۇيۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،ئېناق،ئىجىل بولغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرلىشىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك.
بىر مەكتەپنىڭ ياخشى ياكى يامان بولىشى مەكتەپ مۇدىرىگە باغلىق.مەكتەپ مۇدىرى قابىلىيەتلىك ،باشقۇرۇشقا ماھىر بولسا ،ئوقۇتقۇچىلارغا توغرا يىتەكچىلىك قىلىپ،خىزمەت ئۈنىمىنى ئاشۇرۇپ،تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەلىسە بۇنداق مەكتەپ مۇدىرلىرى ھەقىقىي لاياقەتلىك مەكتەپ مۇدىرى بولالايدۇ.شۇڭا مەكتەپ مۇدىرلىرى تىرىشپ ئۆگنىپ ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يوقىرى كۆتىرىشى ،مەكتەپ باشقۇرۇش سەنئىتىنى ياخشىلاپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى،ئىشچى ،خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ،ئىلھاملاندۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش،تەلىم تەربىيە ئىشلىرىغا ھەسسە قوشۇش ئاكتىپچانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىشى كېرەك.
مەكتەپ مۇدىرى كەڭ قۇرساق،سەۋرىچان ،ئەپۇچان سەمىمىي بولىشى ،كىچىكىنام شەخسىي ئاداۋەت ۋە بىر قېتىملىق پىكىر بىرلىكىگە كىلەلمەسلىكنى زىددىيەتكە ئايلاندۇرۇپ،ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىش نىيىتىدە بولماسلىق كېرەك.نۆۋەتتە بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇدىرلىق ئورنىغا چىقىش بىلەنلا ،ئۆزى بىلەن بىر پىكىردە بولمىغان ياكى ئارىدا زىددىيەتلىشىپ قالغان ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆچ ئالىدىغان ،ئۇلارنى كۆزگە ئىلمەيدىغان،ئۇلارغا بېسىم قىلىدىغان،خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىدىغان،ياكى يۆتكىۋېتىدىغان،پۇرسەت تاپسىلا،پۇتلاپ،ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىدىغان ،خىزمىتىدىن نۇقسان ئىزدەپ،ئۇلارغا ئېغىر ۋەزىپە يۈكلەيدىغان،ئۇلارنىڭ  ئۇنىۋان ئېلىش ،ئىلغار بولۇش ئىشلىرىغا قەستەن زىيانكەشلىك قىلىدىغان  ،ئاشكارە  ۋە يوشۇرۇن ھالدا قەبىھ ۋاستىلار  بىلەن ئۇلارغا زەربە بېرىدىغان،ھەمىشە ئۇلارغا ئورا كولاپ،قارا نىيەتلىك قىلىدىغان قىلمىشلار بىلەن  ئىز چىل شۇغۇللىنپ كېلىۋتىدۇ.يوقىرىمۇ خىزمەت تەكشۈرۈپ،ئەھۋال ئىگىلەپ  كەلگەندە ،بىۋاستە مۇدىرنى  ئىزدىگەچكە بەزى ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۇلارغا يەتكۈزۈلمەي ،مۇدىر يەنىلا، ئۆزى قەستلەپ ،زىيانكەشلىك قىلىۋاتان ئوقۇتقۇچىلارنى يامانلاپ،چېقىشتۇرغاچقا‹‹ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك››دىگەندەك يەنىلا شۇ زىيان تارتىپ كىلىۋاتان ئوقۇتقۇچىلار قوش زەربىگە ئۇچىراپ،ئېغىر زىيان تارتىۋاتىدۇ.شۇڭا مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇشۇنداق رەزىل قىلمىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىپ،ئاممىغا كۆيۈنۈپ،ئۇلارنىڭ مەنپىئەتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك.شەخسىي ئاداۋەتنى خىزمەت ئۈستىگە دەسسىتىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.قولدىن كەلسىلا ئوقۇتقۇچىلارغا ياخشىلىق قىلىش ،دەردىگە دەرمان بولۇشى ئۇلارنىڭ جان كۈيەر غەمگۈزارى بولۇشى كېرەك.
شۇنداق بولغاندىلا ،ئۆزخىزمىتىنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئادا قىلىپ،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ،تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ

89

تېما

32

ئەگەشكۈچى

8524

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3160
مۇنبەر پۇلى
3864
ئىشەنىچ
3160
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 09:27:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارخشى ماقالىكەن.

4

تېما

1

ئەگەشكۈچى

747

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
380
مۇنبەر پۇلى
369
ئىشەنىچ
380
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 15:14:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتو،مەكتەپ مۇدىرى كەڭ قۇرساق،سەۋرىچان ،ئەپۇچان سەمىمىي بولىشى ،كىچىكىنام شەخسىي ئاداۋەت ۋە بىر قېتىملىق پىكىر بىرلىكىگە كىلەلمەسلىكنى زىددىيەتكە ئايلاندۇرۇپ،ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىش نىيىتىدە بولماسلىق كېرەك.

7

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1557

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
751
مۇنبەر پۇلى
792
ئىشەنىچ
751
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 16:22:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويناشماڭ مۇدىر بىلەن،بابلايدۇ كۇزىر بىلەن.
ھەربىر تىنىقىمىز ئۈچۈن جاۋاپ بېرىمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-7-3 17:01, Processed in 0.104667 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش