تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 3394|ئىنكاس: 9

ئەرلەر نېمە ئۈچۈن نەشىگە خۇمار بولۇپ قالىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 15:24:01
ياخشىمۇسىلەر قېرىداشلار بەلكىم مەن بۇ تېمىنڭ يوللىسام ىەيران قېلىشىڭلار مومكىن لېكىن بۈگۈنكىدەك كۈندە نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىزنىڭ نەشىدىن ئىبارەت بۇ مەينەت چېكىملىككە ئۆگىنىۋىلىپ ئۆزىنى زەئىپلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ ئۇنى چېكىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىگانلىقىنى ،ئۇ بولمىسا بولمايدىغاندەك ئاتا-ئانا،خوتۇن بالىلىرىنى قاخشىتىپ  چېكىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم،تېخې تۇتۇلۇپ قالساڭ قانداق قىلىسەن دىسە جاجىسى پۇل پۇل بەرسەكلە قويىۋىتىدۇ دەپ مەيدىسىنى كېرېپ يۈرگەنلەرنى كۆردۇم چۈنكى مېنىڭ ئېرىممۇ شۇ مەينەت نەرسىنى چەككىلى نەچچە يىل بولدى باشتا مەن ئانچە بىلمىگەندىكىن  دىققەت قىلمەپتىمەن بارغانچە چەكمىسە بىر نەرسىسىنى يوقىتىپ قويغاندەك  بولوپ قالدىغانلىقىنى ،ئىش دىسە بېشې ،ئۇرۇشقاق،ئۇنتۇغاق بوپ قالىدىغانلىقىنى،بىكا بولسىلا ئاغزى بىكا تۇرماي بىر نەرسە يەيدىغانلىقىنى ئاغرىيدىغانلىقىنى، چېكىۋالسا كۆزىنى ياغ سالغان چايدەك پارقىرىتىپ يۈرۈشلىرىنى كۆرۈپ  ئاندىن  بىلدىم نەسىھەت قىلدىم ،يىغلىدىم ، قاقشىدىم ،ھەتتا يا ماڭا تۇر يا ئاشۇ تاماكاڭغا دەپ تەھدىتمۇ سالدىم، لىكىن ئۇ يەنىلا تاشلىمىدى ئاجىرشىپ كىتەي دېسەم نارسىدە باللىرىمغا ئىچىم ئاغىردى،مەن شۇ سەۋەپتىن ئاجىرشپ بالىرىمنى يېتىم قىلسام باللىرىمدا نېمە گۇنا، قاراپ تۇرۇپ ئۇلارنى يېتملىك كوچىسىغا باشلىسام بولميدۇ دە،ئاخىرى ساقچى ئىدارىسىغا بېرېپ مەلۇم قىلدىم لېكىن ئۇلار بىر كۇن سوراق قىلىلىپلا قويىۋەتتى،ئاندىن يەنە بۇرۇنكىدەك يۈرىۋەردى، ئۇنىڭ ھازىر ئاشۇنداق چېكەرمەن ئاغىينىلىرىدىن 40-50 نى ساناپ بېرەلەيمەن،ئەجىبا ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر بۇنداق مىللەتنى زەئىپلەشتۈرىدىغانلارنى بىر تەرەپ قىلمامدۇ ياكى بىلمەمدىغاندۇ ۋە ياكى بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىپ ئارتۇق ئىش دەپ ئارلاشقۇسى كەلمەندىغاندۇ،ئەجىبا ئۇلار بىزنىڭ تاغدەك يۆلەنچۇكىمىز ،بالىلىرىنىڭ ئوماق دادىسى ،ئاتا-ئانىلىرنىڭ ۋاپادار پەرزەنتى ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالامدىغاندۇ، مۇشۇ سەۋەپتىن قانچىلىغان ئائىلىلەر قاقشاپ ئۆتىۋاتقاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن،قېرىنداشلار ئەتىراپىڭلاردا چېكەرمەنلەر بولسا ئۇلارنىڭ تۈزىلىشىگە ياردەم قىلىشىڭلارنى مىللىتىمىزنىڭ ئابرويىنى،ئەركەكلىرىمىزنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇتۇپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

6

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2269

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
448
مۇنبەر پۇلى
1559
ئىشەنىچ
448
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 23:03:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-6 12:10  

ھەي،ھەي،ھەيھەي....... نىمسىنى دەي، مەن مۇشۇ توغرىدا بىر تېما يازماقچى بولۇپ تۇرۋاتاتتىم. تۇققىنىمىزنىڭ بالىسى ئىچكىرىدە ئوقۇۋېتىپ مۇشۇ نەشە دىگەن نىجىسقا خۇمار بولۇپ قاپتىكەن، پىسخىكىسىدىن مەسىلە چىقىپ كاللىسىدىن كىتەي دەپ قاپتۇ. ئاتا -ئانىسىنىڭ كۆزىدىن ياش ئەمەس قان ئاقىدۇ. بۇنداقلار پەقەت خىياللا قىلىدىكەن ئەمىليىتى يوق. پو سوزلەيدىكەن ئىرادىسى يوق، تۇمەنلەپ پۇل چۈشەيدىكەن، ۋىجدانى يوق. ئاتا- ئانا ئۇرۇق تۇققان بالاۋاقا خىيالىدا يوق. بۇنداقلارنى تۇتۇپ بەرگەننىڭ ھېچ پايدىسى يوق. تاشلاتقۇزاي دەپ ياردەم قىلسا بەڭدىن يانغۇسى يوق. نىجىس، نىجىس، نىجىس، نىجىسلار.....

باھا سۆز

aldost بىرىنجى قۇردىكى نىمىسىنى دەي نىسىنى دەپ يېزىلىپ قاپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 11:30
دىنا توي گىرىم توي سۈرەتچىلىگى

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

23

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
10
مۇنبەر پۇلى
13
ئىشەنىچ
10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 05:17:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
/ياخشىمۇسىلەر قېرىداشلاربۇ جاھان نىم بولۇپ كېتىپ بارىدۇھۆكىمىتىمىزنىڭ سىياسىتىنىڭ تۈرۈ تكىسىدە  خەلقىمىزنىڭ كۈندىن كۈنگە روناق تېپىپ تۇرمۇشى ياخشىلانماقتا  لېكىن ................???????????ياشلىرىمىزنىڭ  نەشىدىن ئىبارەت بۇ مەينەت چېكىملىككە ئۆگىنىۋىلىپ  ئاتا-ئانا،خوتۇن بالىلىرىنى قاخشىتىپ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇتۇپ مىللىتىمىزنىڭ ئابرويىنى ئۇنتۇپ مىللەتنى زەئىپلەشتۈرىدىغان  ياشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپقالما ىسېلقنى ئۈمىد قىلىمەن.

2

تېما

1

ئەگەشكۈچى

50

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
9
مۇنبەر پۇلى
36
ئىشەنىچ
9
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 10:45:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ھەرخىل زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، ئالدى بىلەن نېرۋا سېستىمىسىغا تەسىر قىلىدۇ. چۈنكى چىكىملىك تەركىبىدە ئالاھىدە قوزغۇتۇش كۈچىگە ئىگە كۈچلۈك ھورمۇنلۇق ماددىلار بار. نېرۋا سېستىمىسى بولسا بەدەندىكى ئەڭ سەزگۇر سېستىما بولۇپ، چوڭ مېڭە دەرھاللا غىدىقلىنىشنى قۇبۇل قىلىپ، ھەركەتلىنىشىگە باشلايدۇ، ھەمدە بەدەننىڭ باشقا سېستىمىلىرىغا جايلاشقان ئەزالارنى نورمال ھەرىكەت قىلىشقا بويرۇق بېرىدۇ، ئاخىرىدا بەدەننىڭ بارلىق سېستىمىلىرىنىڭ ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىپ، ئەسلى نورمال ھالىتى بۇزىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەن كونتىروللىقىنى يوقىتىدۇ، بۇ خىل بىنورماللىق تەكرار داۋاملىشىش جەريانىدا نېرۋا سېستىمىسىدىن باشلاپ بارلىق بەدەن پائالىيىتى يېڭىچە ئادەتلىنىشكە كۈنىدۇ، بارلىق ئوزۇقلۇنۇش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ مەجبۇرىي كۈنۈشكە باشلايدۇ، مۇشۇ جەريانلاردا ئالدى بىلەن مېڭە ھۈجەيرىلىرى بىنورمالسىزلىققا كۆنەلمەي كۆپلەپ ئۆلۈشكە باشلايدۇ، ئاندىن باشقا ئەزالارنى تەشكىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭمۇ پەيدىنپەي ئۆلۈش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭى ھۈجەيرىلەرنىڭ قايتا كۆپىيىشى بارغانسېرى ئاستىلايدۇ، بەدەن بۇنىڭغا ماس ھالدا پەيدىنپەي ئورۇقلاشقا باشلايدۇ، ئەگەر بۇ خىل ھالەت ۋاقتىدا تىزگىنلەنمىسە، ھاياتىمىزغا خەۋىپ يېتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن نېرۋا سېستىمىسىغا جايلاشقان ئەزالاردىكى زەھەرلىك تەركىپلەرنى تازىلاپ چىقىرىپ، كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى ۋاقتىدا ۋە ئۆلچەملىك يەتكۈزۈپ بەرگەندە ھۈجەيرىلەر قايتىدىن جانلىنىپ كۆپىيىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، توقولمىلىرى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ. بىر مەزگىل مۇنتىزىم ھالدا زەھەر تازىلاش ۋە ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاش ئېلىپ بارغاندا، ئالدى بىلەن مېڭە ھۈجەيرىسى كۆپىيىپ ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىدۇ. ئاندىن باشقا ئاجىزلاپ كەتكەن مۇناسىۋەتلىك ئەزالارمۇ پەيدىنپەي ئەسلىگە كېلىپ، بەدەن ئومۇمىي جەھەتتىن قۇۋۋەتلىنىپ سەمىرىشكە باشلايدۇ. زەھەرنى پۇتۇنلەي تاشلاپ بەدەن قۇۋۋىتى بۇلۇپمۇ مېڭە قۇۋۋىتى تولۇق ئەسلىگە كەلگەندە (يەنى ھۈجەيرىسى قايتا كۆپىيىپ توقۇلمىسى تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولغاندا) قايتا چىكىپ سالسىمۇ ئەسلىگە بېرىپ قالمايدۇ. كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا زەھەرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىمۇ سەسكىنىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ، باشقا خىل داۋالاشلاردا زەھەرنى تاشلىغان بولسىمۇ، روھىي جەھەتتىن تولۇق قۇتۇلۇپ بولالمىغاچقا، چەككەننى كۆرسە چەككۈسى كېلىش، بىرلا چەكسە ئەسلىگە بېرىپ قىلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ، مېڭىدىكى زەھەرنى تولۇق تازىلاپ بولالىغان بولسىمۇ، ھۈجەيرىسىنى ئۆستۈرەلمىگەچكە ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتكەن مېڭە يەنىلا كونتىروللىقىنى يوقىتىپ قىزىقتۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەي بىرلا چەكسە خۇمارى ئەسلىگە كېلىپ قالغان. شۇڭا زەھەرنى تازىلاش بىلەن بىرگە چوقۇم مېڭە ھۈجەيرىسىنى ئۆستۈرۈپ، توقۇلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇپ، مېڭە قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ ئۆز رولىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش كېرەك. ئەلدوست ھاياتلىق ئۇزۇقلۇقى زەھەر تازىلاشنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە مېڭە ھۈجەيرىسىنى ئۆستۇرۇپ، قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرىدۇ.
www.aldost.com

6

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2269

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
448
مۇنبەر پۇلى
1559
ئىشەنىچ
448
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 19:20:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي نەشخورلار بالىلىرىڭلارنىڭ كەلگۈسىدە سىلەردەك نەشخور بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەنسىلەر-ھە. بولمىسا نىمىىشقا تاشلىيالمايسىلەر.
دىنا توي گىرىم توي سۈرەتچىلىگى

3

تېما

0

ئەگەشكۈچى

261

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
112
مۇنبەر پۇلى
141
ئىشەنىچ
112
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 19:38:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aldost يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 10:45
ئادەم ھەرخىل زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلغاند ...

بىزنىڭ يۇرتىمىزدىمۇ ھازىر ھاراقنى تاشلاپ كۆپ ياشلار شۇ نىجىسكە ئۈگۈنۈپ ئائىلسى ،ئاتا -ئانا ،ئۇرۇق
  تۇققانلىرنى زار- زار قاقشاتماقتا   شۇ  نىجىسنى  تېرغانلارنىڭ قولى تۇتماس ساتقانلارنىڭ  كۆزى كور

بولۇپ  قالسچۇ ،ھەممە قىلغان يامانلىغى ئۆزگە  يانسۇن  دېگۈم  كېلىدۇ.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 13:13:02

5

تېما

24

ئەگەشكۈچى

4201

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
شىرىن
تۆھپە
2145
مۇنبەر پۇلى
1778
ئىشەنىچ
2145
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 10:51:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر!

باھا سۆز

sertlan ئۇزۇم پىش ئاغزىمغا چۈش دەپ ئۇلتۇرغانغا بۇلمايدۇ،كۇپرەپ تەشۋىق قىلىش كىرەك  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 23:42

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

710

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
313
مۇنبەر پۇلى
378
ئىشەنىچ
313
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 12:44:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەندىردىن خىلى جىق پايدىلىق ئىلىنمىتلار بۇلىدۇ.كەندىردىن كەندىر چىيى، داۋالاش دۇرىسى...جىق نەرسىلەرگە ئىشلىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئاق تاماكىنى چىڭ تۇتسا بۇلىدۇ. بىزگە ئەڭ چۇڭ خەۋىپ ئاق تاماكا ۋە ئەيدىسدۇر.

6

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2269

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
448
مۇنبەر پۇلى
1559
ئىشەنىچ
448
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 09:01:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sertlan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-19 12:44
كەندىردىن خىلى جىق پايدىلىق ئىلىنمىتلار بۇلىدۇ.كەندىر ...

كۆپ ھاللاردا نەشە باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ قالىدىكەن. كەندىرنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بار. گەپ ئۇنىڭ ئىككى ياقلىمىلىقى بولۇپ پايدىلانغۇچىلارنىڭ قانداق تەرىپىدىن پايدىلىنىشتا.  زادى دەيمەن، چەكمىسىلا بولىدىغۇ؟ بەزى كىشىلىرىمىز نىمانچە ئىرادىسىز.
دىنا توي گىرىم توي سۈرەتچىلىگى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-7-3 15:44, Processed in 0.109648 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش