تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2415|ئىنكاس: 9

ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

2

ئەگەشكۈچى

507

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
227
مۇنبەر پۇلى
245
ئىشەنىچ
227
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 16:52:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1989514637 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-6 16:54  

         ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
     ئىقتىزاتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، دۆلەتلەر،رايۇنلار ۋە كىشىلەر ئارا بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئۆزلۈكسىز كۈپۈيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر مەيلى كاماندۇروپكا،ساياھەت،تۇققان يوقلاش،ئۈگۈنۈشكە بېرىپ- كېلىشلەدە بولمۇسۇن، ئايرۇپىلاندىن ئىبارەت زامانىۋېي قاتناش قورالىنى تاللايدىغان بولدى.بىراق،ئۇلار دىققەت قىلىشقا ۋە بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئاددىي ساۋاتلاردىن تولۇق خەۋرى بولمىغاچقا،ئايرۇوپىلانغا ئولتۇرۇش ۋە يۈك-تاق توشۇش جەريانىدا،زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىق ۋە ئورۇنسىز چىقىملارنى تارماقتا.شوڭا،يولۇچى دوسلارنىڭ ئايرۇوپىلانغا ئولتۇرۇش ۋە يۈك-تاق توشۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى سەمىيمى ئەسكەرتىپ ئۆتۈمەن:
   (1) ئايرۇپىلان بېلىتىنى چوقۇم ئېناۋەتلىك گۇۋانامە،ئىسپاتقا ئاساسەن سېتىۋېلىش،بېلەت ئۇچۇرىنى مۇناسىۋەتلىك گۇۋانامە-ئىسپاتلاردىكى مەزمۇن بىلەن ئېنچىكە سېلىشتۇرۇش،قىلچە مەسىلە يوقلىقى موقۇمدالغاندىن كىيىن،ئاندىن پۇل تۆلەش كېرەك.ئەگەر ۋاقتى ئۆتكەن،ئېناۋەتسىز گوۋانامە-ئىسپات بىلەن بېلەت سېتىۋالغاندا ،ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇش رەمىيىتىنى بىجىرەلمەسلىكىڭىز ياكى بىخەتەرلىك تەشۈرۈشتىن ئۆتەلمەي،ۋاقىت ۋە ئىقتىزادىي جەھەتتىن زىيان تارتىشىڭىز  مۇمكىن؛
  (2)ئولتۇرماچى بولغان ئايرۇپىلاننىڭ قايسى شىركەتنىڭ،قانچىنچى نۆۋەتلىك ئايرۇپىلان،قايەر (قايسى ئايرۇدۇرۇم،قانچىنچى بىنا،قانچىنچى ئېشىك) دىن،قايسى كۈنى،سائەت نەچچىدە ئۇچۇپ،قايسى ئايرۇدۇرۇمنىڭ قانچىنىچى كۈتۈش بىناسى ئالدىغا قونۇدىغانلىغىنى ئېنىق بىلىۋېلىش كېرەك،ئامال بار ئىككى سائەت بالدۇر ئايرۇپورتقا يېتىپ بېرىپ،مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ،يۈك-تاقلارنى ئۆتكۈزۈپ،ۋاختىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش كېرەك. ئەگەر،يول توسۇلۇپ قېلىش،ماشىنا بۇزۇلۇپ قېلىش، ئايرۇپورتقا،كۈتۈش بىناسى ياكى ئايرۇپىلانغا چىقىش ئېشىككە خاتا بېرىپ قېلىش سەۋەبىدىن ۋاختىدا رەسمىيەت بىجىرمىسە ياكى ئايرۇپىلانغا ۋاقتىدا چىقمىسا،بۇنىڭغا ئاۋياتسىيە شىركەتلىرى ياكى ئايرۇدۇرۇم مەسئۇل بولمايدۇ.
  (3) نۆۋەتچى ئايروپىلانلار مەملىكەت ئېچىدە بىردەك بېيجىڭ ۋاختى قولىنىدۇ،كېچە سائەت 24تە(ئۈرۈمچى ۋاقتى 10دا) ،يەنى 0دىن كېيىن چىسلانىڭ ئالمىشىدۇ ،خەلقارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلار قايسى دۆلەتتىن ئۇچقان بولسا شۇ رايۇننىڭ ۋاقتىنى ئاساس قىلىدۇ،شۇڭا يولۇچىلار ۋاقىتقا،ۋاقىت پەرقىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئەگەر چىسلانىڭ ئالمىشىش ياكى رايۇنلارنىڭ ۋاقىت پەرقىنى خاتا چۈشۈنىش سەۋەبىدىن كېچىككەنلەرگە قارتا،ئاۋياتسىيە شىركەتلىرى ياكى ئايرۇدۇرۇم مەسئۇل بولمايدۇ.
  (4)يولىچىلارنىڭ ئىناۋەتلىك دەرىيجىسى ، سېتىۋالغان بېلەت باھاسى ، مەملىكەت ئىچى ياكى خەلقارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ،ئۇلارنىڭ ھەقسىز توشۇشقا ھاۋالە قىلىدىغان يۈك-تاق ئېغىرلىقى ئوخشىاش بولمايدۇ،ئادەتتە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا ئېلىنىدىغان ھەق بىر قەدەر يوقۇرى بولۇدۇ،يەنى ئۇچۇش ئارلىقىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا قاراپ،ھەر كىلوگىرامىغا نەچچە ئون يۈئەندىن- نەچچە يۈز يۈئەنگىچە ھەق ئېلىنىدۇ.شۇڭا،بىرگە ئېلىپ ماڭىدىغان يۈك-تاقنىڭ ئېغىرلىغىنى ئىمكان بار كونتۇرول قىلىش،ئېلىشنىڭ زۈرۈريىتى بولمىغان نەرسىلەرنى ئىمكان بار ئالماسلىق ياكى باشقا قاتناش ۋاستىلىرىدا توشۇشقا ھاۋالە قىلىش كېرەك.ئۇندىن باشقا،توشۇشقا ھاۋالە قىلىغان يۈك-تاقنىڭ ھەجىمى 100:60:40س م،بىرگە ئېلىپ ماڭىدىغىنىڭ ھەجىمى55:40:20س م دىن چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى ھەم پۇقتا ئوراپ قاچىلاش كېرەك.
  (5) ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغاندا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك بەگۈلىمىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.توشۇش چەكلەنگەن نەرسىلەر يەنى قۇرال ،ئوق-دورا،ھەربى-ساقچى ئۈسكىنىلىرى ھەم ئۇنىڭ پارچە سايمانلىرى،پىچاق ۋە باشقا تىغلىق ئەسۋاپلار،پارتىلاتقۇچ بۇيۇملار،زەھەرلىك بۇيۇملار،رادىيوئاكتىپلىق ماددىلار،چىرىتكۈچى ماددىلار،ئاسان ئوت ئالىدىغان،يېنىشچان ماددىلار ۋە خېروئىن،نەشە،ئەپيۇن قاتارلىق زەھەلىق چىكىملىك قاتارلىقلارنى تۇشۇشقا ھاۋالە قىلىش  ياكى ئايرۇپىلانغا بىرگە ئېلىپ چىقىش مەنئى قىلىنىدۇ،خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ،شۇ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە شۇ ېتىملىق نۆۋەتچى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇشى چەكلنىدۇ ياكى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورونلارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلىدۇ.
  (6) سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئامال بار ھاراق ئېچمەسلىك،ئىچكەندىمۇ مۇئاپىق مىقتاردا ئىچىش كېرەك،كۆپ ئىچىپ قويغاندا ،بەلكىم ۋاقىتنى توغرا مولچەرلىمەسلىك ياكى كۈتۈش بىناسى،چىقىش ئىشىگە خاتا بېرىپ قېلىش سەۋەبىدىن كېچىكىپ قېلىشى مۇمكىن،ئۇندىن باشقا خۇدىنى يۇقاتقان،ئۆز ھەركىتىنى كونتۇرول قىلالمايدىغان ئېغىر مەسلەرنىڭ ئايرۇپىلانغا ئوتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
  (7)قىممەت باھالىق(كىلوسى100.00يۇەندىن يوقىرى)بويۇملار يەنى قاشتېشى، ئالتۇن-كۈمۈش،ئۈنچە-مەرۋايىت، قول تېلپۇنى ، رېسىم ئاپىراتى، خاتىرە كومپىيوتىر ۋە تۈرلۈك ئېلىكتىرمايلار ياكى زەرەتلىنىدىغان تېلپۇن مېيى   قاتارلىق بۇيۇملارنى ھەم تىرىك ھايۋان،ئۆي قۇشلىرى، ياۋايى قۇشلارنى ھاۋالە قىلىپ توشۇشقا تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ،ئەگەر تاپشۇرۇشقا توغرا كەلسە چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ روخسىتىنى ئېلىپ،رەسمىيەت بىجىرىش لازىم.ئۇندىن باشقا،مىقتارى 100م ل دىن كۆپ بولغان سويۇق،مەلھەم شەكلىدىكى تۈرلۈك گېرىم بويۇملىرى،دورا،ئېچىملىك ياكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازدىن ئېشلەنگەن،بېسىم بىلەن قاچىلانغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى،چاقماق،ئۆتكۈر پوراقلىق يېمەكلىكلەرنى ئايرۇپىلانغا ئېلىپ چىقىشقا يول قويۇلمايدۇ.
  (8)ئېغىر،خەتەرلىك كېسەللەرنىڭ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇشىغا چەك قويۇلىدۇ،ئەگەر ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇشىقا توغرا كەلگەندە،چوقۇم ناھىيە دەرىيجىلىكتىن يوقىرى دۇختۇرخانىنىڭ ئىسپاتى بىلەن،بەلگۈلەنگەن بېلەت سېتىش ئورنىغا بېرىپ،بېلەت سېتىۋېلىشى كېرەك.
    شىنجاڭ ئايرۇپورت گۇروھى خۇتەن تارماق شىركېتىدىن ئاينۇر مەمەتئېيسا

3

تېما

1

ئەگەشكۈچى

104

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
27
مۇنبەر پۇلى
68
ئىشەنىچ
27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 01:02:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز رەخمەت سىگە

باھا سۆز

ئىسىل: 5.0
1989514637 ئىسىل: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 11:03

3

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1052

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
131
مۇنبەر پۇلى
914
ئىشەنىچ
131
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 15:54:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنى سەمىمىزگە سىلىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت!

باھا سۆز

ئىسىل: 5.0
1989514637 ئىسىل: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 11:04

19

تېما

2

ئەگەشكۈچى

507

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
227
مۇنبەر پۇلى
245
ئىشەنىچ
227
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 23:42:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بادام0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 01:02
ياخشى يىزىپسىز رەخمەت سىگە

rahmat sizga

0

تېما

3

ئەگەشكۈچى

750

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
176
مۇنبەر پۇلى
472
ئىشەنىچ
176
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 11:21:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلۋېلىشكە تىگىشلىككەن رەھمەت

باھا سۆز

ئىسىل: 5.0
1989514637 ئىسىل: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 11:04
anatil8 مەڭلىسا ئەمەس مەڭنىسا دەپ يازسىلا،،ئىسىملىرىنى خاتا يېزىپلا خانئاچا  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 14:16
anatil8 لىكىن مەن ئايرۇپىلانغا چىقىپ باقمىدىم مەڭنىساخاچا  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 14:15

19

تېما

2

ئەگەشكۈچى

507

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
227
مۇنبەر پۇلى
245
ئىشەنىچ
227
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 16:23:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىرزا يوللىغان ۋاقتى  2014-6-8 15:54
بۇلارنى سەمىمىزگە سىلىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت!

ئەرزىمەيدۇ،سىزگىمۇ رەخمەت

39

تېما

15

ئەگەشكۈچى

3665

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
Jackie
تۆھپە
1561
مۇنبەر پۇلى
1815
ئىشەنىچ
1561
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 19:12:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈشكە تېگىشلىك ياخشى تېمىكەن، بولۇپمۇ سائەت 2دە قوزغىلىدۇ دېسە،ساقلاپ تۇرىدۇ دەپ 1دىن ئەللىك ئۆتكەندىمۇ ئاشخانىدىن ياكى ھاجەتخانىدىن چىقمايدىغان؛ سەپەرگە چىقسا ئىشىگىنىڭ قۇلۇپىدىن باشقا ھەممىنى بوغجۇما قىلىپ ئېلىپ چىقىدىغان ياكى سەپەردىن قايتقاندا قوشنىسىنىڭ نەۋرىسىگىمۇ بىر تاغار سوۋغا ئېلىۋالمىسا كۆڭلى تىنمايدىغان قېرىنداشلىرىمىز قايتا قايتا كۆرۈپ چىقسا بولىدىكەن.
مەنمۇ ئالدىنقى يىلى شاڭخەيدە بىر بۇرادەرنى ئىزلەپ ئىككى كۈن يالغۇز يۈرمىدىممۇدەيمەن.
ئايروپىلان ئۇچىدىغانغا 70مىنۇت قالغاندا ‹نەۋرەمگە ئالغان ئويۇنچۇق مېھمانخانىدا قاپتۇ› دەپ ئايرىدورۇمدىن چىقىپ كېتىپتۇ.ئايرۇپىلانغا چىققۇچە ساقلىساق يوق؛ تېلىفۇنىنى ئېتىۋاپتۇ، مېھمانخانىغا تېلىفۇن ئۇرسام تېخى كەلمەپتۇ. بىز 9ئادەم ئۇنى ساقلاشنىڭ ئورنى يوقتە.مەن ئىككى بىلەتنى قايتۇرىۋېتىپ شاڭخەيدە قېلىپ ئۇنى ئىزدەيدىغان بولۇپ، بۇرادەرلەرنى شېنجىنغا يولغا سېلىپ قويدۇم. شېنجېندىكى خەنزۇ ئاغىينەم ئالدىغا چىقىدىغان بولدى.
مېھمانخانىغا بېرىپ تاپالمىدىم، ئايرىدىرومغا قايتىپ كېلىپ سۈرۈشتۈرسەم ئۇنداق ئادەم تېخى پەيدا بولماپتۇ. قايتىپ يەنە مېھمانخانىغا كەلسەم مۇلازىمەتچى، ‹10مىنۇتنىڭ ئالدىدا چىقىپ كەتتى، خەنزۇچە بىلمەيدىكەن، ساڭا تېلىفۇن ئۇرۇپ بېرەيلى دېسەك ئۇنىمىدى› دەيدۇ. ئايدۇرۇمغا بېرىپ ساقلاپ ئولتۇرسام ساق ئىككى سائەتتىمۇ پەيدا بولمىدى. ئايرىدىروم ساقچىخانىسىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ قويۇپ قايتىپ كەتتىم. ئۆزى كەچلىك بازار چۆگىلىگىلى ئامىراق ئادەم ئىدى، بىر نەچچە كەچلىك بازارغا بېرىپ ئىزلىدىم، ئۇيغۇرلار كۆپرەك جايلاردىكى كەچلىك بازارنىڭ چارلاش ساقچىلىرىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ، ئىزدىشىپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم، تېلىفۇنۇمدىكى سۈرىتىنى تېلىفۇنلىرىغا قاچىلاپ بەردىم. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ئايرىدۇرۇمغا يېقىن يەردىكى ياتاقتا ھېرىپ ئۆپكەم كۆرۈنۈپ قالاي دەپ ساڭگىلاپ ئولتۇرسام شېنجىندىكى بۇرادەرلەر تېلىفۇن قىلىپ تېلىقىپ قالاي دەپتۇ، مەن تېرىكىپ نېمە بولدى دېسەم، ھېلىقى ئاكىمىز شاڭخەي ئايرىدۇرۇمىغا بېرىپ ‹بېلەتنى بۈگۈننىڭ بېلىتىگە ئالماشتۇرۇپ بەر›دەپ غەلۋە قىلغان ئوخشايدۇ، تېلىفۇننى قويۇپ مېھمانخانىدىن چىقىۋاتسام ئايرىدۇرۇم ساقچىلىرى ‹تۇققىنىڭنى تېپىۋالدۇق› دەپ تېلىفۇن قىلپتۇ. بارسام ئۇ ئاكامنىڭ گېپى مەندىن چوڭ‹ئۈكە، مېنى ئىزلەپ يۈرمىسىڭىزمۇ شىڭجىڭ دېگەن يەرنى تېپىپ بارالايتىم. شىنجاڭدا قاتناشقا كېچىكىپ قالساق ساقلاپ تۇرغان بىلەن كۇلۇدا ساقلاپ تۇرمايدىكەن دېسە؛ دىتېدا تۆت-بەش بىكەت ئالمىشپ ياتاقنى تېپىپ بېرىپ كېلىپ بولغۇچە ئارپىلاڭ كېتىپ قاپتۇ. ماۋۇ ساقچىلار بېلىتىڭنى بۈگۈننىڭكىگە تېگىشىپ بېرەيلى دەۋاتقانتى›(بىلەتنى مەن كىملىككە ئاساسەن قايتۇرۇپ بولغان تۇرسام) دەيدۇ. شۇ ئاچچىقىمدا ‹مېنىڭ خاڭجۇغا بېرىدىغان ئىشىم بار، سىزگە شېنجېنغا بىلەت ئېلىپ بېرەي› دەپ ئۈرۈمچىنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىۋېتىپ، شېنجېندىكى خىزمەتداش ئاكىلارغا مۇھىم ئىش بار ئىكەن دەپ ئۈرۈمچىنىڭ بېلىتىنى زاكاس قىلىپ، ئۆزۈم بىلەن يەنە ئۈچ ياش ئاغىينىلەرنى ئېلىپ قېلىپ 20 كۈن شەخسى ئويناپ قايتىپ كەلسەم ئىدارىدا بىر لەتىپە بولۇپ كېتىپتىكەن.

باھا سۆز

ئىسىل: 5.0
1989514637 ئىسىل: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 11:05

19

تېما

2

ئەگەشكۈچى

507

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
227
مۇنبەر پۇلى
245
ئىشەنىچ
227
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 10:17:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋياتسىيە شىركەتلىرى بىردەك بېيجىڭ ۋاقتى قوللۇنىدۇ،تۈنىگۈن خۇتەىلىك بىر جۈپ ئانا-بالا بىلەتتىكى ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقىتنى شىنجاڭ ۋاختى دەپ قاراپ،ئايرۇپىلان ئۇرۇمچىدىن ئۇچۇپ خۇتەنگە چۇشكەندە ئاندىن ئاندىن ئۈرۈمچى ئارۇدۇرۇمىغا چىققان

0

تېما

4

ئەگەشكۈچى

2814

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
792
مۇنبەر پۇلى
1940
ئىشەنىچ
792
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 19:54:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقۇل،بىلدۇق.

19

تېما

2

ئەگەشكۈچى

507

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
227
مۇنبەر پۇلى
245
ئىشەنىچ
227
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 18:25:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-5 19:33, Processed in 0.113950 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش