قانداق ئەھۋاللاردا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بويىچە بىر چاتاق (بىر بىلەت) بىلەن ئىنكار قىلىنىدۇ؟ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامى»نىڭ45-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگۈلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ،تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتىتېتى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىدۇ: (1)مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر،زوراۋان تېرورچى كۈچلەر،دىنىي ئەسەبىي كۈچلەردىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك ياكى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق، كۈچلۈك زەربە بەرمەسلىك سەۋەبىدىن، شۇ جاي، شۇ ئورۇندا جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىشكە سەۋەپچى بولغانلار؛ (2)رەھبەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىك، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمىە تۈزەش ئاپپاراتى مۇكەممەل بولماسلىق سەۋەبىدىن، شۇ جاي، شۇ ئورۇننىڭ ئامانلىق تەرتىپىنىڭ ئېغىر دەرىيجىدە قالايمىقانلىشىشىغا سەۋەپچى بولغانلار؛ (3)تېنچسىزلىق ئامىللىرىنى ياكى ئىچكى زىدىيەتنى ۋاقتىدا پەسەيتمەسلىك، ياخشى بىر تەرەپ قىلماسلىق سەۋەبىدىن، قانۇنسىز نامايىش قىلىش، توپلىشىپ ئىش تېرىش، ئىش توختىتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش، دەرس توختىتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا بولۇشىغا سەۋەپچى بولغانلار؛ (4)مەسئۇل رەھبەر، ئامانلىق جاۋاپكارى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، چوڭ دىلو ياكى قەبىھ ھادىسە سادىر قىلىپ، ئېغىر زىيان ياكى يامان تەسىر پەيدا بولىشىغا سەۋەپچى بولغانلار؛ (5)ياخشى باشقۇرماي، مۇداپىئە تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي، جىنايى ئىشلار دىلوسى، ئامانلىق دىلوسى ياكى ئاپەت ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، دۆلەت، كوللىكتىپ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار ھەم ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلمىغان، تۈزەتمىگەنلەر؛ (6)زور ئامانلىق يوشۇرۇن خەۋپى بولۇپ،يوقىرى دەرىيجىلىك مەسئۇل تارماق،ئالاقىدار تارماق ياكى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپىراتىنى ئاگاھلاندۇرغان،قانۇن يۈرگۈزۈش تەكلىپى،تەپتىش تەكلىپى،تۈزىتىش تەكلىپى بېرىپ،مۆھلەت ئىچىدە ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ،ئۈنۈملۈك ياخشىلاش تەدبىرى قوللانمىغان ۋە روشەن ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغانلار؛ (7)جىنايى ئىشلار دىلوسى ياكى زور ئامانلىق مەسىلىسى يۈز بەرگەندە مەلۇم قىلماي يوشۇرغان ياكى يالغان مەلۇم قىلغانلار؛ (8)تەربىيەلەش،باشقۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىگەنلىكتىن،شۇ ئورۇندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەردە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ،جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى ئېغىرراق بولغانلار؛ (9)يۇقىرى دەرىيجىلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتىتېتى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش كېرەك دەپ قارىغان باشقا ئەھۋاللار. خوتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن مەمەتئېيسا سۇلايمان (خوتەن شەھرى خەلىق يولى2-قورو،13999055777،848000)
|