«خوتەن گېزىتى»-سىرداش دوستۇم مەن ئېلگىرى يۇرتداش،ساۋاقداش(مەكتەپداش) ياكى تونۇشلىرىمنىڭ ئەدىبىي ئىجادىيەتلىرىدىن ئورتاق زوقلۇنۇش ئۈچۈن،مەزكۇر گېزىتنىڭ «كويلۈندا باھار» (ھازىرقى«قاشتېشى»)بېتىنىلا ئېچىپ،ئۇنىڭدىن پەقەت تونۇش ئىسىملارنى ئىزدەيتتىم. كېيىنچە تۈرلۈك ئۈگۈنىش-تەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،تەسىرات ماقالىسى،ئۆگۈنۈش خاتىرىسى يېزىش ئېھتىياجى ئۈچۈنلا، مەركەز،ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەتنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلتاي،يىغىن ھۆججەتلىرى،رەھبەرلەرنىڭ موھىم سۆزلىرىنىلا كۆرۈرۈشكە ئادەتلەندىم.2012-يىلىنىڭ كىينىكى يېرىمغا كەلگەندە،يوقۇرنىڭ « تەپتىشنى تەشۋىق قىلىش،تەپتىش ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش»خىزمەت تەلىۋى بويىچە،تۈرلۈك ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يىلدا 3-5پارچىگىچە ماقالە-خەۋەر ئېلان قىلكدۇرۇش ۋەزىيپە كۆرسەتكۈچى بېرىلدى.بۇنىڭ بىلەن دەرھاللا كاللامغا مەھكىمىمىزگە ئارلىقى ئەڭ يېقىن ئاخبارات ئورگىنى - «خۇتەن گېزىتى»ئىدارىسى ئىسىمگە كەلدى،ئەمما نىمىنى يېزىش،قانداق يېزىش،يازغانلىرىمنى قانداق ئېبەرتىشنى بىلمىگەچكە،ئەھۋال ئوقۇشۇپ بېقىش ئۈچۈن گېزىتخانىنىڭ ئالدىغا كېلىشىم،سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەرىر دولقۇنجان ھۇشۇر ئۇچراپ قېلىپ،مىنى ئىشخانىسىگە باشلىدى.پاراڭ جەريانىدا،ئۇ مىنىڭ كېلىش مەقسىدىمنى ئۇققاندىن كېيىن،ئوغلىنىڭ ئىچكىردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا پاسپورت بىجىرگەنلىكى، باشقىلاردىن پاسپورت بولسىمۇ،چېگرىدىن كىرىپ-چىقىشىنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكىنى ئاڭلىغانلىقى ،شوڭا بۇنىڭغا ئائىت قانۇن-نىزاملاردا قانداق بەلگۈلىمىلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدا قانۇن ساۋات خارەكتىرىدىكى بىرەر نەرسە يېزىشىمغا تەكلىپ بەردى.مەن قايتىپ كېلىپ«جوڭخۇا خەلق جومھىريىتىنىڭ چېگرىدىن كىرىپ-چىقىشنى باشقۇرۇش قانۇنى»نى ئېزدەپ تېپىپ،«قانداق كىشىلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىپ-چىقىشىغا رۇخسەت قېلىنمايدۇ»دىگەن تېمىدا بىر پارچە قانۇندىن ساۋات تەييارلاپ،ئېلىپ چىقسام،بىر قۇر كۈزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 4-قەۋەتكە چىقىپ،ئەسقەرجانغا بېرىپ قۇيۇڭ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە بىلىمى ۋە تەجىربىسى يوقۇرى،سىزگە قانداق يېزىش،نىمىنى يېزىشنى ئۈگۈتۈپ قويۇدۇ،كېيىنچە سىزمۇ بىزنىڭ قۇشۇنىمىزغا قېتىلىپ قالامسىز تېخى؟ئۇنى تونۇمىسىڭىز تېلپۇن ئېلىپ دەپ قويايمۇ-يا؟دەپ سورىدى،مەن ئۇنى خېلىلا ياخشى تونۇيدىغانلىغىمنى دەپ،خوشلۇشۇپ،ئەسقەر مەمتىمىننى ئىزلەپ ئىشخانىسىغا چىقسام،ئۇ مۇختەر توختى،ئېلھام ئوسمان،ئۈمەرجان ئېلى قاتارلىقلار بىلەن «ئاۋام»(ھازىرقى«دېققانلار دوستى»)دىكى مەلۇم بىر ماقالە توغرۇسىدا سۆزلىشىۋاتتان ئىكەن، مىنى ناھايىتى قىزغىن كۈتىۋالدى ھەم ماتىريالنى كەچتە كۆرۈپ باقاي،بۇندىن كىيىن بېرەر نەرسە يېزىپ قالسىڭىز،بۇ يەرگە چىقىپ ئاۋارە بولماي،توردىنلا يوللاڭ دەپ،ئۈزىنىڭ كىۇ-كىۇ نومىرى ۋە گېزىتخانىنىڭ ئېلخەت ئادىرىسىنى يېزىپ بىرىپ،مەيلى ئاخىبارات ۋە باشقا ئەسەرلەر بولمىسۇن،چوقۇم چىن،دەل بولۇش،سىياسەتكە ئۇيغۇن،ۋەزىيەتكە ماس كىلىش تەلەپ قېلىنىدۇ.مەسىلەن «ئاۋام»غا يەر ھۆددىگەرلىك توختىمى، دېققانلار كەسپىي كوپراتىپى،دېققانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغداش، ئۇرۇقچىلىق،چارۋىچىلىققا ئائىت مەزمۇنلارنى ،3-ئايدا بولسا ئورمانچىلىققا، 5-ئايدا مىللەتلەر ئېتىپاقلىقىغا،9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇندا بەلگۈلەنگەن ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىگە ئائىت مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى يازسىڭىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋىلايەتلىك پارتىكوم قانات يايدۇرغان«پارتىيەنىڭ مىللەت،دىن سىياسەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى ئۈگۈنۈش پائالىيىتى»گە دائېر نەسىلەرنى يازسىڭىز،ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئېلان قىلىنىش نىسپىتى نىسپەتەن يۇقىرراق ،ئىجتىمائېي تەسىرى بىر قەدەر ياخشى بولىشى مومكىن دەپ ئەسكەرتىش بەردى.قايتىپ كېلىپ،شۇ بويىچە پات-پات قانۇندىن ساۋات،قىسقا خەۋەر،سۈرەتلىك خەۋەر،زىيارەت خاتىرىسى ۋە باشقا ئاخبارات ئەسەرلىرىنى تەييارلاپ،توردىن يوللۇدۇم.بىر كۈنى ئىلھامجان تېلىپون قىلىپ،ئېبەركەن ئەسەرلىرىڭىزنى تاپشۇرۋالغان بولساقمۇ، ئېلىكتېرونلوق مېڭە خەت شەكلىڭىزنى تونىمىدى،ئەلكاتىپ خەت نۇسخۇسىنى ئىشلىتىڭ،ئۇندىن باشقا ماقەلە بىلەن سۈرەتنى ئايرىم-ئايرىم تاللاپ،ئاندىن بىرقېتىمدا يوللاڭ،سۈرەت تارقاندا مۇنداق-مۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ دەپ ناھايىتى ياخشى تەپلىپلەرنى بەردى. ھەپتە ئۆتكەندە بىر خىزمەتدىشىم خوشال ھالدا بىر پارچە «خۇتەن گېزىتى»نى كۈتۈرۈپ كىرىپ،سىزنىڭ بىر پارچە ئەسىرىڭىز ئېلان قىلىنىپتۇ،مۇبارەك بولسۇن!-دىدى،بۇ 2012-يىلى 25-سىنتەبىردىكى 8603-سان گېزىت بولۇپ،بۇ تۇنجى قەدەم مىنى بىر ئادەتتىكى ئوقۇرمەندىن ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمغا تۈرتكە بولدى.بىر تەرەپتىن ئۆزەمنىڭ تىرىشچانلىقى،يەنە بىرتەرەپتىن گېزىتخانىدىكى تەھرىر،مۇھەررىرنىڭ سەمىمىي ياردىمى بىلەن ھازىرغىچە مەن« شىنجاڭ گېزىتى»،«تەڭرىتاغ تورى»،«خۇتەن گېزىتى»لىرىدە تۈرلۈك شەكىل ۋە مەزمۇندىكى ئەسەردىن50پارچىدىن ئوشۇقراقىنى ئېلان قىلدىم.ئويلىمىغان يەردىن بۇ يىل 4-ئانىڭ 1-كۈنىدىكى 8922-ساندىكى شەرەپ تاختىسىدا،مۇنەۋۋەر ئىختىيارىي مۇخبىر بولۇپ باھالىنىپ،2-دەرىيجىگە ئېرىشكەنلىگىمنى كۈرۈپ ناھايىتى خوشال بولدۇم.خېلى يىللاردىن بېرى بۇنچىلىك خوشال بولۇپ باققىنىمنى ئانچە ئەسلىيەلمەيمەن،باشقىلارنىڭ ئەقلى ئەمگىكىدىن ھوزۇرلانغاندىكى خۇشاللىق بىلەن ئاددىي بولسىمۇ ئۆزەڭنىڭ ئەمگىكىنىڭ مىيۋىسىدىن ھوزۇرلانغاندىكى خوشالىقنىڭ دەرىيجىسى قەتئىي ئوخشاش بولمايدىكەن،مەن شۇندىلا كونىلارنىڭ «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۈڭۈل قويغان ئادەمگە»دىگەن ئەقلىيە سۈزنىڭ ھەقىقەتەن توغرۇلىغىغا تېخىمۇ ئىشەندىم.مانا شۇنداق قىلپ،«خۇتەن گېزىتى»مىنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستۇمغا،تۇمۇش ۋە ھاياتىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى،بىز ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتتۇق.ئېلگىرى يۈزەكى ھالدا مەقسەتلىك گېزىت ئوقۇغان بولسام،ھازىر چىن ئەقىيدە بىلەن گېزىت كۈرۈدىغان،گېزىتنىڭ تاقىتىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان،گېزىت ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بولدۇم.مەزكۇر گېزىت مەزمۇنىڭ ساغلام-موللىقى،بەتلىرىنىڭ رەڭدار-كۆركەملىكى،بولۇپمۇ سىياسىيۋىلىكىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن مىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى.ئۇنىڭدا قۇرۇلتاي ھۆججەتلىرى ، يىغىن روھى،دۆلەت،ئاپتۇنۇم رايۇن،ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن تارتىپ،ئاددىي پوقرالارنىڭ سادالىرىغىچە، خەلقارا-مەملىكەت خەۋەردىن خۇتەن خەۋەرلىرىگىچە،دۇنيا يېڭىلىقلىرىدىن ساغلاملىق بىلىملىرىگىچە،قانۇن ساۋاتلىرىدىن دىققانچىلىق-چارۋىچىلىق بىلىملىرىگىچە ،زامانىۋىي مەدەنىيەتتىن قەدىمىي ئۆرۈپ-ئادەتلەرگىچە، شىېر-ھىكايىلەردىن زىيارەت خاتىرلىرىگىچە،سىياسەت ئۇچۇرلىرىدىن ئىقتىزات-سودا ئېلانلىرىغىچە.....ئىشقىلىپ سىز نىمىگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز،نىمىگە قىزىقسىڭىز شۇ نەرسە تېپىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۇنۋېرسال خارەكتىرى ھەر قانداق كەسىپ، ھەر قانداق تەبىقىلەرنىڭ ھەممىسىگە تولىمۇ ماس كىلىدۇ.ئۇ بىر بىلىم بولىقى،نەچچە ئون يىللىق تەرەققيات ۋە «تارىخنىڭ شاھىدى،دەۋىرگە يېتەكچى»بولۇپ،كۆپچىلىكنىڭ ئۇنى قوللىشىنى،مۇشتەرى بولىشىنى،مەندەك سۈيۈپ ئوقۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن،ھەمدە مىنىڭ ئەڭ يېقىن«سىرداش دوستۇم»غا ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن ۋاز كىچىپ،جاپالىق ئىشلەۋاتقان،قان- تەر تۈكىۋاتقان بالىق مۇھەررىر،تەھرىر،ۋە باشقا خادىملەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈمەن! 16-ماي چۈشتىن كېيىن ۋىلايەتلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۈلىمى ۋە «خۇتەن گېزىتى»ئىدارىسى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئىختىيارىي مۇخبىر بولۇپ باھالىنىپ،تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ھەم ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ،پارتىينىڭ فاڭجىن،سىياسەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ،زامانىۋىي مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەپ،دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قەتئى قارشى تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنى «قانۇننى ئۈگۈنىدىغان،قانۇنغا ئاڭلىق رائىيە قىلىدىغان»ياخشى پۇقرالاردىن بولۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن. خۇتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن مەمەتئېيسا سۇلايمان
|